مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3275|ئىنكاس: 44

قـار بـاسقان يولــلار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2920
يازما سانى: 305
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 6998
تۆھپە نۇمۇرى: 310
توردا: 169 سائەت
تىزىم: 2010-6-23
ئاخىرقى: 2012-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-5 03:31:59 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

  

ئاپتورى: ئايىمگۈل ئابدۇكېرىم

(ھىكايە)

قار باسقان يوللاردا كېلىمەن يالغۇز،
ھىجرانلار يەلكەمگە يېپىشقان مەھكەم.
بەخىتنىڭ شولىسى قالدىكىن نەدە،
پۇچۇلغان يۈرەككە تېپىلغايمۇ ئەم!



   ئۆيگە كىرىپ بوسۇغىدا ئايىقىمنى سېلىپ، تېخى بېشىمنى كۆتۈرۈشكە ئۈلگۈرمەيلا، يۈزۈمگە <<چاڭڭىدە>> تەككەن بىر شاپلاق بىلەن، سەنتۈرلۈپ بېرىپ ئاياق ئىشكاپىنىڭ قىرىغا ئۈستۈم. تېخى نېمە بولغىنىمنى ئاڭقىرىپ بولغىچە ئۇ ياقامدىن سىلكىشلەپ تۇرغۇزدىدە : 

     _ نەدە ئويناپ كەلگەن بولساڭ شۇ يەرگە بېرىپ يات !- دېگىنىچە ئىشىكتىن ئىتتىرىپلا چىقىرۋەتتى. بېشىم خۇددى زەرب بىلەن يېپىلغان ئىشىكنىڭ ئارىسىغا قىستۇرلۇپ قالغاندەك ھېچنىمىنى ئاڭقىرالماي لوقۇلداپ ئاغرىۋاتاتتى. شۇ ھالەتتە ئىشىككە قاراپ قانچىلىك تۇرغىنىمنى بىلمەيمەن، ئېسىمنى بىلگىنىمدە مۇزدەك يەرگە دەسسەپ تۇرغان پايپاقچان پۇتلىرىمدىن تاراۋاتقان سوغوق تەسىرىدىنمۇ ياكى ئەلەم خورلۇق دەستىدىنمۇ پۈتۈن بەدىنىم جالاقلاپ تىتىرەۋاتاتتى. ئاچلىق، خورلۇق، ھارغىنلىقتىن پۇت-قولۇمدا ئۆرە تۇرغۇدەك ماغدۇر يوق . ئاستا بېرىپ ئىشىك ئالدىدىكى پەلەمپەيدە ئولتۇرۋالدىم. سائىتىمگە قارىسام ۋاقىت ئاللىقاچان 11 دىن ئاشقانىدى. بىنادىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇخلاپ بولغان، سوغوق كارىدوردا مەن گويا ئەرۋاھلاردەكلا ئولتۇراتتىم. پەستىن بىرىنىڭ يۆتەلگەن ئاۋازى بىلەن كارىدورنىڭ چىرىغى ياندى. قايسى بىر سورۇندىن كەلدىمىكىن ئۇدۇلدىكى خەنزۇ قوشنام، مەسلىكتىن دەلدەڭشىپ قالغان ئېرىنى يۆلىگىنىچە چىقىپ كەلدى. ئۇماڭا قاراپ : 
    _ يەنە ئىچىپتۇدە؟!- دەپ سورىدى. مەن بېشىمنى لىڭىشتىپ قويدۇم. ئۇ ئىرىنى يۆلەشتۈگىنىچە كىرىپ كەتتى. بىلەكلىرىم بىلەن تىزىمنى قۇچاقلىغىنىمچە ئولتۇرىۋاتىمەن. كارىدورنىڭ چىرىقى ئۆچكەن، ياندۇرغۇممۇ كەلمىدى. چېقىلىپ كەتكەن دەرىزىدىن سۇس ئاي نۇرىنى ئەگەشتۈرگىنىچە كىرىۋاتقان ئاچچىق سوغوق تىنىمنى قورۇيتى. مەن خۇددى يۈرۈكۈمنىمۇ ئاشۇ دېرىزىدەك ئۆتمە-تۆشۈك بولۇپ كەتكەندەك ھېس قىپ قالدىم...
   شۇنداق ئولتۇرۇپ كىچىكىمدىكى بىر ئىش يادىمغا كېلىپ قالدى. كىچىكىمدە توپ ئويناشقا بەك ئامراق ئىدىم. بوۋام ئېلىپ بەرگەن قوش مۇشتەك چوڭلىقتىكى بىر ئالا يېشىل توپۇم بار ئىدى، قىش كۈنلىرىنىڭ بىرئەتىگىنى ئىدى. سىرتتا لەپىلدەپ قار يېغىۋاتاتتى، ئۆيدە ئاكام ئىككىمىز بىر-بىرىمىزگە توپ ئېتىشىپ ئويناۋاتاتتۇق.بىر چاغدا مەن ئاتقان توپ قاڭقىپ بېرىپ تامغا ئېسىلغان سائەتكە تەگدى-دە، سائەت يەرگە چۈشۈپ ئەينەكلىرى پارە-پارە بوپكەتتى. توپ بولسا ئۇيەردىن قاڭقىپ ئاپام ئەمدىلا چۆپ سالغان قازاندىكى ئاشقا چۈشۈپ بوققىدە يېرىلدى. ئاكام بىلەن ئىككىمىز بولساق خۇددى بىر ياخشى ئىش قىلغاندەك قاقاقلاپ كۈلۈۋاتاتتۇق. ئاپام ھەركەتكە كېلىپ ئاكامغا بىر نەرسە دەپ بولغىچە ئۇ ئىشىكتىن چىقىپ بولدى. ھەممە بالاغا مەن قالدىم. ئاپام گەجگەمدىن كۆتۈرگۈنىچە ئاچىقىپ تالادا تۇرغۇزۇپ قويۇپ:
    _ مەن يەنە بىر قازان ئاش ئېتىپ بولغىچە مۇشۇنداق تالادا تۇرىسەن،- دەپ كىرىپ كەتتى. ئاپام ئۆيگە كىرىپ كىتىپ بولغىچە نامازدىن يانغان بوۋام كىلىپ: 
    - ھە شەيتان! يەنە نىمە خاپىلىق تېرىدىڭ؟_ دېگىنىچە مېنى كۆتۈرۈپ ئىسسىق جۇۋىسىغا ئورىۋالغانىدى... شۇ ئىشلارنى ئويلاپ ، ئاچچىققىنە كۈلۈمسىرەپ قويدۇم. مەڭزىمنى بويلاپ ئېقىۋاتقان ياشلىرىم توڭلاپ سىزىمىنى يوقاتقان پۇتلىرىمغا توروكلاپ چۇشۇۋاتاتتى. ئىچ- ئىچىمدىن توڭلاپ كىتىۋاتاتتىم. ئەمما ئشىكنى چىكىش، ئۇنىڭغا يالۋۇرۇشقا ئەسلا رايىم يوق! شۇ تەرىقىدە ئولتۇرۇپ سائەت بىردىن ئاشقانىدى. ئىشىك تاراقلاپ ئېچىلىپ، ئۆيدىن چىققان قاڭسىق پۇراق بۇرنۇمغا ئۇرۇلىشى بىلەن تەڭ بوسۇغىدا ئۇنىڭ كېلەڭسىز پۇتلىرى كۆرۈندى. قارىغاندا تەرىتى قىستاپ ئۇيقۇسى ئېچىلغاندا ئاندىن مەن يادىغا يەتكەن بولسام كىرەك. 
    - كىرە ئۆيگە! توڭلاپ ئۆلمە يەنە!- مېنىڭ مىدىرلىماي ئولتۇرغىنىمنى كۆرۈپ ئۈيەنە ۋارقىرىدى:

    - قوپەھوي، سوغوق خوشياققان ئوخشىمامدۇ؟
ئاستا ئورنۇمدىن تۇردۇم. ئۇيۇشۇپ قالغان پۇتلىرىم مېڭىشقا كەلمەيۋاتاتتى. بوسۇغىدىن ئاتلاپ بولغىچە ئۇنىڭ پۇتىغا پۇتلىشىپ يىقىلىپ چۇشتۈم. ئۇ ئىشىكنى يەنە شۇنداق زەردە بىلەن ياپتى-دە: 
    - ھازىر بەك كەچ بۇلۇپ كەتتى، قالغان ھېساباتنى سەن بىلەن ئەتە قىلمەن! - دەپ قويۇپ مېنىڭ ئۈستۈمدىن ئاتلاپ ئۆتۈپ ياتاق ئۆيگە كىرىپ كەتتى. پولدىكى گىلەم ئۈستىدە تۈگۈلگىنىمچە خېلى ئۇزۇن ياتتىم. پۇت- قوللىرىم سەل ئەسلىگە كەلگەندە مىھمانخانا ئۆيگە كىرىپ ئورۇن راسلاپ ياتتىم. شۇنچە قېلىن يوتقاندا پۈركۈنۈپ ياتساممۇ ھېچ ئىسسىمايۋاتاتتىم. ئۇيقۇم كېلىدىغاندەك ئەمەس، مەھكەم يۇمۇلغان كۆزلىرىمدىن ئوغۇرلىقچە چىقىۋاتقان ياشلار ياستۇقۇمنى ھۆللەيتى. ھېچ سەۋەبىنى سورىمايلا قىلىۋاتقان بۇ خورلۇققا چىدىمايۋاتاتتىم. كەچ قالغىنىمدىنغۇ ئەسلا ئەنسىرمىسۇن، ھېچ بولمىسا ئاۋال سەۋەبىنى سورىشى كېرەكتىغۇ؟ ئۇ كەچ قالغان سانسىز كېچىلەردە مەن ئۇنىڭ ئۈچۈن ئىشىك ئاچقانغۇ؟ ئىسسىق تاماقلارنى ئىتىپ ساقلىغانغۇ؟ بۇ مېنىڭ ئۇنىڭ رۇخسىتىسىز تۇنجى قېتىم كەچ قېلىشىمغۇ؟ ماڭا چۇشەندۈرگىدەك پۇرسەت بېرىشى كېرەكتىغۇ؟........
  
    كەچتە ئىشتىن چۈشۈپ سەي-كۆكتاتلار قاچىلانغان خالتا-خۇلتىلارنى كۆتۈرۈپ بىنانىڭ ئىشىكى ئالدىغا كېلىشىمگە سايرىغان تېلفۇننى ئالدىراپ ئالغۇم كەلمىدى. يەنە شۇنىڭدىن كەلگەن تېلفۇندۇ بەلكىم. <<كەچتە قايىتمايمەن، ئىشىم بار!>> نەچچە كۈندە بىر تەكرارلىنىپ تۇرىدىغان بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغۇم يوق ئىدى. << نىمە ئىشىڭىز بار ئىدى؟>> دەپ سورىيالماي ئەلەم بىلەن تېلفۇننى قويىۋىتەتتىم.سورىساملا ئاڭلايدىغىنىم تىل-دەشنام بولاتتى... ئەمما تېلفۇنۇم بىزەڭلەرچە سايرەۋەردى. قولۇمدىكى نەرسىلەرنى قويۇپ تېلفۇننى ئالدىم:
    -ۋەي!
    -ۋەي، زۆھرە خانىمما؟(بىز تەرەپتە ئايال ئوقۇتقۇچىلارنى شۇنداق ئاتايدۇ)
    -ھە مەن!
_ مەن تۇرسۇن، ھازىرلا مەكتەپكە كەلگەن بولسىلا بوپتىكەن خانىم، ئارزۇگۈلنىڭ مىجەزى يوق، پەقەت بولامماي...._ ئۇنىڭ گېپى تۈگىمەيلا تىلفۇنۇمنىڭ تۇكى تۈگەپ ئېتىلىپ قالدى. 4-قەۋەتتىكى ئۆيۈمگە ھاسىراپ-ھۆمۈدەپ چىقىپ قولۇمدىكى نەرسىلەرنى ئىشىكنىڭ تۈۋىدىلا ئۆي ئىچىگە تاشلاپ قويۇپ ئارقامغا ياندىم. موتوسىكىلتىمنى ئۇچقاندەك ھەيدەپ كېتىۋاتىمەن. ئارزۇگۈل دېگەن بۇ ئوقۇغۇچۇم مىجەزى يوق بولغاچقا ئەتىگەندىن بېرى دەرسكە قاتنىشالمىغان ئىدى. بايا ئىشتىن چۈشكەندە ياتىقىغا كىرىپ ئەھۋال سوراشنى ئويلىغان بولساممۇ چۈشتىن كېيىن ئوقۇغۇچىلارغا تەكرار قىلىپ تۆت سائەتتىن ئارتۇق ئۆرە تۇرغان ھارغىن پۇتلىرىم مېنى ئىختىيارسىز ئۆيۈمگە باشلىغان ئىدى.<< نىمە بولغاندۇ؟_ ئويلايمەن ئىچىمدە_ ئىمتاھانغا ئازقالغاندا بىرەر پىشكەللىك بولمىسا بولاتتى...>> مەكتەپ ئالدىغا كەلگىنىمدە ئالدى تەرەپتىن كەلگەن جىددىي قۇتقۇزۇش ماشىنىسى كۈچلۈك سىگناللىرى بىلەن مەكتەپنى بېشىغا كەيگىنىچە كىرىپ كەتتى. بۇنى كۆرۈپ تېخىمۇ قورقتۇم.قىزلار ياتاق بىناسىنىڭ ئالدىغا كەلگىنىمدە چىرايىدا قان دىدارى قالمىغان ئارزۇگۈل نوسولكىدا ئىڭرىغىنىچە ياتاتتى. بىردەمدىلا ناھىيلىك دوختۇخانىنىڭ ئالدىغا يىتىپ كەلدۇق.دوختۇرلار ئارزۇگۈلنى جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە ئېلىپ كىرىپ كەتتى.ئۇنىڭ ئالدىدا نىمە قىلارىمنى بىلمەي تەمتىرەپلا قالغانىدىم.بىرچاغدا دوختۇر چىقىپ: 
    - جىددى خارەكتىرلىك سوقۇر ئۈچەي ياللۇغىكەن، دەرھال ئوپىراتسىيە قىلمىساق سوقۇر ئۈچىيى يېرىلىپ ھاياتىغا خەۋپ يىتىشى مۇمكىن. بىمارنىڭ ئىگىسى دەرھال پۇل تۆلەپ، ئوپراتسىيە كىلىشىمنامىسىگە ئىمزا قويسۇن ! - دېدى. مەن بىلەن بىللە كەلگەن سىنىپ باشلىقى تۇرسۇننى ئارزۇگۈلنىڭ ئۆيىدىكىلەرگە خەۋەر قىلىشقا ئېۋەتىۋېتىپ ئۇتۆشۈكتىن بۇ تۆشۈككە قاتراپ يۈرۈپ پۇل تۆلىدىم . قىزنىڭ ئۆيى يىراق، ئۆيىدىكىلەر كېلىپ بولالمىغاچقا ئوپراتسىيە كىلىشىمنامىسىگە مەن ئىمزا قويدۇم. ئوپراتسىيەخانا ئالدىدا دەككە- دۈككىدە ئولتۇرۇپ ساقلاۋاتىمەن. بىرچاغدا ئارزۇگۈلنىڭ ئاتا-ئانىسى يىتىپ كەلدى.
    _ تىچلىقمۇ خانىم! قىزىمغا نىمە بولغاندۇ؟ ئەھۋالى قانداقراق؟_ ئارزۇگۈلنىڭ ئانىسى بىلەن كۆرۈشۈپ مەڭزىدىكى ياشلىرىنى سۈرتكەچ تەسەللىي بەردىم:
    _ ئەنسىرەپ كەتمىسىلە، چوڭ چاتاق يوقكەن، سوقۇر ئۈچەي ياللۇغى بولۇپ قاپتۇ. ھازىر ئوپىراتسىيە قىلىۋاتىدۇ.
ئوپىراتسىيە دېگەننى ئاڭلاپ بۇ ئايال تېخىمۇ بەك ئەنسىرەپ يىغلاشقا باشلىدى.
    _ يىغلىمىغىنا ئادەمنىڭ بېشىنى ئاغرىتىپ! يىغلىساڭ نىمىگە پايدىسى؟ يىغلىماي ئاللادىن بالاڭنىڭ ساقلىقىنى تىلىگىنە خوتۇن!_ دېدى ئارزۇگۈلنىڭ دادىسى. تەخمىنەن ئىككى سائەتلەردىن كېيىن ئىشىك ئېچىلىپ ئاۋال دوختۇر، ئاندىن سېستىرالارنىڭ ھەمرالىقىدا ھارۋىغا ياتقۇزۇلۇپ ئارزۇگۈل چىقىپ كەلدى. ئوپراتسىيە ئوڭۇشلۇق بولغان ئىدى. ئارزۇگۈلنى ياتاققا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ھوشىغا كەلگەندىن كېيىن ئەتە كېلىدىغانلىقىمنى ئېيتىپ دوختۇرخانىدىن چىقتىم. تاكسىدىن بىرنى توسۇپ تۇرسۇننى مەكتەپكە ئاپىرىپ دەرۋازدىن كىرگۈزىۋەتكەندىن كېيىن ئاندىن ئۆيگە قاراپ ماڭدىم. ماشىنىنىڭ ئارقىسىغا ئۆزەمنى تاشلاپ ئولتۇرۇپ قورسۇقۇمنىڭ بەكلا ئاچقانلىقىنى ھېس قىلدىم. ئەتىگەن قىلغان ناشتىلىق بىلەن ئىدىم. چۈشتە ئۆيگە كەلسەم گاز تۈگىگەن بولغاچقا گاز ئەكەلتۈرۈپ تاماق ئىتىشكە ئۈلگۈرەلمەي ئىشقا كەتكەن ئىدىم.بايامقى ئالدىراشچىلىقتا كەچلىك تاماق يىگۈدەك نەدە ۋاقىت! ئۆينىڭ ئالدىغا كېلىپ قارىسام ئۆينىڭ چىرىغى تېخى يۇرۇق ئىدى.بۈگۈن بىر يەرگە بارماپتۇدە؟ قارىغاندا مېنى يەنە بىرمەيدان جەڭگە-جىدەل ساقلاپ تۇرغاندەك قىلاتتى.ئۆيگە كىرىشىمگىلا......
    ئىچ-ئىچىمدىن بۇغۇلاتتىم. كۈچۈم يەتسە ھازىرلا چىقىپ ئۇنى دەرىزىدىن تاشلىۋەتكەن بولاتتىم!
     ئەتىگەن يەنىلا كۈندىلىك ئادىتىم بويىچە بالدۇرلا تۇرۇپ كەتتىم. بېشىم لوقۇلداپ ئاغرىپ، پۇت-قوللىرىم گىلدىڭشىپلا تۇراتتى.شۇنداقتىمۇ ناشتىلىق تەييارلىدىم. ئۇنى ئويغاتمايلا ئۆزەم ناشتا قىلىۋەردىم. قايسى زامان بولۇپ كەتتى ئۇنىڭ بىلەن بىللە چىرايلىق ئولتۇرۇپ ناشتا قىلىپ باقمىغىلى؟! گېلىمدىن زەھەر ئۆتكەندەك ئۆتىۋاتقان تاماقنى كۆزيېشىم بىلەن قۇشۇپ زورلاپ يۇتۇپ ناشتا قىلدىم. ئۆزەمنى تۈزەش ئۈچۈن ئەينەك ئالدىغا كېلىپ چۆچۈپ كەتتىم. كۆزلىرىم قىزىرىپ قاپاقلىرىپ ساڭگىلىغان، سول مەڭزىم قىزىرىپ ئىششىغان، چېكەم كۆكۈرۈپ تۇخۇمدەكلا ئۆرلەپ چىققان ئىدى.
ئۇپىنى قېنىقراق سۈرتۈپ مەڭزىمدىكى قىزىللىقنى سەل يوقاتقاندىن كېيىن ئىشىكتىن چىقتىم. سىرتتا لەپىلدەپ قار يېغىۋاتاتتى. پەلتويۇمنىڭ ياقىسىنى كۆتۈرۈپ قويۇپ ئاستا قەدەملەر بىلەن يۈرۈپ كەتتىم. ئايىقىم ئاستىدا دەسسىلىۋاتقان قارلار ئۆزىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان ئاللىقانداق بىر ئەسلىمىلەرنى ئەسلەتمەكچى بولغاندەك كۈچلۈك غىرىسلايتتى. چاچلىرىمغا قونغان قارلارنى چۈشۈرۈش ئۈچۈنمۇ ۋەياكى ئۆزەمنى ئەسلىمىلەردىن قاچۇرۇش ئۈچۈنمۇ بېشىمنى سىلكىپ- سىلكىپ قوياتتىم. تۇيۇقسىز يېنىمدىلا  توختىغان تاكسىدىن چۆچۈپ كەتتىم. ماشىنىنىڭ كەينى ئىشىكى ئېچىلىپ بۇرۇنقى ئۇستازىم،ھازىرقى خىزمەتدىشىم ئاسىيەم مۇئەللىمنىڭ بېشى كۆرۈندى.
    _ چىقىڭە زۆھرە!
تارتىنمايلا ئۇنىڭ يېنىغا جايلاشتىم.ماشىنا سىلىق يۈرۈپ كەتتى. ماشىنىنىڭ ئىچى ئىسسىق بولۇپ چاچلىرىمدىكى قارلار ئېرىپ بوينۇمغا سىرغىۋاتاتتى.
    _ تۆنۈگۈنكى قىزنىڭ ئەھۋالى قانداقراق؟ ئەنسىرەپلا قالدۇق زادى!_ سورىدى ئاسىيەم مۇئەللىم قولياغلىقىنى سۇنغاچ. مەن جاۋاب بېرىپ بولغىچە يەنە ئۇلاپلا سورىدى:
    _ ۋاي خۇدايىم يۈزىڭىزگە نىمە بولدى؟ پېشانىڭىز كۆكۈرۈپ قاپتۇغۇ؟
يۈزلىرىم لەپپىدە ئوت ئالدى.
    _ ئۇ قىز سوقۇر ئۈچەي ياللۇغى بولۇپ قاپتىكەن ،ئوپىراتسىيە قىلدى. ئاخشام شۇ دوختۇرخانىدىن كىلىپ بولغىچە كېچە بولۇپ كېتىپ، كارىدورنىڭ چىرىقى بۇزۇلۇپ قاپتىكەن قاراڭغۇدا يىقىلىپ چۈشۈپ، پەلەمپەينىڭ قىرىغا ئۈسىۋالدىم،_ قولياغلىقنى ئۇنىڭغا قايتۇرۇپ بېرىپ ئۇنىڭدىن كۆزلىرىمنى قاچۇرۇپ سىرتقا قاراپ ئولتۇرۋالدىم. مۇئەللىم ئارتۇق گەپ قىلماي چوڭقۇر بىرنى تىنىپ قويۇپ ، قوللىرىمنى ئىسسىق ئالقانلىرى ئارىسىغا ئېلىپ چىڭڭىدە سىقىپ قويدى. تۇرمۇشنىڭ نۇرغۇن ئىسسىق_سوغوقلىرىنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن بۇ ئايال ھەممىنى چۈشۈنۈپ بولغان ئىدى.
    مەكتەپكە كەلگىنىمىز دە مەيدان قار ئويناۋاتقان بالىلارنىڭ ۋاڭ-چۇڭلىرى بىلەن قىزىپ كەتكەن ئىدى. ئاسىيەم مۇئەللىم بىلەن بالىلارنىڭ ئويۇنىغا سەپسالغاچ پاراڭلىشىپ كىتىپ باراتتۇق، تۇيۇقسىز بېشىمغىلا تۈكۈلگەن بىر گۈرجەك قاردىن ئەندىكىپ كەتتىم. بالىلار پاراقلاپ كۈلىۋاتاتتى. ئالدىمدا سىنىپ باشلىقى تۇرسۇن كۈلگىنىچە قېچىۋاتاتتى. ئاسىيەم مۇئەللىممۇ كۈلۈپ كەتتى.
    _ ئەينى ۋاقىتتا سىلەر ماڭا قىلغان شوخلۇقلار ئىدى بۇ،ھەش-پەش دېگۈچە ئەمدى سىزنىڭ بېشىڭىزغا كەلدى مانا،_ دېدى ئۇ ئۈستۈمدىكى قارلارنى قېقىشتۇرغاچ. بالىلارغا قاراپ كۈلۈپ قويۇپ ئىشخانىغا كىرىپ كەتتىم. مۇئەللىمنىڭ گېپى بىلەن تەڭ بايامدىن بېرى ئۆزەمنى ئاران قاچۇرۇپ تۇرغان ئەسلىمىلەر بىراقلا يۇپۇرلۇپ كەلگەن ئىدى...
    شۇچاغدىمۇ مەيدان بۈگۈنكىدەك قىزىپ كەتكەن ئىدى. بىزنىڭ سىنىپتىكى بالىلار قىز- ئوغۇل ئىككى گۇرۇپپا بولۇپ قار ئېتىشىپ ئويناۋاتاتتۇق. مەن ئاتقان بىر قار پومزىكى ئەركىننىڭ قۇلىقىنىڭ تۈۋىگە تېگىشى بىلەن ئۇ <<خەپ!>> دېگىنىچە مىنى قوغلىدى. مەن ۋىلىقلاپ كۈلگەنچە قېچىۋاتاتتىم. ئۇ ئاتقان قار پومزىكى مېنىڭ بېشىمدىن ھالقىپ ئالدىمدا ئۆتۈپ كېتىۋاتقان تەنتەربىيە مۇئەللىمىمىزنىڭ يۈزىگىلا تەگدى.<<ئىم!>>دەپ قالدىم ئىچىمدە. بۇ مۇئەللىمنىڭ ئاچچىقى بەك يامان ئىدى. ئەركىن چىرايى تاتارغىنىچە تۇرۇپلا قالدى.
    _ بوشراق شوخلۇق قىل ھە  ئەركىن! سەن بوپقاپسەن، بولمىسا...._ دەپ ھومۇيۇپ قويۇپ كېتىپ قالدى. ئەركىن <<خەپ! ھەممىنى قىلغان سەن!>> دەپ مېنى يەنە قايتا قوغلىماقچى بولۇشىغا، سىنىپ مۇدىرىمىز ئاسىيەم مۇئەللىم ئۇنى چاقىرىپ قالدى. ئۇ ماڭا ھومۇيۇپ قويۇپ مۇئەللىمنىڭ يېنىغا كىتىپ قالدى. مۇئەللىم مەن تەرەپكە ئارقىسىنى قىلىپ ئەركىنگە بىر نېمىلەرنى تاپىلاۋاتاتتى. تۇيۇقسىز كۆڭلۈمگە بىر جىن كىردى. مەيداننىڭ چېتىدە قار بوۋاي ياساۋاتقان بالىلارنىڭ قولىدىن گۈرجەكتىن بىرنى سوراپ ئالدىم. لىققىدە قار ئالغاندىن كېيىن ، مۇئەللىمگە قاراپ ماڭدىم. مېنى كۆرۈپ تۇرغان ئەركىنگە چاندۇرماسلىقنى ئىشارە قىلىپ قارنى مۇئەللىمنىڭ بېشىغىلا تۈكىۋەتتىم-دە، بەدەر قاچتىم. شۇ چاغدا مۇئەللىم <<زۆھرە دېگەن شەيتان!>> دېگىنىچە قاقشاپ قالغان ئىدى...
   ئەتىگەنلىك مۇزاكىرىنىڭ قوڭغۈرىقى چېلىنىشى بىلەن خىياللىرىم ئۈزۈلدى. سىنىپقا كىرىپ كىمنىڭ كەلگەن_ كەلمىگەنلىكىنى سۈرۈشتە قىلىۋېتىپ، ئارزۇگۈلنىڭ ئەھۋالىنى ئۇختۇرۋەتكەندىن كېيىن، بالىلارنىڭ گۇمان، ئىچ ئاغرىتىش ئارىلاشقان كۆزلىرىدىن ئۆزۈمنى قاچۇرۇپ سىنىپتىن چىقىپ كەتتىم. 1-،2- سائەتلەردە ئۆتىدىغان دەرسىم يوق ئىدى.شۇڭا ئارزۇگۈلنىڭ يوقلاپ كېلىش ئۈچۈن مەكتەپنىڭ ئالدىدىكى تاللا بازىرىدىن بىرنەرسىلەرنى سېتىۋېلىپ دوختۇرخانىغا قاراپ يۈرۈپ كەتتىم. قار يەنىلا لەپىلدەپ يېغىۋاتاتتى. خىياللىرىم ئاشۇ خىرۇستالدەك قار ئۇچقۇنلىرى ئارىسىدا لەيلىمەكتە ئىدى.....
     تۇللۇق ئوتتۇرا ھاياتىمىز بولۇپمۇ تۇللۇق 1-،2- يىللىق ھاياتىمىز ئەنە شۇنداق ئاجايىب كۆڭۈللۈك ئۆتكەن ئىدى. ئەركىن سىنىپ باشلىقى، مەن ئۆگىنىش باشلىقى ئىدىم. ئۇيەنە مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار ئويۇشمىسىنىڭ رەئىسى ئىدى. دەرسلەردە ئالدىنقى قاتاردا، توپنىمۇ ئىنتايىن ياخشى ئوينايتتى. ناخشا ئېيتىدىغان بولسا ھەممەيلەن ھەۋەسلىنىپ قارىشاتتى. يۇقىرى- تۆۋەن يىللىقتىكى بالىلارنىڭ ھەممىسى ئۇنى ھۆرمەتلەيتى. ئوغۇللار ئوتتۇرسىدىكى جەڭگە_ جىدەلمۇ ئۇ ئارىغا چۈشسە چىرايلىق بېسىقىپ قالاتتى. ئوقۇتقۇچىلارمۇ ئۇنىڭغا ئالاھىدە كۆزدە قارايتتى. ئۇ قىزلار ئارىسىدا مەن بىلەن ئەڭ يېقىن ئىدى. ئىككىمىزنىڭ دىيىشمىگەن گىپىمىز قالمايتتى. بەزىبىر ھىسياتچان قىزلارنىڭ ئۇنىڭغا ئاتاپ يازغان سۆيگۈ مەكتۇپلىرىمۇ مېنىڭ نەزىرىمدىن قېچىپ قۇتۇلالمايتتى.
    _ تازىمۇ ئەخمەقكەنغۇ بۇلار!_ دەيتىم شۇنداق چاغلاردا پىخىلداپ كۈلۈپ،_ سىنىڭ نەرىڭگىمۇ كۈيۈپ يۈرگەندۇ بۇئەخمەقلەر؟ كۆزى كورمىدۇ دەيمەندە بۇلارنىڭ؟
    _ ۋاي سەندەك كۆزى ئۆتكۈرلەر كىمنى تاپىدۇ، كۆرەمىز قېنى!_ دەيتتى ئۇ تېرىكىپ.
مەنمۇ ھەم ئۇنداق خەتلەرنى تاپشۇرۋېلىشتىن خالىي ئەمەس ئىدىم. خەتلەرنى ئوقۇپ ئۆزۈمچە كۈلەتتىم. ئەركىنگە كۆرسەتسەم بۇنداق چاغلاردا ئۇ خۇيلىنىپ قالاتتى.
    _ قانداق ماز گۇيلار بۇ؟ ئوڭلاپ ماڭقىسىنى ئېيتالماي كۆيدۈم_ پىشتىم دەپ كەتكىنىنى؟ خەقنىڭ بېشىنى ئاغرىتىپ ئاۋارە قىلغۇچە ئوقۇشىنى ئوقۇسا بولمامدۇ؟_ ئۇنىڭ بۇنداق گەپلىرىنى ئاڭلاپ تېخىمۇ كۈلەتتىم. ئەنە شۇنداق كۈلكە-چاقچاقلار بىلەن تۇللۇق 3- يىللىققا چىقتۇق. بۇ ھالقىلىق يىل بولغاچقا دەرسلىرىمىز ئېغىر ئىدى. جىددىي كەيپىياتلار ئىچىدە ئۆگىنىشكە كىرىشىپ كەتكەن ئىدۇق. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە تولىمۇ كېچىكىپ تۇنجى قار ياغدى. بىزنى شۇنچە تەقەززا قىلغان تۇنجى قارنى بىز خوشال كۈلكە_ چاقچاقلىرىمىز بىلەن ئەمەس، ئېغىر مۇسىبەت بىلەن كۈتىۋالدۇق...
    _ ھوي نىمە بولدى ساڭا؟_ ئاكامنىڭ تونۇش بۇ ئاۋازى مېنى خىيال قوينىدىن تارتىپ چىقتى_ يۈزۈڭگە نىمە بولدى يەنە؟
ئالدىمدا ئاكام قاپاقلىرىنى تۈرگىنىچە كۆزلىرىدىن ئوت چاچىرتىپ تۇراتتى.
    _ كارىدورنىڭ چىرىغى بۇزۇلۇپ قاپتىكەن، ئاخشام پەلەمپەيدىن يىقىلىپ چۈشتۈم.
    _ ھەجەب تۇلا بۇزۇلۇپ قالىدۇ ھە شۇ كارىدورنىڭ چىرىغى؟ بىر كۈنى ئۆزەملا بېرىپ ئوڭشىۋىتىپ كىلىمەن شۇ چىراقنى!
    _ ئاپام تىچلىقمۇ؟ ئالدىراش بوپكىتىپ ئۆيگىمۇ بارالمىدىم. دوختۇرخانىغا نىمە ئىش بىلەن كەلگەنتىڭىز؟_ گەپنى باشقا ياققا بۇرىدىم.
    _ بىر ئاغىينەم ئاغرىپ قاپتىكەن، شۇنى يوقلاپ كېلىشىم . سەنچۇ؟
    _ تۆنۈگۈن بىر ئوقۇغۇچۇمنى ئوپىراتسىيە قىلغان، شۇنى كۆرۈپ كېلەي دەپ كەلگەن.
    _ ۋاقتىڭ بولسا ئۆيگە بېرىپ كەت. ئاپام ئەتىگەندىلا سېنىڭ گىپىڭنى قىلىپ قاپتىكەن. ھەراسىت، بۇيىللىق ئۆشرە_ زاكاتقا ئازراق بىر پۇل ئايرىپ قويغانتىم. ئوقۇغۇچىلىرىڭنىڭ ئارىسىدا قىيىنچىلىقى بارلارغا تارقىتىپ بەرگىن!
ئاكامنىڭ ئارقىسىدىن سۈيۈنۈش ئىچىدە قاراپ قالدىم. ئارزۇگۈل بىلەن كۆرۈشۈپ بىردەم ئەھۋاللاشقاندىن كېيىن يېنىپ چىقتىم. شۇ تاپتا ئاپامنىڭ باغرىنى شۇنداق بەك سېغىنغان ئىدىم. ئۇنىڭ باغرىغا ئۆزەمنى تاشلاپ قانغۇچە يىغلىۋالغۇم بار ئىدى. بىراق دادام تۈگەپ كەتكەندىن بېرى كۈندىن- كۈنگە مىسكىنلىشىپ كېتىۋاتقان ئۇ غەمگۇزارىمنى بۇ ھالىتىم بىلەن بېرىپ ساراسىمىگە سېلىپ، ئەنسىرەتكۈم يوق ئىدى.
چوڭ ئۆيگە تېلفۇن قىلدىم.تېلفۇننى ئالغان يەڭگەم بىلەن ئەھۋاللىشىپ بولغاندىن كېيىن تېلفۇندا ئاپامنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى.
    _ تىچلىقمۇ ئاي قىزىم؟ كىچىدىن چۈشۈپ بۇزۇلۇپ قاپتىكەن، سىزدىن ئەنسىرەپ ئولتۇراتتىم. ئەھۋالىڭىز قانداقراق؟  يۈسۈپجانچۇ؟ تىچلىق تۇرىۋاتامدۇ؟_ كۆزۇمگە لۆممىدە ياش كەلدى. ئۆزەمنى يىغلىۋىتىشتىن ئاران تۇتۇپ تۇراتتىم.
    _ تىچلىق ئاپا؟ ئۆزىڭىزچۇ؟ سالامەتلىگىڭىز قانداقراق؟ ئالدىراش بولۇپ كىتىپ يېنىڭىزغا بارالماي قالدىم.
    _ ئەھۋالىم ياخشى ئاي قىزىم، سىزگە زۇكام تەگدىمۇ نىمە؟ ئاۋازىڭىز باشقىچىلىغۇ؟_ ئانا كۆڭلى ھەجەب سەزگۈر ھە؟!
    _ ھە ئازراق زۇكام تىگىپتىكەن، ھازىر خېلى ياخشى بوپقالدىم .
    _ دىققەت قىلىڭ ھە ، ئاي قىزىم!_ ئاپام مەن ئسىمنى بىلسەم مىنى شۇنداق چاقىراتتى،ئاللىقاچان توي قىلىپ ئوتتۇز ياشقا يېقىنلاپ قالغان بولساممۇ ھازىرغىچە شۇنداق چاقىراتتى. ئاپام بىلەن ئەھۋاللىشىپ تېلفۇننى قويغاندىن كېيىن كۆزۇمدىن چىققان ياشلارنى زورىغا بېسىۋالدىم. كەيپىياتىمنى تەڭشىۋالمىسام بولمايتتى. سەل تۇرۇپلا دەرسكە كىرەتتىم. يەرنىڭ تېگىدە يىلاننىڭ كۆشىگىنىنى سېزىدىغان تۇيغۇن بالىلارنىڭ ئالدىدا بۇ كەيپىياتىمنى سۆرەپ دەرسخانىغا كىرسەم بولمايتتى...
      يەنە كەچ بولدى. ئېغىر قەدەملىرىم بىلەن ئۆيگە قاراپ ماڭدىم. تاماق پىشاي دېگەندە ئۇ_يولدىشىم يۈسۈپ كەلدى. ھەيران قالدىم ، ئۇنىڭ كەچلىك تاماققا ئۈلگۈرۈپ ئۆيگە كىلىپ باققىنىنى ئۇنتۇپ قالايلا دېگەن ئىدىم. ئۇنىڭغا ئاتالغان قانچىلىگەن تاماقلارنىڭ چىنىلەردە سوۋۇپ ، يىيىلمەي تۈكۈلگەنلىكىنى بىلمەيتتىم.
قارىغاندا ئۇ ئاخشام كام قالغان ھېساباتنى قىلغىلى قىلىش ئۈچۈن كەلگەندەك قىلاتتى.
تاماقنى ئۇسۇپ، چاي دەملەپ ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدىم.
    _ ئاخشام نەدە پوق دەسسەپ يۈردۈڭ؟
    _ ئوقۇغۇچۇم ئاغرىپ قاپتىكەن، دوختۇرخانىغا باردىم.
    _ شۇنداقمۇ؟ شۇ كېچىگىچە سەن قارىدىڭما؟  مېنى يۇمشاقباش كۆرۈپ قالدىڭما سەن؟ ئېيتە قېنى كىم بىلەن نەگە باردىڭ؟
راسىت گېپىمگە ئىشەنمەي ئىپپىتىمگە قىلىنغان بۇ ھاقارەتكە چىدىمىدىم:
    _ سەن دېمىگەن شۇ گەپ قالدىما ئەمدى؟ مېنىمۇ ئۆزەڭگە ئوخشاش تاپ پۇراپ يۈرەمدىكىن دەپ قالدىڭما؟
ئۇچۇپ كەلگەن پىيالە پىشانەمگىلا تەگدى. پىشانەمدىن ئېقىۋاتقان ئىسسىق سۇيۇقلۇقنىڭ چايمۇ ۋە ياكى قانمۇ پەرق ئىتىپ بولغىچە، زاڭىقىمغا تەگكەن مۇشتتىن ئارقامغا ئۇچۇپ كەتتىم.
    _ ۋۇي ئىززىتىنى بىلمەيدىغان قانجۇق! تۆت يىلدىن بېرى تۇغمىغىنىڭغا سىنى ئۆيدىن قوغلىمىغىنىمغا رەھمەت دېمەكتە يوق! ۋاي ئىززىتىنى بىلمەيدىغان پاسكىنا!
توختاۋىسىز تىگىۋاتقان مۇشت_ تىپىكلەر قاچانغىچە داۋاملىشاركىن-تاڭ، ئىشىك قوڭغىرقىنىڭ جىرىڭلىشى بىلەن ئۇ توختاپ قالدى. قورسىقىمغا كۈچەپ بىرنى تىپىۋېتىپ، مىېنىڭ ئۈستۈمدىن ئاتلاپ ئۈتۈپ بېرىپ ئىشىكنى ئاچتى.
    _ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
ئىشىك ئالدىدا ئاكامنىڭ ئاۋازى ئاڭلانغاندەك قىلاتتى. قورسىقىمدىن تاراۋاتقان چىدىغۇسىز ئاغرىق جېنىمنى ئىكەكدەيتتى.ئاياق تەرىپىمدىن سىلىمشىق سۇيۇقلۇق ئېقىۋاتقاندەك قىلاتتى. بىر كىملەرنىڭ چاقىرغىنىنى ، كۆتەرگەندەك قىلغىنىنى غۇۋا ھېس قىلۋاتاتتىم.....
    _ ۋاي ئىسىت ئاي قىزىم! سىزنى ھەجەپ خارلىدى ئۇ مەلئۇن! بىر قىزىم دەپ ئەتىۋارلاپ چوڭ قىلغانتىم ئەمەسمۇ قىزىم!_ ئانامنىڭ يەر تىگىدىن ئاڭلىنىۋاتقاندەك يىغلامسىرىغان ئاۋازىدىن ئاستا كۆزۈمنى ئاچتىم.
    _ ھوشىغا كەلدى،ئاپا!_ يەڭگەم ئاپامنى يۆلەپ بېشىمدا قاراپ تۇراتتى.
    _ جېنىم قىزىم، ئاخىرى ھوشىڭىزغا كەلدىڭىز! مېنى بەك قورقۇتىۋەتتىڭىز ئاي قىزىم..._ ئانام مىڭ يېرىدىن تۈكۈلۈپ يىغلاۋاتاتتى، باش-كۆزلىرىمگە سۈيۈۋاتاتتى. قورسىقىمنىڭ ئىچىنى بىرسى تاتلىۋەتكەندەك ئېچىشىپ ئاغرىشىدىن لەۋلىرىمنى چىشلەيتىم. بىر چاغدا ئاكام قەھرى بىلەن كىرىپ كەلدى.
    _ خەپ تۇڭگۇزنىڭ بۇرنىدىن چۈشكەن مۇناپىق! كۆرگۈلۈكۈڭ بارغۇ تېخى، ھېلىمۇ ئۆز بالاڭنىڭ بېشىغا چىقتىڭ!_ ئاكامنىڭ ئاخىرىدا دېگەن گىپىدىن گاڭگىراپلا قالدىم.
    _ ھوشۇڭغا كەلدىڭمۇ سىڭلىم؟ خاتىرجەم داۋالانغىن، ئۇ مۇناپىق ئەمدى سىنى ئاۋارە قىلمايدۇ_ ئاكام مىھرىبانلىق بىلەن بېشىمنى سىلاپ قويدى.
    _ نىمە بالا ئۇ ئاكا؟_ كۆڭلۈمدىكى ھەيرانلىقنى يۇشۇرالمىدىم. ئاكام چىرايىمغا بىر دەم قاراپ تۇرغاندىن كېيىن كۆزلىرىنى مەندىن ئېپ قاچتى.
    _ بويىڭىزدا بار ئىكەنتۇق سىڭلىم، بىر ئايدىن ئېشىپتىكەن، ئەپسۇس، تۇغۇلىشى پىشانىسىگە پۈتۈلمىگەن ئوخشايدۇ ....ھىلىمۇ ئاكىڭىز ئۈلگۈرۈپ بېرىپ قېلىپ سىزنى دوختۇرخانىغا ئەكىپتۇ،_ ئاكامنىڭ ئورنىغا يەڭگەم جاۋاب بەر دى. كۆزۈمدىن سەلدەك ياش كەتتى. تۆت يىلدىن بېرى <<تۇغماس خوتۇن>> ئاتىلىپ خارلانغانلىقىم ئۈچۈن، شۇنچە تەقەززالىقتا ئاپرىدە بولۇپ ئەمما يۇرۇق دۇنياغا كۆز ئېچىشقا ئۈلگۈرمەيلا كېتىپ قالغان بالام ئۈچۈن، توي قىلىپ خوۋلۇق كۆرمەي ئۈتۈپ كەتكەن ئۆمرۈم ئۈچۈن..... تۈكۈلگەن بۇياشلىرىم ئىچ-ئىچىمدىن ئېتىلىپ چىقىۋاتاتتى.....
    دوختۇرخانىدا ئىككى ھەپتە ياتقاندىن كېيىن چوڭ ئۆيگە يېنىپ كەلدىم. ئاكام دوختۇرخانىدىن بىر ئايلىق دەم ئېلىش ئىسپاتى ئېلىپ مەكتەپكە ئاپىرىپ بېرىپ كەلدى. بۇ ئىككى ھەپتە جەريانىدا يۈسۈپ بىر قېتىم كەلگەنىدى، يەڭگەم تىللاپ يولغا سالدى. قېينانام بىر قېتىم كېلىپ ، مىنىڭ ھالىم بىلەن كارى يوق، تۇغۇلمايلا تۈگەپ كەتكەن نەۋرىسى ئۈچۈن ئاھ ئۇرۇپ ئولتۇرغىنىنى كۆرۈپ، ئاكام ساماننىڭ تىگىدىن سۇ ئۆتكۈزۈپ ئىككى ئېغىز گەپ قىلىپ قويىۋىدى، كۆزلىرىنى ئالاق_ جالاق قىلىپ چىقىپ كەتكەنچە قايتا ئاياغ باسمىدى. جىدەل ماجراسىز تۇرمۇش، ئاپامنىڭ كۆڭۈل قۇيۇپ كۈتۈشلىرى بىلەن ئوبدانلا ئەسلىمگە كىلىپ قالدىم. چىرايىمدىكى كۆكلەر يوقاپ ، سۈزۈلۈپ قالغان بولساممۇ ئەمما، پىشانەمدىكى پىيالىدىن قالغان تاتۇق كۆڭۈلسىز تۇرمۇشۇمنىڭ يالدامىسى بولۇپ ساقلىنىپ قالغانىدى.....

      ئۇنىڭ  بىلەن ئاجراشتىم. ھەرقېتىم خورلانغانلىرىمدا ئويلايدىغان ئەمما ئاغزىمدىن چىقىرىشقا جۈرئەت قىلالمايدىغان بۇ ئىش ئاخىر يۈز بەردى.   ئاجرىشىش كىلىشىمنامىسىنى قولۇمغا ئېلىپ چىققان ۋاقتىمدا ئەتراپ ئاپپاق قار بىلەن تولغان ئىدى. تۇيۇقسىز كۆزۈم يىراقتىن جىنازا كۆتۈرۈپ كېلىۋاتقان بىر توپ جامائەتكە چۈشتى. جىنازا ئالدىدا ياشقىنا بىر يىگىت يىغلاپ كېلىۋاتاتتى. بۇنى كۆرۈپ ئەركىن يادىمغا كەلدى. ئەسلىمىلەر قوينىغا چۆككىنىمچە يۈرۈپ كەتتىم.....
     تۇللۇق 3- يىللىققا چىققان يىلى تۇنجى قار ياغقان كۈنى بىز ئەركىننىڭ دادىسىنى ئۇزۇتۇپ قويغانىدۇق. ساۋاقداشلار بىلەن ئەركىننىڭ مەھەللىسىگە يىتىپ كەلگەن ۋاقتىمىزدا جامائەت جىنازىنى كۆتۈرۈپ مەھەللە قەبرىستانلىقىغا قاراپ كېتىۋاتاتتى. جىنازا ئالدىدا يىغلاپ مېڭىۋاتقان ئەركىننىڭ نالىسى يۈرەكنى ئىزەتتى.
    _ ئۆيۈڭدىكىلەرنى بېقىش ئۈچۈن چوقۇم ئوقۇشتىن ۋازكېچىشىڭ كېرەكمۇ؟ ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ خىزمەتكە چىققاندىن كېيىنمۇ ئۆيۈڭدىكىلەرنى باقالايسەنغۇ؟_ ئۇنىڭ ئىككى ھەپتىدىن كېيىن مەكتەپكە كىلىپ <<ئوقۇشتىن چىكىنىمەن>> دېگەن گىپىنى ئاڭلاپ قۇيقا چېچىم تىك تۇرۇپ كەتكەن ئىدى.
    _ ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ بولغىچىچۇ؟ ئۇلار قانداق قىلىدۇ؟ مەن ئوغۇل بالا تۇرۇپ ئانام بىلەن سىڭلىمنى جاپادا قويۇپ خاتىرجەم ئوقۇيالامدىم؟ ئىككى ئاجىزنى يالغۇز قويۇشقا مىنىڭ كۆڭلۈم ئۇنامدۇ؟ ئانام ئۆزى يالغۇز سىڭلىم ئىككىمىزنى ھەرگىز ئوقۇتالمايدۇ. مەن ئۆيدىكى بىردىنبىر ئەركەك، دادامنىڭ ئىىزىنى باسمىسام بولمايدۇ!
    _ ئۇنداقتا داداڭنىڭ ئىزىنى قانداق باسماقچى؟ بېرىپ كەتمەننىڭ قۇلى بولامسەن؟ شۇنچە ئوقۇغىنىڭنىڭ مىۋىسىنى كۆرمەيلا مۇشۇنداقلا ۋاز كېچەمسەن؟ ھىچ بولمىسا يەنە يېرىم يىل چىداپ ئىمتاھاننى بىرىپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن ئويلاشساڭمۇ بولىدىغۇ؟
    _ مېنى قاتناشقۇسى يوق دەمسەن؟ ئەمما ئۆزەمنىلا ئويلىسام بولمايدۇ زۆھرە، ھازىرمۇ ئوقۇشتىن چېكىنگىنىمگە ئانامنىڭ كۆڭلى بەك يېرىم. ئەگەر ئىمتاھان بىرىپ ئۆتۈپ كىتىپ قالسام بىچارە ئانامنى بەكلا قىيناپ قويىمەن. ھازىرمۇ دادامنىڭ دەردىدە تۈگۈشۈپلا كەتتى، ئۇنىڭ يېنىدا تۇرشۇم كىرەك!
    ھەرقانچە قىلساممۇ ئۇ گەپ يەيدىغاندەك ئەمەس ئىدى. شۇنداق قىلىپ ئۇ مەكتەپتىن كەتتى. بۇنىڭغا ھەممەيلەن ئېچىندى. ئۇخوشلىشىپ كەتكەن كۈنى بىر كېچە يىغلاپ چىققانىدىم. ئۇ كەتكەندىن كىيىن دەرسلەر بۇرۇنقىدەك خوش ياقماس بولۇپ قالدى. ئىچىمدە بىر غېرىبلىق بار ئىدى. كۆزلىرىم سىنىپ- مەيدانلاردىن ئۇنى ئىزدەيتتى. قانىتىدىن ئايرىلغان قۇشتەك سالپىيىپلا قالغان ئىدىم.ئۆز-ئۆزەمدىن نېمىشقىلىقىنى سورايتىم، ئەمما جاۋاب بىرىشتىن قورقاتتىم. ئارىدىن بىر - ئىككى ئاي ئۈتۈپ كەتتى. بىر كۈنى ئەركىن بىلەن ئىككىمىز دائىم بىللە دەرس تەكرار قىلىدىغان ئورۇندۇقتا كىتاپ كۆرۈپ ئولتۇراتتىم.
    _ پاھ! مەن بىر- ئىككى ئاي كۆرمىگەنگە بىزنىڭ باللا كىتاپنى تەتۈر تۇتۇپ ئوقۇيالايدىغان بوپكىتىپتۇدە؟_ تۇيۇقسىز يېنىمدىلا ئاڭلانغان بۇ تونۇش ئاۋازدىن چۆچۈپ بېشىمنى كۆتۈردۈم. ئالدىمدا تېخى مەن بايىلا خىيالىمدا كۆرۈشكەن ئەركىن مەيۈس كۈلۈمسىرگىنىچە قاراپ تۇراتتى. ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن تاراۋاتقان ئاجايىب ئۇچقۇنلاردىن كۆزۈمنى قاچۇرۇپ ئىتتىكلا ئالدىمغا قارىۋالدىم. ئەمما قولۇمدىكى تەتۈر تۇتقان كىتاپنى كۆرۈپ خىجىللىقتىن يەرگە كىرىپ كەتكۈدەك بولدۇم . نىمە دىيشىمنى بىلمەيلا قالغان ئىدىم.
    _ بىرەرسى ئەقلى_ ھوشۇڭنى ئوغۇرلىۋالدىمۇ قانداق؟ نىمانچە خىيالچان ئولتۇرۇپ كەتتىڭ؟ تىچلىقتۇ؟ بىرەرسىگە كۆيۈپ قالدىڭمۇ يا؟_ئۇ كۈلگىنىچە يېنىمغا كېلىپ ئولتۇردى.
    _ توۋا دېگىنە؟ كىمگىمۇ كۆيۈپ قالاتتىم؟ بىلىسەنغۇ مېنى؟_ شۇ گەپ بىلەن ئۆزەمنى سەل ئوڭشىۋالدىم.
    _ قاچان كەلگەنىدىڭ؟بىز يادىڭدا باركەنمىزھە؟_ دومسايغىنىمچە سورىدىم.
    _ تېخى بايىلا كەلگەن، سىنىپقا كىرسەم يوقكەنسەن. بالىلار بىلەن بىرەر قۇر ئەھۋاللىشىپ بولۇپ سىنى مۇشۇيەردىمىكىن دەپ چىققانتىم. سىلەرنى قانداقمۇ ئۇنتۇپ قالاي؟ سىلەرنى بەكلا سېغىندىم_ ئۇشۇنداق دەپ بولۇپ چىرايىمغا لەپپىدە قاراپ قويدى _ ئۆگىنىشىڭ قانداقراق؟
    _ يامان ئەمەس!
    _ يامان ئەمەس؟! بالىلارنىڭ سىنى يېقىندىن بېرى تىرىشمايۋاتىدۇ، ئۆگىنىشنى تاشلىۋەتتى دېگىنى راستكەندە؟_ يەرگە قارىغىنىمچە جىممىدە ئولتۇرۇۋاتاتتىم.
    _ نىمە بولدۇڭ زۆھرە گەپ قىلە؟ ئىلگىرى بۇنداق ئەمەس ئىدىڭغۇ؟
ئۇنىڭغا <<راسىت، ئىلگىرى بۇنداق ئەمەس ئىدىم. ئۇچاغدا سەن بار ئىدىڭ!>> دېگۈم كەلدىيۇ، ئۆزەمنى تۇتىۋالدىم.
    _ نىمە بولدۇمكىن. ئۆگىنىش تازا خوشياقمايدىغۇ؟ يامىنى كەلسە ئۆيگە بېرىپ قازان_ قۇمۇچقا باشلىق بولارمەن شۇ!
ئۇ چىرايىمغا بىردەم قاراپ تۇرغاندىن كېيىن ھەيران بولغان ھالدا سورىدى:
    _ ساڭا نىمە تەسىر قىلدى زۆھرە؟ ئۆزەڭگە ئوخشىمايلا قاپسەنغۇ؟ مەن بىلىدىغان زۆھرە بۇنداق گەپ قىلمايدۇ جۇمۇ؟
بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ كۆزۈمگە لۆممىدە ياش كەلدى. ئۆزەمنى يىغلىۋىتىشتىن ئارانلا تۇتۇپ تۇراتتىم.
    _ گەپ قىلە زۆھرە؟ بۇرۇن نىمە گىپىڭ بولسا دەيتىڭ.بىز كۆرۈشمىگىلى ئۇزۇن بولدى. بەلكىم دەيدىغان گەپلىرىڭمۇ يىغىلىپ قالغاندۇ؟كۆڭلىڭدە نىمە بولسا شۇنى دېگىنە؟_ئۇنىڭ بۇ گېپى بىلەن تەڭ كۆزيېشىمنى باشقۇرالمىدىم. ئاۋال ئۆكسۈپ،ئاخىرىدا ئاۋازىمنى قويۋىتىپ يىغلاپ تاشلىدىم. ئەركىن مېنى يىغلىۋالسۇن دېگەندەك گەپ قىلماي ئولتۇراتتى. ئېسەدىگىنىمچە:
    _ سېنىڭ...سېنىڭ يوقلىقىڭغا كۆنەلمىدىم_ دېدىم.
    _ يىغلىما بولدى!_ ئۇنىڭ يېشىمنى سۈرتىۋاتقان قوللىرى سۇس تىترەيتتى_ سەن بۇنداق يىغلىساڭ  مەن چىدىمايدىكەنمەن.مېنى كۆنەلىدى دەمسەن؟ سېنىڭ ئەتراپىڭدا ھېچ بولمىسا باشقا ساۋاقداشلار بار. مېنىڭچۇ؟ مەنمۇ ئاران-ئاران چىداۋاتىمەن. بۇنداق يىغلىساڭ كۆڭلۈمنى تېخىمۇ يېرىم قىلىپ قويسەن._ ئۇ چوڭقۇر ئۇھسىنغىنىچە توختاپ قالدى.
    _ ئەمما ئۇلارنىڭ ھىچقايسىسى ساڭا ئوخشىمايدۇ، ساڭا كۆنۈپ قاپتىكەنمەن..._
يەنە ئېسەدەشكە باشلىدىم.
    _ ماڭا قارا زۆھرە!_ ئەركىن كۈچلۈك قوللىرى بىلەن بېشىمنى ئالقانلىرى ئارىسىغا مېنى ئۆزىگە قاراتتى،_ كۆزلىرىمگە قارا، بۇنداق بوشاڭلىق قىلساڭ بولمايدۇ، مەن بۇنداق يىغلاڭغۇ زۆھرەنى ياقتۇرمايمەن. ئېسىڭدىمۇ؟ كەلگۈسىدە ئوقۇتقۇچى بولماقچى ئىدۇققۇ؟ شۇ ئارزۇيۇمىزنى سەن بولساڭمۇ ئىشقا ئاشۇر بولامدۇ؟ بىر_ بىرىمىزدىن ئايرىلمايدىغان شۇنداق بىر كۈنلەرمۇ كېلىدۇ. ھەر ئىشنىڭ ۋاقتى_ سائىتى بولىدۇ، سەن ئەقىللىق قىز ، مېنىڭ نېمە دىمەكچى ئىكەنلىكىمنى چۈشەندىڭ شۇنداقمۇ؟_ ئۇنىڭ شۇكۈنى دېگەن سۆزلىرى كېيىنچە ھەرقېتىم بوشاشقان، كۆزلىرىمگە يىغا ياماشقان چاغلاردا مەن ئۈچۈن ئۈنۈملۈك قۇتقۇزۇش دورىسى بولاتتى.

  ئاخىرى ئۆزەم ئارزۇ قىلغان ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىندىم. ئەركىن مەندىنمۇ بەك خوشال ئىدى. شۇنداق قىلىپ ناتۇنۇش شەھەر ئۈرۈمچىگە قاراپ يولغا چىقتىم. ئەمما يۈرىكىمنىڭ يېرىمى يۇرتۇمدا، ئەركىننىڭ يېنىدا قالغان ئىدى. ئالىي مەكتەپكىمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە بارغان بولسام نەقەدەر ياخشى بولاتتى-ھە؟! ناتۇنۇش ئادەملەر ئارىسىدا ياشاۋېتىپ ئۇنى شۇنچىلىك سېغىناتتىم. ھەرقېتىم تېلفۇن قىلغاندا ئۇزاقتىن- ئۇزاق پاراڭلىشاتتۇق. كۆڭلىمىز بىر-بىرىمىزگە ئايان بولسىمۇ ئوچۇق - ئاشكارە دىيشمەيتتۇق. بۇ يەردىمۇ<< سۆيگۈمەكتۇپلىرى>> دىن قۇتۇلالمىدىم، ھەتتا ئۇچۇق_ ئاشكارە ئالدىمنى توسقانلارمۇ بولدى. ھەممىسىگە << ياخشى كۆرىدىغىنىم بار>> دەپ جاۋاپ بېرەتتىم. شۇنداق چاغلاردا ئەركىننى تولىمۇ سېغىناتتىم. ئۇنى نىمىشقا كۆڭلىنى ئاشكارلىمايدىغاندۇ دەپ جىلە بولاتتىم.
     سېغىنىشلار ئىچىدە بىر مەۋسۇم ئاخىرلاشتى.قىشلىق تەتىلدە ئۆيگە قايتىپ بىر ھەپتىدىن كېيىن ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشتۈم. ئۇ كۈنىمۇ لەپىلدەپ قار يېغىۋاتاتتى. بىز كوچىلارنى ئايلىنىپ پاراڭلاشقاچ بىز ئوقۇغان مەكتەپنىڭ ئالدىغا كېلىپ قالغان ئىدۇق. تەتىل بولغاچقا مەكتەپتە دەرۋازۋەندىن باشقا ھىچكىم يوق ئىدى. مەكتەپكە كىردۇق. ئەركىن مېنىڭ ئالدىمدا كېتىۋاتاتتى. مەن ئۇنىڭ ئىزلىرىغا دەسسىگىنىمچە مېڭىۋاتاتتىم. يەردىن بىر ئوچۇم قارنى ئالدىمدە ئۇنىڭ بېشىغىلا ئېتىۋىتىپ بەدەر قاچتىم. ئۇمېنى قوغلاۋاتتى. ئاخىرى ھېلىقى پىنھاندىكى ئورۇندۇقنىڭ ئالدىغا كەلگەندە ماڭا يىتىشىۋالدى-دە، قولۇمدىن كاپپىدە تۇتىۋالدى. ئسسىق بىر ئېقىم قولۇمدىن باشلىنىپ پۈتۈن بەدىنىمگە تارقاۋاتاتتى. ئۇ مۈرەمدىن تۇتۇپ مېنى ئۈزىگە قاراتتى. يۈرىكىم ئاجايىب بىر ھاياجاندىن تىپچەكلەۋاتاتتى. ئۇ كۈزۇمنىڭ ئىچىگە قاراپ تۇرۇپ:
    _ سېنى بەك سېغىندىم زۆھرە،ئەسلى بىرەر ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىپ ئۆز ئالدىمغا ئىگىلىك تىكلىمىگىچە ساڭا ئېغىز ئاچمايمەن دەپ ئويلىغان ئىدىم. لىكىن،ساڭا چىدىمىدىم، مەندىن بۇرۇن سېنى باشقا بىرەرسىنىڭ ئىگەللىۋېلىشىدىن قورقتۇم! سېنى ياخشى كۆرىمەن زۆھرە! سېنى خېلى بۇرۇنلا ياخشى كۆرەتتىم. مېنى ئۆزەڭگە لايىق كۆرەرسەنمۇ زۆھرە؟ مېنى يارىتارسەنمۇ؟
    ئۇنىڭ كۈچلۈك بىلەكلىرى ئارىسىدا تۇرۇپ شۇ سۆزلەرنى ئاڭلاۋاتقىنىمدا يېغىۋاتغان قار ئۇچقۇنلىرى خۇددى بەختىمىزنىڭ چاچقۇلىرىدەك بىلىنىپ، كۆزلىرىمگە تېخىمۇ ئاق، تېخىمۇ گۈزەل كۈرۈنگەن ئىدى. تۇنجى مۇھەببىتىمىز ئەنە شۇنداق باشلاندى. ئۆزەمنى شۇنچىلىك بەخىتلىك سېزەتتىم. مەكتەپتە دەرسلەرنى تىرىشىپ ئۆگەنگەندىن باشقا ۋاقىتلاردا ئۇنىڭ بىلەن ئۆتكۈزگەن شىرىن دەملەرنى ئەسلەش مېنىڭ ئەڭ ياخشى ئەرمىكىم ئىدى. شەنبە_ يەكشەنبىلەردە سىرتلارغا چېپىۋاتقان ياتاقداشلىرىمنىڭ بىللە بېرىپ كىلىش تەكلىپىنى كەسكىنلىك بىلەن رەت قىلاتتىم. ئۇنىڭ ئاشۇ بىر جۈپ ئوتلۇق كۆزلىرىنى ھەردائىم ماڭا تىكىلىپ تۇرغاندەك ھېس قىلاتتىم . ھەش- پەش دېگۈچە ئۈچ يىل ئۈتۈپ كەتتى. بۇ چاغدا ئەركىن ئاشپەزلىكنى ئۆگىنىپ بولۇپ ئۆز ئالدىغا چاققانغىنا ئاشخانىدىن بىرنى ئېچىۋالغان ئىدى. ئالىي مەكتەپنىڭ 3- يىللىقىدا ئوقۇۋاتقىنىمدا ئەركىن ئاپىسى بىلەن بىللە ئۈرۈمچىگە كەلدى. ئۇ ئاپىسىنىڭ كېسىلىنى كۆرسەتكىلى كەلگەن ئىدى. ئۇلارنى باشلاپ دوختۇرخانىمۇ- دەختۇرخانا قاترىدىم. ئەمما كىشىنى ئازاپلاپ دىئاگىنوز نەتىجىسى ئوخشاشلا ئىدى. ئەركىننىڭ ئاپىسى كۆكرەك راكىغا گىرىپتار بولۇپ قالغان ئىدى، يەنە كېلىپ ئاخىرقى باسقۇچى ئىدى. ھەتتا نەچچە ئايلىقلا ئۆمرى قالغان بۇلىشى مۇمكىن ئىدى. بالىلىرىدىن ئەنسىرگەن بۇ بىچارە ئانا شۇنچە ۋاقىتتىن بېرى كېسىلىنى يۇشۇرۇپ كەلگەن ئىدى.
    _ دېگىنە زۆھرە، مەن نىمانچە بەخىتسىز؟  ئاتا- ئانامنىڭ مېھرىگە تېخى قانمىغان ئىدىمغۇ؟ سىڭلىمچۇ؟ ئۇ تېخى كىچىك ئىدىغۇ؟ بۇ نېمە كەلگۈلۈك ماڭا ؟ تەغدىر ئاۋال تۈۋرۈگۈم بولغان دادامنى ئېلىپ كەتتى، ئەمدى ئانامغا چاڭ سالغىنى نىمىسى؟..._ باغرىمغا ئۆزىنى تاشلاپ ئۆكسۈپ يىغلاۋاتقان ئەركىنگە نىمە دەپ تەسەللىي بېرىشنى بىلمەيتتىم. كۆزياشلىرىم يىپى ئۆزۈلگەن مارجاندەك تۆكۈلۈپ ئۇنىڭ قۇيۇق چاچلىرى ئارىسىغا سىڭمەكتە ئىدى. ئەركىننىڭ ئانىسى كېتىمەن دەپ قاتتىق تۇرىۋالدى. ئەركىن بىلەن مەن شۇنچە يالۋۇرساقمۇ ئۇنمىدى. ئەركىن ئاخىرى ئانىسىنى يىغلا - قاقشا ياندۇرۇپ ئەكەتتى. مەن بولسام يۈرۈم پارە ھالدا ئۇنىڭدىن ئەنسىرەپ كەينىدىن تەلمۈرۈپ قالدىم. يۈرۈكۈمدە چۈشنىكسىز بىر  ئەنسىزلىك بار ئىدى. ئۇلار كىتىپ ئىككى ھەپتىدىن كېيىن ياتاققا مېنى ئىزدەپ بىرسىدىن تېلفۇن كەلدى.
    _ زۆھرە قىزىم بولامسىز؟ تىچلىقمۇ قىزىم؟_ ياشانغان ئايالنىڭ بۇ دەرمانسىز ئاۋازىنى بىر يەردە ئاڭلىغاندەك قىلاتتىم.
    _ ھەئە مەن شۇ، ئۆزلىرى كىم بولىلىكىن؟
    _ مەن ئەركىنجاننىڭ ئاپىسى، ئىككى ھەپتىنىڭ ئالدىدا سىز بىلەن خوشلىشىپ يېنىپ كەلگەن.
    _ ھە تىچلىقمۇ ئاچا؟ ئەھۋاللىرى قانداقراق؟ _ يۈرىكىم ئەنسىز سوقۇۋاتاتتى.
    _ ھەر ھالدا جان ساقلاپ تۇرىۋاتىمەن بالام، سىزگە دەيدىغان، ياق، سىزدىن ئۆتۈندىغان ئازراق ئىشىم بار ئىدى..._ ئەركىننىڭ ئاپىسى گىپىنى داۋاملاشتۇرالماي توختاپ قالدى.
    _ نىمە گەپلىرى بار ئىدى، دەۋەرسىلا ئاچا؟_ يۈرۈكۈمدىكى ئەنسىزلىك تېخىمۇ كۈچەيدى.
    _ قىزىم، ئۆزىڭىزمۇ بىلىسىز مېنىڭ كۈنۈم ساناقلىقلا قالدى. مېنىڭ شۇ بالىلىرىمدىن باشقا تارتىشقۇدەك ھىچنىمەم يوق. كۆزۈمنىڭ ئوچۇقىدا شۇ بالىلىرىمنىڭ ئىشىنى بىر تەرەپ قىلۋالسام كۆزۈم خاتىرجەم يۇمۇلاتتى. قىزىم تېخى كىچىك ئوقۇۋاتىدۇ، قارىغاندا ئۇنىڭ ئىشلىرىغا ئۇلىشالمايدىغان ئوخشايمەن. شۇڭا ئاكىسى ئەركىنجاننىڭ بولسىمۇ بېشىنى ئوڭشاپ قوياي دېگەن ئىدىم. تۇغقانلارنىڭ قىزىدىنمۇ لايىق كېلىدىغانلار بار ئىدى. مەندىن كىيىن قالسا سىڭلىسىغا يات كۆزدە قارىماي ئاتىدارچىلىق قىلار دەپ ئويلىغان ئىدىم. بىراق شۇ ئىش توغۇرلۇق ئېغىز ئاچقاندىن بېرى بىر ھەپتە بولدى ئەركىنجان تۇگىشىپلا كەتتى،_ يۈرۈكۈم ئېچىشىپ كىتىۋاتاتتى، ئەركىننىڭ نەچچە كۈندىن بېرى تىلفۈندا گەپ قىلماي شۈكلەپ كىتىشلىرىنى پەقەت ئاپىسى ئۈچۈن شۇنداق قىلىۋاتىدۇ دەپ ئويلىغان ئىدىم_ بىلىپ تۇرىۋاتىمەن، ئوغلۇم سىزگە چىدىمايۋاتىدۇ، بۇ ياقتا ئانىسى، ئۇياقتا سىز. بىچارە بالام ئىككى تاشنىڭ ئارىسىدا بەك قىينىلىپ كەتتى،_ ئۆكسۈشلىرىمنى زورىغا بېسىپ چىداپ ئاڭلاۋاتاتتىم.
    _ ئەسلى سىلەرنىڭ ئىشىڭلارغا توسقۇنلۇق قىلغۇم يوق ئىدى، بىراق سىزنىڭ ئوقۇشىڭىز پۈتكىچە مېنىڭ بۇ جېنىم ساقلاپ تۇرمايدىغاندەك قىلىدۇ. سىزدىن ئۆتۈنەي قىزىم، ئەركىنجاننى توغرا چۈشەنسىڭىز، ئۇنى قايىل قىلسىڭىز قىزىم، ئۇنى سىزلا قايىل قىلالايسىز. سىزمۇ كېيىنچە ئانا بولارسىز، مېنىڭ كۆڭلۈمنى شۇ چاغدا چۈشۈنۈپ قالارسىز قىزىم...._ ئەركىننىڭ ئاپىسىنىڭ گېپىنىڭ ئاخىرى يىغىغا ئۇلىشىپ كەتتى.
نىمە دىيشىمنى بىلمەيتىم. ئەركىندىن_ بەختىمدىن بۇنچە ئالدىراپ ۋاز كەچكۈم يوق ئىدى. مەن تېخى ئۇنىڭغا قانمىغان ئىدىم، بەلكى بىر ئۆمۈر قانماي ئۆتۈشۈم مۇمكىن ئىدى. ئەمما، جان ھەلقۇمىغا كېلىپ قالغان مۇنۇ بىچارە ئانا مەندىن مەدەت تىلەپ تۇرسا ئۇنىڭغا نىمە بولساڭ بول دەيمۇ؟ شۇنىڭغا ۋىجدانىم يول قويارمۇ؟ بۇ ئانىنى قاقشىتىپ ئۇ ئالەمگە ئۇزۇتۇپ قويۇپ كېيىن ئەركىن بىلەن بىرگە بولدۇم دېگەن تەغدىردىمۇ ئاللاھ ماڭا بەخىت ئاتا قىلارمۇ؟
    _ خاتىرجەم بولسىلا، ئەركىن ۋاپادار بالا! ئۇ چوقۇم سىلىنىڭ دېگەنلىرىدەك قىلىدۇ. پەقەت ۋاقتىنچە قوبۇل قىلالمايۋاتقان گەپ، خاتىرجەم بولسىلا!
ئۆكسۈشلىرىمنى باسالمىدىم. تېلفۇننى قويۇپ شۇنچىلىك ئېزىلىپ يىغلىدىم. ئەتىسى كەچتە ئەركىن تېلفۇن قىلدى.
    _ سېنى بەكلا سېغىندىم_ دېدى ئۇ تېلفۇننى ئېلىشىمغىلا. يۈرىكىم يەنە بىر قېتىم ئېچىشتى. بۇرۇنقىدەك << مەنمۇ سېنى سېغىندىم>> دېيەلمىدىم. ئارىمىزنى ئېغىر سۈكۈت قاپلىدى. ئۇنىڭ ئېغىر_ ئېغىر تىنىشلىرى يۈرۈكۈمنى ئىزەتتى. قارىغاندا ئۇ ماڭا نىمە دەپ ئېغىز ئېچىشنى بىلمەيۋاتقاندەك قىلاتتى.
    _ ئەركىن،_ دېدىم ئاخىر سۈكۈتنى بۇزۇپ_ كۆڭلۈڭنى چۈشىنىمەن، سەن ئاللىقاچان قارار چىقىرىپ بولدۇڭ، لېكىن شۇ قوبۇل قىلالمايۋاتىسەن. بولدى قارارىڭغا بويسۇنۇپ ئاناڭنىڭ ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرغىن_ ئاۋازىمنىڭ بۇ قەدەر تەمكىن چىقىۋاتقىنىغا ئۆزەممۇ ھەيران ئىدىم،_ مەن توغرا چۈشىنىمەن. دۇنيادا ئاتا- ئانىدىن ئۇلۇغ كىم بار دەيسەن؟
    _ نىمە؟ بۇلارنى سەن نەدىن بىلدىڭ؟_ ئۇنىڭ سوئاللىرىنى جاۋابسىز قالدۇرۇپ گېپىمنى داۋاملاشتۇردۇم.
    _ ئىككىمىزنىڭ بىرگە ئۆتۈشى پىشانىمىزگە پۈتۈلمىگەن بولسا كېرەك. تەغدىرگە نىمە ئامال دەيسەن؟ خوش، بەختلىك بولغىن ئەركىن!
    _ سەنسىز بەخىتلىك بولالارمەنمۇ زۆھرە؟_ ئۇنىڭ سۆزلىرى تۈگىمەيلا تېلفۇننى قويۋەتتىم. ياتاقنى بېشىمغا كىيىپ ھۆڭرەپ يىغلاۋاتاتتىم. توختاۋىسىز جىرىڭلاۋاتقان تېلفۇننى ئالمايلا قويۋەتتىم. ئالساملا قارارىمدىن يېنىۋالدىغاندەكلا قىلاتتىم. ئۇنىڭغا_ بەختىمگە چىدىمايۋاتاتتىم. ئۇنى بەكلا ياخشى كۆرەتتىم. ئۇنىڭسىز تۇرمۇشۇمنى تەسەۋۋۇر قىلالمايتىم. شۇنچە گۈزەل ئارمانلىرىمىز بار ئىدى، ئەپسۇس.....
    قىشلىق تەتىلگە كەلگەن ۋاقتىمدا ئەركىننىڭ تويى بولدى. تۇللۇق ئوتتۇرىدىكى ساۋاقداشلار يىغىلىپ ئۇنىڭ تويىغا باردۇق. توي كۈنى لەپىلدەپ ياغقان قار ئەتراپنى ئاق لىباسقا ئورىغان ئىدى. توي داغدۇغىسىز ئاددىيلا ئۆتكۈزۈلدى. ھەرقانچە قىلىپمۇ ئېچىلالمايۋاتقان ئەركىننىڭ يېنىدا يەر باققىنىچە ئولتۇرغان قىزغا ھەسەت ئارىلاشقان نەزىرىم بىلەن سەپسالاتتىم. رومال ئىچىدىكى چىرايىنى كۆرەلمەي جىلە بولاتتىم، بەختىمنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۋالغان بۇقىزنىڭ قانداقراق قىز ئىكەنلىكىنى بىلگۈم كېلەتتى.  ئەركىننىڭ ئاجايىب بىر ھىجران مۇڭلىرى تۈكۈلۈپ تۇرغان كۆزلىرىنى بىلەن ئۇچراشقان ۋاقتىمدا يۈرىكىم پارە_ پارە بولغاندەك بولدى_ دە، ئۆزەمنى سىرتقا ئاتتىم. ھەئە! يۈرىكىم پارە_ پارە بولغان ئىدى. كېيىنكى كۈنلىرىم ئاچچىق ھىجران، كۆزياشلار ئىچىدە ئۆتۈپ كىتىۋاتاتتى. ئىچ_ئىچىمدىن ئېچىلىپ بىر كۈلگىنىمنى بىلمەيتتىم. ئارىدىن نەچچە ئايلار ئۈتۈپ بىر كۈنى كەچتە ئەركىندىن تېلفۇن كەلدى.
    _ چىدىمايلا قالدىم زۆھرە، ئەڭ يېقىن ئادەملىرىمدىن ئارقا_ ئارقىدىن ئايرىلىپ قېلىش مېنىڭ پېشانەمگە پۈتۈلۈپ كەتكەنمۇ؟ مەن نىمانداق شور پىشانە؟ ئاۋال دادامدىن، ئاندىن سەندىن، ئەمدى بولغاندا ئانامدىن ئايرىلىپ قالدىم. نىمە كەلگۈلۈك بۇ ماڭا؟ تىكەندەك يالغۇزلا قالدۇمغۇ زۆھرە؟..._ ئۇنىڭ ئۆكسۈشلىرىنى ئۆكسۈشلىرىمگە قوشۇپ ئىچىمگە يۇتىۋەتتىم. ئۇنىڭغا نىمە دەپ تەسەللىي بىرىشنى بىلمەيتتىم.
  ئارىدىن ئىككى يىل ئۈتۈپ كەتتى. ئاخىرى ئوقۇشۇپ پۈتۈپ، قايتىپ كېلىپ ئىلگىرى ئۆزەم ئوقۇغان مەكتەپكە ئىشقا چۈشتۈم. تونۇش بۇ ماكان ماڭا ئاشۇ ئۇنتۇلغۇسىز ئەسلىمىلەرنى يادىمغا سالاتتى. بىز دەرس ئوقۇغان سىنىپلار، بىز قوغلىشىپ ئوينىغان مەيدان، ھېلىقى پىنھاندىكى ئورۇندۇق... ھەممىسى ماڭا شۇ بىر سىمانى ئەسلىتەتتى. مەن تېخى ئەسلىمىلەر قوينىدىن چىقالماي يۈرگىنىمدە ئۆيدىكىلەر مېنىڭ تويۇمغا تەييارلىق قىلىۋاتاتتى. ناھىيىمىزگە يېڭى كەلگەن ھاكىم، دادامنىڭ رەھبىرىنىڭ يۈسۈپ ئىسىملىك بۇ ئوغلى تۇنجى كۆرۈشىشىمىزدە ماڭا خېلى يامان ئەمەس تەسىر بەرگەن ئىدى. پارە_ پارە بولغان يۈرىكىم بەلكىم مۇشۇ يىگىتنىڭ قولىدا بىر پۈتۈنلىككە كەلسە، شۇ ئارقىلىق يېڭى بىر بەختىمنى تېپىۋالارمەن دەپ ئويلىغان ئىدىم.
ئەمما توي كېچىسى ئۇنىڭ ئاپپاق كىرلىك ئۈستىدىكى قىپقىزىل قان داغلىرىغا قارىغىنىچە گۇمان بىلەن :
    _ شاپاققا تېيىلىپ كەتمىگەندىمەن ھە؟_ دەپ سورىغان سوئالى ئۇنىڭ خۇشپۇراق گۈللەرنى تېرىشى ئۈچۈن تەييارلىغان قەلىب ئېتىزىمغا ئازغان ئۇرىقىدىن بىرنى چېچىۋەتتى. توي قىلىپ ئارىدىن ئىككى ئاي ئۆتكەن ۋاقىتتا ئۇنىڭ كاماندوروپكىدىن قايتىپ كېلىشىگە ئۈلگۈرۈپ يۇيۇنۇپ قالغانلىقىم ئۈچۈن ئورۇنسىز گۇمان سەۋەبىدىن يېگەن ناھەق تاياق يۈرىكىمنى يەنە بىر قېتىم مۇزلىتىۋەتتى. شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭغا مىھرىمنى بىرىشكە تىرىشاتتىم، خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچۈم بىلەن قىلاتتىم. ئەمما، ئۇنى ياخشى كۆرۈش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچۈم بىلەن تىرىشىۋاتقانلىرىمدا ئۇ ماڭا پۇرسەت يارىتىپ بېرىشنىڭ ئەكسىچە تىرىشچانلىقىمغا سوغوق سۇ سېپەتتى. يۈسۈپ ھاراقنى بەك كۆپ ئىچەتتى. دادىسىنىڭ ھوقوقى بولغاچقىمىكىن ئۇنىڭغا ۋاي دەيدىغانلار بەك كۆپ ئىدى. يېرىم كىچىلەردە مەس_ ئەلەس قايتىپ كېلىپ مىجەزىمنىڭ بار- يوقلىقى بىلەن كارى يوق مەھكەم ئېسىلىۋالاتتى، شۇنداق چاغلاردا ئاجايىب خورلۇق ھېس قىلاتتىم. قۇسۇقلار بىلەن بۇلغانغان ئۆيلەرنى تازلاپ بولغىچە كۆزياشلىرىم يىپى ئۈزۈلگەن مارجاندەك تۈكىلەتتى. شۇنداقتىمۇ مىھرىم بىلەن ئۇنى تەسىرلەندۈرمەكچى بولاتتىم، ساق ۋاقىتلىرىدا چىرايلىق ئولتۇرۇپ ھاراقنى كۆپ ئىچمەسلىك توغرىسىدا نەسىھەت قىلاتتىم. ئەمما ئۇنىڭچە بولغاندا ھاراقنى <<ئوغۇل بالىنىڭ نوچىسى>> ئىچەتتى. ماڭا ئەڭ ئېغىر كېلىدىغىنى ئۇنىڭ ئۆيدە ھاراق ئىچىشى ئىدى. بەزى كۈنلىرى ئۈلپەت تاپالمىغاندا ھاراقنى ئۆيدە ئىچەتتى. ھەتتا مېنىمۇ تەڭ ئىچىشكە زورلايتتى. ئىچمىگەن گۇناھىم ئۈچۈن ھاراقلار باش_ كۆزۈمگە قۈيۈلاتتى. ھاراق ئارلاش ئېقىۋاتقان كۆزياشلىرىم ئىچرە قېتىۋاتقان يۈرىكىم ئاچچىق تولغىناتتى. پات_پات <<پەلەمپەيدىن يىقىلىپ چۈشۈپ >> ئىششىپ_ كۆكىرىپ قالغان يۈز كۆزلىرىمنى كۆرۈپ ئۆيدىكىلەر ئۇلۇغ _ كىچىك تىنىشاتتى. توي قىلىپ بىر يىلدىن كېيىن دادامدىن ئايرىلىپ قالدىم. شۇنچىلىك قاتتىق يىغلىدىمكىن نەچچە يىللىق ھەسرىتىمنى بىراقلا تۈكۈۋالماقچىدەك ھېچكىمنىڭ تەسەللىيسىگە پەرۋا قىلمايتتىم. يۈسۈپنىڭ دادامنىڭ ئاخىرەتلىكىنىڭ ئالدى-كەينىدە خىزمەتنى باھانە قىلىپ ياردەملەشمىگىنىنى ئىچىمگە ئاران سىغدۇرۇپ تۇرسام، تېخى دادامنىڭ قىرىق نەزىرسى تۈگىمەي تۇرۇپلا ھاراق ئىچىپ كېلىپ ماڭا ئېسىلغىنىدىن كۆڭلۈم بىراقلا سوۋۇپ كەتتى. ئەمما <<تۇل خوتۇن>> دېگەن بۇ نامدىن شۇنچىلىك قورققانلىقىم ئۈچۈن ھەممىگە چىداشقا مەجبۇر بولاتتىم. پەقەت مەكتەپتىلا كۆڭلۈم سۇ ئىچەتتى. پۈتۈن زېھنىمنى خىزمەتكە قاراتتىم. خىزمەتنى پۈتۈن زېھنىم شۇنچە بېرىلىپ ئىشلەۋاتقىنىمنى كۆرۈپ مەكتەپ رەھبەرلىرى مەن دەرس بېرىۋاتقان سىنىپنىڭ مەسئۇللىقىنى ماڭا تۇتقۇزدى. خىزمەت بېسىمىم تېخىمۇ ئېغىرلىغان ئىدى. ئەمما مېنى ھاردۇرۋاتقىنى يۈسۈپنىڭ كۈن_ كۈنلەپ ھاراق ئىچىشلىرى، توختىماي جىدەل چىقىرىشلىرى، قېينانامنىڭ تۇغمىدىڭىز دەپ بېشىمنى ئاغرىتىشلىرى...... ئىدى. تۇرمۇشنىڭ بېسىملىرىدا تۇنجۇقۇپ قالايلا دېگەن ئىدىم. شۇنداق چاغلاردا ئىختىيارسىز ئەركىننى ئەسلەپ قالاتتىم. باشقا بىر ئەرنىڭ نىكاھىدا تۇرۇپ يات بىر ئەرنى خىيال قىلىشنىڭ ئېغىر گۈناھ ئىكەنلىكىنى بىلسەممۇ، يۈسۈپنىڭ توختاۋىسىز قىلۋاتقان خورلىقلىرى ئاستىدا ئۇ ئىختىيارسىز ھالدا خىيالىمنىڭ قەھرىمانىغا ئايلىناتتى. ئۇنىڭ بىلەن كوچىلاردا پات_پات ئۇچىرىشپ قالغىنىمىزدا يىراقتىنلا سالاملىشىپ ئۆتۈپ كېتەتتۇق. ھازىر ئۇ ناھىيدىكى ئەڭ چوڭ ئاشخانىنىڭ خوجايىنىغا ئايلانغان ئىدى. ماڭا شۇنداق تۇيلامدۇ بىلمىدىم ، ئۇنى دائىم غەمكىن بىر ھالەتتە ئۇچىرىتاتتىم. بىر قېتىملىق ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىدا ئۇ مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەممىسىنى ئاشخانىسىغا تاماققا چاقىردى. باشقىلارنىڭ ھەممىسى ھەشەمەتلىك بېزەلگەن ئاشخانا زالىنى تاماشا قىلىپ بىرنەرسىلەرنى دىيشىۋاتقاندا مېنىڭ كۆزلىرىم ئىشىك ئالدىغا قويۇلغان ھېسابات قىلىدىغان ئۈستەلنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ ئۇچ_ تۆت ياشلاردىكى بىر قىزنى ئەركىلەتكىنىچە ئولتۇرغان ئاق پىشماق، مىھرى ئىسسق بىر ئايالغا تىكىلگەن ئىدى.
_ زۆھرە، قاراڭ قىزىم دادىڭىز كەلدى!_ ئىشىكتىن سالاپەت بىلەن كىرىپ كەلگەن ئەركىن قىزىنى قۇچىقىغا ئېلىپ مېھرى بىلەن سۆيدى. بىر چاغلاردا ئۇنىڭ مېنى ئەنە شۇنداق سۆيگىنى يادىمغا كېلىپ ، ۋۇجۇدۇم لەرزىگە كەلدى. ئۇنىڭ بەختىدىن سۆيۈنگەن ئىدىم.
      كۈنلىرىم شۇنداق كېتىپ باراتتى.  يېقىندىن بېرى يۈسۈپنىڭ ئۆيگە قايىتمايدىغان كۈنلىرى كۆپىيىپ قالغان ئىدى. سەزگۈر بۇرنۇم ئۇنىڭ كىيمىدىن كېلىۋاتقان ئاياللار ئەتتىرىنى پۇراپ ئۈلگۈرەتتى. ئەمما ئۇچۇق_ ئاشكارە بىر نەرسە دېيەلمەيتتىم. بىر نەچچە قېتىم چوڭ ئۆيگە بارغاندا ئاكام:
_ كەچكىچە خىزمەتلا دېمەي ، تۇرمۇشۇڭغىمۇ كۆڭۈل بۆلۈپ قوي!_ دەپ يۇشۇرۇن ئەسكەرتىپ قويدى. مېنىڭ كۆڭۈل بۆلگۈم يوقمۇ؟ ئەجىبا مەن كۆڭۈل بۆلمىدىممۇ؟ مەنمۇ ئۇنىڭ بىلەن بەخىتلىك ئائىلە قۇرارمەن دەپ توي قىلغانغۇ؟ ئۇنىڭغا ۋاقتىنچە مۇھەببەت بېرەلمىسەممۇ ئەمما مېھرىمنى بەرگەنغۇ؟ئائىلىنى بەخىتلىك قىلىش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچۈم بىلەن تىرىشقانغۇ؟ لېكىن ئۇ قانداق قىلدى؟ مېھىر بۇلاقلىرىمنى ئۆزقولى بىلەن قۇرىتىۋەتتى، تىرىشچانلىقلىرىمنى يوققا چىقاردى، ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمەت، ئىشەنچ تۈۋرۈكىگە ئۆز قولى بىلەن پالتا چېپىپ غولىتىۋەتتى، مەن ھەرقانچە تىرىشىپمۇ ئۇنى ساقلاپ قالالمىدىم. بولدى بەس ئەمدى، تۆت يىلدىن بېرى تارتقان خورلىقلىرىم يېتەر!!!
   شۇ خىياللار بىلەن مەكتەپكە كېلىپ قاپتىمەن. بالىلارنى تەتىلگە قويۋەتكەچكە مەكتەپ چۆلدەرەپ قالغان ئىدى. تېخى ھىچقانداق ئاياق ئىزى چۈشمىگەن مەيداندا ئايلىنىپ يۈرۈپ ھېلىقى پىنھاندىكى ئورۇندۇقنىڭ ئالدىغا كەلدىم. قارباسقان ئورۇندۇق كۆزۈمگە خۇددى مۈكچىيىپ قالغان بوۋايدەك كۆرۈندى. قارلارنى سىيرىپ چۈشۈرۋېتىپ ئۆزەمنى تاشلاپ ئولتۇرۇپ كەتتىم. شۇ تاپتا ئۆزەمنى بىراقلا قېرىپ كەتكەندەك ھېس قىلۋاتاتتىم. قارنىڭ يىنىك غىرىسلىغان ئاۋازى دىققىتىمنى بۆلدى. بېشىمنى كۆتۈرۈپ قارىسام ئەركىن سەككىز 10 يىل ئاۋالقىدەك ، كۆزلىرىمگە تىكىلگىنىچە قاراپ تۇراتتى. ئۇنى ئولتۇرۇشقا ئىشارە قىلدىم. 10 يىل بۇرۇنقىدەك يانمۇ-يان ئولتۇرۋاتىمىز، ئەمما ئوخشىمايدىغان يېرى بىز ئۇچاغلاردا تېخى كىچىك ئىدۇق، ئەتراپىمىزدا گۈل_ چىچەكلەر ئېچىلىپ تۇراتتى، قەلبىمىزدە ئاجايىب گۈزەل ئارمانلار بار ئىدى. ئەمما بىز ھازىر چوپچوڭلا ئادەم بولۇپ كەتتۇق. تېخى بايا ئۆزەمنى قېرىپ كەتكەندەك ھېس قىلدىم. ئەتراپنى ئاپئاق قار قاپلىغان، قەلبىمدە ئارزۇ_ ئۈمۈدلەردىن ئەسەرمۇ يوق، ھېسلىرىم شۇنچىلىك ئېغىر...
    _ بۇ يەرگە كىلىپ قاپسەنغۇ؟_ دېدىم ئارىدىكى سۈكۈتنى بۇزۇپ.
    _ ھەرقېتم قار ياغقاندا مەكتەپنىڭ ئالدىغا بىر قېتىم كېلىمەن، ئادەم بولمىسىلا كىرىپ مۇشۇ يەردە بىردەم ئولتۇرۇپ، خاتىرجەم خىياللىرىمنى سۈرىۋېلىپ چىقىپ كېتىمەن_ دېدى ئۇ تاماكىسنى كۈچەپ شوراپ.
    _ قاچاندىن بېرى تاما كا چىكىدىغان بولۇپ كەتتىڭ؟
    _ توي قىلغاندىن كېيىن ئۆگىنىپ قالدىم ،_ دېدى ئۇ ئىسلارنى كۈچەپ پۈۋلەپ تۇرۇپ،_ ئىچىمدىكى ھەسرەتلىرىم خۇددى ئاشۇ ئىسلار بىلەن تەڭ چىقىپ كەتكەندەك بىردەم بولسىمۇ يىنىكلەپ قالىدىكەنمەن.
    _ ھازىرمۇ ئىچىڭدە ھەسرىتىڭ باردەك نىمانچە كۈچەپ چىكىسەن؟ بىر ئوبدان ئائىلەڭ، ئۆزەڭگە چۇشلۇق ئىگىلىكىڭ بارغۇ؟
    _ راست دەيسەن زۆھرە، ئىناق ئائىلەم، ئۆزەمگە يىتىپ ئاشقۇدەك ئىگىلىكىم بار. لىكىن مەن شۇنچىلىك غېرىپ. ئەڭ يېقىن ئادەملىرىمنىڭ ھېچقايسىسى يېنىمدا يوق. ئاتا_ئانام مېنىڭ مۇشىنچىلىك بىر كۈنگە ئېرىشكىنىمنى كۆرەلمەي، ئوغلىنىڭ راھىتىنى كۆرەلمەي كىتىپ قالدى. مەن بەخىتلىك قىلىشنى ئويلايدىغان ھەم مېنىمۇ بەخىتلىك بەخىتلىك قىلالايدىغان بىردىنبىر ئايالنى قولدىن چىقىرىپ قويدۇم، ئۇنىڭغىمۇھەم ئۆزەمگىمۇ قاتتىق ئازار بەردىم. گەرچە ئايالىم بىلەن بىر ياستۇققا باش قويغىلى ئالتە يىلدىن ئاشقان بولسىمۇ ئۇنىڭغا ئەرلىك مېھرىمنى بەردىميۇ ئەمما ھەرقانچە قىلىپمۇ مۇھەببەت بېرەلمىدىم، سېنى پەقەتلا ئۇنتالمىدىم. پەقەت قىزىملا كۆڭلۈمگە ئانچە_ مۇنچە تەسەللىي بولالايدۇ. ھەرقېتىم زۆھرە دەپ چاقىرغىنىمدا خۇددى سېنىمۇ تەڭ چاقىرۋاتقاندەك ھېس قىلىمەن._ ئۇ بىردەم تىنىۋېلىپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى_ ئەسلى سېنى توي قىلىپ بەخىتلىك بولسا كۆڭلۈم سەل تەسكىن تېپىپ قالارمىكىن دەپ ئويلىغان ئىدىم.ئەپسۇس! ھەرقېتىم يۈزۈڭدىكى كۆكلەرنى كۆرگىنىمدە يۈرەكلىرىم ئېچىشىپ كېتىدۇ، شۇ ئەبلەخنى بېرىپلا بوغۇپ قويغۇم كېلىدۇ. يەرگە قارىغىنىڭچە خىيالغا پېتىپ مېڭىپ كەتكەن مىسكىن تۇرقۇڭ يۈرىكىمنى ئېزىدۇ زۆھرە، سەن ئۈچۈن بىرەر ئىش قىلىپ بەرسەم دەيمەن، ئەمما نىمە ئىش قىلىپ بېرىشىمنى بىلمەيمەن..._ ئۇ گېپىنى داۋاملاشتۇرالماي قالدى.كەڭ يەلكىلىرى سۇس تىترەۋاتاتتى. يۈرۈكۈممۇ شۇنىڭ بىلەن تەڭ تىترەۋاتاتتى. قولۇمنى ئۇنىڭ يەلكىسىگە قويدۇم.
    _ ماڭا بىرەر ئىش قىلىپ بېرىشىڭ ھاجەتسىز ئەركىن، قىزىڭغا مېنىڭ ئىسمىمنى قويغىنىڭنى كۆرۈپ بەك خوش بولدۇم، ماڭا شۇنىڭ ئۆزى كۇپايە. بەخىتلىك ئائىلەڭنى قەدىرلە، بولۇپمۇ ئايالىڭغا مۇھەببەت بېرىشكە تىرىشقىن. ئۇ قىزىڭنىڭ ئانىسى، شۇنچە يىلدىن بېرى خىزمىتىڭنى قىلىپ كېلىۋاتقان ئايال، ئۇنىڭ سېنىڭ مۇھەببىتىڭگە ئېرىشىششكە ھەققى بار! ئۇنىڭ ئۈچۈن بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق بەخىت بولمايدۇ. مەندىن ئەنسىرمە، مەن بۇرۇنقىغا قارىغاندا بەخىتلىك ياشايمەن!
    _ ھەجەپ كۆڭلىمىزنى قوشقان خۇدايىم رىسقىمىزنى قوشماپتىكەن!_ ئۇھسىنغىنىچە شۇنداق دېدى ئۇ.
   ئۇنىڭ بىلەن خوشلىشىپ ئۆيگە يېنىپ كەلدىم. ئانامنىڭ قۇچىقىغا بېشىمنى قويۇپ جىممىدە يېتىۋالدىم. ئانام بېشىمنى سىلاپ تۇرۇپ :
    _ بىچارە قىزىم، بىر قىز دەپ شۇنچە ئەتىۋارلاپ باققانتىم، مۇنچە بەخىتسىز بولۇپ قالارمەن دەپ ھەجەپ ئويلىماپتىكەنمەن _ دېگىنىچە يۇم-يۇم يىغلايتتى. كۆزۈمدىن چىقىۋاتقان ياشلارنى ئانامنىڭ كۆرۈپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ يىغامنى ئىچىمگە يۇتاتتىم. تەتىل ئاياغلىشىپ يەنە خىزمەت ئىچىگە چۆكۈپ كەتتىم. <<تۇل خوتۇن>> دېگەن بۇ قالپاق بېشىمغا كىيدۈرۈلگەندىن بېرى مەھەللىدىكى بىكارچى خوتۇنلارنىڭلا ئەمەس،مەكتەپتىكى بەزىبىر خىزمەتداشلىرىمنىڭمۇ پارىڭىنىڭ قىززىق تېمىسىغا ئايلىنىپ قالغان ئىدىم. بەزىبىر ئەر- ئايال بىللە ئىشلەيدىغان خىزمەتداشلىرىمنىڭ ئاياللىرىنىڭ ئەرلىرىنى مەندىن قاچۇرۇپ كېتشلىرى ئىچىمنى ئاچچىق قىلاتتى.
    ئىشخانىدا بالىلارغا ئەتە تەكرار قىلىپ بېرىدىغان تەقلىدىي ئىمتاھان سوئالىنى ئىشلەپ ئولتۇراتتىم. بىر مەسلىگە كەلگەندە مەن ئىشلەپ چىقارغان جاۋاب بىلەن ئۆلچەملىك جاۋاب ئوخشاش چىقماي قالدى. قايتا_ قايتا ئىشلىسەممۇ يەنە شۇنداق چىقىۋاتاتتى. شۇنىڭ بىلەن پىشقەدەم ئوقۇتقۇچى ئابلەت مالىمدىن سورىماقچى بولۇپ ئۇنىڭ ئالدىغا باردىم. ئىشخانىدا ئىككىمىزلا بار ئىدۇق. بۇ مۇئەللىم ئىلگىرى ماڭا ئۈچ يىل دەرس بەرگەن بولۇپ ماڭا بەك ئامراق ئىدى. مەنمۇ 50 ياشلارغا يېقىنلاپ قالغان بۇ ئادەمنى دادامدەكلا يېقىن كۆرەتتىم. ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئىشلىگەنلىرىمنى كۆرسىتىۋېتىپ كۆزۈم ئۇنىڭ كۆزلىرىگە چۈشۈپ قالدى. ئۇنىڭ كۆزلىرى مېنىڭ ياقىسى سەل ئويۇلغان كوپتامنىڭ ئالدىغا چۈشكەن ئىدى.ئىتتىكلا تۇرۇپ كەتتىم. كۆڭلۈم بىرقىسمىلا بولۇپ، قايتا سورىغىم كەلمىدى.
    _ ھە نەدە خاتا كەتكىنىمنى بىلدىم مۇئەللىم، قايتا بىر قېتىم ئىشلەپ چىقاي_ دەپ كەينىمگە ئۆرۈلۈشىمگە ئۇ چاقىرىپ قالدى.
    -زۆھرە،_ ئۇنىڭ چىرايىدا غەلىتە بىر ئىپادە بار ئىدى_ كەچتە...كەچتە بالىلار ئۆيدە يوق، ئۆزەم يالغۇز. بىزنىڭ ئۆيگە بارايلىمۇ؟
    بۇ مۇئەللىمنىڭ ئايالى ئۈلۈپ كەتكىلى نەچچە يىللار بولغان ئىدى.  ئۇنىڭ چىرايىغا چەكچەيگىنىمچە قاراپ قالدىم. خۇددى بىرسى چۆرگىلىتىپ قويۋەتكەندەك، كۆزلىرىم قاراڭغۇلىشىپ ھېچنىمىنى ئاڭقىرالمايلا قالدىم. ئۇنىڭغا بىر نەرسە دېدىممۇ يوق، ئىشخانىدىن قانداق يېنىپ چىقىتىم بىلمەيمەن، ئۆيگە كېلىپ يوتغانغا پۈركۈنۈپ بىرھازا يىغلىدىم. قايسىدۇر بىر ھېكايىدىكى<< تۇل خۇتۇن تەنھا ئارالغا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭغا ھەرقانداق بىر ئەرنىڭ بېرىپ باققۇسى كېلىدۇ>> دېگەن سۆزلەر يادىمغا يەتتى. دادام سۈپەت بىر ئادەمنىڭ قىلغان قىلىقى جان- جېنىمدىن ئۆتۈپ كەتكەن ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ مۇئەللىمگە ئۇچۇق چىراي ئاچمىدىم. يالغۇز ئۇنىڭغىلا ئەمەس، بارلىق ئەر خىزمەتداشلىرىمغا بۇرۇنقىدەك نورمال مۇئامىلە قىلمايدىغان بولدۇم. پۈتۈن زېھنىمنى خىزمەتكە قاراتتىم. كۈنلەر ئۆتۈپ ئوقۇغۇچىلىرىم ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانىغا قاتناشتى، بالىلارنىڭ نەتىجىسى مۆلچەرىمدىكىدىن كۆپ ياخشى ئىدى. چاقىرىقلىرىنى كۆتۈرۈپ ئالدىمغا كەلگەندە ھاردۇقۇم چىققاندەك بولدى.
     يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمى باشلاندى.يەنە شۇ ئالدىراش خىزمەتلەرگە كىرىشىپ كەتتۇق. شۇنداق كۈنلەردە مەكتىپىمىزگە ئىچكىرى ئۆلكىگە بېرىپ قوش تىل ئوقۇتىشى بويىچە تەربىيلىنىدىغانغا بىر سان كەلدى. مەكتەپتىكىلەرنىڭ قوللىشى بىلەن بۇ قېتىملىق ئوقۇشقا مەن  بارىدىغان بولدۇم. ئوقۇشقا ماڭغان كۈنۈم بېكەتكىچە ئۇزۇتۇپ چىققان ئانام توختىماي ياش تۈكەتتى. ئاكامنىڭمۇ كۆزلىرى قىزىرىپ قالغان ئىدى. ئۇلار بىلەن خوشلىشىپ ماشىنىغا چىقىپ جايلاشتىم. ماشىنا پۇلاڭلاۋاتقان سانسىز قوللارنى ئارقىدا قالدۇرۇپ يۈرۈپ كەتتى. شۇ تاپتا ئۆزەمنى ئاجايىب بىر گۈزەل پارلاق مەنزىلگە قاراپ كېتىۋاتقاندەك ھېس قىلاتتىم.  بىردىنلا كۈمۇش چاچقۇلىرىدەك ئۇششاق قار ئۇچقۇنلىرى ماشىنا ئەينىكىگە قونۇشقا باشلىدى. بۇ قار ئۇچقۇنلىرىنىڭ كەلگۈسى بەختىمنىڭ چاچقۇلىرى بولۇپ قېلىشىنى شۇ قەدەر ئارزۇ قىلاتتىم...


تۈگىدى.
مەنبە: تىنىقلىرىم...


ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
hokumran + 200 خېلى ياخشى يېزىپسىز . تۇللۇق ئوقۇپ بولغا
زامانى + 222 ئەسەردىكى  پېرسوناژلارنىڭ 

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 422   باھا خاتىرىسى

سۇ بويىدا سۇغا مەن تەشنا، لەۋ يالىسام ئاغزىمغا پەشۋا.

ئازاپلىرىم،مېنى

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10299
يازما سانى: 627
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11895
تۆھپە نۇمۇرى: 301
توردا: 8858 سائەت
تىزىم: 2010-9-14
ئاخىرقى: 2012-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-5 11:21:37 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىچ-ئىچمىدىن ئۆرلەۋاتقان ھاردۇقىنى چىقىرپ قويغاندەكلا بۇلۇپ قالدىم ئەسىرىڭىزنى ئوقۇپ...نېمىشقا ئاياللارنىڭ يېشى شۇنچە كۆپ بولىدىغاندۇ دەيمەن..
ئائىلە ،نىكاھ،مۇھەببەت ،كىشلىك تۇرمۇش....بۇلارنىڭ ھەقىقىي مەنسىگە يەتكۈدەك بولىمغاندىمەن...بىراق دائىم مۇشۇ خىلدىكى ئەسەرلەرنى ئوقۇسام ئىچىمنى بىر خىل غەشلىك چۇلىغىۋالىدۇ...
ئېسىت ئاۋۇ يۈسۈپ دېگەننىڭ ئەر بۇلۇپ تۆرىلىپ قالغىنىغا،،مىڭ لەنەت..ئەقىدىسى بىلەن كۈتۈپ كەلگەن ئايالىغا شۇنچە ئەلەم قىلغىنغا مىڭ يىل دوزاخ ئوتىدا كۆيسىمۇ ئازلىق قىلار بەلكىم...ئاھ،بىچارە زۆھرە مۇھەببەت گۈلىستانلىرىڭدا بۇلبۇلىنى چىللىغاندىڭ ئەپسۇس قۇزغۇن كېلىپ قونغانكەن ئەمەسسمۇ...
نىكاھ ئۇلۇغ بولىدۇ دەيدىكەن كونىلار،،،شۇ تۇزغا چىلانغان ناننى يېيىش ئالدىدا دېيىلگەن شۇ سۆزلەرنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىغان،قسىسقسى ئاشۇ ئانىسىغا تەڭداش مېھرىبانلىرىغا مۇھەببەت ئەمەس بەلكى تاياق ھەدىيە قىلغان ئەرلەرگە لەنەت،مىڭ لەنەت...ئېسىت ئاشۇ <تاياقچى>بىچارە ئەركەكلەر!!!

شامال ئېيتىدۇ:ئەقىدەڭنى ماڭا بەر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35588
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 46
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 64 سائەت
تىزىم: 2011-3-28
ئاخىرقى: 2011-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-5 11:36:45 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەخمەت سىزگە  بەك ياخشى چىقىپتۇ   ................ئاللا  ھەممىمىزنىڭ بەختىنى بىرە  [s:166]  [s:166]  [s:166]  [s:166]

مەن ئەڭ ياخشىسى ئەمەس لىكىن ئەڭ ياخشى بۇلۇشقا تىرىشىمەن

~كۈلگىنچەك مەلىك

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25613
يازما سانى: 452
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 5214
تۆھپە نۇمۇرى: 287
توردا: 850 سائەت
تىزىم: 2011-1-9
ئاخىرقى: 2012-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-5 11:48:29 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىز بالا بولماق تەس.......... [s:151]

تەقدىرگە بويسۇنىمەن!چۈنكى_ــ                            ھەممىلا ئىش كۆڭۈلدىكىدەك بولىۋەرمەيدۇ!!!

alla mining birdinbir yardamch

ئاكتىپ ئەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3770
يازما سانى: 764
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10531
تۆھپە نۇمۇرى: 315
توردا: 5565 سائەت
تىزىم: 2010-7-11
ئاخىرقى: 2012-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-5 03:05:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرىنى داۋاملاشتۇرسىڭىز بولغۇدەك،ئەمدى قەلىمىڭىزدىن بۇ ئايالغا بەخت يارىتىپ بېرىڭ...

ئاللاھنىڭ مېنى ئۇيغۇر يارىتىشى مېنى ئۇنىڭ ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا چاقىرغىنىدۇر،مۆمىن بەندە بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئاللاھىمغا قانداقمۇ قارشى چىقالايمەن؟!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2920
يازما سانى: 305
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 6998
تۆھپە نۇمۇرى: 310
توردا: 169 سائەت
تىزىم: 2010-6-23
ئاخىرقى: 2012-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-5 03:23:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 4قەۋەت  bendora كە 2011-04-05 03:05 PMئەۋەتىلدى  :
ئاخىرىنى داۋاملاشتۇرسىڭىز بولغۇدەك،ئەمدى قەلىمىڭىزدىن بۇ ئايالغا بەخت يارىتىپ بېرىڭ...
زۆھرەنىڭ كېيىنكى بەختىنى ئوقۇرمەنلەرگە تاپشۇردۇم. ئوقۇرمەنلەر ئۆزتەپەككۇرى بويىچە ئۇنىڭغا ئۆزى خالىغان بەخىتنى ئاتا قىلسۇن!

سۇ بويىدا سۇغا مەن تەشنا، لەۋ يالىسام ئاغزىمغا پەشۋا.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10337
يازما سانى: 17
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5082
تۆھپە نۇمۇرى: 259
توردا: 2062 سائەت
تىزىم: 2010-9-14
ئاخىرقى: 2012-1-2
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-5 03:30:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى بىر ئەسەر ئىكەن .. ئوقۇپ چىقتىم .. قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن ...

نېمىلەرنى ئويلا

ئاكتىپ ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12654
يازما سانى: 847
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7746
تۆھپە نۇمۇرى: 251
توردا: 2819 سائەت
تىزىم: 2010-10-4
ئاخىرقى: 2012-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-5 03:55:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇندىن كىيىنكى ئىجادىيەتلىرىڭىزگە تېخىمۇ كۆپ مۇۋاپىقيەتلەر  تىلەيمەن !


ئەسەردىكى  يۈسۈپكە ئوخشاش ئايالىنىڭ ساپ مۇھەببىتى  ، ئەقىدىسىنى خارلىغان نامەرتلەر ..........

پەقەت تېرىشسىلا

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36334
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 170 سائەت
تىزىم: 2011-4-4
ئاخىرقى: 2011-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-5 04:48:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ياخشى يېزىپسىز !!!      ھېلىقى يۈسۈپتەك ئادەملەر كېشىنىڭ ئوغىسىنى قاينىتىدۇ _ھە؟  
زۆھرە ھايات يولى تېخى ئۇزۈن غەيرەت قېلىڭ!!!

پەقەت تېرىشسىلا قىلىغىلى بولمايدىغان ئىش يوق! غەيرەت قىلىڭ!!!

گـۈللەر ئىچىدىك

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33528
يازما سانى: 35
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1175
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 1768 سائەت
تىزىم: 2011-3-12
ئاخىرقى: 2011-8-2
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-6 12:39:05 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ قىزنىڭ بارلىق ئىنكاسلىرىغا دىققەت قىلىپ كېلىۋاتىمەن، تېتىملىق ئىنكاسلىرىدىنلا شۇنداق بىلىنگەن، بۇ ئەسەر ياخشى چىقىپتۇ سىڭلىم، ۋاقىت بولسىلا قۇلىڭىزغا قەلەم ئېلىپ تۇرۇڭ... سىزگە ھەر زامان خۇشاللىق تىلەيمەن...

توققۇز پارچە بولدى يۈرىكىم، سەنسىز قالغان توققۇز كېچىدە. توققۇز يۇلتۇز ئاقتى كۆزۈمدىن، توققۇز كۈندۈز زۇلمەت ئىچىدە...
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش