مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4113|ئىنكاس: 13

پەلسەپە دېگەن نېمە؟ ئۇيغۇرلاردا پەلسەپە ب [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ھەممە ئىشنىڭ ۋاق

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34588
يازما سانى: 282
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7581
تۆھپە نۇمۇرى: 112
توردا: 248 سائەت
تىزىم: 2011-3-20
ئاخىرقى: 2011-6-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-3 08:34:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

پەلسەپە دېگەن نېمە؟ ئۇيغۇرلاردا پەلسەپە بولامدۇ؟
(«چەتئەل كۆرگەن ئۇيغۇرلار بىلەن سۆھبەت» تىن پارچە)
مەمتىمىن ئەلا

پەلسەپىنىڭ نېمىلىكى ھەققىدە تەپسىلىيرەك توختىلىش ئۈچۈن سۆزۈمنى تېخى يېقىندىلا قازا قىلغان ۋە مەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان مەشھۇر فرانسىيە يەھۇدىي پەيلاسوپى ژاك دېررىدانىڭ مۇنۇ سۆزى بىلەن باشلايمەن: "پەلسەپە مەڭگۈ گرېكنىڭ!" مانا مۇشۇ پەلسەپە يىگىرمە بەش ئەسىردىن بېرى غەرب مەدەنىيىتىنىڭ ئۇلى بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. كىشىلەر شۇنداق سوئال قويماي تۇرالمايدۇكى، پەلسەپە نېمە ئۈچۈن شۇنچە ئۇزاق ئەسىرلەردىن بېرى غەربتىكى بىر ئاۋانگارت ئىلىملىك رولىنى يوقاتماي كەلدى؟ ئۇنىڭ شۇنچە كۆپ مۇتەپەككۈرلەرنى، تەبىئىي پەن ئالىملىرىنى، ئىلاھىيەتشۇناسلارنى ۋە ئاۋامنى ئۆزىگە تارتىپ كېلىۋاتقان سېھرىي كۈچى زادى نەدىن كەلگەن؟
   بەزىلەر ئېھتىمال پەلسەپە ئۆگىنىشتىكى مەقسەت پەقەت ساپ ئىلىمگە ئېرىشىشتۇر، دەپ قارىشى مۇمكىن. چۈنكى، تارىختىكى نۇرغۇن ئاقىللار پەلسەپىنى كۆڭۈل قويۇپ ئۆگەنگەن ھەم ئۆزىنى ئۇنىڭغا ئاتىغان. يەنە بەزىلەر پەلسەپە ئۆگىنىش ئىلىملىك بولغانلىقنىڭ ۋە تەربىيە كۆرگەنلىكنىڭ بەلگىسىدۇر، دەپ قارايدۇ. يەنە بەزىلەر پەلسەپىنى جاھاندارچىلىقتا كەم بولسا بولمايدىغان ھېكمەتلەرگە ئېرىشىشتىكى يول دەپ قارايدۇ. يەنە بەزىلەر بولسا پەلسەپە پەقەت دۇنيادىن غېمى يوق بىر تۈركۈم قورسىقى توق ئېسىلزادىلەرنىڭ ئەقىل جەھەتتىكى ئىچ پۇشۇقىنى چىقىرىشىدىكى ئەرمەك دەپ قارايدۇ (ئارسىتوتېلنىڭ ئۆزىمۇ پەيلاسوپلارنى جىسمانىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللانماسلىقى كېرەك بولغان كىشىلەر دەپ تەبىرلىگەن). يەنە بەزىلەر بولسا ئۇنى رېئاللىق بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى بولمىغان بىر تاغار قۇرۇق گەپلەرنىڭ يىغىندىسى دەپ قارايدۇ. بۇ قاراشلارنى بىر-بىرلەپ يېشىپ ئولتۇرۇشنىڭ ئورنىغا مەن تۆۋەندىكى بىر سوئالنى نېگىزلىك تۇتقا قىلماقچى: ئىنسانىيەت تارىخىدىكى شۇ قەدەر كۆپ ئاقىللارنى پەلسەپىنى ئۆگىنىشكە مەجبۇرلىغان نەرسە زادى نېمە؟ بۇ شۇنى چۈشەندۈرىدۇكى، ئىنسانىيەت مەيلى قايسى خىل مەقسەتنىڭ تۈرتكىسىدىن بولسۇن پەلسەپىلىشىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ھېس قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. بۇ ھەرگىزمۇ ئۇلارنىڭ چوقۇم پەلسەپە يارىتىش ئىستىكىنى ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ پەلسەپىلىشىشنى باشلىشىنى بىلدۈرىدۇ. گېرمانىيىنىڭ بۈيۈك پەيلاسوپى ئېممانۇئېل كانت مۇنداق دېگەنىدى: "ھېچكىم ھېچكىمگە پەلسەپىنى ئۆگىتەلمەيدۇ، ئۆگەتكىلى بولىدىغىنى پەقەت قانداق پەلسەپىلىشىشتۇر." ئەگەر بىز پەيلاسوپلارنىڭ ئىنسانلار ئارىسىدىن قانداق ئايرىلىپ چىققانلىقىغا قاراپ چىقساقلا بىزنىڭ نېمىشقا پەلسەپە ئۆگىنىدىغانلىقىمىز ۋە پەلسەپىنىڭ زادى نېمىگە پايدىسى بارلىقىنى بىلىۋالالايمىز. شۇ سەۋەبكە كۆرە، گېپىمىزنى سوقراتتىن باشلايمىز ۋە شۇ ئارقىلىق پەلسەپىلىشىشنىڭ مەنىسىگە قاراپ چىقىمىز.
سوقرات غەرب پەلسەپە تارىخىدىكى تۇنجى پەيلاسوپ ئەمەس، ئەلۋەتتە ئاخىرقىسىمۇ ھەم ئەمەس. بىزنىڭ ئۇنىڭدىن كۆرىدىغىنىمىز پەلسەپىلىشىشكە بولغان كۈچلۈك موھتاجلىقنىڭ نامايەندە خاراكتېرلىق ئۈلگىسىدۇر. ئالدى بىلەن شۇنى ئېيتىش كېرەككى، ئۇ ئافېنا شەھەر دۆلىتىنىڭ مىلادىدىن ئىلگىرىكى 5-ئەسىردە ئۆتكەن پۇقراسىدۇر. ئۇ پەيلاسوپتۇر، چۈنكى ئۇ پۇقرادۇر. بۇ ئۇنىڭ پەلسەپىلىرىدە نېمە ئۈچۈن سىياسىي تەركىبلەرنىڭ موللۇقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ، چۈنكى ئۇ شەھەر دۆلىتىنىڭ ئەڭ تۈپكى مەسىلىلىرىگە دىققىتىنى بەرگەن. ئۇ شەھەر دۆلىتىنى يەككە ئىندىۋىدۇئال شەخسنىڭ ئۈستىدە لەيلەپ تۇرىدىغان مۇئەسسەسە سۈپىتىدە ئەمەس، بەلكى ئەنە شۇ شەخس ئۆزىدىكى مۇمكىنچىلىكلەرنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان زۆرۈر مۇئەسسەسە سۈپىتىدە كۆرىدۇ.
باشقىلار سوقراتنى ئەقىللىق دەپ قارايدۇ، ئۇ بولسا ئۆزىنى دۆت چاغلايدۇ. شۇندىمۇ، ئۇ ئۆزىنىڭ "دۆتلۈكى" نى ئەڭ بىلگۈچىدۇر. ئۇنىڭ پاراسىتى مۇنداق ئىككى نۇقتىغا مەركەزلەشكەن: ئۇنىڭ بىرى، پەلسەپىدىكى ھەقىقىي مەسىلە ئىنسانىيقلىقنى ۋە ئىنسانىيەتنى چىقىش قىلغان؛ يەنە بىرى پەلسەپە دەل ئىنساننىڭ ئۆزىنى بىلىشىنى چىقىش قىلىشى كېرەك-بۇ ئۇنىڭ "ئۆزۈڭنى بىل" دېگەن مەشھۇر سۆزىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. سوقراتنىڭ قارىشىچە، ئىنسانلىق ۋە ئۆزى ھەققىدىكى بىلىمگە ئىگە بولمىغان ئىنسان ھەقىقىي ئىنسان بولالمايدۇ، شۇڭا ئۇ ھەقىقىي پۇقرامۇ ئەمەس. ئۇنىڭ بىلمەكچى بولغىنى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ بۇ بىلىش ئارقىلىق ئىزدىگىنى ئۆزىگە ئايلىنىش ۋە دۆلەتنى قۇرۇش ئىدى. ئۇنىڭ بىلىشى شۇنىڭ ئۈچۈن ئىنسانلىق روھىغا ۋە سىياسىي ئدېئالغا تولۇپ تاشقاندۇر. ئۇنىڭ پەلسەپىلىشىشى ئىنساننىڭ نېمە ئىكەنلىكى ۋە ئىنسانلار توپلىشىپ ياشايدىغان سىياسىي جامائەنىڭ نېمە ئىكەنلىكى ھەققىدىكى سەمىمىي، تىرەن ۋە سىستېمىلىق ئىزدىنىشنى كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇ ئىنسان بىلەن دۆلەتنىڭ نېمىلىكى ھەققىدىلا ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ قانداق بولۇشى كېرەكلىكى ھەققىدىمۇ چوڭقۇر ئويلانغان.
مانا مۇشۇ سەۋەبتىن ئۇنىڭ بىلىشى تەنقىد قىلىش بىلەن باغلانغان. ئۇ بىر تەرەپتىن ئۆزى ئىگىلىگەن بىلىملەرنىڭ توغرىلىقىدىن گۇمانلىنىپ ئۆزىنى توختىماستىن تەنقىدلەپ تۇرسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆز دەۋرىدىكى ئۆزىنى ھەقىقىي بىلىملىك دەپ قارىۋالغان ساختا بىلىمدانلارنى قاتتىق سۆكىدۇ. ئۇ بىر تەرەپتىن ئۆزى بىلەن توختاۋسىز ئېلىشىپ، ئۆزىدىن ھالقىش ياساشنى ئىستىسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئىمتىياز جەھەتتە ئۆزىدىن كۈچلۈكلەر بىلەن نېمىنىڭ ھەقلىقى ھەققىدە توختىماستىن ئېلىشقان. شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتۈش كېرەككى، ھەقىقەت ھەرقانداق ئىمتىيازدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ؛ ئەگەر پەلسەپىلىشىش ئۆزىنى ھەقىقەتكە يېتىشتىكى بىر ئۇرۇنۇش دەپ قارايدىكەن، ئۇنداقتا ئۇ چوقۇم نوپۇزنىڭ سەپسەتىسىگە قارشى تۇرۇشى كېرەك. مانا بۇ تەنقىدنىڭ قەدىمدىن ئۆلمەي كېلىۋاتقان روھىدۇر.
سوقرات ھاياتتىن پەقەت بىرلا نەرسىنى تەلەپ قىلغان: ئەركىن پىكىر قىلىش. ئۇنىڭچە، پىكىرنىڭ ئەركىن بولۇشى ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ سوقراتنىڭ بولغانلىقى ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ توغرىلىقى ھەم ئۇنىڭ ئادالەتنى ھەممىنىڭ ئۈستىگە قويۇشىدۇر. پەقەت توغرا ئۇسۇلدا قىلىنغان پىكىرلا بىزنى ھەقىقەتكە باشلايدۇ ۋە ئادالەتنى تونۇتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇنىڭچە ھەقىقەت، ئادالەت، گۈزەللىك ۋە ياخشىلىق بىر-بىرىدىن ئايرىلماستۇر. شۇنداقلا ئۇلار پەلسەپىلىشىشنىڭ ئەڭ تۈپكى مەزمۇنلىرىدۇر.
راستىنى ئېيتقاندا، سوقرات پەلسەپىلىشىشتىن باشقا ھېچ ئىش قىلالمايتتى. پەلسەپىلىشىش ئۇنىڭغا شۇنداق كەسپ بولۇپ قالغانكى، ئۇنىڭچە پەلسەپىلەشمىگەن ھايات ياشاشقا ئەرزىمەيتتى. ئەنە شۇ سەۋەب تۈپەيلى، ئۇ ياشلارنى زەھەرلىدى دەپ ئەيىبلىنىپ سوت تەرىپىدىن پەلسەپىلىشىشنى تاشلاپ ھاياتىنى نورمال داۋام ئېتىشكە بۇيرۇلغاندا، ئۇ ئۆلۈمنى تاللىۋالغانىدى. يەنى ئۇنىڭ ئۆزى ئىزدەنگەن پەلسەپىلىشىش ئېلىپ كەلگەن ھەقىقىيلىققا بولغان ئىشىنىش ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۆلۈمدىنمۇ ئۈستۈن تۇراتتى. ئۇ مۇساپىر بولۇپ باشقا دۆلەتلەرگە كېتىشنىمۇ ۋە پەلسەپىلىشىشنى توختىتىشنىمۇ خالىمىدى، شۇنداق قىلسا ئۇ ئەلۋەتتە ھاياتىنىڭ تەرتىپىنىمۇ، دۆلەتنىڭ قانۇنىي تەرتىپىنىمۇ ساقلاپ قالالايتتى. لېكىن، ئۇ ھەر ئىككىسىدىن ۋاز كەچمىدى. چۈنكى ئۇ دەل ئاشۇ شەھەر دۆلىتىدە ۋە ئاشۇ شەھەر دۆلىتى ئۈچۈن پەلسەپىلەشكەنىدى، ئۇ ياشاش ئۈچۈن پەلسەپىۋىلەشكەنىدى، چۈنكى پەلسەپىلىشىش ئۇنىڭ ھاياتى ئىدى.
ئۇنىڭ تالانتى، ئىرادىسى ۋە ياخشى نىيىتىنىڭ بولۇشى ئۇنىڭ پەلسەپىلىشىشىنىڭ تاكامۇللىشىشىنىڭ زۆرۈر، لېكىن يېتەرلىك شەرتى ئەمەس. ئۇ پەلسەپىلىشىش ئۈچۈن ياخشى بىر مېتودقا موھتاجدۇر. ئادەم پەلسەپىلىشىشكە بولغان ئوتتەك قىزغىنلىق ۋە نىيەت بىلەنلا پەلسەپىلىشەلمەيدۇ. ئۇ يەنە پەلسەپە ئۇقۇملىرىنىڭ تەبىرىگە قاتتىق پىششىق بولۇشى، يەنە ئىندۇكسىيە (شەيئىلەرنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى ھەققىدىكى بىلىمگە ئېرىشىتىكى مېتود كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بۇنىڭدا تەجرىبە قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئاۋۋال بىلىنمىگەن ياكى قىياستىكى مەسىلىگە قارىتا يەكۈن چىقىرىلىدۇ، يەنى يېڭى بىلىم يېڭى تەجرىبە بىلەن ئېرىشىلىدۇ)، دېدۇكسىيە (بۇنىڭدا ئاكسىيومىلىق كونا بىلىملەر ئاساسىدە يېڭى بىلىملەر تۈرلەپ چىقىرىلىدۇ)، دېئالېكتىكا (بۇ مەلۇم ئۇقۇمنىڭ ئۆزىنىڭ قارىمۇ قارشى ئۇقۇمى بىلەن مۇناسىۋەتلىشىش ئارقىلىق ئۆزگىرىش جەريانىنى بارلىققا كەلتۈرۈشىنى كۆرسىتىدۇ) سوقرات تەرىپىدىن بايقىلىپ ھەقىقەتنى بايقاشتىكى ئاچقۇچ بولغان. مانا مۇشۇ مېتودلار پەلسەپىلىشىشتە تا ھازىرغىچە قوللىنىلىپ كېلىنىۋاتىدۇ. شۇ نەرسە ئېنىق بولۇشى كېرەككى، پەلسەپىۋىلىشىش ماھىيىتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ھەقىقەتكە ئېرىشىشتىكى متودنى ئۆزىنىڭ تەتقىقاتىنىڭ مەركىزىي قىسمى قىلىپ كەلدى. چۈنكى توغرا مېتود بولماي تۇرۇپ ھەقىقەتنى تاپقىلى بولمايدۇ.
سوقرات شۇنىڭغا چوڭقۇر ئىشەنگەنكى، پەلسەپىلىشىش بولمايدىكەن، مەيلى دۆلەت، مەيلى ئىندىۋىدۇئال شەخسنىڭ ئۆزىنى ھەقىقىي چۈشىنەلىشى مۇمكىن ئەمەستۇر. شۇنداقلا ئۇلار ئۆزى قىلىشقا تېگىشلىكنى تېخىمۇ قىلالمايدۇ. شۇڭلاشقا، پەلسەپە زۆرۈردۇر. ئەلۋەتتە پەلسەپىنىڭ ئۆزى ئۆزىنى يېڭىلاپ تۇرۇشقا موھتاج. لېكىن، پەلسەپە بولمايدىكەن، ئىنسانلار ئۆزلىرىنى بىلىش ۋە ئىنسانىيلىق بۇرچىنى مۇۋاپىق يوسۇندا ئادا قىلىشتىن ئىبارەت بۇ پۇرسەتتىن مەھرۇم قالىدۇ. ئەمىسە بۇ يۈزلىنىشنى پەلسەپە قايسى ئاساس ئۈستىگە قۇرىدۇ؟
پەيلاسوپلار تارىختىن بېرى ئۆزىنى ئىلىمنىڭ ھەقدارلىرى دەپ قاراپ كەلگەن. ئەگەر پەيلاسوپلارنىڭ بۇ ئۆزلۈك-ئوبرازى (ئادەمنىڭ ئۆزىگە بولغان قارىشى) توغرا بولسا، ئۇنداقتا ئىلىم-پەنچىلەر-تەبىئىي پەنچىلەرگە قانداق ئورۇننى تارتۇق قىلىمىز؟ تەبىئىي پەنلەر ئاللىبۇرۇبلا پەلسەپىدىن ئىبارەت "پەقەت" قىياسىي بىلىم بىلەنلا ھەپىلىشىدىغان بۇ "ئاتا ئىلىم" دىن نارازى بولۇپ، ئۆي ئايرىپ چىقىپ كەتمىگەنمىدى؟ بىز يەنىلا پەلسەپە بىزگە تەمىنلەيدىغان بىلىم بىلەن تەبىئىي پەن تەمىنلەيدىغان ئىلىمنى بىر-بىرىگە ئوخشاش ئىلىم سۈپىتىدە قارىشىمىز كېرەكمۇ؟ تارىختىن مەلۇمكى، پەلسەپە ئاللىبۇرۇن ئىلىم-پەن ئىزدىنىشى بىلەن ماس قەدەمدە ماڭغان. ئۇلار تاكى ھازىرغىچە تۆۋەندىكى مېتافىزىكىلىق سوئاللارغا بىرلىكتە جاۋاب ئىزدەۋاتىدۇ: دۇنيا نەدىن كەلگەن؟ ماكان دېگەن نېمە؟ زامان دېگەنچۇ؟ ئالەمنىڭ ماكرولۇق قانۇنىيەتلىرى بىلەن مىكرولۇق قانۇنىيەتلىرىنى ئاخىرى بىرلەشتۈرۈپ، بىر ئورتاق قانۇنىيەتنى بايقىغىلى بولامدۇ؟ (بۇ نيۇتون ۋە ئېينىشتېيىندىن كېيىنكى ئۈچىنچى بۈيۈك فىزىك ستېفېن خوۋكىڭ ئۆزىنىڭ دۇنياۋى بازارلىق كىتابى بولغان "ۋاقىتنىڭ تارىخى" دېگەن كىتابىدا سورىغان سوئالىدۇر. لېكىن خوۋكىڭ پەلسەپە پېنىنىڭ ئىلىم-پەن ھەقىقەتلىرىنى بايقاشتىكى مۇمكىنچىلىكىدىن گۇمانلىنىدۇ)، قاتارلىقىلار. ئارىستوتېل ئۆزىنىڭ پەلسەپىلىشىشىنى باشلىغىنىدا ماتېماتىكا پېنىنىڭ بەزى مۇھىم ئاساسلىرى ئاللىبۇرۇن سېلىنىپ بولۇنغانىدى. ئارىستوتېلنىڭ بىئولوگىيىلىك تەجرىبىلىرىگە دارۋىن يۇقىرى باھا بەرگەن. ئىلىم-پەنچىلەردىن دېكارت، لائىبنىز، نيۇتون، پاسكال قاتارلىقلار پەلسەپىنىڭ يەنىلا زۆرۈرلۈكىنى ئۆز ئەمەلىيىتىدە كۆرسەتكەن. ئېينىشتېيىننىمۇ بەزىلەر فىزىك دەپ قارىغاندىن كۆرە پەيلاسوپ دەپ قارالغىنى تۈزۈك دەيدۇ. ھەتتا روھ ئانالىزچى فرېئۇدنىمۇ پەيلاسوپ دەپ قارايدىغانلار كۆپ. شۇنىڭدەك، پەيلاسوپلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ دىققىتىنى ھەر زامان تەبىئىي پەن مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە تىكىپ كەلدى. شۇنداق دېيىش مۇمكىنكى، ئەگەر نيۇتوننىڭ نەزىرىيىسى بولمىغان بولسا، كانتنىڭ پەلسەپە سىستېمىسىنىڭ مۇھىم قىسىملىرىنى قىياس قىلغىلى بولمايتتى.
شۇنداقتىمۇ، پەلسەپىۋى بىلىم بىلەن ئىلىم-پەنلىك بىلىم ئوتتۇرىسىدىكى كۆزگە كۆرۈنەرلىك پەرقنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ. ئۇلار قوش قاتلاملىق بىلىم، شۇڭلاشقا قوش قاتلاملىق رېئاللىق چۈشەنجىسىدە مۇئەييەن ئورتاقلىقلارغا ئىگە. بۇلار قەدىمقى گرېكلارنىڭ چۈشەنجىسىدىكى قاراش (بىزگە كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان نەرسىلەر ھەققىدىكى ئادەتتىكى بىلىش) بىلەن بىلىم (يەنى بىزگە كۆرۈنمەيدىغان ياكى ساپ كۆرۈنمە ھالىتىدىكى رېئاللىق توغرىسىدىكى ھەقىقىي بىلىم) نىڭ پەرقىنى كۆرسىتىدۇ. ئالدىنقىسى پەقەت ماكان ۋە زاماندا مەۋجۇت بولغان ئادەتتىكى شەيئىلەر ھەققىدىكى كۆز قاراش خاراكتېرلىق چۈشىنىشنى كۆرسەتسە، كېيىنكىسى بۇنىڭدىن ھالقىغان ھەقىقىي ۋە شەيئىلەر ئەسلىدىن ئۆزى بولغانلىق ھەققىدىكى بىلىمنى كۆرسىتىدۇ. ماركسنىڭ نەزەرىيىسى بۇ پەرقنى ناھايىتى ئوبدان ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. ئۇنىڭچە، ئەگەر شەيئىلەر بىزگە ئاددىي ھالدا مۇنداقلا كۆرۈنسە ۋە ئۇلارنىڭ ئەسلىدىن زادى قانداقلىقىنى بىلمىسەك، بۇ ھەقىقىي بىلىم بولالمايدۇ. بىز ئىلىم-پەن بىلەن پەقەت ئىلىم-پەن بىلەن شۇغۇللىنىش ئۈچۈنلا شۇغۇللانمايمىز، بەلكى بىزگە كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان شەيئىلەرنىڭ (شەيئىلەرنىڭ بىزگە ئادەتتە كۆرۈنۈشلىرىنىڭ) ئارقىسىدا پىنھان قالغان ۋە بىلىنمىگەن ساپ رېئاللىقىنى تېپىش ئۈچۈن شۇغۇللىنىمىز. ماركس ئىقتىسادىي رېئاللىقنىڭ جەمئىيەت ۋە تارىخنىڭ فۇندامېنتال رېئاللىقى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. مۇشۇ رېئاللىق دەل كۆزىمىزگە كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان ھادىسىۋى مەۋجۇتلۇق ھالىتىنىڭ ئىچكىرىسى ياكى ئارقىسىدىكى ئەبستراكت تەپەككۇر ئارقىلىقلا بىلگىلى بولىدىغان رېئاللىقتۇر.
كەڭ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا شۇنداق دېيىش مۇمكىنكى، ئالىملار شەيئىنىڭ قانداق فۇنكسىيىسىنىڭ بارلىقىنى ئېنىقلىقى بىلەن بىلىشنى ئىستەيدۇ، لېكىن پەيلاسوپلار بولسا رېئاللىقتىكى (يەنى بىزنىڭ سەزگۈ ئەزالىرىمىزدىن ھالقىغان رېئاللىقتىكى) شەيئىنىڭ قانداقلىقىنى بىلىشنى ئىستەيدۇ. مۇشۇ نۇقتىدىن ئالغاندا ئالىملار تەجرىبە ئارقىلىق نامايان قىلغىلى بولىدىغان ئېنىقلىق ۋە فۇنكسىيە ئامىللىرىنى تەكىتلىسە، پەلسەپە نېمىنىڭ ھەقىقىي رېئاللىق ئىكەنلىكىنى قىياس قىلىدۇ، ئىپادىلەيدۇ. پەيلاسوپلارنىڭ قارىشىچە، رېئاللىقنى ئىلىم-پەنچىلەرگە ئوخشاش پەقەت ئۇنىڭ فۇنكسىيىلىك ئامىللىرىغىلا تارايتىش رېئاللىق ھەققىدىكى تولۇق بولمىغان بىلىشتۇر. ۋەھالەنكى ئىلىم-پەنچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئىنساننىڭ تەجرىبىسىدىن ھالقىپ كەتكەن رېئاللىق ھەققىدە بىلىشنى تەلەپ قىلىش ئادەمنى ئەڭ ئاخىرىدا ئىسپاتلاش مۇمكىن بولمىغان ۋە پەقەت تەسەۋۋۇر ئارقىلىقلا قىياس قىلىنغان نەرسىنىڭ بىلىشى بىلەن تەمىنلەيدۇ. بۇنىڭغا قارىتا پەيلاسوپلار شۇنداق جاۋاب قايتۇرىدۇكى، ئىلىم-پەنچىلەرنىڭ قانچىلىك تەرەققىي قىلىپ كېتىشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇلار يەنىلا نۇرغۇنلىغان ماھىيەتلىك سوئاللارغا جاۋاب بېرەلمەيدۇ. ئەگەر پەلسەپە ئىسپاتلاش مۇمكىنسىز بولغان قىياسلارغا بېرىلىپ كەتتى دېيىلسە، ئىلىم-پەنچىلەر نېمىنىڭ ھەقىقىي رېئاللىق ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلىدۇ. ئۇنداقتا پەلسەپىنىڭ ئىلىم-پەن ئۆز مۇستەقىللىقىغا ئېرىشكەندىن كېيىنكى ئورنى قانداق بولۇشى كېرەك؟
پەلسەپە تارىختىن بېرى ئىزچىل تۈردە ھەرگىزمۇ ماتېماتىكىلىق بىلىم، فىزىكىلىق بىلىم ياكى تارىخىي بىلىم دېگەن نېمە ئەمەس بەلكى بىلىم دېگەن نېمە دېگەننى سوراپ كېلىۋاتىدۇ. بۇ سوئال شۇ قەدەر تەس ۋە ئۇنىڭ جاۋابىنى تېپىش شۇ قەدەر زۆرۈر ئىكەنكى، بۇنىڭ ئۈچۈن ئىنسانلار 25 ئەسىر ئىزدەندى ۋە يەنە ئىزدىنىدۇ. بۇ سوئالغا ئىلىم-پەننىڭ ھەقدادىغا يەتكۈزۈپ جاۋاب بېرىپ بولالىشى مۇمكىن ئەمەس. ئىلىم-پەن گەرچە ئۆزىنىڭ مۇئەييەن تەتقىقات دائىرىسىدىكى شەيئىلەر ھەققىدىكى بىلىم بىلەن تەمىنلىيەلىسىمۇ، لېكىن بىر پۈتۈنلۈك مەنىسىدىن چىقىپ سورالغان "بىلىم دېگەن نېمە؟" دېگەن سوئالغا جاۋاب بېرەلمەيدۇ.
ئىلىم-پەنچىلەرگە ئوخشاش، پەيلاسوپلارمۇ شەيئىلەرنىڭ نېمە ئۈچۈنلۈكىنى سوراپلا قالماستىن يەنە مۇشۇ نېمىشقىنى باشقىچە چۈشىنىدۇ. ئۇلار شۇنىڭغا چوڭقۇر ئىشىنىدۇكى، ئەگەر بىرەر شەيئىنىڭ نېمىشقا بىلىنمىگەنلىكى ئېنىق بولمايدىكەن، ئۇنى بىلگىلى بولمايدۇ؛ شۇنىڭدەك پۈتكۈل شەيئىلەر ھەققىدىكى ئاداققى ۋە ئومومىي نېمە ئۈچۈنلەر بىلەن تونۇشماي تۇرۇپ، بىرەر يەككە شەيئىنىڭ نېمە ئۈچۈنلۈكىگە جاۋاب تاپقىلى بولىدۇ. ئۇلارنىڭ نەزىرىدىكى بۇ ئاداققى ۋە ئومۇمىي نېمە ئۈچۈنلەر سەۋەب بىلەن نەتىجىلەرنىڭ بىر بىرىگە باغلىنىشىنى سۆزلەيدىغان قانۇنىيەت بولماستىن، بەلكى رېئاللىقنىڭ ئومۇمىيلىق ۋە ئاداققىلىق يۈكسەكلىكىدىكى قۇرۇلمىسىدۇر. مانا بۇ پەلسەپىنىڭ خانتاجى بولغان مېتافىزىكىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنىڭ ئاساسى ۋە نېگىزلىك مەنىسىدۇر.
بۇ بىزنى پەلسەپىنىڭ ئىككىنجى چوڭ ساھەسىگە ئېلىپ بارىدۇ: رېئاللىق دېگەن نېمە؟ رېئاللىق ئۆزىنى قانداق ئايان قىلىدۇ؟ رېئاللىق بىلەن بىلىم بىر-بىرىگە قارىشىپ تۇرىدىغان، بىر بىرىگە باغلانغان ئىككى ساھەدۇر. شۇڭا، رېئاللىقسىز بىلىمنى، بىلىمسىز رېئاللىقنى قىياس قىلىش مۇمكىن ئەمەس. ئىنسانىيلىق مانا مۇشۇ ئىككىسىنىڭ ئايرىلماس تەركىۋى قىسمىدىن تۈزۈلىدۇ. ئىنسانىيەت ئادەمنى ھەر ۋاقىت ئارامسىزلاندۇرۇپ تۇرىدىغان مۇنۇ سوئاللارنى سوراپ تۇرىدۇ: رېئاللىق دېگەن نېمە؟ ئىنسان سۈپىتىدىكى "مەن" بۇ رېئاللىقتا قانداق مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ؟ بۇ سوئاللارنى كانتنىڭ تۆۋەندىكى كلاسسىك سوئاللىرىغا يىغىنچاقلاش مۇمكىن: مەن نېمىنى بىلەلەيمەن (بىلىم ھەققىدىكى ماھىيەتلىك سوئال)، مەن نېمىنى چوقۇم قىلىشىم كېرەك (ئەخلاق ياكى ئەخلاقىي بۇرچ ھەققىدىكى مۇتلەق بۇيرۇقنىڭ سوئال شەكلىدە ئىپادىلىنىشى)، ئۈمىد باغلىشىم ئۈچۈن ماڭا بېرىلگىنى نېمە (ئادەم ئۆلگەندىن كېيىنكى مەڭگۈلۈك ھاياتنىڭ مۇمكىنچىلىكى ھەققىدىكى ئويلىنىش)-بۇلارنىڭ نېگىزى دەل ئىنسان دېگەن نېمە دېگەن سوئالغا تۈگەللىنىدۇ.
ئەمدى پەلسەپىنىڭ ئۈچىنچى چوڭ ساھەسىنى قىسقىچە سۆزلەيمەن. بۇ دەل رېئاللىقنىڭ مەنىسىدۇر. يەنى بۇ شەيئىلەرنىڭ نېمە ئۈچۈنلىكىنىلا ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ نېمىگە كېرەك بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. شەيئىلەرنىڭ ئۆزىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئۇلارنىڭ ھېچقانداق مەنىسى يوق. ئۇلار قىممەتتىن خالىي نېترال مەۋجۇداتلادۇر. ئۇلار پەقەت ئىنسانىيەت دۇنياسىغا قاتناشقاندىلا ھەم ئىنسانلارنىڭ قىممەت بېكىتىشىگە ئېرىشكەندىلا بىرەر مەنىگە ئىگە بولىدۇ. مۇشۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئاداققى مەنە توغرىسىدىكى ئىزدىنىش ئەڭ ئاخىرىدا ئىنسان ھاياتىنىڭ مەنىسىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىگە تۈگەللىنىدۇ. ئىنسان ھاياتىنىڭ مەنىسى بارمۇ؟ ياشاشتىكى مەقسەت نېمە؟ ئىنسان ھاياتىنىڭ مەنىسىنىڭ سىياسىي ھايات، ئىقتىسادىي ھايات ۋە تارىخىي ھايات بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى نېمە؟
پەلسەپە يىغىپ ئېيتقاندا، ئىنسانىيەتنىڭ توختاۋسىز ھالدا نېمىنىڭ بىلىش، نېمىنىڭ رېئاللىق ۋە نېمىنىڭ ئىنسان ھاياتىنىڭ مەنىسى ھەققىدىكى ئىزدىنىشلىرىنىڭ جەۋھىرىدۇر. ئۇ ئىنتايىن كەسكىن ئەقلىي ئىزدىنىشتۇر، ئەقلىيلىق ۋە تەنقىد روھىدىن ئايرىلغان ئىزدىنىش ھەقىقىي ئىزدىنىش ئەمەس. بىز سوقراتتىن شۇنى كۆردۇقكى، ئۇنىڭ پەلسەپىلىشىشتىكى ئاساسلىق ۋەزىپىسى دەل تەنقىدچىلىكتۇر. ئۇ ئۆزىنى ئەقىلدار دەپ قارىۋالغانلارنى شەپقەتسىزلەرچە تەنقىد قىلىپ، ھەقىقەتنىڭ ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقىنى، ئۇنىۋېرساللىقىنى ۋە ھەرقانداق شەخسنىڭ توغرا تەپەككۇر ئارقىلىق ئۇنىڭغا ئېرىشەلەيدىغانلىقىدىن ئىبارەت ئۆز دەۋرىگە نىسبەتەن ئىنقىلاب خاراكتېرلىق يېڭىلاش ئېلىپ كېلىپلا قالماستىن يەنە پەلسەپىنى ئىنسانىيەتنىڭ ئىدېئولوگىيىگە قارشى تۇرۇشىدىكى-يەنى ئىنساننىڭ ھەرقانداق نوپۇزنىڭ تەسىرىدىن خالىي ھالدا ئەركىن پىكىر قىلىشىدىكى-تايانچ ئىلىملىك ئورنىنى ئورناتتى. ماكىئاۋېللىدىن تارتىپ شۇ نەرسە ئېنىق بولۇپ كېلىۋاتىدۇكى، ئىدېئولوگىيىلىك سىستېمىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ماھىيىتى دەل ھەقىقىي رېئاللىقنى شەخسىي ۋە ئىجتىمائىي مەنپەئەتلەرنىڭ پايدىسى ئۈچۈن يوشۇرۇشتۇر. ئەلۋەتتە ھەرقانداق شەكىلدىكى ئىدىيە ئۆزى قاتنىشىۋاتقان سىياسىي تۈزۈمنىڭ، ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ ۋە كۇلتۇرنىڭ كۈچلۈك تەسىرى ئاستىدا بولىدۇ. لېكىن پەلسەپىنىڭ كىشىلەرگە تەمىنلەيدىغىنى ۋە كىشىلەرنىڭ پەلسەپىلىشىش ئارقىلىق ئېلىپ بارىدىغىنى ئەركىن پىكىر قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ھەر ۋاقىت ھېس قىلىش ۋە ئەمەلگە ئاشۇرۇشتۇر. پەلسەپە ئۆزىنى تارىختىن بېرى خىلمۇ خىل توسقۇنلۇقلاردىن ھالقىتىش بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ.
يۇقىرىقى نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، پەلسەپىلىشىش ھەر بىر ئىنسان ۋە ھەر بىر مىللەت ۋە ياكى ھەر بىر دۆلەت ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىمدۇر. ئەنگلىيە پەيلاسوپى ئا.ن. ۋايىتخېد "بىرەر مەدەنىيەتنىڭ تەرەققىياتىنى بىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ پەلسەپىۋى ئۇقۇملىرىنىڭ قانچىلىك كۆپلۈكى ۋە موللۇقىغا قاراش كېرەك" دېگەنىدى. دەرۋەقە، پەلسەپىلىشىشنىڭ كېرەك قىلىدىغىنى ئۇقۇملاشقان تەپەككۇردۇر. بۇنىڭدا رېئاللىقنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە ئۇنىڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكلىرى شۇنىڭغا ماس كېلىدىغان ئۇقۇملارنىڭ قۇرۇلمىسى بىلەن چۈشەندۈرۈلىدۇ. پەلسەپىنىڭ ئۇقۇملىرى قانچە دەل ۋە ئۇلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت قانچە ئىنچىكىلەشسە، بىزنىڭ رېئاللىق ھەققىدىكى چۈشىنىشىمىز شۇنچە كەڭ ۋە شۇنچە چوڭقۇر بولۇپ ماڭىدۇ. پەلسەپىنىڭ ئاداققى ئۇقۇملىرى كۆپ ھاللاردا ياخشىلىق، گۈزەللىك، ئادالەت ۋە ھەقىقەت قاتارلىقلادۇر. غەرب پەلسەپىسى مانا مۇشۇ تۈپكى ئۇقۇملارنىڭ مەنىسىنى ئىزدەش ئارقىلىق رېئاللىقنى خىلمۇ خىل شەرھلەپ كەلدى.
پەلسەپە بىر مىللەت ئۈچۈن شۇنىڭ ئۈچۈن زۆرۈركى، ئۇ دەل ئاشۇ مىللەتنىڭ تەپەككۇرىنىڭ تېرەنلىرىدە بايقالغان رېئاللىقنى ئۇقۇملاشقان سىستېمىدا ئەكس ئەتتۈرىدۇ. شۇنداقلا ئۇ شۇ مىللەت كۇلتۇرى ئۆزىدە ئىپادە قىلغان تۈرلۈك تەپەككۇر رېئاللىقىنى ئۇقۇملاشتۇرۇپ ماڭىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئاشۇ مىللەت توپى ئۆزىنىڭ دۇنيا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇقۇملۇق قۇرۇلمىسىنى، يەنى نەزەرىيىۋى تەپەككۇر ئالاھىدىلىكىنى، ھېس قىلىپ ۋە ئەمەلگە ئاشۇرۇپ ماڭىدۇ. شۇڭلاشقا ئۇقۇملۇق تەپەككۈرگە مايىل مىللەتلەرنىڭ دۇنيانى چۈشىنىشى كۆپ قاتلاملىق ۋە تىرەن بولىدۇ، چۈنكى ئۇلار كۆرۈنمە دۇنيادىن ھالقىپ رېئاللىقنىڭ ئاداققى قۇرۇلمىسىنى ۋە مەنىسىنى چۈشەنمەك بولىدۇ. ئەكسىچە قىلىپ ئېيتقاندا، پەلسەپە ئارقىلىق مەلۇم مەدەنىيەتنىڭ تەپەككۇر ئادىتىنى، خىلمۇ خىل ئىشىنىشلىرىنىڭ سىستېمىلىق باغلىنىشىنى ۋە ئەخلاق كۇلتۇرىنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ. شۇڭلاشقا، يەنە شۇ پەلسەپە ئارقىلىق شۇ مىللەت ئەزالىرىغا قارىتا ئىدىيىۋى ئاقارتىش ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ، مەسىلەن قانداق مەسىلىلەرنى ئويلاش ۋە قانداق ئويلاش، ئەخلاق مەسىلىلىرىگە قارىتا قانداق ھۆكۈم چىقىرىش، قاتارلىقلار.
قويۇق مىللىيلىك ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولۇش سۈپىتى بىلەن، پەلسەپە شۇ مىللەتنىڭ ئەزالىرىنىڭ تەپەككۇرىنىڭ تەدرىجىي قېلىپلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. پەلسەپە ئىتايىن مۇنتىزم تەپەككۇر جەريانىنى تەلەپ قىلىش جەھەتتە ماتېماتىكا پېنىدىن قېلىشمايدۇ، شۇڭا ئۇ مۇئەييەن جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ پىكىر قىلىشتىكى يېتەرسىزلىكلىرىنى بايقىشىغا ۋە يېڭىشىغا تۈرتكە بولىدۇ. پەلسەپىدە قانچە تەرەققىي قىلغان مىللەتنىڭ ئەقلىي تەپەككۇرىمۇ شۇنچە كۈچلۈك بولىدۇ. ھەقىقەتنى تونۇش ۋە ئۇنى ھەممىدىن ئۈستۈن كۆرۈشتەك پەلسەپىۋى پوزىتسىيە ئاشۇ جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ ئۇيۇشقاقلىقىنى ئاشۇرىدۇ، چۈنكى ئەقىل بىلەن ئىش قىلىدىغانلار كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان جەمئىيەتتە كىشىلەر قانۇننى، ئادالەتنى ۋە ياخشىلىقنى قوغلىشىشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ. مانا مۇشۇ ئامىللار ئەنە شۇ جەمئىيەتنىڭ ئەقلىي جەمئىيەت بولۇشىنىڭ ئاساسىدۇر. كىشىلەر ھەممە ئورتاق ئىگە بولغان ئەقىلنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجدە ئىشلىتىشكە يۈزلەنسە، شەكسىزكى ئۇلار مۇشۇ ئەقىل تەلەپ قىلىدىغان تەلەپكە بوي سۇنىدۇ. نەتىجىدە ئۇلار ئۇشبۇ ئەقىلنىڭ گەۋدىلىنىشى بولغان قانۇننى، ئەخلاقىي نورمىلارنى ۋە جامىئە قائىدە-تۈزۈملىرىنى يەكدىللىق بىلەن ھىمايە قىلىدۇ ۋە قوللايدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى تېگىدىن ئالغاندا ھەممىگە ئورتاق بولغان ئەقىلىنىڭ فۇنكسىيىسىنىڭ ھەممىدە ئورتاق رول ئويناپ، ئۆز-ئارا ئۇيۇشۇشچانلىق ۋە ماسلىشىشنى مەيدانغا كەلتۈرۈۋاتقانلىقىدۇر.
شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇيغۇرلارغا غەرب پەلسەپىسىنى تونۇشتۇرۇش نۆۋەتتىكى مۇھىم ۋەزىپىلەرنىڭ بىرىدۇر. بۇنىڭدا ئالدى بىلەن غەرب پەلسەپىسى تەتقىقاتىنىمۇ قانات يايدۇرۇشىمىز، ئالىي مەكتەپلىرىمىزدە غەرب پەلسەپىسىنى ئۆتۈشنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرۇشىمىز كېرەك ئىدى. لېكىن بۇنىڭدا نۇرغۇن قىيىنچىلىقلار بار. مەن بۇ يەردە پەقەت بىر قەدەر كەڭ دائىرىدىكى مەسىلىلەرنىلا ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتىمەن.
ئۇيغۇرلاردا پەلسەپە بولامدۇ؟ بۇ بىر قىسملىرىمىز بولۇپمۇ مەن ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان تېمىدۇر. ئۇيغۇرلاردا كەلگۈسىدە پەلسەپىنىڭ بولۇشىنى ئالدى بىلەن جوڭگودا پەلسەپىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىدىن چىقىپ تۇرۇپ ئويلاشقان ياخشى. مەيلى چەتئەلدىكى بەزى تەنقىدچىلەرنىڭ قانداق باھا بېرىشىدىن قەتئىينەزەر، جوڭگودا قەدىمدە پەلسەپە ئەنئەنىسى بولغان، گەرچە بۇ غەربنىڭكىگە ئوخشاپ كەتمىسىمۇ. لېكىن، بۇ ئەنئەنە ئاللىبۇرۇن توختاپ قالغان بولۇپ، ھازىر بەزى پەلسەپە تەتقىقاتچىلىرىنىڭ قىلىۋاتقىنى پەقەت بېرىنى توختىماستىن شەرھلەشتۇر. يەنە بەزىلەرنىڭ قىلىۋاتقىنى ياكى ماركىسزم پەلسەپىسىنى ئلگىرىلەپ تەتقىق قىلىش ۋە ياكى غەرب پەلسەپىسىنى ئۆگىنىپ، شۇنى شەرھلەشتۇر. ئۇلار ئۆزىنىڭ پەلسەپە ئەئەنىسىنىڭ غەربنىڭكىگە تۈپتىن ئوخشىمايدىغانلىقىنى قەلبىنىڭ چوڭقۇرلىرىدىن ئېتىراپ قىلغاچقا، قەدىمقى پەلسەپە ئەنئەنىسىگە قايتىشنى خالىمايدۇ، لېكىن ئۇلار شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۆزلىرىنىڭ غەرب پەلسەپىسىدىن تۈپتىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان پەلسەپە ئەسەرلىرىنى يارىتىشىمۇ ۋاقتىنچە مۇمكىن ئەمەس. مۇشۇ نۇقتىدىن ئالغاندا، ئۇلار ئوتتۇرىدا توختاپ قالغۇچىلاردۇر. ئۇلار قەدىمقى پەلسەپە ئەنئەنىسىگە قايتىشنى خالىمايدۇ، شۇنداقلا غەربنىڭكىنىمۇ تېگى-تېگىدىن خۇددى غەربلىكلەر ئۆزلىرىنىڭكىنى چۈشەنگەندەك چۈشەنمەيدۇ. چۈنكى، پەلسەپە گەرچە پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق ئىزدىنىشنىڭ ئوبيېكتى بولغان ھەقىقەتنى نىشان قىلسىمۇ، ئۇ يەنە قويۇق كۇلتۇرلۇق ئالاھىدىلىكىنىمۇ ھازىرلىغان. ئۇنى تەلتۆكۈس چۈشىنىش ئۈچۈن ئۇشبۇ كۇلتۇرغا نىسبەتەن بىۋاسىتە تەجرىبە بولۇشى كېرەك.
مانا مۇشۇ خىل ئوتتۇرىلىقتا قېلىش ھالىتى جوڭگو پەلسەپە تەتقىقاتچىلىرىغا يېڭى خىرىس ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ. بۇنىڭدىكى مەركىزىي مەسىلە جوڭگودا پەلسەپىنىڭ كەلگۈسىدىكى تەرەققىيات مەسىلىسىدۇر. پەلسەپە، ئېيتىپ ئۆتكىنىمدەك، تېگى-تەكتىدىن ئالغاندا غەرب ئەقىل-پاراسىتىنىڭ مەھسۇلى بولغاچقا، پەلسەپە ئاتالغۇلىرىنىڭ ۋە ئۇقۇملىرىنىڭ ھەممىسى شەكسىزكى غەربنىڭكىدۇر. ئۆزىگە خاس پەلسەپە كۇلتۇرى ياراتماقچى بولغانلار مۇنداق رادىكال تاللاشقا دۇچ كېلىدۇ: ياكى غەربنىڭ پەلسەپە ئۇقۇملىرىنى ئارىيەت ئېلىپ غەربنىڭكىگە ئوخشايدىغان پەلسەپە يارىتىش ياكى ئۆزىنىڭ ئەنئەنىۋى پەلسەپە ئەنئەنىسىگە قايتىپ، ئۇنىڭدىن ئىجادىي ئىلھام ئېلىش. لېكىن، غەربلىكلەرنىڭ بۇ خىل ئۇسۇلدا يارىتىلغان پەلسەپە ئەسەرلىرىدىن زوقلىنىشى قىيىنغا چۈشۈشى مۇمكىن، چۈنكى بىز ئۇلارنىڭ پەلسەپىسىنى تېگى-تېگىدىن چۈشەنمىگەندەك، ئۇلارمۇ بىزنىڭكىنى تېگى-تېگىدىن چۈشەنمەيدۇ. شۇنداق بولغان تەقدىردىمۇ بۇنداق پەلسەپىنىڭ تەسىر كۆرسىتىش دائىرىسى يەرلىك كۇلتۇر بىلەنلا چەكلىنىپ، ھاياتىي كۈچى ئاجىز بولىدۇ. شۇڭلاشقىمۇ، جوڭگودا پەلسەپە تەتقىقاتى بىر بىرى بىلەن كېلىشتۈرگىلى بولمايدىغان مۇنداق ئىككى رادىكال ھالەتنى ئۆزىدە ئەكس ئەتتۈرۈپ كېلىۋاتىدۇ: يا غەرب پەلسەپىسىنىلا شەرھلەش يا قەدىمقى پەلسەپە ئەسەرلىرىنىلا شەرھلەش. يۇقىرىقىلاردىن قارىغاندا جوڭگودا پەلسەپە بىلەن ئىجادىي شۇغۇللىنىشقا خېلى ۋاقىت كېتىدۇ.
ئۇيغۇرلاردا پەلسەپە تەتقىقاتى تېخىمۇ ئاجىز ھالەتتە ۋە ھەتتا يوق دېيەرلىك. ئۇيغۇرلاردا پەلسەپە يارىتىشنىڭ مۇمكىنچىلىكىنى تېخىمۇ كەڭرىرەك كۇلتۇر ۋە دىنىي ئارقا كۆرۈنۈشتىن چىقىپ تۇرۇپ ئويلاش كېرەك. ئىسلام دىنىنىڭ پەلسەپە، يەنى غەربلىكلەرنىڭ چۈشىنىشىدىكى پەلسەپە، بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئالاھىدىراق. شۇ نەرسە ئېنىقكى، پەلسەپىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى تەتقىقات نىشانى مۇتلەق رېئاللىق بولمىش ئىلاھىي رېئاللىق ھەققىدە ئىزدىنىشتۇر. لېكىن ئىسلامدىكى بەزى ئۆلۈمالار ئىنساننىڭ ئىلاھىي رېئاللىق ھەققىدىكى چەكتىن ئاشقان ئىزدىنىشىنى قۇرئاننىڭ ئەسلى روھىغا، يەنى خۇدانىڭ رېئاللىقى ھەققىدە زىيادە ئىچكىرلاپ كىرمەسلىك ھەققىدىكى تۈپكى روھىغا، خىلاپ دەپ قارايدۇ. يەنە بەزىلەر بولسا پەلسەپە بىزنىڭ خۇدانى تېخىمۇ چوڭقۇرراق چۈشىنىشىمىزگە يول ئاچىدۇ دەپ قارايدۇ. مېنىڭ قارىشىمچە ئۇيغۇرلاردا پەلسەپىنىڭ بولۇش بولماسلىقى دەل ئالدى بىلەن مۇشۇ زىددىيەتنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشقا باغلىق. لېكىن بۇ يەردە ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىش شۇكى، پەلسەپىنى چوقۇم خۇدانىڭ چۈشىنىشنىڭ يولى قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق. ئۇنىڭسىزمۇ ئۇنىڭ مۇستەقىل مەۋجۇت بولۇشىنىڭ ئۆزىگە خاس يوللىرى بار بولغان. مانا مۇشۇ نۇقتا بىزنى توۋەندىكى مۇمكىنچىلىككە باشلايدۇ: ئۇيغۇر پەلسەپىسىنىڭ كەلگۈسىدىكى تەرەققىياتىنى تۈركىي مىللەتلەرنىڭ پەلسەپە كونتېكىستىدىنمۇ ئىزدەش. ئېيتىپ ئۆتكىنىمدەك، پەلسەپە كۈچلۈك كۇلتۇرلۇق ئالاھىدىلىكىگە ئىگە ئىلىمدۇر. لېكىن بۇنىڭ تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن قانداق مۇمكىنچىلىكلىرى ۋە مەسىلىلىرىنىڭ بارلىقى ھەققىدە مەن ھازىر ئېنىق بىرنېمە دېيەلمەيمەن، چۈنكى مەن بۇ ھەقتە تەپسىلىي ئىزدىنىپ باقمىدىم. بۇ مېنىڭ كېيىنكى قىلىدىغان پىلانلىرىمنىڭ بىرىدۇر.
مېنىڭ ھازىرچە تەكىتلەيدىغىنىم ئالدى بىلەن پەلسەپىنىڭ ئانا غول ئېقىنى بولغان غەرب پەلسەپىسى بىلەن خەلقىمىزنى بىر قەدەر سىستېمىلىق تونۇشتۇرۇشتۇر. بۇ خىزمەتنىڭ نۇرغۇن قىيىنچىلىقلىرىنىڭ بارلىقىمۇ مۆلچىرىمدىدۇر. مۇنداقچە ئېيتقاندا، بىزدە ھازىر ئەڭ جىددىي ئېھتىياقلىق بولىۋاتقىنى غەرب پەلسەپىسىنى خېلى چوڭقۇر بىلىدىغان تايانچ كۈچلەرنىڭ يېتىشىپ چىقىشىدۇر. لېكىن، بىزدە بۇ ساھەدە ناھايىتى ئاز ساندىلا ئادەم بار. ھەممىنى يېڭىدىن باشلاش توغرا كېلىۋاتىدۇ. بىزدىكى ئەھۋال دەل جوڭگوچە: ئەگەر پەلسەپە بىلەن شۇغۇللانساق ئىشنى ئالدى بىلەن غەربنىڭكىنى شەرھلەشتىن باشلىشىمىز كېرەكمۇ ياكى ئۆزىمىزنىڭ قەدىمقى ئىدىيە كۇلتۇرىغا مۇراجىئەت قىلىشتىنمۇ؟ مېنىڭچە، بىز ھەممىنى يېڭىدىن باشلايدىغان بولغاچقا ھازىرقى ئەڭ مۇھىم خىزمەت غەربنىڭ مۇھىم پەلسەپە ئەسەرلىرىنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىش ئىدى. پەقەت مۇشۇنداق بولغاندىلا ئۆز تىلىمىزدا تەتقىقاتنى ئاددىي بولسىمۇ باشلىۋالاتتۇق. لېكىن بۇ خىزمەتنى قىلىشقا ئۆزىنى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن بېغىشلىيالايدىغانلاردىن نەچچىمىز بار؟
مەنبە:http://iktisat.blogbus.com/logs/71154989.html

ھەممە ئىشنىڭ ۋاقتى بار ، ياشاش، ئۆلۈش، سۆيۈشنىڭ . . .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 155
يازما سانى: 8385
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1580071
تۆھپە نۇمۇرى: 33134
توردا: 12297 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-3 09:29:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىرچاغلاردا ئىزدىنىش مۇنبىرىدە پەلسەپە توغۇرلۇق بىر تىما  خېلى قىززىغان ئىدى بەس-مۇنازىرە قوزغاپ ....

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر، كونا يېڭى مۇنبەرداشلار...ئۆزئارا پىكىر ئاملاشتۇرۇشلار بولسا ئۈندىدارغا قۇشىۋالساڭلار بولىدۇ نۇمۇرۇم:295997753
ئەسكەرتىش: قۇشىۋالغاندا كىم ئىكەنلىكىڭىزنى ئەسكەرتىپ قويۇڭ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5828
يازما سانى: 38
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8531
تۆھپە نۇمۇرى: 397
توردا: 1379 سائەت
تىزىم: 2010-8-7
ئاخىرقى: 2014-12-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-3 09:54:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

1-قەۋەت (تارىم) نىڭ يازمىسىغا

خاتالاشمىسام ئۇتىمىنىڭ ئىسمى <ئۇيغۇرلارغا پەلسەپە كىرەكمۇ > دىگەن تىما ئىدى ،ھەقىقەتەن قىززىغانىدى.

http://kashkariye.blogbus.com/

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35999
يازما سانى: 316
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4816
تۆھپە نۇمۇرى: 143
توردا: 943 سائەت
تىزىم: 2011-4-1
ئاخىرقى: 2014-8-1
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-3 10:14:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇيغۇر پەلسەپىچىلىكىمۇ كۈندىن كۈنگە تەرەققى قىلسا توغرا بولاتتى، بىزلەر پەخىرلىنىدىغان ئۇيغۇر پەلسەپىچىلىكىنىڭ ئاساسىنى سالغان ئابدۈشۈر مۇھەممەتئىمىن ئاكىمىز،غەرپ پەلسەپىسىنى بىزلەرگە تونۇتقان ئابدۇقادىر جالالىدىن مۇئەللىملەردىن كېيىن ئىزباسارلارنىڭ يېتىشىپ چىقىۋاتقانلىق خەۋىرىنى ئاڭلىمىدىم.
ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ «فارابى ۋە ئۇنىڭ پەلسەپە سىستىمىسى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1986- يىلى نەشر قىلىنغان.
.«ئۇيغۇرپەلسەپە تارىخىغا ئائىت مەسىلىلەر»، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 1982- يىلى نەشىر قىلىنغان (بۇ  كىتابقا ئالىمنىڭ بەش پارچە ماقالىسى كىرگۈزۈلگەن)
.«ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى» ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1997- يىلى نەشر قىلغان.
قاتارلىق كىتاپلىرى ھەم ئابدۇقادىر جالالىدىن تەرجىما قىلغان زورو ئاستىر شۇنداق دەيدۇ ناملىق كىتاپلار پەلسەپىۋى بىلىمگە ئەڭ باي كىتابلاردۇر....

ئىسمى نېمىلىكى نامەلۇم بىر گۈل،
ئۆزى بىلمەيدىغان يوچۇن بىر جايدا.
دېدى شائىرغا: >ئەي، دىلكەش ئامرىقىم،
بىز تۇغۇلغانمۇ ئوخشاش تۇپراقتا؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23304
يازما سانى: 646
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7925
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 2857 سائەت
تىزىم: 2010-12-22
ئاخىرقى: 2011-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-3 10:56:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

3-قەۋەت (avare) نىڭ يازمىسىغا

ياخشى يېزىلغان تونوشتۇرۇش ماقالىسى ئىكەن . پەلسەپىگە ئىزدىنىشتە ئەلۋەتتە بۇرۇنقى پەيلاسوپلار ياراتقان پەلسەپەۋى ئۇقۇملارغا ۋە كاتوگىرىيىلەرگە ئاساسلىنىشقا بولىدۇ.ياكى ئۇلارنىڭ ئۇقۇم كاتوگىرىيىلىرىنى ئىنكار قىلىپ يېڭى ئۇقۇم كاتوگىرىيىلەرنى يارىتىشقا توغرا كېلىدۇ ياكى ئۇلارنىڭ ئۇقۇم كاتوگىرىيىلىرىنى  مۇقىملاشتۇرۇپ پايدىلىنىشقا توغرا كېلىدۇ.  ئەمما مەسىلىنىڭ مۇئەييەن ئېنىقلىق تەرىپى شۇ يەردىكى، پەلسەپە ھەرىكەتتىن ، ۋەقەلەردىن بۇرۇن ئەمەس بەلكى ھەرىكەتتىن ، ۋەقەلەردىن كېيىن دۇنياغا كېلىدۇ. بۇ دېگەنلىك پەلسەپە ساھەسىدە ئەمەلىياتچان بولۇش كېرەك دېگەنلىكتۇر.  ماكان ئىچىدە زامان ئۆتۈپ تۇرىدۇ،  ئاۋۋالقى كۆز قاراشلارنىڭ ، ئاۋۋالقى ئۇقۇم كاتوگىرىيىلەرنىڭ ۋاقتى ئۆتكەن بولىدۇ.
نۇرغۇن كىشىلەر  ماقالە ئىنشا يازغاندا ھەق سۆزلەيمەن ، ھەقىىقەت  ئۇنداق بولىدۇ، ھەقىەقت مۇنداق بولىدۇ، دەيدىغان چويلىدا تۇختىمايدىغان گەپلەرنى تولا قىلىدىكەن . ھەقىقەت دېگەن زادى نېمە؟  ھەقىقەت پەلسەپە ساھەسىدە  ئۇقۇملاشقانمۇ، ھەقىقەت پەلسەپە ساھەسىدە كاتوگىرىيىلەشكەنمۇ؟ مېنىڭ خەۋىرىم يوق ئىكەن . تولۇمۇ قىزىقىمەن ھەقىقەت دېگەن نېمە ؟دەپ قويۇلغان  سوئالغا.
مەمتىمىن ئەلا ئەپەندى  ماقالىسىدا ھەقىقەت دېگەن ئىبارىنى بىر نەچچە يەردە تىلغا ئاپتۇ ھەقىقەت دېگەن زادى نېمە؟!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31333
يازما سانى: 508
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7582
تۆھپە نۇمۇرى: 978
توردا: 3914 سائەت
تىزىم: 2011-2-22
ئاخىرقى: 2015-2-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-3 11:26:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ساقلاپ قۇيۇپ،تەھلىل قىلساق بولىدىكەن ماۋۇ تېمىنى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35868
يازما سانى: 107
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3867
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 8648 سائەت
تىزىم: 2011-3-31
ئاخىرقى: 2011-9-3
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-3 11:55:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باشتن ئاخىرى تۇلۇق ھەم تەپسىلى ئۇقۇپ چىقتىم.ھەم قايتا رەت -رەت ئۇقۇپ چىقىمەن .چۈنكى بۇتىما بىزگە بەكلا كىرەكلىك ئىكەن.بىرپەلسەپە مىللىتى تاغ-دەريالارنى،چاقماق،بوران چاپقۇنلارنىڭ فىزىكىلىق قانۇنىيتىنى تىپىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ قانداق پەيدا بولغانلىقىنى تىپىشقا تىرشىدۇ.ئەمما بىر ھىسسىياتچان مىللەت بولسا ھەممنى خۇدا ياراتتى دەپلا تۈگىتىدۇ.بۇ بىزبىلەن غەرىپلىكلەرنىڭ پەرقى.بىرقىرىندىشىمىز ھەقىقەت دىگەن نىمە دەپ سوراپتۇ؟مەنچە ھەقىقەت دىگەن دەل سىز،مۇشۇ دۇنيا،كۆرگەنلىرىڭىز ۋە ھىس قىلغانلىرىڭىز.شۇڭا كۈچمۇ ھەقىقەتنى گەرچە سۇندىرالمىسىۇ خىلى بىريەرگىچە ئىگەلەيدۇ.
يۈزەكى بولسىمۇ (ھەقىقەت دىگەن نىمە؟)دىگەننى شەرھىلەپ قويدۇم.چۈنكى ھەممە ئادەمنىڭ سۆزلەش ۋە ئەركىن تەپەككۇر قىلىش ھۇقۇقى بار،مەسخىرە قىلمىغايسىلەر.
مۇشۇنداق تىمىلار دائىم يوللانسىكەن.

/祈福/ ھايات  ھەرب

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33655
يازما سانى: 51
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4184
تۆھپە نۇمۇرى: 199
توردا: 404 سائەت
تىزىم: 2011-3-13
ئاخىرقى: 2011-7-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-4 12:56:26 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن سېز گەجاۈابېنې كېيېن بېرەي
[s:122]

رەيھان گۈلدەك ئېچىلىپ كۈلدى تەبىئەت. K?) JMl%   باھار دىدى بۇ قەلبىم ئايلاندىم قۇشقا، vh ^C|   مەيلى رازى باھارنى كۈيلىسەم ئەبەت

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15527
يازما سانى: 1240
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13430
تۆھپە نۇمۇرى: 353
توردا: 5932 سائەت
تىزىم: 2010-10-28
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-4 12:11:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنە مەمەتئىلى ئەخمەتنىڭ ياشىق پەلسەپىسى دىگەن كىتاپمۇ خىلى ياخشى.
بىزدە پەلىسەپە بولمىغاچقا ماددى-مەنىۋي تەرەققىياتمىز ئاستا بۇلاۋاتىدۇ.بۇنڭ ھەممىمىزگە مەلۇملۇق ئىپادىللىرىنى مىسال قىلساق ؛سەنئەتكارلىرىمىزنىڭ ھازىرقى ئىجادىيەتلىرى  نان يىسە قۇساق تويىدۇ،ئۇخلىغاندا كۆزنى يۇمۇشنى ئۇنۇتماڭ،سىنى بەك ياخشى كۆرەتتىم ۋايجان مىنىڭدىن ئارىلىپ كەتتىڭ .......دىگەندەك ئاددىغىنە ئىجادىيەت ئىددىيە پىكىرلىرى مەدەنىيەت ساھەسىنى پۇچەكلەشتۇرىۋاتىدۇ.
شۇڭا ئۇيغۇرلارغا كىرەكلىگى دەل پەلىسەپە.
يول گەرچە يىراق بولسىمۇ ئۇلۇق ئىشقا تۇتۇش قىلىپسىز ئىزلىنىپ بېقىڭ .كۆپچىلىك قولىمىزدىن كەلسىلا كۈچىمىزنى ئايىمايمىز.

ھەممە ئىشنىڭ ۋاق

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34588
يازما سانى: 282
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7581
تۆھپە نۇمۇرى: 112
توردا: 248 سائەت
تىزىم: 2011-3-20
ئاخىرقى: 2011-6-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-4 12:31:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

7-قەۋەت (987877142) نىڭ يازمىسىغا

مىنىڭچە سىز بۇ ئەقلىڭىز بىلەن جاۋاپ بىرەممەيدىغاندەك تۇرىسىز .  [s:164]

ھەممە ئىشنىڭ ۋاقتى بار ، ياشاش، ئۆلۈش، سۆيۈشنىڭ . . .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش