مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1780|ئىنكاس: 33

ئىچكىردىكى مەن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35527
يازما سانى: 53
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3555
تۆھپە نۇمۇرى: 191
توردا: 215 سائەت
تىزىم: 2011-3-28
ئاخىرقى: 2012-9-4
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-30 03:24:20 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك تورداشلار.
  مەن ئالدى بىلەن ئۆزەمنىڭ تېيىز بىلىمى .  نىشانسىز سۆزى. مەقسەتسىز پىكىرىلىرىنىڭ ئاجىزلىقدىن  سىزلەردىن تۆۋەنچىلىك بىلەن كەچۈرۈم سورايمەن. مەن ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا  يىڭى تۇغۇلغان بىر تايمەن.
   بۇ ھاياتلىقنىڭ ئىنچىكە سىناق، ئىغىر بېسىمى ۋە چەكلىك ئۆمۈرنىڭ ۋاقتى  بىلەن مەندەك بىر ئاجىزنىڭ 1000مودىن ئارتۇق يەرنىڭ ۋاقتىلىق ئىگىسى قىلىپ قويغان ئاللاھقا شۈكرى .  شۇ يەرنىڭ ماڭا قىلغان سوۋغىسى سەۋەپ ئۆزەممۇ بىلىپ بىلمەي بىر قوغۇنچى  بولۇپ قالدىم دېسە.
  مانا مۇشۇ سەۋەپتىن بىر يىلنىڭ كۆپ ۋاقتى ئىچكىرى ئۆلكىلەردە بولۇپ قالدىم. ئادەتتە ماڭىدىغان يولۇم جىقراق. كۆرگىنىم كۆپرەك بولۇشى ئەلۋەتتە.  
    ئۆزۈم ئادەتتە ھېكايە ، رومان، پوۋېست دىگەنلەرنى تولۇق  ئوقۇپ بولۇشقا زادىلا ئامالىم يوقتى. ئادەتتە بىرەر بەت ماقالە ياكى خەۋەر بولسا ئىزدەپ يۈرۈپ ئوقۇيمەن.  
    يېقىندا مەن پات - پات تورلاردا ئانچە مۇنچە ئۇيغۇر مۇنبەرلەرگە قەدەم قويىدىغان بولدۇم ۋە پىكىر قاتناشتۇرۇپ، ھەم تورداشلارنىڭ پىكىرىنى ئانالىز قىلىپ ئويلىنىدىغان بولىۋالدىم. ھەقىقەتەن بۇ مۇنبەرلەر كىشىنى ئۆزىگە تولىمۇ جەلىپ قىلىپ كىشىنى تەكسىز ئويلارغا قويىدىكەن .  مەسىلەن <مەھەللەمنى تۆلەپ بەر >، < ئىچكىرىدىكى مەن كۆرگەن  ئۇيغۇرلار> ،< ئىچكىرىدىكى تۇيغۇرلار >..... دىگەندەك نادىر تىمىلار مىنى ئاۋازىمنى تولۇق چىقىرىپ ئوقۇشقا مۇيەسسەر قىلدى. مەن ئۇلاردىن تولىمۇ سۆيۈندۈم ...

 سىلەرنىڭ  دېگىنىڭلار توغرا، چۈنكى دۇنيا تەرققىي قىلىپ ھەرخىل ئىشلار چىقىشى بەرھەق. مەيلى سىز كۆرۈڭ ياكى سىز گۇۋا بولۇڭ دۇنيادا ھەرقانداق ئىشىنىڭ اللەنىڭ ئىزى بىلەن بولىدىغىنىغا ئىمان كەلتۈرگەن ئىنسانمەن .  ئۇلارنى سىز  بەلكىم ئۆزىنىڭ تۇغۇلغان يۇرتىدىن چىقىپ باقمىغان ئىچكىرىگە كىرگەنلەرنىڭ ھەممىسنى يالغانچى ،ئوغرى، قاراقچى ،ماراقچى ۋە ئاقچى..... دەپ بىلىدىغانلار ئۈچۈن ياخشى بىر پايدىلىنىش ماتىرىيالى بولۇپ قاپتۇ. تەبرىكلەيمەن.
   توغرا سىز كۆرگەن ئۇيغۇرلار شۇنچە مۇرەككەپكەن . ئەلۋەتتە مەنمۇ كۆرگەندىمەن. لىكىن مەندە پەقەت ئەسلىمە يوق.  مەن كۆرگەن ئۇيغۇرلار داۋاملىق ناھايىتى ئاددى سۆيۈملۈك كىشلەر . بەلكىم مەن شۇلارنىڭ دائىرىسىدە بولۇشۇم مۇمكىن . ئات ئات ئوقۇرىدا . چوشقا چوشقا قوتۇنىغا تەۋە. توغرا جەمئىيەت ياخشى ياماندىن خالى ئەمەس.
  ئىچكىرىدىكى تۇيغۇرلار تولىمۇ مۇرەككەپ بولىدىكەن . مەن ئالي مەكتەپنى ئۆز دىيارىمدا ئوقۇغاچقىمىكىن تولىمۇ تەلەيلىكمەن. مەنمۇ باشقا مىللەتلەر بىلەن ئوقۇغاچقىمىكىن ئازراق بەزى بىر قىسىم ئەيىپلەرنىڭ ئەيىپ سانىمايدىغان بولۇپ قالغاندىمەن. لىكىن ئادەم ھامىنى چوڭ بولىدۇ.... پىكىرلىرى ئۆزگىريدۇ. بىلملىرى كۆپىيىدۇ. ... ئۆز ئەقلىنى قولغا ئالىدۇ. مۇھەممەدجان راشىدىن ئەپەندىنىڭ شېئىرىدا تەسۋىرلەنگەندىكىدەك. ھەممە ئادەم بىر كۈنى تۈزۈلۈپ قالىدىكەن.
  ئاھ خۇدا، ياراتقان ئىگىسى مۇساپىر قىلمىسۇن كىشىنى. گەرچە سىزنىڭ سەپىرىڭىز قەدىمكىدەك پويىز ۋە ماشىنلاردا بولمىسمۇ لىكىن ھەقىقەتەن چارچايسىز.
  مەن داۋاملىق ئۆزۈمنىڭ ئىشىلىرىنى قىلىپ بولۇپ ئائىلەم ئۈچۈن بىر كۈن ۋاقىتنى ئاجرىتىپ ئۇلارغا يېڭىلىق نەرسىلەرنى ئىزدەپ سوۋغا سالام ئۈچۈن ئالەم كېزىمەن.
  بۈگۈن ھاۋا تولىمۇ ياخشى مىنىڭ خېرىدارىم جەنۇبى ئاسىيادا بولغاچ مىنىڭ نەچچە كۈنۈم بىكار ئۆتمەكتە. سۆيۈنىمەن بۇ ۋاقىتتىن. شۈكرى خۇداغا.
  جوڭگودىكى كىچىك تارۋارلارنىڭ بىردىن بىر مەنبەسى بولغان يىۋۇ مىنىڭ نەچچە كۈنلۈك ۋاقتىمنى مەنلىك ئۆتكۈزۈشىمگە سەۋەپ بولۇپ مىنى تولىمۇ سۆيۈندۈردى.
مەن فۇتىيەندە يەنى خەلقئارالىق سودا شەھەرچىسىدە. ئالىدىغان ماللىرىمنى بىرە قۇر ئېلىپ بولۇپ قايتىماقچى بولۇپ بىرىنچى قارارلىق قۇرۇلۇشنىڭ 4 - رايۇنىنىڭ 3- ئىشىكىدىن چىقتىم. ئاھ نىمە دىگەن مىززىلىك پۇراق ..... كاۋاپ،  مەن ئىشكتىن چىقىشتىن بۇرۇن. بۇ پۇراق مىنى ئۆزىگە تارتىپ كەلمەكتە ئىدى.
ئالدىمدا 20 نەچچە ياشلاردىكى شۇنچە چىرايلىق كېلىشكەن ئۇيغۇر يىگىتى  كاۋاپ پۇشۇرۋاتاتتى. مەن بېرىپ ئۇ يىگىتكە  : - ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.
        -  ۋەئەللەيكۇم ئەسسالام
    - بۇ مېزىلىك پۇراق مىنىڭ قوسۇقۇمنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئاچۇرۋەتتى . ئۇكام
-  ماڭا سەككىز زىق كاۋاپ پۇشۇرۇپ بىر دانە نانغا قويۇپ بېرىڭا.(كاۋىپى كېچىك بىر يۈەنلىك ئىدى.)
شۇنداق قىلىپ مەن بۇ يىگىت بىلەن قىزغىن پاراڭغا چۈشۈپ كەتتۈق. ( رەسىمى بار ئىدى قانداق يوللاشنى بىلمىدىم. ) گەرچە ۋاقىت بەك قىسقا بولسىمۇ . لىكىن ئۇنىڭ خوتەندىن ئىكەنلىكىنى بۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغىنغا 3 يىل بولىغنىنى بۇ يەردە جەمئىي 12 ئادەم بارلىقىنى داۋاملىق مۇشۇ ئەتراپتا يۆتكىلىپ يۈرۈپ يۈرىدىغانلىقىنى . گۆشنىڭ بىر جىڭىنى 23 يۈەندىن ئالىدىغانلىقىنى بىر كىلو گۆشتىن جەمئىي 180 زىق كاۋاپ چىقىدىغانلىقىنى . ئۆزىنىڭ توي قىلمىغانلىقىنى ئۆزىنىڭ يەنە كەچلىك بازاردا ئورنى بارلىقىنى كەچتە شۇيەردە كاۋاپچىلىق قىلىدىغىنى سۆزلەپ بەردى. ئەلۋەتتە مەن ئۇ يىگىتنىڭ ئاغزىنى  تاتلايمەندە. ...مەن سورىدىم ئۇ بالىدىن

- تورغا چىقامسىز ؟ ئۇ يىگىت ئادەتتە بەك ئالدىراش ئىكەنلىكىنى ئادەتتە. ئىشتىن بىكار بولسا ئەرەپچە كۇرۇسقا قاتىنشىدىغانلىقىنى.بۇنىڭغىمۇ شۇ كاۋاپچىلىق سەۋەپ بولۇپ قالغانلىقىنى چۈنكى ئۇنىڭ ئالدىغا كۆپىنچە ئوتتۇرا شەرقتىكى ئەرەپلەر كېلىدىغانلىقىنى بەزىدە ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى بىلەلمەيدىغانلىقىنى. ئۆزىنىڭ تولۇقسىزنى مەجبۇرى تۈگەتكەنلىكىنى. ئوقۇيالمىغانلىقىغا تولىمۇ ئۆكۈنىدىغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى. شۇنداق قىلىپ مەن بۇ بالىنىڭ تىرشچانلىقىغا قاراپ شۇنچە پەخىرلەندىم. ھەم ئۇ يىگىت ئۆزىنىڭ مەندەك شىنجاڭلىق مۇسۇلماننى تولىمۇ ئاز كۆرىدىغانلىقىنى مىنى تېخى چەتئەللىك مۇسۇلمانمىكىن دەپ قالغانلىقىنى . ھەمدە مىنىڭ ئېھتىيات قىلىشىمىنى بۇ يەردە ھەرخىل ئادەملەرنىڭ جىقلىقىنى. ھەمدە ماڭا تاكسى توسسام نىمىگە دىققەت قىلىشىمنى دەپ بەردى. ئاللاھ مەن ئۆز تىلىمدە گەپ قىلىپ بۇنداق بىر تىرشچان يىگىت بىلەن پاراڭلاشقىنىمدىن. شۇنچە خوشالمەن. ئەلۋەتتە ئۇ يىگىتنىڭ ھاياتىدا نىمە قىلىپ بۈگۈنكى كۈنگە كەلگىنى ماڭا نامەلۇم. لىكىن ئۇ يىگىتىنىڭ تەبىئيتى ئۇيغۇرنىڭ خاسلىقى، سۆيگۈسى، مۇئامىلىسى، كەسىپى، تىلى ۋە قىزغىنلىقى مەندە ئاجايىپ بىر سۆيگۈ ھاسىل قىلدى. ...كۆرمەمسىز ...مەندەك ئاددي بىر ئىنسان ... تولىمۇ ئاددىي نەرسىلەردىن خوش بولامدىكەنمەن. .. چۈنكى مەن پەقەت بىر سىگە ئىشلەپ باقمىغان. .... ئەمما ئالامەت روللارنى ئالغانمەن..... بىر چاغلاردا مەن بوۋاق ئىدىم. ئوقۇغۇچى ئىدىم. ..... سىتۇدېنتى... شاگىرت. ... ھاياتلىقتىكى ئۆمۈرلۈك ھەمراھ.....بىر ئائىلىنىڭ خوجايىنى ...يىگىتلەرنىڭ ئانسىى.... ئاھ خۇدا ئىش قىلىپ نۇرغۇنلىرى يەنىلا مەخپى خالاس . ............
   مانا بۈگۈن جۈمە مەن شۇنچە خوش بولىمەن بۇ كۈندىن. چۈنكى مەنمۇ جۈمەگە بارىمەن. شەھەرنىڭ ئوتتۇرىسغا جايلاشقان بۇ مەسچىت مىنى داۋاملىق ئۆزىگە مەپتۇن قىلدۇ. ھەردائىم ئەڭ بالدۇر بارغانلارنىڭ ئارىسدا چوقۇم مىنى تاپالايسىز. ....ئەلۋەتتە ئەڭ ئاخىرىسىدا قايىتقانلارنىڭ ئاخىرقىسىمۇ مەن.  مەن ئالدىنقى كۈنى تېلفوندا كېلىشپ قويغان. ئىچىكرىدىكى تىجارەت قىلىۋاتقانلار بىلەن كۆرۈشمەكچى ئىدىم،.... ئۇلارنىڭ بىرى قاشتىېشى ئېلىپ كەلگەن كۇچالىق ئېزىز قارى ئىدى(ئەلۋەتتە كۇچا قارىسى ) يەنە بىرى ئابلىكىم- ئۇيغۇر شىركەتلىرىنىڭ يىۋۇدىكى باش ۋاكالەتچىسى ئىدى. بۇ بازا شۇنچە قىزىيدۇ. جۈمە كۈنى كۆرىدىغان بولسىڭىز ئۈرۈمچىدىكى سەنشىخاڭزىمىكىن دەپ قالسىز .  شۇنچە مولچىلىق. ئىشقىلىپ پۇلىڭىز بولسا يەيدىغان ھەرقانداق ئۇيغۇر تائامىنى تاپالايسىز. يەنە تىخى ئانا تىلىنى ھارغىچە سۆزلىيەلەيسىز. ..... 


    ئاخىرىنى ئىنكاس ھالەتتە يوللاي . توغرا رەسىمىنى قانداق يوللايمەن؟ ياردەم قىلساڭلار.

 


باشقۇرغۇچى ئەسكەرتمىسى :

تېما يوللىغاندائىملاغا قاتتىق دىققەت قىلسىڭىز بولۇپمۇ ئو ، ئۇ ، ئۆ، ئۈ ، ك ، گ  تاۋۇشلىرىنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنىغا.

يول ماڭغانسىىرى ئېچىلىدۇ.

ئۇلۇغ اللاھتىن ك

ئالىي ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 5582
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى : 44906
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 2309 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-9-4
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-30 03:12:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېمىڭىز ئارقىلىق  ئىچكىرىدىكى سىزدەك، كاۋاپچى يىگىتتەك  ھالال مېھنمىتى ئارقىلىق مىللىتىمىزنىڭ يۈزىنى يۇيىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىنى چۈشىنىۋالدىم....مېنىڭ ئوغلۇممۇ ئىچكىرى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇيدۇ، ئىچكىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسى  ئەسكى ئەمەس، ئەسكىلەر ھەممە مىللەتتە، ھەممە يەردە بار.ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەش توغرا ئەمەس....اللاھ  ئىچكىرىدىكى ئۆزىنىڭ ھالال ئەجرى ئارقىلىق  تۇرمۇش ھەلەكچىلىكى بىلەن تىرمىشىۋاتقان سىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ئىشلىرىنى ئاسان قىلسۇن.....
يازمىڭىزنىڭ داۋامنى تېزراق يوللىغايسىز...

مەيلى ئادەم بار چاغدا بولسۇن ياكى يالغۇز قالغان  ۋاقىتتا بولسۇن،ئازىراقمۇ يامان ئىش قىلما،ئۆز ئىززىتىنى بىلىش ھەممىدىن مۇھىم.

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1041
يازما سانى: 2859
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 16079
تۆھپە نۇمۇرى: 1125
توردا: 1253 سائەت
تىزىم: 2010-5-27
ئاخىرقى: 2012-9-4
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-30 03:30:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باشقا  مىللەتقۇ  بىزگە  گۇمان  نەزىرى  بىلەن  قارىسۇن  ،  ئەمما  دىيارىمىزدىكى  ئۇيغۇر   قېرىنداشلىرىمىزمۇ  ،  ئىچكىردىكى  ئۇيغۇرلار  دىسە  ،  كۆز  ئالدىغا  
چىرايى  بەتبەشرە  ،  ئوغرى  يانچۇقچى  ،  ئاقچى ـ  قاراقچى  كىلدۇ  .    بىزگە  قېرىنداشلىق  
مېھىر ـ مۇھەبىتىڭلار  بىلەن  قاراپ  قۇيۇڭلار !  بىزنىڭمۇ  كىشى  يۇرتىدا  بىر  كىشلىك  ئورنىمىزنى 
 تېپىپ،ئولۇغۋار  غايە  ،ئارمانلار  بىلەن  كەلگۈسىمىز  ئۈچۈن  مەدىكاردىنمۇ  جاپالىق  ئىشلەپ 
 يۈرۈۋاتقان  ھالىتىمىزنى ، ئېتىقاد  ،  غورۇر ،  ئويغۇر  ئەركەكلىرىگە  خاس مەغرۇر قەدەم تاشلاپ  كېتىۋاتقان  تۇرقىمىزنى كۆرگەن  بولساڭلار  !  كاشكى...    ئىچكىرىدە  ناھايتى  ئاز  
ساندىكى  يامان  نىيەتلىك ئۇيغۇرلارنىڭ  پۇقى  ھەممىگە .شۇ  گەپنى  ئېسىڭىزدە  ساقلاڭ  !
 ئەسكى  ئادەم  ھەر  يۇرىت  ،  ھەممە  مىللەتتىن  چىقىدۇ  . باشقىلارنىڭ  كەينىدىن  غەيۋەت  قىلماي ئۆزىڭىزنى  بىلىڭ  !
      ئارلىقىمىز  سەل  يىراق  ئىكەن  ،  بولمىسا  ،  تېمىڭىزغا  قوشۇپ  مىنىڭ  رەسمىمنىلا  يوللىۋەتمەمتىڭىز  ؟
ئېغىر  كۆرمەي  ،  جېجىياڭ  يىۋۇدىكى  ئۇيغۇرلار  كۆپرەك  ئولتۇراقلاشقان  ،  ئۇيغۇر  ئاشخانا ۋە باشقا
مال  سېتىش  ئورۇنلىرىنىڭ  تەپسىيلى  ئادىرىسىنى  قالدۇرۇپ  قويسىڭىز  .  سىزدىن  مىننەتدار  بولاتتىم.

ۋاقتىڭ  كەتتى  
بەختىڭ كەتتى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35527
يازما سانى: 53
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3555
تۆھپە نۇمۇرى: 191
توردا: 215 سائەت
تىزىم: 2011-3-28
ئاخىرقى: 2012-9-4
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-30 04:31:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
 

  
شۇنداق قىلىپ مەن جۈمەدىن كىيىن ئۇلار بىلەن كۆرۈشتىم.ھەم ئۇلارنىڭ تىجارىتنى مەقسەد قىلغان ھالدا پاراڭلاشتۇق. كۆرمەمسىز . بىز بىر نەچچە ئۇيغۇرلار بىر يەردە شۇنچە چىرايلىق تۇرۇپتۇق. بىز بىلىدىغان ياكى بىز بىلمەيدىغان ئىش قىلىپ ئۇيغۇرلار بىزلەر بىلەن شۇنچە گۈزەل كۆرۈشىتى. ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا سىزلەر كۆرگەن يانچۈقچى.ئاقچى قاراقچى.ماراقچى. ۋە قويمىچى ۋە ياكى پۇللىرىنى خەجلەيدىغان يەرلەرنى تاپالماي يۈرگەن بۇرادەرلەر  باردۇ. ياكى ئۆزىنىڭ كىچىككىنە جىنىنى سىرغدۇرالماي .تەرەپ تەرەپلەردىن باشتىققىدەك ماكان ئىزدەپ يۈرگەن مۇساپىرلار باردۇ. قىسقىىسى سىز مەن ھەمىمىز ھەرقانداق ئادەملەرنى كۆرىمىز. لىكىن ئۇلاردا يەنە بىر ئورتاق نەرسە ئۇ بولسىمۇ ئۆزمىللىتىدىن تانماسلىق . مىھرىبانلىق سۆيۈش بار.    بىز ئۇ كوچىغا تولىمۇ ياراشتۇق. قارىمامسىز بىزشۇنچە ئەدەپ بىلەن پاراڭلىشىپ تۇرساق . نۇرغۇن چەتئەللىك مۇسۇلمانلار . بىزگە ھەۋەس بىلەن قاراپ كەتتى. بەلىكم ھەقىقىي مۇسۇلمان ئاياللارغا خاس ياسانغان مەندەك بىر ئايالىنىڭ خاس ئەرلەر بىلەن بىر قاتاردا بېشىمنى ئىگىز تۇتۇپ تۇرغۇنۇنمغا ئەجەپلەنگەندۇ. ياكى ئالاھىدە سورۇنغا قارىغاندۇ. لىكىن ئۇلارمۇ مىنى كۆرىدى. مەنمۇ ئۇلارنى كۆردۇم.  
   ئۇلاردىن ئايرىلىپ مەن بۇ ۋاقىتلىق كىچىك گۈزەل بازاردا ئارلاۋاتتىم. بىرسىنىڭ ئانا تىلدا تېلفون ئالغان ئاۋازى مىنىڭ دىققىتىمنىى تارتى.  ۋە ئىككىمىزنى بىر كىتاپ يەيمىسىنىڭ ئالدىدا جەم قىلىدى.
  - قانداق كىتاپ -  قانچە پۇل ئىدى.-  نەدە نەشىر قىلغان..-  ماقۇل ---كەتتى دەيدۇ. .--  ھىچ كەتكىدەك پۇل تاپالمايۋاتىمەن. -   بىزنىڭ ئويدىكىلەرنى كۆرسەڭ دەپ قويە ماڭا تېلفون قىلسۇن. بايا تىلفون قىلسام پۇلى تۈگەپتۇ دەيدۇ. .....
   شۇنداق قىلىپ ئۇ يىگىت بىردانە كىتاپ ئېلىپ بۇ ئادەم دىڭىزىدا غايىپ بولدى.مانا بۇمۇ مەن كۆرگەن ئۇيغۇر.....................
   خاڭجۇنىڭ داڭلىق مەنزىرە رايۇنى بولغان شىخو مەن بۇ يەرنى ياخشى كۆرىمەن. لىكىن بارالمايمەن. چۈنكى ئۇيەرگە بېرىشى ئۇچۈن ئايدۇرۇمدىن بىر سائەتتچە ئاپتۇبۇستا ئولتۇرسام بولىدۇ. باردى كەلدى 40 يۈەن.  بولدىلا شۇ پۇلغا مىنىڭ يىگىتلىرىمگە سوۋغا ئېلىۋالسام بولار . ....سىز بىلىسىز ئايال كىشى سەل پىقسىق كېلىمىز.
   مىنىڭ خېرىدارىم مىنى ماشىنىسى بىلەن شىخوغا ئاپپىرىپ كېلىدىغان بولدى. مۇنۇڭغا مەن قوشۇلدۇم. 
  مەن شىخو بويىدا بۇ گۈزەل مەنزىرىدىن ھوزۇلىنىۋاتىمەن. بۇ يەردە بىر ئادەمدىن 40 يۈەن ئالىدىغان توكلۇق ماشىنا بار . 12 ئادەم ئولتۇرىدۇ. مەن ۋە خىرىدارىم بولۇپ جەمئي 3 مىز. بۇ يەر جېجىياڭ ئونۋىىرسىتىغا يېقىن. ئادەتتە ئوقۇغۇچىلار جىق ... بىر ئوقۇغۇچى . .... ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن پىيادە مىڭىپتۇ. بىلەممىز ئۇلار ئۇيغۇر ئىدى. ئەلۋەتتە. ...
    ئۇلارنىڭ قانداق تۇيغۇلاردىكى پەرزەنتىنى ئىزدەپ كەلگىنىنى بىلمەيمەن. ھەمما 3000نەچچە كىلومىتىرلىق يولنى بېسىپ بالا دەپ كەلگەنلەرمىكىن دىدىم. ھەم دوستۇمغا ئۇلار ئۇيغۇر دىسەم نىمە دەيدۇ. دەڭ . مەنمۇ بىلمەن.ئۇلار ئوقۇغۇچى. كۆپ ھاللاردا تەتىلدە ئىشلەيدۇ. ئۇنىڭ ناھايتى چوڭ زەنجىرسىمان تاللاھ بازىرى بار. توغرا ئۇ ھىچقانداق ئالاھىدە كۆپ سۆزلىمىدى. لىكىن ماڭا ئۇلار ئوغرى ياكى ئاقچى ياكى قاراقچى دىمەي. ئوقۇغۇچى دىدى. ... سۆيۈندۇم. 
  اللەھ مىللىتىمنى دۆلىتىمنى بالايى ئاپەتتىن ساقلاپ قالسۇن. بىزنى ھەر زامان ئامان قىلسىۇن.  
   دىمەك دۇنيا ئۆزگىرىدۇ. ھەممە نەرسە ئۆزگىرەيدۇ. دىمەك ئەسكىلەر ياخشىغا ،ياخشىلار ئەسكىگە ئۆزگىرەيدۇ. ھەممىزىنى اللەھ ئامان سالامەت . خاتىرجەم قىلىسۇن . ئاخىرىنى مۇنبەردىكىكلەرنىڭ داۋاملاشتۇرۇشۇنى سورايمەن. ئانا تىلدىن ساۋادىم مانا مۇشۇنچىلىك بولغاچقا . دۇنيانى روجەكلەردىن كۆرگەچكە . سەۋىيەم چەكلىك. ئىملالىرىم خاتا يەرلىرى بولسا دوستلارنىڭ تۈزىتىپ ئوقۇشىنى سورايمەن تامامى ئېھتىرام بىلەن :  كەمىنە ئېھسان717  ئاخىرىنى ئەتە يوللايمەن. ..

يول ماڭغانسىىرى ئېچىلىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35527
يازما سانى: 53
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3555
تۆھپە نۇمۇرى: 191
توردا: 215 سائەت
تىزىم: 2011-3-28
ئاخىرقى: 2012-9-4
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-30 04:43:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توغرا مەن پەقەت بەك ئاز بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنى كۆردۇم.لىكىن ئۇلار قانداق ئىش كەسىپتىن بولسۇن . ئەگەر ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى بىلسەملار ئىككىلەنمەستىن سالام بېرىمەن. چۈنكى كۆڭۈل كۆڭۈلدىن سۇ ئىچەر.  
  بۇ يەردە سالامدىن ئۆزگە يەنە نىمە ھەمراھ .......
               مەن رەسىم يوللاشىنى بىلمەيمەن بولمىسا چوقۇم ھەممە مۇنبەر ئەھلى خوش بولغان بولاتتى.

يول ماڭغانسىىرى ئېچىلىدۇ.

گۇناھلىرىمنى يۇ

دائىملىق ئــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2137
يازما سانى: 964
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10576
تۆھپە نۇمۇرى: 344
توردا: 13305 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2012-6-29
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-30 04:49:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
اللە سىزگە سالامەتلىك ۋە بەرىكەت ئاتا قىلسۇن قېرىندىشىم.

ئاللاھ بىلەن شەيتان مىنى تاشلىۋەتمىدى . شەيتان ھەر قاچان مىنى ئازدۇرۇشنىڭ كويىدا ، پەقەت ئاللاھلا مىنىڭ قادىر مەدەتكارىم...!

دۇنيادا ئەڭ تاتل

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2901
يازما سانى: 163
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9399
تۆھپە نۇمۇرى: 390
توردا: 1480 سائەت
تىزىم: 2010-6-23
ئاخىرقى: 2011-7-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-30 04:50:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇئەلەيكۇم!!
ئاللاھ سىزنى ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن!! ئىسمىڭىزغا قاراپ تىخى ئەرمىكىن دىسەم،يىگىتلەرنىڭ ئانىسى،ھەقىقىي مۇسۇلمانغا خاس ياسانغان ئايال دەپسىز ھەدە. ھى ھى ~~
مەنمۇ شۇ شىخۇ ئەتراپىدا تۆت يىل ئوقۇغان،راست،خاڭجۇ ئاجايىپ گۈزەل، ئىللىق شەھەر.بىزنى مەكتەپتىن شىخۇغا تولا ئاپىرىپمۇ ئەتىۋارىنى قويمىغانغۇ دەيمەن شۇ چاغلاردا. لىكىن ھازىر يەنىلا سىغىنىپ تۇرۇپتىمەن.

ئاللاھقا بولغان مۇھەببىتىم ئۇلغايسا ئۇلغايسۇنكى زىنھار كېمەيمىسۇن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35527
يازما سانى: 53
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3555
تۆھپە نۇمۇرى: 191
توردا: 215 سائەت
تىزىم: 2011-3-28
ئاخىرقى: 2012-9-4
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-30 04:56:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
[quote]ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 2قەۋەت  sargarda كە 2011-03-30 03:30 PMئەۋەتىلدى  :
باشقا  مىللەتقۇ  بىزگە  گۇمان  نەزىرى  بىلەن  قارىسۇن  ،  ئەمما  دىيارىمىزدىكى  ئۇيغۇر   قېرىنداشلىرىمىزمۇ  ،  ئىچكىردىكى  ئۇيغۇرلار  دىسە  ،  كۆز  ئالدىغا  
چىرايى  بەتبەشرە  ،  ئوغرى  يانچۇقچى  ،  ئاقچى ـ  قاراقچى  كىلدۇ  .    بىزگە  قېرىنداشلىق  
مېھىر ـ مۇھەبىتىڭلار  بىلەن  قاراپ  قۇيۇڭلار !  بىزنىڭمۇ  كىشى  يۇرتىدا  بىر  كىشلىك  ئورنىمىزنى 
 تېپىپ،ئولۇغۋار  غايە  ،ئارمانلار  بىلەن  كەلگۈسىمىز  ئۈچۈن  مەدىكاردىنمۇ  جاپالىق  ئىشلەپ 
 يۈرۈۋاتقان  ھالىتىمىزنى ، ئېتىقاد  ،  غورۇر ،  ئويغۇر  ئەركەكلىرىگە  خاس مەغرۇر قەدەم تاشلاپ  كېتىۋاتقان  تۇرقىمىزنى كۆرگەن  بولساڭلار  !  كاشكى...    ئىچكىرىدە  ناھايتى  ئاز  


بىلمىدىم سىزگە قانداق تۇرلەردىن ياردەم كېرەككى ......مەن سىزگە قانداق نەسىلەرنى ئېيتىپ بېرىمەن. سوراڭ ياكى ماڭا ئۇچۇر قىلىڭ.!!!!!!!!!!!

يول ماڭغانسىىرى ئېچىلىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35527
يازما سانى: 53
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3555
تۆھپە نۇمۇرى: 191
توردا: 215 سائەت
تىزىم: 2011-3-28
ئاخىرقى: 2012-9-4
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-30 05:01:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
[quote]ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 6قەۋەت  سۈزۈك كە 2011-03-30 04:50 PMئەۋەتىلدى  :
ئەسسالامۇئەلەيكۇم!!
ئاللاھ سىزنى ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن!! ئىسمىڭىزغا قاراپ تىخى ئەرمىكىن دىسەم،يىگىتلەرنىڭ ئانىسى،ھەقىقىي مۇسۇلمانغا خاس ياسانغان ئايال دەپسىز ھەدە. ھى ھى ~~
مەنمۇ شۇ شىخۇ ئەتراپىدا تۆت يىل ئوقۇغان،راست،خاڭجۇ ئاجايىپ گۈزەل، ئىللىق شەھەر.بىزنى مەكتەپتىن شىخۇغا تولا ئاپىرىپمۇ ئەتىۋارىنى قويمىغانغۇ دەيمەن شۇ چاغلاردا. لىكىن ھازىر يەنىلا سىغىنىپ تۇرۇپتىمەن.
  
تاتلىق سىڭلىم بىلىسز ھېلىغۇ سىز ھاياتىڭىزدىكى ئەڭ ئەتىۋارلىق كۈنلەرنى ئۆتكۈزگەن جايكەن. گاھىدا كىشى ئۆزىنىڭ مەھبۇس بۇلۇپ ئىشلەپ كەتكەن جايلىرىنىمۇ ئەسلەيدۇ.
  ياخشى ئەسلىمىلەر يادىڭىزغا كەلگەي ئىلاھىم.
  ھېلىقى بىر كىنو بارغۇ پولات قانداق تاۋلاندى. دىگەن شۇ كىنودىكى بىر جۇملە سۆز ماڭا بەك ياقىدۇ.
ئادەم ئۆز ئۆمىرىدە...........................................

يول ماڭغانسىىرى ئېچىلىدۇ.

نېمىلەرنى ئويلا

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33034
يازما سانى: 456
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6206
تۆھپە نۇمۇرى: 343
توردا: 403 سائەت
تىزىم: 2011-3-7
ئاخىرقى: 2012-9-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-30 06:32:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇرۇن كۈپۈنچە قېرىنداشلىرمىزنىڭ ئىديەسى سىلەدىگەندەك قالاقتى  ئەمما  ھازىر كوپ قىسىم قېرىنداشلىرمىز توغرا چۇشنىدكە، بەلكىم ئاشۇيەدىكى نوچىلىرمىز،يوقالسا مەن ئىشنىمە چۇقۇم ئۇنداق قاراشتىكىلە چۇقۇم ئوزگۈردۇ.

مۇھەببەتنى قەدىرلەڭ ،ئۇسىز گە مەنسۇپ چاغد قەدىرلىمەي،يۇقاتقاندا بېشڭىزنى تاشقا ئۇرسىڭىزمۇ،بېشڭىز ئاغرىيدۇ خالاس باشقا پايدىسى يوق شۇڭا ئۇنى قەدىرلەڭ.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش