|
|
|
|
[align=justify] راست گەپ
(مىكرو ھىكايە )
[align=justify]
مۇرادىل مەكتەپتە يالغان گەپ قىلغانلىقى ئۈچۈن مۇئەللىم دادىسى مۇراتنى مەكتەپكە چاقىرتتى .
ئامىنە مۇئەللىم مۇراتقا ،
بۇ بالا بەك كەپسىز ھەم بەك يالغانچى دائىم يالغان گەپ قىلىدۇ ،شۇڭا سىزمۇ ئۆيدە بۇنىڭغا تەربىيە قىلىڭ مەنمۇ تەربىيە ئشىلەپ بۇنى تۈزىۋالايلى دىدى .
مۇئەللىمنىڭ ئالدىدا خىجىل بۇلۇپ كەتكەن مۇرات ئاران تەستە ماقۇل دىيەلىدى .
كەچتە مۇرادىل مەكتەپتىن قايتىپ كەلگەندە مۇرات ئوغلىنى ياتاق ئۆيگە سۇلاپ راسا ئۇردى ھەم بۇندىن كىيىن ئىككىنچى يالغان ئېيتماسلىق توغرىسىدا تەربىيە بەردى.ئاپىسى گۈلىستانمۇ بۇندىن كىيىن يالغان ئېيتسا مۇرادىلنى باقمايدىغانلىغىنى ئېيتىپ يىغلىدى .مۇرادىلمۇ ئۇنداق قىلمايدىغانلىغى توغرىسىدا ۋەدە بەردى .
كۈنلەر شۇ تەرىقىسىدە ئۈتىۋەردى ،بىركۈنى مۇرادىل مەكتەپتىن قايتىپ ئۆيىدە تاپشۇرۇق ئشلەپ ئولتۇراتتى تۇيۇقسىز ئىشىك چىكىلدى ،ئۇلارنىڭ ئۆيىگە ئاپىسىنىڭ بىر ساۋاقدىشى كەلگەنىدى ،ھە بالام ياخشىمۇسەن ئاپاڭ ئۆيدىمۇ ؟مەن ئاپاڭنىڭ ساۋاقدىشى .
مۇرادىل :ياق ئاپام ئۆيدە يوق بىر دوستىنىڭ ئۆيىگە كەتكەن ،ئاپام كەلگۈچە ئۆيدە ساقلاپ تۇرۇڭ ھەدە ،دەپ ئۆيگە باشلىدى .مىھمان ئۆيگە كىرىپ ئولتۇردى .
بىردەمدىن كىيىن ئۆينىڭ تېلىفۇنى سايراپ كەتتى .
ۋەي ،دادام ئۆيدە يوق ،بىردوستىنىڭ ئۆيىگە كەتكەن .دادامنىڭ دىيىشىچە ئۇلارنىڭ باشلىقى دائىم دادامنى ئىزدەپ ئاۋارە قىلىدىكەن شۇڭا ئىتىۋەتكەن . [align=justify]
ھە .سىز دادامنىڭ باشلىقىمۇ ؟
مەن سىزنى بىلىمەن دادام ئاپام دائىم ئۆيدە سىزنىڭ گىپىڭىزنى قىلىشىدۇ ، دادامما : ئۇسىزنى بىزنىڭ باشلىق بەك دۆت ، پەقەت بىلىمى يوق جۇمۇ دىسە ، ئاپام : گەپلىرى چۇ تېخى پەقەت تۇتامى يوق دەيدۇ .
ھە خوش .
بالىنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلىغان مېھمان ئەجەپلىنىپ بالىدىن ،بالام سەن مىنى تۇنۇمسە ن ئۆيدە ئاپاڭ مىنىڭ گىپىمنى قىلىشامدۇ ؟سەن بەك ئەقىللىق راسچىل بالىكەنسەن قېنى دەپ باقە ،دەپ سورىدى ؟
بالا ،ھەدە ئىسمىڭىز نىمە ؟
ھە مىنىڭ ئىسمىم خالىدە ، شەھەردىن كەلدىم .
مەن سىزنى تۇنۇيمەن ،سىز ئاپامنىڭ دوستىغۇ ئاپام دەپ بەرگەن سىزنى ئاپام خالىدە پاخپاق دائىم چېچىنى جىندەك قىلىۋالىدۇ دىگەن.
ھە ياخشى بالام سەن بەك راستچىل بالا ئىكەنسەن جۇمۇ .بولدى بالام بۈگۈن بەك كەچ بولۇپ كەتتى مەن ئاپاڭنى ئىزدەپ ئەتە كىلەي خوش بالام .
ھەدە خوش .
مۇرادىل بۇھەدىسىنىڭ ئۈزىنى راستچىل بالا دەپ ماختىغىنىدىن ئىنتايىن خوشال بۇلۇپ ئولتۇر غاندا ئاپىسى بىلەن دادىسى قايتىپ كەلدى .
دادىسى ئىشىكتىن كىرىپلا .
ھە ئوغلۇم ئۆيدە بىز يوق قورقمىغانسەن ؟
ياقەي دادا قورقمىدىم سىلەر كىتىپ ئاپامنىڭ خالىدە پاخپاق دىگەن دوستى كەلدى ...............................بالا ھە دەپ ئۆيدە بولغان ئىشلارنى ئاتا-ئانىسىغا ئىنتايىن خۇشاللىق بىلەن سۆزلەپ بەردى .بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغان دادابىلەن ئانا نىمە دىيىشىنى بىلەلمەي ئشىك تۈۋىدە ھاڭۋاققىنىچە قاراپ قالدى .[align=justify]
تاتام .
مەنبەسى . نىجات 0903
|
|
|
|
|
|