كومپىيۇتىر ئىشلىتىشتىكى كىچىك ئىللەتلەر
1. Enter كۇنۇپكىسىنى كۈچەپ ئورۇش
بۇ بەلكىم ھەممە ئادەمنىڭ ئورتاق كەمچىلىگى بۇلسا كېرەك.چۈنكى Enter كۇنۇپكىسى ئادەتتە بىزنىڭ مەلوم بىر ئشنى ئورۇنداپ بۇلغاندىن كىيىن چىكىدىغان ئەڭ ئاخىرقى كۇنۇپكىمىزدۇر.غەلبە قىلغاندەك ھىسيات پەيدا بۇلۇشى سەۋەبىدىب بۇلسا كېرەك.ھەممە ئادەم بۇ Enter كۇنۇپكىسىنى باسقاندا دائىم ئۈزىنى يىنىكلەپ قالغاندەك ھىس قىلىپ. Enter كۇنۇپكىسىنى كۈچەپ باسىدۇ.كۆپلىگەن كۇنۇپكا تاخـتىلىرى مانا مۇشۇ سەۋەپتىن بۇزىلىدۇ.
ھەل قىلىش چارىسى:بۇنى ھەل قىلىش چارىسى ئككى خىل بۇلۇپ،بىرىنچىسى،ئۈزىڭىزنىڭ كەيپىياتىنى تىزگىنلەڭ.ئككىنچىسى، يانچۇقىڭىزغا كۇنۇپكا تاختىسى سېتىۋالدىغان پولنى غەملەپ قۇيۇڭ.
2.كومپىيۇتىرنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ ئوششاق يىمەكلىك يىيىش.
بۇ ئادەت ھەممە ئادەمدە بۇلۇشى مۇمكىن،بۇلۇپمۇ كومپىيۇتىرغا بېشىچىلاپ كىرىپ كەتكەنلەر كومپىيۇتىر ئۈستىلىنى تاماق ئۈستىلى قېلۋالىدۇ،سىز كۇنۇپكا تاختىسىنى بىر قېتىم چۇۋۇپ باقسىڭىز،سىزنىڭ بۇنداق ھەركەتلىرڭىز ئازىيشى مۇمكىن،سىز كۇنۇپكا تاختىڭىزنىڭ ئاستىدىكى گۈرۈچ دانچىلىرى،پىچىنە ئوۋاقلىرى،چاچ قاتارلىقلارنى كۆرگەندە چۇقۇم چۈچۈپ كىتىشىڭىز مۇمكىن.بەزىلەرنىڭ كومپىيۇتىرخاندىكى كۇنۇپكا تاختىسى ھاجەتخاندىنمۇ مەينەت دىيىشنىڭ ئاساسى بار.
ھەل قىلىش چارىسى:كومپىيۇتىرنىڭ ئالدىدا يىمەلىك يىيىشتىن ساقلىنىڭ ياكى سۇدىن ساقلىندىغان PHILIPS كۇنۇپكا تاختىسىدىن بىرنى ئېلىڭ،ئاندىن قەرەللىك ھالدا تازىلاپ تۇرۇڭ،ئەگەر پولىڭىزكۆپرەك بۇلسا،ھەر يېرىم يىلدا بىر قېتىم كۇنۇپكا تاختىسىنى ئالماشتۇرۇشنى ئويلاشسىڭىزمۇ بۇلىدۇ.
3.ئوپتىك دېسكىنى دائىم كومپىيۇتىردا قۇيۇپ قۇيۇش(تېخى فىلىم كۈرۈۋاتقاندا ۋاقىتلىق تۇختۇتۇپ قۇيۇپ ئوينىغىلى ياكى تاماق يىگىلى چىقىپ كىتىش)
نۇرغۇن كىشىلەر ئاۋارىچىلىقتىن قېچىپ ئوپتىك دېسكىنى دائىم كومپىيۇتىردا قۇيۇپ قۇيۇشنى، بۇلۇپمۇ CD دېسكىنى كومپىيۇتىردا قۇيۇپ قۇيۇشنى ياخشى كۈردۇ.ئەمىليەتتە بۇ ئنتايىن ياخشى بۇلمىغان ئادەتتۇر.
ھەل قىلىش چارىسى:ئامال بار ئوپتىك دېسكىدىكى مەزمۇنلارنى قاتتىق دېسكىغا كۈچۈرۋېلىپ ئشلىتىڭ،مەسىلەن: CD نى MP3 گە ئايلاندۇرۋېلىڭ.ئويۇندا ئامال بار قاتتىق دېسكا نۇسقىسىنى ئېشلىتىڭ.
4.كومپىيۇتىرنى تاقىغاندىن كىيىن دەرھاللا يەنە ئېچىش.
نۇرغۇن ئادەمنىڭ ئېنكاسى تىز بۇلۇپ،كومپىيۇتىرنىڭ توك مەنبەسى ئەمدىلا تاقالغاندا دەرھال ئېسىگە كىلىپ بۇلىدۇ،ئاندىن كومپىيۇتىرنى ئاچىدۇ،كومپىيۇتىر تاقالغاندىن كىيىن قايتا ئېچىلغۇچە10سېكۇتقىمۇ يەتمەيدۇ،لېكىن،بۇنداق قىلمىشلارنىڭ كومپىيۇتىرغا قانچىلىك زىينى بارلىغىنى بېلىشى كېرەك.
5.كومپىيۇتىر ئاساسىي ئاپارات قىسمىنى ئېچىپ قۇيۇپ كومپىيۇتىر ئشلىتىش
كومپىيۇتىر ئاساسىي ئاپارات قىسمىنى ئېچىپ قۇيۇپ كومپىيۇتىر ئشلەتكەندە CPU نىڭ تېنپىراتۇرسىنى تۆۋەنلەتكىلى بۇلىدۇ،بىراق بۇنداق قىلىش بۇلسا باشقا زاپچاسلارنىڭ مەنپەتىنى زىيانغا ئوچىرتىش بەدىلىگە كىلىدۇ.
6.ئېكراننى قۇلدا تۇتۇش. قايسى خىل ئېكران بۇلۇشىدىن قەتئى نەزەر ھىچقايسىنى قۇلدا تۇتساق بۇلمايدۇ.
7.ئۈستەل يۈزىگە ئوخشاش بىر تەگلىك سۈرىتىنى ياكى تىنىچ سۈرەت بار ئېكران ئاسراش پىرۇگگىراممىسىنى ئشلىتىۋېرىش.
8.ئپتىك دېسكا ياكى باشقا نەرسىلەرنى ئېكراننىڭ ئۈستىگە قۇيۇپ قۇيۇش.
9.كومپىيۇتىرنىڭ ئاساسىي ئاپاراتىغا پوتىنى قۇيۇۋېلىش.
10.كومپىيۇتىرنى ھاۋا تەڭشىگۈچ،شامالدۇرغۇچ،تېلۋۇزۇر قاتارلىق ئائلە ئىلىكتىر سايمانلىرى بىلەن بىر چاتقۇغا چېتىش.
بۇنى كومپىيۇتىرغا زىينى بار دىيشىمىزنىڭ سەۋەبى بۇلسا ئلىكتىر ماتۇرى بار ئائلە ئلىكتىر سايمانلىرى خىزمەت قىلغاندا توكنىڭ داۋالغۇشىنى پەيدا قىلىدۇ،بۇنىڭ كومپىيۇتىرنىڭ تۇك سېستىمىسىنى بۇزۇۋېتىش ،كومپىيۇتىرڭىزنى ئشلىمەس قىلىپ قۇيۇش،ھەتتاكاردىن چىقىرىش ئېھتىمالى بار.
11.كومپىيۇتىرغىمۇ قۇشۇپ تاماكا چەكتۈرۈش.
تاماكا ياكى ئس-تۈتەكلەر ئۆپكىڭىزنى زەخمىلەندۈرگەنگە ئوخشاش، تاماكا ئسى يۇمشاق دېسكا قۇزغاتقۇچىڭىزنىڭ ئچىگە كېرۋېلىپ، ئونىڭدىكى ،ماتىرياللارغا زىيان يەتكۈزىدۇ.
مەنبە:http://bilimdan.blogbus.com/logs/106965927.html