مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1003|ئىنكاس: 30

مەن كېتىمەن ئەلۋىدا يارىم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئىللەت تۇزەلمەي

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15457
يازما سانى: 1165
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13369
تۆھپە نۇمۇرى: 552
توردا: 76 سائەت
تىزىم: 2010-10-28
ئاخىرقى: 2015-5-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-3 12:19:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

مەن كىتىمەن ئەلۋىدا يارىم ،
شاماللارغا ھالىمنى سۆزلەپ .
ھىجران چۆلىدە ئۈنەرمەن قايتا ،
يۈرمە مەندىن بەختىڭنى ئىزلەپ  .
  
  
  
  
مەن كىتىمەن ئەلۋىدا يارىم ،
پاك سۆيگۈمنى قەلبىمگە  تىرەپ .
مەن نىمانچە بىتەلەي ئىنسان ،
بەخت ماڭا باقمىدى ئەجەپ.  
  
  
  
مەن كىتىمەن ئەلۋىدا يارىم ،
كۆز يىشىمدا يۇرەكنى سۆرەپ .
ئېلىپ كىتەي بارچە ئازاپنى ،
ساڭا مەڭگۈ چىن بەخت تىلەپ..  
  
  
  
  
                             سەن رىشتىڭنى ئۈزگەندىن بىرى
  
  
  
سەن رىشتىڭنى ئۈزگەندىن بىرى،
كۆپلەپ چەكتىم ،دەردۇ-مالامەت .
چىنار ئىدىم يىڭى بىخ سۈرگەن ،
يەرگە يەتتى سەرۋىدەك  قامەت  .
  
  
  
سەن رىشتىڭنى ئۈزگەندىن بىرى ،
ئاجىز تەندە قالمىدى تاقەت .
ئازاپلارغا كەتتىم كۆمۈلۈپ ،
ۋىسال قۇچاق ئاچمىدى پەقەت . 
  
  
  
سەن رىشتىڭنى ئۈزگەندىن بىرى،
كۈلەلمىدىم ئېچىلىپ بىر رەت .
قىيناپ مىنى بەرمىدى ئارام ،
قارچۇغۇمدا تارتىلغان سۈرەت . 
  
  
  
  
                       مەن كېتىمەن ئازاپ قوينىغا
  
  
  
مەن كىتىمەن ئازاپ قوينىغا،
پاك سۆيگۈمنى قوقاسقا كۆمۈپ .
تەسەللىمۇ بەرمەس شوخ شامال ،
مىھىربىلەن مەڭزىمگە سۆيۈپ  .
  
  
مەن كىتىمەن ئازاپ قوينىغا،
ھەسرەت بىلەن ھىجرانغا كۆنۈپ .
ۋىسالىڭغا تەلمۈرگىنىم راسىت،
سەنسىز چۆلدە قايتىدىن ئۈنۈپ  .
  
  
  
مەن كىتىمەن ئازاپ قوينىغا ،
ئاخىرغىچە بىرسىنى كۈتۈپ .
سالارسەنمۇ بىر نەزەر ماڭا ،
مىڭىپ قالساڭ يىنىمدىن ئۆتۈپ . 
  
  
  
  
                   ئەقىدە
  
سۆيگۈ تىلەپ تۇرسام تەلمۈرۈپ ،
شىرىن ئازاپ قىلدىڭ سەدىقە .
ھىجرانلاردا كۆيۈپ كۈل بولۇپ ،
ساقلاپ كەلدىم ساڭا ئەقىدە.  
  
  
خالىمىدى يۈرىكىم سەندىن،
باشقىسىغا كۆڭۈل بىرىشكە .
كەلمىدى يا تىلىممۇ بىر رەت ،
ئۆزگىلەرنى يارىم دىيىشكە . 
  
  
ئۇنۇت دىدىڭ ماڭا نەچچە رەت ،
كۆزلىرىمگە قارىماي تۇرۇپ .
قارچۇغۇمدا قاتتى  سۈرىتىڭ ،
ئۇنۇت دىسەڭ ئىلىۋەت يۇلۇپ . 
  
  
                                   قىزىل گۈلگە ئوخشايدۇ يارىم
  
  
  
  
يىغا كەلدى كۆزۈمگە بىردىن ،
قىزىل گۈلنىڭ بەرگىنى كۆرۇپ.
ئالداپ يۈردۈم ئۆزۈمنى نەچچە ،
گۈل شىخىنى يارىم دەپ سۆيۈپ . 
  
  
  
  
ئوخشايدىكەن گۈلنىڭ خۇش ھىدى ،
نازىڭ بىلەن سۆيۈشلىرىڭگە.
شىۋىرلىشى غۇنچە گۈللەرنىڭ ،
قىيا بىقىپ كۈلۈشلىرىڭگە.  
  
  
  
گۈل تۈۋىنى ئەگىپ ھەر كۈنى ،
ھىدلىرىڭنى پۇرايمەن قانماي .
كىپىنەكتىن قىزغىنىپ گۈلنى ،
ئاۋارىمەن ئىلىپ قاچالماي.  
  
  
  
       مەنبە:  
  
  رۇزىمۇھەممەت غۇجى ئەھمەد



ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5544
يازما سانى: 2308
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 26700
تۆھپە نۇمۇرى: 2865
توردا: 1860 سائەت
تىزىم: 2010-8-3
ئاخىرقى: 2015-5-3
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-3 02:00:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر_بىرىدىن ئېسىل يېزىلىپتۇ ،،كىيىنكى ئىجادىيەتلىرىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن ....

ھەربىر تىنغان تى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6922
يازما سانى: 1941
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13672
تۆھپە نۇمۇرى: 723
توردا: 3012 سائەت
تىزىم: 2010-8-19
ئاخىرقى: 2014-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-3 02:04:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەلۋىدا دېگەن شئىرىڭىزغا ناخشىدىن بىرنى يوللىۋىتەي دىىسەم ئاستىدا يەنە بەك جىق ياخشى شئىرلار باكەن ....

ئالدىمغا ئالەمچە خۇشاللىق كەلسىمۇ كۈلىمەن .ئالەمچە خاپىلىق كەلسىمۇ كۈلىمەن ،چۈنكى دۇنياغا كىلىشممۇ يىغا ،كىتىشىممۇ يىغا ، پەقەت مىنىڭ مەۋجۇتلۇقۇملا  كۈلكە.
باھار يا بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-3 02:15:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئادەم ھامان ئۆلد

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1270
يازما سانى: 231
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12296
تۆھپە نۇمۇرى: 355
توردا: 708 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2014-9-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-3 02:28:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىلغان شېئىرلاركەن ،  يەنە بامۇ بولسا بىزدىن ئايماڭ ھە [s:181]

بىرسى دەيدۇ تۇخۇمنى تاشقا ئۇرغان نەدە بار، مەن دەيمەنكى شۇ تۇخۇمنىڭ ئەشۇ تاشتا دەردى بار .

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12706
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 31892
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4636 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-5-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-3 02:38:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر -بىرىدىن تىلى يېقىملىق،ئېسىل چىققان ،كۆڭۈلگە يېقىشلىق شېئىرلاركەن.....مۇشۇنداق لېرىك شېئىرلاردىن يەنە  بولسا ئايىمىغايسىز.....

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

يالپۇز-مۇز گۈلى

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6100
يازما سانى: 1422
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7083
تۆھپە نۇمۇرى: 473
توردا: 624 سائەت
تىزىم: 2010-8-11
ئاخىرقى: 2012-12-3
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-3 02:39:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن كېتىمەن ئەلۋىدا يارىم،
يۈرىكىمنى ئامانەت قۇيۇپ.
ساداقەتنىڭ  نازۇك گۈللىرى،
تەشۋىشلەردە قالمىسۇن قۇرۇپ.

ئۈمىد يېرىم ھايات ،چۈشكىنلىشىش يېرىم ھالاكەت دېمەكتۇر

ئىللەت تۇزەلمەي

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15457
يازما سانى: 1165
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13369
تۆھپە نۇمۇرى: 552
توردا: 76 سائەت
تىزىم: 2010-10-28
ئاخىرقى: 2015-5-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-3 03:23:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت سىلەرگە مەن تىخىمۇ ياخشى يىزىشقا تىرىشىمەن،

ئىللەت تۇزەلمەي

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15457
يازما سانى: 1165
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13369
تۆھپە نۇمۇرى: 552
توردا: 76 سائەت
تىزىم: 2010-10-28
ئاخىرقى: 2015-5-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-3 03:24:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 2قەۋەت akida918 كە 2011-04-03 02:04 PMئەۋەتىلدى :
ئەلۋىدا دېگەن شئىرىڭىزغا ناخشىدىن بىرنى يوللىۋىتەي دىىسەم ئاستىدا يەنە بەك جىق ياخشى شئىرلار باكەن ....


شۇنداق بولسىمۇ يوللاپ قويۇڭ بولسا

ئىللەت تۇزەلمەي

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15457
يازما سانى: 1165
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13369
تۆھپە نۇمۇرى: 552
توردا: 76 سائەت
تىزىم: 2010-10-28
ئاخىرقى: 2015-5-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-3 03:28:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 6قەۋەت yalpuz0997 كە 2011-04-03 02:39 PMئەۋەتىلدى :
مەن كېتىمەن ئەلۋىدا يارىم،
يۈرىكىمنى ئامانەت قۇيۇپ.
ساداقەتنىڭ  نازۇك گۈللىرى،
تەشۋىشلەردە قالمىسۇن قۇرۇپ.  

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش