مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2033|ئىنكاس: 15

تۇرمۇش قۇرماقچىمۇسىز؟(مۇنازىرە) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15847
يازما سانى: 1414
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5214
تۆھپە نۇمۇرى: 899
توردا: 3792 سائەت
تىزىم: 2010-10-31
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-27 08:33:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ__ئەلەيكۇم ئەزىز قېرىنداشلار !!!كەمىنە بىھزاتتىن مۇنبەردىكى ھەممەيلەنگە ئوتلۇق سالام...
ئۇزۇن بوپتۇ،مەكتەپتىكى ئوقۇش پۈتتۈرۈشنىڭ ئىشلىرى بىلەن مەشخۇل بولۇپ سىلەر بىلەن ئەسرالاشمىغىلى ،مانا بۈگۈن پۇرسەتمۇ كىلىپ قاپتۇ ،ئۇشبۇ پەيتتە تۆۋەندىكى مەسىلە توغرىسىدا كەڭ مۇنبەر ئەھلى بىلەن ئورتاقلاشساق دىگەن ئۈمد-ئارزۇ مىنى قەلەم تەۋرىتىشكە سىلەرنىڭ كۆز قاراشلىرىڭلارنى ئاڭلاشقا دالالەت قىلدى!!!
مەسئۇلىيەتچان ،ئەقلى ھۇشۇ جايىدا كىشىلىرىمىز تۇرمۇشقا قانداق مۇئامىلىدە بولۇشنى ئۆز كاللىسىدا تولۇق ئايدىڭلاشتۇرىۋىلىپ ئاندىن ئۆيلۈك-ئوچاقلىق بولۇشقا قارار چىقىرىشىدۇ،ئائىلە ئەر-ئايال ۋە پەرزەنت بىلەنلا ئۆزىنىڭ ئائىلىلىك ئۇلىنى مۇستەھكەملىيەلەيدۇ...خوش ،ئۇنداقتا مۇشۇ<<ئائىلە>>ئۇقۇمىغا سىز زادى قانداق تەبىر بىرىسىز؟سىزنىڭچە ئائىلىۋى ھاياتقا نىسپەتەن مۇھەببەتتىن باشقا يەنە قايسى تەرەپ بىزنىڭ مۇشۇ ئائىلىنى بەرپا قىلىشىمىزدىكى ئاچقۇچلۇق مەسىلە ھىساپلىنىدۇ...سىزنىڭچە ياخشى كۆرۈشتۇق دەپلا داقا دۇمباقنى بولىشىغا چىلىپ ئەر-ئايال ئاتالغانلىق بۇ ئىككى ياشنىڭ ھاياتىغا نەۋ باھارنى باشلاپ كىلەلەمدۇ!؟
قايسى كۈنى بىر سورۇندا بىر ئاغىنىمىز ئۆزىنىڭ تويغا تەييارلىق كۆرىۋاتقىنىنى ،پات-يىقىندا ئائىلە قۇرىدىغانلىقىنىنى ئېيتىپ ئۆتتى...لىكىن ئۇنىڭ كىچىكىدىن تۇغما يۈرەك كىسەل...قاتارلىق بىر قانچە خىل ئېرسىيەت خارەكتىرلىك كىسىلى بارلىقىنى بىلەتتۇق،شۇنىڭ بىلەن مەن خالى جايدا ئۇنىڭدىن توي قىلماقچى بولغان قىزنىڭ بۇنى بىلىدىغان - بىلمەيدىغانلىقى توغرىسىدا سورىغىنىمدا ،ئۇ ماڭا:<<ئۇ قىزنىڭ باشقا يۇرتلۇق يىراق تۇغقىنى ئىكەنلىكى،ئۆزىنىڭ كىسىلىنى بىلىپ قىلىپ تۇرمۇشلۇق بولالماي قىلىشىدىن ئەنسىرەپ مۇشۇ ئۇسۇلنى قوللانغانلىقىنى ،ئۇنىڭدىن باشقا ئامال قلالمىغانلىقى،يۇرتتىكى قىزلار كىسەل ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كىيىنلا تويغا قوشۇلمىغاچقىلا مۇشۇ قارانى چىقارغانلىقىنى،تويدىن كىيىن دىيىشنى لايىق تاپقانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتتى،مەن ئۇنىڭدىن قايتىلاپ سورىدىم:_<<ئۇنداقتا پەرزەنلىك بولساڭ قانداق قىلىسەن،ئۇ تەرىپىنى ئويلاشتىڭمۇ ؟>>ئۇ:_ياق،ئاداش قالغىنىنى خۇدايىمغا تاپشۇرۇپ قويدۇم،ئەگەر كىسەل تۇغۇلۇپ قالسا داۋالاتسام بولىدىغۇ...؟
كۆزئالدىمدا نۇرغۇن سۇئال ،بىر ئائىلنىڭ تۈۋرۈكى بولماقچى بولغان ئەر ،تىخى ئائىلە قۇرۇشتىن بۇرۇنلا مۇشۇنداق مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلسا ،ئۇنىڭ كىيىنكى تۇرمۇشى زادى قانداق بولار ؟؟؟مەن ئويلايمەن،ھىچ بولمىغاندا ئۆزىنىڭ كىسەللىك ئەھۋالى توغرىسىدا شۇ قىزنى ئەسكەرتىپ ھەقىقى رازىلىقى بىلەن تۇرمۇشقا چىققان بولسىمۇ،ئۇنى يەنە توغرا چۈشەنسەك،لىكىن ،پەقەت ئۆزىنڭ بويتاقچىلىق ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئاتا-ئانىسىنىڭ زورى بىلەن بۇ تويغا تۇتۇش قىلىشى ھەر قانداق ئەقىل ئىگىسىنى ئويغا سالماي قويمايدۇ...يىقىندىن بۇيان دوختۇرخانىلاردا نۇرغۇن كىچىك بالىلارنىڭ تۇغۇلغاندىن باشلاپ كىسەل دەردىنى يەتكۈچە تارتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ بۇ مەسىلە توغرىسىدا تولا ئويلايدىغان بولۇپ قالدىم،شۇ نارسىدىلەرنىڭ ھاياتقا بولغان تەلپۈنۈشى ،سىزگە قارىغاندىكى ھالەتلىرىدىن يۈرىگىڭىز تولىمۇ ئاچچىق ھىسلارغا چۆمىدۇ...ئۇلارغا ئىچ ئاغرىتىمىزيۇ لىكىن،قولىمىزدىن شۇ نارسىدىنىڭ كىسىلىگە شىپالىق تىلەشتىن ئۆزگە چارە قىلالمايمىز... ئۆزىمىزنىلا ئويلىمايلى قېرىنداشلار ،كەلگۈسىدىكى شۇ نارسىدىنىڭ كىسەل كارۋىتىدا ئاچچىق ئىڭراپ ...سىزگە مەڭگۈلۈك دەرت-ئەلەم ۋە پۇشايماننى ھەمرا قىلىپ قويماسلىقى ئۈچۈن ياخشىراق ئويلىشىپ بىقىشىڭلارنى ئۈمد قىلىمەن !!!
بۇ ئەلۋەتتە شەخسەن ئوغۇللارغىلا قارىتىلمىغان،مەيلى يىگىتلىرىمىز ۋە ياكى قىزلىرىمىز بولسۇن بۇ توغۇرلۇق ياخشىراق ئويلىشىپ كۆرىشىنى ،كۆز ئالدىنىلا كۆرۈپ ،يىراق كەلگۈسىنى <<دوغا>>تىكىپ بىردەملىك بەختنىڭ قۇچىقىدا ئەللەيلىنىپ ئۆزىنى غەپلەت ئۇيقۇسىنىڭ ساھىبى قىلىپ قويماسلىقىنى ئۈمد قىلىمەن!!!


ئالاھىدە ئەسكەرتىش :__ھەممىنى بىلگۈچى شۇنداقلا بىزنى تۇرمۇش مۇساپىمىزدە تۈرلۈك سىناقلار بىلەن سىنىغۇچى رەببىمىزنى، يەنى ئاللاھنىڭ قۇلى بولۇپ ياشاپ كەلگەن ئاتا-بوۋامنىڭ پۇشتى بولغان مەنمۇ ئوبدان بىلىمەن...شۇڭا بۇ توغرىسىدا ئوشۇق سۆزلىمەسلىكىڭلارنى ئۈمد قىلىمەن !!! مەقسىدىم ھەرگىزمۇ ،ئۇنداق بۇنداق كىسىلى بارلار چوقۇم توي قىلماسلىق كىرەك دىمەكچى ئەمەس،بەلكىم ئەستايىدىل ئويلىنىڭ دىمەكچى ... مەقسىدىمنى تولۇق ھەزىم قىلىپ بولۇپ ئاندىن پىكىر قاتناشتۇرۇڭ !!!

بۇ توغۇرلۇق تەپسىلى توختالماقچى ئىدىم،ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن ئاساسلىق تۈپكى مەسىلىنىلا سۆزلەپ ئۆتتۈم،قالغىنىنى كومپىيۇتۇر ئالدىدا ئولتۇرغان قارا كۆز قېرىنداشلىرىمىزغا قويۇپ قويدۇم،ئەقلى- ھۇشى جايىدا قېرىنداشلىرىمىز مەقسىدىمنى چوقۇم توغرا چۈشىنىدۇ...
مەنبە:__ئۆزۈم

بىزگە ھەممىدىن زۆرۈر بولغىنى تۈنۈگۈنكى تاتلىق خاتىرە ياكى ئەتىكى شېرىن مەنزىرە ئەمەس،بەلكى،بىز ئىتراپ قىلىشنى خالىمايۋاتقان بۈگۈنكى رىئاللىقىمىزدۇر...

ھاياتنىڭ لەززىت

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16978
يازما سانى: 2195
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9818
تۆھپە نۇمۇرى: 622
توردا: 3377 سائەت
تىزىم: 2010-11-9
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-27 09:26:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راس ياخشى ئويلىنىشقا تېگىشلىك ئىكەن...
ئۆزخوشاللىقىنى دەپلا باشقىلارنى بىر ئۆمۈر ئازاپتا قۇيۇش ياخشى ئىش ئەمەس...

دۇنيادا ئاتا -ئانا ئۈچۈن، پەرزەنت ئۈچۈن تۆلىگەن بەدەل زايا كەتمەيدۇ.

بىلىپ يەتكەنسىرى ئىنسان خەزىنەڭ سىرىنى كۆپرەك ,
كۆڭۈل رۇشەنلىشىپ ئاندىن تونۇر ئۆز زاتىنى خوپراق .

تىرىشتىڭ &

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34318
يازما سانى: 206
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4623
تۆھپە نۇمۇرى: 195
توردا: 1402 سائەت
تىزىم: 2011-3-18
ئاخىرقى: 2014-11-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-27 09:29:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاۋۇ  دوستىڭىز  ئەجەپ  مەسئۇلىيەتسىز  ئىكەن  [s:164]

ئاتا-ئانا  ئەڭ  ئۇلۇغ  كىشىلەردۇر.

گۈلۈم ئاتئال

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6620
يازما سانى: 523
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 12541
تۆھپە نۇمۇرى: 887
توردا: 2125 سائەت
تىزىم: 2010-8-17
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-27 09:35:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداش؟بۈگۈن مۇنبەرگە كىرىپلا تۇنجى دېققىتىمنى تارتقىنى يۇقارقى تېمىڭىز بولدى، چۈنكى ماۋزۇنى كۆرۈپلا ئەلۋەتتە تېخى تۇرمۇش قۇرمىغان بىر ياش ئۈچۈن بۇ كۆرۈپ بېقىشقا تېگىشلىك تېما دەپ ئويلايمەن، خۇددى سىز دەپ ئېيتىقاندەك يۇقارقىدەك ئەھۋاللار ھەقىقەتەن ئەتراپىمىزدا مەۋجۇت. تېخى ئەڭ قورقۇنۇچلىقى ھەتتاكى ئۆزىنىڭ ئەيدىز كېسىلى ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپمۇ يەنە تېخى توي قىلىش ئۈچۈن قارشى تەرەپكە بىلىندۈرمەي توي تەييارلىقىغا چۈشكەنلەرمۇ بار...بۇنى پەقەت سالامەتلىك تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەندە بىلگەنلەر ئاھۇ-زار قىلىپ توينى توختىتىدۇ، ئامال-چارىلەر ئارقلىق بىلىندۈرمەي توي قىلۋالغانلار  بولسا يەنە بىر ساغلام كىشىنى  ئۆزى تۈپەيلى شۇ نىجىس كېسەلگە مۇپتىلا بولىدۇ.
ئويلاپ باقايلى مەيلى توي بولماي توختاپ قالسۇن ياكى توي بولۇپ ئاقىۋىتى ئاياغلاشسۇن كىمگە زىيان ؟كىمگە پايدا؟مېنىڭچە بۇ بەكلا شەخسىيەتچىلىك...
تېما ئىگىسى دىگەندەك تۇرمۇش قۇرۇش ئىشىدا ئويلىنىشقا تېگىشلىك كېسەللىك سەۋەبىدىن باشقىمۇ نۇرغۇن مەسىلىلەر بار....شۇڭا بۇ يولغا قەدەم ئېلىش ئالدىدا تۇرغان ھەر بىر كىشى ئالدى بىلەن ئوبدان ئويلىنىپ ئاندىن ئاۋايلاپ قەدەم ئېلىشى لازىم.
ئۇنتۇپ قالمايلى ئېيتىلىشىدىنمۇ ئىنىقكى تۇرمۇشنىڭ كەينىدە بىر "مۇش"بار.شۇڭا كاللىمىزدا چوقۇم ئوبدان تەييارلىق بولىشى شەرت.

ھەر بىر خەت ، ھەر جۈملىدە ھەقىقەت بار!

كصشص كصشصگة مؤهت

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29944
يازما سانى: 968
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13678
تۆھپە نۇمۇرى: 561
توردا: 5821 سائەت
تىزىم: 2011-2-11
ئاخىرقى: 2014-10-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-27 09:45:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئائىلە- بىر جەمئىيەتنىڭ ئۇلى،بىر ئائىلە لاياقەتلىك بولسا جەمئىيەتكە زەررىچە تۆھپە قوشقان بولىدۇ،يۈز ئائىلە لاياقەتلىك بولسا تېخىمۇ كۆپ تۆھپىلەر بولىدۇ،ئەگەر پۈتۈن ئائىلىلەر لاياقەتلىك بولسا بۇ جەمئىيەتنى لاياقەتلىك،ھەتتا ئىلغار جەمئىيەت دىيىشكە بولىدۇ،دىمەك،ھەربىر ئادەم تۇرمۇش قۇرۇشتا قاتتىق ئويلىنىپ ئىش قىلىشى كىرەك،تۇرمۇشلۇق بولغاندىكىن ئۇ ئائىلە داۋاملىق مەجۇت بولۇپ تۇرالامدۇ،مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ئۈچۈن ئائىلە ئەزالىرى قانداق مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەتلەرنى،شەرت-شارائىتلارنى ھازىرلىشى كىرەك،پەرزەنتلەرنى قانداق تەربىيلەش ۋە كۆيۈنۈش كىرەك دىگەندەك.

كصشصنص كصشصگة مؤهتاج قصلصشتصن خؤدا ساقلصسؤن

بېكىنىۋالما ،ئا

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6683
يازما سانى: 477
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 41455
تۆھپە نۇمۇرى: 405
توردا: 6131 سائەت
تىزىم: 2010-8-18
ئاخىرقى: 2012-9-13
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-27 10:07:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

Re:تۇرمۇش قۇرماقچىمۇ سىز ؟(مۇنازىرە)

ئۇبالىغىمۇ تەس بۇپتۇ .توي قىلاي دىسە ئەسلى ،قىلماي دىسە ئەسلى.
ئاللاھ بىزنى ۋە ئەۋلادلىرىمىزنى مۇشۇ كېسەلدىن ساقلىسۇن.

ئۆزىڭىزگە رەھىمسىز بۇلۇڭ _ ئابدۇقادىر جالالىدىن

ئەركەك !

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25474
يازما سانى: 3046
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 22919
تۆھپە نۇمۇرى: 366
توردا: 6868 سائەت
تىزىم: 2011-1-8
ئاخىرقى: 2015-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-27 11:04:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىسەلنى يوشۇرسا ئۆلۈم ئاشكارا دىگەن ھىكىمەتنى بىلمەمدىغاندۇ ئۇ يىگىت.
مىنڭچە ئۇ بالا بەك ئىرادىسىز ياشايدىكەن .

موزاينىڭ يۈگۈرىشى سامانلىققىچە !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24506
يازما سانى: 146
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7890
تۆھپە نۇمۇرى: 317
توردا: 730 سائەت
تىزىم: 2010-12-31
ئاخىرقى: 2011-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-28 12:23:35 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تويدىن بۇرۇن قىز-يىگتنىڭ  ئىلگىرىكى مۇھەببەت تارىخىدىن باشقا ئىشلىرىنىڭ  ھەممىسى  ئوچۇق بولغان ياخشى.يەنى چوقۇم زۈرۈر.ئەمما ئىلگىركى مۇھەببەت تارىخىنى تويدىن بۇرۇن ۋە كېيىن بىلمىگەن ياخشى.بىر سىر پېتىچە كەتسە ئۇنىڭدىن ئۆتە ياخشى ئىش يوقمىكىن دەيمەن.چۈنكى  بۇ ئاشكارا بولسا كۆڭۈلسىزلىك تاپسا تاپىدۇكى ئۇنىڭدىن ياخشىلىق كۆرۈش مۇمكىن ئەمەس.

كۆرۈنگەن تاغ يىرق ئەمەس

ئەقىللىق ئۆزىنى

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33379
يازما سانى: 782
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7074
تۆھپە نۇمۇرى: 254
توردا: 1048 سائەت
تىزىم: 2011-3-10
ئاخىرقى: 2011-12-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-28 12:36:15 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 4قەۋەت jassur2 كە 2011-03-27 09:45 PMئەۋەتىلدى :
ئائىلە- بىر جەمئىيەتنىڭ ئۇلى،بىر ئائىلە لاياقەتلىك بولسا جەمئىيەتكە زەررىچە تۆھپە قوشقان بولىدۇ،يۈز ئائىلە لاياقەتلىك بولسا تېخىمۇ كۆپ تۆھپىلەر بولىدۇ،ئەگەر پۈتۈن ئائىلىلەر لاياقەتلىك بولسا بۇ جەمئىيەتنى لاياقەتلىك،ھەتتا ئىلغار جەمئىيەت دىيىشكە بولىدۇ،دىمەك،ھەربىر ئادەم تۇرمۇش قۇرۇشتا قاتتىق ئويلىنىپ ئىش قىلىشى كىرەك،تۇرمۇشلۇق بولغاندىكىن ئۇ ئائىلە داۋاملىق مەجۇت بولۇپ تۇرالامدۇ،مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ئۈچۈن ئائىلە ئەزالىرى قانداق مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەتلەرنى،شەرت-شارائىتلارنى ھازىرلىشى كىرەك،پەرزەنتلەرنى قانداق تەربىيلەش ۋە كۆيۈنۈش كىرەك دىگەندەك.


 مۇشۇ پىكىرنى قوللايمەن  جۇمۇ!!

دۇنيانىڭ ئىشىدۇر تەشۋىش بىلەن غەم، بىرىنى تۈگەتسەڭ بىرىدۇر ھەمدەم . تىخى تۇغۇلمىغانلار بۇندىن بىخەۋەر، خەۋەرلىنىپ قالسا كەلمەس ئىدى ھەم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33903
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4024
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 8 سائەت
تىزىم: 2011-3-15
ئاخىرقى: 2011-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-28 12:50:01 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئشتا ھىسىياتنى دەپ يىنىكلىك قىلىشقا بولمادۇ ئ [s:129]

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش