مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 61300|ئىنكاس: 264

بوزقىر:ئالىمجان،ساقىلىڭىزغا رەھمەت   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8197
يازما سانى: 844
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 40014
تۆھپە نۇمۇرى: 766
توردا: 7253 سائەت
تىزىم: 2010-8-28
ئاخىرقى: 2015-2-12
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-25 12:58:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

            ئالىمجان،ساقىلىڭىزغا رەھمەت
مىسرانىم مۇنبىرىدىن بوزقىر يازمىسى
                       بوزقىر



2010-يىلى يۇرتىمىزغا دائىر ئاخبارات خەۋەرلىرى ئىچىدە ئۇيغۇر كاۋاپچى ئالىمجاننىڭ«جۇڭگونى تەسىرلەندۈرگەن 10 شەخىس›»نىڭ بىرى بولۇپ باھالىنىپ ،قىزىق نۇقتىلىق ئاخبارات شەخىسكە ئايلانغانلىقى ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

   ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك ئالىمجان گۇيجۇ ئۆلكىسىنىڭ بىجيې شەھېرىدە سەككىز يىل كاۋاپچىلىق قىلىپ تاپقان 100مىڭ يۇەندىن ئارتۇق پۇلنى شۇ يەردىكى ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار 100دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىنىڭ خاتىرجەم ئوقۇشىغا ئىئانە قىلغان ۋە شۇ يەردىكى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش مۇكاپات پۇلى تەسىس قىلغان.شىنخۇا ئاخبارات تورىنىڭ بۇ ھەقتە تارقاتقان ئاخباراتىدىن مەلۇم بولۇشىچە،ئۇ بىر زىق كاۋاپتىن كۆپ بولغاندا ئۈچ موچەندىن ئىككى موچەنگىچە  پايدا ئالالايدىكەن ،ئۇنىڭ ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار 100دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىنىڭ خاتىرجەم ئوقۇشىغا ئىئانە قىلغان100مىڭ يۇەندىن ئارتۇق پۇلنى تېپىشى ئۈچۈن 300مىڭ زىقتىن ئارتۇق كاۋاپ سېتىشىغا توغرا كېلىدىكەن.دەرۋەقە بۇ كىشىدىن ئاجايىپ سەۋىرچانلىق،چىدام،كەڭ قورساقلىق تەلەپ قىلىدىغان جاپالىق ئىش.تېلېۋىزورلاردا كۆرسىتىلىشىچە ئالىمجان بۇ نىشانغا يېتىش ئۈچۈن كۇرۇشكىغا قاتتىق ناننى سېلىپ ئۈستىگە قايناق سۇ قۇيۇپ ئىچىپ شۇنچە ئاددىي ساددا ياشاپتۇ.ھەتتا ئۇنىڭ ئىجارە ئالغان ئۆيىدىمۇ قولغا چىققۇدەك مال-مۈلكىنىڭمۇ تايىنى يوقكەن.

ساخاۋەتلىك كاۋاپچى ئالىمجاننىڭ ئىش-ئىزلىرى ئاخبارات ۋاستىلىرىدا تارقىتىلغاندىن كېيىن جەمئىيەتتە كۈچلۈك تەسىر قوزغىدى.جۈملىدىن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۇنشىيەنمۇ ئۇنىڭغا ئاتاپ بىر بېلەت تاشلىدى ۋە ئۇنى قوبۇل قىلىپ بارماقلىرىنى بارماقلىرىغا تەككۈزۈپ تۇرۇپ ،ئۇنىڭ بېلەن دوسىت بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇجى جاڭ چۇنشىيەن يەنە ئۇنىڭغا ئۆز يېنىدىن 10مىڭ يۈەن چىقىرىپ ،5مىڭ يۈەننى ئۇنىڭ توي ئىشىغا ئىشلىتىشىنى ،قالغان 5مىڭ يۇەننى ئانىسىغا بېرىپ قويۇشنى تاپىلىدى.

دوستلۇققا يارايدىغان جاڭ چۇنشىيەن شۇجى گېپىدە تۇرۇپ ئالىمجانغا ھەر جەھەتتىن غەمخورلۇق قىلىشنى توختاتمىدى.2011-يىلى 2-مارىت ئالىمجان پىچانلىق «كروران گۈزىلى»پاتىگۈل بىلەن توي قىلغاندا پىچان ناھىيسىنىڭ ھاكىمى پەرھات قادىرمۇ تويغا كەلدى.جاڭ چۇنشىيەن تويدىن خەۋەر تېپىپ ئۇنى تەبرىكلىدى ھەم 11-مارت كۈنى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنۋرسىتتىنى پۅتتۅرۅپ بېيجىڭدا تۇرۇۋاتقان؛ئۇيغۇرچە،رۇسچە،خەنزۇچە،ئىگلىزچە ناخشىلارنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئېيتىش بېلەن نام چىقىرىۋاتقان شىنجاڭلىق ياش رۇس  ناخشىچى ئابلىز.نې نى مەخسۇس تەكلىپ قىلىپ بېيجىڭدا «ئىككى يىغىن»غا قاتنىشىۋاتقان ۋەكىللەرگە «ياخشى بالا ئالىم»دېگەن ناخشىنى ئېيىتتقۇزۇپ ئالىم روھىنى پايتەختتە تەشۋىق قىلدى... كىشى قەلبىنى ھاياجانغا سالىدىغان بۇنداق كارتېنىلار تالاي كۆزلەردىن ھاياجان ياشلىرىنى تۆككۈزمەي قالمىدى.

ئالىمجاننىڭ ھېكايىسى دەرۋەقە جەمئىيەتتە نۇرغۇن ئىجابىي تەسىرلەرنى قوزغىدى.ئۇ ھەقتىكى باھا-مۇنازىرلەر ھېلىھەم ئېغىزدىن ئېغىزغا كۆچمەكتە. بىر تورداشنىڭ ئىنكاسىدا يېزىشىچە، ئالىمجاننىڭ ئۆزىدىكى ئالىي جاناب روھ ۋە سېخىلىقى،ئاق كۆڭۈللۈكى ئارقىلىق ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى قىيىنچىلىقى بار خەنزۇ ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم قىلىش بەدىلىگە ئىچكىردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئوبرازىنى قايتا تىكلەشتە موھىم رول ئوينىغانلىقىنى توللۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپتۇ.شۇ تورداشنىڭ ئىنكاسىدىن قارىغاندا ،ئىلگىرى ئىچكى ئۆلكىلەرگە چىققان ئۇيغۇر يانچۇقچىلار ۋە زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىرىنىڭ قانۇنسىز قىلمىشلىرى تۈپەيلى ئۇيغۇرلار ئىچكىرىگە بارسا ياتاق ئالالمايدىغان،ئاپتوبۇسلاردا ئۇيغۇرلارنى كۆرسىلا سومكا ،يانچۇقلىرىغا ئاگاھ بولىدىغان ۋەزىيەت شەكىللىنىپ ئىچكىرىدە ئوقۇۋاتقان ۋە خىزمەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويۇپتىكەن.ئەمدى ئالىمجان بۇ ھالەتنى ئۆزگەرتىشتە موھىم رول ئوينايدىكەن.

ئالىمجاننىڭ پەزىلەت-خىسلەتلىرىدىن تارتىپ ھەممە تەرەپلىرىدە ئىجابىي گەپلەر بولۇندى.ئەمما بىرلا نەرسە باشقىلارنىڭ دىققەت نەزىرىدىن چۈشۈپ قالغاندەك قىلىدۇ.ئۇ بولسىمۇ ئالىمجاننىڭ ساقىلى.مەن بۇ ماقالەمدە مەخسۇس ئالىمجاننىڭ ساقىلى ھەققىدە توختالماقچى.

ئۇيغۇرلاردا «ئەر كۆركى ساقال،سۆز كۆركى ماقال»دەيدىغان ماقال-تەمسىل بار. ئالىمجان ئۆزىگە شۇنداق يارىشىملىق ساقال-بۇرۇت قويغان ھەقىقى ئۇيغۇر يىگىتلىرىنىڭ قىياپىتىنى نامايەن قىلىپ،بىزگە خۇددى «غېرىپ-سەنەم»كىنو-ئوپېراسىدىكى غېرىبنى ئەسلەتمەي قالمىدى.

ئۇيغۇر يىگىتلىرىدە ئالىمجاندەك ساقال-بۇرۇت قويۇش بىزنىڭ ئەنئەنىمىزدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقان بولسىمۇ ئەمما ھازىرقى زامانغا كەلگەندە بۇنداق قىياپەتتىكى يىگىتلىرىمىز بارغانسېرى ئازلاپ يوقنىڭ ئورنىغا چۈشۈپ قالدى.بۇنىڭ نۇرغۇن سەۋەبلىرى بولۇشى مۇمكىن.بۇنىڭ ئىچىدىكى ساقال-بۇرۇتلارغا قويۇلغان سېياسىي چەكلىمىنىمۇ چەتكە قاققىلى بولمايدۇ،ئەلۋەتتە.

   جەمئىيىتىمزدە بىمەھەل ساقال-بۇرۇتلارنىڭ سەزگۈر سىياسىي تۈس ئېلىپ ،شۇنداقلارنىڭ تالاي تالاپەت-ئاۋارىچىلىقلارغا يولۇققانلىقى ھەممىگە ئايدىڭ مەسىلىگە ئايلىنىپ قالدى.ساقال-بۇرۇت قويغانلاردىن بىھۇدە گۇمانلىنىش،ئۇلارنى مىللىي بۆلگۈنچى،تېرورچىلار بېلەن باغلاپ چۈشىنىش،ھەتتا ئۇنى سىياسىي تۈس ئالغان بۇيرۇق بويىچە چەكلەش قىلمىشلىرى ئەۋج ئېلىپ سەلبىي تەسىرلەرنى پەيدا قىلدى.

ئۇيغۇرلار جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىدىكى ئىسلام دىنىغائېتىقاد قىلىدىغان قانۇنلۇق گىراژدانلاردۇر.ئۇلارنىڭ ساقال-بۇرۇت قويۇشىنىڭ مەلۇم ئارقا كۆرۈنىشى ۋە ئاساسى يوق ئەمەس.ئىسلام ھەدىسلىرىدە مۆمىنلەرنىڭ ساقال قويۇشىنىڭ سۈننەت ئىكەنلىكى ئېنىق كۆرسىتىلگەن.مەسىلەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قانۇنلۇق نەشىر ئەفكارى بولغان مەركىزىي مىللەتلەر نەشىرىياتى 1988-يىلى بېيجىڭدا نەشىر قىلغان «سەھىھۇلبۇخارى جەۋھەرلىرى ۋە قەستەلانى شەرھى»ناملىق كىتابنىڭ 282-بېتىدە پاكىز،رەتلىك،يارىشىملىق ساقال-بۇرۇت قويۇش ھەققىدە مەزمۇنلار بېرىلگەن.ئىسلام شەرىئەتلىرىدىكى نۇرغۇن سۈننەت-ۋاجىپلار يىللارنىڭ ئۆتىشى بېلەن مىللىي ئۆرپ-ئادەتلەر تەركىبىدە ئۆزلىشىپ ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ تۇرمۇشىغا سىڭىپ كەتكەن.شۇڭا ساقال-بۇرۇت مەسىلىسىگە نوقۇل دىني نۇقتىدىنلا مۇئامىلە قىلىش بىر تەرەپلىمىلىكنى بىشارەتلەپ قويۇشى مۇمكىن.ئۇ يەنە قويۇق مىللىي ئۆرىپ-ئادەت تۈسىنىمۇ ئالغان.يەنە كېلىپ ساقال-بۇرۇتنى ئۆزى ئىسلام دىنىغا ئېتىقات قىلسىمۇ ئەمما ئىسلام دىنىدىكى سۈننەت-ۋاجىپلارنى بەجا كەلتۈرۈشتىن مۇستەسنا قالغان ھەتتا ئىسلام دىنىغا يات بولغان قەۋىمدىكىلەرمۇ قويىدۇ.ئەقەللىسى قىلچە دىنىي تۈس ئالمىغان ئاتېزىمچىلارمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس.

يەنە كېلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ساقال -بۇرۇت قويۇش ئادەتلىرى نوقۇل ئىسلام دىنى كىرگەندىن كېيىنلا پەيدا بولغان ئەمەس.ئوتتۇرا ئىقلىمنىڭ يىراق خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى تارىخىي ۋەسىقىلىرىدە ئوتتورا ئىقلىمنىڭ شىمالىدىكى بىپايان زمىندا ياشىعۇچى مىللەت( ھازىرقى شىنجاڭنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونلىرىدىكى تۈركىي قەۋىم)لەر”خۇ“)(胡لار دەپ ئاتالغان.بۇ يەردىكى”خۇ“)胡(لار ھازىرقى ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنىك مەنبەسىنى تەشكىل قىلغۇچى قەدىمكى،ھون،كېيىكى ئوغۇزلارنى كۆرسىتەتتى.ئۇنىڭ ئۈستىگە خەنزۇ تىلىدىكى ”خۇ“)胡(دېگەن سۆزنىڭ ئەسلى مەناسىمۇ ”ساقال-بۇرۇت“بېلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك.بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ساقال-بۇرۇت قويۇش ئادىتىنىڭ مىلادىدىن بۇرۇنلا ئومۇمىيلىشىپ بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.تاڭ سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندە ئوتتۇرا ئىقلىمنىڭ پايتەختى بولغان چاڭئەندە بىمەھەل ئۇيغۇرچە ياسىنىش،ئۇيغۇرچە غىزالىنىش ۋە ئۇيغۇرچە ناخشا-ئۇسۇل بېلەن مەشخۇل بولۇش تازا مودا بولغان.بۇ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ئۇيغۇرچەياسىنىش-كىيىنىشنىڭ موھىم تەركىبى قىسمى بولغان ساقال-بۇرۇت قويۇشنڭ مودا بولغانلىقىنىمۇ چەتكە قاقمايدۇ.



ئەمما،ساقال-بۇرۇت بۈگۈنكى كۈندە يۇرتىمىزدا گەرچە ئومۇميۈزلۈك بولمىسىمۇ ئەمما ئايرىم ئەھۋالدا ئەسلى دىن تەرىقەتچىلىرى بولمىش تالىبانلارنىڭ،مىللىي بۆلگۈنچىلەرنىڭ ھەتتا تېرورچىلارنىڭ بەلگۈسى قاتارىدا مۇئامىلە قىلىنىپ ،كەلسە كەلمەس گۇمانلىنىش،يەكلەش،كەمسىتىس،تىزىملاش،سۇراق قىلىش ھەتتا مەجبۇرىي يوسۇندا چۈشۈرگۈزۋېتىشتەك قىلمىشلار داۋاملىشىپ كەلمەكتە.

دۇرۇس ،تالىبانلارنى ئۆزئىچىگە ئالغان ئەسلى دىن تەرىقەتچىلىرى ۋە باشقابىرقىسىم قانۇنسىز دەپ قارالغان ئىسلام تەشكىلاتلىرىنىڭ ساھىبلىرى ساقال-بۇرۇتلۇق،ئابايىچە كىيىنگەنلىكى ئۈچۈنلا يۇرتىمىزدىلا ئەمەس يەنە ئېلىمىز ھەتتا دۇنيا مىقياسىدىمۇ شۇنداقلارغا ئالاھىدە سەزگۈر مۇئالىمە قىلىشنى شۇ رايونلارنىڭ ئامانلىقى،مۇقىملىقى ۋە ئاسايىشلىقى نۇقتىسىدىن توغرا چۈشەنمەي بولمايدۇ.

ئەمما،  ساقال بۇرۇت قويغانلار ۋە   ساقال-بۇرۇتلۇقلارنىڭ ھەممىسىنىڭلا مىللىي بۆلگۈنچى،تېرورچى بولۇپ كېتىشى ناتايىن .دۆلىتىمىزنىڭ تۈپ دۆلەت تۈزۈلمىسى سوتسىيالىزىم،كۆرەش غايىسى كومۇنىزىم.دۆلىتىمىز تېخى بۇ تۈپ دۆلەت تۈزۈلمىسىدىن ۋە كۇمۇنىزىم غايىسىدىن تەۋرەپ قالغىنى يوق.دەل شۇ سوتسىيالىزىم ۋە كۇمۇنىزىم ھەركىتىنىڭ دۇنياۋى پىشۋالىرى بولغان ماركىس،ئېنگىلىسلارنىڭمۇ شۇنداق كۆركەم ۋە ئۇزۇن بومبۇرساقال- بۇرۇتلىرى بولغانكەن.ئۇلارنىڭ دەسلەپكى غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان لېنىننىڭمۇ ساقال بۇرۇتى بولغان،سىتالىننىڭ ساقىلى بولمىغان بېلەن شۇنداق ياراشقان تولغىما بۇرۇتى بارئىدى.بىز ئەشۇ داھىلارنىڭ رەسىملىرىنى تاملارغا چاپلاپ،ئۇلارنىڭ ئىدىيە –نەزەرىيىلىرىنى ئۆگۈنۈشنى بىر كۈنمۇ توختىتىپ قويغىنىمىز يوق. بىزنىڭ نەزەرىمىزدە ئۇلار ساقال –بۇرۇتلۇق بولغانلىقى ئۈچۈنلا غەيرى ئېقىمدىكى كىشىلەر ئەمەس،بەلكى پۈتۈن دۇنيا پۇرولتارلىرىنىڭ ئۇلۇغ داھىلىرى،خەلقئارا كومۇنىزىم ھەركىتىنىڭ پىشۋالىرىدۇر.ئۇلارنىڭ ساقال-بۇرۇتلىرى دۇنياۋى كومۇنىزىم،سوتسىيالىزىم ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرسە سۈرگەنكى ئۇنىڭغا پۇتلىشىپ قالغان ئەمەس.

دۆلىتىمىزنى ئېلىپ ئېيىتساق،جڭگو ۋە دۇنيادا بىردەك«جۇڭگو مەدەنىيىتىنىڭ روھى»دەپ نام ئالغان بۈيۈك ئۆلىما كوڭزىنڭمۇ ئۇزۇن ساقىلى ۋە بۇرۇتى بولغان.مېڭزىدىن تارتىپ سىماچەنگىچە،ۋاڭ گوۋېيدىن تارتىپ لۇشۈنگىچە بولغان مەدەنىيەت سەركەردىلىرىنىڭ ھېچ بىرى كوسا ئەمەس ئىدى.‹‹جۇڭگونىڭ دۆلەت ئاتىسى››دەپ نام ئالغان سۇن جوڭشەننىڭمۇ بۇرۇتى بار ئىدى.ئۇزۇن سىناقلاردىن ئۆتكەن پىشقەدەم پۇرولېتارىيات ئىنقىلاپچىسى دوڭ بىۋۇمۇ ب د ت نىڭ قۇرۇلۇش يىغىنىغا ساقال-بۇرۇتى بېلەن بارغان.

جۇڭگونىڭ ئازاتلىقى ئۈچۈن قان كېچىپ كۆرەشكەن ،ھۆرمەتكە سازاۋەر داھى ۋە ماھىر دېپلومات جۇ ئېنلەيمۇ ئۇزۇن سەپەر ۋاقتىدا قويۇق ھەم يارىشىملىق قىلىپ ساقال-بۇرۇت قويغان.ئەڭ كەسكىن ئىنقىلاپچى خې لوڭمۇ بۇرۇتلۇق ئىدى.جۇڭگونىڭ رەسساملىق ساھەسىدىكى تەۋەررۈك ئۇستاز جاڭ داچىيەن ئەپەندىنىڭمۇ شۇنداق ئۇزۇن ساقال-بۇرۇتلىرى بولغان.



   تېخىمۇ ئەھمىيەتلىكى،2010-يىلى 11-ئايدا كوڭزى ھەزرەتنىڭ ساقال-بۇرۇتلىرى يەلپۈنۈپ تۇرغان بەردەم ھالەتتىكى نەچچە ئون گەز ئىگىزلىكتى ھەيكىلى بېيجىڭ شەھرىنىڭ ئەڭ ئاۋات مەركىزىي كوچىسى بولغان چاڭئەن كوچىسىدىكى دۆلەت مۇزىيىنىڭ ئالدىدا قەد كۆتۈرۈپ ،سۇن جوڭشەننىڭ بۇرۇتلۇق ھەيكىلىگە ھەمرا بولۇپ دۇنياغا يېڭى بىشارەتلەردىن شەپە بەرمەكتە.بۇ بىشارەتلەر ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ساقال-بۇرۇتنىڭ سىياسىي بىلەن،  بۆلگۈنچىلىك،تېرورلۇق  بېلەن       مۇناسىۋەتسىز بولۇپلا قالماي يەنە ئەكسىچە بۈيۈك بىرلىك،ئىتتىپاقلىق،ئىناقلىق،رەھىمدىللىك ۋە كەڭ قورساقلىقنى ئاساس قىلغان  دۇنياۋى ئېقىمغا ماسلىشىشتىمۇ كەم بولسا بولمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى.دېمىسىمۇ جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ رەھبىرىمۇ ساقال-بۇرۇتلۇق.جۇڭگونىڭ يېقىن دوستى بولغان كاستىرو،كازافېي،خۇجىمىن ۋە باشقا ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرىمۇ ئەنە شۇنداق .

  جۇڭگولۇقلارنىڭ ئەينى يىللىدىكى ياپونغا قارشى ئۇرىشىغا خالىس ياردەم بېرىش ئۈچۈن ئارىلىقنى يىراق كۆرمەي كانادادىن جۇڭگوغا كەلگەن دوختۇر بېتيۇننىڭمۇ ساقال-بۇرۇتى بار ئىدى.شۇنچە ئاددىي-ساددا ،سەمىمىي بولغان ئۇ كىشىنىڭ ساقال-بۇرىتىمۇ يولداش ماۋزېدوڭنىڭ «يولداش بېتيوننى خاتىرلەيمىز»ناملىق ھەممە كىشىگە يادا بولۇپ كەتكەن  ئۆلمەس ئەسىرىنى يېزىشىغا ۋە بۇ زاتنىڭ ھەيكىلىنى تۇرغۇزىشىغا ئازراقمۇ كاشىلاقىلمىغانغۇ

؟

           نەزىرىمىزنى يەنىمۇ يىراققا تىكىپ، بۇ مەسىلىگە دۇنياۋى نۇقتىدىن جاۋاب ئىزدىسەك ئالېكسادېر،ئارېستوتېل،شېكىسپىر،مېكىلانجىلو ،پائول قاتارلىق دۇنيانىڭ سېياسىي ،ئىجتىمائىي پەن ساھەسى شۇنداقلا دىن-ئىلاھىيەتشۇناسلىق ساھەسىدىكى ئالەمشۇمۇل مۇۋەپپەقىيەتلەرنى ياراتقان نى-نى ساقال-بۇرۇتلۇق گېگانىتلانى دېمىگەندىمۇ دۇنيا تېخنىلوگىيە ساھەسىدە ئالەمشۇمۇل نەتىجىلەرنى يارىتىپ،ئىنسانىيەتكە غايەت زور  تۆھپە ئاتا قىلىپ، ئۇلارنىڭ مۈشكىلاتلىرىنى كۆپ ئاسانلاشتۇرغان تەبىئىي پەن ئالىملىرىدىن :دۇنيادا تۇنجى مەتبە تېخنىكىسىنى كەشىپ قىلغۇچى گۇتېنبېرگ،نىسبىلىك نەزەرىيىسىنىڭ ئىجاتچىسى ئېينىشتىيىن،تۇنجى بولۇپ ئىنېرىتسىيە قانۇنى ۋە تېلېسكوپنى كەشىپ قىلغۇچى گالىلېي،تەدرىجى تەرەققىيات نەزەرىسىنىڭ ئاساسچىسى دارۋىن،ماكسېۋىل تەڭلىمىسى ۋە ئېلىكتروماگنتىزمنىڭ ئاساسىي قانۇنىنى كەشىپ قىلغۇچى ماكسېۋىل،ئايرۇپىلان ئىجات قىلغان چوڭ رايىت،دۇنيادا ناركوز قىلىشنى تۇنجى ئوپراتسىيىدە قوللانغان ۋىليام مورتون،تېلېفوننى كەشىپ قىلغان ئالېكساندېر بېل،تۇنجى دۋېگاتېلنى ياسىغان ئوتتو، xنۇرىنى بايقىغان  رېنتگېن، سەييارىلەرنىڭ ھەركەت قانۇنىنى بايقىغان كېپلېر...قاتارلىق تەبئىي پەن ئالىملىرىنىڭ ھەممىسىلا ساقال-بۇرۇتلۇق ئالىملار ئىدى.ئۇلارنىڭ بۇ ئالەمشۇمۇل مۇۋەپپەقىيەتلىرى ساقال-بۇرۇتنىڭ ئىلىم-پەن تەتقىقاتىغا ، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا قىلچە پۇتلاشمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلاشقا يېتەرلىك پاكىت بولالايدۇ.

   تاڭ سۇلالىسى ھاكىمىيىتىدە 40يىل ئەمەل تۇتۇپ تاڭ سۇلالىسىنى بىرلىككە كەلتۅرۅش ۋە تىنجىتىش ئىشلىرى ئۅچۅن تۉھپە قوشقان چۆبە قالى،گۅزەل تەڭرى تېغىغا مۇھەببەت باغلاپ  «چېگرا ناخشىسى»نى يازغان مەشھۇر شائىر لى بەي،«غەرىبكە ساياھەت خاتىرلىرى»نى يازغان يوللىغ چۇسەي،يۇەن دەۋرىدىكى«تېرىقچىلىق-پىلىچىلىك ئاساسلىرى »دېگەن كىتابنى يازغان ئۇيغۇر ئاگرانوم تۆمۈر تۈۋرۈك،چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە شىنجاڭغا سۅرگۈن قىلىنغان داڭلىق ئەدىب،كاتولوگشۇناس،دەلىلشۇناس ئۆلىما جى شاۋلەن،تۇرپاندىكى سۇلايمان ۋاڭ مۇنارىنىڭ ئالدىدىكى ۋەتەنپەرۋەرلىك روھ نامايەن قىلىنىپ ھەيكىلى تىكلەنگەن ئىمىن خوجىا،  غۇلجا ناھىيىسىنىڭ قاش دەرياسى ئېغىزىغا ھەيكىلى تىكلەنگەن ۋەتەنپەرۋەر مىللىي قەھرىمان لىن زېشۈ،ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش يولىدا ھاياتىنى تەقدىم قىلغان قۇمۇل ۋاڭى- مۇھەممەت بېشىر چىڭۋاڭ (لىيۇ چاڭمىڭ،جۇ شۇەنلەر تۈزگەن «شىنجاڭ تارىخىدىكى مەشھۇر شەخىسلەر»دېگەن كىتابنىڭ 4-قىسمىنىڭ110-بەتتىن 116-بەتكىچە قارالسۇن)  لارنىڭ ھەممىسى ساقال -بۇرۇتلۇق مەشھۇر زادلار ئىدى.ئۇلارنىڭ بەزىلىرى يۇرتىمىزدىن ئوتتۇرا ئىقلىمغا برىپ تۆھپەقوشسا، بەزىلىرى ئوتتۇرا ئىقلىمدىن يۇرتىمىزغا كلىپ تۆھپە قوشقانلاردۇر.ئۇلاردىكى ساقال-بۇرۇتمۇ ھېچ قاچان مىللەتلەر ئارا ئىتتىپاقلىققا،بىر پۈتۈنلۈكنى ساقلاش ئىرادىسىگە،مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشقا،ئۆزئارا ياردەم بېرىش روھىغا توسالغۇ بولۇپ باققان ئەمەسقۇ؟


    يەنەئۆزىمىزدىن ئېلىپ ئېيىتساق ئۇلۇغ،توغرا،شەرەپلىك جۇڭگو كۇمىنىستىك پارتىيىسىنى چىن قەلبىدىن ھېمايە قىلىپ،مۇرەككەپ ۋەزىيەت ۋە چىگىش مەسلىلەر ئالدىدا قىلچە ئىككىلەنمەي كومپارتىيە بېلەن بىر سەپتە تۇرۇپ شىنجاڭنى تېنىچ يول بېلەن ئازات قىلىشقا كۈچ قوشقان، شىنجاڭنىڭ ئازادلىقتىن كېيىنكى تۇنجى رەئىسى بۇرھان شەھىدىنىڭمۇ بۇرۇتى بارئىدى.داھىي ماۋزېدوڭنىڭ تونۇشتۇرىشى بېلەن جۇڭگو كومۇنىستىك پارتىيىسىگە ئەزا بولغان ،كومۇنىستىك پارتىيىنىڭ توغرا رەھبەرلىكىدە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بېلەن بىر سەپتە سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىشىغا رەھبەرلىك قىلىغان دۆلەت رەھبىرىمىز سەيپىدىن ئەزىزىنىڭمۇ بۇرۇتى بار ئىدى.ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىغانكى،مەيلى بۇرھان شەھىدى بولسۇن ياكى سەيپىدىن ئەزىزى بولسۇن ئۇلارنىڭ بۇرۇتى ھېچقاچان ئىدىيە ۋە ھەركەتتە باشتىن ئاخىر جۇڭگو كومۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي كومېتىتى بېلەن بىردەكلىكنى ساقلىشىغا پۇتلىكاشاڭ بولغان ئەمەس.   

ھەتتا ، كېرىيەلىك ساقاللىق بوۋاي قۇربان تۇلۇمنىڭ ئەينى يىللىرى خورجىنىغا قوغۇن سېلىپ ئېشەك بېلەن بېيجىڭغا بېرىپ داھى ماۋزېدوڭنى يوقلىماقچى بولغانلىقىدەك كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان بۇ ھېكايىنىمۇ پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلىدۇ. بۇنىڭدىن قۇربان تولۇمدەك ئاق كۆڭۈل،سەمىمى،كەڭ قورساق ئۇيغۇر خەلقىنىڭ گەرچە ساقال-بۇرۇتى بولسىمۇ ئەمما ھلىھەم تېخىمۇ ساپ،تېخىمۇ كۈچلۈك ،تېخىمۇ چوڭقۇر مېھرى مۇھەببىتى بېلەن   داھىلارنى ،كومپارتىيىنى ھېمايە قىلىدىغانلىقىنى ، سۆيىدىغانلىقىنى ،ساداقەتنىڭ ساقال-بۇرۇت بېلەن ئۆلچەنمەيدىغانلىقىنى،ئۇنىڭ بېلەن مۇناسىۋەتسىز ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغانلىقىنى كۆرۈۋېلىش مۇمكىنغۇ؟  خوتەن شەھرىنىڭ خەلق مەيدانىغا تىكلەنگەن داھى ماۋزېدوڭ بېلەن قۇربان تولۇمنىڭ سەمىمىيلىك يېغىپ تۇرغان ھالىتىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان ھەيكەل بۇنىڭ ئىپادىسى ئەمەسمۇ؟


رېئاللىقىمزغا قارىساقمۇ، مەملىكەت بويىچە ئارمىيىنى ھېمايە قىلىش نەمۇنىچىسى بولغان كۇچا ناھىيە ئاغۇ يېزىسىنىڭ لەنگەر كەنتىدىكى 70نەچچە ياشلىق قادىر باقى بوۋايمۇ شۇنداق چىرايلىق ،سىپتا ساقال بۇرۇتلىرى بېلەن باش شۇجى،دۆلەت رەئىسى ،ھەربىي ئىشلار كومېتېتىنىڭ رەئىسى خۇجىنتاۋنىڭ سەمىمىي قوبۇل قىلىشىغا مۇيەسسەر بولدىغۇ؟ساقال-بۇرۇت بۇ بوۋاينىڭ  خۇ جىنتاۋ جانابلىرى بېلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشىشىگە ۋە شۇنچە يىللاردىن بېرى ئارمىيىنى ھېمايە قىلىشقا دائر شۇنچە ئەھمىيەتلىك ئىشلارنى قىلىشىغا ئازراقمۇ پۇتلاشماپتىغۇ؟



كۆز ئالدىمىزدىكى رېئاللىقنى مىسالغا ئالغىنىمىزدا، ئالىمجان ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ھەركىتى بېلەن بۇ جەھەتتە يەنە بىر قېتىم ئەڭ ياخشى جاۋاپ قايتۇردى.ئالىمجاننىڭ ساقىلىمۇ ئۇنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۇچەيتىش،قىيىنچىلىقى بارلارغا مىللەت ئايرىماي ياردەم قىلىش،ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈشتەك ئالىي جاناپ روھىغا ھېچقانداق سەلبىي تەسىر كۆرسىتەلمىدىغۇ؟

دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومېتىتغا قاراشلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقى ژۇرناللىرى نەشىرىياتىدىكى بىر مەكتەپدىشىم ۋە سابىق خىزمەتدىشىمنىڭ دەپ بېرىشىچە ،ئۇ پايتەختتىكى بىر قېتىملىق چوڭ پائالىيەتكە قاتنىشىپتۇ.پائالىيەت ئاخىرىدا دۆلەت رەھبەرلىرى ھەر قايسى مىللەت ۋەكىللىرى بېلەن رەسىمگە چۈشمەكچى بوپتۇ.ئەمما، مىللىي پۇراقنى ئىپادىلەيدىغان كەيپىياتنى گەۋدىلەندۈرۈش مەقسەت قىلىنغان بۇ خاتىرە رەسىمگە مىللىيچە كېيىنگەن ۋە تۇرقىدىن مىللىي ئالاھىدىلىك گەۋدىلەنگەن مىللىي يولداشلارلا مۇيەسسەر بولالاپتۇ.مەكتەپدىشىمنىڭ قويۇققىنا بۇرۇتى شۇ قېتىم ئەس قېتىپ ئۇنى ئالدىنقى رەتتە تۇرۇپ دۆلەت رەھبەرلىرى بېلەن رەسىمگە چۈشۈش پۇرسىتىگە ئېرىشتۈرۈپتۇ.2004-يىلى بيجىڭدا ئۇيۇشتۇرۇلغان مەركەزگە بىۋاستە قاراشلىق ئاخبارات ئورۇنلىرىنىڭ تايانىچ خادىملىرىنى تەربىيلەش كۇرسىغا قاتناشقان ۋاقتىمدىمۇ مەن دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ بۇھەقتىكى قاراشلىرىنىڭ قانۇن بېلەن بىردەكلىككە ئىگە ئىكەنلىكىنى  ھېس قىلىپ يەتكەنىدىم.مەن ئۇ يەردە ساقال- بۇرۇت قويىۋالغان،رەڭگارەڭ مىللىيچە كىيىنىۋالغان نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ بىمالال روھى ھالىتىنى  كۆرۈپ ھەيران قالغانىدىم.

دېمەك،بىزنىڭ دۆلەت قانۇنى ۋە پارتىيمىزنىڭ مىللىي سېياسەتلىرىدە ساقال-بۇرۇتلارنى چەكلەيدىغان ماددا ۋە مەزمۇنلاريوق.ئەكسىچە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى»،«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ  مىللىي تېرىتورىيىلىك ئاپتونومىيە  قانۇنى »ۋە جۇڭگو كۇمىنىستىك پارتىيىسىنىڭ مىللىي سېياسەتلىرىنىڭ ھەممىسىدىلا جۇڭگودىكى مىللەتلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ قانۇن ئالدىدا باپ-باراۋەر ئىكەنلىكى،مىللەتنىڭ چوڭ-كىچىك يۇقۇرى-تۆۋەن دەپ ئايرىلمايدىغانلىقى،ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆز مىللىي تىل-يېزىقىنى ئىشلىتىش،مىللىي ئۆرىپ ئادەتلىرىنى ساقلاپ قېلىش،راۋاجلاندۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكى،ئۇنى ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخىسنىڭ ھەرقانداق ۋاستە بېلەن چەكلەش ۋە بوغۇشىغا بولمايدىغانلىقى  قانۇنلاشقان ماددىلار بويىچە ئېنىق چۈشەندۈرۈلگەن.بۇنىڭدىن ساقال-بۇرۇتى بارلارنى سۈرۈشتۈرۈش،تىزىملاش،سوراق قىلىش،مەجبۇرىي چۈشۈرگۈزىۋېتىشنىڭ ھېچقانداق قانۇنىي ئاساسىنىڭ يوقلىقى مانا مەن دەپ چىقىپلا تۇرۇپتۇ.مۇبادا ساقال-بۇرۇت راستىنلا سېياسىي مەسىلىگە ،ۋەتەننىڭ بىرلىكىگە ،مۇقىملىققا چېتىلىدىغان ئىش بولسا ئۇلۇغ ۋەتەننىڭ بۈيۈك بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئىزچىل پۇتلىكاشاڭ بولۇپ كېلىۋاتقان تەيۋەندىكى يۇقۇرى قاتلام سېياسىي ئەرباپلىرىنىڭ ئېڭىكىنىمۇ بىر قېتىم سىلاپ بېقىشقا توغرا كېلىدۇ.

ئالدىنقى يىللاردا توردا مۇنداق بىر تېما كۈچلۈك مۇنازىرە قوزغىدى: كۇچا ناھىيىسىنىڭ مەلۇم يېزىسىدىكى مەكتەپكە ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسىدىن رەھبەرلەر تەكشۈرۈشكە بېرىپتۇ.دەرىسخانىنىڭ تېمىغا چاپلانغان مەھمۇت قەشقەرىينىڭ ساقال-بۇرۇتلۇق،سەللىلىك رەسىمىنى كۆرگەن ئىدارىنىڭ خەنزۇ رەھبىرى قاتتىق خاپا بولۇپ، رەسىمنى يۇلۇپ ئېلىپ پۇرلاپ تاشلاپتۇ.بىر چەتتە تۇرغان ئۇيغۇر مۇپەتتىش يەردە پۇرلاقلىق تۇرغان رەسىمنى تېپىپ يىراقلارغا ئاپىرىۋېتىپتۇ.ئەمەلىيەتتە ئەشۇ جانابىي رەھبەرلەر مەھمۇت قەشقەرىنىڭ ساقال-بۇرۇتى بېلەن ماركىس،ئېنگىلىس،لېنىن،سىتالىنلارنىڭ ساقىلىنى ئوخشاش كۆرمىگەن.ھېچ بولمىغاندا مەھمۇد قەشقەرىنىڭ ساقىلىنى ياقتۇرمىغان ياكى ئۇنى سېياسىيلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنغان.مەھمۇت قەشقەرى راستىنلا ئۇلار ئويلىغاندەك سېياسىي جەھەتتىن ئەندىشە قىلىپ كەتكۈدەك ئادەممۇ؟مۇنداقچە ئېيىتقاندا، بۇ كىشى مىللىي بۆلگۈنچى ياكى تېرورچىمۇ؟

لىيۇ چاڭمىڭ،جۇ شۇەنلەر تۈزگەن «شىنجاڭ تارىخىدىكى مەشھۇر شەخىسلەر»دېگەن كىتابنىڭ 2-قىسمىدا مەھمۇت قەشقەرى سىزغان يۇمۇلاق شەكىلدىكى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ جۇغراپىيىلىك خەرىتىسى ھەققىدە مۇنداق يېزىلغان:«مەھمۇت قەشقەرى شىمالىي جۇڭگودىكى لىياۋ سۇلالىسىنى ‹چىن›،ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى سوڭ سۇلالىسىنى ‹تابغاچ›،يەنى ‹ماچىن›(چوڭ چىن)،قەشقەرنى مەركەز قىلغان خاندانلىقنىڭ تېرىتورىيىسىنى ‹تۆۋەنكى چىن› دەپ ئاتىغان.‹تابغاچ›ۋە ‹چىن›ننىڭ جۇڭگونى كۆرسىتىشى ئاپتورنىڭ قاراخانىيلار خانلىقى بېلەن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنىڭ قەدىمدىن بۇيان چىن-جۇڭگودىن ئىبارەت بۇ چوڭ ئائىلىنىڭ ئورتاق ئەزاسى ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.»(شۇ كىتابنىڭ 88-بېتىگە قاراڭ).

لىيۇ چاڭمىڭ،جۇ شۇەنلەرنىڭ ئېيىتقىنى(يازغىنى)  بويىچە، مەھمۇت قەشقەرىدەك قەشقەرنى مەركەز قىلغان  قاراخانىيلار خاندانلىقىنىڭ جايلاشقان ئورنىنى جۇڭگونىڭ تېرىتورىيىسىگە كىرگۈزۈپ تۇرۇپ خەرىتە سىزىپ،شىنجاڭنىڭ ۋەتەننىڭ ئايرىلماس بىرقىسمى ئىكەنلىكىنى جاھانغا تاراتقان بىر بۈيۈك ئالىمنى نېمىشقا مائارىپ ئىدارىسىدىكى ھېلىقى خەنزۇ رەھبەر بېلەن ئۇيغۇر مۇپەتتىش شۇنچە ھاقارەت قىلىدۇ؟ئۇلار نېمىدەپ ئۆز يۇرتىدىن چىققان دۇنياۋى مەشھۇر كىشىلەر ھەققىدىكى ئاددىي ساۋادلارنىمۇ بىلمەستىن ساقال قويغانلىكى ئادەملەرنىڭ ھەممىسىگە مىللىي بۆلگۈنچى ،تېرورچىلار نۇقتىسىدىن مۇئامىلە قىلىدۇ؟ئادەم تەربىيلەشنى مەقسەت قىلغان مەدەنىيەت باغچىسىدىكى پەرۋىشكارلارنىڭ يول باشچىلىرىنىڭ ساپاسى مۇشۇنچىلىك بولغان يەردە باشقا ئاساسىي قاتلامدىكى يېزا كادىرلىرى ۋە مەھەللە كادىرلىرى  ساقال-بۇرۇتلۇق گىراژدانلارغا تېخىمۇ قەبىھ ۋاستىلەرنى قوللانماسمۇ؟

نىھايەت،ئالىمجاننىڭ ساقىلى ئەمدى ساقال-بۇرۇت چەكلىمىسىدىن ئىبارەت ئۇنداق چېكىدىن ئاشقان قانۇنسىز قىلمىشلارنىڭ ئاستا-ئاستا ئىزىغا چۈشىدىغانلىقىدىن بىشارەت بېرىۋاتامدۇ قانداق؟ دېمىسىمۇ ئالىمجان ئاشۇساقىلى بېلەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ دەرۋازىسىدىن بىمالال كىرىپ قوبۇلخانىدا شۇجى جاڭ چۇنشيەن بېلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشتى.ئۇلار سەمىمى پاراڭلىشىپ يېقىن دوسىتلاردىن بولۇپ قالدى.ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئۈزۈلمەي بېرىۋاتقان خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە،ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتى ھازىرغىچە ئۈزۈلىدىغاندەك ئەمەس.ئالىمجانمۇ ھازىرغىچە ساقىلىنى ئېلىۋەتمەپتۇ.قارىغاندا جاڭ چۇنشىيەن شۇجى بۇ ھەقتە بىر نېمە دېمىگەن ئوخشايدۇ.چۈنكى،بۇ شۇجىمىز مەركەزدىن كەلگەن بولغاچقا ئۇيغۇرلارنىڭ مۇۋاپىق يوسۇندا ساقال-بۇرۇت قويۇۋېلىشىنىڭ مىللىي ئۆرىپ-ئادەت جۈملىسىگە كىرىدىغانلىقىنى،يەنە كېلىپ بۇ ھەقتە قانۇن نىزام ۋە مىللىي سېياسەتلەردە ھېچقانداق چەكلىمە يوق بولۇشتىن سىرىت ئەكسىچە، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مىللىي ئۆرىپ-ئادەتلىرىگە ھەقىقى يوسۇندا ھۆرمەت قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ،بۇنىڭ شىنجاڭنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا سەل قاراشقا بولمايدىغان ئامىللار ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر چۈشىنىدىغان كىشى بولسا كېرەك؟

ئالىمجان،ساقىلىڭىزغا رەھمەت.

  

  

2011-يىل25-مارت،ئاقسۇ

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Misranim2 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-8 05:44 PM  


ھازىرغىچە 29 ئادەم باھالىدىياخشى باھا مۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
kokzat + 10
qiwarkilin + 200 تەپەككۇرى كۈچلۈك
arkzada + 100 تەپەككۇرى كۈچلۈك
xat0176 + 10 ماختاشقا تېگىشلىك
uigur2010 + 300 تەپەككۇرى كۈچلۈك
arsilan0998 + 200
muhammatalijan + 22
WiJD@N + 500 دەلىللەر يېتەرلىك
mamatsale + 100
kuxbeg526 + 126 بارىكاللا! ياشاپ كېتى.
furkat2 + 15
amanturk + 126
88asra + 39 رەھمەت تىمىڭىزغا قىرى.
mirzi597 + 97 مەينەتلەرگە ئوخشاپ قا.
iltebir + 59 تەپەككۇرى كۈچلۈك
allo2010 + 300 دەلىللەر يېتەرلىك
qartekin + 300 دەلىللەر يېتەرلىك
altun + 200 ساقال تىرورچىمۇ ياكى .
nurmalika + 100 دەلىللەر يېتەرلىك
希特勒1 + 100 بۇ تىمىنى كۆرۆپ شۇنداق خوش بولدۇم!!!!!!!

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 2700  مۇنبەر پۇلى + 2804   باھا خاتىرىسى

ھەركىم ئۆز تەقدىرىنىڭ تۆمۈرچىس

بېكەت باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1
يازما سانى: 435
نادىر تېمىسى: 39
مۇنبەر پۇلى : 15931
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 7638 سائەت
تىزىم: 2010-5-16
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-25 03:27:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بوز قىر ئەپەندىمنىڭ ماقالىسىنى ئوقۇپ ئۆزۈمنى شۇنداق ئەركىن ھېس قىلدىم .. كۆڭلۈمدە ئويلىغان ،بىراق بۇنچىلىك پاساھەتلىك تىللار بىلەن ئىپادىليەلمەيدىغان سۆزلەرنى باشقا بىر قېرىندىشىمنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلاپ تولىمۇ خۇرسەن بولدۇم.
___
مۇشۇنداق بىر تېمىنىڭ ئارقا سەپتە تەستىقلانماي  ،3 سائەت مېنى ساقلاپ تۇرغىندىن تولىمۇ خىجىل بولدۇم. بىزدە زىيادە سەزگۈرلۈك بولمىسۇن. ماقالىدە ئوتتۇرغا قويۇلغان ئىددىيە دۆلەتنىڭ نوپۇسلىق قانۇن - نىزاملىرىغا زىت ئەمەس....

بولسا تورداشلار ئىلمىي مۇنازىردە بولسا.... بىر قىسىم تاقاشقا تېگىشلىك بولمىغان تېمىلار تاقىلىپ كەتمىسە...

نادىر تېمىلىرىڭىز مىسرانىمدىن ئۈزۈلمىسۇن، سىزدەك بىر ئىقتىدارلىق ئەزارىمىزنىڭ ئالىي ئەزالار سېپىگە تىزىلمىغانلىقىدىن تولىمۇ خىجىل بولدۇم.... ئەگەر ئالىي ئەزالىقتىن يۇقىرى مەۋھۇم ئۇنۋان بولسىدى ،ئۇنىمۇ سىزگە بەرگەن بولاتتىم .مىسرانىم مۇشۇنداق قەلەم ئىگىلىرىگە مۇھتاج،رەھمەت سىزگە!  قەلبىم ھاياجانغا تولدى،....   كۆزلىرىم ......... 
___

قايىل قىلىش قۇرق

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6147
يازما سانى: 1756
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16357
تۆھپە نۇمۇرى: 365
توردا: 5868 سائەت
تىزىم: 2010-8-12
ئاخىرقى: 2015-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-25 03:37:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىناق جەمىئەت بەرپا قىلىشقا تۇسقۇنلۇق قىلىدىغان بارلىق كۈچلەر ، ساقال دۈشمەنلىرى يۇقالسۇن !

كىشى كۆركى يۈزدۇر ، ئول يۈز كۆركى كۆز ، ئەقىل كۆركى تىلدۇر ، ئول تىل كۆركى سۆز !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26729
يازما سانى: 66
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5905
تۆھپە نۇمۇرى: 458
توردا: 166 سائەت
تىزىم: 2011-1-18
ئاخىرقى: 2015-3-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-25 03:59:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بوزقىر ئەپەندىمنىڭ يازمىسىغا ھەشقاللا! ئوقۇپ بەك سۆيۈندۈم. بىزنىڭ بىر خوشنا بولىدىغان بۇرۇتى ئۆزىگە بەكمۇ ياراشقان، ئۇ شەھەردىكى بىر ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ سېكرىتارى ئىدى.بىر كۈنى قارىساق خوشنىمىزنىڭ چىرايلىق بۇرۇتى يوق،ئاپئاقلا بولۇپ قاپتۇ،كېيىن ئاڭلىساق شەھەرنىڭ مەلۇم رەھبىرى ئۇنىڭ بۇرۇتىدىن رازى بولمىغانىكەن. كېيىنغۇ بەرىبىر سېكرىتارلىقتىن ئېلىۋەتتى.بولمىسا ئۆزى ياش ھەم مىجەزىمۇ يېقىشلىق بالىتى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 155
يازما سانى: 8385
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1580071
تۆھپە نۇمۇرى: 33134
توردا: 12297 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-25 04:05:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تولىمۇ جايىدە ھەم ئەتراپلىق يىزىلغان ماقالە ئىكەن،ئۆمەرجان بوزقىر ئاكىمىزغا تەشەككۈر!


[align=justify]ساقال بۇرۇت خۇددى چاچقا ئوخشاشلا تەبىئەتنىڭ ئىنسانلارغا قىلغان ھەدىيىسى...
ساقال -بۇرۇت پاكىزلىق ۋە يارىشىش شەرتى ئاستىدا ئەرلەردىكى گۈزەللىكنىڭ ئامىللىرى سانىلىدۇ، بولۇپمۇ ھاياتقا چەكسىز ئۈمۈدۋارلىق ۋە زوق بىلەن قارايدىغان ، قەلبىدە شەيدائى مۇھەببەت ئۇرغۇپ تۇرىدىغان ، تېتىك، جۇشقۇن ياشلار ئۆزىگە مەردانە ، ئىشەنچىلىك سالاپەت بېغىشلاش ئۈچۈن چاچ ، ساقال ، بۇرۇت قاتارلىق تەبىئى ئىنئاملارغا كۆڭۈل بۆلىشىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇيغۇرلار چاچلىق ، ساقاللىق كېلىدىغان ئەركەك مىجەز مىللەت بولغاچقا ، بەزى تارىخى دەۋىرلەردە خۇ لار دەپمۇ ئاتالغان ، ئەلۋەتتە ، بۇ ئەرلەرنىڭ تۆھپىسى ، بىز مىجەزى چۇس، باھادىر كىشلەرنى مەيدىسىدە تۈكى بار دەپ تەرىپلەيمىز ، شوخ مەردانە ئۇيغۇر ياشلىرى ۋە ئەرلىرى ھېلھەم چىرايلىق بۇرۇت-ساقال قويۇشتەك ئەنئەنە بىلەن جاھان گۈزەللىك سەھنىسىدە چېنىپ قالغىنى يوق، بەلكى ئۇلار باشقىلارنىڭ ھەۋىسىنى كەلتۈرمەكتە...




ـــــــــ ئابدۇقادىر جالالىددىننىڭ بۇرۇن كاشىلىسى ناملىق ماقالىسىدىن پارچە ـــــــــ


ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر، كونا يېڭى مۇنبەرداشلار...ئۆزئارا پىكىر ئاملاشتۇرۇشلار بولسا ئۈندىدارغا قۇشىۋالساڭلار بولىدۇ نۇمۇرۇم:295997753
ئەسكەرتىش: قۇشىۋالغاندا كىم ئىكەنلىكىڭىزنى ئەسكەرتىپ قويۇڭ!

ئاللاھ خالىسا&

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3117
يازما سانى: 2591
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7699
تۆھپە نۇمۇرى: 1234
توردا: 3114 سائەت
تىزىم: 2010-7-1
ئاخىرقى: 2012-1-29
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-25 04:09:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بوز قىر ئەپەندى ناھايتى ئورۇنلۇق گەپ قىلپىسز !
بىر جەھەتتىن بىز ئىسلام دىنغا ئىتقاد قىلدىغان ئاممىغا نىسبەتەن ساقال قۇيۇش  قۇيۇش سۈننەت ، ھەم بىزنىڭ مىللى -ئۆرپ ئادەتلىرىمىزدىمۇ ساقال قويۇش ئادىتى بار .
ئەكسىچە ھازىر ساقال قويغانلارنى مەجبۇرى چۈشۈرۋىتىدىغان ئەھۋاللار ئىنتايىن جىق ، ساقالمۇ قۇيغۇزمايدۇ ، ساقال قۇيغان ھامان قانۇنسىز ۋاستىلەر بىلەن قاماپ قۇيىدىغان ،سوراق قىلىدىغان ئىشلار ئادەتتىكى ئىش بولۇپ قالدى شۇڭا ھازىر كىشلەردە50ياشتىن ئاشمىغۇچە ساقال قويالمايىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلمەكتە.
بۇ ئىشلارمۇ ئاستا-ئاستا ئوڭشلىپ كىتىدۇ .
چۈنكى شىنجاڭدا كومپارتىيەنىڭ ئادالىتى بار .

ۋەتەنسىز قۇشلار پەسىللەرگە ۋەتەن دەپ يىغلار !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4979
يازما سانى: 378
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13664
تۆھپە نۇمۇرى: 641
توردا: 3852 سائەت
تىزىم: 2010-7-28
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-25 04:09:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بوز قىر ئەپەندىم ، ئىنتايىن زىل مەسىلىدىن بىرنى تىلغا ئاپسىز ، ئەمىليەتتە ، ساقال قويۇش ،ئىلىش ناھايتى ئادەتتىكى بىر ئىش بولسمۇ ، ئوبىكتىپ شارائىت تۈپەيلىدىن قويۇق سىياسى پۇراققا ئىگە بولۇپ قالدى . ماقالىڭىزنى قانۇن ۋە تارىخ جۈملىلىرى بىلەن بېزەپ ماقالىنىڭ قايىل قىلىش كۈچى ۋە تەسىرچانلىقىدا پەۋقۇلاددە ئۈنۈمگە ئېرىشىپسىز . بولسا ، مەزكۈر ماقالىنىڭ خەنزۇچە نوسخىسى ئوتتۇرغا چىقسا ، ھەممە ئۈچۈن ئوقۇشچانلىقى يوقۇرى بولاتتى .  بىرىنچى قەۋەتتىكى بىكەت باشلىقنىڭ سۆزى ماقالىڭىزگە بېرىلگەن ياخشى باھا بوپتۇ . مىسرانىمدا سىز ۋە سىزنىڭ قەلىمىڭىزنىڭ بولۇشى تولىمۇ خۇشاللىنارلىق ئىش . بۇندىن كىيىن جەمىيەتنى تىخىمۇ ياخشى كۈزۈتۈپ ، مۇشۇنداق نان تىگىدىغان تىمىلارنى روھاپقا چىقىرشىڭىزغا تىلەكداشمەن ....

كەڭ دالىدا تۇغۇمدىن ئەمدىلا چىقتىم . ۋاھ ! ئاسمان  نىمىدىگەن ئىگىز ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2663
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8835
تۆھپە نۇمۇرى: 352
توردا: 163 سائەت
تىزىم: 2010-6-14
ئاخىرقى: 2014-12-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-25 04:16:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
گەپ قىلىشنى ھەممە ئادەم بلىدۇ، بىراق ھەممە ئادەمنىڭ باشقىلارغا تىتۇغىدەك، قايىل قىلارلىق گەپ قىلالىشى ناتايىن!
ئالغان مىسال - دەلىلىڭىز تولمۇ جايىدا، ئوتتۇراغا قويغان بايانلىرڭىز بەكمۇ پاساھەتلىك بوپتۇ!

مەنزىل چەكسىزلىكتە، تەقدىر قىممەت خۇمار، پەقەت روھ، ئۇلۇغۋار روھلا ئۆزۈڭگە تەئەللۇق.....

زۇمرەتتاش تورتلىرى

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14907
يازما سانى: 4843
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15689
تۆھپە نۇمۇرى: 484
توردا: 6288 سائەت
تىزىم: 2010-10-22
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-25 04:29:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ھاياجانلاندىم،ھەممىسى مېنىڭ يۈرەك سۆزلىرىم،كىشى ئاشكارە دىيەلمىگەنلەرنى مەردانە ئوتتۇرغا قويۇپسىز،دىمىسىمۇ ئەرلەرگە  ساقال -بۇرۇت،ئاياللارغا ئۇزۇن سۇمبۇل چاچ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئەنئەنىسىنىڭ نامايەندىسى،بۇ ھەرگىزمۇ بىزنىڭ ۋەتەنگە ئاسىيلىق قىلىدىغانلىقىمىزنى ئىپادىلىمەيدۇ،بىز ئوخشاشلا ۋەتەننى قوغدايمىز،ئۇنىڭ بىلەن بىر سىزىقتا تۇرىمىز.ۋەتەن ئۈچۈن تۆھپە يارىتىمىز.............
سىزگە كۆپ رەھمەت ،ئالاھىدە ئىزدىنىپسىز........ئالىمجاننىڭ ساقال -بۇرۇتلىرىنى ھەرگىز چۈشۈرىۋەتمەسلىكىنى ئۈمۈد قىلىمەن [s:166]  [s:166]

مۇھەببەتىڭنى  بىرگە  بەر  ،  مىھرىڭنى مىڭغا  بەر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 27386
يازما سانى: 69
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5516
تۆھپە نۇمۇرى: 291
توردا: 1871 سائەت
تىزىم: 2011-1-22
ئاخىرقى: 2011-9-27
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-25 04:36:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالىمجاننىڭ ساقىلىغامۇ رەھمەت،بوزقىر ئەپەندىمنىڭ دادىل قەلەم قۇۋۋىتىگىمۇ رەھمەت،بوز قىر ئەپەندىمنىڭ ھەر بىر يازمىسىدا قەلبىدىكى كۇچلۇك ۋەتەن مىللەت سويگۇسى ئىپادە قىلىنىپ كەلدى،بىز سىلەردەك زىيالىلىرىمىزدىن پەخىرلىنىمىز [s:173]

دىنىم ئىسلام مىللىتىم تۇرۇك ۋەتىنىم ...
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش