ھېسابلاش
دادىسى ئوغلىدىن ئىمتاھان ئېلىپ بېقىش نىيىتىدە .
دادىسى: ئوغلۇم مەندە 12ئاپلىسىن بولسا ، ئۇنىڭدىن ئۈچنى ئېلىۋەتسە نەچچىسى قالىدۇ؟
ئەنسارى: بىلمەيمەن مەكتەپتە بىز ئالما ھىسابلاشنى ئۈگەنگەنىدۇق لېكىن ، ئاپلىسىن ھىسابلاسنى ئۈگەنمىگەن .
كېلىشمەسلىك
[align=justify]
بەرگى : بىز ئىككىمىز شۇنچە ۋاقىت ياخشى ئۆتتۇق، مىنىڭ مۇھەببىتىمگە نىمە بىلەن ئىپادە بىلدۈرسىز ؟
ئەلتىكىن : پاك قەلبىم بىلەن .
بەرگى : رەنجىمەڭ، بىز مۇھەببىتىمىزنى ئۈزسەك بولغۇدەك
ئەلتىكىن : نىمە ئۈچۈن ؟
بەرگى: چۈنكى سىز سېپى ئۈزۈدىن ئىدېئالىزىمچى ئىكەنسىز ، مەن بولسام ماترىيالىزىمچى.
پۇلنىڭ كۈچى
[align=justify]
تارىم :پۇلنىڭ كۈچى كۈندىن -كۈنگە ئېشىۋاتامدۇ نىمە ؟
سۇبات: نەدىكىنى ، يانچۇقۇمدا 50 يۈەننىڭ تۇرغىنىغا بىر ئايدىن ئاشتى ، ھازىرغىچە كۈچىنى كۆرسەتمەيدىغۇ!
توك يوق
[align=justify]
ئۇيغۇر boy چاڭ - تۇزان ساتىدىغان كۈنلەرنىڭ بىرىدە
ئاي تۈرۈك نىڭ مەھەللىسىگە كەپتۇ -دە ،
ئاي تۈرۈك نىڭ ئىشىكىنى چىكىپتۇ، ئاي تۈرۈك ئىشىكنى ئېچىشىغا ئۇيغۇر boy ئۆيگە ئۈسۈپ كىرىپلا بىر چاڭگال قەغەز پارچىسىنى يەرگە چېچىۋىتىپ ئاي تۈرۈك كە دەپتۇ :
ـــــ خانىم ناۋادا قۇلۇمدىكى بۇ چاڭ- توزان سۈمۈرگۈچ يەردىكى بۇ قەغەز پارچىلىرىنى پاك-پاكىز سۈمۈرەلمىسە ، كۆز ئالدىڭىزدىلا قەغەز پارچىلىرىنى تېرىۋېلىپ يەۋىتىمەن !
ئاي تۈرۈك : سىزگە ئۇۋال بۇلىدىغان بولدى ، بىزنىڭ بۇ مەھەللىدە تېخى توك يوق .
مۇۋەپپىقىيەت ۋە مەغلۇبىيەت
[align=justify]
نۇرۇز ئاي: مۇۋەپپىقىيەت قازانغان ئەرنىڭ ئارقىسىدا چۇقۇم بىر ئايال بار .
ئېرى : ئۇنداقتا مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان ئەرنىڭ ئارقىسىدىچۇ؟
نۇرۇزئاي: چۇقۇم بىر توپ ئايال بار .
دەلىللەش
[align=justify]
ئاتىسى: بالام ماۋۇ قول سائىتىدىكى بىر سىكۇنت بىلەن ئاۋۇ تام سائىتىدىكى بىر سېكۇنت تەڭ بولامدۇ ؟
بالىسى
-
مۆتىۋەر: ئەلۋەتتە تەڭ بولمايدۇ.
ئاتىسى : ئەمەلىي مىساللار ئارقىلىق دەلىللەپ باقە !
مۆتىۋەر: مىنىڭ بىر قەدىمىم بىلەن سىزنىڭ بىر قەدىمىڭىز ، تۇخۇنىڭ قەدىمى بىلەن تۈگە قۇشنىڭ قەدىمى ئەلۋەتتە تەڭ بولمايدۇ-دە.
بولىدىكەن
[align=justify]
چاپلىن: 10مىڭ قەرز ئالاي دېۋىدىم ، كۈرۈپ باقسىڭىز ، رەسمىيەتلىرى تۇلۇق بولدىمىكىن ؟
بانكا خادىمى: كەچۈرۈڭ ، بانكىمىزنىڭ يېڭى بەلگىلىمىسى بۇيىچە ، بۇنىڭدىن كىيىن بانكىمىز بىلەن ئىزچىل مۇئامىلىسى بارلارغىلا قەرز بىرىلىدۇ.
چاپلىن : ئۇنداقتا بولىدىكەنمەنغۇ، مىنىڭ بانكاڭلار بىلەن ئىزچىل مۇئامىلەم بار ، ئالدىنقى يىلى 15مىڭ يۈۋەن قەرز ئېلىپ تېخىچە قايتۇرۇپ بولالمىغانتىم .
باشقۇرۇش
[align=justify]
كاپتالىست نىڭ ئايالى ئېرىنى ناھايىتى قاتتىق باشقۇرىدىكەن ، بىر كۈنى ئايالى زۈرۈر ئىش بىلەن ئانىسىنىڭ ئۈيىگە كىتىپتۇ .
كاپتالىست پورسەتتىن پايدىلىنىپ بازارغا ئايلىنىش ئۈچۈن ئادەتتە ناھايىتى ئاز كىيىدىغان ئەتىۋارلىق كاستۇم-بورولكىسىنى كىيىپ ، ماشىنىغا ئولتۇرۇشقا پارچە پۇل بارمۇ -يوق دەپ يانچۇقىنى ئاختۇرسا ئويلىمىغان يەردىن بىر پارچە قەغەز چىقىپتۇ . ئۈستىگە : --- بۇنچە رەتلىك كىيىنىپ ، يەنە نەگە بارماقچى ؟ دەپ يېزىلغانىكەن.
قەلەندەرنىڭ كارۋىتى
[align=justify]
بىر كۈنى
كەپسىز پەرىشتە باغچىدىكى ئۇزۇن ئۇرۇندۇقتا دەم ئېلىپ ئولتۇرۇپتۇ، ئەتراپقا قاراپ ئادەم يوقلىقىنى كۆرگەندىن كىيىن ، ئۇزۇن ئۇرۇندۇققا چىقىپ پويىنى سۇنۇپ ياتتى . بىر ئاز ئۆتكەندىن كىيىن بىر قەلەندەر ئۇرۇندۇقنىڭ يېنىغا كىلىپ : ئامرىقىم ، ئىككىمىز بىللە باغچا ئايلانساق قانداق ؟
- كىم سىنىڭ ئامرىقىڭكەن ، ئاغزىڭغا بېقىپ سۆزلە ، مەن ئۇنداق تاپتىن چىققان ئاياللاردىن ئەمەس . دىدى
كەپسىز پەرىشتە .
ـــ قەلەندەر -ئۇنداقتا ، سىز مىنىڭ كارۋىتىمدا نىمە ئىش قىلىسىز ؟
قاملاشمىغان بولسا ياكى چاقچاقنى كۈتۈرەلمىگۈچىلەر بولسا ماڭا ئۇچۇر ئارقىلىق دەپ قويارسىلە كىيىنكى قېتىم ئويلىشىپراق قاتارمەن
[align=justify]مەنبە : يۇمۇر كىتاپلىرىدىن ئۈزۈندە