مىسرانىم مۇنبىرىدىكى بارلىق دوسلارنى ئاتۇشنى بىر ساياھەت قىلدۇراي دەپ بۇ تىمىنى يوللىدىم.
ئالدى بىلەن ئاتۇشنى قىسقىغىنە بىر تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي.
ئاتۇش -قەدىم يىپەك يولىنىڭ تۈگۈنى بولۇپ ،تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبىغا ،تارىم ئويمانلىغىنىڭ غەربىدىكى <<ئالتۇن ئۈچبۇرجەك>>كە جايلاشقان چېگرا شەھەر.
شەرق ،جەنۇب تەرەپتىن قەشقەر ۋىلايىتى بىلەن ،غەرب تەرپتە ئۇلۇغچات ناھىيىسى،شەرقى شىمال تەرەپتە ئاقچى ناھىيىىسى بىلەن چېگرىلىنىپ تۇرىدۇ.شىمالى قىسىمى تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبى ئارقىلىق قىرغىزىستان بىلەن چېگرىلىنىدۇ.
ئاتۇش-قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستنىڭ مەركىزى بولۇپ ئۈرۈمچى بىلەن بولغان ئارىلىغى 1433 كېلومىتىركېلىدۇ.شەھەر رايونىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1300مېتىر كېلىدۇ.
ئاتۇش ئۆزگىچە جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىككە ئىگە بولۇپ قىرغىزستان،قازاقىستان،ئۆزبېكىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىگەبېرىشىتكى مۇھىم تۈگۈن.تورغات ،ئەركەشتام چېگرا ئېغىزىغا ئىنتايىن يېقىن.
جەنۇب تەرەپتىن پاكىستان ،ھىندىستان،پارس قولتۇغى ئەللىرىگە بېرىشتاقونجىراب ئېغىزىغا 443كىلومېتىر كېلىدۇ.قەشقەر ئايرىپورتى بىلەن بولغان ئارىلىغى 30كىلومېتىر كېلىدۇ.
جەنۇبى شىنجاڭ تۆمۈريولى،314-دۆلەت يولى ئاتۇشتىن ئۆتىدۇ،قاتنىشى ئىنتايىن قولايلىق.
ئاتۇشنىڭ بۇرۇن شىنجاڭدىكى كىچىك <<شىياڭگاڭ >>دىگەن نامى بارئىدى.ئاتۇش يەنە <<مەدەنىيەت-سەنئەت ماكانى>>،<<مەرىپەت بۆشىكى>>،<<پۇتبول ماكانى>>،<<پالۋانلار يۇرتى>>،<<ئەنجۈر ماكانى>>دىگەن نامى بار.
ئەنجۈرنىڭ مەھسۇلات مىقدارى ۋە سۈپىتى جەھەتتە مەملىكەت بويىچە بىرىنجى قاتاردا تۇرىدۇ.كاتتايلاقنىڭ <<قاراكۆسەي قوغۇنى>> ،ئازاقنىڭ مۇناقى ئۈزۈمى ئاتۇش شەھىرىنىڭ يەرلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرى بولۇپ پاكىستان،شىياڭگاڭ قاتارلىق جايلارغا سېتىلماقتا.
بۇناخشىنى ئاڭلىغاچ ساياھىتىمىزنى باشلىۋىتەيلى ئەمىسە؛
چەۋەندازلار ساياھەت ئورنى
ئاتۇش ئۆيلىرى
ئاغۇ سۇ ئامبىرى
تۇز كۆل
كۆككە تاقاشقان تاغلىرى
جايپەچچىم
پەلەك دەرۋازىسى
سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان مەقبەرىسى
ھەسۇلتۇنۇم مەسجىدى
بۇغرام مەسجىدى
تىجەن مەسجىدى
مىڭ يىللىق دەرەخ
ئەنجۈرلۈك باغلىرى
ئازغان ئەنجۈرلۈك بىغى
ئۈزۈملۈك تاللىرى
خەلىق مەيدانى
كەچلىك مەنزىرىسى
مىنىڭ يىغقان رەسىمىم مۇشۇنچىلىككەن بىر قىسىم رەسىمنىڭ ئەسلى مەنبەسىدىن كىچىك بولغاچقا چوڭايتاي دىسەم ئېنىقلىق دەرجىسى بەك تۆۋەنلەپ كىتىدىكەن شۇڭا ئۆز پېتى يوللاپ قويدۇم توغرا چۈشىنەرسىلەر.
مەنبە ؛ ئۆزۈم توردىن يىغقان.