مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3135|ئىنكاس: 43

جوڭگولۇق ئابدۇللا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26729
يازما سانى: 66
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5905
تۆھپە نۇمۇرى: 458
توردا: 166 سائەت
تىزىم: 2011-1-18
ئاخىرقى: 2015-3-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-23 03:59:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
        شېكەر قوشماي قېنىق دەملەنگەن تاڭسۇق ئەرەبچە قەھۋە ئىچكەچ مېھمانخانا دېرىزىسىدىن دۇبەي كوچىلىرىغا نەزەر تاشلىغان ئادەم مىغىلداپ ئۆتۈۋاتقان كىشىلەرنىڭ چىراي-تۇرقىغا قاراپ ھەرگىزمۇ دۇنيادىكى ئادەملەرنىڭ ئەڭ كۆپى جۇڭگولۇقلار دەپ قارىمايدۇ.چۈنكى،ئوتتۇرا شەرق ئەللىرىدە خەنزۇلار ئانچە كۆپ ئەمەس،گەرچە جەنۇبىي جۇڭگو ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ ئايرۇپىلانى ھەر ھەپتىدە ئىككى قېتىم لىق ئادەم بىلەن شارجا ئايرۇدۇرۇمىغا قونسىمۇ بۇ يەردە جۇڭگولۇقلار ئانچە كۆزگە چېلىقمايدۇ.ئەبۇزەبىدىكى سىتى پىلازا ياكى ئەلئەيىندىكى ئەلمول دەرىجىدىن تاشقىرى بازىرىنى ئايلانغان ئادەم رەڭگارەڭ چىراغلار ئاستىدا كۆز چاقنىتىپ تۇرغان قىممەت باھالىق چەتئەل ماللىرى ئىچىدىن جۇڭگونىڭ بىرەرمۇ مېلىنى بايقىيالمايدۇ.بىراق،توپ تارقىتىش دۇكانلىرىدا ياكى ئادەتتىكى بازارلاردا سېتىۋاتقان ئەرزان ماللارنىڭ مۇتلەق كۆپى جۇڭگونىڭ،ئۇنىڭغا قاراپلا جۇڭگونىڭ ھەقىقەتەن چوڭ بىر سانائەت ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ.گەرچە يەرلىك ئەرەبلەر ئاقسۆڭەكلىك سالاپىتى بىلەن ئامېرىكا،ياپون،شېۋىتسىيە،ئىتالىيە،گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ زەھەردەك قىممەت ماللىرىنى تاللاپ سېتىۋالسىمۇ بۇ دۆلەتتە كۆپ قىسمىنى تەشكىل قىلىدىغان ،ئىشلەمچى ھىندىلار،پاكىستانلىقلار،پارىسلار ۋە باشقا نامرات ئەرەب دۆلەتلىرىدىن كەلگەنلەر دەماللىققا جانغا ئەسقاتىدىغان جۇڭگونىڭ ئەرزان ماللىرىغا يبگۈرىدۇ،جۇڭگولۇقلار بىلەن ھەرھالدا يامان ئەمەس مۇئامىلە قىلىشىدۇ.
      بىر كۈنى ئەلئەيىن شەھرىدە يۇرتىغا قايتىش ئالدىدا تۇرغان مىسىرلىق دوستۇم ئەرزان سائەت ئېلىش ئۈچۈن مېنى ئالايىتەن بىر خەنزۇنىڭ دۇكىنىغا باشلاپ باردى،ۋە<سەن جۇڭگولۇق بولغاندىن كېيىن،ھە-پە دېيىشىپ بەرسەڭ،ئازراق بولسىمۇ ئېتىبار قىلىپ قالار>دېدى.بىز كىرگەندە 39-40ياشلارغا كىرگەن بىر خەنزۇ يىگىت قول سائەتلىرىنى تەكچىگە تىزىۋاتقان ئىكەن.
      _سىز قايسى دۆلەتتىن؟_دەپ سورىدى.
      _مەن جۇڭگودىن كېلىشىم،_دېدىم مەنمۇ ئېنگىلىزچە جاۋاپ قايتۇرۇپ.ئۇ چىراي-تۇرقۇمدىن،بۇرۇتلىرىمدىن ۋە خەنزۇچە،ئېنگىلىزچە تەلەپپۇزۇمدىن مېنى ئاللىقاچان باشقا دۆلەتكە تەۋە قىلىۋەتكەن بولسا كېرەك،ئىشەنمىگەندەك قاراپ قويدى-دە،گېپىمنى تەكرارلىدى.
     _مەن جۇڭگولۇق دېدىڭىزما؟ چاقچاققا ئۇستىكەنسىز.
     _ئۇنداقتا مەيلى،سىزچە مەن قايسى دۆلەتتىن؟
     _ئۆزبېكىستان ياكى ئىراندىن.
     قايتا چۈشەندۈرۈشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوقتەك ھېس قىلدىم،بىز ئارىلاپ ئېنگىلىز ياكى ئەرەب تىلىدا باھاسىنى سورىغاچ سائەتلەرنى تاللاشقا كىرىشىپ كەتتۇق،ھەيران قالغىنىم باشقا خەنزۇ سودىگەرلەرنىڭ ئەكسىچە ئۇنىڭ ئەرەبچىسىمۇ،ئېنگىلىزچىسىمۇ خېلىلا ياخشى ئىدى.دەل شۇ چاغدا نامازشامغا مەسچىت-مەسچىتلەردىن ئەزان ئاۋازى ياڭراشقا باشلىدى.
    
      _ كەچۈرۈڭ،نامازشامنى ئوقۇۋېلىپ كېلەي.
    مەن تېخىمۇ ھەيران قالدىم.ئۇ دۇكاننى تاقاۋاتقان چاغدا كوچا چىراغلىرىنىڭ شولىسى بىلەن گۇگۇم قاراڭغۇلۇقى ئارىسىدا گويا زۇلمەتكە ئىشىك يېپىۋاتقان بىر نۇرلۇق سېيمانى كۆرگەندەك باشقىچە بىر يېقىنلىقنى سەزدىم.
     ئەنە شۇ يېقىنلىق مېنى بىر نەچچە قېتىم ئۇنىڭ دۇكىنىغا سۆرەپ باردى.ھەر قېتىم ئۇ شۇنداق قىزغىن،سەمىمىي ۋە مۇسۇلمانلارغا خاس تەۋازۇ بىلەن كۈتۈۋالاتتى.بىز تىلنىڭ سىرتىدىكى نامەلۇم سېھىر بىلەن خېلى ئۈلپەتلەردىن بولۇپ قالغان بولساقمۇ ئۆزۈمنى قايتا ئىزاھلاپ يۈرمىگەن ئىدىم.
     بىر كۈنى ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇرسام ئۇنىڭ يانفونى جىرىڭلاپ كەتتى،ئۇ تېلېفوننى ئېلىپلا خەنزۇچە سۆزلىدى،قارشى تەرەپ جۇڭگولۇق ئىدى.مەن ئۇلارنىڭ پارىڭىغا قۇلاق سېلىپ ،ئۇنىڭ ئېيتىشقا بولمايدىغان بىر قىسىم مەخپىيەتلىرىنى ئاڭلاپ قالدىم-دە ،كۈلۈپ كەتتىم. ئۇ بىر ئاز تۇيۇپ قالغاندەك نېمىشقا كۈلۈپ كەتكىنىمنى سورىدى.
   مەن خەنزۇ تىلىدا:
      _سېنىڭ مەخپىيەتلىرىڭنى ئۇقۇپ قالدىم-دەپ كۈلدۈم.
      _سەن راستىنلا جۇڭگولۇقمۇ ؟
      _مەن باشتا دېگەنغۇ.
      _جۇڭگونىڭ قەيىرىدىن ؟
      _شىنجاڭدىن .
      _ھەي،بالدۇرراق شىنجاڭدىن دېسەڭچۇ!
    ئۇ بىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭ زۇۋانىنى ئۇقالايدىغان بىر مۇسۇلمان ئىكەنلىكىمدىن خوش بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇياتلىق مەخپىيىتىنى ئۇقۇپ قالغىنىمدىن بىر ئاز ئوڭايسىزلاندى. ئارقىدىن بىز قىزغىن پاراڭغا چۈشۈپ كەتتۇق .ئۇ ماڭا قىلچە يوشۇرۇپ ئولتۇرماي باشتىن كەچۈرگەن قىسمەتلىرىنى سۆزلەپ بەردى.
     ئۇنىڭ ئېيتىشىچە ئۇ خېنەندە تۇغۇلۇپ،شاڭخەيدە چوڭ بولغانىكەن.ئەگەر تەقدىر نەۋرە ئاكىسىنىڭ كەينىدىن ئىماراتقا (ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى)ئېلىپ كەلمىگەن ،نەۋرە ئاكىسى ئۇنى ئالداپ بار-يوق بىساتىدىن ئايرىپ كۆك تۆشكە ئايلاندۇرۇپ قويمىغان بولسا ،ئۇ مەڭگۈ ئىسلام نۇرىدىن ھىدايەت تاپالماي ئۆتۈپ كېتەر ئىكەن.
      _ياقا يۇرتتا نە بېشىمنى سىلايدىغان ئۇرۇق -تۇغقىنىم ،نە ۋەتەنگە قايتقۇدەك پۇلۇم ،ياتقۇدەك يەر ،يىگۈدەك نېنىم يوق باشپاناھسىز قالدىم .تالا ئوتتەك ئىسسىق ،تۇنجى قېتىم ئىنساننىڭ تولىمۇ ئاجىز ئىكەنلىكىنى ،دۇنياغا قۇرۇق قول كېلىپ قۇرۇق قول كېتىدىغىنىنى ھېس قىلدىم .كىشىلەر مەسچىتكە كېتىۋاتاتتى .بۇنىڭ ئىچىدە بايلارمۇ ،مەندەك پېقىر-مىسكىنلەرمۇ بار ئىدى .ئەرەبلەرمۇ ،مۇساپىرلارمۇ بار ئىدى .ئويلىسام ئۇلارمۇ باشپاناھسىز ئىكەن .ئۇلارغا ئەگىشىپ مەسچىتكە_ پاناھ جايغا كىردىم .ئۇلار قىلغاننى قىلدىم .كۆزلىرىمگە ياش كەلدى ،ئۆزۈمنى تۇتالماي يىغلاپ كەتتىم .جامائەت بېشىمنى سىيلىدى .مىسكىن مۇسۇلمان ئىكەن ،دەپ ئاش-تاماق بەردى .خەيرىخاھلىق قىلدى .بولۇپمۇ بىر تەقۋادار سۇدانلىق خالىس نىيەتتە ياردەم قىلدى ۋە ئايەت ئىسلام ئۈگەتتى ،ئەرەبچە ئۆگەتتى ،نامازنىڭ ،ئىماننىڭ نېمىلىكىنى بىلدىم .بارلىق ئىنسانلارنىڭ باشپاناھىنى تونۇدۇم .ئۇلار مېنى يېڭى مۇسۇلمان دەپ ئىقامەت بەردى ،ساخاۋەت قوللىرىنى سۇندى .دۇكان ئاچتىم ،پۇللۇق بولدۇم ،بىر مەزگىل خوتۇنۇم بىلەن قىزىمنى ۋە سىڭلىمنى ئەكىلىپ تۇرغۇزدۇم ،ئۇلارمۇ مۇسۇلمان بولدى .ھازىر شاڭخەيدە .
      _مۇسۇلمان بولغىنىڭىزنى باشقا جۇڭگولۇقلار ئۇقامدۇ ؟ئۇلار سىزنى يەكلەمدۇ ؟
      _مەن ھەممىسىگە ئېيتتىم ،ھەقنى تونۇش نومۇس قىلىدىغان ئىش ئەمەس ،بەلكى ئىككى دۇنيا خوش بولىدىغان ئىش .شاڭخەيگە بارغاندا مەسچىتنىڭ ئاخۇنىنى چاقىرىپ ،ئەل-جامائەت ئالدىدا ئۆزۈمنىڭ مۇسۇلمان بولغىنىمنى جاكارلىدىم .باشتا ئۇرۇق-تۇققان ،دوست-بۇرادەرلەر بۇنى قوبۇل قىلالمىدى .مەنمۇ ئۇلارنىڭ دىنسىزلىقىنى ھۆرمەت قىلغان يەردە ئۇلارمۇ ئاخىر مېنىڭ تاللىشىمغا ھۆرمەت قىلدى .ھازىرمۇ بۇ يەردە جۇڭگولۇقلار بىلەن ئارىلىشىمەن ،بەزمە-باراۋەتلىرىگە بارىمەنۇ ،مۇسۇلمانچە بولمىغان تامىقىنى يىمەيمەن ،ھارىقىنى ئىچمەيمەن .
      _سىزنىڭ ئائىلىڭىزدىن باشقا بۇ يەردە يەنە مۇسۇلمان بولغان خەنزۇلار بارمۇ ؟
      _خەۋىرىڭىز يوقكەن-دە ،40-يىللاردا ما بۇفاڭنىڭ بىر قىسىم تۇڭگان ئەسكەرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى خەنزۇ ئەسكەرلەردىن بولۇپ 100نەچچە جۇڭگولۇق ئەينى چاغدىكى ئەنگىلىيە ھۆكۈمرانلىقىدىكى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە كېلىپ  شارجا شەھىرىدە ئولتۇراقلىشىپ قالغانىكەن .ئىمارات مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن ئۇلار ئىماراتنىڭ پۇقرالىرىغا ئايلىنىپتۇ ،شۇڭا شارجا ياكى دۇبەيدە كېتىۋېتىپ مۇۋاتىنلارنىڭ(يەرلىك ئەرەب) ئاق كاندۇرا ،قارا چەمبىرىكىنى كىيىپ كېتىۋاتقان جۇڭگو چىراي كىشىلەرنى ئۇچرىتىپ قالىسىز ،ئۇلارنىڭ ھەممىسى باي .بىراق ،ھازىرقى ياشلىرى پۈتۈنلەي ئەرەبلىشىپ كەتكەن ،جۇڭگو تىلىنى ئاساسەن ئۇقمايدۇ .
     ئەرەبلەر ئابدۇللا دەپ ئات قويىۋالغان ،ماڭا ئۆزىنى شىياۋ تيەن دەپ تونۇشتۇرغان بۇ شاڭخەيلىك يىگىت تولىمۇ قىزغىن ،سەمىمىي ،ۋە تەقۋادار ئىدى .كىرگەنلەر بىلەن ئاسانلا چىقىشىپ قالاتتى .سىلىق-سىپايە ،مەرى ئىسسىق ،راست سۆز ئىدى .ئېھتىمال ئەرەبلەر ئارىسىدائۆتكەن ئون يىللىق ھايات ،ئىسلام مەدەنىيىتى ۋە گۈزەل ئىسلام ئەخلاقى ئۇنىڭ خارەكتىرىدە مۇشۇنداق زور ئۆزگىرىشلەرنى پەيدا قىلغان بولسا كېرەك .مەن كېيىنچە ئۇنىڭغا ئاتاپ مۇنداق بىر شېئىر يازدىم:
                             جۇڭگولۇق ئابدۇللا
                   ئەرەبلەر   ئۇنى  شۇنداق  ئاتايدۇ ،
                   ھاجىتى چۈشكەندە ئەرزان سائەتكە ،
                   ياكى شياۋ تيەن
                   ماڭغاندا تاھارەتكە
                   ئەزان ئاۋازىنى ئاڭلاش بىلەن
                   ئەگىشىپ جامائەتكە .

                  ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشتىم،
                  ئەخلەت ساندۇقى يېنىدا .
                  يالتىراق ئۇچماقتا قاناتسىز ،
                  كوچىلار بويالغانىدى
                  قۇياشنىڭ ئىسسىق قېنىدا .

                 جىن شاپتۇل غاجىغاندەك
                 چىققاندەك سۇنىڭ جېنى .

                 ئۇنىڭ دىنى
                        ئىسلام
                  ئايرىلىپ ھەممە نەرسىسىدىن ،
                  شاپائەتكە ئېرىشكەن كۈندىن باشلاپ .
                  ئۇنىڭ ئىسمى ئككى بولدى ،
                  ئككى رەت ئۆتكەندەك ئەينەك ئالدىدىن ،
                  كېيىنكى ئىسمى شەپەققە تولدى ،
                  تىك تاغ بىلەن ھۆل ئىدىيە كېسىشكەن ،
                  سەددىچىن سېپىلىنىڭ گۇگۇم پەيتىدە ،
                  ئۆسكەن موگۇلاردەك يامغۇردىن كېيىن .

                 مەن ھاۋادا ياشايمەن، يىلتىزسىز ،
                 ئۇ سۇدا ياشايدۇ يالقۇنسىز .


ئادىل تۇنىياز <پەيغەمبەر دىيارىدا كېچىلەر>
شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2004-يىلى3-ئاي نەشرى

ئونۋېرستىتتا ئو

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2765
يازما سانى: 107
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9469
تۆھپە نۇمۇرى: 508
توردا: 148 سائەت
تىزىم: 2010-6-15
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-23 04:20:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئادىل تۇنىيازنىڭ <<پەيغەمبەر دىيارىدا كېچىلەر>> دىگەن كىتابىدىكى مەزمۇنلار ، بۇ كىتاپنى مەنمۇ بەك ياختۇرۇپ ئوقۇيمەن . تىما ئىگىسىگە رەخمەت

تۇزنى تۆكمە، قىز

ئۈلگىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1766
يازما سانى: 8969
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 36588
تۆھپە نۇمۇرى: 617
توردا: 7239 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-2-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-23 04:20:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇ كىتابنى تۇلۇ ق ئۇقۇپ باقماپتىمەن ئەپسۇس.

باتۇرلۇق ئوقنى تةدبىر ياسىدا ئاتسا نىشانغا دةل تېگىدۇ!

çok sevmek hataysa, ben büyü

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25578
يازما سانى: 537
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3278
تۆھپە نۇمۇرى: 295
توردا: 260 سائەت
تىزىم: 2011-1-9
ئاخىرقى: 2015-3-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-23 04:22:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ بۇ كىتابىنى ئوقۇي دەپ ئوقۇماپتىكەنمەن، دوستلىرىم بەك تەۋسىيە قىلغان بولمىسا.
" چۈمبەلدىكى كۆز" دىگەن كىتابى بەك يارايدۇ ماڭا بۇ ئاكاشنىڭ.
ئاللاھ كۆڭلىمىزگە ئىنساپ بەرسۇن،ھەممىمىزنى ھىدايەت قىلسۇن!!!

باشقىلار ھەۋەس قىلغۇدەك ھەم ھەسەت قىلغۇدەك ياشا!!!!

بۇ دۇنياغا كەلگەن ئىكەنمىز،ئۇ

پائالىيەتچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1695
يازما سانى: 3879
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 224353
تۆھپە نۇمۇرى: 1074
توردا: 11691 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2014-12-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-23 04:23:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئادىل تۇنىيازنىڭ شىئىر يېزىش ئۇسلۇبى ئۆزگىچە ، مەن بۇنىڭغا قايىل .

بۇ دۇنياغا كەلگەن ئىكەنمىز،ئۇ دۇنيانىمۇ ئويلاپ قويايلى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13124
يازما سانى: 28
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8092
تۆھپە نۇمۇرى: 344
توردا: 846 سائەت
تىزىم: 2010-10-8
ئاخىرقى: 2012-2-10
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-23 04:43:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئادىل تۇنيازنىڭ ئۆزگىچە تەپەككۇرى كىشنى شېئرىيەتنىڭ چوڭقۇر قاتلاملېرىغا سۆرەپ كىرىدۇ.

سۇ كىېتىپ تاش قا

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23611
يازما سانى: 2142
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13042
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 4254 سائەت
تىزىم: 2010-12-24
ئاخىرقى: 2014-7-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-23 04:45:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بۇكىتاپنى بىر ئۇقۇپ چىقمىسام بولماپتۇ ياخشى تىمابوپتۇ رەخمەت سىلەرگە [s:173]

ئتقادى بولمىغان

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34175
يازما سانى: 212
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4694
تۆھپە نۇمۇرى: 193
توردا: 2023 سائەت
تىزىم: 2011-3-17
ئاخىرقى: 2013-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-23 05:10:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئادېل  تۇنياز   ئەسەرلېرېنې   ياقتۇرۇپ   ئوكۇيمەن [s:166]  [s:166]  [s:166]  [s:177] خاسلېقې  بار

ھەركىم ئۆز تەغدىرىنىڭ  تۆمۇرچىسى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26104
يازما سانى: 217
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5665
تۆھپە نۇمۇرى: 301
توردا: 1022 سائەت
تىزىم: 2011-1-13
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-23 05:28:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بۇ تىمىنى بىر قانچە يىل بۇرۇن دىيارىم مۇنبىرىدە ئۇقۇغان

بىردەملىك ھىسيات ئۆمۈرلۈك پۇشايماننىڭ نىگىزى، شۇڭا ھىسياتىڭنىڭ تىزگىنىنى ئەقلىڭگە تۇتقۇزغىن

ئىبراھىمجان ئىر

باش رەسىمى نىقابلانغان

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26436
يازما سانى: 3518
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 29442
تۆھپە نۇمۇرى: 3126
توردا: 6427 سائەت
تىزىم: 2011-1-16
ئاخىرقى: 2013-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-23 05:31:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
<< بىرمىسقال بىلوگى >> يىڭىدىن قۇرۇلدى .
بۇ بىلوگ خام ئالتۇن باھاسى ۋە دۇكانلاردا سىتىلىۋاتقان99%لىك تەييار زىبۇ -زىننەتلەرنىڭ ئەمەلى باھاسىنى قەرەللىك ھالدا بۇ بىلوگقا يوللىنىپ تۇرىدۇ

     http://1miskal.com/
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش