مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1927|ئىنكاس: 24

ئوتقاش ھىكايە -نەسىر  توپلاملىرى(1-قىسىم) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئابلىكىم غوپۇر ئوتقاش

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 383
يازما سانى: 3331
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 40554
تۆھپە نۇمۇرى: 1112
توردا: 2082 سائەت
تىزىم: 2010-5-22
ئاخىرقى: 2015-3-2
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-8 12:54:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئېھ ،جاپاكةش ئانام (ئوتقاش)

(بارلىق جاپاكەش ئانىلارغا بېغىشلايمەن)

ئاپتۇر: ئابلىكىم غوپۇر ئوتقاش

ئاتامنى كۈلدۈرەي دەيمەن،
ئانامنى كۈلدۈرەي دەيمەن.
مېنى باققان جاپاسىغا ،
بېشىمدا كۆتۈرەي دەيمەن .


                                       ____ خەلىق  ناخشىسى

ئېھ، جاپاكەش ئانا، ئارزۇلۇق ئوغلىڭىزنىڭ يىراق قىرلاردىن سىزگە يوللىغان ئاددي سالمىنى قۇبۇل قىلارسىزمۇ؟ بىلمەن شۇتاپتا توپا -چاڭلارغا مىلىنىپ يۈرۈپ ئېتىز-قىرلارئارسىدا جاپالىق ئىشلەۋاتقانسىز،يۇمران مايسىلارنى خۇددي بىزنى پەپىلەپ ئۆستۈرگەندەك پەپىلەپ ئۆستۈرۋاتقانسىز. قىشنىڭ قەھىرتان سوغوقلىرىغا ،يازنىڭ پىژىرغىم ئىسسىقلىرىغا بەرداشلىق بېرىپ چۆل- جەزىرلەرنى يېشىللقىقا ،سايلارنى باغۇ-بوستانلىققا ئايلاندۇرۋاتقاندۇرسىز، بوزتوپلۇقلارنى  گۈل -چىمەنگە ئوراپ  قاقاسلىقلارغا ئوسما قۇيۋاتقانسىز.
     ئانا ،سىز ياش ئىدىڭىز ،گۈل غۇنچە ئىدىڭىز .ئەللىك يىللىق جەۋرى-جاپا  قەددي-قامىتڭىزنى ئېگىپ قاپقارا چاچلىرىڭىزنى ئاق ئارلىدى.قاشتېشىدەك سۈزۈك يۈزىڭىزدە يول-يول سىزىقچىلار ئورۇن ئالدى.بۈركۈت كۆزىدەك ئۆتكۈر، نۇرانە كۆزلىرىڭىز غۇۋالاشتى.جاپالىق يىللارنىڭ ئۆچمەس ئىزنالىرى جىسمىڭىزدىن ئورۇن ئېلىپ قەلىب تۆرىڭىزدە تالاي ئەسلىملەرنى قالدۇردى.قىسقىسى سىز ھاياتلىق يۇلىدا ئەللىك يىل توختىماي تىركەشتىڭز،پەرزەنىتلىرىڭىزنى بېقىپ قاتارغا قوشقۇچە تالاي ئىسسىق -سوغوقلارنى ،جاپالىق كۈنلەرنى بېشىڭىزدىن ئۆتكۈزدىڭىز. لېكىن سىز بۇيولداقىلچە ۋايسىمىدىڭىز. ياشلىق باھارىڭىزنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە تۆت پەرزەنتىڭىزنى بېقىپ  قاتارغا قوشۇپ ئادەم قىلدىڭىز.پەرزەنىت ئوتىدا كۆيۈپ،سۈيىدە ئېقىپ ياشلىق چاغلىرىڭىزدىن مەڭگۈلۈك خوشلاشتىڭىز.
     ئانا ، بەزىدە سىزنى پارلاپ تۇرغان نۇرلۇق قوياشقا ئوخشىتىپ قالىمەن.چۈنكى سىز قوياشقا ئوخشاش يېلىنجاپ تۇرغان مېھىر- مۇھەببىتىڭىز بىلەن بىزگە ئالەمچە ئىللىقلىق ئاتا قىلىپ ئۈشىگەن قەلبىمىزنى ئىللىتتىڭىز، قاراڭغۇ دىلمىزغا نۇرانىلىك ئاتا قىلدىڭىز.
   ئانا بەزىدە سىزنى مېۋىلىك باغقا ئوخشىتىپ قالمەن،چۈنكى سىز ھالال قان-تەرىڭىز بىلەن ئىشلەپ تاپقان ئېسىل نازۇ- نىممەتلەرنى ئۆزىڭىز يىمەي بىزگە يىگۈزۈپ بېشىمىزدا زوقلۇنۇپ  قاراپ تۇردىڭىز.تومۇز-ئىسسىقلاردا بىزگە سايە بولدىڭىز، بىزنى بوران -چاپقۇندىن قار- يامغۇردىن ساقلىدىڭىز.
   ئانا يەنە بەزىدە سىزنى دولقۇنلاپ تۇرغان دېڭىز-ئوكيانغا ئوخشىتىپمۇ قالمەن،چۈنكى سىزئەللىك يىل سۇ بولۇپ ئاقتىڭىز ،قىرغاقلارغا ئورۇلدىڭىز يەنە توختىماي ئاقتىڭىز. گۈدەكلىك قىلىپ سىزنى رەنجىتسەك ، دىلڭىزغا ئازار بەرسەك قىلچىلىكمۇ كايىمىدىڭىز،مەيلى نىمىلا قىلمايلى كۆكسى -قارنىڭىزنى كەڭ تۇتۇپ سەۋەنلىكىمىزنى كۈلۈپ تورۇپ ئۆتكۈزۋەتتىڭىز.

ھېلىمۇ ئېسىمدە بىر قېتىم خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويۇپ كارۋات ئاستىغا مۆكۈنۋېلىپ ئۇخلاپ قاپتىمەن،سىز بىر كېچە ئۇخلىماي مېنى ئىزلەپ بارمىغان يىرىڭىزمۇ قالماپتۇ. تاكى تاڭ يۇرىغىچە يۇم-يۇم يىغلاپ ھەممە يەرنى ئىزدەپسىز. ئەتىسى كۆزلىرىڭىز قىزارغان ھالەتتە قايتىپ كەلگىنىڭىزدە مېنى كۆرۈپ باغرىڭىزغا مەھكەم بېسىپ ،پىشانىللىرىمگە سۆيۈپ ئۆكسۈپ يىغلاپ كەتكەن ئىدىڭىز. يەنە بىر قېتىم قاتتىق قىززىپ قېلىپ ھوشسىز ياتقىنىمدا چېلەكلەپ قۇيغاندەك توختصماي يېغۋاتقان قارايامغۇرغا قارىماي يىقلىپ- قوپۇپ مۆدۈرۈپ يۈرۈپ مېنى يۈدۈپ  دوختۇرخانىغا ئاپارغان ئىدىڭىز. ئانا قىقىسى سىز بارلىقىڭىزنى يۈرەك -پارىللىرىڭىزگە ئاتىۋەتكەن ئىدىڭىز،بالا ئۈچۈن ئوت دېڭىزىغا كىرگۈدەك قەيسەر يۈرەك سىزدە بار ئىدى.چۆچەكلەردە ئېيتىلغاندەك پەرىشتە بار بولسا سىز ئونۇڭدىنمۇ ئولۇغ پەرىشتە ، سىز دۇنيادىكى ئەڭ ئولۇغ ئىنسان ،ئەڭ گۈزەل پەرىشتە ئانا! سىز يالغۇز مېنىڭلا ئانام بولۇپ قالماستىن پۈتكۈل مىللەتنىڭ ئانىسى ،پۈتكۈل مىللەتنىڭ ئولۇغ ۋەتىنى ئانا !

ئانىلارسىز بەخىت-سائادەت  نەدە تۇرۇپتۇ، ئانىلارسىز تاجۇ-تەخىت نەدە تۇرۇپتۇ .سىز مېنىڭ ئىپتىخارىم، مىللىتمىزنىڭ ئىپتىخارى ئانا.سىز ئۆزىڭىزنىڭ كۆيۈمچانلىغى ،مېھىربانلىقى ، ئاق كۆڭۈللىكى بىلەن مەڭگۈ قەدىرلىكتۇرسىز... سىزنىڭ ئولۇغلىقىڭىزنى، ئالەمچە گۈزەللىكىڭىزنى تىللاردا داستان قىلىپ پۈتۈپ چىقساممۇ،دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل تىللار بىلەن ناخشامغا قېتىپ پۈتۈن كائىناتقا جاكارلىساممۇ، بىر تېمىم سۈتىڭىز ھەققىگە سىزنى يۈدۈپ بەيتۇللاغا ئاپارساممۇ ئازلىق قىلىدۇ ئانا! شۇتاپ تىلىم كۆيۋاتىدۇ، سىزنى مەدىيلەشكە تىلىم ئاجىزلىق قىلۋاتىدۇ.ئالدىڭزدا سىزگە ھېچنىمە قىلىپ بېرەلمىگنلىكىمدىن دىلىم ئۆرتىنۋاتدۇ . چارچىغان چېغىڭىزدا پۇت -قولىڭىزنى تۇتۇپ قۇيالمىدىم ، ئۇسساپ چاڭقىغان ۋاختىڭىزدا ئالدىڭىزغا بىر پىيالە ئۇسسۇلۇق كەلتۈرەلمىدىم.پەقەت سىزدىن تولىمۇ يىراق شەھەردە،پاكىزە- ئازادە سىنىپتا خاتىرجەم  ئولتۇرۇپ  دەرىس ئوقۇۋاتقان چىغىمدا سىزنى چەكسىز سېغىنىش ئىلكىدە ئەسلەشتىن باشقا ھېچنىمە قىلىپ بىرەلمىدىم ئانا!ئوغلىڭىز تۇرۇپ جاپايىڭىزنى تەڭ تارتىشىپ بېرەلمگەنلىكىمدىن،مادارسىز پۇتىڭىزغا پۇت، قولىڭىزغا قول بۇلالمىغانلىقىمدىن خېجىل بولۇپ كۆزلىرىمگە ئىسسىق ياشلار كېلۋاتىدۇ ئانا!جېنىم ئانا خاتىرجەم بولۇڭ! ئوغلىڭىز جەزمەن كۈتكەن يىرىڭىزدىن چىقىشقا ،ئۈمىدىڭىزنى ئاقلاشقا تىرشىدۇ. سىزنىڭ دۇئالىرىڭىز بىلەن ئوغلىڭىزنىڭ كەلگۈسىدە ياراملىق بىر ئادەم بۇلۇپ چىقدىغانلىقىغا ئىشىنىڭ ئانا!جېنىم ئانا ،ئاخىرىدا ياتقۇچى ئىگەمنىڭ ئالتۇن تېنىڭىزنى سالامەت قىلشىنى تىلەيمەن!

                 ____ خەيىر ئانا ،ياخشى مىنۇتلاردا قۇچاقلىشىپ كۆرۈشكەيمىز . سىزنى سېغىنىپ:

                                                                                                                               قەدىرلىك ئوغلىڭىزدىن.  



ئانا





ئېتصزلاردصن بېرص كةلمةيسةن،

كېچة كۈندۈز جاپاكةش ئانا.

ۋايسصتالماس كۆيدۈرگة ئاپتاپ،

سةن قۇياشتصن توغۇلغانمۇ يا؟




ئاتمصش يصلدا ئاتمصش باھارصڭ ،

ئۆتتص ئېتصز قصرلار بېشصدا .

مۇھةببةتلصك باغرصڭدا ياشاپ،

ئةللصيصڭدة تةۋرصنةر دۇنيا.



پةرصشتصسةن ئةي ئولۇغ ئانا،

بار قةلبصڭدة ئةڭ چوڭقۇر كۆيۈم.

ساڭا ئاتاپ ناخشلار يازسام ،

كۆيةر ئةممة بۇ ئاجصز تصلصم .



2010-يصل 8-مارت

سةن كةتتصڭ

ئاپتۇر:ئابلىكىم غوپۇر ئوتقاش


سەن كەتتىڭ ،مىسكىن قەلبىمگە بىر ئۈلۈش ھەسرەت ناخشىللىرىنى ئاپرىدە قىلىپ بارسا كەلمەس چەكسىزلىك قوينىغا ئۇزاپ كەتتىڭ.سەن كېتش بىلەن بىللە يۈرىكىممۇ ساڭا ئەگىشىپ ئايقىڭ ئاستىغا يىقىلدى، لېكىن سەن پەرۋاسىز ھالدا خۇددي بىر پارچە كېرەكسىز چالمىنى دەسسىگەندەك قىپقىزىل يۈرۈكۈم ئۈستىگە رەھىمسىزلەرچە دەسسەپ ئۆتۈپ كەتتىڭ...ناتىۋان قەلبىم خورلۇق دەستىدىن ھەسرەتلىك <<ئاھ>> دىيىشكىمۇ ئۈلگۈرمەستىن لاسسىدە بۇلۇپ قالدى.كەچكۈز شامىلى مېنى پەپىلمەكچى بۇلۇپ تاراقسىز چاچلىرىمغا ،نۇرسىز يۈزلىرىمگە يەڭگىل لەۋ ياقاتتى،سارغايغان ياپراقلار خەستىلەنگەن كۆڭلۈمگە تەسەللىي ئىزدەپ يىنىك شىۋىرلىغىنىچە ئۈست-بېشىمدىن تۆكۈلەتتى.بولۇتلۇق ئاسمان ئېچىنىشلىق قىسمىتىمگە قايغۇرۇپ سىم-سىم ياش تۆكەتتى.يالغۇز چىنارغا باغلاقلىق ئاق بوز ئېتممۇ شۇنچىلىك ئىزگۈلۈك ئاھاڭدا نالە قىلاتتىكى يەر-زىمىن،تاغۇ-تاشلار لەرزىگە كېلەتتى،تىنىمسىز ئېقۋاتقان دەريامۇ شىددەتلىك دولقۇنلايتى.گىرىمسەن ئۇپۇق قوينىغا سىڭىپ كېتىۋاتقان قۇياش خۇددي ماڭا بۇنىدىن كىيىنكى زۇلمەتلىك تەقدىرىم توغۇرلۇق شەپە بىرىۋاتقاندەك خىرە-شىرە نۇر تۆككنچە  بارا-بارا سۇسلاشماقتا ئىدى.شۇتاپ يەرشارى ئۆز ئوقىدا تۇرۇپ قالغاندەك ئېغىر سۈكۈناتقا چۆمگەن بۇلۇپ نىمجان تىپىرلاۋاتقان يۈرىكىمنىڭ ئاجىز دۈپۈرلەشلىرىلا ئاڭلىنىپ تۇراتتى.مەن بارچە ئاۋازىمنى قويۋىتىپ ساراڭلارچە ناخشا توۋلىماقچى بولدۇم،لېكىن پىغانلىق كۈيلىرىم ناخشا بۇلالمىدى.ئاخىر ئۆزۈمنى تۇتۇۋالالماي قارا يامغۇردەك تۆكۈلۈپ كەتتىم،ھەر بىر ئۆكسۈشلىرىمدىن بىر خىل مۇڭ،غېرىپلىق تۆكۈلۈپ ئەس ھوشۇمنى پۈتۈنلەي يوقۇتۇپ قويدۇم.ئېغىر قەدەملىرىمنى يۆتكەشكە كۈچۈم يەتمەي تۇرغان ئىزىمغا <<گۈپلا>> قىلىپ يىقىلدىم. تۈن پەردىسى ئاستا-ئاستا پۈتكۈل جاھانغا يېيىلىپ  جىسمىمنى دەششەتلىك كېچە زۇلمىتى ئۆز قوينىغا ئالدى،ئەنە خىرە چاقناپ تۇرغان بىر يۇلتۇز ئالەم باغرىغا ساقىپ چۈشۈپ ئىز-دېرەكسىز غايىپ بولدى.ئەنە ،چىرايىنى غەم تۇمانلىرى قاپلاپ تۇرغان تولۇنئاي نەملەشكەن كىرپىكلرىنى چىڭ يۇمۇپ قارا تۇمان ئارسىغا ئاستا-ئاستا شوڭغۇشقا باشلىدى.ئەنە تۇنۇش بىر سىيما قاتقان قاراقلىرىمدا مەسخىرلىك كۈلگىنىچە ئۆز جىلۋىدارلىقىنى بارا-بارا يوقاتتى...
******************************

ئېسىمدە ئىككىمىز خوشلاشقان شۇ چاغ،
دېگەنتىڭ بىر سېنى كۈتىمەن پەقەت.
ئۆتمەستىن ئارىدىن تېخى بىر يىلمۇ،
بىغۇبارقەلبىمگە تاشلىدىڭ كۈلپەت.


ئارىمىز بەك يىراق بولسىمۇ گەرچە،
يۈرگەنتىم سېنىلا قەلبىگە پۈكۈپ.
ئەپسۇسكى خارلىنىپ قاپتۇ ئەقىدەم،
ناتۇنۇش يىگىتكە مەيلىڭنى بىرىپ.


ئاداققىي ۋەدىمىز شۇمىدى ئەسلى،
بارلىقىم تەسەددۇق دېگىنىڭ قېنى؟
كۆزلىرىم كور ئىكەن بىلسەم ئەسلىدە،
قانداقمۇ سۆيگەندۇ ئۈجمە كۆڭۈلنى!

************************
قەلەندەرمەن ئىششىق يولىدا،
ئازاپلارنىڭ سازىنى چالغان.
پەرۋانىمەن كۆيۈك ئوتىدا،
سەن يار ئۈچۈن ئاشىق ئاتالغان.


دەرىت-پىغانىڭ ئەزسەيۈرەكنى ،
قان ئاقىدۇ قاراقلىرىمدىن.
قۇچىقۇڭدا ئۆلمەكنى كۆزلەپ،
قايىتقۇم كەلمەس ماڭغان يولۇمدىن.


مەھكۇم بولۇپ تۇتقۇن ھېسلارغا،
تۈگىمەس مۇڭ بىلەن پەلەككە باقتىم.
ئاداققىي ھەسرىتىم ئۆلۈم چىللىسا ،
تىك يارنىڭ لېۋىدىن ئۆزۈمنى ئاتتىم.


2010-يىلى 4-ئاي 23-كۈن(ئۈرۈمچى)

مەنبە:ئىجادي ئەسەر


قاسىم قۇشقاچ(ئوتقاش)

(ھېكايە)


ئاپتۇر:ئابلىكىم غوپۇر ئوتقاش


قاسىم قۇشقاچ دېسەم ئىككى دولىسىدا بىر جۈپ قانىتى بار ئاسماندا ئۇچىدىغان ئادەممىكىن دەپ قالماڭ.قۇشقاچ دېگەن بۇ چىرايلىق لەقەم ئاغزى بېسىقماي كاسىلداپ سۆزلەپ تۇردىغان قاسىمغا شۇنداق سىڭىشىپ كەتكەچكىمىكىن ئۇنىڭ ئىسمىغا رەھمەتلىك ئاتسىنىڭ ئىسمىنى قوشۇپ ئاتىغاندىن كۆرە قۇشقاچ دېگەن لەقمى بىلەن ئاتىسا پۈتۈن مەھەللىدە ئۇنى تونىمايدىغان بىرمۇ ئادەم بولمىسا كېرەك .قاسىم قۇشقاچنىڭ ئۆيى مەھەللىنىڭ بۆك-باراقسان دەل-دەرەخلەر بىلەن قاپلانغان كۆجۈم يېرىدە بولۇپ گۇگۇت قېپىدەك بىرلا پومزەك تېمى ئۇنىڭ قۇشقاچ دېگەن لەقمىگە ماسلىشىپ خۇددي قۇشقاچ چاڭگىسىغىلا ئوخشاپ قالغان.قاسىم قۇشقاچنىڭ ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي  سۆزلەپ تۇردىغان مىجەزىدىن سىرىت يەنە ھەركۈنى ئەتتىگىنى قونداقتىكى توخۇلار يەرگە چۈشمەستە پومزەك تېمىنىڭ  ئالدىدىكى ئۈجمە دەرخىنىڭ ئاچماق شېخىغا ئورنىتىۋالغان ياڭراتقۇسىنى كېسەك رادىيۇسىغا ئۇلاپ بار ئاۋازىنى ئېچۋىتىپ قۇيدىغان غەلىتە ئادىتىمۇ بار . ئۇ قۇيغان رادىيۇنىڭ ئاۋازى پۈتۈن مەھەللىنى بىر ئالاتتى دە تاتلىق ئويقۇدا ياتقانلار بېشىنى يوتقانغا مەھكەم پۈركەپ يېتىشقا،ئاخىرى بولماي قاسىم قۇشقاچنى غودۇراپ تىللاشقىنىچە بىر-بىرلەپ ئورۇنلىرىدىن تورۇپ كېتىشكە مەجبۇر بولاتتى. بۇ مەھەللىدە ئوغرى يالغاننىڭ يوقلىقى بەلكىم قاسىم قۇشقاچنىڭ ئاشۇ رادىيۇسىنىڭ تۆھپىسىدىن بولسا كېرەك.
  قاسىم قۇشقاچنىڭ بېشىغا قىيپاش قىلىپ قوندۇرۋالغان شاپاق دوپپىسى قاچانلا قارىسىڭىز شۇ بىر خىل ئىسكەتتە تۇرغىنى تۇرغان.ئۇ ئۇچسىغا ئاق رەڭلىك كەمزۇل،پاختەك تۈكى رەڭ ئىشتان،پۇتىغا قارا لاتا خەي كىيگەن، ئېگىز بوي،ئۇستىخانلىق ،بۇغداي ئۆڭ كەلگەن 40ياشلاردىن ئاشقان كىشى ئىدى.قاسىم قۇشقاچ ئۆي-ئوچاقلىق بولۇپ سەككىز يىلغىچە باللىق بولالمىدى.ئۇنى ئاز دەپ ئەزەلدىن ئاغرىقچان ئايالى ئۇنى تىكەندەك يالغۇز قالدۇرۇپ ئالەمدىن ئۆتتى.مەھەللە چوڭلىرى ئۇنىڭغا بىر نەچچە جۇۋاننى سايە قىلغان بولسىمۇ مىجەزى جاھىل قاسىم قۇشقاچ پەقەتلا يېقىن يولغىلى ئۇنمىدى.دېمىسىمۇ ئۇنىڭ ئايالى خۇددي قاسىم قۇشقاچ ئۈچۈنلا يارتىلغاندەك رايىش،مىشچان ئايال ئىدى.قاسىمنىڭ تولا كوتۇلدىشى،گىجىڭلىقى ئايالىغا ئەسلا ھار بىلىنمەيتى.مەيلى نېمىلا دېمىسۇن ئايالى مىيقىدا كۈلۈپ قويۇپ قاسىمغا بىرەر قېتىم كايىپ باققان،باشقىلاردەك ھال ئېيتىپ دادلاپ باققان ئەمەس.بەلكىم قاسىم ئاشۇ ئايالىنى ئونتالمىغاندۇ ياكى باشقا ئاياللارنىڭ ئۆز ئايالىدەك پۈتۈن مېھرىنى ئۆزىگە ئاتىيالماسلىقىدىن، بىرنى دېسە ئىككىنى دەپ ياقا-بوغماق ئېلشىدىن قورۇققاندۇ.قاسىم سۆيۈملۈك ئايالىدىن ئايرىلغاندىن كىيىن جۈدەپلا كەتتى.ئىلگىرى قاسىم ئەتتىگىنى ئېشەك ھارۋىسىغا قوغۇن-تاۋۇزلارنى بېسىپ شەھەرگە كىرىپ سېتىپ پۇل قىلغاندىن كىيىن كەچتە دىمىغىدا غىڭشىپ ناخشا ئېيىتقىنىچە ئۆيگە خۇشال قايتىپ كەلگىنىدە ئايالى ئونى ئوچۇق چىراي قارشى ئېلىپ ئالدىغا چىقاتتى.قاسىم ئايالى ئوخشۇتۇپ ئەتكەن ھاردۇق ئېشىنى چېكە تەرلىرىنى ئېرىتىپ  ئولتۇرۇپ ئىچكەندىن كىيىن موخۇركىسىنى يانپاش چىشلەپ سودا قىلغان پۇللىرىنى ساناپ ئايالىغا توختىماي گىجىڭشىپ بۇ پۇللارنى نىمىگە ئىشىلتىش،قانچە ساغلىق سېتۋېلىش توغۇرلۇق پىلانلىرىنى ئېيتىپ ئايالىنى قەۋەتلا خوش قىلۋېتەتتى.ئەزەلدىن قاسىمنىڭ رايىغا بېقىپ كەلگەن ئايالى قاسىمنىڭ دېگەنلىرىنى راسىت دېگەندەك بېشىنى بوشقىنە لىڭىشتىپ قاسىمنىڭ ئايغى چىقماس ئوزۇن پارڭلىرىنى زېرىكمەي-تېرىكمەي ئاڭلايتى.ئىككىيلەن سۈتتەك ئايدىڭدا ئاللانىملەرنىدۇر دىيشىپ،تاتلىق پىچىرلاشقىنىچە شېرىن ئويقۇغا غەرىق بولاتتى.
  بىر يىلى كۈزدە قاسىم قۇشقاچنىڭ ئايالى كونا كېسلى بىلەن ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالدى.قاسىم قوغۇن سېتىپ تاپقان پۇللىرىنىڭ ھەممىنى موچەن قالدۇرماي ئايالىنى داۋالىتىشقا سەرىپ قىلغان بولسىمۇ بىچچارە مەزلۇمە ئاخىرى ئۆرە بۇلالماي بۇئالەمدىن خوشلاشتى. قاسىم  ھەر قېتىم ئاشۇ چاغلارنى ئەسلىگىنىدە ئېغىر ئوھسىنىپ قۇياتتى.<<ھەي،نىمە دېگەن بەخىتلىك چاغلار ئىدى ھە!>>.كۈنلەر ئايلارنى،ئايلارنى يىللارنى قوغلۇشۇپ ۋاقىتىنىڭ ئۇزرىشى بىلەن قاسىم يەنە ئەسلىدىكى بېسىقماي سۆزلەپ تۇردىغان كوت-كوت ،گىجىڭ ھالىتىگە قايىتتى.باشقىلار ئۇنى قاسىم قۇشقاچ دەپ ئاتاشقا ئادەتلەنگەن بىلەن مەھەللە چوڭلىرىدىن تارتىپ ياشلارغىچە ئۇنىڭ ھۆرمىتىنى قىلاتتى.چۈنكى قاسىم قۇشقاچ ئۆزىنىڭ كوت-كوتلىقى،گەپدانلىقى بىلەن مەھەللىدىكى ھەرقانداق بىر مەشرەپ-يىغلىشلارغا چاقرىلماي قالمايتى.قاسىم قۇشقاچ شۇنداق چاغلاردا پېلمۇتتەك ئاغزىنى ئىشقا سېلىپ چوڭ-كىچىك ھەممىنى ئۆز ئاغزىغا قارىتاتتى.قىززىق-قىززىق گەپلىرى بىلەن مەشرەپ-يىغلىشتىكىلەرنى تېلىقتۇرۇپ كۈلدۈرەتتى.مەھەللىدە ئۆتكۈزۈلگەن ھەرقانداق بىر توي -تۆكۈن،نەزىر-چىراغ ئىشلىرغىمۇ قاسىم قۇشقاچ چاقرىلماي ھەم بارماي قالغان ئەمەس.قاسىم قۇشقاچ توي-تۆكۈنلەردە قىز-يىگىت تەرەپنىڭ دوسقانلىرىنى بار ئاۋازىنى قويۋېىتىپ جوراپ تۇرۇپ:<<مانچە كېلو ئالتۇن،مۇنچە مىڭ يىۋەن پۇل،مانچا يۈز مىتىر رەخ!>>دېگەندەك كۆپتۈرمە قىلىپ ئېيتىلغان قىززىق گەپلىرى بىلەن تويغا قاتناشقانلارنىڭ كەيپىياتىنى يوقۇرى كۆتۈرەتتى.ئۆلۈم-يىتىم ئىشلىرىدا ئۆلۈمگە كەلگەنلەرنى ئۆيگە باشلاش،ماڭغانلارنى ئوزۇتۇش قاتارلىق ئۇيان-بۇيان يۈگۈر يىتىم ئىشلارغا قارىشىپ بېرەتتى.ئۇ بۇ ئىشلىرىنىڭ ھەممىنى ئۆزى خالىس قىلىپ ئەزەلدىن قىلغىنىغا ھەق تەلەپ قىلغان ئەمەس.بەزىلەر بىرەر پارچە رەخ ،بىرەر لېگەن تاماق بىلەن يولغا سالاتتى،يەنە بەزىلەر رەخمىتىنى بىلدۈرۈپ ئۆزرىخاھلىق ئېيتىپ يولغا سالاتتى.
قاسىم قۇشقاچنىڭ يېشى چوڭايغانسېرى بازارغا قوغۇن توشۇپ ساتىدىغان ئىشلىرىمۇ توختاپ قالدى.ئۇ ئىلگىرى بىكار چاغلىرىدا  كۈندە دېگۈدەك مەھەللەدوقمۇشىغا چىقۋېلىپ بىرنەچچەيلەن بىلەن كوچا پارىڭى قىلىشىپ،ئۆزىنىڭ رادىيودىن ئاڭلىغانلىرىنى  ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەپ كېتەتتى.تاغدىن-باغدىن قىلغان پاراڭلىرى بىلەن ھەممىنى كۈلدۈرەتتى. لېكىن مۇشۇ يېقىن كۈنلەردىن بۇيان مەھەللە-كويدىمۇ كەمدىن-كەم ئۇچرايدىغان ،گەپلىرىمۇ بورۇنقىدىن ئازلاپ قالغان بولۇپ،ئىلگىركى بەسىتلىك قامىتمۇ ئالدىغا ئازراق مۆكچىيىپ ،تىز-تىز چامداپ ماڭدىغان قەدەملىرىمۇ ئېغىرلىشىپ ،بەردەم تېنىنى بىر خىل ماغدۇرسىزلىق چىرماپ ئارلاپ كالتە-كالتە يۆتىلدىغان،كۈنلەپ -كۈنلەپ ئۆيىدىن سىرىتقا چىقماي يېنى يەر تارتىپلا تۇردىغان بولۇپ قالدى.ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر تاپقان ئوزۇن يىللىق قوشنىسى ھاشىم بىر كۈنى قاسىم قۇشقاچنىڭ ئۆيىگە يىتىپ كىردى.

   - ھەي قۇشقاچ،پوكىنىڭنى يەرگە يېقىپ يېتىپسەنغۇ؟بۆگۈن دانلىغلى،ۋىچىرلاپ سايرىغلى چىقمىغان ئوخشىمامسەن؟-دېدى چاقچاق قىلىپ،قاسىم قۇشقاچ ئىلگىرى بۇنداق گەپلەرنى ئاڭلاپ قالسا قارشى تەرەپنىڭ ئېغىز-بۇرۇننى تۇۋاقلاپ<<بولدى،مەن يېڭىلدىم>>- دەپ ئاق بايراق چىقارمىغۇچە بولدى قىلمايدىغان،لېكىن بۆگۈن ئۇنىڭ چاقچاققا رايى يوق ئىدى.
  - نېمە بولدۇمكىن،يېنىم يەر تارتىپلا تۇرىدۇ،گېلىمدىن ھېچقانداق غىزا ئۆتمەيدۇ. قاسىمنىڭ جۈدەڭگۈ چىرايىدىن بىر خىل سۇلغۇنلۇق چىقىپ تۇراتتى،ئىلگىركى بۆركۈت كۆزىدەك ئۆتكۈر كۆزلىرىنىڭ نۇرى قاچقان ئىدى؛-موشۇ كۈنلەردە رەھمەتلىك ئاتا-ئانام،ئايالىم ئايشەم چۈشۈمدىن پەقەتلا نېرى بولمايۋاتىدۇ،بەلكىم مېنى سېغىنغان ،ئۆز يېنىغا تېزرەك يىتىپ بېرشىمنى جىكلەۋاتقان بولسا كىرەك.
- نىمانداق گەپ قىلسەنوي قۇشقاچ،تېخى ئەمدى ياز كېلىپ چوكانتاللار ياشىرۋاتمامدۇ،شاختىن-شاخقا قونۇپ سايرايدىغان ۋاختىڭ تېخى ئالدىڭدا،بولدى،بولمىغۇر خىياللارنى قىلماي تۇرە ئورنۇڭدىن! سېنى ئۆزەم بىر دانلىتىپ كېلەي،مەھەللە دوقمۇشىدىكىلەر سېنىڭ پارىڭىڭنى ئاڭلىيالماي زېرىكىپ سېنى قاچان كېلەركىن دەپ يولۇڭغا قاراپ ئولتۇرىدۇ ھەقىچان،ئەكەل قولۇڭنى،قېنى ئورنۇڭدىن دەسىت تۇر!ھاشىم بىر قولىدا قاسىمنىڭ قولىدىن بىر قولىدا يەلكىسدىن تارتىپ ئورنىدىن تۇرغۇزغان بولسىمۇ قاسىم بىر نەچچە قەدەم ئالا-ئالمايلا پۇتلىرى تىترەپ ئىزىدە <<لاسسىدە>>ئولتۇرۇپ قالدى.
- ھاشىم بولدى مېنى ئۆز ئورنۇمدا ئارامخۇدا ياتقىلى قويغىن!قېرىپتىمەن،پۇتۇمدا جانمۇ قالماپتۇ،ئىلگىرى مەھەللىدىكى تۆت ئەركەكنىڭ ئالدى ئىدۇق.مەيلى چېلشىشتا بولسۇن،مەيلى لاپ ئېتشىشتا بولسۇن ئالدىمىزغا ئۆتىدىغان بىرەرسى يوق ئىدى،مانا ئەمدىلىكتە چۆمۈلە-قوڭغۇز جېنىدا ئارقىدا قالدۇرۇپ ئالدىمدا چاپىدىغان بولۇپ كەتتى.ھەي...ياشلىق چاغلار ئەمدى مەڭگۈ كەلمەسكە كەتتىدە،قاسىمنىڭ ئاۋازى بوغۈق ھەم تىترەڭگۈ چىقۋاتاتتى.بايدىن بېرى قاسىمغا ئۇياندىن-بۇياندىن گەپ سۈڭگۈرتۈپ ئۇنىڭ ئاشۇ سۆزلىسە-سۆزلىسە ئايغى چىقماس گېپىنى تىڭشىغۇسى كەلگەن ھاشىمنىڭ ۋۇجۇدى بىر خىل بىئارام بۇلۇپ جىمىپلا قالدى.<<ھەي،بىزمۇ ياش ئىدۇق،يىللارنىڭ ئۆتىشى بىلەن ئارىمىزدىكى تەڭتۇشلار ھەرخىل سەۋەبلەر بىلەن بىر-بىرلەپ سەپتىن چۈشۈپ قالدى،ھەي ياشلىق، كىممۇ ساڭا قېنىپ ياشاپ باققان ھە!>>- ھاشىم شۇ خىياللار بىلەن مۇڭلىنىپ قالدى،ئوزۇن يىللىق بۇرادىرى،يېقىن قوشنىسى قاسىمنىڭ ھالىغا قاراپ ئېچىندى.ئۆزىنىڭ كېيىنكى چۈشنىكسىز تەقدىرىنى ئويلاپ بىر نەچچىنى چوڭقۇر ئوھسىنىپ قويدى.
قاسىم شۇندىن كىيىن ئۆرە بۇلالمىدى،قوشنىسى ھاشىم ھەركۈنلىكى ئۆيىدىن تاماق توشۇپ يىقىن بۇرادىرىنى يوقلاپ تۇردى.قاسىم ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغاندىن كېيىن ھەر كۈنى تاڭ سەھەردە مەھەللىنى بىر ئېلىپ ھەممىنى ئويغۇتىدىغان ياڭراتقۇنىڭ ئۈنىمۇ ئۆچۈپ قالدى.مەھەللىدىكلەر نەچچە يىللاردىن بېرى قاسىمنىڭ بۇنداق ئادىتىگە غودۇرشىپ يۈرگىنى بىلەن <<كۆيگەندىن كۆنگەن يامان>> دەپ كۆنۈپ قالغاچقىمىكىن پۈتۈن مەھەللىدە بىرمۇ ئادەم قالمىغاندەك جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈرۈپ  قاسىمنىڭ داۋاملىق رادىيۇ قويشىنى ئۈمۈد قىلىپمۇ قېلىشتى. قاسىمنىڭ ئايىغى چىقماس ئوزۇن پاراڭلىرىنى ئاڭلىغۇسى كەلگەن مەھەللە دوقمۇشىدىكىلەرمۇ خۇددي بۇ جاي ئىلگىركىدىن بىر خىل چۆلدەرەپ قالغاندەك ھېس قىلىشىپ قىلغان پارىڭى ئوزۇنغا بارماي ئاستا-ئاستا تاراپ كېتشىدىغان بولۇپ قېلىشتى.مەشرەپ يىغلىشلىرىمۇ قاسىم بار ۋاقىتلاردىكىدەك قىزىمايدىغان ،توي تۆكۈنلەرمۇ ئىلگىركىدەك قاينام تاشقىنلىق بىلەن ئۇزىمايدىغان بولۇپ قالدى.قىسقىسى قاسىمنىڭ ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قېلىشى مەھەللىدىكى ھەممەيلەننىڭ كەيپىياتىنى خۇددي ئەڭ مۇھىم بىر نەرسە تويۇقسىز غايىپ بولۇپ كەتكەندەك باشقىچە بىر خىل كەيپىياتنى شەكىللەندۈرگەن ئىدى.ھەممە قاسىمنىڭ تېزراق ساقىيشىنى ،پات ئارىدا ئىلگىركىدەك كۆز ئالدىدا قايتىدىن پەيدا بۇلشىنى ئۈمۈد قىلاتتى.جاھاننىڭ ئىشلىرى ئەزەلدىن ئادەملەرنىڭ رايىغا باققان ئەمەس،تەقدىرنىڭ قىسمىتىنى ياراتقۇچىدىن باشقا ھېچكىممۇ ئۆزگەرتىشكە قادىر بولغانمۇ ئەمەس. بىر جۈمە كۈنلىكى ھەممەيلەن نامازدىن تارقاپ تۇرشىغا ئالا-پاتمان ئالدىراش كەلگەن بىرى قاسىمنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى كۆپچىلىككە يەتكۈزدى.نامازدىن يانغان ئەل-جامائەت ئودۇل قاسىمنىڭ ئۆيىگە يىتىپ بېرىشتى.ئاسماننى قارا بولۇت تۇمانلار قاپلىغان بولۇپ پۈتۈن مەھەللىدە جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈرگەن،قاسىمنىڭ ئۆلمىگە كەلگەن ھەممە كىشىلەر چوڭقۇر قايغۇغا چۈمگەن ئىدى. بىر ھازادىن كېيىن ئىمام ئاخۇنۇمنىڭ تىترەڭگۈ ئاۋازدا ئوزۇن قىرائەت قىلشى بىلەن ئەتراپتىكى ئەلەم دەستىدىن  ۋۇجۇدى سىلكىنگەن كىشلەر رەھمەتلىك قاسىمنىڭ روھىغا ئەمىنلىك تىلەپ سانسىزلىغان قوللىرىنى كۆتۈرۈشتى.


2010-يىلى 6-ماي (ئۈرۈمچى)


مەنبە: ئىجادي ئەسەر


تةئةججۈپلۈك سوئاللار



ئابلصكصم غوپۇر ئوتقاش


بۇرۇن-بۇرۇنلاردا،ئاتا بوۋصللصرصمصزنصڭ زامانصسصدا كصشلةر لاي سۇ ئصچصپ،چوغدا پصشۇرغان كۆمةچنص يةپ ،ياۋايص ھايۋانلارنص ئوۋلاپ جېنصنص جان ئةتكةندة سانسصزلصغان ئۆمۈر چولپانلصرص مةيدانغا كةلگةن ئصكةن؛ھازصر كصشصلةر غةرصپچة پصسا قاتلصمصسص يةپ ،ساپلاشتۇرۇلغان ئېسصل مېنرال سۇنص ئصچصپ ،داڭلصق ماركصدصكص كصيصملةرنص كصيصپ يۈرسصمۇ نېمصشقا بارغانسصرص ئۆمرص قصسقصراپ كېتصدصغاندۇ؟

بۇرۇن-بۇرۇنلاردا،ئاتا بوۋصللصرصمصزنصڭ زامانصسصدا كصشلةريةرنص سېلصنچا،ئاسماننص يېپصنچا قصلصپ يېتصپ كېچصسص ئاي يۇرقصدصن،كۈندۈزص قۇياش نۇرصدصن پايدصلنصپ نۇرغۇنلصغان دۇنياۋص شۆھرةتكة ئصگة ئېسصل قامۇسلارنص ئاددي سامان قةغةزلةرگة يېزصپ بصزگة قالدۇرۇپتصكةن؛ھازصر كصشصلةر ئېسصل بصنا ئۆيلةردة قةسصر داچا-سارايلاردا ئولتۇرۇپ ،رةڭگا-رةڭ چصراغلارنص يېقصپ ،ئېلصكتصرلةشكةن ئېسصل ئۈسكۈنلةردصن پايدصلنصپ تۇرۇپمۇ نېمصشقا تېخصمۇ نادصر قامۇسلارنص يېزصپ كصيصنكص ئةۋلادلارغا قالدۇرۇشنص ئويلاشمايدصغاندۇ؟

بۇرۇن-بۇرۇنلاردا،ئاتا بوۋصللصرصمصزنصڭ زامانصسصدا كصشلةرگۈل-گصياھ،ئۆسۈملۈكلةردصن پايدصلنصپ نۇرغۇنلصغان ئېغصر كېسةللةرگة داۋالصق تېپصپ تومۇر تۇتۇپ كېسةل داۋالاپتصكةن؛ھازصر كصشصلةر ئېشةك سۈيدۈكصدصن تارتصپ چاشقان گۆشصگصچة ھةممة نةرسصنص ئارلاشتۇرۇپ خصلمۇ-خصل دورصلارنص ياساپ ،بصر-بصرصدصن ئصلغار تةكشۈرۈش ئۈسكۈنلصرص بصلةنمۇ نېمصشقا بةزص كېسةللةرگة توغرا دېئاگصنۇز قويۇپ ئۈزۈل-كېسصل ساقايتالمايدصغاندۇ؟

بۇرۇن-بۇرۇنلاردا،ئاتا بوۋصللصرصمصزنصڭ زامانصسصدا كصشلةر ھېچقانداق مةكتةپتة ئوقۇمصغان ئصلصپنصڭ سونقصنص بصلمةيدصغان تورۇپمۇ بصر ئائصلصدة سةككصز-ئون بالصنص بېقصپ ،قصزلارنص شةرصم-ھايالصق،ئوغۇللارنص غورۇر-ۋصجدانلصق قصلصپ قاتارغا قوشۇپتصكةن؛ھازصر بصر ئائصلصدة بصرياكص ئصككص بالصنص دوكتۇرلۇق ئۈنۋانص ئالغان ئالصم پصرافېسورلصرصمصز تورۇپ نېمصشقا شةرصم-ھايالصق،غورۇې ۋصجدانلصق قصلصپ قاتارغا قوشالمايدصغاندۇ؟
بۇرۇن-بۇرۇنلاردا،ئاتا بوۋصللصرصمصزنصڭ زامانصسصدا كصشلةر بار شارائصتتصن پايدصلنصپ ئوغلاق تارتصشصش ئويۇنص،چېلصشصش ،بةيگصگة چۈشۈش قاتارلصق خصلمۇ-خصل پائاليةتلةر بصلةن شوغۇللصنصپ نورغۇنلصغان جةسۇر ئوغلانلارنص ،سادصردةك قورصقماس ئةركةكلةرنص جاھان ئةھلصگة تونۇتۇپتصكةن؛ھازصر شارائصت ئةۋزةل تۇرۇپ ياشلصرصمصز بةيگة مةيدانصغا،چېلصشصش سورۇنلصرصغا،چېنصقصش كولۇبلصرصغا بارماي،ھاراق سورۇنلصرصغا،قصمارخانلارغا،ئصشرةتخانلارغا قاتصراپ نېمصشقا ئۆزصنص زةئصپلةشتۈردصغاندۇ؟
بۇرۇن-بۇرۇنلاردا،ئاتا بوۋصللصرصمصزنصڭ زامانصسصدا كصشلةر بارصنص ئايصماي ،يوققا كايصماي قوشصنصدارچصلصقنص تۇققاندةك چارة كۆرۈپ ،بصر چصنة ئاش تاپسا يېرمصدصن بۆلۈشۈپ يةپ-ئصچصپ شۇنداق ئصجصل -ئصناق ئۆتۈپتصكةن؛ھازصر كصشصللصرصمصز يېتصپ يصسة ئاشقۇدةك،قةيةرگة قولصنص سوزصسا يةتكۈدةك توقچصلصق،باي-باياشاتلصق ئصچصدة ياشاپ تورۇپمۇ نېمصشقا كصچصككصنة نةپ ئۈچۈن خۇددي يصرصتقۇچلاردةك ئۆز-ئارا خصرصس قصلصپ يۈرشصدصغاندۇ؟
بۇرۇن-بۇرۇنلاردا،ئاتا بوۋصللصرصمصزنصڭ زامانصسصدا كصشلةرباشقصلارنڭ ئامانصتصنص كۆز قارچۇقصنص ئاسرصغاندةك ئاسراپ،كصشصنصڭ ھةققصگة قارا سانصماي،چصن ئادصمصيلصكنص،پاك ئېتقادنص ئۆزصگة ھةمراھ قصپ كةپتصكةن؛ھازصر كصشصلةر نېمصشقا ھةدېسصلا بصر-بصرصنصڭ پۇتصغا پالتا چېپصپ،يولصغا ئورةك قېزصپ ،باشقصلارنصڭ ئېشصغا توپا سېلصپ،رصسقصغا كۆز قصزارتصپ يۈرشصدصغاندۇ؟
بۇرۇن-بۇرۇنلاردا،ئاتا بوۋصللصرصمصزنصڭ زامانصسصدا كصشلةر باي بولغانلصرص كةمبةغةللصرصگة خةيصر-ساخاۋةت قصلصپ ،ئېشصنچا پۇللصرصنص مةدرصس سېلصشقا ،كۆرۈك ياساشقا،يصتصم-يصسصرلارنصڭ بېشصنص سصيلاشقا،ھةجصگة بېرصشقا ئصشصلتصپتصكةن؛ھازصر كصشصلةر نېمصشقا تاپقان پۇللصرصنص دېسكو-قاۋاقخانا ئېچصشقا،ئةيشص-ئصشرةتخانلاردا كةيصپ -ساپا بصلةن بۇزۇپ چېچصشقا ،شةھةر ئاتلاپ قاتار چاي ئويناشقا سةرصپ قصلدصغاندۇ؟


2010-يصل 9-ماي(ئۈرۈمچص)


مةنبة:ئصجادي ئةسةر


تةپةككۇردصن توغۇلغان ئويلار(ئوتقاش)


ئاپتۇر:ئابلصكصم غوپۇر ئوتقاش



ئاسماندصكص ئاي يۈزصدة دېغص بولسصمۇ يارقصن نۇر چېچصپ تۈن قوينصدا جۇلالاپ تۇرغصنصدةك،ئصپپةتلصك قصز يۈزصگة بصر قةۋةت چۈمبةردة تارتصۋالسصمۇ شۇنچة بةرنا ،سۈلكةتلصك كۆرۈنصدۇ.
قصز-ئوغۇللار ئوتتۇرسصدصكص ھايا كصشصنص چېقصپ تاشلانسا،ئوغۇل تةرةپ ئاچكۆز مېۋة ئوغرصسصغا ،قصز تةرةپ كۆچةت تصكصپ باغ ئةھيا قصلصشنص بصلمصگةن نادان باغۋةنگة ئوخشاپ قالصدۇ.
گۆركار ساۋاپ تېپصش ئۈچۈن گۆر كولصسا،دۈشمةن سېنص كۆزدصن يوق قصلصش ئۈچۈن گۆر كولايدۇ.


مصراس تالشصپ تۇققاندارچصلصقتصن ۋاز كةچسةڭ،ئاخصرةتتة بالا-چاقاڭ كۆزۈڭ يومۇلماي تۇرۇپ ئۇرۇش_جصدةل قصلغاندا پةرياد چېكصسةن.

ئورۇنسصز خاپصلقتصن ئاسانلا جصدةل-ماجرا كېلصپ چصقصدۇ.
ئۆزۈڭنصڭ قةدصر_قصممصتصنص يةر بصلةن يةكسان قصلصشتصن ھايا قصلمصساڭ،باشقصلارنصڭ لةنةت ئوقۇشصغا نارازص بولۇشتصن مۇتبةر ئېغصز ئاچما.

تةييار يةمچۈككة ئامراق بېلصق ئاسانلا قارماققا ئصلصنغصنصدةك،ھارام مةنپةتكة ئامراق بولساڭ شۇنچة ئاسانلا ۋةيران بۇلصسةن.


ئۆزۈڭنص شصر چاغلاپ تېرةڭگة سصغماي قالساڭ،رةھصمسصز كۈشةندصللصرصڭ ساڭا تةرةپ-تةرةپتصن خصرصس قصلصشص ھةتتا دةقصقة ئارلصقصدا سېنص يالماپ يۇتۋصتشص مۇمكصن.

قصممةتلصك ۋاقتصڭنص ئاقصل كصشلةرنصڭ سانصنص ئېنصقلاشقا سةرصپ قصلماي،ئۇلارنصڭ تةجرصبة-ساۋقصنص يةكۈنلةشكة سةرصپ قصل.

خام_خصيال بصلةن غايصۋص دۇنيانصڭ شاھ-سۇلتانص بولغۇچة ،ئةمةلي تصرصشچانلصق بصلةن رېئال دۇنيانصڭ ئصجادكارص بول.
بۇۋاق نوتصغا،ئۆسمۈر كۆچةتكة،ياش قۇرامصغا يةتكةنلةر مېۋصلصك دةرةخكة ئوخشايدۇ؛ئاتا_ئانا بصلةن ئوقۇتقۇچص _ئۇستاز بولغۇچص ئاشۇ نوتصنصڭ مېۋة بصرصش جةريانصغصچة جاپالصق قان_تةر تۆككةن مېھنةتكةش باغۋةنلصرصدۇر.


ھېسياتسصز تۇرمۇش _ ھۆل كېسةك بصلةن تام قوپۇرغانغا ئوخشايدۇ؛بۇنداق تۇرمۇش ئوزۇنغا داۋاملاشسا بصر بولسا ئۆزصڭصزنص مۇز_ئوكيان ئصچصدة ياشاۋاتقاندةك ھېس قصلشصڭصز ،يةنة بصر بولسا سالغان تېمصڭصز ئوزۇنغا بارماي ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ خارابصلصك ئاستصد ا قېلشصڭصز مۇمكصن.
ئالدصڭدا ساڭا كۈلۈپ تۇرۇپ خۇشامةت قصلغان كصشص ،ئارقصڭدصن ساڭا ئةڭ رةززصل ۋاستصلةر بصلةن قةسصت قصلصشنص پصلانلاۋاتقان كصشص بۇلشص مۇمكصن.

ئۆز ئالدصغا مۇستةقصل كۆز قارشص يوق ئادةم بصر بولسا قالاق،يةنة بصر بولسا قورقۇنچاق.
ئوقۇپ بولۇنمصغان داستان ناھايصتص ئاز،تېخص يېزصپ بولۇنمصغان داستان ناھايصتص كۆپ.

پۇرسةتنص تۇتقصلص،پۇرغصلص،يصگلص _ ئصچكصلص بولمصسصمۇپايدصلانغصلص بولصدۇ.


يصقصلماسلصقنص ئويلصساڭ پۇتلصكاشاڭغا يېقصن يولصما،روناق تېپصشنص ئويلصساڭ ھةسةتخۇر بصلةن شېرصك بولما.

باشقصلارغا قةھرصنص سانجصپ ئاچچصقص يانغاندا ئةپۇ سوراش چېقصلصپ كةتكةن ئةينةكنص پصلاستصر بصلةن چاپلاپ قويغانغا ئوخشايدۇ.
كۈلۈشنص بصلسةڭ خۇشاللصق يېنصڭدصلا بولمصسا ئۇنص مةڭگۈ تاپالمايسةن.
پاشصدةك قانخور،رةززصل بولما،ھةسةل ھةرصسصدةك ئصشچان،مصننةتسصز بول.
ياياق ئات مصنصپ بەيگصگة چۈشكصلص بولمصغاندةك ،قارا كۈچكة تاينصپ ئةقصلنص ئصشقا سالمصسا چوڭ ئصشلارنص ۋۇجۇدقا چصقارغصلص بولمايدۇ
ئۈمۈد نۇرصدصن يصراقلاشقان ئادةم زاۋاللصقنصڭ قارا كۆلةڭگصسصدصن مةڭگۈ قۇتۇلالمايدۇ.

مةنبة:تةپةككۇرلىرىم

2010-يصل (ئۈرۈمچص)

ئصككص ياشنصڭ مۇھةببةت ھېكايصسص  
(ھېكايە)




                                        ئابلىكىم غۇپۇر (ئوتقاش)

  تونۇشقىنىغا تېخى بىر نەچچە ھەپتە بولغان بىر جۈپ ياش خەلىق باغچىسنىڭ بۆك-باراقسان دەرەخلەر بىلەن  قاپلانغان خىلۋەت بىر جايىدا يانمۇ-يان بېقىشپ ئولتۇرۇپ تاتلىق پاراڭلارغا چۈشۈپ كەتتى.

-سېنى ئۆلگۈدەك ياخشى كۆرىمەن جېنىم لالە! _يىگىت قىزنىڭ يۇمشاق قوللىرىنى چىڭ سىقىپ تۇرۇپ قىزغا سۆزلەۋاتاتتى ؛- سەن بولمىساڭ مەن ئۆلۈپ كېتىمەن،سەنسىز ھايات كەچۈرەلمەيمەن...

- دېگەنلىرىڭ راستمۇ ئەكبەر؟مېنى راسىتلا شۇنچىلىك ياخشى كۆرەمسەن؟

-ئىشەنمىسەڭ يۈرگۈمنى تىڭشاپ باققىن،لالەم،يىگىت قىزنى ئاستا باغرىغا باستى. قىز يىگىتنىڭ يۈرىگىنى تىڭشىماقتا ئىدى...لېكىن جانسىز سوقۇۋاتقان  يۈرەكتىن يىگىتنىڭ دېگەنلىرىنىڭ راسىت ياكى يالغانلىقنى ئىلغا قىلالمايتى. شۇنداقتىمۇ  يىگىتنىڭ كۆزلىرىگە ياش ئېلىپ تۇرۇپ ئېيىتقان شېرىن -شېكەر گەپلىرىدىن ئۆزىنى يۇقاتقان قىز بارلىقنى يىگىتكە ئاتۋىتىشكە تەييار ئىدى. - ماڭا ئشەنگىن لالە،بىز بىر ئۆمۈر بىللە ياشايمىز.خۇشال-خۇرام،بەخىتلىك تۇرمۇش كەچۈرمىز ،ھېچكىم ئاتا قىلالمىغان بەخىتنى مەن ساڭا ئاتا قىلىمەن.ئاسماندىكى ئاينى ئېلىپ بەر دېسەڭمۇ ،كۆك بىلەن بوي تالاشقان تاغلارنى يۆتكەپ،ساسلىقلارنى گۈل-چىمەنگە ئايلاندۇر دېسەڭمۇ مەن تەييار. سەن ئۈچۈن رىۋايەتلەردە ئېيتىلغاندەك ئۇزۇن-ئۇزۇن يوللارنى بېسىپ  دېۋىلەر ماكانىغا بېرىپ قانلىق جەڭ قىلىشقا ،جىن-ئالۋاستىلارنى يەر چىشىلتىپ يالماۋۇزنىڭ يۈرگىنى سوغۇرۇپ ئەپ كېلىشكە مەن تەييار .سەن ئۈچۈن ھەر قانداق قۇربانلىقلارنى بېرىشكە مەن رازى،ھەتتا لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتقان ئوت-دېڭىزغا كىرىشتىنمۇ يانمايمەن...  
يىگىتنىڭ بىرىنىڭ كەينىدىن بىرىنى ئۇلاپ ئېيىتقان دەبدەبلىك سۆزلىرى قىزنىڭ يۈرىگىنى شۇررىدە ئېرىتىپ ئەس-ھوشىنى يوقىتىپلا قويدى. يىگىت قىزنى مەھكەم قۇچاقلاپ ئۇدۇل كەلگەن يەرلىرىگە سۆيۈشكە باشلىدى. ئاندىن قۇلىنى ئاستا پەسكە سىيرىلىپ چەكلەنگەن مېۋىگە ئېغىز تەگمەكچى بولغاندىلا  ھوشىنى تاپقان قىز ئورنىدىن چۆچۈپ تۇرۇپ كەتتى.

-ئۇنداق قىلمىغىن ،ئەكبەر،ئۆزۈڭنى بېسۋال!سەن پەقەت مېنى ئۆز ئەمرىڭگە نىكاھلاپ ئېلىپ ھالال جۈپتىڭ دەپ بىلگەندىلا مەنمۇ سەن ئۈچۈن ھەر قانداق ئىشنى قىلىشقا رازى...ساڭا بىر ئۆمۈر  سادىق بۇلۇپ  ئاخىرقى تىنىقلىرىمغىچە ساڭا خىزمەت قىلىشقا مەن تەييار .
  
بىر نەچچە مىنۇتلۇق مەسىتخۇشلىقتىن كېيىن  سەگەكلىشىپ قالغان قىز ئىلدام قەدەملەر بىلەن باغچا دەرۋازىسى تەرەپكە قاراپ ماڭدى. نىمە دېيىشنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالغان يىگىت قىزنىڭ ئارقىسىدىن يۈگۈرەپ چىقىپ  يېقىن ئەتراپتىكى گۈل دۇكىندىن ئاق رەڭلىك ئەتىرگۈلدىن بىر تال سېتۋالدى دە،قىزغا سوۋغا قىلدى. ئاق ئەتىرگۈل پاكلىقنىڭ ،چىن مۇھەببەتنىڭ سىمۋولى ئىدى.مۇشۇ بىر تال گۈل يىگىتنىڭ قىزغا بولغان سەمىمىي مۇھەببىتىنى،غۇبارسىز سۆيگۈسىنى ئىسپاتلاپ تۇراتتى. قىز ئاق ئەتىر گۈلنى كۆرۈپ يىگىتنىڭ سۆزلىرىگە تامامەن ئىشەندى.
يىگىتنىڭ بايقى چېكىدىن ئاشقان ھەركەتلىرىنى بىر دەملىك ھاياجانلىنىشتىن بولغان دەپ ئويلاپ كۆڭۈلدىن كۆتۈرۋەتتى.قىسقىسى ئۆزىنى شۇنچە سۆيگەن يىگىتكە ئىشەنمەسلىككە ھېچقانداق باھانە-سەۋەپ تاپالمىدى... ئۇلار بىر ئازدىن كىيىن ئاۋات كوچىدا قول تۇتۇشقىنىچە بىللە يۈرۈپ كەتتى.يىگىتنىڭ سۆزمەن ئاغزىدىن قىززىق -قىززىق پاراڭلار ئۈزۈلمەيتى ،قىز كۈلۈپ بۇلالماي كۆزلىرىدىن ياش چىقىپ كېتەتتى. ھازىر ئۇلار خۇشال ئىدى،ئەنە شۇنداق خۇشال-خۇرام مىنۇتلاردا مۇھەببەتنىڭ شېرىن پەيزىنى سۈرۈشمەكتە ئېدى.قىز شۇتاپ ئۆزىنى بۇدۇنيادىكى بىردىنبىر بەخىتلىك كىشى ھېساپلايتى. تەڭىرنىڭ ئۈزىگە ئەنە شۇنداق ئېسىل يىگىتنى ئۇچراشتۇرغىنغا تۇلىمۇ خۇرسەن ئىدى.  ئۇلار كوچىلارنى ئايلىنىپ كۈننىڭ قانداقلارچە كەچ بۇلۇپ كەتكىننىمۇ سەزمەي قېلىشتى. يىگىتنىڭ شۇنچە سۆزمەنلىكگە،شوخلۇقلىرىغا ھېرىسمەن بۇلۇپ قالغان قىز نىڭ شۇتاپ يىگىتىدىن ئايرىلغۇسى يوق ئىدى. شۇنداقتىمۇ قىز ئۆيىگە قايىتمىسا بولمايتى...

ئۇلار شۇتەرىققىدە بىر ئاز ئايلانغاندىن كىيىن يىگىت قىزنى ئۆيىگە ئاپرىپ قويماقچى بۇلۇپ  تۆت يولنىڭ دوقمۇشىغا كېلىشتى.  ئاۋات شەھەرنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان تىز سۇرئەتلىك   يولىدا ماشىنلار خۇددي قۇتىرغان بۆرىلەردەڭ ئۇياندىن-بۇيانغا غۇيۇلدىشىپ ئۆتۈپ تۇراتتى. قىز-بىلەن يىگىت  خۇددي ئۇزۇن يىللىق ئايرىلماس بىر جۈپلەردەك قوللىرنى مەھكەم تۇتۇشقىنىچە يولنىڭ قارشى تەرپىگە ئۆتۈش ئۈچۈن تەرەددۈتلەنىدى. قىز يىگىت بەرگەن ئەتىرگۈلنى  پات-پات دىمقىغا يېقىن ئەپكېلىپ قېنىپ-قېنىپ پۇراپ قۇياتتى. ئۇلار يولنىڭ قاق ئوتتۇرسىغا كەلگەندە  تۇساتتىن يان تەرەپتىن  ناھايىتى تىز سۈرئەتتە ئۆزلىرىگە قاراپ  ئوپمۇ-ئۇدۇل كېلۋاتقان ماشىنىنى كۆرگەن قىز يىگىتنى بار كۈچى بىلەن يول ياقسىغا قارىتىپ ئىتتەردى. ئاندىن ماشىننىڭ تورمۇز قويغان چىرىلداق ئاۋازىدىن كېيىن قىز يىراققا قاڭقىپ چۈشتى. يول ياقسىغا يىقىلغان يىگىت ئورنىدىن چاچراپ قوپۇپ قىز تەرەپكە تاشلاندى.  قىزنىڭ پۈتۈن بەدىنى قانغا مىلەنگەن بۇلۇپ  ھوشسىز ئىدى. ئاق ئەتىر گۈل تۇتقان قوللىرى مەھكەم يۇمۇلغان،ئۇنىڭ ئالقانلىرى ئارسىدا بەرگىللىرى توزۇپ كەتكەن گۈلنىڭ شېخى تۇراتتى...

                            *                                                *

كىيىن قىز ئۆمۈرلۈك مېيىپ بۇلۇپ قالدى . لىكىن يىگىتنى ھەر مىنۇت-سېكنۇت ئەسلەپ تۇردى.ئۇنى سېغىندى ،كۆرگۈسى كەلدى. تولىمۇ ئەپسۇس ،يىگىت دوختۇردىن قىزنىڭ ئەھۋالىنى ئۇققاندىن كېيىن ئىككىنچىلەپ قىزنى ئىزدىمدى. ئۇزۇن ئۆتمەيلا باشقا بىرى بىلەن تونۇشۇپ شېرىن مۇھەببەتنىڭ پەيزىنى سۈرۈپ يۈرۈۋەردى.
قىز يىگىتنى كۈتمەكتە ئىدى،ئۇنىڭ بىلەن بىر قېتىم بولسىمۇ قانغۇدەك دىدارلىشۋېلىشنى ئويلايتى.مىڭ ئەپسۇس ، قىزغا دېمىگەن شىېرىن - شېكەر گەپلىرى،  بەرمىگەن ۋەدە قەسەملىرى قالمىغان  ۋاپاسىز يىگىت قىزنى قايتا ئىزدىمدى. ئىزدىمىدىلا ئەمەس  ئۆزنىڭ بىر ئۆمۇرلۈك ھاياتىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە يىگىتنى  قايتا ھاياتلىققا ئېرىشتۈرگەن  ئاشۇ ئۇلۇغ پەرىشتىنى مەڭگۈ ئۇنتۇپ كەتتى.  غۇنچە توزىدى ،قىزنىڭ چىن مۇھەببەتكە ئىنتىلگەن  بىغۇبار قەلبىدە بىر ئۆمۈرلۈك ھەسرەت ناخشىللىرى ئورۇن ئالدى. يالغۇزلۇق ئۇنى ئۆز ئىسكەنجىسگە ئېلىپ،قىزنىڭ قەلبىدە ئۆچمەس يارا ئىزلىرى قالدى. ئىلگىركى شېرىن ئەسلىملەر پەقەت بىر ئۆتمۈشلا بۇلۇپ قالدى خالاس!




  2009   -يىل  5-ئاينىڭ12- كۈنى( ئۈرۈمچى)

مةنبة:ئصجادي ئةسةر

ئاپتۇردىن: مەزكۇر ئەسەرلەر  مېنىڭ تۇنجى قېتىم يازغان   ھېكايەم -نەسىرلىرىم  بولغاچقا  مەيلى مەزمۇن جەھەتتىن بولسۇن،مەيلى ھەجىم جەھەتتىن بولسۇن نۇرغۇنلىغان يېتەرسىزلىكلەردىن خالىي ئەمەسمەن ،ئوقۇرمەنلەرنىڭ توغرا چۈشنىشىنى كەمتۈك جايلىرى بولسا ،قىممەتلىك پىكىر-تەكلىپلىرىنى ئايىماسلىقىنى ئۈمۈد قىلىمەن.

ئاپتۇرنىڭ ئىلاۋىسى: ئەسەر ھوقۇقىغا دىققەت قىلىڭ! ئۆزنامىدا باشقا مۇنبەرلەرگە يوللاشقا ،گېزىت-ژۇرناللاردا ئېلان قىلدۇرۇشقا بولمايدۇ .



ھازىرغىچە 3 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
kapsizkiz + 200 **********مۇبارەك نادىر تىمىڭىزگە
YuqunAdam + 500
arkakzat + 100 نادىر تىما

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 800   باھا خاتىرىسى

جەننەت ئاتا-ئانىلارنىڭ ئايقى ئاستىدا...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35999
يازما سانى: 316
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4816
تۆھپە نۇمۇرى: 143
توردا: 943 سائەت
تىزىم: 2011-4-1
ئاخىرقى: 2014-8-1
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-8 03:10:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ،ئوتقاش ئەپەندى ،ئالدى بىلەن ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن، ئەسەرلىرىڭىز ئىچىدە مەن ئەڭ ياقتۇرغىنىم "تەئەججۈپلۈك سۇئاللار" سەرلەۋھەلىك ئەسىرىڭىز بولدى،شۇ تەئەججۈپلۈك سۇئاللار قاينىمىدا ياشاپ ،جاۋاپ تاپالماي كېلىۋاتقان ئەقلى ئويغاق تەپەككۇر ئىگىلىرىدىن يەنە قانچىلىك باردۇ؟
نادىرلانغىدەك تېما بوپتۇ.

ئىسمى نېمىلىكى نامەلۇم بىر گۈل،
ئۆزى بىلمەيدىغان يوچۇن بىر جايدا.
دېدى شائىرغا: >ئەي، دىلكەش ئامرىقىم،
بىز تۇغۇلغانمۇ ئوخشاش تۇپراقتا؟

تارازا بارمۇ ؟

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36554
يازما سانى: 2125
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14868
تۆھپە نۇمۇرى: 787
توردا: 4695 سائەت
تىزىم: 2011-4-5
ئاخىرقى: 2014-1-12
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-8 03:11:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاتا بىلەن ئانىنى بەك ئۇلۇعلايمىز،دائىم ئۅلۉپ كەتكەندىلا ئۇلۇعلايمىز،
ياحشى يزىپسىز قولىڭىزعا دەرت كەلمىسۇن

جېنىمنى تۇپراق ئىچىدىن تېرىۋال

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18700
يازما سانى: 3450
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 46023
تۆھپە نۇمۇرى: 3174
توردا: 6911 سائەت
تىزىم: 2010-11-23
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-8 03:13:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنە بىر نادىر ئەسىرىڭىز بىلەن يۇز كۈرۈشكىنىمدىن خۇشالمەن..........   

يىغلىغىن يىغلىغىن بۇ گۇناھ ئەمەس،
ئازاپلار چىرمىسا نەپەس ئالماق تەس.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35362
يازما سانى: 462
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4323
تۆھپە نۇمۇرى: 92
توردا: 181 سائەت
تىزىم: 2011-3-27
ئاخىرقى: 2014-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-8 03:53:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
[align=justify]
ئاسالامۇ ئەلەيكۇم بەك ياخشې يېزېپ سېز   [s:166] ۇلوخ ئالا قولېڭېزخادەت بەرمۇېسۇن  [s:173]


[align=justify]ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم،بەك ياخشى يېزىپسىز،ئۇلۇغ ئاللاھ قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن


[align=justify]....................

[align=justify]ئىملاغا دىققەت قىلىڭ ھە!!!


سەن مەنپەئەت ھەم

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25966
يازما سانى: 1150
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4414
تۆھپە نۇمۇرى: 389
توردا: 5505 سائەت
تىزىم: 2011-1-12
ئاخىرقى: 2014-7-4
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-8 04:21:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قەلەملىرىڭىزگە بەركەت تىلەيمەن، ئەسەرلىرىڭىزنى راسلا ياقتۇردۇم، قەلىمىڭىزنىڭ توختاپ قالماي، داۋاملىق ئېسىل ئەسەرلەرنى بىزگە ھەدىيە قىلىشىڭغا تىلەكداشمەن.

ئەي ئەركەك! قىز ئاياللىرىڭغا ھىزى بول!!! ئۆز تەقدىرىنى ئويلىمىغان مىللەتنىڭ كەلگۈسى بولمايدۇ!
بۇلبۇلن بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-8 04:22:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

*ئاللاھ گۇناھلىر

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36464
يازما سانى: 618
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5746
تۆھپە نۇمۇرى: 317
توردا: 330 سائەت
تىزىم: 2011-4-5
ئاخىرقى: 2014-2-10
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-8 04:34:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى يىزىپسىز........................

ھەي................ئۇ كۆڭۈللۈك كۈنلەر كەلمەسكە كەتتى!

پەرىشتىلەرمۇ يا

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4373
يازما سانى: 3243
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 25879
تۆھپە نۇمۇرى: 1223
توردا: 3453 سائەت
تىزىم: 2010-7-20
ئاخىرقى: 2015-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-8 05:44:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نادىرلانسا بولىدۇ دەپ قارايمەن.

بۇ بىر ياخشى باشلىنىش بوپتۇ... بۇنىڭدىن كېيىن شېئىر يېزىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي ، تېخىمۇ كۆپرەك ۋاقىت ئاجرىتىپ ھىكايە ، پوۋسىتلارنى ، يېزىپ ھۇزۇرىمىزغا سۇنۇپ ، تورداشلارغا زوق ئاتا قىلىپ  تۇرسىكەن دېگەن ئۈمۈتتىمەن.قەلىمىڭىزگە بەرىكەت تىلەيمەن.

گۈلىستا بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-8 07:13:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش