مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 367|ئىنكاس: 0

تەقدىر يولىدا تەدبىر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مىھرىبان ئانام 

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32274
يازما سانى: 506
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5242
تۆھپە نۇمۇرى: 213
توردا: 6010 سائەت
تىزىم: 2011-3-1
ئاخىرقى: 2012-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-25 02:14:57 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                           تەقدىر يولىدا تەدبىر

تەقدىر مەسلىسىنى چۈشنىشتە نۇرغۇن خاتا كۆز قاراش ۋە خاھىشلار  ئوتتۇرغا چىققان .تەقدىر ئەقىدىسىدە قەدەرىيلەر ۋە جەبەرىيلەرنىڭ خاتاكۆز قارشىنى ئەمەس ،بەلكى يۇقۇردا بايان قىلىپ ئۆتكەن ئەھلى سۈننەت ۋە جامائەت ئەقىدىسىدىكى ئىككى دائىرە ئاساسىدا چۈشنىشنى تەقدىر ئەقىدىمىزنىڭ مىزانى قىلىشىمىز كىرەك .ھەممە ئشنى تەقدىردىن كۆرۈش، ھورۇنلۇق ،ئىرادىسىزلىكتەك ئۆزىدىكى  كەمچىلىكلەرنى مەسئۇلىيەتتىن قېچىپ تەقدىرگە ئارتىش ،ياخشىلىقنى قولغا كەلتۈرۈش ،يامانلىقتىن ساقلىنىش ئۈچۈن سەۋەپ قىلماي ،تىرىشماي بىرچەتتە قول قويۇشتۇرۇپ تۇرۇش ،چارە تەدبىر قىلماي ،<<ئۈجمە پىش ئاغزىمغا چۈش >>دەپ يېتىشتەك ئىسلام روھىغا يات بولغان بۇنداق ناچار خاھىشلارنى بىز تارىختىلا ئەمەس ،بۈگۈكى كۈندىمۇ ئەتراپىمىزدا ئېچىنىش ۋە ئەپسۇزلىنىش بىلەن كۆپۈپ تۇرىمىز .
ئۆمەر ئىبىنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دەۋرىدە بىر ئوغرىنى ئۆمەر ئىبىنى خەتتابنىڭ ئالدىغا ئەكەپتۇ .ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ :<<نىمىشقا ئوغۇرلۇق قىلدىڭ ؟>>دەپ سورىغان ئىكەن ،ئوغرى :<<ئاللا تائالا پېشانەمگە شۇنداق قىلىشىمنى پۈكۈپتىكەن >>دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ .ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئوغۇرنىڭ قولىنى كېسىپ يەنە دەررە ئۇرۇشقا بۇيرۇپتۇ .ئەتراپتىكىلەر ئەجەپلىنىپ :<<قولنى كېسىشقۇ ئوغۇرلۇقنىڭ جازاسى ئۈچۈن يەنە نىمىشقا دەررە بىلەن ئۇرىدۇ ؟>>دىيىشىپتۇ .ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ :<<قولنى كېسىش ئوغۇرلۇق قىلغانلىقى ،دەررە بولسا ئاللاھقا يالغاننى چاپلىغانلىقى ئۈچۈن >>دەپتۇ .
ئۆمەر ئىبىنى خەتتاب مەدىنىدىن شامغا يۈرۈش قىلىپ سەرىغ دىگەن جايغا كەلگەندە شامدا ۋابا تارقالغانلىقى ،نۇرغۇن كىشلەرنىڭ ئۈلۈپ كېتىۋاتقانلىقى ھەققىدە خەۋەر كەپتۇ،    ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ داۋاملىق يۈرۈش قىلىپ شامغا كىرىش ياكى كەينىگە قايتىپ كېتىش ھەققىدە ساھابىلەر بىلەن مەسلىھەتلىشىپ ،قايتىپ كېتىش قارار قىلىنىپتۇ .ساھابىلەر ئەبۇ ئۇبەيىد جەرراھ :<<ئى ئۆمەر !ئاللاھنىڭ پۈتكەن قەدرىدىن قاچامسەن ؟>>دىگەندە ئۆمەررەزىيەللاھۇ ئەنھۇ :<<مۇشۇ گەپنى سەندىن باشقا بىرى دىسە ئەجەبلەنمەس ئىدىم.شۇنداق ، ئاللاھنىڭ قەدرىدىن يەنە ئاللاھنىڭ قەدرىگە قاچىمىز .ئەگەر بىر كىشى دەريا ۋادىسىغا بارسا ،دەريانىڭ بىر تەرپى ئوتلاق ،يەنە بىر تەرپى گىياھ ئۈنمەس قاقاس يەر بولسا ئوتلاقتا پادىلىرىنى باققان كىشىمۇ ئاللاھنىڭ تەقدىرى بىلەن ،قاقاس يەردە پادىلىرىنى باققان كىشىمۇ ئاللاھنىڭ تەقدىرى بىلەن باققان بۇلىدۇ >>دەپ جاۋاپ بەرگەن .ساھابە ئابدۇ راھمان ئىبىنى ئەۋف رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆمەر ئىبىنى خەتتاپقا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋابا تارقالغان جاي ھەققىدە ئېيىتقان :<<ئەگەر ۋابا تارقالغان جايدا بولساڭلار ،ئۇ يەردىن چىقىپ كەتمەڭلار ،ئەگەرباشقا يەردە بولساڭلار ۋابا تارقالغان جايغا بارماڭلار >>دىگەن ھەدىسنى يەتكۈزگەندە ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ناھايتى خۇشال بولغان .ھەدىستە  ئۆمەررەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆزىنىڭ توغرا تەقدىر ئەقىدىسى بىلەن ھەممە خىل ھالەتنىڭ ئاللاھنىڭ ھۆكۈم قىلغان ئىلمى ئەزەلىدە مەمۇملۇق بولغان تەقدىرى ئىكەنلىكىنى ،ۋابا كېسىلىگەدۇچ كېلىشتەك تەقدىر ئالدىدا ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ،تەدبىر قىلىشمۇ ئاللاھنىڭ تەغدىرى ئىكەنلىكى ،پادىلىرىنى قاقاس يەردىن ئوتلاققا يۆتكىگەن كىشىنىڭ ئاللاھنىڭ بىر خىل تەقدىرىدىن يەنە بىرخىل تەقدىرىگە يۆتكىلدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن .ئەمەليەتتە ئۆمەر رەزىيەللاھۇنىڭ ۋابادىن ھەزەر ئەيلەپ شامغا كىرمىگەنلىكى ئاللا تائاللانىڭ <<ئۆزۈڭلارنى ھالاكەتكە تاشلىماڭلار >>{سۆربەقەرە195- ئايەت }ئايىتىنىڭ رىئاللىقتا جانلىق تەدبىقلىنىشى ئىدى .
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەممە ئىشلىرىدا سەۋەپ تەدبىر قىلاتتى جەڭگە ئاتلىنىشتىن ئىلگىرى قوشۇنلارنى پۇختا تەييارلىق قىلدۇراتتى .قارشى تەرەپنىڭ ئەھۋالىنى بىلىپ كېلىش ئۈچۈن خەۋەرچىلەرنى ئەۋەتەتى شەھەر ئەتراپىغا خەندەك كولىتىپ ،ئوقياچىلارنى جايلاشتۇراتتى .ساۋۇت دۇبۇلغا كىيىپ جەڭگەكىرەتتى يىراق جايلارغا سەپەرگە چىقىشتىن ئىلگىرى ھەمرالىرىنىڭ ئوزۇق -تۈلىكىنى ئالدىن -ئالا تەييارلايتى ئۆيدىكىلەرگە تاكى كەلگۈچە يەتكۈدەك يىمەك -ئىچمەك جايلاپ بېرەتتى ھەرگىزمۇ تەقدىرنى باھانە قىلىپ ،ئاسماندىن رىزىق چۈشۈشنى تىلەپ ئولتۇرمايتى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كېسەل بۇلۇپ قالغاندا ساقىيىش ئۈچۈن داۋا قىلاتتى ھەم ساھابىلانىمۇ شۇنداق قىلىشقا بۇيرۇيتى <<ئاللاھ تائالا ھەر قانداق بىر كېسەلنى داۋاسى بىلەن قوشۇپ ياراتقان >>دىگەن ھەدىسنى ئۆز ئەمەليىتىدە كۆرسىتەتى .بىر كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھوزورىدا :<<ئى رەسۇلۇللاھ ،! ھەر نەرسە تەغدىر بىلەن بولسا ،كېسەلگە داۋا قىلىشنىڭ نىمە لازىمى ؟>>دەپ سورىغاندا ،پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام :<<كېسەلگە داۋا قىلماقمۇ تەقدىردىندۇر ،ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن داۋا پايدا قىلىپ كېسەل شىپالىق تاپىدۇ >>،دەپ جاۋاپ بەرگەن
تەقدىرگە شەكسىز ئىمان ئېيتىش ،ئاللاھ تائالا بۇيرىغان ئەمەللەرنى قىلىش ،شۇ جۈملىدىن ھەرقانداق ئشنى تىرشىپ ئشلەپ چارە -ئامال قىلىش ،سەۋەپ قىلىپمۇ ئالدىنى ئالالمىغان ئشلاردا ئاللاھنىڭ ھۆكىمىگە رازى بۇلۇش ،غەيىپ مەسىللەردە شەك شۈبىھىگە ،ئىنكار قىلىشقا ئېلىپ بارىدىغان بىھۇدە زىغىرلاشتىن ساقلىنىش ئەھلى سۈننەت ۋە جامائەنىڭ تەقدىر مەسلىسىدىلا ئەمەس ،بارلىق ئەقىدە ۋە شەرىئەت ئەھكاملىرىدا تۇتقان يولى ئىدى شۇنداقلا بىزنىڭ ئۈلگە قىلىشىمىزغا ئىزىنى بېسىشىمىزغا ئەرزىگۈدەك ئېسىل ئۆرنەك ئىدى .تەقدىرگە ئىمان ئېيتىش ئېسان ھاياتىنىڭ ھەر-بىر كارتىنىلىرىدا ئۆزىنىڭ تەڭداشسىز مۆجىزىدار كۈچىنى نامايەن قىلىدۇ ،ئىنساننى پەرۋەردىگاھى بىلەن مەھكەم باغلاپ ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلىقىنى ،كائىناتتىكى ماس بىرلكنى ھېس قىلدۇرۇپ ئىنسانغا سەۋىر ئۈمۈت ۋە خاتىرجەملىك بېغىشلايدۇ .

مەنبە :__ نەزىرە مۇھەممەت سالىھنىڭ (شەرىق يۇلتۇزلىرىنى ئىزلەپ) ناملىق كىتابى

 ئۇستاز ئۈگىتەلمىگەننى مۇھتاجلىق ئۈگىتىدۇ.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش