مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: kayetmas

ئالداش بايرىمىدىكى ئەڭ دەھشەت ئالدامچىلىق [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بەزى ئىشلارغا مەڭگۈ ئامال يوق

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63
يازما سانى: 5210
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 24247
تۆھپە نۇمۇرى: 4424
توردا: 7298 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-5-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-1 03:58:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 19قەۋەت  axkar كە 2011-04-01 03:55 PMئەۋەتىلدى  :
بىزگە كۈندە بايرام ھە !  
          ئويۇن-تاماشاغا باشچىلاپ كىرىپ كەتتىققۇ بىز .  [s:145]

زامانىنىڭ مۇشۇ توغرىسىدا بىر تېمىسى بولىدىغان ھە ئاكا ؟
قانداقتى مەزمۇنى ؟

بەزى چاغلاردا بىلىدىغىنىڭ قانچە ئاز بولسا شۇنچە بەخىتلىك بولىسەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23502
يازما سانى: 1178
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9261
تۆھپە نۇمۇرى: 301
توردا: 217 سائەت
تىزىم: 2010-12-23
ئاخىرقى: 2013-2-27
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-1 03:59:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھا ھا ھا .......  بۇگۇن بايرام ئىكەنلىكى راسلا ئىسىمدە يوق ، ما تېمىنى كورۇپ ئىسىمگە كەلدى ، ئەمدى  ئالداشنى ئويلاۋاتىمەن ، قانداق ئالدىسام بولا ....... [s:178]  [s:178]  [s:178]

كۇلگەنلەر كۇلىۋەمەيدۇ،يىغلىغانلار يىغلاۋەرمەيدۇ . بۇدىگەن ئۆتنە جاھان .
turk118 بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-1 04:23:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئوماق قوزام....!!! T

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16072
يازما سانى: 1206
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16421
تۆھپە نۇمۇرى: 575
توردا: 5462 سائەت
تىزىم: 2010-11-3
ئاخىرقى: 2013-7-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-1 04:25:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ھېچكىمنى ئالدىمايمەن....................ھەم ئالدىنىشنىمۇ خالىمايمەن. [s:130]

ئالدامچىنىڭ قويرۇقى بىر تۇتام!!! [s:136]

تەمەيىم يوق ساخاۋەتتىن، ۋەتەن پەخرىم غورۇرىمدۇر، ئۇنىڭ قوينى ماڭا جەننەت، مۇقەددەس ۋەتەنگاھىمدۇر. zalimin zulumu varsa, sevennin allahi var! ! http://www.1000do.info/?227122.htm

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 564
يازما سانى: 1097
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12485
تۆھپە نۇمۇرى: 382
توردا: 6172 سائەت
تىزىم: 2010-5-24
ئاخىرقى: 2013-9-29
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-1 04:36:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نەدە بارلىققا كالگەن بايرام بولغىدى؟

ئاسماندىكىنىڭ ھەممىسى شۇڭقار ئەمەس،يۈگۈرگەننىڭ ھەممىسى تۇلپار ئەمەس!

بېكىنىۋالما ،ئا

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6683
يازما سانى: 477
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 41455
تۆھپە نۇمۇرى: 405
توردا: 6131 سائەت
تىزىم: 2010-8-18
ئاخىرقى: 2012-9-13
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-1 05:38:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۈگۈن ئۇلۇغ جۈمە كۈنى .
ھەپتىدە بىر قېتىم ئۇقۇلىدىغان جۈمىئە نامىزى ئۇقۇلىدىغان كۈن.

ئۆزىڭىزگە رەھىمسىز بۇلۇڭ _ ئابدۇقادىر جالالىدىن

گۈلۈم ، كەتمە يېنىمدىن ...

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1744
يازما سانى: 1871
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14104
تۆھپە نۇمۇرى: 406
توردا: 1409 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2012-9-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-1 05:57:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باياتىن ياتاقدىشىم پۇل سوراپ ئەتە بېرىمەن دېگەنتى ، تۈگىشىپتىمەندە ... [s:128]  [s:128]  [s:128]

نە ئۈچۈن ياراتتىڭ ئەي ئۇلۇغ خۇدا ،
سۆيگەننى سۆيدۈرپ سۆيمىگەنلەرنى.
قىلساڭ بولماسمىدى جېنىدىن جۇدا ،
كۆيگەننى كۆيدۈرۈپ كۆيمىگەنلەرنى...

يۇقال مۇھەببەت!ي

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14632
يازما سانى: 2134
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12406
تۆھپە نۇمۇرى: 370
توردا: 1021 سائەت
تىزىم: 2010-10-20
ئاخىرقى: 2011-12-4
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-1 06:44:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۈگۈنكىدەك قاملاشمىغان بايرامدا تۇغۇلۇپ قالغىنىمنى دەيمە، ئىككىلى بايرىمىڭغا مۇبارەك بولسۇن دەپ زاڭلىق قىۋالدى دىسە بىر ئەسكى [s:151]

ئاللاھ خالىسا&

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3117
يازما سانى: 2589
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7699
تۆھپە نۇمۇرى: 1234
توردا: 3114 سائەت
تىزىم: 2010-7-1
ئاخىرقى: 2012-1-29
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-1 06:52:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                  1 - ئاپرىل يالغانچىلار بايرىمى توغرىسىدا





يازغۇچى : پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد
تەرجىمە قىلغۈچى : سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن : http://www.islam_qa.com ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى
ھۆججەت ئۇلىنىشى : http://www.islamhouse.com/p/199786  

     بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. ئاللاھنى ماختايمىز. ئۇنىڭدىن ياردەم سورايمىز ۋە كەچۈرۈم تەلەپ قىلىمىز. نەپسىمىزنىڭ يامانلىقى، ئەمەللىرىمىزنىڭ ناچارلىقىدىن سېغىنىپ پاناھ تىلەيمىز. ئاللاھ ھىدايەت قىلىغان كىشىنى ھېچكىم ئازدۇرالمايدۇ، ئاللاھ ھىدايەت قىلمىغان كىشىنى ھېچكىم توغرا يولغا باشلىيالمايدۇ.
    يالغانچىلىق-ئالدامچىلىق ناچار ئەخلاق بولۇپ، ئىنسانىيەتتىكى تەبىئىتى پىترەت يالغانچىلىقنىڭ ناچار ئەخلاق ئىكەنلىكىنى قەتئى مۇقىملاشتۇرىدۇ. ساغلام ئەقىل ئىگىلىرى يالغانچىلىقنىڭ قايسى تۈرى بولىشىدىن قەتئى نەزەر ئۇنى قوبۇل قىلالمايدۇ. ساماۋى شەرئى پرىنسىپلارنىڭ ھەممىسى ئىنسانلارنى ئەخلاقسىزلىقتىن ئاگاھلاندۇرغان. بىزنىڭ توغرا دىنىمىز قۇرئان-ھەدىس ئارقىلىق كىشىلەرنى بۇ ناچار ئىللەتتىن ساقلىنىشقا بۇيرىغان يالغانچىلىقنىڭ دىنىمىزدا چەكلەنگەنلىكىگە ئىسلام ئۆلىمالىرى بىرلىككە كەلگەن. شۇ سەۋەپتىن يالغانچىلىقنىڭ ئاقىۋىتى دۇنيا-ئاخىرەتتە ياخشىلىق ئىلىپ كەلمەيدۇ.
     شەرىئەت، كىشىلەرنىڭ ھەققىنى يەۋالمايدىغان، ناھەق قان تۆكۈلمەيدىغان باشقىلارنىڭ يۈز ئابرۇيىغا تاجاۋۇز قىلىنمايدىغان كىشىلەرنىڭ جېنىنى قۇتقۇزىدىغان، ئىككى تەرەپ ئارىسىنى ئىسلاھ قىلىدىغان، ئەر-ئاياللار ئارىسىدىكى مۇھەببەتنى كۈچەيتىدىغان مەلۇم ئىشلاردا يالغان سۆزلەشكە رۇخسەت قىلىنىدۇ.
شەرىئەت كىشىلەرنىڭ يالغان سۆزلىشى ۋە باشقىلارغا خالىغانچە يالغان خەۋەر يەتكۈزۈشى دۇرۇس بولىدىغان  ھېچقانداق بىر كۈن ياكى سائەت-مىنۇت ۋاقىت بېكىتمىگەن، كىشىلەر ئارىسىدا كەڭ تارالغان ئاپرىل ئېيىنىڭ ئەۋۋىلىدىكى يالغانچىلىق ۋە بىر-بىرىگە يالغان خەۋەر يەتكۈزۈش ۋە بۇ كۈندە يالغان سۆزلىسە بولىدۇ دېگەن سۆزلەرنىڭ شەرىئەتتە ھېچقانداق ئاساسى يوق.
     يالغانچىلىقنىڭ ھارام ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان نۇرغۇن دەلىللەر بولۇپ، ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «پەقەت ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىگە ئىشەنمەيدىغانلارلا ئاللاھغا يالغان چاپلايدۇ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام يالغانچى ئەمەس، دەل ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى يالغانچىدۇر» نەھلى سۈرىسى 105 -ئايەت .
      ئىبنى كەسىر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئاللاھ تائالا  مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ يالغانچى ئەمەسلىكىنى، ھەقىقەتەن يالغانچىلارنىڭ ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا يالغان چاپلايدىغان، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىگە ئىشەنمەيدىغان، كىشىلەر ئارىسىدا يالغانچىلىق بىلەن تونۇلغان دىنسىز كاپىرلاردىن ئىبارەت كىشىلەرنىڭ ئەڭ ئەسكىلىرى ئىكەنلىكىنى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بولسا كىشىلەرنىڭ ئەڭ سەمىمى، راستچىل، ئېلىم، ئىمان ۋە ئەمەلدە كامالەتكە يەتكەن، ئۆز مىللەتلىرى ئىچىدە راستچىللىق ۋە ھەققانىيەتچىلىكى بىلەن مەشھۇر بولغان، ھەممە كىشى ئۇنى مۇھەممەد ئەمىن يەنى راستچىل مۇھەممەد دەپ ئاتايدىغانلىقىدىن خەۋەر بەردى". (تەپسىر ئىبنى كەسىر 2- توم 588 -بەت).
     ئەبى ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دېگەن: «مۇناپىقنىڭ بەلگىسى ئۈچ تۈرلۈك بولۇپ،  سۆزلىسە يالغان سۆزلەيدۇ، ئامانەتكە خىيانەت قىلىدۇ، ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلىدۇ»  بۇ ھەدىسنى بۇخارىي 33-، مۇسلىم 59- نومۇرلۇق ھەدىستە رىۋايەت قىلغان.
     يالغانچىلىق تۈرىنىڭ ئەڭ قەبىھ بولغىنى ئويۇن-چاقچاق قىلىپ يالغان سۆزلەشتىن ئىبارەت.
     بەزى كىشىلەر چاقچاق قىلىپ يالغان سۆزلىسە دۇرۇس بولىدۇ دەپ قارايدۇ، شۇڭا ئۇلار ئاپرىلدا ۋا باشقا ۋاقىتتا قىلغان يالغان سۆزلىرىگە چاقچاق قىلغان دەپ تۇرىۋالىدۇ، بۇ توغرا ئەمەس. بۇنىڭ شەرىئەتتە ھېچ قانداق ئاساسى يوق. بەلكى  يالغان سۆزلەش چاقچاق بىلەن ياكى ئۇنىڭ غەيرى بىلەن بولسۇن ئوخشاشلا ھارام بولىدۇ.
ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مەن چاقچاق قىلساممۇ ھەق سۆزنى دەيمەن» بۇ ھەدىسنى تەبەرانى رىۋايەت قىلغان، ئەلبانىي سەھىھ دېگەن.
ئەبى ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: ساھابىلار: يا رەسۇلۇللاھ! سىلە بىزگە چاقچاق قىلاملا؟ دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:«مەن چاقچاق قىلساممۇ ھەق سۆزنى دەيمەن» دېگەن. بۇ ھەدىسنى تىرمىزى رىۋايەت قىلغان.
     ئاپرىل ئېيىدا ئومۇملاشقان يالغانچىلىقنىڭ  نېمە سەۋەپتىن بولغانلىقىنىڭ ئەسلى بىلىنمىسىمۇ لېكىن بۇ توغرىدا ئالىملارنىڭ تۈرلۈك قاراشلىرى بار: بەزىلەر بۇ ئىش 3- ئاينىڭ 21- كۈنى كىچە-كۈندۈز تەڭلەشكەندە ئۆتكۈزۈلىدىغان باھار پەسلى مۇناسىۋىتىدىن پەيدا بولغان دەپ قارايدۇ. يەنە بەزىلەر: بۇ بىدئەتچىلىك ئىلگىركى ئەسىرلەردىكى بۇت پەرەسلەرنىڭ باھار پەسلىنىڭ ئەۋۋىلىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان دىنى بايرىمىنىڭ قالدۇقلىرىغا تۇتىشىدۇ. يەنە بەزىلەر بۇ بايرام مەلۇم قوماندانلار تەرىپىدىن يولغا قويۇلغان بولۇپ، ئۆز ئەسكەرلىرىنىڭ باشقىلارغا ئالدانماسلىق ئېڭىنى ئۆستۈرۈشنى مەقسەت قىلغان دەپ قارىلىدۇ. ئاپرىل ئېيىدا ئومۇملاشقان يالغانچىلىق يۇقىرىقى ئىشلارنىڭ سەۋەبى بىلەن ئىنسانلار ئارىسىدا راۋاجلانغان دەپ قارىلىدۇ.
      بەزىلەر بۇ يالغانچىلىقنىڭ ئەسلىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: بىزنىڭ ئارىمىزدىكى كۆپچىلىك كىشىلەر  بىرىنچى ئاپرىل يالغانچىلار بايرىمى دەپ بايرام قىلىدۇ، بۇنىڭ ئەسلى مەنىسى "ئاپرىل ئالدامچىلىقى" دېگەندىن ئىبارەت بولۇپ، بۇنىڭ كەينىگە يوشۇرۇلغان ئاچچىق ھەقىقەتنى كۆپچىلىكىمىز بىلمەيمىز.
مۇسۇلمانلار بۇنىڭدىن مىڭ يىل بۇرۇن ئىسپانىيەگە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقاندا ئۇلارنىڭ كۈچىگە ھېچقانداق كۈچ تەڭ كېلەلمەيتتى، غەرب ناسارالىرى غەرب دۇنياسىدىن ئىسلامنى يوقۇتۇشنى ئارزۇ قىلغان بولسىمۇ لېكىن كۆزلىگەن مەقسىتىگە يېتەلمىگەن ئىدى.
     ئىسلامنىڭ ئىسپانىيىدە تارقىلىشىغا ۋە يوقىتىشقا كۆپ قېتىم ئۇرۇنغان بولسىمۇ نەتىجە قازىنالمىغان، شۇنىڭدىن كېيىن ئىسپانىيەگە جاسۇسلىرىنى ئەۋەتىپ مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئۇلارنىڭ مەغلۇب بولماسلىقىدىكى ئاساسلىق سىر ئۇلارنىڭ تەقۋالىقنى لازىم تۇتقانلىقىدىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ كۈچ قۇۋۋىتىنى سۇندۇرۇش ئۈچۈن پىلان تۈزۈپ، ئىسپانىيەگە ھاراق-تاماكا يۆتكەپ ھەقسىز تارقاتقان، غەربنىڭ بۇ تاكتىكىسى ئۈنۈم بەرگەن، مۇسۇلمانلارنىڭ ئىمانى ئاجىزلىشىشقا باشلىغان، بولۇپمۇ ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان ئىسپانىيە ياشلىرىدا ئىتىقاد سۇسلۇقى، ھاۋايى -ھەۋەسكە بېرىلىشى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئارتىپ بارغان.
      ئاخىرقى نەتىجىدە غەربنىڭ كاتولىك خرىستىئانلىرى مۇسۇلمانلار 800 يىلدىن ئارتۇق ھۆكۈمرانلىق قىلغان ئىسپانىيەنى ئۆز ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغا ئالدى. مۇسۇلمانلارنىڭ غەرناتا شەھىرىدىكى ئاخىرقى قورغىنى ئاپرىلنىڭ بىرىدە ئۇلارنىڭ قولىغا ئۆتكەن، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار بۇ كۈننى ئاپرىل ئالدامچىلىقى دەپ ئاتىغان(APRIL FOOL).
      ئۇلار شۇ يىلدىن باشلاپ ھازىرغىچە ئاپرىلنىڭ بىرىدە بايرام قىلىپ مۇسۇلمانلارنى ئەخمەقلەر دەپ قارايدۇ. (ئەمەلىيەتتە مۇسۇلمانلار ئۇلارنىڭ دېپىغا ئۇسۇل ئوينىمىغىنىدا ئىدى، بەلكىم 8ئەسىر ھۆكۈمرانلىق قىلغان سەلتەنەتنى تارتقۇزۇپ قويمىغان بولاتتى)
     ئۇلار ساختىپەزلىك بىلەن مۇسۇلمانلارنى ئالداشنى پەقەت غەرناتادىكى مۇسۇلمان ئەسكەرلىرىگىلا قىلمايدۇ، بەلكى بارلىق ئىسلام ئۈممىتىگە قىلىدۇ. بىزنىڭ مۇشۇ بايرامغا قاتنىشىشىمىز ئۇچىغا چىققان ھاماقەتلىك ۋە قارىغۇلارچە ئۇلارنىڭ دېپىغا ئۇسۇل ئوينىغانلىق، بەلكى بىزنىڭ دۆتلىكىمىزدىن ئۇلارغا قارىغۇلارچە ئەگىشىشىمىزدۇر. ئەگەر بۇ بايرامنىڭ ھەقىقى ماھىيىتىنى بىلگىنىمىزدە ئۆزىمىزنىڭ مەغلۇبىيىتىمىزنى تەبرىكلەپ بايرام قىلمىغان بولاتتۇق. قېنى سىز يەنە بۇ بايرامنى تەبرىكلەپ، بۇ كۈندە باشقىلارنى ئالداشتەك ئەخمىقانە ئىشلارنى قىلامسىز؟ ياكى تۆۋە قىلىپ يالغانچىلىقتىن تىلىڭىزنى يىغامسىز؟ بۇ ئەلۋەتتە سىزنىڭ ئىمانىڭىزغا باغلىق بىر مەسىلە!.
    بىز ھەقىقەتنى بىلگەندىن كىيىن، بۇ كۈنلەردىكى مۇناسىۋەتلەرگە قاتناشماسلىق  ھەققىدە ئۆزىمىزگە ۋىجدانى ۋەدە بېرىشىمىز، ئىسپانىيەنىڭ قولدىن كېتىش ۋەقەلىكىدىن ئىبرەت ئىلىپ ئىسلامنىڭ ھەقىقىتىنى تەتبىقلاپ ئىمانىمىزنىڭ سۇسلىشىپ كېتىشىگە يول قويماسلىقىمىز لازىم.  (ئەتراپىمىزغا قارايدىغان بولساق، دۇنيادا بەزى بىر مۇسۇلمان مىللەتلەرنى گۇناھ-مەسىيەت، ئەيش-ئىشرەت، ھاراق- تاماكا ۋە چېكىملىكلەر بىلەن ۋاستلىق تەمىنلەپ، مىللەتنىڭ يوقىلىشىغا ئۇل ھازىرلاۋاتقان ھۆكۈمرانلارمۇ ئانچە ئاز بولمىسا كېرەك. شۇڭا بۇنداق ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان مۇسۇلمانلار كاللىسىنى سىلكىشى، ئەخلاقى كىرزىسقا خاتىمە بېرىپ، ئۆز مىللىتىنىڭ گۈللىنىشىگە بىر كىشىلىك تۆھپە قوشۇشى ئىمانى ۋە مىللى بۇرچىدۇر.-مۇھەررىر-)
      بىز يالغانچىلىق قىلىشنىڭ ھاراملىقىنى بىلگەندىن كېيىن بۇنىڭ ھەقىقىتىنى بىلىشىمىزنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق، بەلكى بۇ ئىسلام گۈللەنگەن دەۋرلەردە بولمىغان ياكى مۇسۇلمانلار پەيدا قىلغان ئىش بولماستىن، دىن دۈشمەنلىرىنىڭ ھېلى-مىكىر، ئالدامچىلىقتىن مەيدانغا كەلگەن بايرامدۇر.
     ئاپرىل ئالدامچىلىقى سەۋەبىدىن يۈزبەرگەن ھادىسىلەرنىڭ سانى يوق، كىشىلەرنىڭ بەزىسى بەزىسىگە يالغاندىن بىرىنىڭ بالىسى، يەنە بىرىنىڭ ئايالى ياكى ياخشى كۆرىدىغان يېقىن كىشىلىرىنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىدىن خەۋەر قىلغاندا، بۇ ئۇشتۇمتۇت خەۋەردىن بەزى كىشىلەرنىڭ تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىش ئەھۋاللىرى كېلىپ چىققان، بەزىلەرگە خىزمىتىدىن بىكار قىلىنغانلىق ياكى ئۆيىگە ئوت كەتكەنلىك ياكى بالىلىرىنى ماشىنا سوقىۋەتكەنلىك توغرىسىدا خەۋەر بەرگەندە بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ ئۇلارنىڭ مېڭىسىگە قان چۈشۈش، پۇت-قولى تۇتماسلىق قاتارلىق كېسەللەرگە گىرىپتار بولۇپ قالغان، بەزى كىشىلەرگە ئايالىنىڭ باشقىلار بىلەن بىرگە تۇرغانلىقىدىن خەۋەر بېرىلگەندە  ئايالىنى ئۆلتۈرۈۋېتىش ياكى تالاق قىلىۋېتىش ۋەقەلىرى يۈزبەرگەن.
بۇ توغرىدىكى ۋەقەلەر ناھايتى كۆپ بولۇپ، بۇنىڭ ھەممىسى  دىن، ئەقىل ۋە ساغلام تەبىئەت قوبۇل قىلمايدىغان يالغانچىلىقنىڭ ئاقىۋىتىدىن بولغان ئىشلاردۇر.
ئاللاھ تائالا ھەممەيلەننى يالغانچىلىقتىن ساقلىسۇن ئامىن.  

مەنبە: http://bbs.merifet.net/read.php?tid=3684

ۋەتەنسىز قۇشلار پەسىللەرگە ۋەتەن دەپ يىغلار !

ياسىنجان(سىرلىق)

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5357
يازما سانى: 7034
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 90762
تۆھپە نۇمۇرى: 1350
توردا: 6271 سائەت
تىزىم: 2010-8-1
ئاخىرقى: 2015-4-4
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-1 07:18:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن  بۇنداق  بايرامنى  بىلمەيدىكەنمەن  جۇمۇ [s:132]

سىرلىق سەنئەتلىك لايىھەلەش سىتودىيسى.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش