مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 944|ئىنكاس: 14

ئۇيغۇر قىز – ئاياللىرى ھەققىدە ئويلىغانلى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

دىللار پەقەت ئال

دائىملىق ئــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30340
يازما سانى: 1065
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12042
تۆھپە نۇمۇرى: 3185
توردا: 7509 سائەت
تىزىم: 2011-2-14
ئاخىرقى: 2012-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-2 01:17:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاسىيە ئەخەت
جەمئىيەتنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ ئاياللارنىڭ جەمئىيەتتە تۇتىدىغان ئورنىدىمۇ ئۈزلۈكسىز زور ئۆزگىرىشلەر بولدى ھەم بولىۋاتىدۇ. بۇنى ئاياللارنىڭ ھەر خىل جامائەت ئىشلىرىغا ئارىلىشىشى، بارا – بارا ئەرلەر بىلەن ھەر خىل ھوقۇق، ئىمتىيازلاردىن تەڭ بەھرىمان بولۇشى، ئاۋۋالقى ئۆيدە بالا بېقىش، ئائىلە ئىشلىرىنىلا قىلىشتىن ھازىرقىدەك جەمئىيەتكە چىقىپ خىزمەت قىلىشى… قاتارلىق نۇرغۇن تەرەپلەردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. دېمەك ئاياللارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىگە پۈتكۈل دۇنيا كۆڭۈل بۆلۈۋاتىدۇ. ھەر خىل سىياسەت – تۈزۈملەر ئارقىلىق ئاياللارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتى كاپالەتكە ئىگە قىلىنىۋاتىدۇ. ئۇنداقتا بۇ ھوقۇق – ئىمتىيازلارنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى قىز – ئاياللارنىڭ تۇرمۇشىدىكى رولى قانداق بولىۋاتىدۇ؟
ئۇيغۇرلار ئەزەلدىنلا ئەدەپ – ئەخلاققا، ھەر خىل قائىدە – يوسۇنلارغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەن مىللەت. ئەدەپ – ئەخلاق تەربىيىسىدە قىز – ئاياللارغا قويۇلىدىغان تەلەپمۇ ئىنتايىن يۇقىرى. گەرچە قەدىمكى دەۋرلەردە ئاياللارنىڭ مەكتەپتە ئوقۇش، ھازىرقىدەك ئەركىن مۇھەببەتلىشىش، ئەرلەر بىلەن باراۋەر ھوقۇقتىن بەھرىمان بولۇپ قاتارلىق ئەركىنلىكلىرى ئاساسىي جەھەتتىن يوق بولسىمۇ، لېكىن ئەدەپ – ئەخلاق، قائىدە – يوسۇن تەربىيىسى قاتارلىقلار ئۇيغۇر ئاياللىرى ئارىسىدا ئىزچىل داۋاملىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ «مەدەنىيەتلىك مىللەت» بولۇپ ئاتىلىشىدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىغان.
ئۇيغۇر قىز – ئاياللىرى كىشىلىك مۇناسىۋەت، گەپ – سۆز، ئىش – ھەرىكەت، ئۆي تۇتۇش، بالا تەربىيىلەشتىن تارتىپ تۇرمۇشتىكى قائىدە – يوسۇن ھەتتا ئۇششاق – چۈششەك ئىشلارغىچە ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويىدۇ. ئۇيغۇر ئاياللىرى تاماق تۆشۈكلىرىگە ئۇستا، ئۆي تۇتۇشتا پاكىز، رەتلىك بولۇشنى بىلمىسە ئەرلەرنىڭ نەزىرىدىكى ياخشى خوتۇن، ياخشى ئانا، باشقىلارنىڭ نەزىرىدىكى ياخشى ئايال، ياخشى كېلىن… بولۇشقا مۇناسىپ كەلمەيدۇ. بالىلارنىڭ ئەدەپ – ئەخلاقسىز بولۇشىمۇ ئاتا – ئانىنىڭ، بولۇپمۇ ئانىنىڭ تەربىيىسىنىڭ ياخشى بولمىغانلىقىدىن دەپ قارىلىدۇ. سۆز – ھەرىكەتلەردە سىلىق – سىپايە بولۇش، يۈرۈش – تۇرۇشتا پەردىشەپكە دىققەت قىلىش، چوڭلارنى ھۆرمەتلەش، يات ئەرلەر بار يەردە چاچ تارىماسلىق، بېشىغا ياغلىق چىگىش، كالتە، نېپىز، بەدەنلىرى كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان كىيىملەرنى كىيمەسلىك، چوڭلار بار سورۇندا پۇتلىرىنى كىرىشتۈرۈپ ئولتۇرماسلىق، يۇقىرى ئاۋازدا سۆزلىمەسلىك، كۈلمەسلىك، ئەتىگىنى سەھەر تۇرۇپ ئۆي ئىچى ۋە سىرتىنى پاكىزە تازىلاش، ناماز ئوقۇش، ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ناشتىلىقلىرىنى تەييارلاش… ئىشقىلىپ نۇرغۇن – نۇرغۇن ئەخلاق مىزانلىرىمىز بار… قائىدە – يوسۇن ئىشلىرىدا بولسا، ئاياللار تېخىمۇ مۇھىم ئورۇننى تۇتۇپ كەلگەن. ئۇرۇغ – تۇغقان، دوست – بۇرادەر، قۇلۇم – قۇشنا، يىراق – يېقىندىكى بېرىم – كېلىملەر، توي – تۆكۈن، نەزىر چىراغ… قاتارلىق ئىشلاردىكى قائىدە – يوسۇن «ۋەزىپە»لىرى ئاياللارنىڭ زېممىسىگە يۈكلەنگەن. بۇ «ۋەزىپىلەر»نىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايدىغان ئاياللار كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشەلمەيدۇ. دېمەك بىر ئائىلىنىڭ ئەل – جامائەت ئىچىدىكى ئىززەت – ئابرويى، بالىلارنىڭ ياخشى تەربىيىگە ئىگە بولۇش – بولماسلىقى ۋە شۇنىڭدەك نۇرغۇن ئىشلار يەنىلا ئاياللارغا باغلىق بولىدۇ. شۇڭا خەلقىمىزدە «ئەرنى ئەر قىلغانمۇ خوتۇن، يەر قىلغانمۇ خوتۇن» دېگەندەك ماقال – تەمسىللەر تارقالغان بولسا كېرەك.
دەۋرنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىياتى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ تۇرمۇشىغىلا ئەمەس بەلكى يەنە ئىدىيىسىگىمۇ زور تەسىرلەرنى كۆرسەتتى. قىسقىسى، ئۇيغۇر ئاياللىرىمۇ ئۆيلىرىدىن چىقىپ جەمئىيەتكە يۈزلەندى، خىزمەت قىلدى، ئوقۇدى، تىجارەت قىلدى… دېمەك بىر تۈركۈم كەسپىي ئاياللار ئاستا – ئاستا ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ ناھايىتى زور بىر قوشۇن بولۇپ شەكىللىنىشكە باشلىدى. دېمەك، كەسىپلىشىشتىن ئىبارەت بۇ يېكى يۈزلىنىش ئاياللىرىمىزنىڭ زىممىسىدىكى يۈكنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرىۋەتتى. ئەمدىلىكتە ئاياللار ئائىلە ئىشلىرىنىڭلا ئەمەس، بەلكى سىرتتىكى خىزمەت، ھەر خىل كىشىلىك مۇناسىۋەت قاتارلىقلارنىڭمۇ ھۆددىسىدىن چىقىشى كېرەك. گەرچە بىرقىسىم ئاياللىرىمىز يەنىلا ئۆزىمىزنىڭ ئەخلاق ئۆلچەملىرىدىن چەتنەپ كەتمىگەن بولسىمۇ، لېكىن بەزى ئىجادكارلىق روھىغا «باي» ئاياللىرىمىز ئەنئەنىۋى ئەخلاق – قائىدىلەرنى ئاستا – ئاستا «دەۋر قەدىمىگە» ماسلاشتۇرۇپ، «يېڭىچە قىياپەت» بىلەن «زامانىۋىيلىشىش»قا قاراپ يۈزلەندى.
ئاياللارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتى ئەڭ كەڭ دائىرىدە كاپالەتكە ئىگە قىلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە نېمە ئۈچۈندۇر ئاياللىرىمىز جىسمىدىن ئاۋۋالقى دەۋرلەردە پەزىلەتلىك ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ سىماسىنى تاپالمايدىغان بولۇپ قالدۇق. ئۇلارنىڭ ئورنىغا كۆز ئالدىمىزدا نامايەن بولغىنى ئەنئەنىۋى ئەخلاق قاراشلىرىمىزغا يات بولغان ناتونۇش چىرايلار، چەكتىن ئاشقان مېھماندارچىلىق، بۇزۇپ – چېچىشلار، تەبىئىتىمىزگە يات بولغان قىلىقسىزلىقلار.
ئايدىن – ئايغا توي – تۆكۈن، قائىدىلەرنىڭ جىقلىقىدىن بىر – بىرىگە ئۇلاشمايدىغان مائاشلار، سورۇنلاردا بىر – بىرىدىن ئۈستۈنلۈك تالىشىپ، پۇزۇر ياسانغان، ھاراقنى ئەرلىرى بىلەن بەسلىشىپ تۇرۇپ ئىچىپ، ئالا – تاغىل توۋلاپ كەيپىيات قوغلىشىدىغان ئاياللار، يالغۇز ئۆيدە قورقۇمسىراپ ئولتۇرۇپ دەرس تەكرارلاۋاتقان بىچارە بالا، خوتۇنىنىڭ تۈگىمەس سورۇنلىرىدىن، ئۆيگە كەچ قايتىشلىرىدىن غەزەبلەنگەن ئەر، ياشلارنىڭ ھازىرقى بەدخەجلىكىنى ئۆزلىرىنىڭ جاپالىق ئۆتكەن ياشلىق چاغلىرىغا سېلىشتۇرۇپ خۇرسىنىۋاتقان بوۋاي – مومايلار… مانا بۇ كۆرۈنۈشلەرنىڭ بىرەرسى ياكى ھەممىسى ھەر بىرىمىزنىڭ تۇرمۇشىدا يۈز بېرىپ باققان كۆرۈنۈشلەر.
كۈنسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان رىقابەت ئالدىدا تېڭىرقاش، ئىش ئورنىدىن قالدۇرۇلۇش ۋەزىيىتى ئاستىدا «ئىقتىدارسىزلىقى» تۈپەيلىدىن ئىشسىز قىلىش، تۈگىمەس ئويۇن – تاماشالار سەۋەبلىك بەختلىك ئائىلىلەرنىڭ ۋەيران بولۇشى، بالىلارنىڭ مۇكەممەل بولمىغان ئائىلە مۇھىتىدا ياخشى تەربىيىگە ئىگە بولالمىغانلىقى سەۋەبلىك يامان يولغا كىرىپ قېلىشى ياكى ئىستىقبالىنى نابۇت قىلىۋېلىشى، ياشانغان ئاتا – ئانىلارنىڭ يارامسىز ئەۋلاتلىرى ئۈچۈن ئۆز – ئۆزىنى ئەيىبلىشى نەتىجىسىدە ئاخىرقى كۈنلىرىدىكى خاتىرجەملىكتىنمۇ مەھرۇم قىلىشلىرى مانا بۇلار ھازىرقى مەسئۇلىيەتسىزلىكىمىز تۈپەيلى كەلگۈسىدە پۈتكۈل ھاياتىمىز بىلەن تۆلەيدىغان ئېغىر بەدەل!
كونىلار ئېيتقاندەك «كۈننىڭ ئون بەشى ئايدىڭ، ئون بەشى قاراڭغۇ». گەرچە ھازىر نۇرغۇن نەرسىلەر تۇرمۇشىمىزدىكى يېڭى شەيئى بولۇش سۈپىتى بىلەن بىزنى ئۆزىگە رام قىلىۋالسىمۇ، ئاقىۋەتتە ئۇنىڭغا بولغان قىزىقىشىمىز يەنىلا مەلۇم بىر مەزگىللىك بولۇپ قالىدۇ. بىزدە ئۇنتۇلبۇسىز تەسىراتلارنى قالدۇرىدىغىنى يەنىلا ئەڭ تەبىئىي، ئەڭ قەدىمىي نەرسىلەر خالاس.
توي – تۆكۈن، نەزىر – چىراغ، ھەر خىل بىرىم – كېلىملەر ئەسلىدە خەلقىمىزنىڭ ئىجىل – ئىناق ياشىشىدىكى ۋاسىتە ئىدى. ئەمما بۈگۈنكى كۈندە ئۇ «ئىقتىدارلىق» ئاياللىرىمىز تەرىپىدىن «ئىسلاھ ۋە تەرەققىي» قىلدۇرۇلۇپ، بۈگۈنكى كۈندە مەنسەپ – مەرتىۋە، ئابروي، ئۈستۈنلۈك تالىشىشنىڭ ۋاستىسىغا ئايلىنىپ قالدى. ئەپسۇس، ئۇلار ئاشۇ ئىقتىدارىنى ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئائىلىسىنى ياخشى باشقۇرۇش، ئەۋلاتلارنى ياخشى تەربىيىلەشكە قاراتقان بولسا، ئۇ چاغدىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتى ھەقىقەتەنمۇ كىشىنى ئاجايىپ سۆيۈندۈرگەن بولاتتى.
بەزىدە روھىيىتىمىزدە ئاجايىپ بىر خخل بۇرۇختۇرمىلىقنىڭ بارلىقىنى بايمايقىز. ھايات مەنزىللىرىدە بىز ئۈچۈن قىلچە ئەھمىيەتسىز بولغان بىرقىسىم يۈكلەرنى مەجبۇرىي ھالدا يەلكىمىزگە ئارتىۋېلىپ، ئۆزىمىزنىمۇ سەپەرداشلىرىمىزنىمۇ ھاردۇرىۋېتىمىز. ئەمما قانداقتۇر بۇ يۈكنى يەلكىمىزدىن چۆرىۋېتىپ ياشاپ بېقىشنى خىيالىمىزغىمۇ كەلتۈرمەيمىز. ئاقىۋەتتە تۆلىگەن بۇ بەدىلىمىزنىڭ ئورنىغا ئائىلىدىكى ئىناقسىزلىىق، ئاتا – ئانىلىرىمىزنىڭ نارازىلىقى، بالىلىرىمىزنىڭ ئاغرىنىشلىلىرى، يەنە «ھەشەمەتخور خوتۇنلار» تەرىپىدىن كىيگەن كىيىمىمىز، تاقىغان زىبۇ – زىننەتلىرىمىز، داستىخاندىكى ئاللىقانداق مەرتلىكلىرىمىز، ئەرلەرنى بېسىپ چۈشكۈدەك «شوخلۇق»لىرىمىز بىلەن مەنسەپ قاتلاملىرىغا ئايرىلىپ قېلىشلىرىمىز كىشىنىڭ قورسىقىنى كۆپتۈرىدۇ.
«دۇنيادا سورىقى يوق ئىش بولمايدۇ» دەيدۇ كونىلار. دېمەك، ياشاشنىڭ ئۆزى مەسئۇلىيەتتىن دېرەك بېرىدۇ. ئۆمرىدە قىلغان ھەر بىر ئىشى ئۈچۈن مەسئۇل بولۇشى كېرەك. ھەر بىرىمىزنىڭ قۇلىقىغا «ئاياللار مىللەتنىڭ ئانىسى» دېگەن بۇ سۆز يات ئاڭلانمىسا كېرەك. ئەمما بۇ بىر جۈملە سۆزنىڭ ئاياللارنىڭ زىممىسىدىكى مەسئۇلىيەتنىڭ قانچىلىك ئېغىرلىقىنى ئىپادىلەپ تۇرىدىغانلىقىنى چۈشىنىدىغان ئاياللر ئارىمىزدا ئانچە كۆپ ئەمەس.
نەزەر – دىققىتىمىزنى ھەشەمەتخورلۇق، ئىسراپخورلۇق بىلەنت ولغان بەزمە سورۇنلىرىمىزدىن ئەتراپىمىزدىلا ياشاۋاتقان دۆلەتنىڭ ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىگىلا تايىنىپ تۇرمۇشىنى قامدايدىغان ئائىلىلەرگە، نامراتلىقتىن ئوقۇشسىز قېلىۋاتقان بالىلارغا، تەرەققىياتنىڭ ئاستىلىقى تۈپەيلى ھەر يىلى دېگۈدەك تەبىئىي ئاپەتلەرنىڭ تەھدىتىدىن قۇتۇلالمايۋاتقان بىچارە خەلقلەرگە، مەدەنىيەت ساپاسىنىڭ تۆۋەنلىكىدىن باشقىلار تەرىپىدىن ئاياغ – ئاستى قىلىنسىمۇ، ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداشنى بىلمەيدىغان قىز – ئاياللىرىمىزغا ئاغدۇرۇپ باقايلى. ئەجىبا بۇلار بىزنىڭ بىرقىسىم ئورۇنسىز سورۇنلىرىمىزدىن ۋاز كېچىشىمىزگە سەۋەب بولالماسمۇ؟
دۇنيا ناھايىتى تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ. بۇ تەرەققىيات مۇقەررەركى تېخىمۇ كەسكىن رىقابەتنى مەيدانغا كەلتۈرىدۇ. كۈچلۈكلەر غەلىبە قىلىدۇ، ئاجىزلار مەغلۇپ بولىدۇ. ئۆز تەقدىرى ئۈستىدە باش قاتۇرۇشنى خالىمىغانلار جەمئىيەت تەرىپىدىن شاللىنىپ، ئاقىۋەتتە يوقىلىش قىسمىتىگە دۇچار بولىدۇ.
مىللەتنىڭ كەلگۈسى تەقدىرى، بالىلىرىمىزنىڭ ئىستىقبالى پۈتۈنلەي ئاياللىرىمىزنىڭ ئىقتىدارىغا باغلىق. دەرۋەقە يەلكىمىزدىكى يۈك ھەقىقەتەن يەڭگىل ئەمەس. دەۋر بىزنىڭ لاياقەتلىق ئايال، قابىلىيەتلىك ئانا، ئىقتىدارلىق ئادەم بولۇشىمىز ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ بەدەللەرنى تۆلىشىمىزنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ. ئاي ئاياللار «بىر قولىدا بۆشۈكنى، بىر قولىدا ئالەمنى تەۋرەتكەن» قوللىرىمىز كىشىلەر قەلبىدىكى قۇدرەتلىك، ئۇلۇغ ئوبرازىنى يوقىتىپ قويمىسۇن!
مەنبە : ئوكيان تورى

ئۈلۇمدىن قورۇقمايمەن .ئەمما.گورۇمدە يالغۇزلۇقتىن قاراڭغۇلىقتىن گۇرنىڭ ئازاۋېدىن قورقىمەن

غەيرەتتىن قالما

دائىملىق ئــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 530
يازما سانى: 889
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1235
تۆھپە نۇمۇرى: 441
توردا: 5642 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2012-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-2 01:56:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توغرا دەيسىز،بىز ئايال بولغانلىقىمزىدىن ئەمەس بەلكى ئاياللار ئىچىدىكى لاياقەتلىك ئايال بولالىغانلىقىزدىن پەخىرلىنىشىمىز كېرەك،ھەم تىرىشىشىمىز كېرەك.
ئائىلىدە كۈيۈمچان خۇتۇن،ۋاپادار ئانا.كەسىپتە تىرىشچان ئايال،جەمىيەتتە ئىززەتلىك ئايال بولۇش بىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان بۇرچىمىز ئەلبەتتە.

دوستقا زار، دۈشمەنگە خار، نامەرىتكە ئىنتىزار بولما..!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35527
يازما سانى: 52
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 550
تۆھپە نۇمۇرى: 101
توردا: 214 سائەت
تىزىم: 2011-3-28
ئاخىرقى: 2011-10-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-2 02:00:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توغرا دەيسىز سىڭىلىرىم . ئەمەلىيەتتە مەن يېزىدىكى ئاياللارغا شۇنچە مەسلىكىم كېلىدۇ. مەنچە شۇ ئەڭ جاپاكەش بەخت ئېگىلىرىمىكىن دەيمەن. ئۇلار ئەتىدىن كەچكىچە يولدىشى بىلەن. ئائىلىسىدىكلەر بىلەن بىلە.  شۇ ئازراق جاپالىق قالاس.
ئەڭ بەختلىك ئاياللار شۇلار...ھارامدىن جاھان پىتىنىسىدىن يىراق. تەبىئەتنىڭ ئەڭ ياخشى ھەدىيىسى ئۇلار بىلەن بىللە.... تەبىيئلىك، ساپلىق، رائىشلىق

يول ماڭغانسىىرى ئېچىلىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35527
يازما سانى: 52
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 550
تۆھپە نۇمۇرى: 101
توردا: 214 سائەت
تىزىم: 2011-3-28
ئاخىرقى: 2011-10-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-2 02:01:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 1قەۋەت  lazzat كە 2011-04-02 01:56 PMئەۋەتىلدى  :
توغرا دەيسىز،بىز ئايال بولغانلىقىمزىدىن ئەمەس بەلكى ئاياللار ئىچىدىكى لاياقەتلىك ئايال بولالىغانلىقىزدىن پەخىرلىنىشىمىز كېرەك،ھەم تىرىشىشىمىز كېرەك.
ئائىلىدە كۈيۈمچان خۇتۇن،ۋاپادار ئانا.كەسىپتە تىرىشچان ئايال،جەمىيەتتە ئىززەتلىك ئايال بولۇش بىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان بۇرچىمىز ئەلبەتتە.
  توغرا بۇ مىنىڭ ئارزۇيۇم

يول ماڭغانسىىرى ئېچىلىدۇ.

*ئاللاھ گۇناھلىر

ئاكتىپ ئەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33532
يازما سانى: 767
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5241
تۆھپە نۇمۇرى: 501
توردا: 1657 سائەت
تىزىم: 2011-3-12
ئاخىرقى: 2012-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-2 02:29:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توغرا دەيسىز....................

رەنجىمە ئاللاھدىن،ئاللاھ گۇناھسىز. رەنجىمە دۇنيادىن، دۇنيا رە ھىمسىز .

كۆسەن ئوغلى _  د

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17326
يازما سانى: 382
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7194
تۆھپە نۇمۇرى: 401
توردا: 864 سائەت
تىزىم: 2010-11-12
ئاخىرقى: 2012-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-2 02:30:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇنداق ئىزگۈلۈككە تۇيۇنغان ئاياللىرىمىز  قوشۇنى داۋاملىق ئېشىپ بارسا، ھازىرىمىز تېخىمۇ ياخشىلانغان بولاتتى.  ئانىلار- يېرىم دۇنيا.جەننەت - ئۇلارنىڭ قولىدا.

كۆسەن ئوغلى( قىشلاق ) نىڭ يۈرىكى سوقۇشتىن توختىغىچە، ئەل ئۈچۈن خىزمەت قىلىش.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35868
يازما سانى: 88
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 867
تۆھپە نۇمۇرى: 10
توردا: 8648 سائەت
تىزىم: 2011-3-31
ئاخىرقى: 2011-9-3
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-2 02:48:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇلۇغ مۇتەپپەككۈرپەيلاسوپ ئابدۈشكۈر مۇھەممەد ئىمىن (بىرمىللەتنىڭ يوقىلىشى ئاۋال ئاياللارنىڭ بۇزىلىشىدن بۇلىدۇ،ئاياللارنىڭ بۇزىلىشى ئەرلەرنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكىدىن بۇلىدۇ،ئەرلەرنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكى نامراتلىق،ۋە جەمىيەت تۈزۈلمىسىنىڭ ناچارلىقىدىن بۇلىدۇ)دىگەن.

ئىبراھىمجان ئىر

ئۈمىدلىك ئەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26436
يازما سانى: 2335
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 26195
تۆھپە نۇمۇرى: 3036
توردا: 6334 سائەت
تىزىم: 2011-1-16
ئاخىرقى: 2012-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-2 03:09:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىزدەك ئويلايدىغان ، ۋە شۇ يولدا ماڭىدىغان قىز-ئاياللار كۆپ بولسۇن

<< بىرمىسقال بىلوگى >> يىڭىدىن قۇرۇلدى .
بۇ بىلوگ خام ئالتۇن باھاسى ۋە دۇكانلاردا سىتىلىۋاتقان99%لىك تەييار زىبۇ -زىننەتلەرنىڭ ئەمەلى باھاسىنى قەرەللىك ھالدا بۇ بىلوگقا يوللىنىپ تۇرىدۇ

     http://1miskal.com/

ئەخلاق ئادەم زىن

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35488
يازما سانى: 57
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 370
تۆھپە نۇمۇرى: 6
توردا: 156 سائەت
تىزىم: 2011-3-28
ئاخىرقى: 2011-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-2 03:19:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
دۇنيانى ساياھەت قىلغۇم بار .
گۈلىستا بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-2 04:33:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ۋىروس ئۆلتۈرىمە

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35999
يازما سانى: 179
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1534
تۆھپە نۇمۇرى: 53
توردا: 936 سائەت
تىزىم: 2011-4-1
ئاخىرقى: 2012-1-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-2 05:10:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تارىخ بەتلىرىنى ۋاراقلاپ كۆرىدىغان بولساق نۇرغۇن تۆھپىكار خانىم قىزلىرىمىزنىڭ بارلىقىنى بىلىمىز،شۇلارنى ماختىنىپ تۇرۇپ تىلغا ئالىمىز، مەسلەن :

ئاماننىساخان
(1534 - 1567)ئۇيغۇر سەئىدىيە خاندانلىقى دەۋرىدىكى تالانتلىق شائىر ، مەرىپەتچى ، ئىستىداتلىق مۇزىكانىت . ئۇيغۇر 12 مۇقامىنى تۇنجى بولۇپ رەتكە سالغان ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرغان .

مايمىخان

(1812 - 1830)غۇلجىدا ياشىغان،ماھىر قوشاقچى ، ئەركىنلىك كۈيچىسى . كىچىكىدىنلا ھەققانىيەت تۇيغۇسى ، خەلىق سۆيەر روھى بىلەن چوڭ بولغان مايمىخان مۇستەبىت ھاكىميەت ۋە زۇلۇملارنى پاش قىلىپ قوشاق توقىغان ۋە شىئىر قىلىپ ئوقىغان . 1830 - يىلى ھەققانىيەت ۋە ئەركىنلىكتى ۋاز كەچمىگەن ئۇيغۇر قىزى مايمىخان 18 يىشىدا چىپىپ ئۆلتۈرۈلگەن .

نۇزۇگۇم

(1808 _ 1827) ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەرك سۆيەر نۇزۇگۇم ، 1826 - يىلى قەشقەردىكى مانجۇ زۇلىمىغا قارشى خەلىق قوزغىلىدا ئىلى جىياڭجۈنىگە سۈرگۈن قىلىنغان . مانجۇ ئەمەلدارىغا مەجبۇرىي خوتۇن بولۇشقا كۆنمەي ،توي كىچىسى ئۇنى ئۆلتۈرۈپ قىچىپ ، 6 ئاي قۇمۇشلۇقتا مۈكۈنۈپ يۈرۈپ ، 3 ئاي زىندانغا سولانغان .1827 - يىلى مانجۇ ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن قىلىچ بىلەن چىپىپ ئۆلتۈرۈلگەن .

مايسىخان

ئۇيغۇر قىزى مايسىخان چىڭ سۇلالىسى ھۆكىمىتىنىڭ زۇلىمىغا قارشى قوزغىلاڭنىڭ رەھبەرلىرىنىڭ بىرسى.ئۈچتۇرپان ئاقتوقاي باغرىغا خەلقىمىز تەرىپىدىن ئابىدە قىلىنغان "يەتتە قىزلىرىم" مەقبەرىسى دەل مايسىخاننىڭ مەقبەرىسىدۇر .

زۇلەيخان بىگىم

17 - ئەسىردە قۇمۇلدا ياشىغان ئىستىداتلىق شائىرەدۇر .

راھىلە خانىم
( 1860 - يىللىرى )ئۇيغۇر يىڭى مائارىپ تارىخىدىكى تۇنجى ئايال ئوقۇتقۇچى . " ھۈسەيىنيە " مەكتىپىدە تەكلىپ بىلەن ئىشلىگەن .

ئايخان ئانا

(1888 - يىللىرى ) ئەل سۆيەر مەرىپەتچى . يىقىنقى زامان ئۇيغۇر مائارىپ تارىخىدىكى تۆھپىكار شەخىسلەرنىڭ بىرى .1933 - 1934 - يىللىرى غولجىنىڭ قازانچى مەھەللىسىگە مەخسۇس يىتىم بالىلار ئۈچۈن مەكتەپ سالدۇرغان . خەلىق بۇ مەكتەپكە " ئايخان ئانا
مەكتىپى " دەپ نام بەرگەن . ئايخان ئانا مۇستەبىت ھۆكىمەتنىڭ ئازابى بىلەن كىسەل سەۋەبى بىلەن ئالەمدىن ئۆتكەن .

شەپقەت ھەمشىرىسى رىزۋانگۈل

ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەھرىمان قىزى ، شەپقات ھەمشىرىسى رىزۋانگۇل 1925 - يىلى قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا ئوبلاستىدا تىرە يۇڭ توقۇمچىلىق قىلىدىغان بىر ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن .1922 - يىلى رىزۋاگۈل 7 ياش ۋاقتىدا ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە كۆچۈپ
كىلىپ ، 1940 - يىلىدىن 1943 - يىلىغىچە ئۈرۈمچى قىزلار ئوتتۇرا مەكتىپىدە بوغالتىرلىق كەسپىدە ئوقۇپ ، غولجىغا قايتىپ ، ۋىلايەتلىك پوچتا ئىدارىسىدە ئىشلەيدۇ .
1943 - يىلى 1- ئاينىڭ 13 - كۈنى ھەرەمباغ لەڭشاڭ رايۇنىدىكى بىر جەڭدە شىددەتلىك ئۇچۇپ كىلىۋاتقان ئوقلار ئارىسىدا ، يارىدار جەڭچىلەرنى قۇتقۇزۇش يولىدا قۇربان بولىدۇ .

ئايشەمخان

1945 - يىلى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي جەنۇبىي يۆنىلش ئارمىيىسى ئاقسۇغا يۈرۈش قىلىش جەريانىدا ، باي ناھىيەسىدىن ئۆتكەندە، زۇلۇمغا قارشى ئۆزلىكىدىن ئارمىيەگە قاتناشقان . ئارمىيە ئاقسۇدىن چىكىنگەندە قولغا چۈشۈپ قالغان ، گومىنداڭچىلار ئايشەمخاننى خائىن بولۇشقا ئۈندىگەن ، بىراق ئايشەمخان قەتئىي رەت قىلغان . شۇنىڭ بىلەن ئايشەمخان ئۇيغۇر ئاسىيلار تەرىپىدىن پاجىئەلىك ھالدا چىپىپ ئۆلتۈرۈلگەن .

ۋاپادارلىقنىڭ سىمۋولى رابىيە

ئۇيغۇرلارنىڭ پارلاق ئەنئەنىسىدە ۋاپادارلىقنىڭ ئۈلگىسى سۈپتىدە رابىيە - سەئىدىن تىلغا ئىلىنىدۇ.ئۇلار 18 - ئەسىرلەردە ياشىغان رىئال شەخىسلەر . ھازىرمۇ رابىيە - سەئىدىن قەبرىسى " ئوشماق مازار " نامى بىلەن قەشقەر كونا شەھەر ناھىيەسى يامانيار يېزىسى سۈبھاناللا كەنتىدە قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ


يۇقىرقى تۆھپىكار ئاياللارنى قويۇپ تۇرايلى ھازىرقى جەمىيىتىمىزدىمۇ رەيھان ئاپپايلار باشچىلىقىدىكى مىھرىبان ئانىلار قوشۇنى، ئاياللار ۋە ئۇلاردىكى ئاياللىق  مەسئۇلىيەت ۋە ئانىلىق مەجبۇرىيەت تۇيغۇسىنى بارلىق ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىغا ھىس قىلدۇرۇش، ۋاپادارلىق گۈللىرىنى ئۇلارنىڭ چىكىسىدە ،مەيدىسىدە ئەمەس يۈرىكىدە ئېچىلدۇرۇش ئۈچۈن ئىزچىل ئىزدىنىۋاتقان قەلەم تەۋرىتىۋاتقان ، ھاياتنوپۇس خانىم،ئايشەم ئەخمەت،تۇرسۇنئاي ھۈسەيىن خانىملارغا بىر نەزەر تاشلاپ باقايلى،بىزلەر ھەم تارىختىكى شۇ مۇقەددەس ئانىلارنىڭ پەرزەنتى،ھازىرقى زامانىمىزدىكى شۇ مىھرىبان ئاياللارنىڭ ئۇرۇق تۇغقان نەسەپدىشى ....
بىز ئۇيغۇر  ئەرلىرى ماختاش بىلەن تىلغا ئالىدىغان ئايال بولايلىكى ھەرگىزمۇ ئېسىت سەنمۇ ئۇيغۇر ئايالى ،ئۇيغۇر قىزى بولدۇڭمۇ دەپ نەپرەتلىنىدىغان شۇمبۇيا بولمايلى. ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ كۆڭلىدىكى پاتماس قۇياشى  بولايلىكى، ھەممىنى بۇزىدىغان  ئاپەت بوران بولمايلى ،پاكىز نەسىللىك پەرزەنتلەرنىڭ داۋام قىلىش مەنبەسى بولايلىكى بىر پاتمان نائەھلىلەرنىڭ كىلىش مەنبەيى بولمايلى .

ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ بىر تامچە يېشى بىز ئانىلارنىڭ ئاياللارنىڭ يۈرىكىگە قېقىلغان مىختۇر!!!
ئۇيغۇر ئاياللىرى كۈچلۈك مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەت تۇيغۇسىنى يۈدۈپ يۈرسۇن، ئۇيغۇر ئەرلىرى ئۇيغۇرنىڭ ئانىسى بولغان ئايالنى بېشىدا كۆتۈرىدىغان ھال شەكىللەنسۇن ....



ئۇيغۇر ئەرلىرى بىلىپ قويۇڭلاركى ئۇيغۇر ئاياللىرى ھەرگىزمۇ سىلەر ھەۋەس قىلغان ،تۈرك ،روس ،ئەرەپ قىزلىرىدىن ئۈستۈن تۇرسا تۇرد ۇكى ھەرگىز قېلىشمايدۇ ،،سىزلەر ئۇلارنى ئالقىنىڭىزدا ئاسرىسىڭىز ئۇلار سىزنىڭ تاپىنىڭىز ئاستىدا خىزمىتىڭىزنى قىلىدۇ ...

ئىسمى نېمىلىكى نامەلۇم بىر گۈل، ئۆزى بىلمەيدىغان يوچۇن بىر جايدا. دېدى شائىرغا: >ئەي، دىلكەش ئامرىقىم، بىز تۇغۇلغانمۇ ئوخشاش تۇپراقتا؟

ئىنسان  بولساڭ

ئالىي ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6404
يازما سانى: 2735
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 37659
تۆھپە نۇمۇرى: 275
توردا: 6530 سائەت
تىزىم: 2010-8-15
ئاخىرقى: 2012-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-2 09:48:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەھمىيەتلىك تېما.سوزلىرىڭىز ئىنتايىن ئورۇنلۇق.

بۇ ھاياتىنىڭ يۇلى ئېگىز -پەس، مەڭگۇ بەردەم- تىك تۇرماقمۇ تەس، چىن ئنسانغا غۇرۇر مۇقەددەس، مىزانى شۇ ئادىمىيلىكنىڭ............

gulum dunyada  sinila  suy

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38103
يازما سانى: 99
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 436
تۆھپە نۇمۇرى: 4
توردا: 984 سائەت
تىزىم: 2011-4-19
ئاخىرقى: 2012-2-4
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-23 10:50:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىسلام ئۇيغۇرقىزلىرى شۇنداق  بولىشى   زۇرۇر........

ئەبۇمەرزىيە

gulum dunyada  sinila  suy

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38103
يازما سانى: 99
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 436
تۆھپە نۇمۇرى: 4
توردا: 984 سائەت
تىزىم: 2011-4-19
ئاخىرقى: 2012-2-4
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-23 10:53:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى  ئويلاپ  يىزىپسىز ، ئاللاھ قولىڭىزغادەت  بەمىسۇن..امىن....................

ئەبۇمەرزىيە

、ئۆزۈمگە غەيرەت

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38463
يازما سانى: 86
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 948
تۆھپە نۇمۇرى: 9
توردا: 159 سائەت
تىزىم: 2011-4-23
ئاخىرقى: 2011-7-12
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-24 10:34:29 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ظايال دىمەكلىك _ھايا دىمەكلىك ،ظايال دىمەكلىك -_ئىنساپ،ۋاپا دىمەكلىك،ظايال دىمەكلىك -گۈزەللىك دىمەكلىك،چۈنكى_ ھەقىقىي ئايال بار يەردەھايا،ئىنساپ،ۋاپا ،گۈزەللىك ھەممىسى بار بولىدۇ.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش