مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1340|ئىنكاس: 12

يۇرتۋازلىق ،ئىناقسىزلىق،كۆرەلمەسلىك [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 28343
يازما سانى: 672
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14994
تۆھپە نۇمۇرى: 1840
توردا: 5838 سائەت
تىزىم: 2011-1-30
ئاخىرقى: 2013-8-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-21 09:09:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇزاق تارىخىي دەۋىرلەر مابەينى قەشقەلىق، خوتەنلىك ،ئاقسۇلۇق ۋە ياكى ئۇ يەرلىك بۇ يەرلىك  دەپ يۇرتۋازلىق قىلىش بىزنىڭ قېنىمىزغا چوڭقۇر سىڭىپ كەتتى، تا 21-ئەسىر بوسۇغۇسىدىمۇ مۇشۇ يۇرتۋازلىقىمىزنى تاشلىماي سۆرەپ ئەكەلدۇق. ئۇنىمۇ دەيمىز بۇنىمۇ دەيمىز گەپنى ھەقىقەتتىن ئاڭلايلى.
                                                                      تۆت كوچا پاراڭلىرى
ياز ئايلىرى تونۇردەك قىزىپ كېتىدىغان قۇمۇل شەھىرى ئاۋات كوچىلىرى، ئەمگەكچان،تىرىشچان خەلقى، جانغا ئارام شېكەردەك مېۋىلىرى بىلەن داڭلىق، مۇشۇ ئاۋات رەستىلەرنىڭ بىرى بولغان تۆت كوچا بازىرى قۇمۇل ئۇيغۇرلىرىنىڭ مەركەزلىك پائالىيەت رايونى بولۇش سۈپىتى بىلەن توي تۆكۈن، سودا سېتىق ،يېمەك ئىچمەك قاتارلىق خەلق تۇرمۇشىدا كەم بولسا بولمايدىغان سودا چەمبىرىكى بولۇپ شەكىللەندى ھەم ئۇزۇن زامانلاردىن بېرى تەدرىجىي تەرەققىي قىلدى.مۇشۇ ئاۋات رەستىلەردىكى بىر  كاۋاپخانىدا بىر نەچچەيلەن پىۋا ئىچىشىپ ئولتۇرۇپ قاتتىق يۇرتۋازلىققا چۈشكەنىدى.گەپ سۆزىدىن ئۇلارنىڭ مۇشۇ يەرلىك ئىكەنلىكى چىقىپ تۇراتتى.
---مۇنۇ قاشقالىق دېگەنمىغۇ تازا بىر خەقكەن ئاقىلەي شاقىلەي، ھېلىقى ئاتۇشلۇقچىۇ تېخى! گېپىنىڭ چوڭلۇقىنى دېمەيسەن~
--- xxxئاستانلىق،  xxxقارا تۈۋىلىك،xxxتاغچى، ئۇلارنىڭ ئاغزىدىن چىقىۋاتقان ئەۋرەت گەپلەر   كاۋاپ بېسىۋاتقان ياش بالىنىلا ئەمەس ،ياندىكى جوزىدا ئولتۇرغان باشقا كىشىلەرنىڭمۇ دىققىتىنى قوزغىدى. تۆۋە دېدىم. بۇ يۇرتۋازلىقمۇ ياكى غەيۋەتمۇ؟ ياكى ئۆچمەنلىكمۇ؟
ئۇنىڭ ئۇدۇلىدىكى كاۋاپخانىدا ئەنە ئۇرۇش  چىقتى.  نېمە بوپتۇ؟ يېزىلىقلار بىلەن شەھەرلىكەر ئۇرۇشۇپتۇ. بىر بىرىنىڭ كۆزىگە سىغمىغان گەپ. تۆۋە مۇشۇمۇ بىزنىڭ ھالىمىز ؟ ئۆز ئارا ياقا سىقىشىپ ئۇرۇشۇپ، بىرەر ئۇيغۇر بوزەك بولسا  ھەقىقەت ئۈچۈن مەيدىسىگە مۇشلاپ چىقالايدىغان ئەركەكتىن نەچچىسى بار؟؟ئۆز ئارا ئۇرۇش دېسە بىزگە يېتىدىغىنى يوق.
سودا كوچىسىدىكى ئاۋات رېستوراندا مەلۇم بىر قىز يىگىتنىڭ تويى بولماقتا. يىگىت جوزىسىدا ئولتۇرغان قىزلار گىرىمنى بولۇشىغا قىلغانلىقتىن ئۇلارنىڭ كىملىكىنىمۇ پەرق ئېتىش تەس ئىدى. تويى بولغان يىگىت مەلۇم تاغلىق يېزىدا ئوقۇتقۇچى بولۇپ تاغدىكى دوست بۇرادەرلىرىنىمۇ تويغا چاقىىرىپ ئەكەلگەنىدى. ئىككى قىز پىچىرلىشىپ كۈلمەكتە!
---ۋىيەي يىگىتنى تاغچى دەيدۇ~
---كۆرمىدىڭمۇ كالىدەك پۇشۇلداپ ئولتۇرغىىنى؟
ئەمدىكى يۇرتۋازلىق  ۋىلايەت شەھەرلەردىن قىسىقىراپ رايون ئىچىدىكى يۇرتۋازلىققا ئۆتۈپتۇ. ھەممىمىزگە مەلۇم ،داڭلىق يازغۇچىمىز ئەختەم ئۆمەر ئەپەندى شىنجاڭ مەدەنىيتىنىڭ 90-يىللاردىكى مەلۇم بىر سانىدا "ھەج سەپىرىدىكى پاراڭلار"ناملىق بىر ئەدەبىي ئاخباراتنى ئېلان قىلغان، ماقالىدا شىنجاڭدىن مەككىگە بېرىپ ھەج قىلشقا قاتناشقان ھاجىلارنىڭ ۋەتەن تۇپرىقىدىن ئايرىلىپ ئىسلام دىنىنىڭ مۇقەددەس جايى بولغان مەككىدىمۇ ئىناقسىزلىق ئۇرۇقى چېچىپ خوتەن رابات، قەشقەر رابات، ئاقسۇ رابات ۋە ياكى باشقا راباتلارغا بۆلۈنۈپ يۇرتۋازلىق قىلغانلىقىنى ناھايىتى ياخشى قامچىلىغانىدى. شۇ چاغدا باشقا دۆلەتلەردىن كەلگەن تاۋاپ قىلغۇچىلار بىرلا رابات بولۇپ شەكىللەنگەن.سىنگاپورلۇق بىر ئىسلام ئېتىقادچىسى شۇ جايدىكى ھەج ئۆمىكىنىڭ باشلىقىدىن نېمە ئۈچۈن بۇنداق قىلىدىغانلىقىنى چۈشىنەلمەي سورىغان. بۇنى چۈشەندۈرۈشنىڭ ئورنى يوق، چۈنكى بىر ئېغىز سۆز "يۇرتۋاز"كېتىدۇ. ئەمدىلەتىن بۇ يۇرتۋازلىق رايون ئىچىدىكى يۇرتۋازلىققا ئايلاندى.
ئۇيغۇر دېگەن سۆز ئۇيۇشقاق دېگەن مەنىدە بولۇپ ھازىر بولسا ئۇرغۇي، ئۇرغۇرغا ئايلىنىپ قالدى.

                                                            مەكتەپ پاراڭلىرى
يېڭى ئوقۇش مەۋسۈمى باشلىنىپ سىنىپقا يېڭى بىر ئوقۇغۇچى كىرىپ كەلدى.مۇئەللىم ئوقۇغۇچىلارغا تونۇشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن سىنىپتىكى كەپسىز ئىككى ئوقۇغۇچى پىچىرلاشتى~
--سەھرالىق تومپايكەن دېگىنە!
--كەچتە بېرىپ تەربىيە ئىشلەپ قويايلى.
بۇ يېڭى ئوقۇغۇچى يېزىدىن كەلگەن بولۇپ مەكتەپلەر قوشۇۋېتىلگەندىن كېيىن تولۇق ئوتتۇرىنى شەھەرگە كىرىپ ئوقۇش ئۈچۈن يۇرتىدىن ئايرىلىپ كەلگەنىدى. كەچتە ئوقۇغۇچىلار ياتىقى چېكىلدى،ھېلىقى كەپسىز بالىلار يېڭى ساۋاغدىشىنى ئۇچۇغداپ ئۆزلىرىنىڭ مۇشۇ سىنىپنىڭ ئاتامانى ئىكىەنلىكىنى تونۇتۇپ قويۇش ئۈچۈن كىرگەنىدى.
--تۇرە ئورنۇڭدىن
--بۇنىڭدىن كېيىن سىنىپتا بىزنىڭ دېگىنىمىز بويىچە ئىش كۆرىسىەن.
--نېمىشقا؟
--بىز بۇسىنىپنىڭ ئاتامانى!
--شۇنداقمۇ؟ مېنىڭ سىلەرگە بېرىشىم بولمىسا نېمىشقا ئۇنداق قىلغۇدەكمەن؟
ئۇ ئىككىسى يوپۇرۇلۇپ كېلىپ سەھرادىن چىققان بۇ بالىنى ئۇرماقچى بولغانىدى. كىچىكىدىن ئېتىز ئېرىقتا ئىشلەپ ،سەھرادىكى تەبىئىي نېمەتلەرنى يەپ چوڭ بولغان بۇ ئاقكۆڭۈل دېھقان پەرزەنتىنىڭ ۋۇجۇدىدا ئۇئىككى مۇتىھەمنى بويسۇندۇرغۇدەك يېتەرلىك قۇۋۋەت بار ئىدى. شۇڭا ئۇ بوزەك بولمىدى،تاياق يەپ رەسۋا بولغان بۇ ئىككى مۇتىھەم ئۆلە تىرىلىشىگە باقماي قاچتى. لېكىن ئۇ كۆڭلىدە زادىلا بىر تۈگۈننى يېشەلمىدى. سەھرالىق بولسام نېمە بوپتۇ؟ سەھرالىق ئادەم ئەمەسمىكەن؟
مەسىلىنىڭ نېگىزى نېمە؟ دەل ئاشۇ پەرزەنىتلەرنى تەربىيلىگەن ئاتا ئانا، جەمىيەت،مەكتەپتىن ئىبارەت ئىجدىمائىي بىرتوپنىڭ ئۇنىڭغا كۆرسەتكەن تەسىرى.

                                                          ئورگاندىكى پاراڭ
ئىشخانىدا قىزىق دەملەنگەن چاينى ئىچىپ ئولتۇرۇپ پوپايكا توقۇۋاتقان ئىككى ئايال قىزغىن پاراڭغا يەنى غەيۋەتكە چۈشتى.
---xxxنى بۆلۈم باشلىقى قىلىدىكەن دېگەن پاراڭ بار~
---ئۇ تاغچى قانداق قىلىپ بۇنچىۋالا تېز ئۆسىدۇ؟ چوقۇم بىرەرسىگە پارا پەرگەن گەپ.
---ئۇ تېخى تاغدىن يۆتكىلىپ كەلگىلى 2يىلمۇ بولمىدىغۇ؟  مانا مەن ساق 8يىل بولدى بۇ ئىدارىدە ئىشلەۋاتقىلى.
ئىدارىنىڭ يىغىن زالى.
ئىدارە باشلىقى ۋاڭ يىللىق مۇنەۋۋەر خىزمەتچىلەرنى تەغدىرلەش قارارنامىسىنى ئوقۇماقتا:
--يولداشلار ،بۇيىل ئىدارە پارتكومى تەتقىق قىلىش ،ۋە دېموكراتىك سايلام ئارقىلىق يولداش ئەxxx،پxxxلەرنى مۇنەۋۋەر خىزمەتچى قىلىپ باھالىدۇق.يەنە ھېلىقى ئىككى ئايال~
--نېمە؟ تېخى ئىلغارمۇ بوپتۇ بۇ تاغچى.
--سىز بىلەن بىزگە ئىش بار ئوخشايدۇ.
--ياق، مەن تەشكىلات بۆلۈمىگە ئەرز قىلىمەن.
تۆۋە، خىزمەتنى ئۇ قىلسۇن، سىز ئىشخانىدىن چىقماي پوپايكا توقۇپ ۋاقىت ئۆتكۈزۈڭ، خەق تىرىشىپ ئىشلەپ ئىلمىي ماقالەيېزىپ،ئەمەلىي خىزمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرگەنىكى ئۈچۈن رەھبەرلەرنىڭلا ئەمەس پۈتۈن ئىدارىدىدىكى خەنزۇ يولداشلارنىڭمۇ ئېتىراپ قىلىشغا ئېرىشتى. ئۇنى مۇكاپاتلىسا سىزنىڭ بانكىدىكى پۇلىڭىز بىلەن ياكى سىزنىڭ مائاشىڭىز بىلەن مۇكاپاتلىمىدىمۇ؟؟؟ ئىدارىڭىزدە بىر ئۇيغۇر بولسىمۇ بۆلۈم باشلىقى، ئىدارە باشىلىقى بولسا، ئىلغار بولۇپ سايلانسا سىزگە نېمە زىيىنى؟

زەكىيە خانىم ئۆز ئۆيىدە يەنى داچىسىدا چەتئەلدىن كەلگەن تۇغقانلىرىغا  ئولتۇرۇش قىلىپ بېرىپ بالاغا قالدى. ھەمممىز ئۇنى تىللىدۇق.ھەتتا تورلاردا ئۇنى ئېغىزغا ئالغۇسىز مەينەت گەپلەر بىلەن تىللىغان گەپلەر چىقتى. ھەقىقەتەن سورۇندا تېتىقسىز قىلقلار بولسىمۇ ئۇيغۇر ئۈچۈن كىم زەكىيە خانىمدەك ياخشى ئىش قىلىپ بېرەلىدى؟ نەچچە يۈزلىگەن ئۇيغۇر ياشلىرىغا نان تېپىپ يېگۈدەك بولسىمۇ ئاددىي خىزمەت بېرەلىدى؟ يېتىم يېسىرلارنىڭ بېشىنى سىلىدى؟ خەيرىخاھلىق قىلدى؟ كوچىدىكى ئۇيغۇر دىۋانىلەرگە بىر يۈەننى بېرىشكە قورسىقىڭىز ئاغرىيدۇ . بۇ ئەمەلىيەتقۇ؟

بىز يۇرتۋازلىق،ئورا كولاش، كۆرەلمەسلكىنىڭ دەردىنى يەتكۈچە تارتتۇق، ئارىمىزدىن بىرەر كىشى باش كۆتۈرۈپ چىقسا ئۇنى يوقىتىش كويىدا بولدۇق.
ئۆز ۋاقتىدىكى ئاپپاق خوجىمۇ سەلتەنەتلىك سەئىدىيە خانلىقىنى جۇڭغارلارنىڭ قولى بىلەن ۋەيران قىلدى.  سەئىدىيە خانلىقىنى قايتا قۇرۇشقا بەل باغلىغان ياقۇپبەگ ئاتىلىق غازىنىمۇ زەھەرلەپ ئۆلتۈردۇق. خەلقىمىزنى نادانلىق ،جاھالەت ئىلكىدىن قۇتۇلدۇرۇپ ئىلىم مەرىپەت تەرغىپ قىلىپ ،زالىم كۈچلەر ئۈستىدىن كۈرەش قىلغان ئابدۇقادىر داموللىنىمۇ ئارىمىزدىن چىققان نامەرت مەلئۇن قەتلى قىلدى. بۇنداق مىساللار تارىختىلا ئەمەس ھازىرمۇ كۆپتۇر.  
يېڭى دەۋىردە جۇڭگو كومپارتىيسىمۇ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەپ تەشۋىق قىلماقتا. بىز بولساق ئۆز ئىچىمىزدىمۇ ئىتتىپاق بولالمايۋاتىمىز. بۇ نېمە دېگەن بىمەنىلىك.   
ىتتىپاقلىق كۈچ، ئۇ بىر ئۇيۇلتاش.   ئەمدى يۇرتۋازلىق ئىناقسىزلىقنى يوقىتايلى. ئۇيۇشايلى...


مەنبە؛
http://bbs.bagdax.cn/read.php?tid=1360

ئۇيغۇر،ئۇيغۇر،يەنە سۈيدىغىنىم سەن ئۇيغۇر!!! http://weibo.com/2109745207/profile/ شىنلاڭ مىكرو بىلوگ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15777
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7071
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 113 سائەت
تىزىم: 2010-10-31
ئاخىرقى: 2011-9-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-21 10:55:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇرۇن ئۇلۇغ بوۋىمىز مەھمەد قەشقىرى يازغان ئەسىردە<<لىق،لىك>>قوشومچىللرنىڭ يوقئىكەنتۇق!!ھازىر نەگە بارسا نەلىك،قەيەرلىك دەپ سۇرايدىغان بولۋالدى،قاچان پەيدا بولدى بۇگەپلەر  ھەي!!!

مىللەت ئۇرۇشتا ئەمەس،سۇكۇتتە يوقىلدۇ .

ئۈزىڭنى ئەر چاغلىساڭ ئۆزگىنى ش

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4943
يازما سانى: 1391
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12978
تۆھپە نۇمۇرى: 391
توردا: 1578 سائەت
تىزىم: 2010-7-27
ئاخىرقى: 2015-3-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-21 11:03:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ مۇ بىزدىكى يامان ئىللەتنىڭ  بىرسى ، مۇشۇ ئىللەتنى ئەڭ ئاۋۋال ئۈزۈمىزدىن باشلاپ تۈزۈتۈشكە ئەھمىيەت بەرسەك  باشقىلارغا ئۆلگە بولساق  يوقولار  ئىدى .

جاھـان بىركـۈن بـىزگـىمۇ قىلـۇر ئالدىنـى،ياۋلار بىزنىڭ ھەيۋىمىزدىن ئىزدەر دالدىنى.

مىنىڭ ئاتىمنى قۇيۇپتۇ ئاتام ھەيدەر،
دۈشمەن قىزىنى ئەسىر ئالمىسام ئاللاھۇ ئەكبەر!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11079
يازما سانى: 156
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2015-1-9
ئاخىرقى: 2015-1-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-21 11:14:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىللەت تۈزەلمىگىچە .مىللەت تۈزەلمەس!

ياردەم مەزمۇنى

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15872
يازما سانى: 2204
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 22059
تۆھپە نۇمۇرى: 952
توردا: 10073 سائەت
تىزىم: 2010-11-1
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-21 11:26:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىز بۇ يامان ئللەتنى تۇگۇتۇش ئۈچۈن ئاۋال ئۆزىمىز ۋە ئەتراپىمىزدىكىلەردىن باشلىشىمىز كېرەك.

ئولۇمنى ھەر ۋاقى

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30695
يازما سانى: 1008
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9269
تۆھپە نۇمۇرى: 2308
توردا: 2122 سائەت
تىزىم: 2011-2-17
ئاخىرقى: 2014-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-21 11:57:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاۋال ئوزىمىز دىن باشلاي..... [s:166]  [s:166]  [s:166]  [s:173]  [s:173]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25829
يازما سانى: 78
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5225
تۆھپە نۇمۇرى: 293
توردا: 1896 سائەت
تىزىم: 2011-1-11
ئاخىرقى: 2014-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-21 11:57:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭمۇ ئۇزۇندىن بۇيان كاللامدن ئۆتمەي كىلۋاتقان مەسىلە دەل مۇشۇتى،نىمىشقاشۇنچىۋالا قىلىپ كىتمىز ھە!!!ھىلمۇكۆرگەن كۈنىمىزمۇشۇ!!!!!!!تىمىدادىيلگەندەك ئېىناق ئۆتسەك،،،،،،،،،،،

مۇھەببەت بارچىدىن ئۇلۇغ ئالەمدە، چىن ۋاپا_ساداقەت بولسا ئادەمدە. بىلىپ قال ئۆزگىنى كۈتەلمەس كۆڭلۈم، يىگانەسەن؟ۆزۈڭ قەلىب خانەمدە.

يۇقىرغا قاراپ پى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18610
يازما سانى: 1541
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3360
تۆھپە نۇمۇرى: 310
توردا: 5970 سائەت
تىزىم: 2010-11-23
ئاخىرقى: 2012-6-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-21 11:59:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راستىنى دىسەك 20يىلنىڭ ئالدىدا بۇنداق يۇرتۋازلىق خىلى ئېغىر ئىدى.بۇنى ئاساسلىقى تارىخ ۋە دىيارىمىزنىڭ جۇغراپىيلىك ئەھۋالى بىزگە قالدۇرۇپ قويغان.چۈنكى شىنجاڭ زىمىنى كەڭرى چۆللۈكى كۆپ ،يۇرت بىلەن يۇرتنىڭ ئارلىقى بەك يىراق بولغاچقا مۇشۇنداق بىر بىرنىڭ يۇرتىنى ئاتاپ كۆنۈپ قېلىپ مۇشۇنداق بولغان بولشى مومكىن،بۇرۈن ئۆزىمىزنى ئۇيغۇر دەپ ئاتىماي ئۇيەرلىك ،بۇ يەرلىك دەپ ئاتاپ كۆنۈپ كەتكەچكە بولغان ئىش بۇ.لىكىن ھازىر خىلى ياخشى.بىز ئىچكىردە ئوقۇۋاتقاندا يۇرت ئارىماي بالىلار بىلەن شۇنداق ياخشى ئۆتكەن.يۇرتۋازلىق نادانلارنىڭ ئىشى.ھەممىمز ئۇيغۇر.يۇرتىمىز شىنجاڭ.دۆلىتىمىز جۇڭگۇ. بۇندىن كىيىن كىم يۇرتۋازلىق قىلسا شۇ پەس.

ئنساننىڭ ئاساسى ھوقۇقى كۆز يېشى بىلەن ئەمەس،ئىسسىق قېنى بىلەن قولغا كېلىدۇ.

ئەركەك !

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25474
يازما سانى: 3048
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 22911
تۆھپە نۇمۇرى: 366
توردا: 6865 سائەت
تىزىم: 2011-1-8
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-22 12:57:16 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىمىنىڭ  ماۋزۇسى بەك جايىدا قويلۇپتۇ !

موزاينىڭ يۈگۈرىشى سامانلىققىچە !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1041
يازما سانى: 5284
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 7870
تۆھپە نۇمۇرى: 1125
توردا: 2023 سائەت
تىزىم: 2010-5-27
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-22 01:18:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن  ھەممىنى  ئۆزۈمدىن  باشلايمەن  ،  دۇنيادىكى  بارلىق ئادەمنى  سۆيىمەن.

ئاددىيلىقتىن  بىزارمەن !   يا   مۇۋەپپىقىيەت قازىنىمەن يا سەرگەردان  زابويغا  ئايلىنىمەن ...
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش