بۇ تېمىغا ئىنكاس يازغان ھەربىرىڭلارغا يەنە بىر سالام!
ئالدىراشچىلىق تۈپەيلى ئىنكاسىڭلارغا ۋاقتىدا جاۋاب قايتۇرالمىغىنىمدىن خىجىلمەن ، تۆۋەندە بەزى مەسلىلەرگە چۈشەنچە بەرمەكچىمەن.
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 6قەۋەت apchil كە 2011-04-07 08:29 PMئەۋەتىلدى :
ئىسلامى يۇمشاق دىتاللارچۇ؟
<<كۆپ تىللىق قۇرئان كەرىم>><< سۈرە يادىلاش دىتالى>>... قاتارلىقلارمۇ قانۇنغا ۋە مۇنبەر تۈزۈمىگە خىلاپمۇ. ئۆز كومپىيۇتېرمىزدا ساقلىساق بولامدۇ
سىز ئېيىتقان يۇقارقى ئىككى دېتالنى مەنمۇ بىر مەزگىل ئىشلەتكەن ، مېنىڭچە بۇ دېتاللارنى مىسرانىم مۇنبىرىگە يوللانسا بولىدۇ. بۇ مىسرانىم مۇنبىرىنىڭ تۈزۈمىگە خىلاب ھىسابلانمايدۇ. ئەمما باشقا يېڭى دېتاللارنى يەنىلا بىز باشقۇرغۇچىلار ئىشلىتىپ باققاندىن كىيىن ئاندىن تەستىقلايمىز.
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 8قەۋەت al.ansar كە 2011-04-07 08:41 PMئەۋەتىلدى :
پەرمانبەدارمىز، ئۆز تەپەككۇرىمىزدىن پايدىلىنىپ يازغان ياخشى تىمىلار بولسىمۇ بولامدۇ؟ (ئىسلامى)
ئۆزتەپەككۇرىڭىزغا تايىنىپ يازغان بولسىڭىز تېمىدا ئېيتىلغان تۈزۈلمىلەرگە بويسۇنغان ئاساستا يېزىلغان ھەم شۇ تۈزۈلمىدە دىيىلگەن نۇقتىلارغا دىققەت قىلغان ھالدا يوللىسىڭىز باشقۇرغۇچىلارنىڭ تەكشۈرىشىدىن ئۆتكەندىن كىيىن تەستىقلىنىدۇ.
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 13قەۋەت uygurboy كە 2011-04-07 10:39 PMئەۋەتىلدى :
ئەڭ ياخشىسى بۇنداق ئۇنۋىرسال مۇنبەرلەرگە دىنى تىمىلارنى يوللىمىغان ياخشىكەن دەپ ئويلايمەن، چۇنكى بۇنداق ئۇنۋىرسال مۇنبەرلەردە ھەرساھەدىكى كىشىلەر بار، بىرەر دىنى تىما يوللانسا دىندىن قىلچە خەۋىرى يوق ، نەزىريە جەھەتتىن مۇسۇلمان ئەمىلىيەتتە مۇسۇلمان ئەمەس تورداشلار ئۆزى بىلىپ- بىلمەي قالايمىغان سۆزلەپ ئىسلام دىنىمىزنىڭ كۇرسىنى چۇشۇرۋىتىدىكەن،.............................شۇڭا دىنى تىما كۆرمەكچى بولساق مەرىپەت، ئۇيغۇر ئىسلام تورى قاتارلىق نۇرغۇن توربەتلەر بار، شۇنىڭغا كىرىپ كۆرەيلى بۇ توربەتلەرگە ئىسلامدىن خەۋىرى بار ھەقىقى مۇسۇلمانلار كۆپ.
ياخشى تەكلىپ بېرىپسىز ، بەزى ئىنكاس پىشىۋالىرى ھەقىقەتەن ئىسلامىي تېمىلارغىمۇ ئويلىمايلا ئىنكاس يېزىپ قويىدۇ. ئاساسى يوق گەپلەرنى قىلىپ ئىختىلاپ ۋە قالايمىقانچىلىقلارنى چىقىرىپ قويىدۇ. بىز پىكىرىڭىزنى چوقۇم ئويلىشىمىز.
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 17قەۋەت پالۋان كە 2011-04-07 11:03 PMئەۋەتىلدى :
ياخشى ئۇقتۇرۇش بوپتۇ بۇ.... قىزغىن قوللايمىز.....
باشقۇرغۇچىلار سىپىگە دىنى سەۋىيەسى يۇقىرى باشقۇرغۇچى قوشۇلسا ئىسلامي تېمىلارنى رەتلىك ۋە پايدىلىق ھالدا چىقىشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ... شەخسى پىكىر.
بىزمۇ شۇنداق قىلىشنى خالىمايمىز ئەمەس خالايمىز ، دىنىي سەۋىيەسى يۇقىرى باشقۇرغۇچىلارنى يەنىلا مىسرانىم ئەزالىرىنىڭ ئىچىدىن ئىلىم-سەۋىيەسى بار ، مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالالايدىغان شۇنداقلا ئالدىنقى شەرتى ئۆزى خالىس مۇشۇ خىزمەتنى قىلىشنى خالايدىغانلار بولسا ئويلاشساق بولىدۇ. ئەمما مۇنبەرگە دىنىي سەھىپە قۇرۇشنى ئويلىشىپ باقمىدۇق.
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 21قەۋەت jahanger كە 2011-04-07 11:34 PMئەۋەتىلدى :
بولسا بەلگىلىك تەربىيىۋى ئەھمىيىتى بار دەپ قارالغان دىننىي تىمىلارنىمۇ نادىرلىسا ياكى تەۋسىيىلىك تىمىلار قاتارىغا كىرگۈزلسە(چۈنكى بۇنداق تىمىلار ئاساسەن قۇلۇپلىنىپ تەستىقلىنىدۇ، بىر-ئىككى كۈندە مۇنبەر يۈزىدىن يوقاپ كىتىدۇ).
ياخشى تەكلىپ بېرىپسىز ، بۇ تېمىدا دىيىلگەن تۈزۈملەرگە ماس كىلىدىغان ، كۆپ سالماقتىكى ئەزالار نادىرلاشقا ئەرزىيدۇ دەپ قارىغان دىنىي تېمىلارنى بىزمۇ نادىرلاشقا تېرىشىمىز ، تەۋسىيەلەشكە نىسبەتەن باشقۇرغۇچىلار ھەركۈنلۈك يوللانغان تېمىلاردىن تەۋسىيەلىك تېمىلارنى تاللاپ تەۋسىيەلەپ ماڭىدۇ.(ئەلۋەتتە دىنىي تېمىلارمۇ بۇنىڭ ئىچىدە)
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 28قەۋەت kahera كە 2011-04-08 03:33 AMئەۋەتىلدى :
مەن بىلىشىمچە مەملىكەتنىڭ تور بەت باشقۇرۇش نىزامنامىسى بولسا كېرەك،
بولسا شۇنى ئاساس قىلىپ باشقۇرساڭلار، بولمىسا ھۆكۈمىتىمىزنىڭ قانۇن پەرمانلىرىنى قويۇپ قويۇپ ئۆزىڭىز قانۇن چىڭىرۋالغان بولامسىز قانداق؟ مەملىكىتىمىز كەڭ تورداشلارنىڭ ھەر قايسى جەھەتتىكى مەنپەتىنى قوغدۇغان ئاساستا چىقارغان قانۇنى نىزاملارغا باشقۇرغۇچىلار باشقا بىر خىل نىزامنى ئالماشتۇرىۋەتسە بۇ تازا توغرا بولماسمىكىن. دۆلەتنى قانۇن بىلەن باشقۇرۇۋاتقان كومۇنۇستىك پارتىيە چىقىرىپ بەرگەن ، ھەرقانداق ئادەمنىڭ سۆزلەش ئەركىنلىكى بولۇدۇ دىگەن نىزامغا زىت نىزام چىقىرىپ قويۇپسىزمۇ قانداق.
تېمىدىكى تۈزۈلمىلەردىن سىز ئېيتىپ كەلگەن دۆلەتنىڭ باشقۇرۇش تۈزۈلمىلىرى ۋە قانۇنلىرىغا ماس كەلمىگەن ياكى ئاشۇرۋىتىلگەن ۋەياكى قانۇندا تىلغا ئىلىنمىغان تۈرلەر بولسا ئىسپات بىلەن ئوتتۇرىغا قويغايسىز. گەرچە تورباشقۇرۇش قانۇنى دەپ قانۇننى كۆرۈپ باقمىغان بولساممۇ ئەمما باشقا مۇناسىۋەتلىك قانۇندىن ئاز-تولا خەۋىرىم بار.
- شۇنىڭ ئاستىنقى قەۋەتتىكى ئىنكاسىڭىزغىمۇ بىرىدىغان جاۋابىم يۇقاردىكىدەك . توغرا ، مىسرانىم مۇنبىرىگە ھەربىرىمىز روھىي ئوزۇق ئىزدەپ كىرىمىز ، باشقا مۇناسىۋەتلىك گەپلەرنى مەن يۇقىرىدا دەپ ئۆتتۈم ، بىزنىڭ مۇشۇنچىلىك تېرىشىشىمىزمۇ ئاسانغا توختىمىغان ، ناۋادا مىسرانىم مۇنبىرى بىزنىڭ مۇشۇ جەھەتتىكى روھىي دۇنيارىمىزنى بىيىتالمىغان بولسا سەۋەب قىلساق ياكى ئىزدەنسەك يۇقارقىي بىر قەۋەتتىكى بىر توردىشىمىز ئېيىتقىنىدەك مەخسۇس دىنىي مۇنازىرە بېكەتلەرگە كىرىپ ئىلىم ئىزدىسەك بولىدۇ. ھازىرقىي شارائىتتا بىز مۇشۇنچىلىكلا قىلالايمىز.
(ئۆزئالدىڭىزغا قانۇن چىقىرىۋاپسىز دىگىنىڭىزدىن ھەيران قىلىۋاتىمەن. بۇ پەقەت مۇنبەر تۈزۈمى ، خۇددىي دۆلەتتىمۇ تۈزۈپ بولىدۇ ، ئەڭ ئاددىيسى ئائىلىدىمۇ تۈزۈم بولىدۇ ، مەكتەپلەرنىڭمۇ ھەم شۇنداق ، بۇ مۇشۇنچىلىكلا ئىش ، بۇنى قانۇن تۈزۈۋاپسىز دەپ مۇبالىغىلاشتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوققۇ دەيمەن)
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 34قەۋەت nur-luk كە 2011-04-08 01:43 PMئەۋەتىلدى :
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دىگەن:ئەگەر بىر سورۇن بۇلۇپ شۇسورۇندا اللەنىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنماي تارقىلىپ كەتسە ئۇنداق سورنغا اللەنىڭ لەنىتى بولىدۇ.(يەنى شۇ سورۇندىكى كىشىلەرگە)
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى ئاساسى قانۇننىڭ36-ماددىسىدا ھەرقانداق پۇقرا دىنى ئىتىقاد ئەركىنلىكىگە ئىگەھەرقانداق ئۇرۇن ۋەشەخىسنىڭ ئۇنىڭغا دەخلى قىلىشىغاۋەئۇلارنى مەسخىرەقىلىشىغا ۋە كەمسىتىشىگە بولمايدۇ دىنغا ئېتىقاد قىلغان ئاممىنى ۋەھەرقانداق قانۇنلۇق دىنى پائالىيەتنى قانۇن قوغدايدۇدىنغا ئىتىقاد قىلىدىغان پۇقرانىڭ دىنغا ئىتىقاد قىلمايدىغان پۇقرانى كەمسىتىشىگە بولمايدۇ،دىنغا ئىتىقاد قىلمايدىغان پۇقرا دىنغا ئىتىقاد قىلىدىغان پۇقرانى كەمسىتىشكە بولمايدۇ.دەپ بەلگىلەنگەن.
ئىنكاسىڭىزدا دىيىلگەنلەرنى قوللايمىز! بىزمۇ شۇنىڭغا تېرىشىمىساق بۇ تېمىنى يېزىپ ئولتۇرماستۇق.
----------
باشقا تورداشلارنىڭ ئىنكاسلىرى ئاساسەن يۇقارقىي ئىنكاسلارغا ئوخشىشىدىغانلىقى ئۈچۈن يەنە تەكرارلاپ ئولتۇرمىدۇم. بەزى ئەزالارنىڭ ئىنكاس يېزىشقىلا ئالدىرىماي تېمىنى توغرا ھەزىم قىلىشىنى سورايمىز!