|
|
|
|
نورۇزلۇق ئەدەبىيات –سەنئەت پائالىيىتى
پائالىيەت باش پىلانلىغۇچىسى – ھايات
پائالىيەت ۋاقتى : 2011-يىل 3-ئاينىڭ 24-كۈنى
ئورنى – ئىلى ئوبلاستتى چاپچال ناھىيە قاينۇق يېزىلىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ
نورۇز ئالتاي تىللىرى ۋە ھىندى-ئىران تىللىرىدىن ئىبارەت ئىككى خىل تىل سىستېمىسىغا تەئەللۇق بولغان ، بىرقانچە خىل تىل ئائىلىسىدە سۆزلىشىدىغان مىللەتلەرنىڭ بايرىمى.
نورۇز – باھار بايرىمى ، ئۇزاق ئۆتمۈشتىكى ئاغۇنلىرىمىزدىن باشلىنىپ ، خەلقىمىز ئارىسىدا ئىزچىل داۋاملىشىپ كەلگەن ئەنئەنىۋى بايرام. يۈسۈپ خاس ھاجىپ ، نەسىرىدىن رەبغۇزى ، ئەلشىر نەۋائىي قاتارلىق ئىلىم ئۇستىلىرىنىڭ ئەسەرلىرىدە نورۇز تەسۋىرلىرى روشەن كۆزگە چېلىقىدۇ . نورۇز يالغۇز دېھقان ، چارۋىچىلارنىڭلا ئەمەس ، ئومۇمىي خەلقنىڭ بايرىمى . خەلقنىڭ قىش - زىمىستاندىن ئامان چىقىپ ، ئىللىق ئاپتاپنى ئارزۇلىغان خوشاللىقىنى ئىپادىلەيدىغان ، ئۆزلىرى تۇغۇلۇپ ئۆسكەن زېمىننىڭ كۆركىگە بولغان مۇھەببىتىنى ، ئۆز ئارا ھىممەت - ساخاۋىتىنى ، ئىناقلىقىنى ، بەخىتلىك ئەتىگە بولغان ئۈمىدۋارلىقىنى گەۋدىلەندۇرىدىغان ئەمگەك بايرىمىدۇر .
ئاتا – بوۋىلىرىمىز باھاردا ئوت - گىياھنىڭ ياشناش ھادىسىسىنى ، ئوتخۇر ھايۋانلارنىڭ ئورچۇش دەۋرىنى، شۇنىڭدەك ھەر يىلى يۇلتۇزلارنىڭ ئورنىنى كۈزىتىش ئارقىلىق ، قۇياشنىڭ بىر يىللىق دەۋرىنى ھېسابلاپ يىل بېشىنى ئېنىق بەلگىلىگەن . قۇياشنىڭ ھەمەل بۇرچىغا كىرگەن ۋاقتىنى يىل بېشى قىلغان . دەسلەپتە يېڭى يىلنى ‹‹يىل بېشى›› ياكى ‹‹كۈن تۇغدى››دەپ ئاتىغان بولسا ، 10- ئەسىرلەردىن كېيىنكى ئىرانلىقلارنىڭ ‹‹ نورۇز ›› سۆزىنى قۇبۇل قىلىپ ، باھار بايرىمىنى ‹‹نورۇز›› دەپ ئاتايدىغان بولغان . ‹‹نورۇز›› دىكى ‹‹نو›› يەنى ‹‹نەۋ›› نىڭ تۈپ مەنىسى ‹‹يېڭى››، ‹‹ئېرىغ›› دېگەنلىكتۇر. ‹‹رۇز›› نىڭ مەنىسى ئاپتاپ يەنى قۇياش تۇغۇلۇپ پاتقۇچە يورۇق بولۇپ تۇرىدىغان چاغ ، دېگەنلىكتۇر . دېمەك ، نورۇز يېڭى كۈن ، قۇياش يېڭىۋاشتىن تۇغۇلغان يەنى ياشارغان كۈن ، دېگەندىن ئىبارەت .
خەلقىمىز نورۇز بايرىمىنى قۇتلۇق ، خاسىيەتلىك بايرام دەپ بىلىدۇ. نورۇز ئالدىدا ۋە مەزگىلىدە ھەرقانداق كىشى ساۋابلىق ئىشلارنى قىلىشقا تىرىشىدۇ ۋە ئۆزگىلەرنى بۇنىڭغا رىغبەتلەندۇرىدۇ. ئۆتمۈشتىكى ئاغۇنلىرىمىز نورۇزنى خاسىيەتلىك دېگەن چۈشەنچلىرى بويىچە ، كىمكى يىل بېشىدا ، يەنى نورۇز ئەييامىدا ساۋابلىق ئىش قىلسا شۇ كىشىگە يىل بويى ياخشىلىق نېسىپ بولىدۇ ، دەپ بىلەتتى. شۇڭا قەدىمكى زاماندىن تارتىپ ، كىشىلەر يىلنىڭ ئامان-ئېسەن ۋە مەنپەئەتلىك بولۇپ ئۆتۈشىنى ئارزۇلاپ ، نورۇزغا ئاتاپ ھەرخىل ساۋابلىق ئىشلارنى قىلىش ئومۇمىي ئادەتكە ئايلانغان . مەسىلەن: ئومۇمىي جامائەت ئۈچۈن پاراۋانلىق ئىشلىرىنى قىلىش ، يەنى مەكتەپ سېلىش، كۆۋرۈك ياساش دېگەندەك. يەنە مۇقەددەس كىتابلارنى كۆچۈرۈش ياكى كۆچۈرگۈزۈش قاتارلىقلارمۇ ئەنە شۇنداق چوڭ ساۋابلىق ئىشلار جۈملىسىدىن ئىدى . ئىسلام دىنى قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىنمۇ بۇ ئادەت داۋاملاشقان. شۇنداقلا نورۇز ئەيياملىرى تۇغۇلغان بالىلارغا ئوغۇل بولسا ‹‹نورۇز››، ‹‹نۇر››، ‹‹قۇتلۇق››، قىز بولسا ‹‹ئەلانۇر››، ‹‹چىمەن››، ‹‹بوستان››، ‹‹باھار›› دېگەندەك قۇتلۇق كۈننىڭ ئاتلىرى ياكى قۇتلۇق كۈنگە مۇناسىپ چاغ ، گۈل - گىياھ ناملىرىنى قويغان.
بۇ قۇتلۇق كۈنلەردە كىشىلەر ئۆزلىرى ساۋابلىق ئۈچۈن ياخشى ئىشلارنى قىلىش بىلەن بىللە ، بىر- بىرىگە ياخشلىق تىلىشىدۇ . ئۆزئارا يوقلاشقاندا ، سەيلە - تاماشىلاردا ، مەشرەپ - سورۇنلاردا ، نورۇز ئېشى يىگەندە ئامانلىق، ياخشىلىق تىلەنگەن بىيىت - قۇشاقلارنى ئېيتىشىدۇ. ئۇستىكارلار كۆزى پىشقان ۋە قولى چىۋەر شاگىرتلىرىغا ھۈنىرىنىڭ يېڭى بىر ئۇسۇلىنى ئۆگىتىپ قويىدۇ. بۇرۇنقى زامانلاردا مەدرىستە - مەكتەپلەردە موللىلار تالىپلىرىغا نورۇزنامە يېزىپ بېرەتتى ياكى يازدۇراتتى.
شۇڭا نورۇز - ئەنئەنىۋى مىللىي بايرام ، ئەمگەك بايرىمى، دوستلۇق ، ئىناقلىق بايرىمى، ساۋابلىق بايرىمى، ئامانلق بايرىمى، شادلىق بايرىمىدۇر. ئىشىنىمىزكى، خەلقىمىز ئۇنى ئىناقلىق ۋە زامانىۋى ئاڭنى تەرغىپ قىلغۇچى ھېكمەت ۋە سەنئەت چېچەكلىرى بىلەن بېزەپ ، مىللىي مەدەنىيتىمىزنىڭ نادىر جاھاننامەسى ۋە ئىپتىخارلىق قامۇسىغا ئايلاندۇرغۇسى .
2011-يىل 3-ئاينىڭ 24-كۈنى يېزىلىق خەلق ھۆكۈمىتى ۋە قاينۇق يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپ بىرلەشكەن 2011-يىللىق نورۇزنى كۈتىۋىلىش بىرلەشمە ئەدەبىيات –سەنئەت پائالىيىتى قاينۇق يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئىلىپ بىرىلدى. بۇ قىتىملىق نورۇزنى كۈتىۋىلىش ئونۋېرسال پائالىيتى تۆۋەندىكى تۈرلەردىن تەشكىل تىپىلدى.
(1) نورۇز ئېشى تەييارلاش - شۇكۈنى مەكتەپ خىراجەت ئاجرىتىپ 6چوڭ قازان نورۇزلۇق ئاش تەييارلاپ ،ئوقۇغۇچىلار ،ئاتا-ئانىلارنى نورۇزلۇق ئاشقا ئېغىز تەككۈزدى.
(2) يېزىلىق ئىشتىن سىرتقى سەنئەت ئۆمىكى ۋە مەكتەپنىڭ سەنئەت كۇرژۇكىدىكى ئوقۇغۇچىلار تەييارلىغان مول مەزمۇنلۇق سەنئەت نومۇرلىرى كەڭ تاماشىبىنلارغا كۆرسىتىلدى.
(3) ئوقۇغۇچىلار ئارا بىر قىىسم تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى ئىلىپ بىرىلدى.
نورۇز پائالىيىتىمىزدىن كۆرۈنىشلەر :
(رەسىملەر سانى بىرقەدەر كۆپ بولغانلىقتىن ئىزاھات بېرىلمىدى)
تۈگىدى
|
|
|
|
|
|