مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: zanjiwil

قوشاقچىلار مەرھەممەت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

يۈرىكىمدە لىققى

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20583
يازما سانى: 2591
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 28323
تۆھپە نۇمۇرى: 348
توردا: 2463 سائەت
تىزىم: 2010-12-3
ئاخىرقى: 2012-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-29 01:29:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاي ۋۇي ، قېنى بۇلار، قوشاق يېزىپ قويۇپ ئۆزى يوق.....
خىل يىگىتلىرىمىز  بىز يازغان قوشاقلارنى كۆرۈپ چىڭ باغلانغان بەللىرى بوشاپ كەتتىمۇ نېمە؟..... [s:146]  [s:123]

جۇدالىق دېڭىزى مېنى ئېلىپ ماڭدى، مەن ئېيىتتىم: -مېنى نەگە ئاپىرىسەن؟ ئۇ ئېيىتتى: -ئاشىقىڭنىڭ بەختى ئۈچۈن ئازاب دېڭىزىغا!...

قۇشنىڭ ئۇيقۇسىد

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9196
يازما سانى: 1228
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15488
تۆھپە نۇمۇرى: 435
توردا: 4704 سائەت
تىزىم: 2010-9-5
ئاخىرقى: 2015-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-29 01:31:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كەپكەتتىيۇ -كەپكەتتى،
قوشاقچىلار كەپكەتتى.
ئېلھامىمنى غىدىقلاپ
گەپلىرىنى دەپكەتتى.

زەنجىۋىلنىڭ تەمىچۇ
بىر قازانغا تىتىپتۇ.
ئالدىراشمۇ يىگىتلەر
قاياقلارغا كىتىپتۇ.

لىكىن تۇرۇپ قالغاندۇ
قىزچاقلاردىن كەلسۇن دەپ
دەۋىرىڭلار گەپلەرنى
ئۆزۈم كەلدىم چوڭ سەكرەپ.

سۆزلەشنى بىلمىسەڭ،تىڭشاشنى ئۈگەن.

يۈرىكىمدە لىققى

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20583
يازما سانى: 2591
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 28323
تۆھپە نۇمۇرى: 348
توردا: 2463 سائەت
تىزىم: 2010-12-3
ئاخىرقى: 2012-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-29 01:31:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىسرانىمنىڭ  قىزلىرى،
مۇنبەردە بار داڭقىسى.
يىگىتلەر تەڭ كېلەلمەي،
چۇۋۇلۇپ كەتتى ماڭقىسى.
[s:123]  [s:123]  [s:177]

جۇدالىق دېڭىزى مېنى ئېلىپ ماڭدى، مەن ئېيىتتىم: -مېنى نەگە ئاپىرىسەن؟ ئۇ ئېيىتتى: -ئاشىقىڭنىڭ بەختى ئۈچۈن ئازاب دېڭىزىغا!...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33301
يازما سانى: 214
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4156
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 679 سائەت
تىزىم: 2011-3-10
ئاخىرقى: 2013-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-29 01:40:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

28-قەۋەت (nasrulla) نىڭ يازمىسىغا

ئاق ئۆستەڭگە تاش ئاتتىم،
سەن ئاتمىساڭ بولمامدۇ؟
گەپ ئۆزۈڭدە نەسرۇللا،
كۆز قىسمىساڭ بولمامدۇ؟

زىمىستانلار زىمىننى،
ئاپپاق قارغا ئورايدۇ،
مىسرانىمدا يىگىتلەر،
چ چ رىمنى سورايدۇ.

ئاينىڭ ئايدىڭى سىزگە،
ئاي قاراڭغۇسى بىزگە.
قولى ئوچۇق مەرد يىگىت.
ئۇچرىمايدۇغۇ بىزگە؟ [s:146]

قۇشنىڭ ئۇيقۇسىد

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9196
يازما سانى: 1228
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15488
تۆھپە نۇمۇرى: 435
توردا: 4704 سائەت
تىزىم: 2010-9-5
ئاخىرقى: 2015-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-29 01:42:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۇرۇپ قالسام دوخمۇشتا
باشئەگىمدىن سۇ كەلدى
باشلاپ بەرسەم قوشاقنى
ھەر تەرەپتىن مۇش كەلدى

سەت بولدىدە ئەجەپبىر
ھەممە يەڭنى تۈرگىدەك
مىسرانىمدا يىگىتلەر
كۆرۈنمەيدۇ بۈرگىدەك

مەنمۇ ئەمدى سورۇننى
قىزچاقلارغا بىرەيمۇ؟
ئىككى سائەت ئېشىم بار
تۈگىتىپلا كىرەيمۇ؟

سۆزلەشنى بىلمىسەڭ،تىڭشاشنى ئۈگەن.

ئانا تىلىمىزنى قوغدايلى!

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5872
يازما سانى: 1304
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 10664
تۆھپە نۇمۇرى: 546
توردا: 5719 سائەت
تىزىم: 2010-8-8
ئاخىرقى: 2013-12-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-29 01:44:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قوشاق توقۇپ ئولتۇرۇپتۇ
مىسرانىمنىڭ قىزلىرى
ئوغۇللارغا ھۇجۇم قىپ
سەتلىشىدۇ ئۆزلىرى

تەڭ كىلەلمەي ھىلى باكا
يىغلاپ تۇرار كۆزلىرى
نەتىجە يانا بۇرۇنقىدەك
يىڭىلىپ قالار ئۆزلىرى

روھىمىز سۇلمىسۇن دىسەڭلار تارىخ ئۈگىنىڭلار، قەددىمىز سۇلمىسۇن دىسەڭلار ھۈنەر ئۈگىنىڭلار!  ( ---- سوپاخۇن ئۇيغۇر گېنىرال)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33301
يازما سانى: 214
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4156
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 679 سائەت
تىزىم: 2011-3-10
ئاخىرقى: 2013-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-29 01:46:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

53-قەۋەت (Gulbike) نىڭ يازمىسىغا

ۋوي ئاداش....ۋۇ ھا ھا ھا ھا... [s:123]  [s:123]  [s:123]
.................
قىزىپ كەتتى قوشاقلار،
بىرگە كېلەيلى.
يىگىتلەرگە قولياغلىق.
ئېلىپ بېرەيلى. [s:159]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33301
يازما سانى: 214
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4156
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 679 سائەت
تىزىم: 2011-3-10
ئاخىرقى: 2013-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-29 01:47:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

55-قەۋەت (zanjiwil) نىڭ يازمىسىغا

چۆچىكىمگە سۇ قۇيدۇم.
تېشىپ كەتتى،
زەنجىۋىلنىڭ ئىشى يوق،
قېچىپ كەتتى. [s:165]

مەن سۆيگەن ياشلى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32264
يازما سانى: 1256
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 35318
تۆھپە نۇمۇرى: 1053
توردا: 3101 سائەت
تىزىم: 2011-3-1
ئاخىرقى: 2013-10-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-29 01:52:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاق بوز ئاتىم ئاق بوز ئات،
يار يولىدا ئاقسايدۇ.
قوشاق قاتقان قىزچاقلار،
ئۆزئۆزىنى ماختايدۇ.

كېۋەز تېرىپ يىل بويى،
خېرىدار يوق چىگىتكە.
قالايمىقان گەپ ئاتماڭ،
مۇنبەردە شاش يىگىتكە.

تولغىنىدۇ دەپ قاپسىز،
يىگىتلەرنى گۈلبىكە.
ھېرىپ قالماس يىگىتلەر،
سىز قاچمىغان كۈنگىچە.

جىممىدە ئۆتكەن ھاياتنىڭ قېتىدا ھېكمەتلىرى.شادلىقى ئوچۇممۇ چىقماس بىر تاغار قىسمەتلىرى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2199
يازما سانى: 2220
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6801
تۆھپە نۇمۇرى: 574
توردا: 2973 سائەت
تىزىم: 2010-6-3
ئاخىرقى: 2015-1-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-29 01:53:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىسرانىمدا نىمانداق قوشاقچى قىزلار كۆپ ، مۇشۇ پۇرسەتتە بىر لايىق ئىزدىۋالاي،


لايىق ئىزدەش ئېلانى

دىققەت قىلدىغان ئىشلار:
1.قىز بولسىڭىز چاقچاق ئەمەس!
2.جۇۋان بولسىڭىز كۈلۈپ قويۇڭ!
3.يىگىت بولسىڭىز ئۆگىنىپ قويۇڭ!
4.تېلفۇن نومىرىنى قالدۇرۇپ قويۇڭ! باشلاپ كەتتۇق!
______________________________________________


مېنىڭ قىز لايىق ئىزدەش مەكتۇبۇم

ئالما بەرسەم ئالامسىز؟
دۇتتارىم بار چالامسىز؟
نەسرۇللادەك يىگىتكە،
يار بولۇشنى خالامسىز؟

20 ياشتا يېشىم بار،
ئوغاق ئايدەك قېشم بار،
بويتاقلىقنىڭ دەردىدە
تەييار چۆپ-دەپ ئېشىم بار!

يۇرتۇم كۇچار ئالامەت!
مەن چاپىمەن كارامەت!
مىجەزىمنى سورىماڭ
تۆت پەسىللا سالامەت!

تېلفۇن قىلاي نۇمۇرغا،
يېزىپ قويۇڭ ئۇدۇلغا!
ئۇرسام مەيلى قىز ئۈچۈن
تۇرپان..قەشقەر ..قۇمۇلغا!

تەڭ بولسۇنكى يېشىڭىز،
كامار ئەمەس چىشىڭىز!
ئوينايلى دەپ چىققاندا
ئاغرىمىسا بېشىڭىز!

تېخى ياغلىق چىگسىڭىز،
ئۇزۇن كۆينەك كىيسىڭىز،
ئەدەپ-ئەخلاق دىگەننى.
جېنىمكەنغۇ دىسىڭىز!

چىقسا شېكەر سۆزىڭىز،
گۈزەل بولسا ھۆسنىڭىز!
ئالا چىپا ئارتىستەك
مايلانمىسا يۈزىڭىز!

كىتاپ كۆرۈپ تۇرسىڭىز،
پاشا چاقسا ئۇرسىڭىز!
نەگە بارسام كەينىمدىن
ئۇمۇقۇم دەپ تۇرسىڭىز!

راۋرۇس تاماق ئەتسىڭىز،
ئىشچانلىققا يەتسىڭىز!
ئانىڭىزنىڭ ئۆيىگە
بىرنى قويسام كەتسىڭىز!

پاكىزلىقنى سۆيسىڭىز،
ماڭا دىلدىن كۆيسىڭىز!
تۆت پەسىلنىڭ ھەممىدە
ئەمبەر پۇراپ يۈرسىڭىز!

چوڭنى چوڭ دەپ بىلسىڭىز،
تاۋۇز پىشسا تىلسىڭىز!
گەپلىرىمگە ياۋاش بوپ
تىترەپ تۇرۇپ كىرسىڭىز!

گۇناھلاردىن يانسىڭىز،
مەرىپەتكە قانسىڭىز!
ئالداپ قويۇپ ۋەلىكىن
كىيىن بولماس چانسىڭىز!

پۇل خەجلەشنى ئۇقسىڭىز،
مەندىن بەكرەك قوقسىڭىز!
تېرىكىمەن ھەممىگە
زۇكام بولۇپ يۇقسىڭىز!

يۇرتنى يىراق دىمەيمەن،
مىفەن ئەتسە يىمەيمەن!
پۇل دىگەننى يوشۇرۇن
خەجلەشنىمۇ بىلمەيمەن!

1.65 بويىڭىز،
يېڭى بولسا تويىڭىز،
ماڭا ئوخشاش خۇشچاقچاق،
بولسا مىجەز خۇيىڭىز!

مۇشۇ ئاران تەلىۋىم،
تۈگەپ قالدى غەلىۋىم.
قەدىرلەشكە سىزنى ھەم
باردۇر يۈكسەك ئەمىلىم!

خوپ كۆرسىڭىز تەييارمەن،
ئۇچىدىغان سەييارمەن!
قىز گېپىنى چىقارسا
تېلفۇندىكى لەييا مەن!

ئىسمىم تاتلىق نەسرۇللا،
دەپتەر بولسا يېزۋىلىڭ!
ياكى كۈلۈپ تۇرۇپ بېرەي
رەسىم قىلىپ سىزىۋېلىڭ!

ماقۇل ئەمسە خوش دەيمەن!
باشقا قىزنى پوش! دەيمەن!
بولسا بالدۇر خەۋرىڭىز
مانا كېلىڭ گۆش !-دەيمەن!

قېنى قىزلار بارمۇ يا ، پۇرسەتنى قولدىن بەرمەيلى،  نەسرۇللا بوش يىگىت ئەمەس

بالىنى ياخشى تەربىيلەش تەربىيلىمەسلىك ئاتا-ئانىدىكى سەۋەپ.قىيامەتتە ئاتا-ئانىلار ئاللاھنىڭ سۇئاللىرىدىن قانداقمۇ ئۆتەر
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش