مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1375|ئىنكاس: 13

ئۈرۈك بىلەن ئۈژمە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13872
يازما سانى: 628
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10445
تۆھپە نۇمۇرى: 660
توردا: 1361 سائەت
تىزىم: 2010-10-14
ئاخىرقى: 2015-5-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-23 07:58:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئۈرۈك بىلەن ئۈژمە

(مەسەل)

ت. م. خەلپەمبەگ

  بىر باغ قوروسىنىڭ ئىچىدە ئۈرۈك دەرىخى، سىرتىدا ئۈژمە دەرىخى بار ئىكەن. دېھقان ئۈرۈكنىڭ ئەتىراپىدىكى يەرلەرنى ئاغدۇرۇپ، ئوتاپ، سۇ قويۇپ پەرۋىش قىلىدىكەن، لىكىن ئۈژمە ئۈرۈك بار يەرگە سۇ قويغاندا يەرنىڭ قىرىنى بۇزۇپ چىققان سۇنى ئىچىدىكەن، دېھقان ئۈژمىگە ھىچقانداق پەرۋىش قىلمايدىكەن.

 ياز كۈنلىرىنىڭ بىرىدە ئۈرۈك ئالا بولغىچە ئۈژمە مەي باغلاپ پىشىپ، ئىنسانلارنى ھەتتا ئۇچار- قۇشلارنى ئۆزىنىڭ تاتلىق مىۋىلىرى بىلەن لەززەتلەندۈرۈپتۇ. بۇ ئۈژمىنىڭ داڭقى پۈتۈن كەنتكە تاراپ كەتكەچكە بالىلار، چوڭلار ھەتتا ئۇچار- قۇشلارنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمەي ئۈژمە تۈۋى بازار بولۇپ كېتىپتۇ.

  ـ سەن شۇنچە تاتلىق ئۈژمە بولساڭمۇ، ـ دەپتۇ بۇ ئىشلاردىن ئىچى ئۆرتەنگەن ئۈرۈك تۇرالماي ـ ھىچكىم ھەتتا ئىگەڭمۇ قورىمايدۇ، باقمايدۇ، سەن شۇنچە ئەتىۋارسىز بولغاچقا ئۇششاق بالىلار شاخلىرىڭنى قايرىپ، سۇندۇرۇپ، ئۇچار-قۇشلار باشلىرىڭغا چىچىپ، قوي پادىلىرى، تۇخا توپلىرى يەرگە چۈشكەنلىرىنىڭ ساقلىرىنى يەپ، قالغانلىرىنى دەپسەپ ئىزىپ يەر بىلەن يەكسەن قىلىدۇ. ئەمما مېنى كۆرىدىغانسەن، مېنى ھەرقانداق بىر ئادەم ئەتىۋارلايدۇ، قوغدايدۇ، پەرۋىش قىلىدۇ، شۇ يىلى قورسىقىدىن ئاشسا گۈلە قىلىپ ساقلاپ قىشىنچە يەيدۇ، بۇنىڭدىن قاتتىق ئۆرتىندىغانسەن ھە!؟

       ئۈژمە ئۈرۈكنىڭ سۆزىگە جاۋاپ قايتۇرماقچى بوپتۇ يۇ، جاۋابىنى ئىچىگە يۈتۈپ ئۈن- تىنسىز ياشاۋېرىپتۇ.

  ئايلار ئۆتۈپتۇ، يىللار ئۆتۈپتۇ، دېھقان قېرىپ پۇت – قۇللىرىدا مادار قالماي ئېتىز- ئېرىق، باغ يەرلىرىگە ئىشلىيەلمەس بولۇپ قاپتۇ. بىر يىللاردا ئۈژمە بىلەن تەڭ تۇش ئۈرۈك ئۆز كۈچىگە تاينىشنى ئۈگۈنمەي تەييارغا ھەييار بولۇپ ياشىغاچقا، بەزىدە ئاچ، ئۇسسىز قېلىپ، روھى جەھەتتىن چۈشكىنلىشىپ قۇرۇق- قاقشال بولۇپ كېتىپتۇ، لىكىن ئۈژمە يىلدىن- يىلغا تاتلىق مىۋىلىرى، بۈك- باراقسان شاخ- شۇمبىلىرى بىلەن كىشىلەرنى، ئۇچار- قۇشلارنى لەززەتلەندۈرۈپ، تويغۇزۇپ، ئۇلارنىڭ تىلىدا داستان بولۇپ ياشاۋېرىپتۇ.
               2009- يىل ئۆكتەبىر. غوروچۆل خاڭگۇڭ
   مەنبە: ئۆز قەلىمىم 

سەن ئەڭ بەخىتلىك

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3940
يازما سانى: 5037
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 80161
تۆھپە نۇمۇرى: 549
توردا: 1411 سائەت
تىزىم: 2010-7-14
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-23 08:57:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ كەچلىك يۇمۇرلاركەندە  [s:181]  [s:181]

ئەقلىمىزنى ئىشلەتسەك بىز ئەڭ ئەقىللىق مىللەت!

سۇلايمان ئابلىمىت

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 155
يازما سانى: 8391
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1580139
تۆھپە نۇمۇرى: 33134
توردا: 12303 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-23 09:48:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەسەل تۈسىنى ئالغان ناھايىتى ياخشى ۋە مەنىلىك ئەسەر ئىكەن [s:166]  [s:173]

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر، كونا يېڭى مۇنبەرداشلار...ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇشلار بولسا QQغا  قۇشىۋالساڭلار بولىدۇ، نۇمۇرۇم:295997753

سۇلايمان ئابلىمىت

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 155
يازما سانى: 8391
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1580139
تۆھپە نۇمۇرى: 33134
توردا: 12303 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-23 09:49:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

1-قەۋەت (=ALBALSI=) نىڭ يازمىسىغا

سىزگە يۇمۇر بىلىنىپتۇدە،ياكى يۇمۇردەپ ئوقۇدىڭىزمۇ بۇنى [s:181]

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر، كونا يېڭى مۇنبەرداشلار...ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇشلار بولسا QQغا  قۇشىۋالساڭلار بولىدۇ، نۇمۇرۇم:295997753

سۇ كىېتىپ تاش قا

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23611
يازما سانى: 2142
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13042
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 4254 سائەت
تىزىم: 2010-12-24
ئاخىرقى: 2014-7-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-23 10:02:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى پەرۈىش قىلىنغان ئۇرۇك بىلەن ئۇژمەكەن تالاشماي يىتىشىگە يەيلى [s:122]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 632
يازما سانى: 3052
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12694
تۆھپە نۇمۇرى: 497
توردا: 2843 سائەت
تىزىم: 2010-5-24
ئاخىرقى: 2015-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-23 10:45:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تورداش يۇرتىڭىزنى بەك چولتا يېزىپ قۇيۇپسىز ، بۇ شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تورداشلار كىرىغان مۇنبەر ، غوروچۆل ،خاڭگۇڭ دەپ يېزىپ قويسىڭىز تورداشلار چۈشىنەلمەيدۇ ، <بۇ ئاقسۇ شەھىرنىڭ بىر يېزىىسى >

سۈكۈت ئاجىزلىقتىن ئەمەس ، سەۋىردىن بىشارەت.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33568
يازما سانى: 17
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4040
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 172 سائەت
تىزىم: 2011-3-12
ئاخىرقى: 2011-4-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-24 10:57:56 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنىلك  تەلىىم ئېلشقا ئەرزىگۇدەك [s:166]  [s:166]  [s:166]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13872
يازما سانى: 628
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10445
تۆھپە نۇمۇرى: 660
توردا: 1361 سائەت
تىزىم: 2010-10-14
ئاخىرقى: 2015-5-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-24 11:52:46 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كەچۈرۈڭ! مەن يېزىپلا بارماق دېسكىغا شۇنداق كىرگۈزۈپ قويۇپتىكەنمەن، ئاخشام شۇ پېتىم يوللىۋېتىپتىمەن. ئاۋات ناھىيە غوروچۆل بازىرى خاڭگۇڭ كەنتىدە يېزىلغان بولغاچقا شۇنداق يوللىنىپ كېتىپتۇ.

يۇقال مۇھەببەت!ي

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14632
يازما سانى: 2134
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12406
تۆھپە نۇمۇرى: 370
توردا: 1021 سائەت
تىزىم: 2010-10-20
ئاخىرقى: 2011-12-4
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-24 12:00:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېما ئىسمىنى كۈرۈپلا ئېغىزىمغا سېرىق سۇ كەلدى دىسە...........يىگۈمنى كەلتۈرۈپ [s:130]

زەرنىڭ دوستى كۆپ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 51
يازما سانى: 3564
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 19178
تۆھپە نۇمۇرى: 1997
توردا: 8365 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-24 02:59:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىك ياخشى تەربىۋى قىممىتى يۇقۇرىكەن رەھمەت!

تاز گۈل تاپسا قىسقىلى جاي تاپالماپتۇ.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش