مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 781|ئىنكاس: 9

دوستلۇق ۋە مۇھەببەت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئۈمىدۋار بول ئاي !

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 675
يازما سانى: 1268
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13739
تۆھپە نۇمۇرى: 771
توردا: 1330 سائەت
تىزىم: 2010-5-25
ئاخىرقى: 2015-1-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-1 01:20:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |










چىن دوستلۇق ۋە مۇھەببەت







چىن دوستلۇق بىلەن مۇھەببەتنى پۇل ، نام - ئەمەل ، زورلۇق كۈچى ۋەياكى تەھدىت بىلەن قولغا كەلتۇرگىلى بولمايدۇ ، شۇنداقلا بۇ ئامىللار تۈپەيلىدىن قولدىن بېرىپ قۇيۇشقىمۇ بولمايدۇ . ئۇ پەقەت ئىنسانىي ۋىجدان ، پەزىلەتكە باغلىق .ىش . چىن ئىنسانلار دوستلۇق ۋە مۇھەببەتنى ۋاپادار يۈرىكىنىڭ ساپ قېنى ، ئىنسانىي پەزىلىتىنىڭ زەمزىمى بىلەن سۇغۇرىدۇ .

دۇنيادا ئالىم ، يازغۇچى ، سەنئەتكار بۇلۇش قىيىن ئەمەس ، لېكىن چىن ئادەم بولماق ئۇنچىۋالا ئوڭاي ئەمەس . پەقەت چىن ئادەملا ھاياتنىڭ ، سۆيگۈ - مۇھەببەتنىڭ ، دوستلۇقنىڭ قىيىن سۇئاللىرىغا توغرا جاۋاب بېرەلەيدۇ . ئەمما مۇھەببەتنى ، دوستلۇقنى ئۇيۇن قاتارىدا كۆرگەن ھەم شۇنداقلا مۇھەببەتنىڭ ، دوستلۇقنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيدىغان ، چۈشەنمەيدىغان كىشىلەر بۇ سۇئالغا جاۋاب بېرەلمەيدۇ .

مۇھەببەتلەشكەن قىز - يىگىتلەر شۇنداقلا قەلبىدە دوستلۇق شەكىللەنگەن كىشىلەر بىر - بىرىگە ئىشەنمەيدىكەن ، ئۇنداقتا ئۇلارمۇ بۇ سۇئالغا توغرا جاۋاب بېرەلمەيدۇ .

ھايات سىرلىق ۋە مۇرەككەپ ، ئۇنىڭ يولى بەكمۇ ئەگرى- توقاي . ئۇنىڭدا بەھەيۋەت ئېگىز داۋانلار ، غايەت چۇڭقۇر يارلارمۇ ، گۈزەل باغ - گۈلىستانلار ، كۆڭۈللەرنى شادلىق شارابلىرى بىلەن مەستخۇش قىلىدىغان بەزمە - مەشرەپلەر ، لەززىتى بىر ئۆمۈر تىلدىن كەتمەيدىغان نازۇ - نېمەتلىرىمۇ بار . مۇھەببەت تولىمۇ مېھرىبان ، لېكىن ئۇ دائىملا ئادەمنى پەپىلەپ ئولتۇرمايدۇ . بەزىدە ئۇ ساڭا شۇنداق سۇئاللارنى قۇيۇدىكى ، سەن نېمە قىلىشنى ، قانداق جاۋاب بېرىشنى بىلمەي نۇمۇس ، ئىزا كۈچىدىن ئۆلۈمنى ئەۋزەل كۆرۈپ قالىسەن .

شۇڭا ، ھەربىر قەدەمنى باسقاندا << مېنىڭ بۇ ماڭغان بولۇم توغرىمۇ ؟ مەن مۇشۇ يول بىلەن ماڭسام كۆزلىگەن نىشانغا يېتىپ بارالايمەنمۇ ؟ >> دەپ ئويلان !

پەقەت چىن ئادەملا ھاياتنىڭ ، سۆيگۈ - مۇھەببەتنىڭ ۋەياكى دوستلۇقنىڭ ھەر قانداق قىيىن سۇئالىغا توغرا جاېاب بېرەلەيدۇ . ئۇنداقتا ، ئويلىنىڭ بېقىڭ ، سىز چىن ئادەممۇ ؟؟؟؟؟

ئادەمدىكى ئەڭ مۇھىم نەرسە سەمىمىيەت ،ۋىجدان ، غۇرۇر ، دوستلۇق ، مۇھەببەت رىشتى ، ساداقەت . قەدىمدىن تارتىپ دوستلۇق بىلەن مۇھەببەت تەڭ مەۋجۇت بۇلۇپ كەلگەن . ئىنسانلار ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇق ئۆز - ئارا ئىشىنىش ھەم چۈشىنىش ئاساسىدا بارلىققا كېلىدۇ ، قەلبىدە ھەقىقىي دوستلۇق شەكىللەنگەن كىشىلەر دوستلۇقنى قەدىرلەيدۇ ، دوستى ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە ياردملەرنى قىلىدۇ . ھەققىي دوستلۇق ھەرقانداق ئىش يۈز بەرسىمۇ ساڭا قارا يۈزلۇك قىلمايدىغان ،سېنى تاشلىۋەتمەيدىغان ھەمراھ . قىز - ئوغۇللار ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇق بولسا ئۇلار بېشىنى قۇيۇپ يىغلايدىغان مۇرە ، ھال -مۇڭلىرىنى خاتىرجەم تۆكىدىغان قۇدۇق ، قەلبىنى ھاياجانغا سالىدىغان نەزمىلىك دۇلقۇن ، ئۇلارنى زۇلمەت ۋە ئۈمىدسىزلىك ئىچىدىن تارتىپ چىقىرىدىغان قۇدرەتلىك قول .... ئەمما كۆپ ھاللاردا قىز - يىگىتلەر ئوتتۇرىسىدىكى بۇ دوستلۇق مۇھەببەتكە ئۆزگىرىدۇ . ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى دوستلۇق ئۇرۇقىدىن مۇھەببەت گۈللىرى ئېچىلغاندا ئۇلار بۇ گۈلنى چىن ۋاپا ۋە ساداقەت بىلەن سۇغىرىدۇ .

دوستلۇق ئۈچۈن مۇھەببەتنى قۇربان قىلغانلار كۆپ بولغان ، ئەمما مۇھەببەت ئۈچۈن دوستلۇقنى قۇربان قىلغانلار ساناقلىقلا بولغان بۇلىشى مۇمكىن ، شۇڭا مۇھەببەت ئېغىزدىلا ئەمەس بەلكى چىن يۈرەكتە بولىدۇ . دوستلۇق ئۈچۈن مۇھەببەتنى قۇربان قىلغانلار پەقەت جىسمانىي جەھەتتىكى مۇھەببەتنى قۇربان قىلىپ ، چىن مۇھەببىتىنى دىلىدا ساقلاپ قالىدۇ . بۇ مۇھەببەتكە ھەم دوستلۇققا قىلىنغان خىيانەت بولماستىن بەلكى چىن مۇھەببەت بولىدۇ .

چىن مۇھەببەتنى ئەسلى مەنىسىدىن ئېيىتقاندا ، ئۇ ئۆزى ياخشى كۆرگەن كىشىگە بەخىت تىلەش ، ئۇنىڭ بەختى ئۈچۈن قولىدىن كېلىدىغان ياردىمىنى ئايىماسلىق ، قولىدىن كېلىشىچە ئۇنىڭ بەخىت گۈللىرىنىڭ تۈۋىگە توپا يۆلەش ھەم يەنە ئۇنىڭ بەختى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ مۇھەببەتىنى قۇربان قىلىشتۇر .

ھەركىمنىڭ مۇھەببەت ئەركى ئۆز قولىدا بولىدۇ ، سەن ئۇنى زورلىيالمايسەن . تەھدىت بىلەن ئۆزۈڭنى سۆيۈش ياكى سۆيمەسلىك ۋەياكى باشقا بىرسىنى سۇيۈش ياكا سۆيمەسلىككە زورلىيالمايسەن ھەم قىستىيالمايسەن . چىن مۇھەببەتلىك ئادەمگە قورقۇنچ بولمايدۇ . چىن سۆيگۈ ئادەمگە ئىرادە ، غەيرەت ۋە ئىشەنچ ئاتا قىلىدۇ . چىن سۆيگۈگە، ۋاپا بىلەن يۇغۇرۇلغان يۈرەككە قارا كۈچ ھاكىم بولالمايدۇ ، چىن سۆيگۈ ئالدىدا ھەرقانداق توسالغۇ ، ھەرقانداق قارا كۇچ مەغلۇپ بولىدۇ .

چىن دوستلۇق بىلەن مۇھەببەت ئىنسان ھاياتىدا ئالىي مەناغا ئىگە !






_______ شەرمى ^^ ناز _______


گۈزەللىك ئۈستىگە پاكلىق قوشۇلسا ، قەنت ئۈستىگە ھەسەل سۈركىگەندەك بولىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26905
يازما سانى: 121
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5490
تۆھپە نۇمۇرى: 291
توردا: 396 سائەت
تىزىم: 2011-1-19
ئاخىرقى: 2015-5-13
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-1 01:39:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى يېزىپسىز   رەھمەت ......

سەن باشقىلارنى ئ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31466
يازما سانى: 459
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5797
تۆھپە نۇمۇرى: 209
توردا: 2117 سائەت
تىزىم: 2011-2-23
ئاخىرقى: 2011-9-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-1 01:40:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت سىزگە ياخشى تىمىكەن.
توغرا دەيسىز دۇنيادا ، سەمىمى ، چىن ، ۋاپادار بولماق بەك تەس ، ھەم مۇشۇلارمۇ بەكلا كەم . ھەممە ئىشنى ئۆزىمىزدىن باشلاپ باشقىلارغا ئۈلگە بولايلى .

سىزگە چىراي گۈزەللىكى مۇھىممۇ ، قەلىب گۈزەللىكى مۇھىممۇ ؟!!!

سۇ بەك سۇزۇك بول

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5651
يازما سانى: 1215
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11159
تۆھپە نۇمۇرى: 362
توردا: 4132 سائەت
تىزىم: 2010-8-5
ئاخىرقى: 2013-7-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-1 03:25:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توغرا دەيسىز مۇھەببەت دوسلۇقتىن باشلىنىپ سۆيۇشكە تەرەقى قىلىپ ، كۆز ياش بىلەن ئاخىرلىشىدۇ .
مۇھەببەت ئۇ بەزىدە سىزنى خوشاللىقتىن قاقاھلاپ كۇلدۇرسە ، بەزىدە سىزنى ئازاپتىن يىغلىتىدۇ ......

نىمە ئۇچۇن بوشۇك بىلەن قەبرىنىڭ شەكلى ئوخشاش؟ چۇنكى ھەر ئىككىلىسى ئۇيقۇ ئۇچۇن ياسىلىدۇ،پەرقى شۇكى ،بىرى ۋاقىتلىق ئۇيقۇ ئۇچۇن بىرى بولسا مەڭگۇلۇك ئۇيقۇ ئۇچۇن............

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32586
يازما سانى: 140
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4364
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 572 سائەت
تىزىم: 2011-3-4
ئاخىرقى: 2011-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-1 03:29:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دوستلوق  مۇھەببەتكە  ئايلىنىپ  قىلىپ ، ۋىسال تاپمىسا  ئەڭ  قىيىن  ئىكەن .
بەخىت  تىلەش  موھەببەت  يارىسىنىڭ  ياخشى  داۋاسى .

ئىناق،ئصتتصپاق

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3750
يازما سانى: 1665
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 15252
تۆھپە نۇمۇرى: 601
توردا: 317 سائەت
تىزىم: 2010-7-11
ئاخىرقى: 2014-11-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-1 03:52:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چىن دوستلۇق بىلەن مۇھەببەتنى پۇل، ئەمەل، زورلۇق كۈچى ۋە ياكى تەھدىت بىلەن قولغا كەلتۇرگىلى بولمايدۇ. مۇشۇ قۇرلارنى مەن بەكلا ياقتۇرىمەن.

ئۇيغۇر كەلگۈسى ئۈچۈن قانۇن،بىلىم ئۆگىنىش كېرەك. ياخشىنى بىرى تارقاتسا،ئىغۋانى مىڭى تارقىتىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26265
يازما سانى: 1258
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12407
تۆھپە نۇمۇرى: 567
توردا: 7722 سائەت
تىزىم: 2011-1-15
ئاخىرقى: 2015-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-1 07:19:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 2قەۋەت  shadnur كە 2011-04-01 01:40 PMئەۋەتىلدى  :
رەھمەت سىزگە ياخشى تىمىكەن.
توغرا دەيسىز دۇنيادا ، سەمىمى ، چىن ، ۋاپادار بولماق بەك تەس ، ھەم مۇشۇلارمۇ بەكلا كەم . ھەممە ئىشنى ئۆزىمىزدىن باشلاپ باشقىلارغا ئۈلگە بولايلى .

توغرا تەشەببۇس !

تەكلىۋىڭىز ئىنتايىن توغرا بوپتۇ . شۇڭا ھەممىمىز ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە تىشچانلىق كۆرسۇتۇپ چىن  ، ۋاپادار ،سەمىمى بۇلۇم ئۆز دوسۇتلىرىمىزنىڭ كۆڭلىگە ئازار بىرىشتىن ساقلىنىپ ساداقىتىمىزنى بىلدۈرەيلى .

ھايات +كۈرەش دىمەكتۇر.

قەسەم ئىچمەيمەن

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32525
يازما سانى: 75
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4172
تۆھپە نۇمۇرى: 192
توردا: 528 سائەت
تىزىم: 2011-3-3
ئاخىرقى: 2011-8-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-1 07:30:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چىن دوستلۇقنىڭ ھەممىسىنى مۇھەببەتكە ئۆزگەرتىش مۈمكىنمىدۇ دەپ ئويلايمەن...
   بەزىدە سىز چىن مۇھەببىتىڭىزنى بېرىشنى ئويلىسىڭىز ، بىراق مۇھەببەت بېرىلمەكچى بۇلۇۋاتقان تەرەپ كۈچىنىڭ بارىچە رەت قىلىدىكەن ۋە ياكى سىزدىن مۇداپىئەگە ئۆتۈدىكەن...
چىن مۇھەببەتنى بىلدۈرمەك تەس ئەمەس ، بىراق چىن مۇھەببەتنى ئاسىراش، پەرۋىش قىلىش بەك تەس ئىكەن...
   بارلىق قېرىنداشلىرىمغا پەقەت ئىگەمدىنلا ئامەت ۋە بەخىت تىلەيمەن...
   سالامەت بولغايسىز قېرىنداشلىرىم!

قەسەم ئىچمەيمەن، ئەمما گىپىمدىن يانمايمەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34339
يازما سانى: 44
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4142
تۆھپە نۇمۇرى: 191
توردا: 741 سائەت
تىزىم: 2011-3-18
ئاخىرقى: 2011-11-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-2 01:41:10 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقى مۇھەببەتكە ئېرىشەلىگەن كىشىلا ئازاپنىڭ نىمىلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلالايدۇ. مۇھەببەت ئەڭ ئاخىرىدا پەقەتلا ئازاپ خالاس. [s:162]  [s:162]  [s:162]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35378
يازما سانى: 109
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3616
تۆھپە نۇمۇرى: 105
توردا: 224 سائەت
تىزىم: 2011-3-27
ئاخىرقى: 2011-10-29
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-11 05:11:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توغرا دەيسىز مەن پەقەت ئىككىسىنى ئايرىيالمىدىم  [s:148]

ش ق
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش