ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 54قەۋەت mosajan0997 كە 2011-03-29 04:54 PMئەۋەتىلدى :
تالاقنى دەسلەپ بىر قېتىم دىسەم ئالىيىپ پەرۋا قىلماي تۇرىدۇ؟
شۇنىڭ بىلەن يەنە بىر قېتىمدا 3تالاق دەپ بىراقلا دىدىم،ئايالنىڭ جاھىللىقىنى دېسەم ياراشقۇم يوق...بىراق بالامخا بەك ئامراق ئىدىم...زادى قانداق قىلسام بۇلار دەپ يۈرىيدۇ...يەنە ئاپامنى قانداق قىلىمەن؟بېشىم بەك قاتتى دەيدۇ...
ئۆزىنىڭ قوۋۇرغىسىنى باشقۇرالماي ، ئەمدى قانداق قىلامەن دىگەن نىمە دىگەن نادانلىق ..
توينى ئويلىشىپ قىلغۇلۇق . قىلغان ئىكەن ھەممىگە ئىگە بولۇپ ، ئۆزى باققۇلۇق ، خوتۇننىڭ پۇلىغا قاراپ ئولتاماي ، ئايال ئايالدەك ئەر ئەردەك بولغۇلۇق . ئىككىسىنىڭ ئورنى ئالمىشىپ قالسا ئاخىرىدا مانا مۇشۇنداق ئىش كىلىپ چقىدۇ ... ناھايىتى بوش بىر ئادەم ئىكەن بۇ . ئايالىنى ئۆزى چىڭ تۇتۇپ باشقۇرالماي ، چىڭغا چىققاندا ئۇ گەپنى تىخى ئۈچ قىتىم دەپتىما . ۋاي توۋا !!! ئاللاھنىڭ ئەڭ ئۆچ كۆرىدىغىنى مانا مۇشۇندا سۆزنى ئۈچ دەپ بولۇپ ، قايتا ياراشسام بولىتى دىيىش .
تالاق دىگەن سۆزنى ئىككىدىن ئارتۇق دىگەن بولسا ئۇ ئايال ئۇنىڭغا ھارام ئىكەن . بىرسىگە تويىنى قىلىپ قويۇپ ئۇنىڭدىن ئاجراشتۇرۋىلىپ يەنە قايتا توي قىلىش دىگەنمۇ بولمايدىكەن . .. ئۇنىڭ بىلەن قايتا يارىشىمەن دىگگىنى ھارامغا يەنى زىناغا مىڭىپ قالىدىكەن ...
ئاتا -ئانا رازى خۇدا رازى دىگەن سۆز بار . ئۇ ئايال سىزنى قىلچىلىك ياخشى كۆرمەيدىكەن . ياخشى كۆرگەن بولسا ئىدى سىزنىڭ ھەممە نەرسىڭىزنى ھەمدە ئاتا -ئانىڭىزنى سىزدىن بەكرەك ھۆزمەت قىلغان بولار ئىدى . كىلىن قىيىنئانىسىنىڭ دۇئاسىغا ئىرىشەلىسە ئۇ كىلىنگە شۇنچە كۆپ ساۋاب بار ئىكەن . لىكىن بۇ كىلىننى ھەرگۈز ئوڭشاپ بولالمايسىز . قان بىلەن كىرگەن خۇي جان بىلەن چىقىدۇ ھەمدە ئۆز ئاتا-ئانىسى ئۆزگەرتەلمىگەن ئۇ خۇيلىرىنى سىز ھەرگۈز بىر ئۆمىرىڭىزدىمۇ ئۇ كىلىننى ئۆزگەرتەلمەيسىز ...
سىلەرگە دىسەم بىز مۇشۇ جاھاندا ياشايدىكەنمىز . ھەممىزنىڭ ئۆز رىسقىمىز بار بولىدۇ . ئايالىم ھەمدە يولدىشىم تەڭ پۇل تىپىپ ئۆينى تۇتمىساق بولمايدۇ دىيىش بىر ئاخمىقانىلىق (ئاللاھ رىسقىمىزنى بەرمىسە ئىدى ھەر قانچە ئونىڭلار كىلىپمۇ سىرىتتىن پۇل تىتىپ بىر ئۆينى باقالمايسىلەر ) شۇڭا دەيدىغىنىم ئايال كىشى ئۆيدە ئولتۇرۇپ ھەممىنى رازى قىلسۇن ... ئىككىسىنىڭ ئورنى ئالمىشىپ قالسا ئاخىرىدا مانا مۇشۇنداق ئاقىۋەت كىلىپ چىقىپ ، كىيىنكى ئەۋلاتلىرىمىز نىمە كۈنلەرنى كۆرۈپ كىتەر ... بۇ دۇنيادا ياشايمەن دەيدىكەنمىز بۇرنىمىزنىڭ ئۇچىنىلا كۆرمەي كىيىنكىلەرنىمۇ ئويلاپ قويىلى .....