مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1364|ئىنكاس: 0

ھىندىستان: جۇڭگو كەشمىردە قوشۇن تۇرغۇزماق  تاقاش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ياردەم مەزمۇنى

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 622
يازما سانى: 3157
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18477
تۆھپە نۇمۇرى: 533
توردا: 10681 سائەت
تىزىم: 2010-5-24
ئاخىرقى: 2015-4-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-7 02:17:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھىندىستان تۇنجى قېتىم جۇڭگو ئازادلىق ئارمىيىسى پاكىستان كونتروللىقىدىكى كەشمىر رايونىدا قوشۇن تۇرغۇزماقچى دېدى


جۇڭگو يەر شارى تورىنىڭ 6-ئاپرېل خەۋىرى: ھىندىستان ئاراخباراتلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ھىندىستان قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك قوماندانى «جۇڭگو تەھدىتى» نى يەنە دارۋاڭ قىلىپ، جۇڭگو ھىندىستان بىلەن چېگىرلىنىدىغان رايوندا ھەربىي ئەسلىھە قۇرۇلىشىنى كۈچەيتىپلا قالماستىن، ھىندىستان پاكىستان كەشمىر ئەمەلىي كونترول قىلىش سىزىقىنىڭ پاكىستان كونتروللىقىدىكى تەرەپتە قوشۇن تۇرغۇزماقچى بولىۋاتىدۇ، بۇ ھىندىستاننىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىد پەيدا قىلدى دېگەن.
«ھىندى ۋاقىت گېزىتى» ۋە «ھىندىستان ۋاقىت گېزىتى»نىڭ 4-ئاينىڭ 6-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ھىندىستان قۇرۇقلۇق ئارمىيىيىسى شىمال قوماندانلىق شىتابىنىڭ قوماندانى پانىك گېنرال ئالدىنقى ھەپتىدىكى بىر مۇزاكىرە يىغىنىدا بىلدۈرىشىچە، ھىندىستان جۇڭگونىڭ ھىندىستان پاكىستان كەشمىر ئەمەلىي كونترول سىزىقىنى بويلا قوشۇن تۇرغۇزۇش تەھدىتىگە دۇچ كېلىپلا قالماي، جۇڭگو بىلەن پاكىستان ئوتتۇرىسىدىكى كەڭ ھەربىي ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى ئويلاشقاندا، بۇ خىل تەھدىد يەنە ھىندىستان پاكىستان ئەمەلىي كونترول سىزىقىنى بويلاپ ئۇزىرىشى مۇمكىن دېگەن.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، جۇڭگو چېگرا رايونىدا زور مىقداردا ھەربىي ئەسلىھە قۇرغان، بىرلا ۋاقىتتا تولۇق ئسىپاتلار «جۇڭگونىڭ قەدىمى پاكىستان كونتروللىقىدىكى كەشمىر رايونىدا ئاساسىي ئەسلىھە قۇرۇش تۈرىگە قەدەر ئۇزۇراپ كەلگەن» لىكىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. خەۋەردە بۇنىڭغا قارىتا باھا بېرىپ، بۇ خىلدىكى مەسىلىلەرگە ھەمىشە سىر ساقلايدىغان ھىندىستان ئارمىيىسىنىڭ «جۇڭگو پاكىستان كونتروللىقىدىكى كەشمىردە قوشۇن تۇرغۇزماقچى» دەپ جاكارلىشى بىرىنچى قېتىملىقى ئىكەن.
پانىكنىڭ دېيىشىچە، پاكىستان قوراللىق كۈچلىرى پاكىستاننىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەندىن كېيىن، پاكىستان كونتروللىقىدىكى كەشمىر رايونىدا تېز سۈرئەتتە يۆتكەشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە ھىندىستاننى قورشاپ، ھىندىستاننىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىد سالىدىكەن.
ھىندىستان ئاخباراتلىرى ۋە ئارمىيىسى جۇڭگونىڭ پاكىستاندا قوشۇن تۇرغۇزماقچى بولغانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرنى بىرىنچى قېتىم جاكارلىشى ئەمەسكەن، غەرب ئاخباراتلىرىمۇ بۇ خەۋەرگە ئوخشاش خەۋەر قىلغان، ئەمما جۇڭگو تەرەپ رەددىيە بەرگەن، پاكىستان تەرەپمۇ ئىنكار قىلغان.

مەنبە...http://news.okyan.com/View.aspx?ID=1784

ھاياتتا ئىككى يول بار: بىرى، تەن ئۈچۈن ياشاش؛ يەنە بىرى، روھ ئۈچۈن ياشاش. ئەگەر، تەن ئۈچۈن ياشىسا، ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، تەن شادلىقى تولىمۇ ئاجىز-زەئىپ كېلىدۇ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن تېخىمۇ ئاجىزلاپ بارىدۇ، ئۆلۈم بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. ئەكسىچە، مۇبادا، روھ-م
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش