ئاياللار ئۈچۈن زۆرۈر ئوقۇشلۇق
يىڭى توي قىلغان ئاياللارنىڭ نەزىرىدە تويدىن كىيىنكى ئائىلە رومانتىكىغا تولغان غايىۋى جاي.ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاسمان كۆك،يەر يىشىل،ھەممىلا نەرسە كۈلۈپ باقىدۇ.ھەر بىر كۈنى رومانتىك تۇيغۇلارغا تۇيۇنغان بولىدۇ.ئەمما توساتتىن بىر كۈنى بۇ رىياللىقنىڭ كۆپۈككە ئايلىنىپ كەتكەنلىكىنى،ئىشلارنىڭ ئۆزىنىڭ تەسسەۋۇرىغا ئوخشىماي قالغانلىقىنى بايقايدۇ.ئەجىبا ئېرى ئۆزگۈرۈپ كەتتىمۇ ياكى ئۆزى ئۆزگۈرۈپ قالدىمۇ؟ئەجىبا ئېرى ئەمدى ئىلگىرىكى قامەتلىك شوخ،يۇمۇرلۇق يىگىتلىكىنى يوقاتتىمۇ؟
قانداق قىلغاندا بۇ سۇئاللاردىن قۇتۇلۇپ،ھەقىقى بىر ئايال بولغىلى بولىدۇ؟تەتقىقاتچىلار بۇ سۇئاللاردىن قۇتۇلۇشنى تۆۋەندىكى10نۇقتىغا يىغىنچاقلىغان.
1)مۇھەببەتنىڭ چىن مەنىسىنى چۈشۈنۈش لازىم.
نۇرغۇن ئاياللار ئۆزلىرىنى تويدىن ئىلگىرى مۇھەببەتلەشكەن دەپ قارايدۇ.ئەمما تويدىن كىيىنلا بۇ قارىشىدىن گۇمانلىنىپ قالىدۇ ياكى ھىچنىمىنى چۈشۈنەلمەي قالىدۇ.ھەتتا بەزىدە ئۇنىڭغا تىگىپ خاتا قىلىپتىمەن ،ئەسلى باشقا بىرسىگە تەگسەم بوپتىكەن،دەپ ئويلاپ قالىدۇ.
مۇھەببەت ھەقىقەتەن سىرلىق،ئۇ بىز تەسسەۋۇر قىلغاندىنمۇ مۇرەككەپ .ئەرلەر سىزنى نىمە دەپ ياخشى كۆرىدۇ؟سىز سۈيۈملۈك بولغىنىڭىزدا سۈيۈلۈشكە ئېرىشەلەيسىز.بۇ ھەرگىزمۇ بىر كۈندىلا قىلىپ بولغىلى بولىدىغان ئاسان ئىش ئەمەس.سىز چۇقۇم ئۆزىڭىزنى ئۆزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈشىڭىز كېرەك.چۈنكى بۇ سىزنىڭ كۆز قارىشىڭىز بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك كىشىلىك تۇرمۇش پۇزۇتسىيىڭىز بىلەن چەمبەرچەس باغلانغان.تۇرمۇشتا خىيالىڭىزدىكى <ئۇ>نىڭ ئەمەلىيەتتە نۇرغۇن كەمچىلىكلىرى بارلىقىنى بايقايسىز.ئىلگىرى سىزگە سۈيۈملۈك تۇيۇلغان ئەيىپلىرىمۇ ئەمدىلىكتە سىزنى بىزار قىلىدۇ.بۇ چاغدا سىز يولدىشىڭىزنىمۇ ئۆزگۈرىشى كېرەك دەپ ئويلايسىز.ئەمما ھىسىياتىڭلار مۇكەممەللەشمەستىن ئىلگىرى،ئېرىڭىزنىڭ ئۆزگىرىشىدىن ئۈمۈد كۈتمەڭ.پەقەت سىزدە چىن مەنىدىكى مۇھەببەت چۈشەنچىسى بولغاندىلا،سىز بەختلىك نىكاھقا ئېرىشەلەيسىز.نەسىھەت قىلىش،ئەيىبىنى كۆرسىتىش،ئاغرىنىش،كۆز يىشى قىلىشلارنىڭ پايدىسى يوق.
2)دۇنيادا مۇكەممەل ئائىلە بولمايدۇ،ئەمما مۇكەممەللىككە ئىنتىلىدىغان ئائىلە بولىدۇ.
دۇنيادا مۇكەممەل ئادەم يوق،شۇڭا مۇكەممەل ئائىلىمۇ يوق.مۇتلەق كۆپ ساندىكى ياشلار ئائىلە ھەققىدە ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغان غايىۋى خىياللارنى قىلىپ،ئۇنى شۇنداق گۈزەل تەسەۋۋۇر قىلىدۇ.ئەلۋەتتە تۇرمۇشىمىزدا يەنە بىر قىسىم بەختلىك ياشاۋاتقان ئائىلىلەرمۇ بار.ئەمما شۇنى چۈشۈنىشىڭىز كېرەككى،بۇ ئائىلىلەر ئەر-ئايال ئىككەيلەننىڭ ئۇزاق يىل بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىنىڭ نەتىنجىسى.ئائىلە مۇناسىۋىتى بارلىق كىشىلىك مۇناسىۋەتلەر ئىچىدە ئەڭ مۇرەككەپ بولىدۇ.ئۇنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىمەن دەيدىكەنسىز،چۇقۇم سەۋىرچان بولۇشىڭىز،ھىسسىيات جەھەتتە ئۆزىڭىزنى كونتۇرۇل قىلىشىڭىز كېرەك.ئەلۋەتتە بۇنداق قىلىش تەس.ئەمما تىرىشسىڭىزلا چۇقۇم ياخشى بىر تەرەپ قىلالايسىز.
بۈگۈن مۇشۇ ئىككى تۈرنى يوللاپ تۇراي داۋامى بار.
مەنبە؛(شىنجاڭ رادىئو-تىلىۋىزىيە گىزىتى)دىن