مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: zanjiwil

قوشاقچىلار مەرھەممەت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2199
يازما سانى: 2220
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6808
تۆھپە نۇمۇرى: 574
توردا: 2973 سائەت
تىزىم: 2010-6-3
ئاخىرقى: 2015-5-3
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-29 02:58:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توي قىلاي؛؛؛؛؛؛؛ھەي بويتاقچىلىق

يالغۇزلىقتىن تولغىنىپ ،ياتالمىدىم توي قىلاي،
تەنھالىقتىن مۇڭلىىنىپ ياتالمىدىم توي قىلاي.
قىيىن ئىكەن بىر ئۆينىڭ مورىسىدىن ئىس چىقماق
ئاچ قىلىپ بىر قورساقنى باقالمىدىم توي قىلاي.

قىيىن ئىكەن يالغۇزنىڭ بىرنى ئىككى  ئەتمىكى ،
قىيىن ئىكەن يالغۇزنىڭ مۇرادىغا يەتمىكى،
تۈگمەيدىكەن يالغۇزنىڭ رىيازەتلەر چەكمىكى،
ھارۋامنى ھەم ئىتىمغا قاتالمىدىم توي قىلاي.

يوتقان-كۆرپە،ياستۇقلار كىر بوپكەتتى مايلىشىپ،
مىنىڭدىنمۇ قۇتۇلدى بىر بۇلۇڭغا جايلىشىپ،
دوس-يارەنلەر نىمى ھەم تاشلىۋەتتى بايلىشىپ،
ئۆتمىشىمنى ئويلىنىپ ياتالمىدىم توي قىلاي.

ئايدا يىلدا بىر قىتىم كىگىز -گىلەم قىقىلماس،
ئون-ئونبەش كۈن ئايغىچە، ئوچاققا ئوت يىقىلماس،
بۇ ئالەمدە مىنىڭدەك بىر خار كىشى تېپىلماس،
بۇ ھاياتنىڭ پەيزىنى سۈرەلمىدىم  توي قىلاي.

يالغۇزلىقنىڭ دەردىدىن كۈن ئالمىغىم  تەس  بولدى،
يالغۇزلىقنىڭ دەردىدىن يۈركۈمگە دەرىت تولدى،
يالغۇزلىقنىڭ دەردىدىن كۆزلىرىمگە ياش كەلدى،
ئەقلىمدىن ھەم  ئادىشىپ قالاي دىدىم  توي  قىلاي.

ئىشتىن كەلسەم  ئالدىمغا چىقىدىغان ھېچكىم  يوق
ئاچ قالغان بۇ قورساققا ئاش ئىتەرگە  ھېچكىم يوق،
يىرتىلغان شىم -چاپاننى تىكىپ بىرەر  ھېچكىم يوق،
بۇ تۇرمۇشتىن ھېچبىر زوق ئالالمىدىم  توي  قىلاي.

ئۆي ئىچىدىن توپا-چاڭ بوران بولۇپ  ئۇچماقتا،
قورسىقىمنىڭ كوركىرشى مىنى تىرىك  يۇتماقتا،
جان ئالغۇچى ئەزرائىل  ماڭا ھوجۇم قىلماقتا،
ھاياتىمدىن  ئايرىلىپ  قالاي دىدىم  توي قىلاي.

كىچە ياتسام جىن -شەيتان ئالۋاستىلار  توۋلايدۇ،
بىر تەرەپتىن ئاچ قورساق ھوۋقۇش كەبى ھوۋلايدۇ،
ئارام خۇدا كۆز يۇمۇپ  ئۇخلىغلى بولمايدۇ،
چۈشلىرىم  ھەم بۇزۇلۇپ ياتالمىدىم توي قىلاي.

نىمە ئۈچۈن ئۆزۈمنى بۇنچىۋالا خارلايمەن.
نىمە ئۈچۈن ئۆزۈمگە بىر ھەمرانى تاپمايمەن .
نىمە ئۈچۈن كىچىسى  ھوزۇرلىنىپ ياتمايمەن،
شېرىن خىيال ئىچىدىن  چىقالمىدىم  توي قىلاي.

چىرايلىق قىز-چوكانلار  يۈركىمنى  ئەپكەتتى،
بىر قاراپلا ئىچىمگە ئۆچمەس ئوتنى  سەپ كەتتى،
گۈزەللەرنىڭ رۇخسارى  كۆزيىغىمنى يەپ كەتتى،
شۇ قىزلاردىن  بىرنى  ئالاي دىدىم  توي  قىلاي.

كۈندە پەرياد ئۇرامەن ، بويتاقلىتىن خارلىنىپ،
كۆزۈمدىن  ياش تۆكەرمەن  تەنھالىقتىن  زارلىىنىپ،
جىنىمدىن جاق تويدۇم  مەن  كەڭرى جاھان  تارلىنىپ،
بۇ تۇرمۇشنىڭ مېغزىنى  چاقالمىدىم  توي  قىلاي.

ئايال دىگەن  بىر ئۆيدە خۇش پۇراقلىق  گۈل ئىكەن.
شۇ ئايالسىز  سارايمۇ  قورۇق -قاقشال چۆل ئىكەن.
شۇ ئايالسىز  ياشىغان ئەرنىڭ ئۆمرى  كۈل ئىكەن،
بۇ ھاياتتىن  خوشاللىق  تاپالمىدىم  توي  قىلاي.

غەمكىن يۈرسەم ھالىمنى سورمىدى  بىر كىشى،
كۈن ئۆتكۈمەك قىيىنكەن بولمىسا بىر سىردىشى،
جاپا بىلەن  ئۆتەركەن  يالغۇزلارنىڭ تۇرمۇشى،
كىر بولغان  شىم- كۆينەكنى  يۇيالمىدىم  توي  قىلاي.

بۇ ھاياتنىڭ يوللىرى ئىكەن  شۇنداق ئىگىز پەس،
مىنىڭدەك بىر  يالغۇزنىڭ كۈن ئالمىغى  بولدى  تەس،
كۆپ سۆزلەپمۇ ئولتۇرماي سۆزىم تامام بولدى  بەس،
قولۋاقسىز ،بۇ  دەريادا  ئاقالمىدىم  توي  قىلاي.

بالىنى ياخشى تەربىيلەش تەربىيلىمەسلىك ئاتا-ئانىدىكى سەۋەپ.قىيامەتتە ئاتا-ئانىلار ئاللاھنىڭ سۇئاللىرىدىن قانداقمۇ ئۆتەر

قۇياشقا شەيدا سەييارە.

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32274
يازما سانى: 806
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8359
تۆھپە نۇمۇرى: 303
توردا: 6213 سائەت
تىزىم: 2011-3-1
ئاخىرقى: 2015-1-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-29 03:00:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۈگۈن ھاۋا بەك ياخشى
باھار پەيزىنى سۈردۈم .
مۇنبەرداشلار قوشاقلىرىدىن ،
ئېچىلىپ راسا كۈلدۈم ،

دېرىزەمنىڭ تۈۋىدە قۇشلار سايراپتۇ ،
مىسرانىمغا قوشاقچىلار تازا يامراپتۇ .

سەن دەسسىگەن يەرنى تۇپراق دەپلا ئۆتمە ، بىل بۇنى ، ئويلىغىن ئاستىڭدا مىڭلاپ كېپەنسىز ياتقاننى !

ئۈلۈم ۋە ھايات!

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 129
يازما سانى: 6406
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 10921
تۆھپە نۇمۇرى: 2760
توردا: 2882 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2014-10-3
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-29 03:02:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نەسىرۇللانى قوشاققا،
پاتتۇرۇپتۇ بۇ قىزلار.
مەنمۇ كەلدىم قوشاققا،
قېنى سىلەر ھوي باللار.

ئاخشام كىچە چۈش كۆردۈم،
چۈشنىڭ ئىچىدە مۇش كۆردۈم.
تەمى قىرتاق زەنجىۋىل،
مۇش ئىتىپتۇ بەك قوقتۇم.

قوشاق قاتساق بەزىلەر،
رەنجىپ بۇتناپ يۈرەركەن.
قوشاق ھەرگىز راس ئەمەس،
چاقچاقنى راس دەپ ئويلاركەن.

قوشاق يازماي دىگەنتىم،
باشقىلارنى رەنجىتىپ.
كىرىپ قاپتۇ نەسىرۇللا،
مىنى باشقىدىن ئويغۇتۇپ.

شۇڭا يازدىم قوشاقنى،
رەنجىگەنلەر يازمىسۇن.
بىز دوسلارنىڭ قەلبىنى،
چۈشەنگەنلەر جۈر بولسۇن.

ئاخىرقى تىنىقىمغىچە، بىر ‹اللە› گە مۇھەببەت باغلىدىم!ئۇلۇغ اللاھ! مىنى گۇناھ ئىشلاردىن ساقلىغىن.ئامىن!

يۈرىكىمدە لىققى

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20583
يازما سانى: 2591
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 28323
تۆھپە نۇمۇرى: 348
توردا: 2463 سائەت
تىزىم: 2010-12-3
ئاخىرقى: 2012-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-29 03:04:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

88-قەۋەت (nasrulla) نىڭ يازمىسىغا

مانا كەلدى نەسرۇللا،
سېۋىتىدە لىق تېزەك.
مۇكاپىتىم ئاسايمەن،
بوينىڭىزغا گۈل بېزەك.

قوشاق يېزىپ مۇنبەردە،
چاڭ كەلتۈرەر ھەممىنى.
بولسىمۇ گەر قوشاقچى،
يېڭەلمەيدۇ بىر مېنى.

چۈنكى ئىنىم نەسرۇللا،
ئاچىسىغا مېھرى  بار.
سالام ئېيتىڭ كالىلارغا،
بولسۇن ھەمدە ساقلىق يار.


[s:139]

جۇدالىق دېڭىزى مېنى ئېلىپ ماڭدى، مەن ئېيىتتىم: -مېنى نەگە ئاپىرىسەن؟ ئۇ ئېيىتتى: -ئاشىقىڭنىڭ بەختى ئۈچۈن ئازاب دېڭىزىغا!...

يۈرىكىمدە لىققى

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20583
يازما سانى: 2591
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 28323
تۆھپە نۇمۇرى: 348
توردا: 2463 سائەت
تىزىم: 2010-12-3
ئاخىرقى: 2012-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-29 03:08:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

90-قەۋەت (روھزاد) نىڭ يازمىسىغا

خاپا بولماڭ جان دوستۇم،
چاقچاق قىلدىم سىزگىمۇ،
قىلغان ئەشۇ چاقچىقىم،
شۇنچە ئېغىر كەلدىمۇ...

كەچۈرۈڭ،سىزنى خاتا چۈشەنگەن يېرىم يوق، ھەم باشقىچە ئويلاپمۇ قالمىدىم، پەقەت چاقچاققا چاقچاق كەلتۈرۈپ مۇنداقلا يېزىپ قويغان ئىدىم، سىز جىق ئويلاپ كېتىپسىز......ئېغىر كەتكەن بولسا ئەپۇ قىلىڭ.... [s:146]  [s:131]

جۇدالىق دېڭىزى مېنى ئېلىپ ماڭدى، مەن ئېيىتتىم: -مېنى نەگە ئاپىرىسەن؟ ئۇ ئېيىتتى: -ئاشىقىڭنىڭ بەختى ئۈچۈن ئازاب دېڭىزىغا!...

مەن سۆيگەن ياشلى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32264
يازما سانى: 1255
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 35318
تۆھپە نۇمۇرى: 1053
توردا: 3101 سائەت
تىزىم: 2011-3-1
ئاخىرقى: 2013-10-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-29 03:11:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

89-قەۋەت (Gulbike) نىڭ يازمىسىغا

تاز دەپ قويسا راست تازنى،
ئاچچىقىدىن ئۆلەرمىش.
مەندەك بەرنا يىگىتنى،
تازكەن دېسە كۈلەرمىش.

ماڭا كۆيگەن قىزچاقلار،
توچەيدە بىر چىقىدۇ،
ئەمما يەنە بويتاقلىق،
ئىچىمنى بەك سىقىدۇ.

قوشاق بىلەن مۇنبەرگە،
سېلىپ قويدۇم يارقىن ئىز.
ئۇچراتمايمەن نەۋاققا،
ماڭا ياققان بىرەر قىز.

توۋا سۆيگۈ ئالىمى،
بىر ماڭىلا تارمىدۇ.
بۇ مۇنبەردە روھزاتقا،
لايىق قىزلار بارمىدۇ؟؟؟؟؟ [s:123]

جىممىدە ئۆتكەن ھاياتنىڭ قېتىدا ھېكمەتلىرى.شادلىقى ئوچۇممۇ چىقماس بىر تاغار قىسمەتلىرى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2199
يازما سانى: 2220
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6808
تۆھپە نۇمۇرى: 574
توردا: 2973 سائەت
تىزىم: 2010-6-3
ئاخىرقى: 2015-5-3
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-29 03:15:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

Re:89-قەۋەت (Gulbike) نىڭ يازمىسىغا

ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 96قەۋەت  روھزاد كە 2011-03-29 03:11 PMئەۋەتىلدى 89-قەۋەت (Gulbike) نىڭ يازمىسىغا :
تاز دەپ قويسا راست تازنى،
ئاچچىقىدىن ئۆلەرمىش.
مەندەك بەرنا يىگىتنى،
تازكەن دېسە كۈلەرمىش.

.......
بۇ تېمىغا قوشاقچىلار كىرمەي ، بويتاقلار كىرىپ قالدۇقمۇ قانداق، بوياتقلار مارشىنى بوشراق توۋلاي، مىڭ قىلساممۇ توردىن لايىق چىقمىغۇدەك، چىققان تەغدىردىمۇ، بىرسى چوڭ، بىرسى توڭ،

بالىنى ياخشى تەربىيلەش تەربىيلىمەسلىك ئاتا-ئانىدىكى سەۋەپ.قىيامەتتە ئاتا-ئانىلار ئاللاھنىڭ سۇئاللىرىدىن قانداقمۇ ئۆتەر

مەن سۆيگەن ياشلى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32264
يازما سانى: 1255
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 35318
تۆھپە نۇمۇرى: 1053
توردا: 3101 سائەت
تىزىم: 2011-3-1
ئاخىرقى: 2013-10-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-29 03:16:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

87-قەۋەت (قـوزام) نىڭ يازمىسىغا

ئەنسىرىمەڭ قوزىچاق،
بوزەك ئەمەس گۈلبىكە.
مېنى بوزەك قىلدىغۇ،
ئۇنى بوزەك قىلغىچە.

جىممىدە ئۆتكەن ھاياتنىڭ قېتىدا ھېكمەتلىرى.شادلىقى ئوچۇممۇ چىقماس بىر تاغار قىسمەتلىرى.

مەن سۆيگەن ياشلى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32264
يازما سانى: 1255
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 35318
تۆھپە نۇمۇرى: 1053
توردا: 3101 سائەت
تىزىم: 2011-3-1
ئاخىرقى: 2013-10-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-29 03:21:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

97-قەۋەت (nasrulla) نىڭ يازمىسىغا

كۆڭلىمىزنى يېرىم قىلمايلى ، ئىشەنمىگەن تاغدا كىيىك تولا دەپ چىقىپ قالامدۇ تېخى لاتارىيىدىن چىققاندەك~~ [s:138]

جىممىدە ئۆتكەن ھاياتنىڭ قېتىدا ھېكمەتلىرى.شادلىقى ئوچۇممۇ چىقماس بىر تاغار قىسمەتلىرى.

يۈرىكىمدە لىققى

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20583
يازما سانى: 2591
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 28323
تۆھپە نۇمۇرى: 348
توردا: 2463 سائەت
تىزىم: 2010-12-3
ئاخىرقى: 2012-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-29 03:29:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

96-قەۋەت (روھزاد) نىڭ يازمىسىغا

مۇنبىرىمىزدە  قىز  تولا،
بىربىرىدىن ئۇز كەلگەن.
بىلىملەرگە ھېرىسمەن،
ئەدەپلەرنى يار ئەتكەن.

ئىزدەڭ ئاستا ئالدىرماي،
كۈتۈڭ يەنە سەۋىر قىلىپ.
كۆڭلىڭىزگە خوپ كەلسە،
ئېلىپ قېچىڭ تېز كېلىپ.[s:123]  [s:123]

قوش يۈرەكتىن گۈل ئۈنسە،
تۈگەيدۇ  دەرت قايغۇلار.
بىر كۈن شۇنداق مۇنبەردە ،
داغدۇغىلىق توي بولار.

[s:123]

جۇدالىق دېڭىزى مېنى ئېلىپ ماڭدى، مەن ئېيىتتىم: -مېنى نەگە ئاپىرىسەن؟ ئۇ ئېيىتتى: -ئاشىقىڭنىڭ بەختى ئۈچۈن ئازاب دېڭىزىغا!...
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش