مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 999|ئىنكاس: 25

داڭلىق نىرۋانا مۇزىكا ئەتىرتى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 749
يازما سانى: 663
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10593
تۆھپە نۇمۇرى: 501
توردا: 3517 سائەت
تىزىم: 2010-5-25
ئاخىرقى: 2012-2-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-6 03:33:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  نىرۋانا ئامرىكىدىكى داڭلىق روك گۇرۇپپىسى. بۇ گۇرۇپ يەنەگىرانج( grunge )ئۇسلۇبىنىڭ ۋەكىل خاراكتىرلىك گۇرۇپپىسى سۈپىتىدە ئاتىلىپ كەلمەكتە. نىرۋانا مۇزىكا ئەترىتى 1987-يىلى قۇرۇلغان 1994-يىلى ناخشىچى كۇرت كوباين  Kurt Cobain نىڭ ئۆزىنى ئېتىۋىلىش پاجىئەسى بىلەن ئاخىرلاشقان. 

 
رەسىمدىكى  كۇرت كۇبايىن 


    
قىسقىچە تارىخى
     
1985-يىلى ئامېرىكا ۋاشىنگىتون شىتاتى ئابەردىندە ناخشىچى كۇرت تەرىپىدىن دەسلەپكى قەدەمدە Fecal Matter دىگەن نام بىلەن گۇرۇپپا قۇرۇلغان. دەسلەپكى ئەزالىرى: كۇرت كوباينkurt cobain(گىتتار، ناخشا) دەل كروۋىرDale Crover(باس، ئەينى ۋاقىتتىكى Melvins گۇرۇپپىسىنىڭ دۇمباقچىسى) گىرەگ خوكەنسونGreg Hokanson(دۇمباق).
ئۇلار دەسلەپكى سىناق خاراكتىرلىك ئالبومىنى چىقارغان. ئۇزۇن ئۆتمەي گۇرۇپپا پارچىلىنىپ كىتىپ، كۇرت دوستى كىرىست نوۋاسلىكKrist Novoselic(باس) بىلەن نۇرغۇن ئوخشىمىغان ناملاردا گۇرۇپپىلارنى قۇرغان. دۇمباقچىسىمۇ نۇرغۇن ئۆزگەرگەن. ئۇلارنىڭ ئىچىدە مۇھىمراق بولغىنى دەل كروۋىر بولۇپ خىلى كۆپ سىناق ئالبوملىرىدا دۇمباق چىلىپ بەرگەن.

      گۇرۇپپا ئاخىرى نىرۋانا دىگەن ئىسىمدا توختىغان. ئۇ ۋاقىتتىكى دۇمباقچىسى چەد چەننىڭChad Channing ئىدى. بۇلار بۇ جەرياندا نۇرغۇنلىغان يەرئاستى كونسىرتلارنى ئۆتكۈگەن ۋە نەچچە سىناق ئالبومىنى چىقارغان. كىيىن كۇرت بۇ دۇمباقچىسىغا رازى بولماي Bleach ناملىق ئالبومىنى چىقىرىپ بولغاندىن كىيىن دەيۋ گىرول(Dave Grohl)نى دۇمباقچىلىققا ئالماشتۇرغان. سەنئەت ساھەسىدىكى تۇنجى تەلۋىلىك- كۇرتنىڭ چېلىۋاتقان گىتتارىنى چېقىش ۋەقەسى مۇشۇ مەزگىلدە يەنى 1988-يىلى 10-ئاينىڭ 30-كۈنى يۈز بەرگەن.

  
 


  
      كۇرت نىرۋانانىڭ ئاساسلىق ئادىمى بولۇپ، ئۇ مۇزىكىلىرىدا ئاساسەن Sonic Youth، Pixies، Melvins، Stooges ۋە Led Zeppelin لەرنىڭ مۇزىكىلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ۋە ئۇلارنىڭ مۇزىكىلىرىدىن ئىھام تاپقان.
      نىرۋانانىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىگە كەلگەندە كۇرت The Germs گۇرۇپپىسىنىڭ گىتتارچىسى پەت سىمىرPat Smearنى ئىككىنجى گىتتارچىسى قىلىپ ئالغان. پەت ئەينى ۋاقىتتىكى يەرئاستى مۇزىكا گۇرۇپپىلىرىنىڭ ئىچىدە خىلى كۆزگە كۆرۈنگەن گىتتارچى ئىدى. ئەگەر كۇرت ۋەقەسى سادىر بولمىغان بولسا بەلكىم ئۇ بۇ گۇرۇپپىنىڭ مۇقىم ئەزاسى بولۇپ قالاتتى.

       نىرۋانا گۇرۇپپىسىنىڭ ئالبوملىرى
      1989-يىلى نېرۋانا ئاقارتقۇچ پاراشوكىBleach ناملىق ئالبومىنى بازارغا سالىدۇ. ئالبومنىڭ نامى بىر زەھەرلىك چىكىملىككە قارشى تامغا چاپلانغان تەشۋىقات قەغىزىدىكى تېمىسىدىن كىلىپ چىققان. ئۇنىڭدا  bleach your works(شىپىرسىڭنى ئاقارتقۇچ پاراشوكىدا تازلا) دەپ يېزىلغان ئىكەنتۇق. گۇرۇپ يېڭى ئالبومىدىن كىيىن كالىفورنىيەدە كىچىك كۆلەمدە نەچچە كونسىرت بەرگەن. ئەينى ۋاقىتتا ئالبومنىڭ سانى چەكلىك سېتىلغان. لىكىن تاماشىبىنلارنىڭ ياقتۇرىشىغا ئېرىشكەن. ئالبومدىكى فوتونى ئەينى چاغدىكى كۇرتنىڭ دەسلەپكى قىز دوستى ترەيسى تارتقان.
1989 bleach


    1990-يىلىنىڭ بىشىدا كۇرت كوبەين بىلەن كرىست دۇمباقچى چەدنىڭ ماھارىتىنىڭ گۇرۇپپىغا ماس كەلمەيدىغىنى توغرىسىدا ئويلىشىپ كىيىن Melvins گۇرۇپپىسىنىڭ تونۇشتۇرىشىدا دەيۋ گرول نى دۇمباقچىلىققا ئالماشتۇرىدۇ. كۇرت ئۇنىڭ دۇمباق ماھارىتىگە ئىنتايىن رازى بولىدۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي بۇ ئىككىسى Geffen Records بىلەن توختاملىشىدۇ.
   1991-يىلى  دە ئىككىنچى ئالبومى-پەرۋايىم پەلەك Nevermind نى چىقىرىدۇ. ئالبومنىڭ چىقىشى تېزلا سىئاتىل شەھىرىنى پۈتۈن پىلانىتتىكى روك مۇزىكىلىرىنىڭ مەركىزىگە ئايلاندۇرۋىتىدۇ. ئۇلارنىڭ ئۇسلۇبى گىرانج grunge بارا بارا شاخلاپ نۇرغۇنلىغان گۇرۇپپىلار شۇ سەۋەبتىن تونۇلۇشقا باشلايدۇ. بۇگىرانجنىڭ ئەڭ گۈللەنگەن دەۋىرلىرىدۇر. شۇ مەزگىللەردىكى گۇرۇپپىلاردىن  يەنە Alice in Chains, Pearl Jam, Meat Puppets, Soundgarden لارمۇ بار.

    بۇ ئالبومدىكى ناخشا Smells Like Teen Spirit شۇ دەۋىر گىرانج ياشلىرىنىڭ مارشىغا ئايلانغان. تاكى بۈگۈنكى كۈنگە كەلگۇچە بۇ ناخشىنىڭ باشتىكى بىر كىچىك ئاكورتىنى ئاڭلاپ بولغىچە بىلىۋالغىلى بولىدۇ. بۇ ناخشا يەنە ئامرىكىدىكى داڭلىق ناخشا قانىلى MTV دە قايتا قايتا قويىلىدۇ.

       3-ئالبومى Incesticide(يېقىن تۇتقانلارنىڭ توي قىلىشى). چىققان ۋاقتى 1992-يىلى. بۇ ئالبومىدا بۇرۇن نامى چىقىشتىن بۇرۇنقى بەزى ناخشىلىرى ۋە مەستانىلىرى  ئارىسىدا مودا بولۇپ تارقىلىپ يۈرگەن كونسىرتلاردىلا ئورۇندۇلۇپ كەلگەن ناخشىلىرى يەنە بەزى ناخشىچىلارنىڭ ناخشىلىرىنى كۆچۈرۈپ توپلانغان.

   
   1993-يىلىغا كەلگەندە نىرۋانا «بالياتقۇدا» (In Utero) ناملىق ئالبومىنى چىقىرىدۇ. بۇ ئالبوم نىرۋانا گۇرۇھىنىڭ مەستانىلىرى ئارىسىدا كەڭ تارقالغان. ئەمما Nevermind ئالبومىدەك كەڭ ئاممىغا قارىتىلمىغان. ئالبومدىكى ناخشىلىرىدىن -يۈرەك شەكىللىك ساندۇقHeart-Shaped Box نۇرغۇنلىغان غەلبىلەرنى قولغا كەلتۇرگەن. بۇ ئالبومىنىڭ ئچىدىكى يەنە بىر ناخشا Rape Me (ماڭا باسقۇنچىلىق قىل) كىشىلەر تەرىپىدىن ھەرخىل تەھلىل قىلىنىپ كەلمەكتە. بۇ ناخشا يەنە نۇرغۇنلىغان تەنقىدىگە ئۇچرىغان.  بۇ ناخشا ئەمىلىيەتتە تېمىسىدىكى مەزمۇنىدىكىدەك ئۇنداقمۇ قاراڭغۇ ئەمەس. ئۇ ناخشا شۇنداق قىلمىشلارغا قارشى ئيتىلغان.


  1993-يىلى 11- ئايدا نىرۋانا ئامرىكىدىكى مۇزىكا قانىلى MTV دا بىر مەيدان توكقا چىتىلمىغان كونسىرت ئورۇنلاشتۇرىدۇ. ئۇنىڭ CD سى بىر يىلدىن كىيىن بازارغا تارقىلىدۇ. Unplugged In New York تاكى ھازىرغىچە مۇشۇ ئۇسلۇپتىكى ئەڭ كۆپ غەلبىگە ئېرىشكەن ئالبوم. بۇ ئالبومى ئارقىلىق نىرۋانا ئۆزىنىڭ پەقەت قوپال ناخشا ئيتىشتىن باشقىنىمۇ ئېيتالايدىغىنىنى ئسپاتلىغان. بۇ كونسىرتىدا يەنە ئەڭ يېقىن گۇرۇپپىسى-گۆش قورچاق Meat Puppets بىلەن ئۇلارنىڭ ناخشىسىدىن( Plateau, Oh Meئىگىزلىك ۋە Lake of Fireئوت كۆلى ) لارنى بىللە ئورۇنلايدۇ. يەنە دەيۋىد بوۋىېDavid Bowie نىڭ- بۇ دۇنيانى ساتقان ئادەم The man who sold the World ۋە Leadbelly نىڭ -تۈنۈگۈن  كېچە نەدە ئۇخلىدىڭ  Where did You sleep last night? شۇنداقلا Vaselines نىڭ- ئەيسا ماڭا ئازىراق كۈن نۇرىنى بەرگىسى يوق  Jesus doesn t want me for a sunbeam دىگەن ناخشىسىنى ئيتىدۇ.


1994 Unplugged In New York 


2004-يىلى يەنى كۇرت كوبەيننىڭ ۋاپاتىنىڭ 10 يىللىقىدا سانى چەكلىك بولغان ئالبوم With the Lights Out تارقىتىلىدۇ. ئالبومنىڭ چىقىشى ئايالى Courtney Love ۋە بۇرۇنقى گۇرۇپپا ئەزالىرىدىكى توقۇنۇشلار تەرىپىدىن ۋاقىت جەھەتتە سوزىلىدۇ. بۇ خاتىر خاراكتىلىك ئالبومىنىڭ ئىچىدە نۇرغۇنلىغان كۆچۈرۈپ ئيتىلغان باشقىلارنىڭ ناخشىسى ۋە بۇرۇن كۇرتنىڭ ئۆزى ئۈنگە ئېلىۋالغان بەزى تارقىتىلمىغان ناخشىلىرىمۇ كىرگۈزۈلگەن.


         
نىرۋانانىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرى

        كۇرتنىڭ  1994-يىلى4-ئاينىڭ 5-كۈنى ئۆزىنى  ئۆلتۈرىۋىلىشى نىرۋانانىڭ تەرەققىياتىغا مەڭگۈلۈك بىر چىكىت قويۇپ قويغان. ئۇنىڭ بۇ ۋەقەسى مەستانىلىرى ئارىسىدا بولسا نۇرغۇنلىغان سوئال بەلگىسى بىلەن تولغان. ئۇلار بۇ ۋەقەنى ئۆزىنى ئۆلتۈرۋىلىشتىن بەكرەك ئايالى Courtney Love قەسلىگەن دىگەن گۇمانلارغا ئىشەنگەن. ئەمما بۇ ھازىرغىچە ئىسپاتلانمىغان كۆز قاراش. 
     نىرۋانادىن كىيىن
       نىرۋانا گۇرۇپپىسى تارقالغاندىن كىيىن دۇمباقچى دەيۋ Foo Fighters ناملىق بىر گۇرۇپپىنى قۇرىدۇ. ئۇ گىتتار ۋە ناخشىنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇنلىغان گۇرۇپپىلار Queens Of The Stone Age، Motörhead لەرنىڭ بەزى مۇزىكىلىرىدا دۇمباق چېلىپ بېرىدۇ.
       كىرىس نوۋەسلىك بولسا 1997-يىلىغا كەلگەندە Sweet75 دىگەن گۇرۇپپىغا كىرىدۇ. بۇ گۇرۇپپىدا ئىلگىركى نىرۋانادىن ئىنتايىن يىراق بولغان مودا سەھرا ناخشىلىرى ئۇسلۇبى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي ئالبوم مەغلۇبىيىتى بىلەن تارقىلىپ كىتىدۇ. 2003-يىلىگە كەلگەندە Eyes Adrift دىگەن گۇرۇپ بىلەن بىللە مۇزىكا چالىدۇ. بۇمۇ ئالدىنقىسىگە ئوخشاش مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.


نىرۋانا بۇددا دىندىكى  ھايات ماماتتىن خالى خىيال   دىگەن مەنىدە   يەنە ئۆلۈم    ....ئاخىرقى پەللە    دىگەندەك مەنىسى بار

كورتنىڭ ئايالى  دۇنياغا داڭلىق ئايال روك ناخشىچىسى   ھەم كىنو ئرتىسى  ئىككى قېتىم ئالتۇن شار مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ....


مەنبە   بەيدۇ      ئوكيان      ياڭيو    تورى .............

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
Marko + 500 ئىسىل تەرجىمە !

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 500   باھا خاتىرىسى

ئەخلاق - ئادەم زى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32164
يازما سانى: 78
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3599
تۆھپە نۇمۇرى: 1302
توردا: 780 سائەت
تىزىم: 2011-2-28
ئاخىرقى: 2012-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-6 03:59:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن داڭلىق مۇزىكا ئىكەن ، مەن بۇرۇن بۇ ئەتىرەتنىڭ مۇزىكسىنى ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەن .

مۇھەببەت دىڭىزدىنمۇ كەڭ ، شۇنداقلا دىڭىزدىنمۇ چوڭقۇر بولغان سەمىمىي ساپ ھىسسياتتۇر .

ئۇنتۇلغان ئادەم

ئاكتىپ ئەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5251
يازما سانى: 725
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 85795
تۆھپە نۇمۇرى: 2015
توردا: 948 سائەت
تىزىم: 2010-7-31
ئاخىرقى: 2012-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-6 04:18:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
NIVANA مۇزىكا ئەترىتىنىڭ داڭلىقلىقىغا گەپ كەتمەيدۇ ....

بەك تەپسىلى چۈشەندۈرۈپسىز ... ئادەتتە مۇنبەرگە بەك كۈپ تىما  يوللىمايسىز . يوللىسىڭىز مۇشۇنداق ۋايىغا يەتكۈزۈپ تەپسىلى  يوللايسىز  .....  [s:166]

مەن بۇ قېتىم ئىپلاس تىنىڭدىكى قانلارنى چۇقۇم كۆپرەك ئاققۇزىمەن ... يەنە كېلىپ بۇ قېتىم ئەشۇ زەھەرلىك قانلىرىڭ جەرىستاندا ئاقىدۇ  ...

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 749
يازما سانى: 663
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10593
تۆھپە نۇمۇرى: 501
توردا: 3517 سائەت
تىزىم: 2010-5-25
ئاخىرقى: 2012-2-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-6 04:23:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 2قەۋەت GLADIATOR كە 2011-04-06 04:18 PMئەۋەتىلدى :
NIVANA مۇزىكا ئەترىتىنىڭ داڭلىقلىقىغا گەپ كەتمەيدۇ ....

بەك تەپسىلى چۈشەندۈرۈپسىز ... ئادەتتە مۇنبەرگە بەك كۈپ تىما  يوللىمايسىز . يوللىسىڭىز مۇشۇنداق ۋايىغا يەتكۈزۈپ تەپسىلى  يوللايسىز  .....  [s:166]



ئۆتكەندە  سىز ئۈچۈن قۇڭغۇز نىڭ تەپسىلى بەك تەپسىلى ئارخپىنى يوللىغان نۇرغۇن ۋاقتىم كەتكەن    ئەمما چىقىرالمىدىم ...بۇ قېتىمقىنى ئۇ بۇ تور بەتتىن پايدىلاندىم ...چۈنكى بۇ ئۇچۇرلارمۇ ماڭا بەك مۇھىم ئىدى ...شۇڭا سىز بىلەن ئورتاق ھۇزۇرلىنىلى دەپ بۇ يەرگە يوللىدىم ...سىزگىمۇ رەھمەت ..............

ئىناق،ئصتتصپاق

دائىملىق ئــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3750
يازما سانى: 1030
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 12092
تۆھپە نۇمۇرى: 511
توردا: 268 سائەت
تىزىم: 2010-7-11
ئاخىرقى: 2012-2-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-6 04:30:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تورداشنىڭ ئەتراپلىق ھەم تەپسىلىي يوللانغان تىمىسىغا، شۇنداقلا ئۆزىگە ئالاھىدە رەھمەت.

ئۇيغۇر كەلگۈسى ئۈچۈن قانۇن،بىلىم ئۆگىنىش كېرەك. ياخشىنى بىرى تارقاتسا،ئىغۋانى مىڭى تارقىتىدۇ.

ياردەم مەزمۇنى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1169
يازما سانى: 323
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13240
تۆھپە نۇمۇرى: 874
توردا: 4386 سائەت
تىزىم: 2010-5-28
ئاخىرقى: 2012-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-7 12:07:44 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۈفى لا دەيمەن بۇنداق ناخشىنى ئېيتقانلارغا ..ئەگىشىپ كەتكەن ئۇيغۇرلىرىمىزغا
ئاللاھ ھەقىقەتنى كۆرگۈدەك دىل ئاتا قىلىشىنى سېغىنىپ تىلەيمەن

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 749
يازما سانى: 663
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10593
تۆھپە نۇمۇرى: 501
توردا: 3517 سائەت
تىزىم: 2010-5-25
ئاخىرقى: 2012-2-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-7 12:20:57 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 5قەۋەت ئاگاھ كە 2011-04-07 12:07 AMئەۋەتىلدى :
تۈفى لا دەيمەن بۇنداق ناخشىنى ئېيتقانلارغا ..ئەگىشىپ كەتكەن ئۇيغۇرلىرىمىزغا
ئاللاھ ھەقىقەتنى كۆرگۈدەك دىل ئاتا قىلىشىنى سېغىنىپ تىلەيمەن



رەھمەت سىزگە قېرىندىشىم...ئاللاھ تىلىگىنىڭىزگە نىسىپ قىلسۇن... 
 

ساپا يوقتا ۋاپا يوق

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1809
يازما سانى: 1734
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2919
تۆھپە نۇمۇرى: 376
توردا: 650 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2012-1-27
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-7 12:25:41 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىرۋاناغا يەتكەنلەر مۇزىكا ئەتىرتىمۇ يا بۇ  [s:179]

سەۋرنىڭ تىگى ئالتۇن

موزاينىڭ يۈگۈرى

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25474
يازما سانى: 2130
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18653
تۆھپە نۇمۇرى: 276
توردا: 6453 سائەت
تىزىم: 2011-1-8
ئاخىرقى: 2012-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-7 12:40:51 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئاپتۇر (This.is.It) نىڭ يازمىسىغا

ئەجىرىڭىزگە كۆپ تەشەككۈر .
مەنمۇ بۇ مۇزىكا ئەتىرىتىنىڭ نامىنى خىلى بۇرۇنلا ئاڭلىغان بۇگۈن تەپسىلى  تونۇشىۋالدىم  .
NIRVANAدېگەن زادى نېمە گەپ.  قانداق مەنىسى بار ؟ بۇ توغۇرلۇق چۇشەنچە بەرگەن بولسىڭىز بوپتىكەن ؟

ئابدۇ.....

ساپا يوقتا ۋاپا يوق

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1809
يازما سانى: 1734
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2919
تۆھپە نۇمۇرى: 376
توردا: 650 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2012-1-27
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-7 12:47:41 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىرۋانا بۇدپەرەسلەرنىڭ ئەڭ ئالىي دەرىجىلىك ئورنىنى بىلدۈردىغان نىرۋانا ئەمەستۇ ھە ؟ ماھايانا پىراجىنا پارامىتا سۇترادىكى نىرۋانا چۇ ؟ [s:179]  [s:179]

سەۋرنىڭ تىگى ئالتۇن
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش