تۈۋەندە مەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن چىققان ئەركىن بوكىس ماھىرى { ئابدۇرەشىدخان } نىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالىنى يوللىدىم . قىززىقىدىغانلار كۆرۈپ بېقىڭلار ،
ئىسمى : ئابدۇرەشىدخان ئابلەت
دۆلەت تەۋەلىكى : جۇڭگو شىنجاڭ { يەكەن ناھىيسىدىن }
تۇغۇلغان ۋاقتى : 1983 - يىلى
ئېغىرلىقى : 100 كىلوگىرام
بوي ئىگىزلىكى : 1 مىتىر 73 سانتېر
لەقىمى : ئاچ بۆرە
تەۋە كۇلۇبى : پالۋان كۇلۇبىنىڭ باش مەشقاۋۇلى .
مۇسابىقە مەيدانىدىكى ئارتۇقچىلىقى : رەقىبىگە كۈچلۈك ھۇجۇم قىلىدۇ . مىللىيچە چېلىش ھەركىتىنى مۇسابىقىگە ياخشى ماسلاشتۇرۇپ رەقىىبىنى ئاسانلا يىقىتالايدۇ . پۇرسەت كۈتۈپ ھۇجۇمغا ئۈتۈشى ياخشى .
كەمچىلىكى بولسا : ئاسان ھېرىپ قالىدۇ . مۇدابىيەگە ئۈتۈپ ئۈزىنى قوغدىشى يىتەرلىك ئەمەس .
بىراق ئۇنىڭ كەمچىلىكىگە قارىغاندا ئارتۇقچىلىقى ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللەيدۇ ....
ئابدۇرەشىدخان ئابلەت يېقىنقى بىر نەچچەيىلدىن بىرى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن يىتىشىپ چىققان ئەركىن بوكىس ماھىرى، ئۇ ئىلگىرى - كىيىن بولۇپ مەملىكەت ئىچىدە 40 نەچچە قېتىمدىن ئارتۇق { 武林风 } مۇسابىقىللىرىغا ۋە باشقا مۇسابىقىلەرگە قاتناشقان ئۇنىڭ مۇسابىقىدە يىڭىش نىسپىتى 90 پىرسەنتتىن ئاشقان بولۇپ دۆلەت ئىچىدە { ئابدۇرشىدخان ئەپەندىم } نامى بىلەن تونۇلغان . ئابدۇرەشىدخان مەملىكەت ئىچىدە ئۆتكۈزىلىدىغان { 武林风 } مۇسابىقىسىدە ئون نەچچە قېتىم مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا رەقىبىگە KO ھۇجۇمى قىلغان . ئەركىن مۇشلاش بىلەن مىللىيچە چېلىش ھەركىتىنى ئۆلچەملىك بىرلەشتۈرۈپ مۇسابىقە ئوينايدىغان بۇ ياش يىگىت نۆۋەتتە 武林风 مۇسابىقە قاتناشچىللىرىنىڭ سەل قاراشقا بولمايدىغان رەقىبى بولۇپ قالدى ....
تۆۋەندە ئۇنىڭ مەملىكەت ئىچى { 武林风 } مۇسابىقە مەيدانىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقىسىنى كۆرۈپ باقايلى
مەنبە : 56 تورى ۋە ئۆزۈم تەييارلىغان ماتىرياللار