مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: zanjiwil

قوشاقچىلار مەرھەممەت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33301
يازما سانى: 214
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4156
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 679 سائەت
تىزىم: 2011-3-10
ئاخىرقى: 2013-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-29 01:54:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

56-قەۋەت (turankaxkar) نىڭ يازمىسىغا

ۋوي ۋوي ۋوي...كىم بۇ ؟ ھې ھې ھې

كىم يىغلايدۇ قەشقەرجان،
ھېلى بىلىپ قالىلا،
بەردىم سىزگە قىزلار دەپ،
يامانلاپلا قالىلا.

بوش چاغلىماڭ قىزلارنى،
مىسرانىمدا ئامال يوق.
بىلىپ بىلمەي كۆيىسىز،
[s:136]  [s:136]  [s:136]
بۇ كۆيەككە داۋا يوق~

دۇنيادا ھەممە نە

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6489
يازما سانى: 2043
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 19430
تۆھپە نۇمۇرى: 1519
توردا: 5154 سائەت
تىزىم: 2010-8-16
ئاخىرقى: 2012-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-29 01:57:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قاتتىم سىنى قوشاققا،
مۇقام بىلەن ئوشاققا.
يازالمىسام كايىما،
قويماي مىنى مازاققا.

گۈل ئىچىدە گۈل چىمەن،
خۇشپۇراقلىق ھۆر بەدەن.
ھەممە يەرنى ئاقتۇرساڭ،
بۇندا كۆپتۇر ھۆر لەۋەن.

باغدا بولغاچ ئالمىلار،
تاشنى ئاتتىم مەن ئاڭا.
قوشاق كەتتى يۈرەكتىن،
كۈيۈپ قالغاچ مەن ساڭا.
.............

خاتا سۆيۈپتىمەن!

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 21569
يازما سانى: 669
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8770
تۆھپە نۇمۇرى: 410
توردا: 946 سائەت
تىزىم: 2010-12-9
ئاخىرقى: 2014-10-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-29 01:58:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قېنى قىزلار بىز كەلدۇق ، بىز بولمىساق پو ئېتىشىپ ئوينايدىكەنسىلە ھاما؟ [s:152]

ئاخشام ياتتىم ئۇيقۇ يوق،
تۈنەپ چىقتىم كىچىچە .
پو ئېتىپتۇ ما قىزلار ،
بىز مۇنبەرگە كىرگۈچە.

قوشاق يېزىڭ دەپقاپسىز،
قوشاق بىزدىن ئايلانسۇن.
يىگىتلەرنىڭ سۆزىدىن ،
قىزلار يۈرىكى يارلانسۇن.

قېنى قىزلار كەلمەمسىز ،
نۆۋەت سىزگە كەپ قالدى.
ھەيران قېلىپ بۇ قىزلار،
ئاھ يىگىتلەر دەپ قالدى.

گەنگۆ با دەيمە  [s:152]

مىنى باشتىن ئاخىرى ئالدىشىنى ئەخمەق قىلىشىنى ئويلىماپتىمەن ، ئەڭ ئۆچ كۆرىدىغىنىم يالغانچىلىق ئىدى ،مەن سۆيگەن قىز يالغانچىكەن ئەمەسمۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2199
يازما سانى: 2220
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6808
تۆھپە نۇمۇرى: 574
توردا: 2973 سائەت
تىزىم: 2010-6-3
ئاخىرقى: 2015-5-3
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-29 01:58:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قوزام، مەرۋە، گۈلبىكلەر، بەك جىق قوشاق تۇقۇپتۇ
قوشاقلىرىدا ئۆزلىرىنى ، ئاي پەرىدەك ماختاپتۇ
شۇڭا بىزدەك نەسرۇللا، گاڭگاۋ ئېلان چاپلاپتۇ
قىزلار قاچان چىقار دەپ، ئىڭەك يۆلەپ ساقلاپتۇ

بالىنى ياخشى تەربىيلەش تەربىيلىمەسلىك ئاتا-ئانىدىكى سەۋەپ.قىيامەتتە ئاتا-ئانىلار ئاللاھنىڭ سۇئاللىرىدىن قانداقمۇ ئۆتەر

مەن سۆيگەن ياشلى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32264
يازما سانى: 1255
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 35318
تۆھپە نۇمۇرى: 1053
توردا: 3101 سائەت
تىزىم: 2011-3-1
ئاخىرقى: 2013-10-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-29 02:01:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

55-قەۋەت (zanjiwil) نىڭ يازمىسىغا

مۇنبەردىكى قىزچاقلار،
يەڭلىرىنى تۈرگىدەك.
ئىشنى باشلاپ ئۆزىڭىز،
قېچىپ يۈرمەڭ بۈرگىدەك.

تاز بېشىغا پايدىمىش،
شوخلا بىلەن زەنجىۋىل.
مىسرانىمدا قىزچاقلار،
يىگىتلەرگە سالدى تىل.

مەرۋە قىزنىڭ شۇ دەمدە،
چۆچىكىدىن سۇ تاشتى.
تەڭ كېلەلمەي قىزچاقلار،
تورنى ياقىلاپ قاچتى.

قاچما قاچما قىز قاچما،
يوللىرىڭغا سىم تارتتىم.
مىسرانىمدا قىزلارنى،
قوشاق بىلەن قاقشاتتىم.
[s:179]  [s:138]

جىممىدە ئۆتكەن ھاياتنىڭ قېتىدا ھېكمەتلىرى.شادلىقى ئوچۇممۇ چىقماس بىر تاغار قىسمەتلىرى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2199
يازما سانى: 2220
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6808
تۆھپە نۇمۇرى: 574
توردا: 2973 سائەت
تىزىم: 2010-6-3
ئاخىرقى: 2015-5-3
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-29 02:01:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ما قىزلار باياتىندىن بىرى تولا چۇقۇرشىپ بىزنى ئويغۇتۇپ ئۇۋىمىزنى چۇۋىۋەتتى، ئەمدى نۆۋەت بىزگە كەلدى، كالا تېزەكلىرنى ئېتىپ ماڭقىسىنى چۇۋۇيمىز،

بالىنى ياخشى تەربىيلەش تەربىيلىمەسلىك ئاتا-ئانىدىكى سەۋەپ.قىيامەتتە ئاتا-ئانىلار ئاللاھنىڭ سۇئاللىرىدىن قانداقمۇ ئۆتەر

يۈرىكىمدە لىققى

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20583
يازما سانى: 2591
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 28323
تۆھپە نۇمۇرى: 348
توردا: 2463 سائەت
تىزىم: 2010-12-3
ئاخىرقى: 2012-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-29 02:04:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاي ئاللا .....ئۇۋىسىدىن چۇۋۇلۇپلا چىقتىمۇ نېمە...... [s:151]

جۇدالىق دېڭىزى مېنى ئېلىپ ماڭدى، مەن ئېيىتتىم: -مېنى نەگە ئاپىرىسەن؟ ئۇ ئېيىتتى: -ئاشىقىڭنىڭ بەختى ئۈچۈن ئازاب دېڭىزىغا!...

خاتا سۆيۈپتىمەن!

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 21569
يازما سانى: 669
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8770
تۆھپە نۇمۇرى: 410
توردا: 946 سائەت
تىزىم: 2010-12-9
ئاخىرقى: 2014-10-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-29 02:09:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىزلارنى قوشاققا يۆگەپ ئەپ قاچىمىز ئەمدى ، قېنى قىزلار كېلىپ بىردىن جۈپ تاللاپ قوشاق ياندۇرۇڭلا بىزگە  [s:152]

مىنى باشتىن ئاخىرى ئالدىشىنى ئەخمەق قىلىشىنى ئويلىماپتىمەن ، ئەڭ ئۆچ كۆرىدىغىنىم يالغانچىلىق ئىدى ،مەن سۆيگەن قىز يالغانچىكەن ئەمەسمۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2199
يازما سانى: 2220
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6808
تۆھپە نۇمۇرى: 574
توردا: 2973 سائەت
تىزىم: 2010-6-3
ئاخىرقى: 2015-5-3
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-29 02:09:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
زەنجىۋىلنى ئاكام دەيمەن
گۈلبىكەنى ساقام
مەرۋە قىزنى تاز دەيمەن
قوزام قىزنى ماز

باغقا بۇغداي تېرىسام
ئۈنمەي تۇرۇپ سۇ دەيدۇ
گۈلبىكە دىگەن بۇ قىزچاق
تەگمەي تۇرۇپ پۇل دەيدۇ

بالىنى ياخشى تەربىيلەش تەربىيلىمەسلىك ئاتا-ئانىدىكى سەۋەپ.قىيامەتتە ئاتا-ئانىلار ئاللاھنىڭ سۇئاللىرىدىن قانداقمۇ ئۆتەر

مەن سۆيگەن ياشلى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32264
يازما سانى: 1255
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 35318
تۆھپە نۇمۇرى: 1053
توردا: 3101 سائەت
تىزىم: 2011-3-1
ئاخىرقى: 2013-10-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-29 02:10:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 67قەۋەت Gulbike كە 2011-03-29 02:04 PMئەۋەتىلدى :
ۋاي ئاللا .....ئۇۋىسىدىن چۇۋۇلۇپلا چىقتىمۇ نېمە...... [s:151]

ئاسانلىقچە بۇزۇلماس،
يىگىتلەرنىڭ ئۇۋىسى.
بۇ جاھاننى بىر ئالدى،
قىزچاقلارنىڭ توۋىسى.

بىزنى كۆرۈپ قاچسىڭىز،
ئۈسسۈۋالىسىز توساققا.
بارمۇ يوقمۇ پەيزىڭىز،
بىز توقۇغان قوشاققا؟؟؟؟؟؟؟؟

جىممىدە ئۆتكەن ھاياتنىڭ قېتىدا ھېكمەتلىرى.شادلىقى ئوچۇممۇ چىقماس بىر تاغار قىسمەتلىرى.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش