مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 680|ئىنكاس: 3

قەدىمكى ئۇزۇنتات بەگلىكى ۋە «ئۇزۇنتات» دې [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

يىپەك يولى مەڭگۈ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15628
يازما سانى: 264
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10746
تۆھپە نۇمۇرى: 1247
توردا: 201 سائەت
تىزىم: 2010-10-29
ئاخىرقى: 2015-2-10
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-24 06:00:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

مەمەتئابلا مەتسىدىق ، مۇھەممەدجان مۆمىن


دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ئويمانلىقنىڭ بىرى بولغان تارىم ئويمانلىقىنىڭ كۆلىمى تەخمىنەن 530 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىغا كۆلىمى تەخمىنەن 330 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان، قۇملىرى توختىماي كۆچۈپ تۇرىدىغان، دۇنيا بويىچە ئىككىنچى چوڭ قۇملۇق– تەكلىماكان قۇملۇقى جايلاشقان. تەكلىماكان قۇملۇقى توغرىسىدا ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭ كۆز ئالدىدا چەكسىز-پايانسىز چۆل-باياۋان نامايان بولىدۇ. يېقىنقى زاماندىكى چەت ئەل مەدەنىيەت قاراقچىلىرى «كىرسە چىقماس» دەپ تەرىپلەشكەن بۇ زېمىندا، بىزنىڭ ئەقىل-پاراسەتلىك، ئەمگەكچان، جاپاغا چىداپ ئىگىلىك يارىتىش روھىغا باي بولغان ئەڭ قەدىمكى ئەجدادلىرىمىز ياشىغان. دېھقانچىلىق، باغۋەنچىلىك، چارۋىچىلىق، قول-ھۈنەرۋەنچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىپ، مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 3-ئەسىردىن ئىلگىرى ئۆزلىرى پائالىيەت ئېلىپ بارغان بوستانلىق ۋادىلارنى ئاساس قىلىپ، شەھەر بەگلىكلىرىنى قۇرۇپ چىققان. ئاقسېپىل خارابىسى، ئۇزۇنتات خارابىسى، قارا دۆڭ خارابىسى، نىيە خارابىسى قاتارلىقلار ئەنە شۇ دەۋرلەردىكى ئەجدادلىرىمىز ھاياتىنىڭ ئىزناسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ئارخېئولوگلار، تارىخشۇناسلار نۇرغۇن تەكشۈرۈشلەرنى ئېلىپ بېرىش نەتىجىسىدە، خوتەن دەرياسى بىلەن كېرىيە دەرياسى ئارىلىقىدىكى قەدىمىي شەھەر خارابىلىقىنى خوتەن دەريا ئېقىنى بويىدىكى ئاقسېپىل مەركەز قىلىنغان رايون، دامىكو ئېقىن بويىدىكى تېترگرام، ئۇزۇنتات، دەندانئۆيلۈك مەركەز قىلىنغان رايون، كېرىيە دەرياسى بويىدىكى قارا دۆڭ مەركەز قىلىنغان رايوندىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ رايونغا بۆلدى. بۇ ماقالىدە تىلغا ئېلىنغان «ئۇزۇنتات» دامىكۇ ئېقىن بويىدا قەدىمكى دەۋرلەردە ياشىغان ئەجدادلىرىمىز تەرىپىدىن قۇرۇلغان شەھەر بەگلىكى بولۇپ، بۇ بەگلىكنىڭ جايلاشقان ئورنى ھەققىدە تۆۋەندىكىدەك خاتىرىلەر قالدۇرۇلغان.
غەربىي خەن سۇلالىسىنىڭ ئەلچىسى جاڭ چيەن بىرىنچى قېتىم (مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 138-يىلى) غەربىي يۇرتقا ئەلچىلىككە كېلىپ قايتقاندىن كېيىن، خەن ۋۇدىغا: «پەرغانە خەن سۇلالىسىنىڭ غەربىگە توغرا كېلىدىكەن… شىمالىدا كانگا، غەربىدە تۇخارستان، غەربىي جەنۇبىدا باكتېرىيە، شەرقىي شىمالىدا ئۇيسۇن، شەرقىدە دەندانئۆيلۈك، ئۇدۇن بار ئىكەن» دەپ مەلۇمات بەرگەن. جاڭ چيەن تىلغا ئالغان «دەندانئۆيلۈك»، «تارىخىي خاتىرىلەر» نىڭ 519-بېتىدە: «دەندانئۆيلۈك، ئۇزۇنتېتىر (( 弥غەربىي ئەلنىڭ قەدىمكى خانلىقلىرىدىن بىرى بولۇپ، مەنبەلەردە جۈمى (拘弥)، نىڭمى(宁弥) دەپمۇ يېزىلىدۇ. ئورنى كېرىيە دەرياسىنىڭ شەرقى، چىرىيە ناھىيىسىنىڭ شىمالىدا» دەپ ئىزاھلىغان. «خەننامە»دە: «ئۇزۇنتېتىر بەگلىكى –­ مەركىزى ئۇزۇنتېتىر شەھىرى، بۇ يەردىن چاڭئەنگە 9280 چاقىرىم كېلىدۇ. 3340 تۈتۈن، نوپۇسى 20 مىڭ 40 كىشى بولۇپ، ئەسكەرلىككە ياراملىقى 3540 نەپەر، بەگلىكتە بىر نەپەردىن نائىببەگ، ئوڭ-سول سەركەردە، ئوڭ-سول كاھىبەگ، ئوڭ-سول چەۋەندازلار بېگى، ئىككى نەپەر تىلماچ بېگى بار. شەرقىي شىمالدىن قورۇقچىبەگ مەھكىمىسىگە 3553 چاقىرىم كېلىدۇ. جەنۇبى چىرا، شەرقىي شىمالى كۈسەن، غەربىي شىمالى قۇم (ئاقسۇ) بىلەن تۇتىشىدۇ. غەربىدىن خوتەنگە 390 چاقىرىم كېلىدۇ. ھازىرقى نامى ئۇزۇنتات» دېيىلگەن. چيەنداۋ شىنىسى، ستەيىن (stein) نىڭ پائالىيىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق يازىدۇ: «ستەيىن 1900-يىلى ئوتتۇرا ئاسىيادا بىرىنچى قېتىملىق ئېكسپېدىتسىيىسىنى باشلىدى. خوتەنگە 96 كىلومېتىر يەردىكى (ئەمەلىيەتتە 160 كىلومېتىردىن كۆپرەك كېلىدۇ) دەندانئۆيلۈك (قەدىمكى ئۇزۇنتات بەگلىكى) خارابىلىقىدىن شۈەنزاڭ قاتارلىقلارنىڭ كىتابلىرىدا قەيت قىلىنغان ‹پىلىچىلىكنىڭ غەربكە تارقىلىشى ھەققىدىكى رىۋايەت› خاتىرىلەنگەن بىر پارچە مەشھۇر بېغىشلىما تاختىسىنى تېپىۋالغان.»
لى يىنپىڭ ئۇدۇن (لى يىنپىڭ، بۇ يەردە ھازىرقى خوتەن، لوپ، قاراقاش ناھىيىسىنىڭ دائىرىسىنى كۆزدە تۇتقان) پىلىچىلىكى ھەققىدە توختىلىپ: «ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايونى ئۇدۇن دۆلىتىدىن ناھايىتى يىراقتا بولۇپ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە پىلە ئۇرۇقىنى ئۇدۇنغا ساق ئەكىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىش مۇمكىن ئەمەس … مېنىڭچە، قوشنا دۆلەت دېگىنى يەنىلا ھازىرقى خوتەن ۋىلايىتى تەۋەسىدە … بۇ قوشنا ئەلنىڭ ئۇزۇنتات ئىكەنلىكى ئېھتىمالغا يېقىن. 1900-يىلى ستەيىن دەندانئۆيلۈك خارابىسىدىن بىر ياغاچ ئويما رەسىم تاپقان. دەندانئۆيلۈك، دەل ئۇزۇنتات بەگلىكى ئىچىدە ، ئەگەر ستەيىننىڭ قارىشى توغرا بولىدىغان بولسا، (ستەيىن، بۇ ياغاچ ئويما رەسىمنى مەلىكىنىڭ پىلە ئۇرۇقىنى ئېلىپ كىرگەنلىكىگە دائىر رەسىم، دەپ قارىغان) پىلىچىلىك تارقالغان ئەل ئۇزۇنتات بولۇشى مۇمكىن»، دەيدۇ.
ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن: «دەندانئۆيلۈكنىڭ جەنۇبىدىن 40 چاقىرىمدا ‹ئۇزۇنتېتى› (ئىلگىرىكى peyn) خارابىسى بولۇپ، ئۇمۇ سۇ يولىنىڭ قۇرۇپ قېلىشى بىلەن خاراب بولغان. بۇنىڭدىن باشقا دەندانئۆيلۈكتىنمۇ مۇقەددەم بولغان قۇم شەھەر، سودوم، گوموررىھا خارابىلىرى توغرىسىدا رىۋايەتلەر بار» دەپ يازىدۇ.
«تارىخىي خاتىرىلەر» ، «خەننامە» ۋە ئالىملارنىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا، «كېرىيە دەرياسى يەنى تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى جيەندېلى (建德力) ياكى ئۇزۇنتات دەرياسىنىڭ غەربىي يېنىدا ئۇزۇنتات دۆلىتى بولغان. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئۇدۇننىڭ گەنجۇ ئايمىقى، پېما، كەنچىڭ دەپ ئاتالغان. ماركوپولو ئۇنى پېين (peyn) ئوبلاستى دەپ ئاتىغان. ئۇنىڭ پايتەختى بولغان ئۇزۇنتات شەھىرى ياكى بېمۇ شەھىرى ھازىرقى چىرا ناھىيىسىدىكى كونا دامىكۇ دېگەن جاينىڭ شىمالىغا جايلاشقان». ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ يەكۈنىگە ئاساسلانغاندا، «دەندانئۆيلۈك ئەڭ شىمالدا، ئۇنىڭ جەنۇبىدىن 40 چاقىرىمدا ‹ئۇزۇنتېتى› بولغان». يىن چىڭ ئەپەندىنىڭ تەكشۈرۈشىگە ئاساسلانغاندا: «ئۇزۇنتاتنىڭ پايتەختى كونا دامىكۇ – ھازىرقى دامىكۇ يېزىسى تۇرۇشلۇق جاينىڭ شىمالىدىكى 10 كىلومېتىر كېلىدىغان تەكلىماكان قۇملۇقىغا جايلاشقان». دېمەك، ئۇزۇنتات بەگىلىكى «خەننامە» دە تىلغا ئېلىنغان غەربىي يۇرتتىكى ئەڭ دەسلەپكى 36 بەگلىكنىڭ بىرى بولۇپ، «ئۇنىڭ ئاستانىسى _ ئۇزۇنتات قەلئەسى (دەندانئۆيلۈك) ئىدى». جۇغراپىيىلىك ئورۇن جەھەتتىن ئالغاندا، «جەنۇبىي تەرىپى چىرىغا، شەرقىي شىمال تەرىپى كۈسەنگە، غەربىي شىمال تەرىپى قۇم(ئاقسۇ)غا تۇتاشقان» بولۇپ، دېھقانچىلىق، باغۋەنچىلىك، چارۋىچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇشقا باپ كېلىدىغان كەڭ بىپايان بوستانلىققا جايلاشقان. ئۇزۇنتاتنىڭ «تۈتۈن سانى 3340، نوپۇسى 20 مىڭ 40، خىل ئەسكىرى 3540 نەپەر» بولۇپ، نوپۇسى، ئەسكىرىي كۈچى، زېمىنى جەھەتتىن ئالغاندا، نوپچان (نوپۇسى 1750، ئەسكىرى 500 نەپەر)، كروران (نوپۇسى 14 مىڭ 100، ئەسكىرى 2912 نەپەر)، نىيە (نوپۇسى 3360، ئەسكىرى 500 نەپەر)، رۇڭلۇ (نوپۇسى 1610، ئەسكىرى 300 نەپەر)، ئۇدۇن (نوپۇسى 19 مىڭ 300، ئەسكىرى 2400 نەپەر)، يەكەن (نوپۇسى 16 مىڭ 373، ئەسكىرى 3049 نەپەر)، سۇلى (نوپۇسى 18 مىڭ 64، ئەسكىرى 2000 نەپەر) قاتارلىق (بۇ يەردىكى سانلىق مەلۇماتلار «غەربىي يۇرتنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتى توغرىسىدا ئىزدىنىش» ناملىق كىتابنىڭ 145-، 146- بەتلىرىدىن ئېلىندى) بەگلىكلەردىنمۇ چوڭ ھەم كۈچلۈك بولۇپ، تارىم ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبىي قىرغىقى بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇراتتى.
ئۇزۇنتات بەگلىكىنىڭ نامى مەتبۇئاتلاردا ئاساسەن «ئۇزۇنتات» ، «ئۇزۇنتېتىر» ، «ئۇزۇنتاتىي»، «ئۇزۇنتېتى» دەپ ئېلىنىۋاتىدۇ. «ئۇزۇنتات» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى ھەققىدە توختالغاندا، ئالدى بىلەن بۇ بەگلىك قۇرۇلغاندىن باشلاپ «ئۇزۇنتات» دەپ ئاتالغانمۇ ياكى بۇ بەگلىكنىڭ قەدىمكى جايلىرى نورمال سۇ بىلەن تەمىنلەشنىڭ كاپالىتىگە ئىگە بولماسلىقى، قۇم- بوران ئاپىتى ۋە باشقا ئىجتىمائىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن تاشلىنىپ قېلىپ، ئاھالىلەر شىمالدىن جەنۇبقا كۆچكەندىن كېيىن، «ئۇزۇنتېتىر» دەپ ئاتالغانمۇ؟ دېگەن مەسىلىنى ئېتىبارغا ئېلىشىمىز لازىم.
دەرۋەقە، بىزنىڭ قولىمىزدا يۇقىرىقى مەسىلىنى ئىسپاتلاپ بېرىدىغان بىرەر پارچە يازما ھۆججەت يوق. شۇنداقتىمۇ بۇ بەگلىكنىڭ تارىختىكى ئورنى، تارىخىي تەرەققىياتى، بۇ جايدا ياشىغان قەدىمكى ئەجدادلىرىمىزنىڭ ياراتقان مەدەنىيىتى، «ئۇزۇنتات»، «ئۇزۇنتېتىر» دېگەن سۆزلەرنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى، تۈرك تىلى، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا ئۆز مەنىسى بويىچە ساقلىنىپ قېلىشى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئېتىبارغا ئالساق، بىرىنچىدىن، بۇ بەگلىك قۇرۇلغاندىن باشلاپ «ئۇزۇنتات» دەپ ئاتالغان. ئىككىنچىدىن، بۇ بەگلىكنىڭ قەدىمكى جايلىرى تاشلىنىپ قېلىپ، ئاھالىلەر شىمالدىن جەنۇبقا كۆچكەندىن كېيىن، ئاندىن «ئۇزۇنتېتىر» دەپ ئاتالغان، دېگەن يەكۈنىنى چىقىرىشقا بولىدۇ. ئەگەر بىز ئىككىنچى خىل قاراش بويىچە، يەنى بۇ بەگلىكنىڭ قەدىمكى جايلىرى تاشلىنىپ قالغاندىن كېيىن «ئۇزۇنتېتىر» دەپ ئاتالغان دەپ قارىساق، ئۇنداقتا «ئۇزۇن» نىڭ مەنىسى «ئۇزۇن»، «ئۇزاق»، «بويىغا – ئالدىغا قاراپ سوزۇلغان»، «مۇساپىسى يىراق» ، «ئۇزۇن يول» دېگەنلىك بولىدۇ. مۇھەممەت رېھىم سايىت ئەپەندى نەشرگە تەييارلىغان «ئېرىق بىتىگ» دېگەن ماقالىدە، «تېتىر- (ئېسىل نەسىللىك) بۇغرا مەن» دەپ چۈشەندۈرۈلگەن. «ئېرىق تېتىگ» ياكى «پال كىتابى»، قەدىمكى تۈرك يېزىقىدا يېزىلغان ۋە بىزگە يېتىپ كەلگەن بىردىنبىر كىتاب. دېمەك، «ئېرىق بىتىگ» دىكى يەشمىگە ئاساسلانغاندا، «تېتىر» دېگەن سۆز قەدىمكى تۈرك تىلىدا «ئېسىل» ياكى «ئېسىل نەسىللىك» دېگەن مەنىدە قوللىنىلغان. بۇنىڭغا ئاساسەن، «ئۇزۇنتېتىر» دېگەن سۆزگە «يىراقتا قالغان ئېسىل بايلىق» دەپ تەبىر بېرىشكە بولىدۇ. چۈنكى بۇ بەگلىكنىڭ قەدىمكى جايلىرىنى ئەينى ۋاقىتتا چىرا دەرياسى، نۇرى دەرياسى، كېرىيە دەرياسى سۇ بىلەن تەمىنلىگەن. بۇ،سۈيى مول، تۇپرىقى مۇنبەت، دېھقانچىلىق، باغۋەنچىلىكنى راۋاجلاندۇرۇشقا مۇۋاپىق كېلىدىغان زېمىن ئىدى. ھازىرقى زامان كىشلىرىنىڭ كۆز ئالدىدا نامايان بولغاندەك، «يىراقتىكى گىياھ ئۈنمەيدىغان قاقاسلىق» ئەمەس ئىدى. ئەگەر بۇرۇنمۇ «گىياھ ئۈنمەيدىغان زېمىن» ئىدى دېيىلسە، قەدىمكى زاماندىكى ئەجدادلىرىمىز بۇ جايدا ياشىمىغان بولاتتى. ئەجدادلىرىمىز دەريا ئېقىنىنىڭ قىسقىرىشى نەتىجىسىدە، سۇ بىلەن تەمىنلەشنىڭ كاپالەتكە ئىگە بولماسلىقى ۋە ئىجتىمائىي داۋالغۇش تۈپەيلىدىن، تەدرىجىي ھالدا شىمالدىن جەنۇبقا كۆچكەن. بۇنىڭ بىلەن ئۇلار قەدىمدە پائالىيەت ئېلىپ بارغان جايلار تاشلىنىپ قالغان. يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇلار شىمالدىن جەنۇبقا كۆچكەندىن كېيىن، ئەجدادلىرى ۋە ئۆزلىرى ياراتقان ئېسىل مەدەنىيەت، ئەجدادلىرىنىڭ تۇپراق بېشى، ئۆزلىرىنىڭ كىندىك قېنى تۆكۈلگەن زېمىن تاشلىنىپ قالغان. شۇڭا، جەنۇبقا كۆچكەن كىشىلەر ئەجدادلىرىنىڭ ئېسىل مەدەنىيەت مىراسلىرى، ئەجدادلىرى ياشىغان تۇپراقنى قەدىرلەش، ياد ئېتىپ تۇرۇش يۈزىسىدىن، ئۇ جايلارنى «ئۇزۇنتېتىر» دەپ ئاتىغان، دېگەن يەكۈننى چىقىرىشقا بولىدۇ.
ئەمما بىز، بۇ بەگلىكنىڭ نامىنى يەنىلا «ئۇزۇنتات» دەپ ئېلىشنى توغرا دەپ قارايمىز. «ئۇزۇنتات»، ئۇيغۇرچە سۆز بولۇپ، «ئۇزۇن» نىڭ مەنىسى، «ئۇزاق»، «ئۇزۇن»، «بويىغا– ئالدىغا قاراپ سوزۇلغان»، «مۇساپىسى يىراق»، «ئۇزۇن يول» دېگەنلىك بولىدۇ. «تات»نىڭ مەنىسى، «پۇقرا»، «يات ئۇرۇق پۇقراسى» دېگەنلىك بولىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن، «ئۇزۇنتات» دېگەن سۆزگە، «ئۇزۇن يولدىكى ئەل» دەپ تەبىر بېرىشكە بولىدۇ. چۈنكى بۇ، «ئۇزۇنتات» بەگلىكنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنى ۋە غەربىي يۇرتنىڭ قەدىمكى زامان تارىخىدا تۇتقان ئورنىغا ماس كېلىدۇ.
1988-يىلىدىن باشلاپ ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئورنى، دۆلەت ئىچىدىكى ئالاقىدار مۇتەخەسسىس، ئالىملار، ياپونىيە، فرانسىيە، شۋېتسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئالىملىرى ھەمكارلىشىپ، «قەدىمكى تەكلىماكاندىكى ئىنسانلار پائالىيىتى ئەڭ گۈللەنگەن رايون – كېرىيە دەرياسى، نىيە دەرياسى ۋە ياۋا توڭگۇز دەرياسىدا كۆپ قېتىم نۇقتىلىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، تارىم ئويمانلىقىدا بۇنىڭدىن 5000- 6000 يىللار ئىلگىرى ئىنسانلار ياشىغان» دېگەن يەكۈننى ئوتتۇرىغا قويدى. بىز مۇھاكىمە قىلىۋاتقان ئۇزۇنتات بەگلىكى، دەل قەدىمكى تەكلىماكاندىكى ئىنسانلار پائالىيىتى ئەڭ گۈللەنگەن رايونلارنىڭ بىرى بولغان كېرىيە دەرياسى ۋادىسىغا جايلاشقان. شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈش زۆرۈركى، ئۇزۇنتات بەگلىكىنىڭ قاچان قۇرۇلغانلىقى توغرىسىدا قولىمىزدا ئېنىق بولغان يازما ھۆججەت يوق، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇزۇنتات بەگلىكىنىڭ قەدىمكى خارابىلىرىدا ئومۇميۈزلۈك ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلمىدى. لېكىن، يىن چىڭ ئەپەندى، قەدىمكى خوتەن ۋادىسى توغرىسىدا توختىلىپ: «مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 3-ئەسىر ئەتراپىدا، سۇ بويىغا يانداش ئولتۇراقلاشقان ئىنسانلار چوڭ-كىچىكلىكى ئوخشاش بولمىغان قەلئەلەرنى بەرپا قىلغان»، دەپ يازىدۇ.
ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندى: «تارىم ئويمانلىقىدا، مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى 10-ئەسىرلەردىن كېيىن، بىر قانچە شەھەر دۆلىتى ۋۇجۇدقا كەلگەن.» («تارىمدىن تامچە»، 550-بەت) دەيدۇ. بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، ئۇزۇنتات بەگلىكى مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 10-ئەسىردىن مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 3-ئەسىرگىچە بولغان ئارىلىقتا تارىم ئويمانلىقىدا قۇرۇلغان ئەڭ قەدىمكى بەگلىكلەرنىڭ بىرى ئىدى، دەپ قاراشقا بولىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن ئالغاندا، ئۇزۇنتات بەگلىكى نىيە، چىرا، ئۇدۇن، قۇم، كۈسەن قاتارلىق بەگلىكلەردىن يىراقتا بولۇپ، «خەن دەۋرىدە تەكلىماكاننىڭ جەنۇب-شىمالى ئوتتۇرىسىدىكى تۆت قاتناش لېنىيىسىنىڭ بىرى بولغان كۈسەن-ئۇزۇنتات قاتناش يولى» بويىغا جايلاشقان. ئۇنىڭ ئۈستىگە، قەدىمكى ئۇزۇنتات بوستانلىقىدا ياشىغان ئىنسانلار دەريا ئېقىنىنىڭ يۆنىلىشى بويىچە جەنۇبتىن شىمالغا سوزۇلغان بوستانلىقلاردا پائالىيەت ئېلىپ بارغان. شۇڭا، بۇ بەگلىكنىڭ نامىنى «ئۇزۇنتات» دەپ ئېلىشنى، «ئۇزۇنتات» سۆزىگە «ئۇزۇن يولدىكى ئەل» دەپ تەبىر بېرىشنى مۇۋاپىق، دەپ قارايمىز.
«ئۇزۇنتات» دېگەن سۆزنىڭ ئۆز مەنىسى بويىچە ساقلىنىپ دەۋرىمىزگە يېتىپ كېلىشى، بۇ جايدا ياشىغان قەدىمكى ئاھالىلەرنىڭ قانداقتۇر «پارسلار» ئەمەسلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
يۇقىرىدا، بىز يار بەرگەن ئىمكانىيەت ئاساسىدا قەدىمكى زاماندىكى ئۇزۇنتات بەگلىكىنىڭ جايلاشقان ئورنى، تارىختىكى نامى توغرىسىدا قىسقىچە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ ئۆتتۇق. مۇلاھىزىدە سەۋەنلىك كۆرۈلگەن بولسا، كەسىپداشلارنىڭ تۈزىتىش بېرىشىنى ھەمدە بۇ ساھەدىكى تەتقىقاتنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

http://uyghur.xjass.com/uyghur/lishisuo/content/2008-06/10/content_12527.htm

ياردەم مەزمۇنى

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15872
يازما سانى: 2203
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 22056
تۆھپە نۇمۇرى: 952
توردا: 10072 سائەت
تىزىم: 2010-11-1
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-24 07:32:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خەۋەرلەندۇرگىنىڭىزگە رەھمەت.

ھەربىر تىنغان تى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6922
يازما سانى: 1941
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13672
تۆھپە نۇمۇرى: 723
توردا: 3012 سائەت
تىزىم: 2010-8-19
ئاخىرقى: 2014-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-24 08:13:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تارىخنى بىلىش قىممەتلىك  .... يوللاپ تۇرۇڭ

ئالدىمغا ئالەمچە خۇشاللىق كەلسىمۇ كۈلىمەن .ئالەمچە خاپىلىق كەلسىمۇ كۈلىمەن ،چۈنكى دۇنياغا كىلىشممۇ يىغا ،كىتىشىممۇ يىغا ، پەقەت مىنىڭ مەۋجۇتلۇقۇملا  كۈلكە.

ياردەم مەزمۇنى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4175
يازما سانى: 1388
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10770
تۆھپە نۇمۇرى: 562
توردا: 6900 سائەت
تىزىم: 2010-7-17
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-24 08:59:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يىپەك يولى ئەپەندىم سىزنىڭ مۇشۇنداق قىمەتلىك ئەسەرلەرنى يولۇشىڭزغا تەشنامەن

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش