كۈتىمەن سىنى
ئولتۇرمەن كۈندە يالغۇز سوغۇق خانەمدە ،
مەنچە مىسكىن،دىلى سۇنۇق بارمۇ ئالەمدە .
قايناق بازار ، شۇنچە ئادەم ، مەنلا يىگانە ،
ئەتراپىمدا يۈرەر ئەگىپ پىراق پەرۋانە.
شۇنچە كۈتتۇم كەلمىدى ،كەلمىدى نىگار،
بولغاندىمۇ مەندىن شۇنچە ،شۇنچىلىك بىزار .
ئىشقى– پىراق چىرماپ ئالدى مىسكىن دىلىمنى،
يۇرەك-باغىرىم لەختە بولدى ،قىلما ئىنتىزار.
بەخىت ماڭا دۇنيادا سىنى...سىنى كۈتۈشمۇ،
قايغۇ – ئەلەم ،دەرت –پىراق ئاچچىق يۈتۈشمۇ.
كۈتتۈم شۇنچە يەنە كۈتىمەن ، سۆيگۈم تائەبەت،
پۈتۈن ئۆمرۈم سەن ئۈچۈن ،سەن ئۈچۈن پەقەت.
[align=justify]
مەنبە ؛ ئۆزۇم