مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 943|ئىنكاس: 12

ئائىلە قۇرۇش ھەققىدە نېمىلەرنى بىلىسىز [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

alla mining birdinbir yardamch

ئاكتىپ ئەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3770
يازما سانى: 764
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10531
تۆھپە نۇمۇرى: 315
توردا: 5565 سائەت
تىزىم: 2010-7-11
ئاخىرقى: 2012-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-31 11:05:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  بۈگۈن ئەتتىگەندىلا كۆرگەن"ئۆيىگە قايتقان ئەر" ھېكايىسى، نەچچە ۋاقىتتىن بېرى كاللامدىلا ئەگىپ سىرتىغا چىقالمىغان خىياللىرىمنى بىر يولى تېپىپ چىقاردى.مىسرانىمغا كىرگىنىمدىن بۇيان،ئىنكاس نورمامنى توشتۇرۇشنى مەقسەت قىلدىممىكى ھېچبىر تېما يېزىشنى ئويلىشىپ باقماپتىكەنمەن،ئەمما نەچچە ۋاقىتتىن بۇيانقى تېمىلار مېنى بۇ ھەقتە باشقىلارنىڭ پىكىر-خىيالىنى بىلىپ بېقىشقا قىززىقتۇردى.قۇرۇق گەپنى قىسقا قىلاي،مەقسەتكە كېلەي،ئارزۇغا يېتەي:
  خوش،ئالدىنقى كۈنلەردە،بىر قانچەيلەننىڭ پالانى پوكۇنى بىلەن توي قىلىش ھەققىدىكى تېمىلىرى ئاۋۇپ قالغانلىقى ھەممىمىزگە ئايان. شۇ چاغدا تىللىغانلارمۇ بار،مەسلىھەت بەرگەنلەرمۇ بار.ئەمما شۇ تېمىلار قاتارىدا يەنە "ئۆيىگە قايتقان ئەر"دەك ئالدىدا دان تۇرسا، توخونى دوراپ پوق يەيدىغان مەسئۇلىيەتسىز كىشىلەر تەسۋىرلەنگەن تېمىلارمۇ چىقىپ تۇردى.مۇشۇلارنى بىر يەرگە ئېلىپ كېلىپ ئويلانماي تۇرالمىدىم.
  ھازىر ياشلىرىمىز ئارىسىدا توي قىلىپ بالىلىق بولىۋاتقانلار نۇرغۇن،بولۇپمۇ بىزنىڭ يېشىمىزدا بىردىن بالىسىنى كۆتۈرۈپ ئىككىنجى بالىسىنى قورسىقىدا ساقلاپ ياتقانلىرىمۇ بار.ھازىر كۆپۈنچىمىز ئۆز ئىختىيارلىقىمىز بىلەن توي قىلىۋاتىمىز،توسالغۇسىز ھالدا،ئەمما قانچىمىز توينىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلىپ ئويلاشتۇق؟ھازىرقى ياشلارنىڭ ئېڭىدا توي قىلىش دېگەن پەقەت ئىسلامىيەتتىكى ھارام مۇناسىۋىتىمىزنى ھالاللاشتۇرۇشتىنلا ئىبارەتمىدۇ؟توي قىلىشتىن بۇرۇن ئەرلەر ئاياللىرىڭلار ئۈستىدىكى ھەققى مەجبۇرىيىتىڭلارنى، ئاياللارمۇ ئەرلىرىڭلار ئۈستىدىكى ھەققى مەجبۇرىيىتىڭلارنى ئويلاپ باققانمىدىڭلار؟ تويدىن كېيىن شۇنى ئەمەلگە ئاشۇرالىدىڭلارمۇ؟ توي قىلىشتىن مەقسىتىڭلار بەزى زىل مەسىلىلەرگە نىسبەتەن "مەن دېگەن توي قىلىپ بولغان"دەپ قىزىل قەغەزنى مەيدىمىزگە تېڭىپ مېڭىشتىن ئىبارەتمىدى؟ ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن توي قىلغان تۇرۇقلۇق يەنە خالىمىغان ئىشلار يۈز بېرىدۇ؟ ئەرلەر ئاياللىرىڭلارنى باشقا يات ئەرلەرنىڭ شەھۋەتكە تولغان كۆزلىرىدىن توسۇپ قوغداپ،كۆڭلىڭىز خاتىرجەم يۈرەلىدىڭىزمۇ؟ دەيۈز كېتىسىز ھېي! دەيۈز 40مىڭ يىللىق يىراقتىن پۇايدىغان جەننەتنىڭ پۇرىقىنى پۇرىيالمايدۇ! ئۇنداقتا ئاياللار سىلەر ئەرلىرىڭلارنىڭ كۆڭلىنى ئۆزۈڭلارغا قوندۇرالىدىڭلارمۇ؟ ئۆزىڭىزنىڭ ئەڭ گۈزەل چاغلىرىنى يولدىشىڭىزغىلا خاس قىلالىدىڭىزمۇ؟ ۋە ياكى جاھاندىكى رەڭلىك بايراقلار ئاز كەلگەندەك شۇلارنىڭ توپىغا قوشۇلۇپ،ئات ئايلىخانغا،يول سارىخانغا قەدىمىگە مەزمۇت دەسسىدىڭىزمۇ؟(ئۆزەڭچۇ دەپ سورايدىغانلارغا جاۋاپ بېرىۋىتەي:مەنمۇ كىيگەن رەڭلىك، ياكى كالتە-كۆسەي كىيملەرنى،ئەمما قانات چىقمىدى، يەنىلا باشقا ئىنسانلاردەك يەردە مېڭىپ يۈردۈم، ئاللاھ ئۆزى ھىدايەت قىلىپ بۇ يولغا باشلىمىسا قاچانغىچە شۇنداق يۈرەردىمكىن تاڭ!ئاللاھقا شۈكرى!) سىزگىمۇ ياخشى ئىش يوق چوكان! ھامان بىر كۈنى شۇ ئېرىڭىزگە ئاجراتمىغان ۋاقتىڭىز تۈپەيلى ئېرىڭىزنى ئۆيگە بىرەر سائەتكە چاقىرىپ كېلەلمەي زار-زار يىغلاپ قالىسىز.شۇ چاغدا سىرتقا بېغىشلىغان گۈزەللىكنىڭ ئسلىدە قىلىمۇ كار قىلمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىسىز! بۇ يەردىكى ئاساسىي مەقسەت ،مەيلى ئويۇن بولسۇن ياكى يات جىنىس بولسۇن، نېمىشقا كۆڭۈل تالانى ئىستەيدۇ؟ چۈنكى جاۋابى پەقەت- سىز كۆڭلىڭىزنى توختاتمىدىڭىز تېخى! توي قىلىشقا سىزگە تېخى خېلى ئاش پىششىقى بار ئىدى. ئەمما بوپتۇ،بۇنىغۇ بوپتۇ دەپ تۇرايلى،توي قىلىپقۇ بۇزۇقچىلىقتىن بىرنى ئازايتىپسىز،ئەمما تويدىن كېيىنكى ئىشلار ھەققىدە قانچىلىك ئويلاندىڭىز؟توي قىلىپ بولغاندىن كېيىن قارىسىڭىز، باشقا دوستلىرىڭىز بالىلىق بولغان، شۇنىڭ بىلەن كىچىكىمىزدە "مېنىڭ قونچىقىم با، سېنىڭ بامۇ"دەپ دام-دام قىلغاندەك، سىزنىڭمۇ بەسلىشىپ بالا تاپقىڭىز كەلدىمۇ؟ بالا بېقىشنى بىلەمسىز؟ يا ئانىڭىزغا باقتۇرۇش پىلانىنى سىزمۇ تۈزۈپ بولدىڭىزمۇ؟ بىر ناكەستىن"بۇ بالاڭ تېخى ئانچە چوڭ بولماي يەنە بىرنى تۇغساڭ قانداق باقىسەن،ئاپاڭ بېقىپ بەرگەچكە جاپانى بىلمەي تۇغىۋىلىشنىلا ئويلاپسەندە"دەپ سورىغىنىمغا،"ۋىيىي ئاپامنىڭ بارىدا جىقراق تۇغۇۋالاي دەيمەنغۇ، لېكىن ئاپام كۈندە بېقىپ بەرمەيدۇ.تۈنۈگۈن كەلمىدى،بۈگۈنمۇ يو ق مانا"دېگەن گېپى نېرۋامغا جاڭڭىدە تېگىپ ،زەردە بىلەن"ياخشى بوپتۇ،ئاپاڭنىڭ كېلىپ بالىغا قارىمىغان كۈنلىرىنى خاتىرلەپ قويۇپ،پۇل تۇتىۋال!"دېگەنتىم.
   بالىنىغۇ تاپارسىز، ئۇنىڭغا نېمە بېرىسىز، قانداق تەربىيە قىلىسىز ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟ تۇغسىلا ھېساپ ئەمەس، باقالىسا ھەقىقىي ئادەم قىلالىسا ھېساپ. كىمگە لايىق بالا تۇغۇپ چوڭ قىلماقچى سىز؟ ئەگەر بالىڭىز كەلگۈسىدە لايغەزەل، ياكى باشقىچە بىر نەرسە بولۇپ چىقسا ئۆزىڭىزگىمۇ زىيان،جەمئىيەتكىمۇ زىيان، ئۇ چاغدىكى مەسئۇلىيەتنى بالىڭىزنىڭ خاتا تۇغۇلۇپ قالغانلىقىدىن كۆرەمسىز ياكى ياخشى تەربىيە قىلالمىغان، توغرىسى تەربىيە قىلغۇچىلىكى يوق، كاللىسى مۆرىسىنىڭ ئۈستىدە ئەمەس ئۆزىڭىزدىن كۆرەمسىز؟ ئىت-مۈشۈكمۇ تۇغىدۇ،ئەمما شۇلار جېنىدا بالىسىغا ئۆزىگە خاس"مەدىنىيەت"نى ئۈگىتىدۇ.ھەرگىز ئىت مۈشۈكنىڭكىنى ياكى شىر كالىنىڭ "تەربىيە"سىنى سىڭدۈرمەيدۇ.ئەمما شۇ ھايۋان جېنىدا قىلغان ئىشلارنى بىز قىلالمايۋاتىمىز، ئۆگىتىدىغان نەرسىنى ئۆگەتمەي،ئۆگەتمەيدىغان، چەكلەيدىغان ئىشلارنى ئۆگىتىۋاتىمىز. نېمىشقا؟ چۈنكى بىزدىمۇ بارى يوقى شۇ! ئاساس بوش بىزنىڭ!ئۆزىمىزدە يوقىنى بالىغا قانداق بېرەتتۇق؟بالا مەڭگۈ كىچىك تۇرىدىغان نەرسە ئەمەس،ئۇمۇ چوڭ بولىدۇ،جەمئىيەتكە قېتىلغاندا ئۇنىڭ ئۆز ئالدىغا ئابرويى بولىشى كېرەك، ئابروي نەدىن كېلىدۇ؟ سىزنىڭ بەرگەن تەربىيىڭىزدىن نەتىجىگە ئېرىشىش جەريانىدىن كېلىدۇ.
  بىزنىڭ ئاتا-ئانىلىرىمىزمۇ كىچىكلا توي قىلغان ئەمما ئۇ ۋاقىتتىكى ئۇلارنىڭ يېشى بىلەن بىزنىڭ يېشىمىز ئوخشىسىمۇ، جاھانغا بولغان كۆز قارىشىمىز،مۇستەقىللىق ئېڭىمىز ئوخشاشمايتتى.ئۇلار شۇ دەۋىرنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن پىشىپ يېتىلىپ توي قىلاتتى، تويدىن كېيىنكى ئائىلىسىدە قانچىلىك جابدۇقلىرى بارلىقىنى دېمىسەممۇ ئۆزىمىز كۆرۈپ چوڭ بولغان، قالغان قالدۇق جابدۇقلارنى ئۆزلىرى بىرلىكتە تىرىشىپ ئالاتتى،بىزدىچۇ؟ ھەممىنى تەييار قىلىپ ئاندىن كىرىۋاتىمىز ئۆيگە، دۋد ئاپاراتىدىن تارتىپ كام ئەمەس، ئەمما شۇنىڭ ئىچىدە قانچىسىنى ئۆزىمىزنىڭ ھالال تەرىگە ئالدۇق، بىلمەيمىز.چوڭلار تەييارلاپ بەرگەن ئۆيگە كىرىپلا ئولتۇرغاچقا، توغرىسى ئۆيگە مۇھەببەت مېھىر دېگەنلەر بولمايدۇ، مانا بۇ ھازىرقى ياشلىرىمىزنىڭ توي قىلىپلا تالاغا قارىشى، ئاجرىشىشىنىڭ ئاسان بولىشىنىڭ سەۋەبى.چۈنكى سىز ئائىلەم ئۈچۈن بىر كوينى ئىقتىساد قىلىپ ماۋۇ نەرسىنى ئالاي دەپ ئويلىمايسىزدە. دادام-ئاپام شۇنچىلىك قاتتىق ئۇرۇشۇپ ئاجىرشىمىز دەپ قالغانلىرىدا، ئاپامنىڭ ئاشخانا ئۆيدە ھېكىمگە كۆرسەتمەي كىچىككىنە نوغۇچىمىزنى ۋە ياكى چۆمۈچلىرىمىزنى(بۇ نەرسىلەرنى ئاپام دائىم سېنىڭ بىلەن تەڭ ياشقا كىردە دەپ قوياتتى) قولىغا ئېلىپ يىغلاپ كەتكەنلىرىنى ئويلىسام ئىچىم بىردە ئاچچىق، بىردە تاتلىق سېزىمغا چۆمىدۇ.چۈنكى شۇ نوغۇچ كىچىك بولسىمۇ ئاپام-دادامنىڭ مېھرى سىڭگەنلىكى ئۈچۈن،ھېچقايسىسى ئۇنداق ئاسان ۋاز كېچىشنى خالىمىغان، ۋە بىزنى،ئائىلىمىزنى ساقلاپ قالغان.
ھازىر ئارىمىزدا نوغۇچنى مېھرى بىلەن قولىغا ئېلىپ قارىيالايدىغانلار بارمۇ؟ يوق، چۆمۈچىڭىزنى قايسى تاللا بازىرىدىن قانچە پۇلغا ئالغانلىقىنىمۇ بىلمەيسىز بەلكىم!ئەمما مەن خالىمايمەن بۇنداق تەييار تۇرمۇشنى، جاپالىق بولسىمۇ ھەربىر چىنەمگىچە ئەسلىمەم بولسىكەن دەيمەن.ھەرگىز چوڭ ئۆي تاما قىلىپ، ۋە ياكى تەييار ئۆيگە كىرىپ ،مېھىرسىز ياشاشنى خالىمايمەن.بەزى نەرسىلەر مودىنى خالىمايدۇ...
 مانا مەن مۇشۇنداق ئائىلە قۇرۇشنى خالايمەنكى،ئېرىم ماڭا ئىككى ئالەم ھالال بولسۇن،ئامىن! مەن ھەم ئۇنىڭغا ئىككى ئالەم ھالال بولاي،ئامىن!ئاللاھ بىزگە شۇنداق بىر ھالال نىكاھ ۋە سالىھ پەرزەنت بەرسۇنكى، شۇنچە چوڭ جەمىيەتتە كىچىككىنە ئائىلەمدىن پەخىرلەنگەن ھالدا چېھرىمدىن كۈلكە جىلۋە قىلدۇرۇپ ياشاشقا نېسىپ قىلسۇن،ئامىن! قىيامەتتە ئاللاھىم ئالدىدا يۈزۈم يورۇق بولسۇن، جەننەتتە يولدۇشۇم ۋە بالىلىرىم بىلەن بىرلىكتە ئاللاھنىڭ چېھرىگە قارىيالايدىغان بەندىلەردىن بولايلى،ئامىن!ئاللاھ ماڭا ۋە ئۇنىڭغا زور ئاسانچىلىق ۋە بەرىكەت ئاتا قىلسۇن،ئامىن!
  ئەمدى سىزنىڭكىنى ئاڭلاي، ئائىلە ھەققىدە قانداق قاراشلىرىڭىز، ئوي پىكىر ۋە پىلانلىرىڭىز باركىن؟

ئاللاھنىڭ مېنى ئۇيغۇر يارىتىشى مېنى ئۇنىڭ ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا چاقىرغىنىدۇر،مۆمىن بەندە بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئاللاھىمغا قانداقمۇ قارشى چىقالايمەن؟!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23566
يازما سانى: 230
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1725
تۆھپە نۇمۇرى: 262
توردا: 4616 سائەت
تىزىم: 2010-12-23
ئاخىرقى: 2012-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-31 11:23:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىر سوتنىڭ دىلو تۇرغۇزۇش ئىشخانىسى(立案厅) غا كىرىپ قالسىڭىز ئاجىرىشىدىغانلار ئۆچرەت بۇلۇپ تۇرىدۇ!!10دىلونىڭ 9 نىكاھدىن ئاجىرىشىش دىلوسى!
مەن بەزىدە ئويلاپ قالىمەن!! مۇشۇ توي قىلىمەن دەپ تىزىملاتقىلى بارغانلارنى ئاۋۋال ئاز بولغاندا بىر ئاي كۇرۇستا مەخسۇس مۇشۇ ئائىلىدىكى ئەر-ئايال ئىككىلىسىنىڭ ئورنى،مەجبۇرىيتى،مەسئۇلىيتى،بىر-بىرىكە مىھرىبانلىق قىلىش،كۆيۇنۇش قاتارلىق نۇرغۇن تەرەپلەردىن دەرىس ئۆتۇپ تەربىيلەپ لاياقەتلىك بولسا ئاندىن توي قىلىشقا رۇخسەت قىلسا ئاجىرىشىدىغانلار كۆپ ئازلىغان بولاتتى!!چۇنكى ئاجىرىشىغانلارنىڭ كۆپۇنچىسى ياشلار،ئاساسلىق مەسلە ئائىلىگە بولغان تونۇش كام!!ئائىلىگە بولغان مەسئۇلىيەت كام!!!
شۇڭا كونىلار بىكار ئىيتمىغان(بىر ئۆينىڭ مورىسىدىن تۇتۇن چىقارماق ئاسان ئەمەس)دەپ!
ئەمدى ئەر بولسۇن ياكى ئايال بولسۇن تالاغا قاراش مەسلىسىگە كەلسەك بۇنى ئاۋال شۇ ئادەمنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكىدىن يەنە بىرسى قانۇننىڭ بوشلىغىدىن كۆرۇشكە بولىدۇ!!شۇڭا خاتىرجەم ئويناۋىرىدۇ! ئىراندەك ئاشنا ئوينىغانلارنى تۇتىۋالسا خەلقى-ئالەم ئالدىدا چالما-كىسەك قىلىپ ئۆلتىرىۋىتىدىغان،دارغا ئاسىدىغان(دارنىڭ ئورنىدا كىران ئىشلىتىدىكەن) ياكى ئاختا قىلىۋىتىدىغان قاتارلىق ئىسلام قانۇنلىرىنى يولغا قۇيۇپ ئىجرا قىلسىتى ئۇ چاغدا مانى ئويناڭ دەپ ئالدىغا ئەكىلىپ بەرسىمۇ  غ غا ت نى قوشۇپ مەھكەم قىسىپ ئۇدۇل ئۆيىگە كىتىپ ھالال جۇپتىگە ھەمرا بولاتتى!!! ئائىلە ساق قالاتتى! نۇرغۇن قىزلار ياكى ئوغۇللار بۇزۇلمايتتى، تىنى سالامەت تۇراتتى!ئەيدىز قاتارلىق نىجىس كىسەللەردىن يىراق تۇراتتى!! بىبا قىلىپ يۇختۇرۋالمايتتى!
ئىسلام قانۇنى!!!!ئەجەپ قەدرىڭنى بىلمىدۇق!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!

ئالتۇن قونداق قەپەزدىن لىڭ لىڭ قۇمۇشۇم ياخشى!!!!! مەنبە: بىر قۇشقاچنىڭ تىلىدىن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15939
يازما سانى: 425
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6816
تۆھپە نۇمۇرى: 516
توردا: 7737 سائەت
تىزىم: 2010-11-1
ئاخىرقى: 2012-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-31 11:25:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ناھايىتى ياخشى تىما بوپتۇ . ھەممىمىز ئويلىشىشقا تىگىشلىك تىمىكەن .
   مىنىڭچە كۆپ قىسىم كىشىلەر ئائىلە قۇرۇشنىڭ نىمىلىكىنى بىلمەيلا توي قىلىدىغۇ دەيمەن . يېشىنىڭ چوڭىيىشى ، ئەتراپىدىكىلەرنىڭ توي قىلىپ بۇلۇشى بىلەن ئۆزىنىڭمۇ توي قىلمىسا بولمايدىغان بۇلۇپ قالغانلىقىدەك ھىس قىلىپ توي قىلىشى مۇمكىن . مانا بىزگىمۇ توي قىلغىلى 7،8 يىل بۇلۇپ قاپتۇ .  بىزمۇ ئاددى توي قىلغان . يولدىشىمنىڭ ئاتا ئانىلىرىنى ئىقتىسادى جەھەتتىن چىقىم قىلدۇرمىدۇق دىسەكمۇ بۇلىدۇ . ئۆينىمۇ ئۆزىمىز ئالدۇق . چوڭلارنى ئاساسى جەھەتتىن ئاۋارە قىلمىدۇق . ئاددى ، تىجەشلىك تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتىمىز . كىيىم كىچەككە بېرىلمىدۇق . خېلى ئەل قاتارى ياشاۋاتىمىز . بالىمىزنىمۇ ئاساسەن ئۆزىمىز باقتۇق . بالىمۇ شۇنداق تىجەشلىك چوڭ بۇلۇۋاتىدۇ ......، باشقا گەپلەرنى كىيىن دىيىشەيلى !

باھار يا بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-31 11:26:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەقىللىق ئۆزىنى

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33379
يازما سانى: 520
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4073
تۆھپە نۇمۇرى: 164
توردا: 1048 سائەت
تىزىم: 2011-3-10
ئاخىرقى: 2011-12-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-31 11:35:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن تىخى ئائىلە قورمۇدۇم ،يەنە ئىككى ئۈچ يىل ۋاقتى بار ،لىكىن مەن ئاجرىشىش دىگەنگە بەك ئۆچ جۇمۇ......بىز بالىلارنىڭ قانداق روھى ئازاپقا دۇچار بولىدىغانلىقىمىزنى بىلمەمدىغانسىلە   

ئەگەر ئائىلىك بولسام مەيلى ھەر قانداق .ئىشقا بەرداشلىق بىرىمەن ،ھەرگىز ئاجراشماسمەن<اللە>خالىسا

دۇنيانىڭ ئىشىدۇر تەشۋىش بىلەن غەم، بىرىنى تۈگەتسەڭ بىرىدۇر ھەمدەم . تىخى تۇغۇلمىغانلار بۇندىن بىخەۋەر، خەۋەرلىنىپ قالسا كەلمەس ئىدى ھەم.

مەن سۈكۈتتە ...ھامان سۈكۈتتە

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31579
يازما سانى: 318
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3392
تۆھپە نۇمۇرى: 253
توردا: 2040 سائەت
تىزىم: 2011-2-24
ئاخىرقى: 2012-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-31 11:36:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنىلا تېما يوللىغۇچىنىڭ ئائىلە قۇرۇشتىكى قارىشىنى قوللايمەن !  ئەگەر بۇ ھاياتىمدا شۇ ئارزۇغا يېتەلىسەم ، كەمىنىگە ئۇنىڭدىن ئارتۇق بەخت بولماس~

مەن ئۆزۈمنىڭ دۇنياغا بىر ئايال بولۇپ تۆرەلگىنىمدىن ۋە بىر ئانا بولۇپ ياشىيالىغىنىمدىن پەخىرلىنىمەن !!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35527
يازما سانى: 52
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 550
تۆھپە نۇمۇرى: 101
توردا: 214 سائەت
تىزىم: 2011-3-28
ئاخىرقى: 2011-10-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-31 11:53:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي خۇدا بۇرۇنقى بىزنىڭ ئاتا - ئانىمىزنىڭ ۋاقىتلىرىغا قارايمەن. ئۇلار بىر بىرسىنى توي كۈنلاپ كۆرۈپ بىر ئۆمۇر ياخشغانلىغا قاراپ....شۇنچە پەخرلىنىمەن. مىنىڭ ئاپام دادامنى توي كۈنلا كۆرۈپتىكەن. ...مانا بىز سەككىز بالغا ئاتا ئانا بولۇپمىنىڭ 4 بالامنى قوشۇپ بولدى.

يول ماڭغانسىىرى ئېچىلىدۇ.

موزاينىڭ يۈگۈرى

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25474
يازما سانى: 2132
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18657
تۆھپە نۇمۇرى: 276
توردا: 6454 سائەت
تىزىم: 2011-1-8
ئاخىرقى: 2012-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-1 12:01:09 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 4قەۋەت huxruh كە 2011-03-31 11:35 PMئەۋەتىلدى :
مەن تىخى ئائىلە قورمۇدۇم ،يەنە ئىككى ئۈچ يىل ۋاقتى بار ،لىكىن مەن ئاجرىشىش دىگەنگە بەك ئۆچ جۇمۇ......بىز بالىلارنىڭ قانداق روھى ئازاپقا دۇچار بولىدىغانلىقىمىزنى بىلمەمدىغانسىلە  

ئەگەر ئائىلىك بولسام مەيلى ھەر قانداق .ئىشقا بەرداشلىق بىرىمەن ،ھەرگىز ئاجراشماسمەن<اللە>خالىسا

ئىرادىڭىزگە بارىكاللا .چوقۇم ئاجراشماڭ <اللە>خالىسا !

ئابدۇ.....

ۋاقىتنى ھەرقاچا

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34600
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 52
تۆھپە نۇمۇرى: 4
توردا: 231 سائەت
تىزىم: 2011-3-20
ئاخىرقى: 2011-7-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-1 01:06:00 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ تۇي قىلمىغان لېكىن توي قىلىشتىن بۇرۇن سىزگە ئوخشاش ئىلغار پىكىرلىك ماڭا ئىككى دۇنيالىق يار بولالايدىغان ياخشى جۆرىنى بىر ئاللادىن تىلەيمەن.ھازىر سىزگە ئوخشاش ئويلايدىغان قىزلىرىمىز بارماق بىلەن سانىۋالغۇدەكلا .ئاللا ماڭىمۇ قەلبىسىزگە ئوخشاش يورۇق ئىككى دۇنيالىق ھالال جۈپ ئاتا قىلسۇن ئامىن!

ئويغان

ئەخلاق ئادەم زىن

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35488
يازما سانى: 57
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 370
تۆھپە نۇمۇرى: 6
توردا: 156 سائەت
تىزىم: 2011-3-28
ئاخىرقى: 2011-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-1 08:46:50 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
دۇنيانى ساياھەت قىلغۇم بار .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش