مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3678|ئىنكاس: 59

《كازافى》دەپ ئاتاش توغرا ئەمەس [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24820
يازما سانى: 1521
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 20572
تۆھپە نۇمۇرى: 354
توردا: 4073 سائەت
تىزىم: 2011-1-2
ئاخىرقى: 2014-1-13
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-1 12:05:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
    
        ھۆرمەتلىك دوستلار،ھەممەيلەنگە ئايان ئۇيغۇر تىلىمىزدىكى ھەرپلەر بىلەن دۇنيادىكى ھەرقانداق بىر مىللەت تىلىدىكى سۆزلۈكلەرنى ئەينەن ئىپادىلىگىلى بولىدۇ،ھىچ بولمىغاندا شۇ سۆزلۈكنىڭ  ئاھاڭىغا ئەڭ يېقىن ئىپادىلەپ يازغىلى بولىدۇ. بۇ ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكلىرىدىن بىرى بولۇپ،ھەتتا تۈرك تىلى سېستىمىسىدىكى باشقا مىللەتلەر تىلىدىمۇ بۇخىل ئۆزگىچە ئالاھىدىلىك ئۇيغۇر تىلىدىكىدەك مۇكەممەل ئەمەس.
نۆۋەتتە ئۇيغۇر تىلىنى ساپلاشتۇرۇش،ئۆلچەملەشتۈرۈرش،قېلىپلاشتۇرۇش ،مۇكەممەللەشتۈرۈش سادالىرى ئىزچىل كۈچلۈك  بولۇپ كەلمەكتە،ھۆكۈمەتمۇ بۇ ئىشقا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىۋاتىدۇ ،ھەم بۇ ساھەدە خېلى زور ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈردۇق،ئۇيغۇر تىلىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۈن-تىنسىز خىزمەت قىلىۋاتقانلارغا بۇ يەردە رەھمىتىمىزنى بىلدۈرمەي تۇرالمايمىز.مۇشۇ خىزمەتلەر ئىچىدە ئۇيغۇر تىلىنىڭ چەتئەل تىلىدىكى يەر-جاي ناملىرى ۋە كىشى ئىسىملىرىنى تەرجىمە قىلىش ياكى ئاتاشتا يەنە نۇرغۇن سەۋەنلىكلەر مەۋجۇت،ئۆلچەمسىز ئاتاش،خاتا ئاتاش،ئۈچىنجى بىر مىللەت تىلى ئارقىلىق ئاتاش قاتارلىق ئەھۋاللار بىر قەدەر كۆپ.
ھازىر بىز ئۇچۇر دەۋرىدە ياشاۋاتىمىز.ھازىر دۇنيا بىز ئۈچۈن خۇددى ئالقىنىمىزدەك تونۇش،بىز ھەرقانداق جايدا تۇرۇپ،دۇنيانىڭ بۇلۇڭ پۇشقاقللىرىدىكى ھەرقانداق بىر خەۋەردىن دەل ۋاختىدا خەۋەر تاپالايمىز.ھەرقانداق بىر مىللەتنىڭ تىلىنى ھىچ قىينالماي ئانا تىلىمىزغا ئۆرىيەلەيمىز. شۇ مىللەتنىڭ ئانا تىلىدىكى ھەرقانداق ماتىريالنى ئالقنىمىزدىكى يانفون ئارقىلىقلا  ئاختۇرۇپ تاپالايمىز. ئىنسانىيەتنىڭ شىددەت بىلەن تەرەققى قىلىشى،بىز بىلەن دۇنيانى چەمبەرچەس باغلىدى.بىزمۇ ئۆز نۆۋىتىدە دۇنيا تەرەققىياتىغا ھەسسە قوشچۇچىلارمىز، شۇنداقلا دۇنيا تەرەققىياتىنىڭ گەۋدىسىنىڭ مەلۇم قىسمىنى تەشكىل قىلغۇچىلارمىز. ئىنسانىيەت تەرەققىيات مېۋىلىرىدىن پۈتۈن دۇنيا ھەمبەھر بولۇش مانا بىزنىڭ دەۋرىمىزدە داۋام ئېتىپ يۈكسەك تەرەققىيات باسقۇچىغا يەتتى دىسەك ئارتۇق كەتمەس.
ئەمدى گەپنىڭ نەق ئۆزىگە كەلسەك،دۇنيادا كۈندە بولىۋاتقان ھەرقانداق يېڭىلىقلاردىن ئۆز ئانا تىلىمىز بىلەن ۋاقتىدا،تولۇق خەۋەردار بولۇش ئىشقا ئاشقان بۈگۈنكى كۈندە،چەتئەل تىلىدىكى نۇرغۇن نام ئاتالغۇلار،قىلچە ئىلمى بولمىغان ئۇسۇلدا مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن ئالدىراقسانلىق بىلەن تەرجىمە قىلىنىپ ئومۇملۇشۇپ ماڭماقتا.
بۇ خىل ئەھۋال ئۇيغۇرچە خەۋەرلەرنىڭ سۈپىتىنى چۈشۈرۈپ بارماقتا،قارىماققا بىزگە ھىچقانداق پايدا زىيان بولمىغاندەك بىلىنگەن بىلەن،بۇ بىر كەسپى ئەخلاق،مەسئۇلىيەت،ئاڭ-سەۋىيە مەسىلىسى،باشقىلارغا بولغان ھۆرمەت مەسىلىسى،ئەڭ مۇھىمى ئۆزىمىزنىڭ تىلىغا بولغان ھۆرمەت مەسىلىسى.
ھازىر تېلىۋىزوردا كۈندىلىك  مەملىكەت خەۋەرلىرى،خەلقارا خەۋەرلەرنىڭ ئۇيغۇرچىسى خەنزۇچىسى بىلەن دېگۈدەك ماس قەدەمدە كۆرۈرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشىۋاتىدۇ،بۇ بىر چوڭ نەتىجە.ئەمما  يۇقىردا دېيىلگەندەك ،خەۋەرلەردە ئاتالغۇلارنى خاتا ئېلىش،بىۋاستە خەنزۇچىدىكى ئاتىلىشىدىن قىياسەن تەرجىمە قىلىپ قويۇش بەك ئېغىر.
مەسىلەن 90-يىللاردا پۈتۈن ئۇيغۇرچە مەتبۇئاتتا ئەلقائىدە(بازا)تەشكىلاتىنىڭ ئاتامانى ئوسەمە.بىن.لادىن نىڭ ئىسمىنى رادەن دەپ ئالدى.بۇ يەردە تەرجىمانلار خەنزۇچىدىكى ”ر “نىڭ ئورنىغا ”ل“ ئالمىشىدىغان تەرجىمە قانۇنىيىتىگە بەكمۇ ”ھۆرمەت“قىلغانىدى.ئەجىبا شۇ تەرجىمانلىرىمىز شۇنچە يىللاردىن بېرى بىرەر قېتىم ئېنگلىزچە خەۋەر كۆرمىگەنمىدۇ؟
ئادەمنىڭ تېخىمى كۈلكىسىنى(مېنىڭ يىغلىغۇم كەلدى) كەلتۈردىغىنى،ھەممىمىز ياقتۇرۇپ كۆرىدىغان دۇنيادىكى ئىشلار پروگراممىسىدا،ياپونىيەدىكى ناگويا(名古屋)شەھىرىنى ياپونىيەدىكى قەدىمى ئىمارەتلەر دەپ تەرجىمە قىلغىنى بولدى.
ھازىر قىزىق بازارغا ئۈلگۈرۈۋاتقان چەتئەل فىلىملىرىدىكى كىشى ئىسىملىرىنىڭ ئاتىلىشى كىشىنىڭ كۆڭلىنى تېخىمۇ غەش قىلىدۇ.شۇنچە سۈپەتلىك ئىشلەنگەن فىلىملەردىكى كىشى ئىسىملىرىنىڭ ئۇيغۇرچىدا دۇنيادا يوق بىر ناملار بىلەن ئاتىلىشى بىلەن شۇ كىنونىڭ كۇرسى بىراقلا چۈشۈپ كېتىدۇ.مەسىلەن:ھىندىستان كىنو چولپىنى شاھرۇھخان نى شارۇلخان دەپ ئاغزىمىزدىن شۆلگەيلىرىمىز ئېقىپ كەتتى.دەيۋىد نى داۋېي،روس نى لوس،سامانسا نى شامانشا،ئېدۋاردنى ئەيدېخۇئا......يەنە چەتئەل كىشى ئىسىملىرىدا ئەزەلدىن بولمىغان ناملارنى خەنزۇچە قىسقارتىلما تەرجىمىسىدىكى ئاتىلىشىغا قاراپلا قىياسەن بىر نامنى بېرىپلا قۇتۇلىمىز.
 شۇ تەرجىمانلارغا بىر تەكلىۋىم شۇكى،ئىنتېرنەتتىن ئىبارەت بۇ قورالنىڭ رولىغا سەل قارىمايلى،سىز يولۇققان ھەرقانداق قىيىن مەسىلىگە شۇ قورال ياردەم قىلىدۇ.
ئەمدى ئۇيغۇر مەتبۇئاتلىرىدا نەچچە ئون يىلدىن بۇيان ئاتىلىپ كېلىۋاتقان،لىۋىيە ۋە ئۇنىڭ رەھبىرى كازافىنىڭ ئەسلى ئاتىلىشى نىمە؟
لىبىيە:Libya: ‏ليبيا‎، Lībiyā
يەنى لىۋىيە ئەمەس لىبىيە،مەيلى ئەرەپچىدە بولسۇن،ئېنگىلىزچىدە بولسۇن شۇنداق تەلەپپۇز قىلىنىدۇ.
كازافىنىڭ ئەسلى ئاتىلىشى:مۇئەممەر ئەل قەززافى.
 مُعَمَّر ٱلْقَذَّافِيّ‎ Muʿammar al-Qaḏḏāfī 卡扎菲
(يۇقۇردىكى ئەرەپچىسىدە زال ھەرپى تولۇق چىقماپۇ)
چۈنكى غەرپ تىلىدا ”ق“ ھەرپى بولمىغاچقا تەلەپپۇزدا ”ك“بىلەن ” ق“نىڭ ئوتتۇرسىدىكى” ق“  غا يېقىن
Q“ھەرپىنى ئىشلەتكەن.بۇ بىزنىڭ ئۇيغۇر لاتىن يېزىقىمىزدىكى” ق“نى ئىپادىلەيدىغان ”Q“ھەرپى بىلەن يېقىن كېلىدۇ.
مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مىساللار ساماندەك،مېنىڭ مەقسىدىم تەرجىمان دوستلارنىڭ مۇشۇنداق ئىشلارغا ئاددى نەزەردە قارىماي،ئازراق جاپا تارتسىمۇ كۆپرەك ماتىريال كۆرۈپ،تەرجىمىنىڭ تولۇق چىقىشىغا ئەجىر قىلسىكەن،ئەڭ مۇھىمى ئۆز مىللىتىمىزنىڭ تىل قانۇنىيەت،ئالاھىدىلىكلىرىنى تولۇق جارى قىلدۇرسىكەن،كەڭ خەلقىمىزنىڭ تەرجىمىدىن رازى بولۇپ،ھوزۇر بىلەن كۆرۈشىگە كۈچ چىقارسىكەن دىمەكچى.
مەنبە:ئۆزۈم.

بىلمىگەننى بىلدىم ، كۆرمىگەننى كۆردۇم، ئاڭلىمىغاننى ئاڭلىدىم دېمە!

تىلىم، دىلىمغا ئەگەش!

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1424
يازما سانى: 3339
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 116820
تۆھپە نۇمۇرى: 2177
توردا: 12830 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-1 12:10:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

Re:《كازافى》ئەمەس....

      بۇ ئىسىمنى مەن بىر تېمامدا قەزافى دەپ ئىشلەتكەن ئىدىم.   بىر زىيارەت فىلىمىدە بىر ئەرەپ كىشىسىنىڭ ئىسمى قەرزاۋى دەپ ئېلىنغان. دېمەك ، تەرجىمىدە دىققەت  قىلىش كېرەك ئىكەن. خۇددى بىر جاي نامىنى فۇداۋ ئارىلى ، فۇكىشىما ئارىلى دەپ ئالغانغا ئوخشاش.
ئانا تىلىمىزنى ھۆرمەت قىلىش شوئارلىرىنى بەس - بەستە توۋلىغان چېغىمىزدا، ئۆزىمىزنىڭ قانچىلىك ھالدا ھۆرمەت قىلغانلىقىمىزنى ئەسكە ئېلىشىمىز كېرەك. ھۆرمىتىمىز ئەلۋەتتە ئۇنى توغرا ئىشلىتىش، توغرا ئاتاش، ئىملاسىنى توغرا يېزىشتا ئىپادىلىنىدۇ. ھەممەيلەن تېما، ئىنكاس يوللىغاندا ئىملاغا دىققەت قىلايلى، ئىملا خاتالىقى كۆرسەك مەيلى كىم بولسا كۆرسىتىپ بېرەيلى، بۇ ھەرگىز مازاق قىلغانلىق ئەمەس، بەلكى قارشى تەرەپنىڭ ئىملاسىنىڭ توغرا بولىشىغا ياردەم قىلغانلىق.
تېما ئىگىسىگە كۆپ رەھمەت !


ئاللاھ خالىسا&

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3117
يازما سانى: 2591
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7699
تۆھپە نۇمۇرى: 1234
توردا: 3114 سائەت
تىزىم: 2010-7-1
ئاخىرقى: 2012-1-29
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-1 12:25:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دىگەنلىرىڭىزمۇ ئورۇنلۇق ،
قايسى كۈنى بىر گېزىتتە بارىنى تۇنۇشتۇرۇلۇپ خەۋەر يېزىلىپتۇ ، ئۇنىڭدا شىنجاڭلىق بادى دەپ يېزىپتۇ ، ئۇنى خەنلەر بادى دەپ ئاتاپتۇ شۇنىڭ بىلەن بۇ بادى دىگەن سۆز ئۇنىڭ تەخەللۇسى بۇلۇپ قاپتىمىش ، ئادەمىنىڭ قۇسقۇسى كەلگۈدەك گەپلەردە بۇ ، باشقىلار ئۇنى تىلى كەلمەي بادى دەپ قۇيسا ئۇنىڭغا تەخەللۇس بولۇپ قالىغىنى دەيمەن . [s:128]

ۋەتەنسىز قۇشلار پەسىللەرگە ۋەتەن دەپ يىغلار !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35718
يازما سانى: 31
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3502
تۆھپە نۇمۇرى: 92
توردا: 155 سائەت
تىزىم: 2011-3-29
ئاخىرقى: 2011-4-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-1 12:37:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇنداق ئىشلار سەل ئاۋۇپ قالدى، دېمىسىمۇ بەزى يەر-جاي ناملىرى، كىشى ئىسىملىرى توغرىسىدا قېلىپلاشقان ئاتالغۇلارمۇ بار، بەك تاپالمىساق شۇ ئاتالغۇنىڭ ئىنگلىزچە ئاتالغۇسى بويىچە ئالساقمۇ، ئۆلچەملىك چىقىدۇ. بۇنداق مەسىلىلەرگە ئاخبارات ئورۇنلىرى بەكرەك دىققەت قىلىشى كېرەك.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24820
يازما سانى: 1521
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 20572
تۆھپە نۇمۇرى: 354
توردا: 4073 سائەت
تىزىم: 2011-1-2
ئاخىرقى: 2014-1-13
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-1 12:51:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىل-يېزىق خىزمىتىمىزدىكى يەنە بىر بوشلۇق،ئۆزىمىزدىكى ئاتالغۇلارنى قېلىپلاشتۇرۇش خىزمىتىگە سەل قارىلىۋاتىدۇ.بىز باشقىلارنىڭكىنى توغرا ئاتاش بىلەن بىرگە،ئۆزىمىزنىڭكىنىمۇ باشقىلارغا توغرا ئاتاتقۇزىشىمىز كېرەك.بىزنىڭ كىشى ئىسىملىرىمىزنى خەنزۇچە ئاتاشتا شۇنچىلىك ئىلمىسىزلىك،قالايمىقانچىلىق مەۋجۈتكى،بۇنى ئۇيغۇرچە كىتاپ چىقىرىپلا ھەل قىلغىلى بولمايدۇ،بۇنى نوپۇس تارماقلىرىغا قانۇن قىلىپ چۈشۈرۈش كېرەك،ھەرقانداق بىر ئىسىمنى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىشتا مەخسۇس تەكشۈرۈشتىن ئۆتىشى،ئاھاڭ تەرجىمىسىنىڭ ۋە ئىشلىتىلگەن خەت مەنىسىنىڭ مۇۋاپىق بولغان-بولمىغانلىقىقا قارىتا نازارەت چىڭ تۇتۇلىشى كېرەك ئىدى.شۇنداق بولغاندا مۇھەممەد نى 买卖دەپ تەرجىمە قىلىشتىن ساقلانغىلى بولاتتى.
ھازىر يەرلىك يەر-جاي ناملىرىنى ئېنگلىزچە ئاتاشتا (شىنجاڭ ئېنگلىزچە خەۋەرلىردە بولسۇن،مەتبۇئاتلاردا بولسۇن)يەنىلا خەنزۇچە پىنيىن ئاساس قىلىنىۋاتىدۇ.مەسىلەن.كورلىنى كۇئېرلې،قەشقەرنى كاشى.....مۇشۇ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىدىكى يولداشلار نىمە ئىش قىلىدىغاندۇ دەيمە....مۇنداق ئاتىسا چەتئەل خەۋەرلىرىدىكى ئاتاش بىلەن،دۆلىتىمىز .ئىچىدىكى ئاتاش بىرلىككە كەلمەي ئاسان ئۇقۇشماسلىق،چۈشەنچە خاتالىقى كېلىپ چىقىدۇ.خۇددى جوڭگولۇق تاتارلارنى 塔塔尔族,تاتارىستاندىكىنى 鞑靼人جوڭگولۇق قىرغىزلارنى克尔克孜族
قىرغىزىستاندىكىلەرنى吉尔吉斯 دىگەندەك.

بىلمىگەننى بىلدىم ، كۆرمىگەننى كۆردۇم، ئاڭلىمىغاننى ئاڭلىدىم دېمە!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3317
يازما سانى: 762
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11430
تۆھپە نۇمۇرى: 410
توردا: 1685 سائەت
تىزىم: 2010-7-4
ئاخىرقى: 2015-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-1 12:52:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىز دە يەنە بىر ئېغىر مەسىلە شۇكى بىز چەتئەللىكلەرنىڭ ئىسمىنى ئەسلى بويچە ئالماي خەنزۇچە تەرجىمىسىنى ئالىدىكەنمىز
مەسىلەن : ب د ت نىڭ باش كاتىپى بان كىمون نى خېلى جىق ئاخبارات ۋاستىلىرى خەنزۇچە ئاتىلىشى بويىچە پەن جىۋىن دەپ ئالغان . بۇنداق مەسىلىلەر بەك كۆپ
يەنە بىز خەنزۇلارنى دوراپ چەتئەللىكنىڭ ئىسمىنى چاقىرماي فامىلىسىنى چاقىرىدىكەنمىز :
مەسىلەن دۇنيا روك ناخشا پادىشاھى مايكول جېكسوننىڭ ئىسمى مايكول فامىلىسى جېكسون . ئۇنى جوڭگودىن باشقا ھەممە ئەلدە مايكول دەيدۇ ، پەقەت جوڭگدىلا 杰克逊 (جېكسون) دەپ ئىسمىنى ئاتىماي فامىلىىنى ئاتايدۇ ، بىزمۇ خەنزۇلارنى دوراپ ئسمىنى ئاتىماي فامىلىسنى ئاتايدىكەنمىز . بۇ بەكلا خاتا ، بۇ خۇددى زوردۇن سابىرنى زوردۇن دەپ چاقىرماي سابىر دەپ چاقىرغاندەكلا بىر ئىش

ئوغۇل بالا ئېسىل ياشاپ شەرەپلىك قۇربان بولۇشى كېرەك . ئابدۇل.
zorawann بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-1 12:56:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7254
يازما سانى: 10158
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 63972
تۆھپە نۇمۇرى: 2683
توردا: 7998 سائەت
تىزىم: 2010-8-22
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-1 12:58:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەنمۇ ئويلۇنۇپ ئەمىلەشتۈرۈش زۆرۈر بۇ تېمىڭىزدىن خۇرسەن بولدۇم . سىزدىكى تىل قابىليىتىگە قايىل بولمايمۇ قالمىدىم . [s:166]

ﺳﯘ، ﺋﯘﺯ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﯧﭙﯩﺶ ﺋﯘﭼﯘﻥ ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯘﭘﺮﺍﻗﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﭼﺎﯕﻘﺎﻕ ﺗﻮﭘﯩﺴﯩﻐﺎ ﺳﯩﯖﯩﭗ ﻛﯩﺘﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ...!

مەن سېنىڭ مېنى ي

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 27502
يازما سانى: 562
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 11345
تۆھپە نۇمۇرى: 528
توردا: 6399 سائەت
تىزىم: 2011-1-23
ئاخىرقى: 2012-1-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-1 01:02:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېما ئىگىسىمۇ ياخشى گەپ قىلىپتۇ، شۇڭا ھەممەيلەن ئۆزىمىزنىڭ تىل-يېزىقىمىزنى ھۆرمەتلەش يۈزسىدىن ئەڭ ئاددىيسى ئىنكاس يازساقمۇ ئىنكاسنىڭ خەت ئىملاسىغا دىققەت قىلايلى.
تېما ئىگىسى بولسا تېمىدىكى ئىملا خاتالىقىنى تۈزۈتۈۋېتىڭ.

مەن سېنىڭ مېنى ياخشى كۆرمىگەنلىكىڭدىن ئەمەس، بەلىكى ياخشىراق كۆرەلمىگەنلىكىڭدىن ئەپسۇسلىنىمەن.

تاماكا چەكمەڭ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 424
يازما سانى: 3568
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2399
تۆھپە نۇمۇرى: 412
توردا: 7192 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-1 01:06:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 4قەۋەت  Suchi كە 2011-04-01 12:51 PMئەۋەتىلدى  :
تىل-يېزىق خىزمىتىمىزدىكى يەنە بىر بوشلۇق،ئۆزىمىزدىكى ئاتالغۇلارنى قېلىپلاشتۇرۇش خىزمىتىگە سەل قارىلىۋاتىدۇ.بىز باشقىلارنىڭكىنى توغرا ئاتاش بىلەن بىرگە،ئۆزىمىزنىڭكىنىمۇ باشقىلارغا توغرا ئاتاتقۇزىشىمىز كېرەك.بىزنىڭ كىشى ئىسىملىرىمىزنى خەنزۇچە ئاتاشتا شۇنچىلىك ئىلمىسىزلىك،قالايمىقانچىلىق مەۋجۈتكى،بۇنى ئۇيغۇرچە كىتاپ چىقىرىپلا ھەل قىلغىلى بولمايدۇ،بۇنى نوپۇس تارماقلىرىغا قانۇن قىلىپ چۈشۈرۈش كېرەك،ھەرقانداق بىر ئىسىمنى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىشتا مەخسۇس تەكشۈرۈشتىن ئۆتىشى،ئاھاڭ تەرجىمىسىنىڭ ۋە ئىشلىتىلگەن خەت مەنىسىنىڭ مۇۋاپىق بولغان-بولمىغانلىقىقا قارىتا نازارەت چىڭ تۇتۇلىشى كېرەك ئىدى.شۇنداق بولغاندا مۇھەممەد نى 买卖دەپ تەرجىمە قىلىشتىن ساقلانغىلى بولاتتى.
ھازىر يەرلىك يەر-جاي ناملىرىنى ئېنگلىزچە ئاتاشتا (شىنجاڭ ئېنگلىزچە خەۋەرلىردە بولسۇن،مەتبۇئاتلاردا بولسۇن)يەنىلا خەنزۇچە پىنيىن ئاساس قىلىنىۋاتىدۇ.مەسىلەن.كورلىنى كۇئېرلې،قەشقەرنى كاشى.....مۇشۇ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىدىكى يولداشلار نىمە ئىش قىلىدىغاندۇ دەيمە....مۇنداق ئاتىسا چەتئەل خەۋەرلىرىدىكى ئاتاش بىلەن،دۆلىتىمىز .ئىچىدىكى ئاتاش بىرلىككە كەلمەي ئاسان ئۇقۇشماسلىق،چۈشەنچە خاتالىقى كېلىپ چىقىدۇ.خۇددى جوڭگولۇق تاتارلارنى 塔塔尔族,تاتارىستاندىكىنى 鞑靼人جوڭگولۇق قىرغىزلارنى克尔克孜族
قىرغىزىستاندىكىلەرنى吉尔吉斯 دىگەندەك.
مەن مۇشۇ ئاتالغۇنى چۈشىنەلمەي يۈرەتتىم  (جۇڭگۇدىكى قازاقلار بىلان قازاقىستان دىكى قازاقلارنىڭ خەنزۇچە يېزىلىشىنىڭ ئوخشىمايدىغانلىقىنى)....

ئاسمان يېرىلغاندا، يۇلتۇزلار تۆكۈلگەندە، دېڭىزلار بىرـ بىرىگە قوشۇلغاندا، ئۆلۈكلەر چىقىرىلغاندا ھەر ئادەم ئىلگىرى كېيىن قىلغان ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى بىلىدۇ.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش