تىلشۇناسلار ئۇخلاۋاتىدۇ
يۈسۈپجان مۇھەممەد تۇغيان
[align=justify]
بىر كۈنى خوشنامنىڭ ماشىنىسىدا بىر نەرسە ئەكەلدۈرىدىغان ئىش چىقىپ، دەرۋازامنىڭ ئالدىدا تۇرۇپلا يانفونىغا تېلىفون ئۇرىۋېدم، خوشنامنىڭ ئايالى ئالدى. «ۋەي ، كىمنى ئىزدەيلا»دىگەن بۇ ئاۋاز يەنە بىر قۇلىقىمغىمۇ ئاڭلانغاندەك بولدى. شۇنىڭ بىلەن يانفۇننى ئىتىۋىتىپ تۆت چامداپلا خوشنامنىڭ ھويلىسىغا كىرىۋىدىم، خوشنامنىڭ ئايالى يانفۇننى تۇتۇپ تۇرۇپتۇ.
- مۇھەممەتجان يانفونىنى قويۇپ كېتىپتىكەندە دېدىم سالامدىن كېيىن،
- يانفۇن ؟ يانفۇن دىگەن نىمە ظذ،- دىدى ئۇ مەندىن ياندۇرۇپ سوراپ، ئۇنىڭ ئەستايىدىل قىياپىدىن چاقچاق قىلمايۋاتقانلىقى كۈرۈنۈپ تۇراتتى.
-يانفۇن دېگەن قولىڭىزدىكى نەرسە شۇ ، – دېدىمدە ھېلىراقتا كېلىپ قالسا مەن بىلەن كۆرۈشۈشنى ئېيتىپ قويۇپ، يېنىپ چىقتىم.ئەمما يا كۈندۇلۇك تۇرمۇشتا دائىم ئىشلىتىلىدىغان شۇنچىلىك بىر سۆزنىمۇ ئۇمۇملاشتۇرالمىغان تۈرلۈك مەتبۇئاتلىرىمىزغا، يا خەنزۇچىسى ئۇمۇملىشىپ بولغاندا ئاندىن «قېتىقتىن كىيىن زاغرا» دىگەندەك ئۇنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى تاپىدىغان تىلشۇناس، تەرجىمانلىرىمىزغا ، ياكى ئانچە-مۇنچە بىرنىمىلەرنى يېزىپ گېزىت- ژورناللارنى چالا- بۇلا بۇياپ يۈرگەن بىلەن، دېھقان خوشنامغا بىر نەچچە يىلدىن بۇيان شۇ بىر سۆزنى بىلدۈرەلمىگەن ئۈزەمگە قايناشنى بىلمەي نەچچە كۈنگىچە ئىچىم ئاچچىق بۇلۇپ يۈردۈم.
« تىل مىللەتنىڭ ئىككىنچى ۋەتىنى» ،«تىل ئۆلگەن جايدا مىللەتنىڭ ھاياتى خازان بولغان بولىدۇ.ئەبجەش، چىگىش، شالغۇت تىل بىلەن مەنىۋىيىتىنى ، ئۇچقاندەك تەرەققىياتىنى جايىدا ئىپادىلەپ بىرەلمەيۋاتقان مىللەتنىڭ ھامان ئەتىسى تۇتۇق بۇلىدۇ » (ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن) .
دە ۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرلەش باشقا كەسىپلەرگە ئوخشاشلا تىلشۇناسلىق، تەرجىمەشۇناسلىق كەسپىگىمۇ قويۇلغان تەلەپ بولۇپ، تىلىمىز زاماننىڭ تەرەققىياتى بىلەن يىتىشىپ ماڭالمىسا، باشقا تىلدىكى ئەبجەش سۆزلەر توغاننى بۇزغان كەلكۈندەك يامراپ كىرسە ، بۇنىڭ بىلەن گاھىدا نورمال ئالاقىگە ، تۈرلۈك سىياسەت ئورۇنلاشتۇرۇشلارنى ئەمىلىلەشتۈرۈشكە تەسىر يەتسە، بۇنىڭدىكى مەسئۇليەت تەبئى ھالدا ئاۋال تىلشۇناسلىرىمىزغا، تەرجىمانلىرىمىزغا ، تەبى پەن ۋە ئىجتىمائى پەن مۇتەخەسسىسلىرىمىزگە يۈكلەنگەن بۇلىدۇ.
مىللەتنىڭ تارىخى ھامان تىلدا ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ. بىزنىڭ تىلىمىزدا دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىققا ئائىت سۆزلەر كۆپرەك بولسىمۇ،باشقا جەھەتتىكى سۆز بايلىقىمۇ ناھايىتى مول.تىلىمىز تارىخي ئۇزۇن،نۇرغۇن تىل ۋە مەدەنىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولغان،جانلىق،ئەبرىشىم،ھاياتىي كۈچى مول تىل بولۇپ، ھەتتا باشقا مىللەتنىڭ تىلىدا ھەر قانچە قىلىپمۇ شۇنىڭغا دەل ماس كېلىدىغان ئاتالغۇنى تاپقىلى بولمايدىغان سۆزلەر بار.بۈگۈنكى مىنۇتسىرى يېڭىلىنىۋاتقان ئىلغار تېخنىكىلار،تۈرلۈك يېڭىچە ئاتالغۇلار ئالدىدا، ئۆزىمىز ھورۇنلۇق قىلىپ،تېخنىكا ئىگىلىمەي،شۇنىڭغا مۇناسىپ ئاتالغۇنى تېپىشقا كۈچ سەرپ قىلماي،ئەكسىچە بىزنى شانۇ-شەۋكەتلىك ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مۆرىۋەتلىك ئەۋلادلىرىدىن قىلغان ئانا تىلىمىزنى تېخى %70ئىگەلەپ بولالمىغانلىقىمىزغا باقماي، ئانا تىلىمىزدىن ھە دېگەندە نومۇسسىزلارچە ئاغرىنىشقا،ئۆزىمىزچە تىلىمىزدىن نومۇس قىلىپ ،تىلىمىزنى ئەبجەش قىلىپ،بۇزۇپ سۆزلەيدىغانغا زەررىچە ھەققىمىز يوق !! ھەر قانداق مىللەت مىللەت بولۇپلا بىراقلا تەرەققى تاپقان ئەمەس، بەلكى پەيدىن-پەي تۈرلۈك تەرەققىياتلارغا ئېرىشكەن. بۇ جەرياندا تىلىمۇ ماس ھالدا بېيىپ، مۇكەممەللىشىپ بارغان. يەنە بەزى مىللەتلەرنىڭ پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى ئۇنچە تېز بولمىسىمۇ ئۆز تىلىنى راۋاجلاندۇرۇشقا ، مۇكەممەللەشتۈرۈ شكە ، ھەر قانداق يېڭى سۆزنى ئۆز تىلىنىڭ قائىدە- قانۇنيەتلىرى ئاساسىدا ئۆزلەشتۈرۈپ قۇبۇل قىلىشقا ئەھمىيەت بىرىپ، ئانا تىلىنىڭ بۈگۈنكى تەرەققىياتىنى ياراتقان.
بىر كۈنى خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن يېزىغا بېرىپ، مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى بىرەر قۇر تۈگەتكەندىن كېيىن، دېھقانلار بىلەن ئېتىز- قىر بويىدا ئازراق ئەھۋاللىشىپ قالدۇق.
-.كادىر ئۇكام دەيدۇ بىر دېھقان ماڭا : بىز ھۆكۈمەت دەپ كېتىۋەرگەن بىلەن بۇ ھۆكۈمەت دېگەننىڭ تۆشۇكلىرىمۇ ، ئىشلەيدىغان خىزمەتلىرىمۇ كۆپ بولىدىكەن، مۇشۇ تىلىمىزنى باشقۇرىدىغانمۇ تارمىغى باردۇ،هة؟
- بار ئاكا، دېدىممەن جاۋابەن، ئۈرۈمچىدە ئاپتونۇم رايۇنلۇق مىللەتلەر تىل يېزىق كومىتېتى دىگەن ئورگان مەخسۇس مۇشۇ ئىشنى قىلىدۇ. ۋىلايەت، ناھىيىلەردە مىللەت دىن ئىشلىرى تارماقلىرى ئىشلەيدۇ.
-بار بولسا ئۇلار ئىش قىلماي ئۇخلامدىغاندۇ دەيمەن ، شۇلار ئىشنى ئالدىغا ماڭدۇرۇپ، ئىش ھەققىنى تېپىپ يەمدىغاندۇ ياكى ئوڭ گەپنى تەتۈرگە تولغاپ، ئاتام ئاڭلىمىغان داڭقان پۇتى گەپنى تېپىپ كۈن ئۆتكۈزەمدىغاندۇ؟
- قانداق دەيلا؟ مەن بۇ دېھقاندا بىرەر گەپ بارلىقىنى سىزىپ ، ئەتەي كوچىلاپ سورۇدۇم.
- بۇرۇن ناھىيە شەھەرلەرنىڭ ھاۋا رايىنى ئاڭلاتقاندا ھاۋا رايى ئىدارىسى دەيتتى. ھازىر بۇ بىر ئوبدان گەپنى بۇزۇپ «مىتەتولاگىرىيە» دەيدىغان ئادەمنىڭ يەتتە مىڭىسىدە يوق گەپنى تېپىپ يۈرگىنىگە دەيمىنا،
- ئۈزەمنى تۇتىۋالالماي كۈلىۋەتتىم ۋە بۇ كىشنىڭ دېھقان تۇرۇپمۇ ناننىڭ ئوڭ-تەتۈرىنى ئوقماي يەيدىغان بىر قىسىم نان قېپى زىيالىلاردىن ، كاللىسى تۈمۈر تەسەكلەردەك قېتىپ كەتكەن ،توكقا ئۇلاپ قويسا غىچىرلاپ ماڭىدىغان ماشىنا ئۈسكىنىلەردەك قىلچە ئىجادىيلىغى يوق ئۈلۈك ھالدا ئىشلەشكە كۈنۈپ كەتكەن،خۇددى ئاتاقلىق تەرجىمەشۇناس توختى باقى ئارتىشى ئاكا مىسال كەلتۈرۈپ ئېيتقىندەك:«قاتتىق دادۇرغا قارىتا يۇمشاق چايناش ئېلىپ بارسا،ئاسان ھەزىم بولۇشنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ »،«تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئېلىپ باردى،سۆھبەتلىشىش ئېلىپ باردى» دەپ تەرجىمە قىلىدىغان بىر قىسىم « ئاپتۇماتلاشقان»تەرجىمانلاردىن ئۈتە ئىچكۆيەرلىكىگە قايىل بولدۇم.
يېزىدىن قايتىپ كەلدىميۇ ئۇزۇنغىچە شۇ دېھقاننىڭ گەپلىرى قۇلاق تۈۋىمدە ياڭراپ تۇردى. بىزنىڭ مىللىتىمىزنىڭ %80-%90 دېھقان ، شۇڭا «دېھقان مىللەت» دەيدىغان چىرايلىق نامىمىزمۇ بار. ئەمما بىر قىسىم ھاماقەت، تۇزكورلارنىڭ مەنتىقىسىنىڭ ئەكسىچە، بۇ پەخىرلىنىشكە تېگىشلىك ياخشى نام ، چۈنكى ئاشۇ دېھقانلىرىمىز بىزنىڭ غەرىپلىشىپ كېتىۋاتقان «ئەجنەبىي» ئەپتى-بەشىرىمىزنىڭ ، ئۆرپ-ئادىتىمىزنىڭ ئەكسىچە ئېسىل ئەخلاق-پەزىلەت ۋە ئادەت-يوسۇنلىرىمىزنى ساقلاپ كېلىۋاتىدۇ. باشقا مىللەت تىلىدىن بىرەر سۆز ئارىلاشتۇرماي ، ئانا تىلىڭدا ساپ بىر جۈملە سۆزلەپ باق دېسە يۈزدە-يۈز جېرىمانە تۆلەيدىغان نومۇسچان شەھەرلىكلەرنىڭ ئەكسىچە ئانا تىلىمىزنى ئاساسەن ساپ ھالەتتە قوللىنىپ كېلىۋاتىدۇ. ئەمما ئاشۇ تىلشۇناس، تەرجىمانلارچۇ؟ يېڭىدىن سۆز ياسىدۇق، ئاتالغۇلارنى قېلىپلاشتۇردۇق دىگەن بىلەن،نۇپۇسىمىزنىڭ %80-%90 ع بولغان ئاشۇ دېھقانلار ئايلاپ، يىللاپ بىر قېتىممۇ ئىشلەتمەيدىغان، ئاڭلىسىمۇ چۈشەنمەيدىغان سۆزلەر ئۈچۈن مىڭىسىنىڭ قېتىقىنى چىقىرىپ سۆز ياسايدۇيۇ ،دېھقانلار كۈندۈلۈك تۇرمۇشتا دائىم ئىشلىتىدىغان ، خەنزۇ تىلىدىن سىڭىپ كىرىۋاتقان سۆزلەرگە مۇۋاپىق سۆز ياساشنى خىزمەت كۈنتەرتپىنىڭ سىرتىدا قۇيىۋاتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن « داپەنجىڭ»، « شىڭپىنجىڭ»(بۇ سۆز ئاۋال شۇ خەنزۇچە پېتى،كېيىن «سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى» دەپ خېلى بىر مەزگىل قوللىنىلىپ ئاندىن«كىملىك»دەپ ئۆزگەرتىلگەچكە، كىملىك دېگەن بۇ ناھايىتى جايىغا چۈشكەن گەپ تېخىچە ئومۇملىشىپ بولالمايۋاتىدۇ)،«شۇجىڭزا»،«شۇخۇلا»،«كەيگەن»،«جوزا»،«بەندۇڭ»،«لۇشەن»،«پاڭجىن»
(لۇشەن،فاڭجېن دېگەن سۆزلەر قوللىنىپ كېلىۋاتقىلى 30-40يىلچە بولغان بىلەن،دېھقانلار سىياسەت دېگەن ئۇيغۇرچە سۆزنى چۈشىنىدىكەن،ئەمما بۇ ئىككى سۆزنى ھازىرغىچە چۈشەنمەيدىكەن)…دىگەندەك سۆزلەر يېغىپ كېتىۋاتىدۇ. بۇ جەھەتتە ئۇلاردا پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى ئۈچۈن كېچە-كۈندۈز باش قاتۇرۇپ ،بىر قىسىم ياخشى كەشپىياتلىرى بىلەن پاتىنت ھۇقۇقىغا ئېرىشىۋاتقان دېھقان كەشپىياتچىلارچىلىك(بۇلار خېلى كۆپ،يېقىندىكىسىدىن بىرلا مىسال كەلتۈرسەك، «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ 2006-يىل 5-ئاينىڭ 24-كۈنىدىكى سانىنىڭ 7-بېتىگە بېسىلغان،ئىككى كەشپىياتى خەلقئارادا ئالتۇن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن خوتەنلىك دېھقان روزىمۇھەممەد ئانايەت تونۇشتۇرۇلغان «دېھقان كەشپىياتچىنىڭ جاسارىتى»دېگەن خەۋەرگە قاراڭ) ۋە ھېلىقى دېھقانچىلىك مەسئۇليەت، مۇھەببەت تۇيغۇسى بولمايۋاتىدۇ. ئاشۇ دېھقان كەشپىياتچىلار جېنىدا ھىچكىم ئورۇنلاشتۇرمىغان ، بىر تىيىن ھەق بەرمىگەن شارائىتتىمۇ يۈرەك-قېنىنى ، تالاي ئىقتىزادىنى ئۆزقىزىقىشى ئۈچۈن سەرپ قىلىپ بوشاشماي ئىزدەندى. ئەمما ئادەم چۈشەنمەيدىغان گەپلەرنى ئويلاپ تېپىپ (بۇرۇن خېلى جايىدا ئىجاد قىلىنغان« كىر ئالغۇ»،«توڭلاتقۇ»،«ئۈنئالغۇ»،يېقىنداياسالغان«تىزگىنەك»،«غولپىياز»،«باشپىياز»…قاتارلىق ئاز بىر قىسىم سۆزلەر بۇنىڭ سىرتىدا) يوغان قالپاق، كاتتا ئۇنۋان بىلەن ھۆكۈمەت بېرىۋاتقان يۇقۇرى ئىش ھەققىنى بەھۇزۇر خەجلەۋاتقان «تىل بېغىنىڭ بۇلبۇلى»، تىلىمىزنىڭ ساپلىقىغا تۆھپە قوشقۇچى مۇئەككەللەر-تىلشۇناس، تەرجىمانلار ئىشخانىسىدىن چىقمايدىغان بىيروكىراتلىقنى تاشلاپ پەقەت تۇرمۇشقا ، دېھقانلار ئارىسىغا كۆپرەك چۆكۈپ ،ئانا تىلغا ھەقىقى مۇھەببەت باغلاپ، تىرىشىپ ئىزلەنسىلا نەتىجە چىقىدىغان تۇرۇقلۇق،ئۆز خىزمەت ۋەزىپىسىگىمۇ ھەقىقى كاللا ئىشلىتىشنى خالىمايۋاتىدۇ. شۇڭا ھازىر تۇرمۇشىمىزدا دائىم ئىشلىتىلىدىغان،ئەمما بىرلىككە كەلگەن،ياكى قېلىپلاشقان ئۇيغۇرچە ئاتالمىسى بولمىغاچقا، خەنزۇچە قوللىنىۋاتقان号段,跑步机,菜刀,铲车,订书机 , 地板砖 ,摄像头, 挖土机,摇把子,插线板,银联,迪吧دېگەنگە ئوخشاش سۆزلەر ئالدىمىزغا قەدەمدە بىر ئۇچراپ تۇرىۋاتىدۇ. (بۇ يەردە شۇنى قىستۇرۇپ قويۇش ھەرگىز ئارتۇقلۇق قىلمايدۇكى،ئابدۇقادىر جالالىدىن،ئوسمانجان ساۋۇت،مۇھەممەد باغراش قاتارلىق تالانتلىق ۋە مەسئۇلىيەتچان،ئوتيۈرەك يازغۇچىلىرىمىزنىڭ قەلىمىدە قەدىمقى ئۇيغۇر تىلىدىن،دىئالىكت سۆزلىرىدىن تىرىلىپ،ۋەياكى يېڭىدىن ناھايىتى جايىدا ياسىلىپ،تەدرىجى ھالدا ئورتاق ئەدەبىي تىلغا ئايلىنىۋاتقان«ئۇز،مۇت،ئۈنتاسما،سىنتاسما، سىنتەخسە،بارماق دېسكا،ھاۋادان،كۆۋرە،تانۇق،ئۆركى،كەرك،دىلتەڭ،جەددىم،ئۈلگۈپ،پەيكان،ئاجۇن… »قاتارلىق سۆزلەر ئاشۇ «مۇئەككەل»لەرنى خىجىل قىلىشى لازىم).
پارتىيىنىڭ قوش تىل سىياسىتى ناھايىتى توغرا ۋە دەل ۋاقتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مۇھىم بىر تەدبىر. تەرەققىيات قەدىمىگە يېتىشىپ مېڭىش، تۈرلۈك ئۇچۇر-تېخنىكىلارنى ۋاقتىدا ئېگەللەپ ھاللىق جەمىئىيەت قۇرۇلۇشىنىڭ ياراملىق ئىختىساسلىقلىرىدىن بولۇش ئۈچۈن خەنزۇ تىلىنى ياخشى ئۆگىنىش تولىمۇ زۆرۈر.نەچچە خىل تىل بىلسە شۇنچە كۆزگە ئىگە بولغاندەك،خەنزۇ تىلىنى ياخشى ئۆگىنىش بىلەن بىرگە،بولسا ئېنگىلىز تىللىرىنىمۇ قوشۇپ ئىگەللەپ ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش-بۈگۈنكى دەۋىردىكى تەخىرسىز ۋە مۇھىم تەلەپلەرنىڭ بىرى بولغىنىغا ئوخشاش،ئاساسىي قانۇننىڭ 4-ماددىسىدا بېرىلگەن ھوقۇق بويىچە ئۆز مەدەنىيىتىنى،ئۆز تىلىنىڭ ساپلىقىنى قوغداش،راۋاجلاندۇرۇشمۇ ئوخشاشلا تەخىرسىز ۋە مۇھىم تەلەپلەرنىڭ بىرى(بۇ يەردە بىر مىسال كەلتۈرۈشكە تېگىشلىككى،ئۇيغۇر تىلىدا بىرەر مىڭ يىلدىن بۇيان ئېيتىلىپ كېلىۋاتقان،ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ گۈلتاجىسى بولغان ئۇيغۇر مۇقامى2005-يىلى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى ب د ت ئارقىلىق ئۇيغۇرنى،شىنجاڭنى،جۇڭگونى دۇنياغا قايتىدىن تونۇتتى.شۇنىسى شۈبھىسىزكى،ئۇيغۇرتىلى،ئۇيغۇر مەدەنىيىتى بولغاچقىلا شۇنداق كاتتا شەرەپكە مۇيەسسەر بولالىدۇق.تولىمۇ ئەپسۇس ،600نەچچە يىل بۇرۇن ھەربىي ئېھتىياج تۈپەيلى قۇمۇلدىن ئىچكى جايلارغا كۆچۈرۈلگەن،ئۆز قېرىنداشلىرىمىز بولغان خۇنەن ئۇيغۇرلىرى بۇ كاتتا مۇقاملىرىمىزدىن ھوزۇرلىنىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئەمەس.چۈنكى « تارىخنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ،خۇنەن ئۇيغۇرلىرىنىڭ تىلىنى ئاساسىي جەھەتتىن خەنزۇ تىلى ئىگىلەپتۇ.شۇنىڭ بىلەن خۇنەن ئۇيغۇرلىرى ئۆز مىللىتىنىڭ تىلىنى تەدرىجىي يوقىتىپتۇ.تىلنىڭ ئۆزگىرىشى خۇنەن ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىپتۇ.ئەنئەنىۋى ئۆرپ-ئادەت ۋە ھېيت-بايراملارنىڭ ئۆزگىرىپ كېتىشى بۇ نۇقتىنى تولۇق ئىسپاتلاپ بېرىدۇ». «شىنجاڭ گېزىتى» 2006-يىل 8-ئاينىڭ4-كۈنى8-بەت «خۇنەن ئۇيغۇرلىرىنىڭ تارىخى،مەدەنىيىتى ۋە ھازىرقى ئەھۋالى»). تىل بىر مىللەتنىڭ بۇرۇنقى تارىخي تەرەقىياتىدا قانداق زور رول ئوينىغان بولسا،بۇندىن كېيىنمۇ يەنىلا ئاساسلىق قورال سۈپىتىدە ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ.بىرسى كەم بولسا بولمايدىغان 56مىللەتكە تەققاس 56گۈلنىڭ بىرى سۈپىتىدە بەرق ئۇرۇپ ئېچىلىپ،كۆپ مىللەتلىك ۋەتىنىمىزنىڭ ھۆسنىگە تېخىمۇ ھۆسۈن قوشىدۇ. شۇڭا مۇناسىۋەتلىك ئورۇن-تارماقلار(ئاساسلىقى تىل-يېزىق تارماقلىرى)،تىلشۇناس،تەرجىمانلار يولداش دېڭ شىياۋپىڭنىڭ «ئىككى قولدا تۇتۇش،ئىككىلا قولدا چىڭ تۇتۇش» چاقىرىقى بويىچە ،«ئاپتونومىيە قانۇنى»دا خەنزۇ تىلى بىلەن ئوخشاش،ھەتتائارتۇقراق قوللىنىش ھوقۇقىغا ئېرىشكەن ئۇيغۇر تىلىنىڭ ساپلىقىنى ۋە تېگىشلىك ئورنىنى قوغداش،دەۋر تەرەققىياتىغا ماس ھالدا راۋاجلاندۇرۇش خىزمىتىنىمۇ مۇھىم ئىشلار كۈنتەرتىپىگە قويۇپ ، تىل-يېزىق نىزاملىرىنى ئەستايىدىل ئىجرا قىلىپ، مۇناسىپ تەدبىرلەرنى قوللۇنۇپ، جۈملىدىن «ئۇخلاۋاتقان تىلشۇناسلار»نى ئويغۇتۇپ ،ئېغىزدىلا دەپ قويىدىغان شەكىلۋازلىقنى قويۇپ ، ھەممە كىشى ھەقىقى ئەھمىيەت بېرىدىغان ياخشى كەيپىياتنى شەكىللەندۈرۈپ،ھەقىقى ئۈنۈم ھاسىل قىلىش كېرەك.
مەنبە : شىنجاڭ يازغۇچىلار مۇنبىرى