مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: Misranim

مىسرانىم ئەزالىرىغا دوستانە ئەسكەرتمە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Ceddin deden neslin baban Hep

باش رەسىمى نىقابلانغان

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1686
يازما سانى: 3218
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 58608
تۆھپە نۇمۇرى: 432
توردا: 2732 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2012-2-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-6 02:31:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

تىلىم، دىلىمغا ئەگەش!

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1424
يازما سانى: 3339
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 116826
تۆھپە نۇمۇرى: 2177
توردا: 12832 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-6 02:32:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
     ئەسسالامۇئەلەيكۇم، مىسرانىم مۇنبىرىدىكى بارلىق مۇنبەرداشلار، مىسرانىمنىڭ تۆۋەنچىلىك بىلەن بۇ يازمىنى يوللىشى ئۇنىڭ مۇنبەرگە ئىگە بولۇش، ئومۇملىقنى كۆزدە تۇتۇش، مۇنبەرنىڭ تىنچ، سۈپەتلىك تەرەققىي قىلىشىغا بولغان قۇربان بېرىش، تىرىشىش، باراۋەر ئادىل بولۇش روھىنىڭ ئىپادىسى دەپ قارىدىم.

    سىلىق سۆز تاشنى يارار

    مىسرانىم مۇنبىرىدە سانداندا كۆرسىتىلىۋاتقان ساندىكى ئەزا شۇنچىلىك بولمىغان تەقدىردىمۇ 30000ئەتراپىدا ئىكەنلىكىنى ھەممىمىز ئىتراپ قىلىمىز. دېمەك، شۇنچە كۆپ ئادەم ئىچىدە بىز كۆزگە ئىلمىغان، ئۆزىمىزنى قارشى تەرەپتىن ئاقىل چاغلىغان كىشىلەر بەلكىم بىزنىڭ ئالىملىرىمىز بولىشى مۇمكىن، بىز گەپ - سۆزىگە قاراپ چوڭ بىلگەن كىشىلەر بەلكى ھەممە ناچار سۈپەتلەرنى ئۆزىگە يۇقتۇرغان نادان كىشىلەر بولىشىمۇ مۇمكىن. شۇڭا، بىز مۇئامىلىدە ئادىل بولىشىمىز، گەپ - سۆزدە قارشى تەرەپنى ھۆرمەت قىلىشىمىز كېرەك. مەيلى باشقۇرغۇچى بولسۇن، ئادەتتىكى ئەزا بولسۇن ھەممىسىنىڭ ئۆز كۆز قارىشى ، ئۆز تارازىسى بار. مىسرانىم تورىنىڭ بىر چوڭ تەركىبى بولغان مۇنازىرە مۇنبىرى ھەممەيلەن ئويلىغىنىنى دەيدىغان، كۆز قاراشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆزىگە مەنتىقە بېكىتىدىغان جاي. شۇنداق بولغانكەن، نېمىشقا ئۆز كۆز قارىشىمىزنى باشقىلارغا زورلاپ تاڭىمىز؟! نېمىشقا باشقىلارنىڭ خاتالىقىنىلا تېپىپ ، ئارتۇقچىلىقىنى ئاز تىلغا ئالىمىز؟! سۆز قىلغاندا ئىلمىي ، سىلىق بولساق ، سىزنىڭ يازغىنىڭىزنى كۆرگەن ھەر بىر ئادەم سىزدىن سۆيۈنسە ، ئاندىن ئۇلار سىزنىڭ كۆز قارىشىڭىزغا قوشۇلۇپ، سىز دېمەكچى بولغان مەنانى چۈشىنەلەيدۇ. سىزگە دوستلۇق كۆزى بىلەن قارايدۇ.
   باشقۇرغۇچىلارنىڭ ئىشىمۇ ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەس ئىكەن. مەن بۇنى باشقۇرغۇچى بولغان بىر نەچچە كۈن ئىچىدە ھىس قىلدىم. دۆلەت، جەمئىيەتنىڭ سىياسى تەلىپى، مۇنبەرنىڭ خاسلىق تەلىپى، يازمىلارنىڭ مەزمۇن، شەكىل، ھەجىمى قاتارلىقلارغا قويىلىدىغان تەلەپ... ، مۇشۇنداق نۇرغۇن تەلەپلەرگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ، بېكىتىپ ئاندىن بىر تېمىنى تەستىقتىن ئۆتكۈزۈش جەريانى ھەقىقەتەن بىر سىناق. ئەگەر ئىملانى توغرىلاپلا چىقىرىدىغان ئىش بولسىدى، ئۇ چاغدا باشقۇرغۇچىلارنىڭ ئەزالاردىن ئۇچرىغان "دەشنام"لىرى ئاز بولغان بولاتتى. مۇنبەرداشلارنىڭ ئۆزى ئەۋەتكەن يازمىنىڭ سۈپىتىنى قايتا - قايتا ئويلىشىپ، ئاندىن ئۆزۈڭلارغا بېرىلگەن ئەسكەرتىش، ئۆچۈرۈلۈش مەشغۇلاتى ئۈستىدە ئاغرىنشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
   مۇنبەرداشلارنىڭ بىر تېمىنى يېزىپ پۈتتۈرۈپ، ئىپتىخارلىق بىلەن مۇنبەرگە يوللىشىمۇ كۆپ ئەجىر، سەۋرىچانلىقتىن، مۇنبەرگە بولغان بىر خىل يېقىن ھىسياتتىن كېلىدۇ. مەيلى قانداق تېما يوللاڭ، سىزنى كۈن بويى توردا ئەھمىيەتسىز نەرسىلەرنى كۆرۈپ، ئايىغى چىقماس ئويۇنلارنى ئويناپ ۋاقىت ئۆتكۈزىۋاتقان كىشلەردىن مىڭ ھەسسە ئەقىللىق، پەزىلەتلىك، تىرىشچان دەپ بىلىشكە بولىدۇ. باشقۇرغۇچىلارمۇ ھەر دائىم سىلەرنىڭ مۇشۇنداق تەرىپىڭلارنى كۆزدە تۇتۇپ، كۆپ ئويلىنىش، تەھرىرلەش، مەسلىھەتلىشىش بىلەن ئىمكان بار تەستىقلاشقا لايىق قىلىپ مۇنبەرگە چىقرىدۇ. بەزى گەرچە سىزنىڭ ئەمگىكىڭىز بولسىمۇ، لېكىن ، يۇقىرىدا دېيىلگەن ئۆلچەم ، تەلەپلەرگە مۇۋاپىق بولمىسا، ئۆچۈرۈشكە مەجبۇر بولىدۇ.(ئۆچۈرۈشتە سىزگە ئۇقتۇرىدۇ. مەشغۇلات خاتالىقى بولۇپ قالسا بۇ باشقا گەپ). شۇڭا، سىلەرنىڭ تېماڭلارنىڭ تەستىقتىن ئۆتۈش، ئۆتمەسلىكى توغرىسدا توغرا چۈشەنچىدە بولۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

   پىچاقنى ئاۋال ئۆزۈڭگە سال، ئاغرىمىسا خەققە

   مەيلى باشقۇرغۇچى بولسۇن، مەيلى ئاددى ئەزا بولسۇن، ھەممىمىز ئادەم. بەزىدە تاياقتىن تىل يامان. سىز باشقىلارغا نارازى بولۇپ، قوپال، تەنە، ھاقارەت سۆزلىرىنى ئىشلىتىپ ، پىكىرىڭىزنى ئوتتۇرىغا قويغاندا، ئەگەر سىزگە بىرى شۇنداق گەپ قىلسا قانداق ھىسىياتتا بولىدىغانلىقىڭىزنى بىلەلىشىڭىز مۇمكىن. يەنە بىر جەھەتتىن، ھازىر قانۇن تەكىتلىنىۋاتىدۇ، تۇرمۇشتىكى تالاش-تارتىش دەۋا ئىشلىرىدىمۇ، ئەرز قىلىش، دوكلات قىلىش يوللىرى، قائىدىسى بار. مەيلى كىم بولسۇن، قانداق پىكىر-تەكلىپىمىز بولسا، ئۆزىڭىز مۇۋاپىق دەپ قارىغان ئادەمگە سۆزىڭىزنى سىلىق، يولى بىلەن ئىنكاس قىلسىڭىز. مىسرانىم مۇنبىرى ئىگىلىرى سىزنىڭ ئىنكاسىڭىزغا ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە جاۋاب قايتۇرالايدۇ دەپ ئىشىنىمەن.

   ئۆز-ئارا چۈشىنش، ئۆز-ئارا ھۆرمەت قىلىش، ئاقىللىقنىڭ ئىپادىسىدۇر.



بەزى ئىشلارغا مەڭگۈ ئامال يوق

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63
يازما سانى: 5203
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 24320
تۆھپە نۇمۇرى: 4424
توردا: 7292 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-6 02:33:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىسقا ئۇچۇر قىلماي ئىنكاس ئۆچۈرگەن باشقۇرغۇچىلارغا قانداق چارە كۆرىلىدۇ ؟
بۇنىڭدىن كىيىن ئەمەس ! ئىزچىل شۇنداق قىلغانلارغا...
شۇ ئۈچ ئەزانى چەكلىگەن باشقۇرغۇچىلار كىملەر ؟
ئۇلارنى چەكلەشنىڭ سەۋەبى نىمە ؟

بەزى چاغلاردا بىلىدىغىنىڭ قانچە ئاز بولسا شۇنچە بەخىتلىك بولىسەن
ئاركادا بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-6 02:33:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

سەن مەنپەئەت ھەم

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25966
يازما سانى: 1150
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4414
تۆھپە نۇمۇرى: 389
توردا: 5505 سائەت
تىزىم: 2011-1-12
ئاخىرقى: 2014-7-4
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-6 02:34:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ئويلايمەن مىسرانىم، مۇشۇ باشقۇرغىلارنى باھالايدىغان بىرەر پائالىيەت ئۆتكۈزمىسەك زادى بولمىغۇدەك ھالغا كىپقاپتۇ، مانا، نەچچە كۈندىن بىرى كۆرۈۋاتىمىز، مەن ھەممە گۇناھ باشقۇرغۇچىدا دېمەيمەن، ئەلۋەتتە كۆپ قىسمى ئەزالاردا، ئەمما باشقۇرغۇچىلار سەل سوغۇق قانراق بولۇشى كېرەك.
ئۆزىڭىزمۇ دەپسىز، مۇنازىرە دېگەندە يېڭىش، يېڭىلىش بولۇپ تۇرىدۇ، بۇنىڭلىق بىلەن ئەتىگەنكىدەك ۋە ئاخشامقىدەك ئىشلار كېلىپ چىقسا بولغۇلۇق يەنە شۇ مۇنبەرگە بولىدۇ، خاپىلىق مۇنبەر قۇرغۇچىغا بولىدۇ، شۇڭا ھەممىمىز سوغۇق قانلىق بىلەن ئىش كۆرۈشىمىز كىرەك.
ئادەم كۆپ يەردە غەلۋە-غوۋغامۇ كۆپ بولىدۇ، بۇنى يولى بىلەن ھەل قىلىمەن دېسە ئۇنىڭغىمۇ ئامال چىقىدۇ.
مېنىڭ ئاخىرقى تەكلىپىم، مۇشۇ ئىنكاس، تىمىلارنى ئۇچۇر قىلمايلا ئۆچۈرۋىتىدىغان باشقۇرغۇچىلارغا بىرەر چارە كۆرۈلسە بولاتتى، ئەمدى، باشقىلارنى مازاق قىلغان، ھاقارەت قىلغان، ياكى قۇرۇق ئىپادە دېگەندەكلارلا يوللىنىپ قالغان ئىنكاس بولسا ئۇنىڭ يولى باشقا، ئەمما خىلى يىقىشلىق، ۋەزنى بار تىما ئىنكاسلارنىمۇ گەپ-سۆزسىز ئۆچۈرۈۋەتسە بۇ سەل ئىشىپ كېتەمدىكىن دەيمەن.

ئەي ئەركەك! قىز ئاياللىرىڭغا ھىزى بول!!! ئۆز تەقدىرىنى ئويلىمىغان مىللەتنىڭ كەلگۈسى بولمايدۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24820
يازما سانى: 1521
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 20572
تۆھپە نۇمۇرى: 354
توردا: 4073 سائەت
تىزىم: 2011-1-2
ئاخىرقى: 2014-1-13
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-6 02:34:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تەكلىپ پىكىركەن.مەنمۇ مۇشۇ مۇنبەرگە ئەزا بولۇپ كىرىپ،ناھەقتىن ناھەق ئىككى قېتىم باشقىلارنىڭ ھاقارىتىگە ئۇچرىدىم.نەچچە كۈن ئىچىم ئاچچىق بولۇپ يۈردۈم.لېكىن مەن يەنىلا ئۆزۈمنى تۇتۇۋالدىم.ئاشۇنداق ئادەم تىللايدىغان،باشقا مىللەتلەرنى تىللاپ قارغايدىغان،قۇتراتقۇلۇق قىلىدىغان تېما ئىنكاسلار ئۆچۈرلۈشى كېرەك.
باشقىلار بىزنى تىللايدىكەن،بىزمۇ باشقىلارنى تىللىشىمىز كېرەك دەيدىكەن بەزىلەر.ئۇنداقتا باشقىلار پوق يىسە بىزمۇ تەڭ يەمدۇق؟بىز ئۇنداق قىلمايمىز دوستلار!بىز تىللىمايمىز،بىز ئايرىم مەسىلىلەردە سۈكۈت قىلىشنى تاللىساق بولىدۇ.بىزدە ساراڭ بىلەن تەڭ بولما،پوققا چالما ئاتساڭ ئۆزۈڭگە چاچرايدۇ،ئىت قاۋاۋېرىدۇ كارۋان يولىغا مېڭىۋېرىدۇ،يامانغا يولۇقساڭ يارىسى قازانغا يولۇقساڭ قارسى...دىگەن ئالتۇنغا تېگۈشكۈسىز ماقال-تەمسىللىرىمىز بار بىزنىڭ.
باشقىلارنىڭ تور بېتىدە بىزنى تىللىغان،ھاقارەتلىگەن ئۇچۇرلار كۆپ بولسا،ئەكسىچە بىزدە باشقىلارنى تىللىغان ئۇچۇرلار ئاساسەن بولمىسا،ئويلاپ بېقىڭ، ئادىمىلىك جەھەتتىن كىم ئۈستۈن ئورۇندا تۇرۇدۇ؟روھى جەھەتتىن كىم ئۈستۈن تۇرۇدۇ؟ئاڭ-سەۋىيە،مەدىنىيەت جەھەتتىن كىم ئۈستۈن تۇرۇدۇ؟
مىسرانىم مىللىتىمىزنىڭ ئىززەت،قەدىر-قىممىتىنى ساقلاشتا،مىللىتىمىزنىڭ ئېسىل نەمۇنىلىرىنى،مەدىنىيىتىنى دۇنياغا تونۇتۇشتا بايراقدار تور بېكەتلىرىدىن بولىشى،ئۇيغۇرغا ۋەكىللىك قىلالايدىغان بولىشى كېرەك!شۇنداقلا ئۇيغۇر خەلقىنى  مەنىۋى جەھەتتىن  تەربىيلەشتە،ئىلغار مەدىنىيەتنى،ئادىمىلىكنى،ئىسانپەرۋەرلىكىنى،خەلقپەرۋەرلىكنى،مىللى روھنى، تېنچىلىقنى،ئىناق-ئىتتىپاقلىقنى تەرغىپ قىلىشنى ئۆزىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدىكى ماياك قىلىشى كېرەك.تور مەدىنىيىتدە،تور قۇرلۇشىدا،مەزمۇندا دۇنيادىكى داڭلىق مۇنبەرلەرنىڭ ئەندىزىسىنى ئۆرنەك قىلىشنى داۋاملاشتۇرىشى كېرەك دەپ ئويلايمەن.
ئۆز نۆۋىتىدە ئۆزىمىزدىكى كەمچىلىك،خاتالىقلارنى،نۇقسانلارنى قامچىلاپ،خەلقنى توغرا يولغا باشلاشقا يول كۆرسۈتۈشتە ئۆز رولىنى بەلگىلىك جارى قىلدۇرىشى كېرەك.

بىلمىگەننى بىلدىم ، كۆرمىگەننى كۆردۇم، ئاڭلىمىغاننى ئاڭلىدىم دېمە!

ياردەم مەزمۇنى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34800
يازما سانى: 221
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3748
تۆھپە نۇمۇرى: 98
توردا: 669 سائەت
تىزىم: 2011-3-22
ئاخىرقى: 2011-9-1
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-6 02:37:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەمدى ياخشى بوپتۇ؟
ئەتىگەنكى تېمىنى ئۇقۇپ مەنمۇ باتناپ قالغانتىم؛

ئۆلۆم ئىنسان ئۆچۆن يىتەرلىك ۋەز نەسىھەتتۇر!

ئات ئۆزۈڭنى بەھرىگە يا غەرق بو

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10336
يازما سانى: 8341
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 55725
تۆھپە نۇمۇرى: 3763
توردا: 6666 سائەت
تىزىم: 2010-7-14
ئاخىرقى: 2015-1-31
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-6 02:39:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇغو ناھايىتى تاتلىق گەپ ئىكەن.... لېكىن ئەمەلىيىتىنى كۆرسەك ئاندىن خوشال بولىمىزدە ئەمدى.....

ئاركادا بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-6 02:39:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

سةمىمى بۇلۇش ئةڭ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14017
يازما سانى: 385
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8474
تۆھپە نۇمۇرى: 405
توردا: 3355 سائەت
تىزىم: 2010-10-15
ئاخىرقى: 2015-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-6 02:40:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭ ئىككى تېمام تەستىقلانمىدى تېخى تۆنۆگۈن ھۈكۈمەتكە ئانا تىلنى قوغداش توغۇرسىدىكى تەلەپ لاھىيسىنى يوللىغانلىق توغۇرسىدىكى ئىلھام توختى توغۇرلۇق يېزىلغان خەۋەرنى ئەسلى مەنبەسى ۋە مۇنبەر مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن بولساممۇ تەستىقلاشتىن ئۆتمىدى.بۇ ئەسلى ھەممە ئۇيغۇرلار كۈرۈشكە تىگىشلىك تېما ئىدى.نىمە تىل قىسچىلىگىڭلار باركىن تاڭ ئۇقمۇدۇم.ئالدىنقى تەستىقلانمىغان تېمام ناھەقچىلىك ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن تېما ئىدى.تەستىقلىندىغان تېمىلارنىڭ مۇندەرىجىسىنى ئېلان قىلغان بولساڭلار بۇپتىكەن.باشقا مۇنبەرلەردە تەستىقلندۇ يۇ سىلەر نىمىشقا تەستىقلىمايسىلەر؟
مۇنبىرىمىزنىڭ شېئىر-قوشاقلار سورۇنىلا بۇلۇپ قالماسلىغىنى بەكمۇ ئۈمىت قىلمەن.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش