سۆز بېشى: كۆزىتىدىغان بولساق، نۇرغۇنلىغان ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر ياش قاتلىمىنىڭ 25-35 ئەتراپىدا ئىكەنلىكىنى بايقايمىز، ئادەتتە 40 ياشتىن ئاشقانلىرى ئاز ئۇچرايدۇ. 20-30 ياشقىچە بولغان ۋاقىت كىشىلەرنىڭ مىسلىسىز غەيرەت-جاسارەتكە تولغان مەزگىلى بولۇپ، ئىگىلىك تىكلەش ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم پۇرسەت ھېسابلىنىدۇ. 40 ياشتىن ئاشقاندىن كېيىن، ئىگىلىك تىكلەش پۇرسىتى ھەم شارائىتى نۇرغۇن توسالغۇلارغا ئۇچرايدۇ. ئەمما بۇ ھەرگىز 40 ياشتىن ئاشقاندىن كېيىن ئىگىلىك تىكلىگىلى بولمايدۇ، دېگەندىن دېرەك بەرمەيدۇ.ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسى بار كىشىگە نىسبەتەن ياش چەكلىمىسى دالدا بولالمايدۇ. ئەمما، ھەممە ئىشىنىڭ ۋاقتى، پەسلى بولغاندەك، ئىگىلىك تىكلەشنىڭمۇ مۇھىم پەيتى بولىدۇ. بۇ خىل پەيت شارائىت ۋە مەبلەغكىلا تايىنىپلا قالمايدۇ، ئەلۋەتتە.
ئۇنداقتا، سىز ئىگىلىك تىكلەش ھاياتىڭىزنى قانداق لايىھەلىمەكچى؟
بۇ سوئال ھەر بىر كىشىدىن سورالسا، جاۋاب بېرىش ئۇنچە ئاسانغا چۈشمەيدۇ. چۈنكى بۇنىڭ ئۆزى نۇرغۇن جەريان ۋە تەجرىبە ھەمدە ئۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇن نەرسە تەلەپ قىلىدىغان مۇشەققەتلىك «ۋەزىپە»دۇر. بۇ ئىشتا ئەڭ ئالدى بىلەن كەسىپ تاللاش ئىنتايىن مۇھىم.
كەسىپ تاللاش چوڭ ئۇقۇم، سىز بۇ يەردە كەسىپنى ئۆزىڭىزنىڭ قىزىقىشى ۋە ھۆددىسىدىن چىقىش دەرىجىڭىزگە ئاساسلىنىپ، تاللىشىڭىز كېرەك. دۇنيادا كەسىپلەر ناھايىتى كۆپ، ھەممىسى كىشىلەرنىڭ قىلىشىغا ماس كېلىدۇ. گەپ سىزنىڭ قايسىسىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلالىشىڭىزغا باغلىق بولۇپ قالىدۇ. مەسىلەن، سىز سېتىش، بازار، مۇلازىمەت، مال يەتكۈزۈش، مەمۇرلۇق، مالىيە، تېخنىك، باشقۇرۇش قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ خالىغان بىرىنى تاللاپ، قىلىپ باقسىڭىز بولىدۇ. بۇلار سىزگە مەجبۇرىي ئەمەس، ئەلۋەتتە. ئەگەر سىز مەلۇم كەسىپ تاللاپ، ئۆز نىشانىڭىزغا قاراپ ئات سېلىپ بولغان بولسىڭىز، ئۇنداقتا بۇلاردىن مۇۋاپىق پايدىلانسىڭىز بولىدۇ. چۈنكى كەسىپلەرنىڭ ئۆز ئارا مۇناسىۋىتى ناھايىتى زىچ. سىز ئاساسلىق سېتىش كەسپى بىلەن شۇغۇللانسىڭىز، مالىيە ۋە باشقۇرۇش كەسىپلىرى ھەمدە مۇلازىمەت كەسىپلىرى بىلەن شۇغۇللانماي ئامالىڭىز يوق. بۇلار تەبىئىيلا شۇنداق بولىدۇ. خۇددى قۇشنىڭ ھاۋادا ئۇچۇشىغا پەقەت ماغدۇرلا كۇپايە قىلمىغاندەك، سىزگىمۇ ئاساسلىق كەسىپتىن ئۆزگە يەنە زۆرۈر كەسىپلەرنىڭ ياردىمى زور بولىدۇ. سىز ئەمەلىيەت داۋامىدا بۇلارغا ئېھتىياجلىق بولىسىز.
1. ئىگىلىك تىكلەش ئۈچۈن كەسىپ تاللاش ناھايىتى مۇھىم.
كەسىپ تاللاشتا مۇنداق بىر قانچە پرىنسىپقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك:
بىرىنچى، قىزىقىش: كەسىپ تاللاشقا نىسبەتەن قىزىقىش ناھايىتى مۇھىم، ئەگەر سىزنىڭ مەلۇم كەسىپكە قىلچىلىك قىزىقىشىڭىز بولمىسا، ئۇ ناھايىتى ياخشى كەسىپ بولغان تەقدىردىمۇ سىز ئۇنى بىر باشقا ئېلىپ چىقالمايسىز. سىز پەقەت قىزىققانلىق ئۈچۈنلا مەلۇم ئىشىنى قىلىشنى داۋاملاشتۇرىسىز، ئەلۋەتتە، كەسىپمۇ بۇنىڭ ئىچىدە. سىز تاللىغان كەسىپ سىزنىڭ داۋاملاشتۇرۇشىڭىزغا موھتاج. بولمىسا ئۇ سىزگە مېۋە بەرمەيلا قالماستىن، شۇ خىل كەسىپنىڭ داشقاللىرىغا ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ. شۇڭلاشقا، سىز كەسىپ تاللاشتا، ئۆزىڭىزنى بىر دەڭسەپ بېقىپ، ھەقىقىي قىزىقىشىڭىزنى ئاساس قىلىشىڭىز كېرەك.
ئىككىنچى، ئېھتىياج: بۇ خىل ئېھتىياج ئەلۋەتتە ئىككىنچى خىل ئېھتىياج ھېسابلىنىدۇ. ئىككىنچى خىل ئېھتىياج ئۆزىمىزدىن باشقا بارلىق كىشىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى كۆرسىتىدۇ. سىز كەسىپ تاللىغاندا ئالدى بىلەن ئۆزىڭىزنىڭ قىزىقىشىنى تاللىغاندىن سىرت، بۇ كەسپىڭىزنىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات ئىستىقبالى ۋە يوشۇرۇن كۈچىنى كۆزدە تۇتۇشىڭىز كېرەك. ئەلۋەتتە، سىزنىڭ بۇ يەردە كۆزدە تۇتقىنىڭىز، ئۇ كەسىپ كېيىن« زادى قانچىلىك ئادەمگە مۇلازىمەت قىلالايدۇ، زادى كىمنىڭ ھاجىتىدىن چىقالايدۇ، قانچىلىك ئادەمنىڭ بۇنىڭغا ئېھتىياجى چۈشىدۇ» دېگەندىن ئىبارەت بولىدۇ. چۈنكى باشقىلار ئېھتىياجلىق بولۇپ تۇرىدىغان كەسىپ ئۆلمەيدۇ.
ئۈچىنچى، شارائىت: سىز كەسپىڭىزنى ئالدىنقى ئىككى شەرتكە ئاساسەن تاللىغاندىن كېيىن، شارائىتنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدىغان ياكى ئۇچرىمايدىغانلىقىنى دەڭسەپ كۆرۈشىڭىز كېرەك. چۈنكى سىزنىڭ كەسپىڭىز ھەقىقەتەن ئوبيېكتىپ شارائىتنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچراپ قالسا، سىز سۈپەت ئۆزگىرىشىنى ھاسىل قىلالماي قالىسىز-دە، بۇ كەسىپتىن ۋاز كېچىشتىن ئۆزگە يولىڭىز قالمايدۇ.
2
. ئىگىلىك تىكلەش ئۈچۈن ساغلام بولغان كىشىلىك مۇناسىۋەت ئىنتايىن مۇھىم.
كىشىلىك مۇناسىۋەت نوقۇل ھالدا ئىگىلىك تىكلەش ئىلمى ساھەسىدىلا تەكىتلەنمەيدۇ. ئۇنىڭ چېتىلىش دائىرىسى تولىمۇ كەڭ. ئۇ بىزنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدىكى ئاددىي ئىشلاردىن تارتىپ، ھەتتا خەلقئارا ئىشلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ماھىيەتتە ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت كىشىلىك مۇناسىۋەتتىن ئىبارەت. چۈنكى كىشىلەر ئۆز ئارا مۇناسىۋەت قىلغاندىلا ئاندىن ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت شەكىللىنىدۇ. كىشىلەر يالغۇز ياشىيالمايدۇ، تۇرمۇشتا ياكى ئۇنداقتا ياكى مۇنداق سەۋەبلەر ۋە ئېھتىياجلار تۈپەيلىدىن باشقىلار بىلەن تۈرلۈك مۇناسىۋەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. مۇشۇ جەرياندا، گەپ-سۆز ۋە تۈرلۈك ھەرىكەتكە دىققەت قىلىش- كىشىلىك مۇناسىۋەتكە ئەھمىيەت بېرىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. كىشىلىك مۇناسىۋەتكە ئەھمىيەت بېرىش ھەممە كىشى ئىنتايىن مۇھىم، بولۇپمۇ ئىگىلىك تىكلەش ۋە ئۆزى مۇستەقىل بىرەر چوڭ ئىشى تەۋرىتىشنى كۆڭلىگە پۈككەن كىشىلەر ئۈچۈن، تېخىمۇ مۇھىم. شۇڭا ئىگىلىك تىكلەش ئويى بار كىشىلەر باشتىن-ئاخىرى كىشىلىك مۇناسىۋەتكە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. باشقىلار ياردەم بەرگەندە ۋاقتىدا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، باشقىلار ياردەم قىلمىسا ئاغرىنماسلىق كېرەك. چۈنكى ھېچكىمنىڭ ھېچكىمدىن ئاغرىنىش ھوقۇقى يوق. ھېچكىم ھېچكىمنىڭ خوجىسى ئەمەس. باشقىلارغا ئارتۇق تەلەپ قويماسلىق، باشقىلارنىڭ كەينىدىن ئۆسەك سۆز تارقاتماسلىق، باشقىلارنىڭ شەخسىي ئىشلىرىنى بەك ئىچكىرىلەپ سورىماسلىق كېرەك. باشقىلار بىلەن بولغان نورمال ئالاقىنى ساقلاش، قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىنى ۋاقتىدا قىلىش، ۋەدىسىدە تۇرۇش، باشقىلارنىڭ ئىشەنچىنى يەردە قويماسلىق كېرەك. ئىش قىلىپ، ھە تەرەپتىن دىققەت قىلىش كېرەك. چۈنكى يۇقىرى ئۆرلىگەنسېرى بىسىم ۋە شامال كۈچى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ، بۇنداق شارائىت سىزنىڭ ناھايىتى ئېھتىياتچان بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەگەر ئازراقلا ھاڭۋاقتىلىق قىلسىڭىز، ئۈستىڭىزدىن ئۇچۇپ ئۆتكەن قۇشنىڭ پوقىمۇ سىزنىڭ ئەزرائىلىڭىزغا ئايلىنىشى مۇمكىن.
3. ئىگىلىك تىكلەش ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئىنتايىن مۇھىم.
بۇ يەردىكى خىزمەت قىلىش-دەل بىزنىڭ قول سېلىپ ئىشلىشىمىزدىن ئىبارەت. ئىگىلىك تىكلەش قانداقتۇر بىرەر تامنى ياكى كېسەكنى تىكلىگەنگە ئوخشىمايدۇ. ئۇ بىر ئۇزاققا سوزۇلغان جەريان، ئۇ بىۋاستە ئەمەلىيەت قاينىمى، ئۇ بىر جەڭگاھ. ئۇ يەردە پەقەت قان-تەر تۆكۈشتىن قورۇقمايدىغان، ئاكتىپ تەپەككۇر، چاققان ھەرىكەت قىلدىغان كشىلەرلا پۇت تىرەپ تۇرالايدۇ. خىزمەت سىزدىن ۋە مەندىن كۈچلۈك مەسئۇلىيەت تەلەپ قىلىدۇ. ئۇ ئىگىلىك تىكلەش مەنزىلىگە يېتىشتىكى بىز مۇقەررەر ھازىرلىمىساق بولمايدىغان مۇھىم ھەم زۆرۈر شەرت.
نۇرغۇن كىشىلەر خىزمەتنى توغرا چۈشەنمەيدۇ، خىزمەتكە ئېرىشىشنى تېخىمۇ شۇنداق. ئۇلار خىزمەتنى جان بېقىشنىڭ قۇلى قىلىۋالغان. ئۇلارنىڭ خىزمىتى پەقەت جان بېقىش ئۈچۈنلا خىزمەت قىلىدۇ، ئۆزى بولسا شۇ خىزمەتنىڭ قۇلىغا ئايلانغان. مۇنداق كىشىلەردە، ئىگىلىك تىكلەشتىن گەپ ئاچقىلى بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ قورسىقى تويسا، ئاتا قانداق بۇلار دېگەننى ئويلاپمۇ قويمايدۇ. بىز خىزمەتنى توغرا چۈشىنىشىمىز، ئۇنىڭغا توغرا مۇئامىلە قىلىشىمىز كېرەك. خىزمەت بىزنىڭ ئەمەلىي پائالىيىتىمىز، باشتىن-ئاخىرى ئۆزىمىزنى ئىپادىلەش جەريانىمىز، ئۆزىمىزنى كۈچەيتىش جەريانىمىز ھەمدە ھەقىقىي مەنىدىكى ئۆزىمىزنى مەيدانغا كەلتۈرۈش جەريانىمىزدۇر. دېمەك، ئۇ بىزنىڭ كىشىلىك قەدىر-قىممىتىمىزنى، نام-ئابرۇيىمىزنى، ئىجتىمائىي ئورنىمىز ۋە ئىقتىسادىي كىرىمىمىزنى بەلگىلەيدۇ. دېمەك، ئۇ بىۋاسىتە بىزنىڭ قانداق بولۇشىمىزنى بەلگىلەيدۇ. دېمەك، خىزمەت بىزنىڭ ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان نەرسىلىرىمىزنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. شۇڭلاشقا، خىزمەت ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشىمىز، ئۇنى ئۆزىمىزنى مەيدانغا كەلتۈرۈشتىكى مۇھىم ۋاسىتە قىلىشىمىز كېرەك. شۇڭلاشقا، خىزمەت قىلىشقا سەل قارىماسلىقىمىز، ئۇنى ئۆز ھەرىكىتىمىز ۋە ئادىتىمىزگە ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك.
4. ئىگىلىك تىكلەش ئۈچۈن بىر ئىقتىسادىي كاللىغا ئىگە بولۇش ئىنتايىن مۇھىم.
ئادەتتە ئىگىلىك تىكلەش تىلغا ئېلىنسىلا، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ بېشىنى ئاغرىتىدىغىنى ئىقتىساد بولۇپ چىقىدۇ، ئەمما بىر ئىقتىسادىي كاللا توغرىلىق ئويلىنىدىغان كىشىلەر تولىمۇ ئاز ياكى يوق دېيەرلىك. چۈنكى، ھەممە كىشى ئىقتىساد توپلاشنىڭ كويىدا يۈرسە، ئۇنداق «قاپاق كاللا» نى ئويلىغىلى چولا نەدە؟!
بىزنىڭ بۇ يەردە تەۋسىيە قىلىدىغىنىمىز، ئىقتىسادى ئەمەس، بىر مۇنەۋۋەر ئىقتىسادىي كاللىدۇر. ئىقتىسادىي كاللا ئالتۇن تۇخۇم تۇغىدىغان توخۇغا ئوخشايدۇ. مۇنداقچە، ئېيتقاندا، ئۇ ئەڭ ئىشەنچلىك بانكىدۇر. بىز ھەممىمىز مەيلى ئاز بولسۇن ياكى كۆپ بولسۇن ئىقتىساد-پۇلغا ئېرىشىمىز، كۆزنى ئېچىپ يۇمغۇچە كۆپ پولنىڭ ئىگىسىمۇ بولۇپ قالىمىز، ئەمما ئەتىسى قارىسا، قاق سەنەم بولۇپ كەتكەن... مانا بۇ كاللىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ھەقىقىي «ئىقتىسادىي كاللا»ىنىڭ ئۆلگەنلىكىنىڭ ئالامىتىدۇر. «ئىقتىسادىي كاللا»ىسى ئۆلگەن كىشىدە ئىقتىساد باشقۇرۇش ئېڭى بولمايدۇ ياكى بولغاندىمۇ بار بىلەن يوقنىڭ ئارىسىدا بولىدۇ. «ئىقتىسادىي كاللا»سى بار ئادەم «نۆل» دەسمايىگە تايىنىپ، زور ئىقتىسادقا ئىگە بولالايدۇ. ماھىيەت جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، «ئىقتىسادىي كاللا»ىغا ئىگە ئادەمنىڭ ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى ئۆزىنىڭ قولىدىكى ئىقتىساد بىلەن باشقىلارنىڭ قولىدىن ئىقتىسادتىن ئىبارەت. ئۇلار ئالدى بىلەن ئۆز ئىگە بولغان ئىقتىساد بىلەن ئورۇندىغىلى بولىدىغان ئەڭ ياخشى لايىھىنى تاماملايدۇ. ئاندىن، بۇ لايىھە ئارقىلىق دان چاچىدۇ، مانا ئىقتىساد مۇشۇنداق توپلىنىدۇ. چۈنكى، بەز يېمەيدىغان مۈشۈك يوقتەك، دان يېمەيدىغان قۇشقاچمۇ يوقتە!
5. ئىگىلىك تىكلەش ئۈچۈن قابىل باشقۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇش ئىنتايىن مۇھىم.
باشقۇرۇش بىر خىل سەنئەت بولۇپلا قالماستىن، يەنە بەلكى بىر ئىلىمدۇر. ئۇ بىر كىشىدىن نۇرغۇن نەرسىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئىگىلىك تىكلەش جەريانى باشقۇرۇشتىن ئايرىلالمايدۇ. ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر ئىقتىساد باشقۇرۇشى، خادىم باشقۇرۇشى، كۈندىلىك خىزمەتكە يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك. يەنە ئۇلار بۇنىڭدىن باشقا باشقۇرۇش دائىرىسىگە ياتىدىغان نۇرغۇن ئىشلارغا رەھبەرلىك قىلىشى كېرەك. ئىگىلىك تىكلىگۈچىنى بىر كاپىتان دېسەك، ئۇنىڭ پاراخوتنى كۆزلىگەن نىشانغا يەتكۈزۈش جەريانىدىكى ئۇنىڭ باشقۇرۇش ئىقتىدارى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. دېمەك، ئۇنىڭ كېچىككىنە دېۋەڭلىك بىلەن قىلىپ قويغان ھەرىكىتىمۇ ئۇنى قەدەمدە بىر پاراخوتنى ھالاكەت قوينىغا باشلىشى مۇمكىن. شۇڭا، ئىگىلىك تىكلىگۈچى باشقۇرۇش ئىلمىگە سەل قارىماسلىقى كېرەك.
6. ئىگىلىك تىكلەش ئۈچۈن بازارنى ئانالىز قىلىش ئىقتىدارى بولۇش تولىمۇ مۇھىم.
ئىگىلىك تىكلەش قانداقتۇر بىر دۆۋە پۇلنى تىكلەپ قويۇش بولماستىن، ئۇ ئۆز ئىجادىي ئەمگىكىگە تايىنىپ، باشقىلارنىڭ مەلۇم ئېھتىياجىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ، بازارغا مەھسۇلات سېلىش ۋە شۇ ئارقىلىق كىرىمگە ئىگە بولۇش ۋە ئۆز گەۋدىسىنى تېخىمۇ زورايتىش جەريانىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن كىشىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى بايقاش، ئۇنىڭ بازاردىكى تەلىپىنى ئىلمىي مۆلچەرلەش ۋە شۇنىڭغا قارىتا ئەتراپلىق لايىھە تۈزۈپ، ئۇنى دال ۋاقتىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن بازارنى ئانالىز قىلىش ئىقتىدارى ئىنتايىن مۇھىم. بازار بىر سەھنە، بىز بۇ يەردە ئۆز مەھسۇلاتىمىز ئارقىلىق ئۆزىمىزنى نامايەندە قىلىمىز، بىزنىڭ ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتىمىز جەزمەن باشقىلارنىڭ ئېھتىياجىنى ئاساس قىلىشى، رىقابەت يوشۇرۇن كۈچىگە، تەرەققىيات ئىستىقبالىغا ئىگە بولۇشى كېرەك. شۇنداق بولغاندا، بىزنىڭ ئىگىلىكىمىز تېز تىكلىنىدۇ ۋە تېز زورىيىدۇ.
خاتىمە: ئىگىلىك تىكلەش نەتىجە ئەمەس، بەلكى ئۇ بىر جەريان. باشقىلارنىڭ قىزىقىدىغىنى سىز ئىگىلىك تىكلىگەندىن كېيىنكى مەنزىرە، ھەرگىزمۇ سىزنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىمىزدىكى جەزىرە ئەمەس. سىزنىڭ ئەڭ ئەھمىيەت بېرىدىغىنىڭىز مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش جەريانى، بۇ جەرياندا قەدەمنى خاتا ئالمىسىڭىزلا، نەتىجە سىز ئويلىغاندىن كۆپ يىراقلاپ كەتمەيدۇ. يۇقىرىدىكىلەر سىزنىڭ پايدىلىنىشىڭىز ئۈچۈن سۇنۇلدى. ئەلۋەتتە، ئىگىلىك تىكلەش ئىلمىنىڭ مۇقىم قېلىپى ياكى بىۋاسىتە يولى يوق. ئۇ سىزنىڭ يەنىلا شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈشىڭىزنى تەلەپ قىلىدۇ. ئېسىڭىزدە بولسۇن، ئۇ بىر جەريان، ئۇ خىرىس ۋە پۇرسەتكە تولغان مۇرەككەپ جەريان!
مەنبەسى : نۇر تورى
http://www.nur.cn/html/news/19087.shtml