تورداشلارغا دۈشەنبىلىك سوۋغات
(ئابدۇۋەلى راخمان ھەققانى )
[align=justify]
قىز : بىز تۇنۇشقىلى ئاران ئۈچ كۈن بولغان تۇرسا ،مىنى شۇنچىۋالاتېز چۈشۈنۈپ بولدىڭىزمۇ ؟
يىگىت :چۈشەندىم،چۈشەندىم ....مەن خېلى بۇرۇنلا سىزنى چۈشۈنۈپ بولغان .
-شۇنداقمۇ ؟
-ئەلۋەتتە ،بانكىدا خىزمەت قىلىۋاتقىنىمغا ئۈچ يىلدىن ئاشتى،.ئانىڭىزنىڭ ئامانەت قويغان پۇلى ھەقىقىتەنمۇ
ئاز ئەمەس،بۇ ماڭا بەش قولدەك ئايان. [align=justify]
************
[align=justify]بىر ئوغۇل بالا تىت- تىت بولغان ھالدا ماگېزېنغا كىردى-دە،مال ساتقۇچىغا مۇنداق دىدى:
-بېرادەر ،ئاۋۇ قىممەت باھالىق پەلتونى بەش-ئون مىنۇت پوكەي ئىچىگە تىقىپ قويغان بولسىڭىز ،
مال ساتقۇچى :نىمىشقا ؟
ئوغۇل: قىز دوستۇم بىر ئازدىن كىيىن پەلتو سېتىۋالغىلى كەلمەكچى ئىدى .
***************
[align=justify] <<مىنىڭچە،-دەپتۇ بىر ئادەم زىياپەتتە ئولتۇرۇپ،- سورۇن ئاخىرلاشماي تۇرۇپلا كېتىپ قېلىش
تولىمۇ ئەدەپسىزلىك >>.
<<راست دەيسىز >> دەپتۇ يەنە بىرەيلەن ئۇنىڭ سۈزىنى تەستىقلاپ <<مانا مەن ئادەتتە ساھىپخان
قوغلىمىغىچە ھەرگىز كەتمەيمەن >>.
*************** [align=justify]
تۇغۇت بۈلۈمىنىڭ بىردوختۇرى ئۆز ئالدىغا ئامبۇلاتورىيە ئاچقان كۈنى ئاخشىمى ئېرى ئۇنىڭدىن :
<<بۈگۈن تىجارەت قانداقراق ؟>> دەپ سوراپتۇ .
<<خۇداغا شۈكرى ،يامان ئەمەس ،ئانا -بالىنى قۇتقۇزالمىساقمۇ ،ھەر ھالدا دادىسى ساق تۇرۇپ
بەردى >>دەپتۇ دوختۇر .
****************
[align=justify] -ۋاي -ۋۇي بالام ،قولۇڭ نىمە بولدى ؟
-مەن ئىتنىڭ چىشىنى ساناپ باقاي دىگەن .
_ئىت قولۇڭنى چىشلىۋالغان ئوخشىمامدۇ ؟
-شۇنداق ،ئۇ مىنىڭ بارماقلىرىمنى ساناپ باقاي دىگەن چېغى . [align=justify]
******************* [align=justify]
بىر جۇپ ئەر -خۇتۇن مىھمان سارايغا چۈشۈپتۇ ،خۇتۇنى يۇيۇنماقچى بولۇپ ئېرىدىن :
<<بۇ يەردە يۈشۈرۈن سۈرەتكە تارتىش ئاپپىراتى يوقتۇ-ھە >> دەپ سوراپتۇ .
ئېرى چىرايىنى ئۆزگەرتمەي تۇرۇپ :<<خاتىرجەم بولۇڭ قەدىر لىگىم،سىزنىڭكىدەك پىگورىنى
تارتقان تەقدىردىمۇ ،ئىشلەتمەي كىسىپ ئېلىۋېتىدۇ >> دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ . [align=justify]
*******************
[align=justify]مەنبە: ئۆزۈم تاللىۋالغان يومۇرلاردىن