مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 7480|ئىنكاس: 117

سادىر پالۋان مەقبەرىسىگە زىيارەت ( يېقىنقى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

كۆرۈنگەن تاغ يىر

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3983
يازما سانى: 1066
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 10062
تۆھپە نۇمۇرى: 389
توردا: 4480 سائەت
تىزىم: 2010-7-14
ئاخىرقى: 2013-9-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-24 02:03:40 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەسسالام ئەلەيكۇم ، مىسرانىم ئەھلى ....

سادىر پالۋان مەقبەرىسى غۇلجا ناھىيسىنىڭ موللاتوخىتىيۈزى يېزىسىغا جايلاشقان ، بۇلتۇر بۇرادەرلىرىمىز بىلەن بىرگە مەرھۇمنىڭ قەبرىسىنى يوقلىغاچ زىيارەتتە بولدۇق ، شۇ سەۋەپ بەزى سۆرەتلىك ماتىرياللارنى سىلەرگە سۇنماقچىمەن ، كۆرگەچ مەرھۇمنىڭ روھىيغا ئاتاپ دۇئا قىلىپ قويارسىلەر ...( بەزى سۆرەتلەر ياخشى تارتىلماي قاپتۇ، ئەيىپكە بۇيرىمىغايسىلەر )


مانا بۇ سادىر پالۋان مەقبەرىسىنىڭ چوڭ دەرۋازىسى



بۇ دەرۋازىدىن كىرىپلا سول تەرەپكە قارىساق سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ بۇ بىغىشلىمىسىنى كۆرىمىز




بۇ بېغىشلىمىنىڭ يىنىدىلا ، پالۋاننىڭ بۇ رەسىمى قويۇلغان ( خېلى ياخشى سىزىلىپتۇ ھە )




ئازراق ئىچكىرلەپ ماڭساق يولنىڭ ئوڭ تەرىپىدە پالۋانغا ئائىت ماتىرياللار ساقلانغان مەخسۇس بىر ئۆي بار، بۇ ئۆيگە كىرىپلا ئالدى بىلەن كۆزگە چېلىقىدىغىنى پالۋاننىڭ بۇ ھەيكىلى ( ئاغىنەمنىڭ قولى پالۋاننىڭ مۆرىسىدە تۇرامدۇ نېمە، ھەيكەلنى يالغۇز تارتىۋالمىغىنىمغا پۇشايمان قىلدىم )





بۇ ئۆينىڭ ئىچىدە پالۋانغا ئائىت بۇ سۆرەتلەرنى كۆرگىلى بولىدۇ



بۇ ئاستى ئۈستى ئىككى پارچە رەسىمنى بەك ياقتۇرۇپ قالدىم







قوۋۇرغا پىچاق بولدى ئەمەس قوغۇنۇم پىچاق بولدى






يەنە بۇ تارىخى سۆرەتلەرمۇ بار ئىكەن









بۇلاردىن سىرىت يەنە بۇ نەرسىلەرمۇ ساقلىنىۋىتىپتۇ ...

بۇ سۆڭەكنىڭ بېشىغا قىستۇرۇلغان خەتنى ئوقىيالىدىڭىزمۇ ؟




يېقىنلىتىپ بىرەي ئەمدىچۇ ؟ نېمىنى ھىس قىلدڭىز ؟ تەسىراتىىڭىزنى سۆزلەپ باقامسىز؟














يەنە بۇ قىممەتلىك يادىكارلىقلارمۇ بار

چۈشەندۈرگچىنىڭ ئىيتىشىچە بۇ پالۋان ئىشلەتكەن ئوق مىشەكلەر ئىكەن




بۇ پالۋاننىڭ قىلىچىنى بىلىگەندە ئىشلەتكەن بىلەي تېشى ئىكەن



بۇنى مەن دىمىسەممۇ بىلىسىلەر ، بۇ پالۋان كىيگەن كىيىم



يەنە نۇرغۇن نەسىلەر بار ئىدى ، يوللاشقا بولماي قالدى ( ئارىسىغا مەن ۋە بۇرادەرلىرىم قىسىلىپ قالغان )

ئەمدى بۇ خاس ئۆيدىن چىقىپ مەقبەر تەرەپكە يول ئالايلى ، بۇ تار يولنىڭ ئىككى تەرىپىدە بۈككىدە ئالمىلىق باغ ۋە گۈل چىچەكلەر ئوراپ تۇرىدۇ ، يولنىڭ ئىككى يان تەرىپىدە پالۋاننىڭ ھايات ۋاقتىدا قاتقان قوشاقلىرى پۈتۈلگەن تاختلار قويۇلغان





مۇشۇ يولنى بويلاپ ماڭساق قەبرە ئالدىغا بارىمىز ( ماڭا ۋۇي ئاداش ، يول تېخى بار ...)



بۇرادەرلەر بۇ ئورۇندا بىر نەچچە پارچە سۆرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردۇق ....












يولنىڭ بويىغا بۇنداق گۈللەر ھۆپپىدە ئېچىلىپ تۇرۇپتۇ ، بۇ يەردىمۇ ...





بۇ گۈللۈكنىڭ قارشىدا ئالمىلىق ھەر خىل مىۋىلىك باغلار بار ....




مانا قەبرىنىڭ ئالدىغا كىلىپ قالدۇق ...

قەبرە دەرۋازىسى يىنىغا قويۇلغان پالۋاننىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى ( ئۇزۇن مۇددەت تۇرۇپ ، ئۇپراپ كىىتىپتۇ )





قەبرە دەرۋازىسىغا كەلدۇق ......




مانا بۇ سىز بايا كۆرۈشكە تەشنا بولغان مىللى قەھىرمانىمىز سادىر پالۋان مەقبەرىسىدۇر




بۇ يەردە پالۋانغا دۇئا قىلدۇق ، ئۇنى يوقلىدۇق ، ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمىتىزنى بىلدۈرۈپ خاتىرە سۆرەتلىرىگە چۈشتۇق ،
ئاخىردا كۆزىمىز قىيمىغان ھالدا پالۋان مەقبەرسىدىن ئاستا ئايرىلدۇق .... ئارلىقىزمىز يىراقلاشقانسىرى دىلىمىزدا كۆڭلىمىزدا پالۋانغا بولغان چەكسىز ھۆرمەت داۋاملىق ئۇلغايماقتا ، داۋاملىق كۈچەيمەكتە ئىدى .





بىز يەنە كېلىمىز بىزنىڭ ئەۋلادلىرىمىز سېنى داۋاملىق يوقلايدۇ ، سادىر ھېكايىسى سادىر قوشاقلىرى ئەۋلادىن ئەۋلادقا جاراڭلاپ تۇرغۇسى ......... تىنىچ ياتقېىن، ئۇلۇغ <<ئاللاھ >> ساڭا جەننەت ئاتا قىلسۇن .... ئامىن ~


مەنبە : ئۆزۈم

(رەسىملەرنىڭ خاسلىقنى ، تەبيىئيلىكىنى ساقلاش ئۈچۈن ھىچقانداق رەسىم تۈزەش قورالى ئىشلتىلمىدى )


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
Desni + 500 ئۆزۈم بارالمىغان بولساممۇ بارغاندەك بولد

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 500   باھا خاتىرىسى

شېرىن خىيالنىڭ ھەۋەسكارى بولغۇچە ، كۈرەشچان يىللارنىڭ ئىجادكارى بول .

ئەركەك !

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25474
يازما سانى: 3048
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 22911
تۆھپە نۇمۇرى: 366
توردا: 6865 سائەت
تىزىم: 2011-1-8
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-24 03:15:23 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆزەڭلارنىڭ رەسمىنى قستۇرغىچە  سادىر پەلۋان قوشاقلىرىنى قستۇرۈپ قويماپسىلەر تىمىنىڭ ئاستا تەرپىگە .

موزاينىڭ يۈگۈرىشى سامانلىققىچە !

كصشص كصشصگة مؤهت

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29944
يازما سانى: 969
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13678
تۆھپە نۇمۇرى: 561
توردا: 5821 سائەت
تىزىم: 2011-2-11
ئاخىرقى: 2014-10-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-24 03:33:23 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بۇنىڭ نىمىلىكىنى تازا بىلەلمىدىمغۇ؟
لىكىن بۇ تېمىڭىزغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمەن جۇمۇ؟بىزلەرگە ئۇ يەرنى زىيارەت قىلىش نىسىپ بولامدۇ بولمامدۇ؟شۇڭا مۇشۇ تېما ئارقىلىق كۆرۈۋېلىشمۇ بىز ئۈچۈن ناھايىتى ياخشى ئىش.

كصشصنص كصشصگة مؤهتاج قصلصشتصن خؤدا ساقلصسؤن
ئۇيغۇرش بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-24 06:01:21 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ياخشى دوست-بىباھا گۆھەر

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18074
يازما سانى: 775
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 11523
تۆھپە نۇمۇرى: 373
توردا: 2271 سائەت
تىزىم: 2010-11-19
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-24 08:05:04 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
غۇلجىدا تۇرۇپ  بوۋىمىزنىڭ قەبرىگاھىنى تاۋاپ قىلماپتىمەن. ئاللاھ خالىسا بۇيىل ئەتىيازدا كۆكلەمدە چۇقۇم بارىمەن.  رەھمەت سىزنىڭ خاتىرلىرىڭىزگە.   
  ئەجدادلارنىڭ تارىخى ئىزلىرىنى ئەسلەش، يادلاش بىزگە ئەنئەنە ۋە شەرەپ نومۇس تەربىيسى بېرىدۇ.  ئەجدادلارنىڭ ئۇنتۇش ۋە تونۇماسلىق نومۇس ۋە ھاقارەت.  
  بوۋىمىزنىڭ روھى ياشىسۇن@  سادىر پالگان بوۋىمىز  ئۇيغۇر يېقىنقى زامان تارىخىدىكى ئېنقىلابىي روھ ۋە دېھقانلار ئېنقىلابى روھىنىڭ بايراقدارى. بىز مىڭ يىللارچە بوۋىمىنى ئەسلەيمىز. ..

بىر قوشۇق تۇز بىر قازان ئاشقا تېىتىيدۇ. « كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرىسەن ئۆلمىگىنىڭ». « سۇغا سالساڭ سۇ كۆتۈرمەس مىسقال تۆمۈرنى، ئالتۇن بېرىپ ئېلىپ بولالماس قالغان كۆڭۈلنى». « لەيلىنىڭ جامالىنى كۆرۈشكە مەجنۇننىڭ كۆزى كېرەك»

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30135
يازما سانى: 945
نادىر تېمىسى: 9
مۇنبەر پۇلى : 45605
تۆھپە نۇمۇرى: 2387
توردا: 6534 سائەت
تىزىم: 2011-2-12
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-24 09:00:54 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نېمىلا بولمىسۇن، مۇشۇنداق ئەلسۆيەر ئوغلانلىرىمىز ئۈچۈن مۇشۇنچىلىك خاتىرە جاينىڭ ياسالغانلىقى ھەقىقەتەن  سۆيۈنگۈدەك ئىش! مەن 2004-يىلى بارغاندا خېلى كەڭ كۆلەمدە رېمونت قىلىنىۋاتقان ئىكەن. بۇنداق تارىخىي جايلار ھەققىدە بەلگىلىك چۈشەنچىگە ئىگە بولۇپ قويۇش ئەقەللىي مەجبۇرىيەت! بەلكىم  نەخ مەيداندىن بۇنداق قىممەتلىك  سۈرەتلەرنى تارىتپ خاتىرە قالدۇرىۋېلىش بارا-بارا تېپىلماس پۇرسەت بولۇپ قېلىشى مۇمكىن! ئەھمىيەتلىك تېمىڭىزدىن سۆيۈندۈم!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4577
يازما سانى: 260
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8975
تۆھپە نۇمۇرى: 399
توردا: 2239 سائەت
تىزىم: 2010-7-23
ئاخىرقى: 2012-12-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-24 10:01:38 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ ئەجرىڭىزنى زىيادە قىلسۇن قېرىندىشىم تولىمۇ سۆيوندۇم .
مەن بوۋامنىڭ ئىش ئىزلىرىنى ئويلىسام ئۆزەمنى گۇناھكاردەك ھىسقىلىمەن  [s:131]

ana tilimizni kadirlayli

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 21499
يازما سانى: 299
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7425
تۆھپە نۇمۇرى: 454
توردا: 1945 سائەت
تىزىم: 2010-12-9
ئاخىرقى: 2014-1-4
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-24 10:12:58 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نادىر تېمىڭىزغا رەھمەت، بۇندىن 10 يىل بۇرۇن غۇلجىغا بارغاندا سادىر پالۋان مەقبەرىسىگە بارغان ئىدۇق. يەنە بىر بېرىپ كۆرگەندەك تۇيغۇغا كىلىپ قالدىم.

ئاركادا بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-24 10:14:28 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

2-قەۋەت (jassur2) نىڭ يازمىسىغا

ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ئاركادا بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-24 10:23:59 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش