مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 6999|ئىنكاس: 94

ئۇيغۇر ماتېماتىكلىرى (1-توپلام) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ساقىشچى

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5386
يازما سانى: 1199
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 17149
تۆھپە نۇمۇرى: 1105
توردا: 1952 سائەت
تىزىم: 2010-8-1
ئاخىرقى: 2015-1-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-8 03:04:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

فارابى

ئۇلۇغ ئۇيغۇر قارلۇق ئالىمى ئەبۇ نەسىر فارابى ھىجىرىيىنىڭ 259 - يىلى ( مىلادى 870 - يىلى ) سىر دەرياسىنىڭ شىمالىدىكى فاراب ( ئوتتۇرا )   شەھىرىنىڭ ۋاسپىچ ھەربى قەلئەسىدە دۇنياغا كەلدى.   ئۇ 30 ياشقا كىرگىچە ئۆز يۇرتىدا ياشاپ تۇركىي تىل - ئەدەبىياتى ۋە مۇزىكا سەنئىتىنى،   شۇنداقلا پارىس تىلىنى پىششىق ئەگىلىدى.   كىيىن باغدات شەھىرىگە بېرىپ،   ئەبۇ بەكرى ئىبىن سىراجىدىن ئۇستازلىقىدا ئەرەپ تىلىنى ھەم خىرىستىئان ئالىمى ئەبۇ بەشەر مەتتە يۇنۇستىن گىرىك تىلى ۋە لوگىكا ئىلمىنى ئۆگەندى،   ھەرزان شەھىرىگە بېرىپ ئەبۇ بەشەر مەتتەنىڭ ئۇستازى يۇھەننا بىننى ھەيلان جىلىددىن پەلسەپە، لوگىكا، تىبابەت نەزەرىيىسى،   ماتىماتىكا، مۇزىكا ئۆگەندى ھەم كۆپلىگەن پەلسەپىۋى ئەسەر ۋە شىئېر يازدى.   921 - ، 922 - يىللىرى ھەرراندىن باغداتقا قايتىپ 20 يىل تۇرۇش جەريانىدا،   ئەڭ نادىر ۋە ئاساسلىق ئەسەرلىرىنى روياپقا چىقىرىش بىلەن بىللە، يەنە داۋاملىق ئۆگىنىش،   ئىلمى سۆھبەت - مۇتالىئەلەردە بولۇش،   دەرس لىكسىيە سۆزلەش بىلەن شوغۇللاندى.  
                 فارابى ياشانغان چاغلىرىدا سىياسى ۋەزىيەت تۈپەيلى دەمەشىققە كىتىپ،   ھەمىدانى سۇلالىسىنىڭ قۇرغۇچىسى سەيپۇدەۋلەتىنىڭ   زور ئىلتىپات كۆرسىتىشى ۋە ئۇستاز تۇتىشىغا   نائىل بولدى.   بۇ مەزگىلدە ئۇ ھەلەپ،   دەمەشىق،   مىسىر قاتارلىق جايلاردىكى ئاتاقلىق ئالىملار بىلەن تۇنۇشۇپ، ئىلمى مۇنازىرە، لىكسىيەلەردە يۇقۇرى شۆھرەت قازىنىپ،   ئىلىم ئەھلىنىڭ بىردەك ئېتىراپ قىلىشىغا ۋە ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولدى. بەزى تارىخى مەنبەلەردىن مەلۇم بولىشىچە،   فارابى سامانىيلا دۆلىتىدە << ئەتتالىم ئەسسانى >> ( ئىككىنچى تەلىمات ) مەشھۇر كىتابنى يېىزىپ،   ئۇنى شۇ ۋاقىتتىكى سامانىيلار ھۆكۈمرانى مەنسۇر ئىبنى نوھقا تەقدىم قىلغانلىقى،   مەنسۇر ئىبنى نوھنىڭ بۇ كىتابتىن سۈيۈنۈپ،   فارابىغا ئارستوتىلدىن كىيىنكى << ئىككىنچى >> ئۇستاز دەپ شۆھرەتلىك نام بەرگەنلىكى مەلۇم.
                فارابى ئۆمرىدە << ئىھسائۇل ئۇلۇم >> (پەندىلەرنىڭ تۈرگە ئايرىلىشى )،   << ئۇيۇنۇل مەسائىل >> ( مەسىلىلەرنىڭ نېگىزلىرى )، << پەزىلەتلىك شەھەر ئاھالىسىنىڭ قاراشلىرى توغرىسىدا >>،   << بەخت توغرىسىدا >>،   << ئەقىل ھەققىدە >>،   << كىتاب جەمىئۇل مەنتەقە >> ( لوگىكا توغرىسىدا ئون ئىككى ئەسەر )،   << چوڭ لوگىكا كىتابى >>،   << خىمىيە ئىلمىنىڭ زۆرۆرلىكى توغرىسىدا >>،   << ئادەم ئورگانىزىمى توغرىسىدا >>،   << خۇسۇسۇل ھىكمەت >> ( ھىكمەت مەنىلىرى )،   << ئەقىل مەسائىلۇل فەلسەفىيە ۋەلجەھا بەئەنھا >> ( پەلسەپىلىك سۇئاللار ۋە ئۇلارنىڭ جاۋابلىرى )، << كىتابۇ شىئېر >> ( شىئېرىيەت ھەققىدە )،   << كالام فى شىئېر ۋەل فافى >> ( شىئېر ۋە قاپىيىلەر ھەققىدە سۆز )،   << رىسالەفى قانۇن سەنائەت ئەششېئىر >> ( شېئىرىيەت سەنئىتى قانۇنىيىتى ھەققىدە رىسالە )،   << كىتابۇل مۇسقۇل كەبىر >> ( مۇزىكا ھەققىدە بۈيۈك كىتاب )،   قاتارلىق كۆپلىگەن يىرىك ئەسەرلەرنى يېزىش بىلەن بىللە ئەسلى نۇسخىسىدىن تەرجىمە قىلىش ئاساسىدا، ئارىستوتىلنىڭ << كاتېگورىيە >>،   << مېتافىزىكا >>، << سوفىستىكا >>، <<ئىزاھاتنامە >>،   << بىرىنچى ئانالىتىكا >>،   << ئىككىنچى ئانالىتىكا >>،   << توپىكا >>،   << رىتورىكا >>،   << پوئېتىكا >>،   قاتارلىق ئون پارچىدىنن ئارتۇق كىتابىغا ۋە پىتىلوم،   ئېۋكىلىد، ئالىكساندىر ئافرودىتىسكا قاتارلىقلارنىڭ << ئالما گېستا >>،   << گېئومىتىرىيە >>،   << ئىزاگوك >>، << روھ ھەققىدە >> قاتارلىق بىر بۆلۈك ئەسەرلىرىگە شەرھ ۋە تەبسىر يېزىپ،   يۇنان ئالىملىرى ۋە ئىسكەندەرىيە ئىلمى گۇروھىدىن كىيىنكى پەن يېڭىلىقلىرى بويىچە ئەسلى ئەسەر مەزمونىنى تۈزۈتۈپ بېيىتىش ئارقىلىق پەلسەپە تارىخىدا << ئىككىنچى ئارىستوتىل >> دەپ   ئاتالدى.
                 فارابى ئارىستوتىل ماتېماتىكىسىنىڭ باشلانغۇچ ئۇقۇم جەھەتتىكى ئىدىيىسىگە بەكراق قىزىقىپ ، ئېۋكىلىدنىڭ < گېئومىتېرىيە ئاساسلىرى >  دېگەن كىتابىنى چۇڭقۇر تەتقىق قىلغان . شۇ  ئاساستا < ئېۋكىلىدنىڭ بىرىنچى ۋە بەشىنچى توم كىتابىنىڭ كىرىش سۆزىگە شەرىھ > دېگەن ئەسەرنى يىزىپ چىققان .بۇ ئەسەر گېئومىتېرىيە كىتابى بولۇپ ، ئەسەردە گېئومىتېرىيىلىك چۇشەنچىلەر تۇنجى بولۇپ بىر قەدەر ئابىستىراكىتنىلاشتۇرلۇپ بايان قىلىنغان. بەزى گېئومىتىرىيىلىك شەكىللەرنى سىزىشنىڭ ئۇسۇللىرى تەپسىلى چۇشەندۇرۇلگەن. تۇنجى بولۇپ سېفىرا چۇشەنچىسىنى ئوتتۇرغا قويغان .
               فارابىنىڭ يەنە ئىراتسېئونال سانلار ئۇستىدىمۇ تەتقىقاتلارنى ئىلىپ بارغانلىقى مەلۇم .  ئۇنىڭ ئاساسلىق ماتىماتىكىلىق ئەسەرلىرىدىن يەنە [ پىتولۇمنىڭ < گېئومىتىرىيە ۋە ئاستورنومىيە > كىتابىغا شەرىھ ] ، < ئارىستوتىلنىڭ گېئومىتىرىيە ھەققىدىكى جەدۋەل ناملىق كىتابىنىڭ شەرىھ >  ، < غايىۋى گېئومىتىرىيە كىتابى ھەققىدە كىتاب > قاتارلىقلار بار .


مۇھەممەت مۇسا خارازىمى
مۇھەممەت مۇسا خارازىمى 780 - يىلى خارازىمنىڭ خىۋە شەھرىدە دۇنياغا كەلگەن.بۇ شەھەر كىيىنچە  شەرقىي قارىخانىلار سۇلالىسىنىڭ تەۋەلىكىدە بولغان.
ئۇ ياش ۋاقتىدا خاقانىيە تىلى (ئۇيغۇر تىلى ) دىن باشقا ئەرەپ ، يۇنان ، پارىس ، ھىندى تىللىرىنىمۇ پىششىق ئۆگەنگەن . ھەمدە ماتېماتىكا ، ئاستۇرنومىيە ، جۇغراپىيە ، مىدىتسىنا  ۋە تارىخ پەنلىرىنى ئالاھىدە بىرىلىپ تەتقىق قىلغان . كىيىن مەشھۇر ماتىماتىك بولۇپ يىتىلگەندىن كىيىن ئەينى چاغدىكى شەرىق مەدەنىيىتىنىڭ مەركىزى باغداتقا  تەكلىپ قىلىنىپ  ئابباسىلار خاندانلىقىنىڭ 5- خەلىپىسى بولغان ھارۇن رەشىدنىڭ ئوغلى  خەلىپە مەئىمۇن رەشىدنىڭ   سارىيىدا < ھىكمەت ئۆي > دەپ ئاتالغان كۇتۇپخانىدا كۇتۇپخانا رەئىسى بولۇپ ئىشلىگەن .
ئۇ ئاساسلىق ئەسەر ۋە تەتقىقاتىنى مۇشۇ يەردە ۋۇجۇتقا چىقارغان .
ئۇنىڭ بۇ يەردە تۇنجى يازغان ئەسىرى < تىرىگونۇمىتېرىك قىممەتلەر جەدىۋىلى  > دۇر .
مۇسا خارازىمى ماتېماتىكىدىكى بىرىنچى ۋە ئىككىنچى دەرىجىلىك تەڭلىمىلەرنىڭ ئانالىتىك يىشىش ئۇسۇلىنى گېئومىتىرېيىلىك يىشىش ئۇسۇلىغا بىرلەشتۇرگەن تۇنجى ماتىماتىك . ئالگېبىرا ئىلمىنىڭ ئاساسچىسى ، ئۇنىڭ < ئالگىبېرا > دىگەن ئەسىرى دۇنيا ماتىماتىكا  تارىخىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ .ئۇ يازغان < ئەلجەبىر ۋە مۇقابەلا > ( ئەزا يوتكەش ۋە ئوخشاش ئەزالارنى ئىخچاملاش ) ، < ھېساب ئىلمى > قاتارلىق ئەسەرلىرى شەرىق ئىلىدە ئۇزۇن بىر مەزگىل دەرىسلىك بولۇپ قوللىنىپلا قالماستىن ، 1140- يىلغا كەلگەندە لاتىنچىغا تەرجىمە قىلىنغاندىن كىيىن  ( روبېرت تەرجىمە قىلغان ) باشقا ياۋرۇپا تىللىرىغىمۇ تەرجىمە قىلىنىپ ئۇزۇن مۇددەت يوۋرۇپالىقلارنىڭ ماتىماتىكا دەرىلىكى قىلىپ ئىشلىتىلگەن .
ماتېماتىكىنىڭ تارماقى < ئالگىبېرا > مۇ ئەل خارازىمىنىڭ تۆھپىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر .
مۇسا خارازىمى ئوتتۇرغا قۇيغان تەڭلىمە يىشىشتىكى < ئەزا يۆتكەش > ، < ئەسلىگە قايتۇرۇش  > ئۇسۇللىرى ئۇنىڭ كىتابىدا < ئەلجەبىر > دەپ يىزىلغان بولسا ، يوۋرۇپالىقلار ئۇنى (Algebr)
دەپ تەرجىمە قىلغان . شۇنىڭدىن كىيىن بۇ پەن ئىسمى < ئالگىبېرا > دەپ تارقىلىپ مۇقۇملاشقان . دىمەك بۇ پەن ئىسمى ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن قويۇلغان ئىسىم !!
كومپىيوتېر بارلىققا كەلگەندىن كىيىن ، ھېسابلاش پىرۇگراممىسىنى تۇزۇشكە قوللىنىلدىغان پىروگرامما تىلىمۇ مۇشۇ ئالىمىمىزنىڭ نامى بىلەن < ئالگۇل تىلى > ( Algol  تىلى ) دەپ ئاتالدى . چۇنكى بۇ ئالىمنىڭ لاتىنچىلاشتۇرۇلغان ئىسمى  Alqaritmus   بولىدۇ ، بۇ شۇ ئىسىمنىڭ قىسقارتىلمىسى!!
مۇسا خارازىمى ياشىغان دەۋىرلەردە ھىندىلارنىڭ ماتېماتىكا ۋە ئاستۇرنومىيىگە دائىر < سىند ھىند > دېگەن ئەسەر ئوتتۇرا شەرىقتە دەستۇر كىتاب ھېسابلىناتتى ، مۇسا خارازىمى بۇ ئەسەرنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا خاتالىق ۋە چۇشۇنۇكسىزلىك بارلىقىنى بايقاپ ، زور ئەجىر قىلىپ ئۇنى تۇزەپ توغرىلاپ ، چۇشىنىشلىك قىلىپ قايتا يىزىپ چىقىدۇ . بۇ ئەسەرگە يەنە يېڭى مەزمۇنلارنى قوشۇپ < يېڭى سىند ھىند > دېگەن ئوقۇشلۇقنى يىزىپ چىقىدۇ . بۇ ئەسەر ياۋرۇپا تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنغاندىن كىيىن ياۋرۇپالىقلارمۇ بۇ ئەسەردە قوللىنىلغان ئەسلى ھىندىلەردە بولغان  0   نى ئۆز ئىچىگە ئالغان رەقەم شەكلى      (  0 ، 1، 2، 3، 4، 5، 6، 7، 8، 9  ) بىلەن تونۇشۇپ ، ئۆزلىرى ئەسلى قوللىنىۋاتقان رىم رەقەملىرى ئورنىدا قوللانغان . ھەمدە بۇ ئەسەرنىڭ ئەرەپ تىلىدا يىزىلغىنىغا ئاساسەن ئۇنى < ئەرەب رەقىمى > دەپ ئاتاشقان .بۇ نام ھىلىمۇ شۇنداق ئاتالماقتا .
دىمەك : بۇ خىل ئەڭ مۇكەممەل ، قوللىنىشقا ئەپلىك بولغان رەقەم سىستېمىسىنىڭ ئەسلى ئىجاتچىسى ھىندىلار بولسىمۇ پۇتكۇل ئىلىم دۇنياسىغا تونۇتقان ۋە تاراتقان كىشى دەل ئۇيغۇر ماتېماتىكى مۇسا خارازىمى بولىدۇ !!
ئەرەپ ئالىملىرىدىن سارتۇن 9- ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يىرىمىنى < خارازىم دەۋرى > دەپ ئاتىغان ، شۇنداقلا < مۇسا خارازىم ئۆز دەۋرىنىڭ ئەڭ ئۇلۇق ماتېماتىكى ، شۇنداقلا ئەڭ ئۇلۇق ئالىمىدۇ > دەپ تەرىپلىگەن .
بۇيۇك ئۇيغۇر ئاتېماتىكى مۇسا خارازىمى 847 - يىلى ۋاپات بولغان . ئۇيغۇر خەلقى ئۇنى مەڭگۇ ياد ئىتىدۇ !

 

رەھىم ئايېتبايۇپ

دوكتور رەھىم ئايىتبايېۋ ، ئۇيغۇر مىللىتىدىن بولۇپ، قازاقىستان ئۇيغۇر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90 - يىللىرى ئامېرىكىغا ئوقۇشقا چىقىپ ئوقۇشتىن كېيىن شۇ جايدا تۇرۇپ قالغان، ھازىر ئامېرىكا يېڭى مېكسىكا شتاتى مىتاللورگىيە ۋە تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتىدا ماتېماتىكا تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانماقتا.ئۇيغۇر تىلى ، ئېنگىلىز تىلى ۋە روس تىللىرىغا پىششىق.
خىزمەت تارىخى:  
2001 -يىلى 8- ئايدىن بېرى -- ئامېرىكا يېڭى مېكسىكا مىتاللورگىيە تېخنىكىسى ئۇنىۋېرسىتى ماتېماتىكا فاكۇلتېتى، مۇئاۋىن فىراپپىسور . }
2000- يىلى 5 - ئايدىن 2001- يىلى 5 ئايغىچە، ئامېرىكا < Colorado > مەكتىپى ماتېماتىكا ۋە كومپىيوتېر تېخنىكىسى بويىچە دوكتور ئاشتى تەتقىقاتچىسى .  
1999- يىلى 8- ئايدىن 2000 -يىلى 5 ئايغىچە ئامېرىكا فلورىدا ئۇنىۋېرسىتى ماتېماتىكا فاكۇلتېتىنىڭ تەكلىپلىك مۇئاۋىن فىراپپىسور
1998- يىلدىن 1999-يىلغىچە فىلورىدا مېتالورگىيە ئۇنىۋېرسىتىدا ماتېماتىكا ۋە كومپىيوتېر ئوقۇتۇشى بىلەن شۇغۇللانغان
1994- يىلدىن 1997- يىلغىچە كېنتاكى ئۇنىۋېرسىتىدا ياردەمچى تەتقىقاتچى بولۇپ ئىشلىگەن.
1992- يىلدىن 1994- يىلغىچە ئامېرىكا كېنتاكى ئۇنىۋېرسىتى ماتېماتىكا فاكۇلتىدا ئوقۇتۇش ياردەمچىسى بولۇپ ئىشلىگەن.
1988- يىلدىن 1989- يىلغىچە قازاقىستان دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتىدا مېخانىكا فاكۇلتىدا ياردەمچى لېكتور ۋە قوللىنىش ئىلمى تەتقىقاتچىسى بولۇپ ئىشلىگەن.



ئابدۇرىشىت ئابدۇۋەلى

مۇشۇ كۈنلەردە شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ «كۆڭۈلدىكى سۆز» پروگراممىسىدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ياش ماتېماتىكا ئالىمى ئابدۇرېشىت ئابدۇۋېلى بىلەن بولغان سۆھبەت بېرىلدى. بۇ پروگرامما 2-ئاينىڭ 14-كۈنى سۈرەتكە ئېلىنغان بولۇپ، پروگرامما سۈرەتكە ئېلىنىپ بولغاندىن كېيىن، كۆپ ئۆتمەي، سۈرەتكە ئېلىش سورۇنىغا قاتناشقان بىر پېشقەدەم ئوقۇتقۇچى يۈرەك سۆزلىرىنى خەت ئارقىلىق رىياسەتچىگە يوللىغان، بۇ خەت مەلۇم يوللار بىلەن قولىمىزغا چۈشكەن ئىدى، بۇ يەردە شۇ خەتنى ئەينەن بەردۇق:

   ھۆرمەتلىك رىياسەتچى:
   مەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى سابىق ماتېماتىكا فاكۇلتېتىنىڭ پېنسىيىگە چىققان ئوقۇتقۇچىسى قاھار قادىر بولىمەن.

   2-ئاينىڭ 14-كۈنى سىلەر ئۇيۇشتۇرغان «ياش ماتېماتىكا ئالىمى ئابدۇرېشىت بىلەن سۆھبەت»نىڭ نەق مەيدان يىغىنىغا قاتناشقان بولساممۇ، ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن پىكىرلەرنى دېيىشكە پۇرسەت بولمىدى.

   سىلەرنىڭ ئاقىلانىلىك بىلەن ئۇيۇشتۇرغان بۇ پائالىيىتىڭلار ناھايىتى ياخشى ۋە ئەھمىيەتلىك بولدى. ھازىر ياش ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا ماتېماتىكىغا قىزىقماسلىق، تىرىشىپ ئۆگەنمەسلىك، نەتىجىسى تۆۋەن بولۇشتەك ئەھۋاللار مەۋجۇت.

  ماتېماتىكا پېنى پۈتۈن تەبىئىي پەنلەرنىڭ ئاچقۇچى، قوللىنىش دائىرىسى ئىنتايىن كەڭ، لوگىكىلىقى كۈچلۈك پەن بولۇپ، ئۇنى ياخشى ئۆگەنمىگەندە باشقا پەنلەرنى ئۆگىنىشكە ناھايىتى چوڭ تەسىر يېتىدۇ.

   ياش ماتېماتىكا ئالىمى ئابدۇرېشىت ئابدۇۋېلى ماتېماتىكا پېنىنى ئۆگىنىشكە ۋە ئۇنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىقىشقا ئۆزىنى بېغىشلىۋەتكەن تىپىك تالانت ئىگىسى. ئۇنىڭ بېشىدىن ئۆتكۈزگەن كەچۈرمىشلىرى بىزگە شۇنى ئۇقتۇرۇدۇكى: ئەگەر بىر ئادەم قەتئىي ئىرادە بىلەن جاپا-مۇشەققەتتىن قورقماي، ئوزلۈكسىز تىرىشىپ ئىزدەنسە چوقۇم بىر پەننى ئىگىلىيەلەيدۇ ۋە يۇقىرى پەللىگە چىقالايدۇ.

   مەن 1979-يىلى فاكۇلتېتىمىزدىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا چىقىپ، ئابدۇرېشىتنى قوبۇل قىلغان ئوقۇتقۇچى. ئۇنىڭ شۇ چاغدىكى دۆلەتلىك ئىمتىھاندىكى نەتىجىسى 576 بولۇپ، مىللىي ئىمتىھان مەيدانلىرى بويىچە ھالقىش خاراكتېرىدە يۇقىرى نومۇر ئىدى، مەملىكەت بويىچىمۇ ئالدىنقى قاتاردا تۇراتتى. شىنخۇئا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى بىزگە كېلىپ ئابدۇرېشىتنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، ئۇزۇنغا بارماي «خەلق گېزىتى»دە ئىسمىنى ئاتاپ ئوبزور بەرگەن ئىدى. بۇ نومۇر شۇنى چۈشەندۈرىدۇكى --- مىللىتىمىزدىن كۈچلۈك بىر تالانت ئىگىسى مەيدانغا كەلدى. ئۇنىڭ تالانتى ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە يېتىلىشكە باشلىغان بولۇپ، بارلىق پەنلەرنى ناھايىتى ئەتراپلىق ۋە پۇختا ئىگىلىگەن. بولۇپمۇ ماتېماتىكىنى زور قىزىقىش ۋە تىرىشچانلىق بىلەن پۇختا ئۆگەنگەن.

    ئابدۇرېشىت مەكتىپىمىزنىڭ ماتېماتىكا فاكۇلتېتىغا كەلگەنلىكى ئۇنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىشى ۋە ماتېماتىكىنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىقىشى ئۈچۈن ياخشى شەرت-شارائىت بىلەن تەمىنلىدى.

   ئۇ قەتئىي ئىرادە بىلەن "مەن خۇئا لۇئوگېندىن ئېشىپ كېتىمەن"، ماتېماتىكىنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە چوقۇم چىقىمەن، دېگەن ئالىيجاناب روھنى كۆڭلىگە پۈككەنىدى. ئۇ فاكۇلتېتىمىزدىكى 5 يىللىق ئوقۇش جەريانىدا ھېرىپ-چارچاشتىن قورقماي، تىرىشىپ ئۆگىنىپ بارلىق پەنلەرنى ئەلا نەتىجە بىلەن تاماملىدى ۋە ئۇزۇنغا قالماي ياپونىيەنىڭ توكيو ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئوقۇشقا ئەۋەتىلدى.

   ئۇ ياپونىيەدىكى 7 يىللىق تەتقىقات-ئۆگىنىش ئارقىلىق ماتېماتىكا پەنلىرى دوكتورى ئۇنۋانىغا ئېرىشتى ۋە ياپونىيەنىڭ 60 يىلدىن بۇيانقى ئالىملىرى قامۇسىغا كىرگۈزۈلدى، شۇنداقلا بۇ قامۇسقا ئىسمى كىرگەن تۇنجى چەت ئەللىك بولۇپ قالدى. بۇلار ئابدۇرېشىتنىڭ چوڭ نەتىجە ۋە شان-شەرىپى، ياش ئالىمنىڭ شان-شەرىپى ئىدى. ئۇ زەپەر قۇچۇپ ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن پۈتۈن كۈچى بىلەن ئوقۇتۇشنىڭ 1-سېپىدە ئىشلەپ، پروفېسسورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشتى.

   ياش ئالىم ھازىر شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى پەن تەتقىقات باشقارمىسىدا مەسئۇل خىزمەت ئىشلىگەندىن باشقا، پەن تەتقىقاتى، ئوقۇتۇش خىزمىتى بىلەنمۇ ئىزچىل شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇ تېخى ياش، پىشىپ يېتىلگەن، مۇكەممەل بىر ماتېماتىكا ئالىمى بولۇپ يېتىشىپ چىقىشى ئۈچۈن تېخى پۇرسەت بار.

    بىز ئىشىنىمىزكى، بۇ ئالىم چوقۇم تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ ۋە كۆزلىگەن نىشانىغا يېتەلەيدۇ.

    ياشلار ۋەتىنىمىزنىڭ كەلگۈسىدىكى خوجايىنلىرى، ئۇلارنىڭ زېممىسىدىكى ۋەزىپە ئېغىر ۋە شەرەپلىك، بۇنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىش ئۈچۈن ئىلغار پەن-تېخنىكىلارنى، بولۇپمۇ ئۆتكۈر پەن-تېخنىكىلارنى ئىگىلىشى زۆرۈر.

   ياش ئالىم ئابدۇرېشىت بۇ جەھەتتە ياشلارنىڭ ئۈلگىسى ۋە سەركەردىسى. ياشلار ئۇنىڭ ئالىيجاناپ روھى، قەيسەر ئىرادىسى ۋە جاپا-مۇشەققەتتىن قورقماي ئۆزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلەش روھىنى ئۆزلىرىگە ئۈلگە قىلىشى كېرەك.

 بىز ياشلارنى ئابدۇرېشىتتىن ئۆگىنىڭلار دەپ تەۋسىيە قىلىمىز.

ھۆرمەت بىلەن: قاھار قادىر
2006-يىلى 2-ئاينىڭ 16-كۈنى
مەرىپەت تورىدىن ئېلىندى

.......................................................................................................

ئابدۇرىشىت ئابدۇۋەلى دوكتۇر ئاشتى، دوكتۇر يىتەكچىسى، ش ج ئۇ ماتىماتىكا ۋە سىستىما پەنلىرى ئىنستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى. ئۇزى ياپۇندا دوكتۇر ئاشتىلىققىچە ئۇقۇغان.ئاڭلىشىمىزچە، ئۇ ياپۇندا ئۇقۇۋاتقان مەزگىلىدە ياپۇندىكى چەتئەللىك ئۇقۇغۇچىلار ئىچىدە خېلى داڭقى باركەندۇق. ياپۇن ھۇكۇمىتىنىڭ چەتئەللىكلەرگە شۇنداق تەس، يۇقىرى ئۆلچەملەر بىلەن بىرىدىغان ئۇقۇش مۇكاپاتىنى ئېلىپ ئۇقۇپتىكەندۇق. دوكتۇر ئۇقۋاتقان ۋاقىتتا شۇ ۋاقىتتىكى ھىساپلاش ماتىماتىكىسدا ياپۇن ئالىملىرىنىڭ بېشىنى بەك قاتۇرۋەتكەن بىر ئايرۇپىلانغا چىتىلىدىغان قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىپ ئۇ خەقنى ”ئابدۇرېشىت دىگەن كىمكەن ، قايسى مىللەتكەن“ دىگۇزۇۋېتىپتىكەن. ئۇ بىر ئىشلارغا ناھايتىمۇ ئەستايىدىل، كىچىك ئىشلارغىمۇ بەك دىققەت قىلىدۇ، ناھايتى تەلەپچان. ماتىماتىكا فاكۇلتىدىكى بالىلار ئابدۇرېشىت مالىم دەرىس بىرىدىكەن دىسە تىترەپ، كۆرىدىغىنىمىز باركەن دىيىشىدۇ.

 بىلال ئىلياس

بىلال ئىلياس تەبىئى پەن ماتېماتىكا دوكتورى. ياپونىيە رىتسۇمەئىكان ئۇنۋېرسىتېنىڭ ئوقۇتقۇچىسى. ماتېماتىكا ۋە CALL سىستېمىسىدىن ئىبارەت ئىككى كەسىپ ساھەسىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. بىلال ئىلياس 1958-يىلى 1-ئايدا سۈيدۈڭ ناھىيىسىدە تۇغۇلغان. 1978-يىلى 3-ئايدا شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ ماتېماتىكا فاكۇلتېتى ھېسابلاش ماتېماتىكا كەسپىگە ئوقۇشقا كىرگەن. 1982-يىلى 2-ئايدا ئوقۇش پۈتتۈرۈپ شۇ مەكتەپنىڭ ئۈزىگە ئوقۇتقۇچىلىققا ئېلىپ قېلىنغان.

ئۇ 1985-يىلى 9-ئايدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۈكۈمىتىنىڭ تۇنجى قېتىملىق ياپونىيىگە ئەۋەتىلگەن 13 نەپەر ئوقۇغۇچىنىڭ بىرى بولۇپ ياپونىيە كيوتو ساڭيو ئۇنۋېرسىتې تەبىپەن ئىنىستۇتىنىڭ ماتېماتىكا فاكۇلتېتىغا بىلىم ئاشۇرۇشقا قوبۇل قىلىنغان ، 1986-يىلى 4-ئايدىن باشلاپ شۇ فاكۇلتېتنىڭ ئاسپىرانتلىقىدا ئوقۇپ، 1988-يىلى 3-ئايدا ماتېماتىكا كەسپىدە ماگىستىر ئۇنۋانىنى ئالغان. ئوقۇشى پۈتكەندىن كېيىن ۋەتەنگە قايتىپ 1988-يىلى 4-ئايدىن باشلاپ شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېنىڭ ماتېماتىكا فاكۇلتېتىدا لېكتور بولۇپ ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ فاكۇلتېت ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ماگىستىر ئوقۇغۇچىلارغا ھېسابلاش ئۇسۇلى ۋە كومپيۇتېر تىللىرى قاتارلىق دەرسلەرنى بېرىش بىلەن بىللە ئۈزىنىڭ تەتقىقاتىنى چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق نۇرغۇن ئىلمى ماقالىلەرنى ئېلان قىلىپ مۇكاپاتلارغا ئەرىشكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، فورتران77 تىلىدىكى ھېسابلاش ئۇسۇللىرىنىڭ پروگراممىلىرى(شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى) دېگەن ئالى مەكتەپلەر دەرىسلىگىنى نەشر قىلغان. بىلال ئىلياسنىڭ ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقاتتا ئېرىشكەن نەتىجىلىرى كۈزگە كۈرۈنەرلىك بولغانلىقتىن , 1991-يىلى مۇئاۋىن پروفېسسورلۇققا ئۈستۈرۈلگەن

ئۇ 1991-يىلى دۈلەت خىراجىتىدە كيوتو ساڭيو ئۇنۋېرسىتېنىڭ سانائەت فاكۇلتېتىغا مېھمان تەتقىقاتچى بولۇپ كېلىپ، 1992-يىلى 4-ئايدا تەبىپەن فاكۇلتېتى ماتېماتىكا كەسپىنىڭ دوكتورلۇق كۇرسىغا قوبۇل قىلىنىپ، 1995-يىلى 3-ئايدا ماتېماتىكا دوكتورلۇق ئۇنۋانىنى ئالغان. ئۇ دوكتورلۇق ئوقۇۋاتقان جەريانىدا يۇقۇملۇق كېسەللەرنىڭ تارقىلىشىنى ماتېماتىكا مودېلى ئارقىلىق ئىپادىلەپ، شۇ مودېل ئارقىلىق يۇقۇملۇق كېسەللەرنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى توغرىسىدا تەتقىقات ئېلىپ بارغان. نەتىجىدە دەۋرلىك دولقۇنسىمان يېشىمنىڭ مەۋجۇتلىغىنى، يەنى شەرت ھازىرلانسا يۇقۇملۇق كېسەللەرنىڭ دەۋرلىك ھالدا تارقىلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان. بىلال ئىلياس دوكتورلۇق ئۇنۋانىنى ئېلىپ، 1995-يىلى 4-ئايدىن باشلاپ كيوتو ئالى تېخنىكا تەتقىقات ئورگىنىدا تەتقىقاتچى بولۇپ ئىشلىگەن. بۇ مەزگىلدە ئۇ ئاساسەن ماتېماتىكا ۋە ئىنتېرنېت توغرىسىدىكى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللاڭھان. 1998-يىلى 4-ئايدىن باشلاپ، رىتسۇمەئىكان ئۇنۋېرسىتې ئىقتىساد فاكۇلتېتىنىڭ لېكتورى بولۇپ،CALL(چومپۇتەر ئاسسىست لاڭۇئاگە لەئارنىڭ: كومپيۇتېر ئارقىلىق تىل ئۈگىنىش) دېگەن يېڭى كەسىپ ساھەسىدە ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇ ئوقۇتۇشتا زامانىۋى ئۇسۇللارنى
قوللىنىپ ئىنتېرنېتنى ئاساس قىلغان چالل ئوقۇتۇش سىستېمىسىنى لايىھىلەپ، ياپونىيە ئىچى ۋە سىرتىدا يۇقىرى باھاغا ئېرىشكەن. ياپونىيە دۈلەت ئىچى-تېشىدا كۈپلىگەن ئىلمى ماقالە ۋە دوكلات بەرگەن. ئۇنىڭدىن باشقا تۈۋەندىكى CALL ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرىنى لايىھىلەش تېخنىكىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى: Sankai-sha,CALL, ئاساسىدىكى خەنزۇچە ئالاقىلىشىش، Asahi syuppansya   قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

ئۇ 2001-يىلىدىن 2003-يىلىغىچە بولغان 2 يىل ئىچىدە ئىنتېرنېت ئاساسىدىكى خەنزۇچە تىل ئۈگىتىش سىستېمىسىنى لايىھەلەش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش دېگەن تېمىدا تېما باشلامچىسى بولۇپ ياپونىيە مائارىپ پەن تېخنىكا ئورگىنىنىڭ تەتقىقات ياردىمىگە ئېرىشىپ، تەتقىقات تېمىسىنى غەلىبىلىك ئورۇنلىغان. ھازىر ئۇ ئوقۇغۇچىلارغا دەرس بېرىشتىن سىرت، كومپيۇتېرنى ئاساس قىلغان ئوقۇتۇش سىستېمىلىرىنىڭ تەتقىقاتىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە. بىلال ئىلياس ئۈزىنىڭ ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقات ئىشلىرىدىن سىرت، ئانا يۇرت ياشلىرىنىڭ ئوقۇتۇشىغا كۈڭۈل بۈلۈپ، شىنجاڭدىن ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ياپونىيىگە كېلىپ ئوقۇش ئۈچۈن يول ئاشقان. ئۈرۈمچى ۋە كورلا قاتارلىق جايلارغا ياپون تىلى مەكتىپىنى ئاشقان. نەتىجىدە ۋەتەندىن كۈپلىگەن ياشلار كيوتو مىنسائى ياپون تىلى مەكتىپىگە ئوقۇشقا كەلگەن. ئۇلار بىر مەزگىل تىل ئۈگەڭەندىن كېيىن ياپونىيىدىكى نۇقتىلىق مەكتەپلەرگە كىرگەن ۋە كىرىش ئالدىدا تۇرماقتا. بىلال ئىلياس توغرۇلۇق تېخىمۇ كۈپ ئۇچۇرلارنى http://www.ritsumei.ac.jp/ec/~bilal/ دىن كۈرەلەيسىز. بىز دوكتۇر بىلال ئىلياسنىڭ تېخىمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى يارىتالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز ھەم مۇۋەپپەقىيەتلەر تىلەيمىز. (مەنبە: «بىلىۋال» توربېتى)


 رىشات ئابدۇرۇسۇل

رىشات ئابدۇروسۇل تەبىئى پەن دوكتورى. كانادا سىمون فراسەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پوست-دوكتۇر(دوكتۇر ئاشتى) تەتقىقاتچىسى. ماتېماتىكىلىق كونترول نەزىرىسى ساھەسىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. رىشات ئابدۇروسۇل 1962-يىلى 7-ئايدا غۇلجا شەھەردە تۇغۇلغان. 1979-يىلى 9-ئايدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ماتېماتىكا فاكۇلتېتى ماتېماتىكا كەسپىگە ئوقۇشقا كىرگەن. 1984-يىلى 9-ئايدا ئوقۇش پۈتتۈرۈپ شۇ مەكتەپنىڭ ئۈزىگە ئوقۇتقۇچىلىققا ئېلىپ قېلىنغان.

ئۇ 1988-يىلى 10-ئايدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۈكۈمىتىنىڭ 3-قېتىملىق ياپونىيىگە ئەۋەتىلگەن ئوقۇغۇچىنىڭ بىرى بولۇپ، ياپونىيە توكيو دەنكى ئۇنۋېرسىتېتى تەبىئى پەن-سانائەت ئىنستىتۇتىنىڭ ئۇچۇر فاكۇلتېتىغا بىلىم ئاشۇرۇشقا قوبۇل قىلىنغان. 1990-يىلى 10-ئايدا، ئۇ ئىككى يىللىق بىلىم ئاشۇرۇشىنى ئاياغلاشتۇرۇپ ۋەتەنگە قايتىپ، 1991-يىلى 6-ئايدا شەخسى راسخوتى بىلەن ئاسپىرانتلىق ئوقۇش ئۈچۈن قايتا ياپونىيىگە چىققان، ھەم بۇرۇن بىلىم ئاشۇرغان فاكۇلتېتتا ماگىستېرلىق، دوكتورلۇق ئوقۇغان. 1996-يىلى 9-ئايدا دوكتورلۇق ئوقۇشىنى تاماملىغاندىن كېيىن، شۇ مەكتەپتە ۋاقىتلىق ياردەمچى ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن. 1998-يىلى 4-ئايدىن 1999-يىلى 3-ئايغىچە كومپيۇتېر شىركىتى «Algo21 corporation» دا كومپيۇتېر ئىنزھېنېرى بولۇپ ئىشلەپ،  CAM(Computer Aided Manufacturing) سىستېمىسىنى تەتقىق ھەم ياساش بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇ 1999-يىلى ئۈزى ئوقۇغان مەكتەپكە قايتىپ كېلىپ، كەسپى ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئورۇنلاشقان. ئۇ 2004-يىلى لېكتورلۇق سالاھىيىتى بىلەن شۇ مەكتەپنىڭ COE تەتقىقات گۇرۇپپىسىغا ئەزا بولۇپ قاتنىشىپ «Human Adaptive Mechatronics» يەنى ئادەمنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىگە ماسلىشالايدىغان ئېلېكتر مېخانىك سايمانلىرى (روبوت -- ماشىنا ئادەم) توغرىلىق تەتقىقات ئېلىپ بارغان. 2005-يىلى 10-ئايدا   ئائىلىسى بىلەن كاناداغا كۈچمەن بولۇپ بارغان بولۇپ، ھازىر كانادانىڭ Vancouver شەھەردە تۇرىدۇ.

ئۇ ئوقۇش ۋە خىزمەت جەريانىدا خەلقئارالىق يىغىن،    زورناللاردا كۈپلىگەن ماقاللارنى ئېلان قىلدى. ئۇنىڭ خىزمەت نەتىجىلىرى توغرىسىدا بۇ ئۇلانمىدىن تەپسىلە كۈرەلەيسىز
http://www.biliwal.com/PDF/RixatAbdursul.pdf.

ئۇندىن باشقا ماتېماتىكا، ئىنفورماتسىيە ئىلىمى، سىستېما كونترول نەزەرىيىسى توغۇرلۇق دەرسلەرنى ئۈتۈش بىلەن بىرگە ئاسپىرانتلارنى تەربىيىلەش جەرياندا پروفېسسورغا ياردەمدە بولۇپ كۈپلىگەن خىزمەتلەرنى ئىشلىدى. ئۇ بۇ نەتىجىلىرى بىلەن 2006_يىلى Who's Who in the Worldنىڭ تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى. بىر نەچچە ئۇيغۇر باللىرىنىڭ ياپونىيىگە ئوقۇشقا چىقىش ئىشلىرىغا بىۋاسىتە ياكى ۋاستىلىك ھالدا ياردەمدە بولغىنىمۇ ئۇنىڭ بىر نەتىجىسىدۇر.
بىز دوكتور رىشات ئابدۇرسۇلنىڭ تېخىمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى يارىتالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز ھەم مۇۋەپپەقىيەتلەر تىلەيمىز.

غەنى غوپۇر


شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى، دوكتور غەنى غوپۇر 1972-يىل 1-ئاينىڭ 10-كۈنى توقسۇن ناھىيەسىدە دېھقان ئاىلىسىدە تۇغۇلغان.

1990-يىلى 9-ئايدىن 1995-يىلىغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ماتېماتىكا فاكۇلتېتىنىڭ ئاساس ماتېماتىكا كەسپىدە ئوقۇپ باكالاۋرلىق ئۇنۋانىغا، 1995-يىلى 9-ئايدىن 1998-يىلى 7-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ماتېماتىكا فاكۇلتېتىدا قوللىنىشچان ماتېماتىكا بويىچە ماگىستېر ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇپ، تەبىئىي پەنلەر ماگىتېرى ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن، 1998-يىلى 9-ئايدىن 2001-يىلى 7-ئايغىچە جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى ماتېماتىكا-سىستېما پەنلىرى تەتقىقات ئورنىدا قوللىنىشچان ماتېماتىكا ئىلمى بويىچە دوكتور ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇپ، تەبىئىي پەنلەر دوكتورى ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. بۇ مەزگىلدە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ باۋجيې مۇنەۋۋەر دوكتور ئاسپىرانتلار ئوقۇش مۇكاپاتىغا ۋە جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىيە باشلىقى ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 2001-يىلى 9-ئايدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ماتېماتىكا ئىلمى دوكتور ئاشتى كۈچمە تەتقىقات پونكىتىدا تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان، 2003-يىلى 6-ئايدا بۇ يەردىكى تەتقىقاتىنى تاماملاپ، ئاپتونوم رايونىمىز ئۈزى تەربىيەلىگەن تۇنجى پوستدوكتور بولۇپ قالغان. ئۇ ھازىر شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ماتېماتىكا-سىستېما پەنلىرى ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى (31 يېشىدا پروفېسسور بولغان)، دوكتور ئاسپىرانتپار يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ دائىمىي ئەزاسى، جۇڭخۇئا مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ ئەزاسى.

غەنى غوپۇر ھەرقايسى جەھەتلەردىكى كۈرۈنەرلىك خىزمەتلىرى بىلەن 2004-يىلى «شىنجاڭدىكى ئون مەشھۇر ياش»نىڭ بىرى بولغان، 2005-يىلى 10-ئايدا «مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر پوستدوكتور مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن، 2006-يىلى «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقى ئىلغارى» دېگەن شەرەپكە ئېرىشكەن. 2006-يىلى 1-ئايدىن باشلاپ جۇڭگو يادرو ئېنېرگىيەسى تەتقىقات ئورنىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى «تەدبىقىي فۇنكسىيونال ئانالىز» زھۇرنىلى تەھرىر ھەيئىتىنىڭ ئەزالىقىغا تەكلىپ قىلىنغان. 2008-يىلى 1-ئايدا «يېڭى ئەسىردىكى مىليونلىغان ئىختىساسلىقلار قۇرۇلۇشى»نىڭ دۈلەت دەرىجىلىك نامزاتى بولغان.

پروفېسسور غەنى غوپۇر ھازىرغىچە مەملىكەت ئىچى ۋە چەت ئەللەردىكى زھۇرناللاردا 49 پارچە ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلدى (بۇ مەلۇمات كونىراپ قالدى)، بۇنىڭ ئىچىدىكى 32 پارچىسى نۇقتىلىق زھۇرناللاردا ئېلان قىلىندى، 8 پارچىسى سچى تەرىپىدىن، 28 پارچىسى مر تەرىپىدىن قوبۇل قىلىندى. بۇنىڭدىن باشقا ئەنگلىيەدە ئىككى پارچە كىتابى نەشر قىلىندى. دۈلەت تەبىئىي پەنلەر تەتقىقات فوندى تۈرىدىن بىرى، پوستدوكتورلار ئىلىم-پەن فوندى تەتقىقات تۈرىدىن بىرى، مائارىپ مىنىستىرلىكىنىڭ نۇقتىلىق پەن تەتقىقات تۈرىدىن بىرى، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ تەتقىقات تۈرىدىن بىرى ھەمدە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پەن تەتقىقات تۈرىدىن بىرى ئۇنىڭ يېتەكچىلىكىدە تاماملاندى.

ئۇنىڭ ئۈچرەت نەزەرىيەسى جەھەتتىكى نەتىجىلىرى كۈزگە كۈرۈنەرلىك بولۇپ، 2001-يىلى 8-ئايدا تەكلىپ بويىچە «مەملىكەتلىك 2-نۈۋەتلىك فۇنكسىيونال ئانالىز ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى»دا 45 مىنۇت دوكلاد بەرگەن .

ئۇ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە تەبىئىي پەنلەر تەتقىقاتى مۇنەۋۋەر ئىلمىي ماقالىلىرى» 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا (مۇستەقىل ئىشلىگەن)، «شىنجاڭ ياشلار پەن-تېخنىكا مۇكاپاتى»غا، «خېنەن ئۈلكىسىنىڭ پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرى مۇكاپاتى»نىڭ 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا (ئۈچ كىشى بىرلىكتە ئىشلىگەن بولۇپ، 2-ئاپتور بولغان)، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پەن-تېخنىكا تەرەققىيات مۇكاپاتى»نىڭ 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

.

ماتېماتىكا تەييارلىدى.



ھازىرغىچە 6 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
baturana + 10 رەھمەت
YuqunAdam + 500
ئوگەنگۇچى + 500 ئەجىر
مۇرات + 200 ئەھمىيەتلىك تېما.....ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر
yipek-yoli + 100 نادىر تېما
deris + 100 رەھمەت

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 1410   باھا خاتىرىسى

http://matimatik.blogbus.com/ ھەر قانداق بىر قەۋم ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمىگىچە ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمەيدۇ.                               ---- سۈرە"رەئىد" (13-سۈرە)، 11-ئايەت

بۇ دۇنياغا كەلگەن ئىكەنمىز،ئۇ

پائالىيەتچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1695
يازما سانى: 3879
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 224353
تۆھپە نۇمۇرى: 1074
توردا: 11691 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2014-12-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-8 04:12:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ماتىماتىكىغا بەك ئامراق ،ماتىماتىكا ئالىملىرىمىز بىلەن تونۇشتۇرغانلىقىڭىزغا رەھمەت .

بۇ دۇنياغا كەلگەن ئىكەنمىز،ئۇ دۇنيانىمۇ ئويلاپ قويايلى.

*ئاللاھ گۇناھلىر

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36464
يازما سانى: 618
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5746
تۆھپە نۇمۇرى: 317
توردا: 330 سائەت
تىزىم: 2011-4-5
ئاخىرقى: 2014-2-10
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-8 04:14:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن............ [s:166]

ھەي................ئۇ كۆڭۈللۈك كۈنلەر كەلمەسكە كەتتى!

ئات ئۆزۈڭنى بەھرىگە يا غەرق بو

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10336
يازما سانى: 8341
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 55725
تۆھپە نۇمۇرى: 3763
توردا: 6666 سائەت
تىزىم: 2010-7-14
ئاخىرقى: 2015-1-31
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-8 04:18:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماتىماتىكىنى ياخشى بىلىپ كەتمىسەممۇ ئالىملارنىڭ ھاياتىغا قىزىقىمەن...
ماتىماتىكا ئەپەندىنىڭ تېمىسىغا تەشەككۈر....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35752
يازما سانى: 27
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3190
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 220 سائەت
تىزىم: 2011-3-30
ئاخىرقى: 2013-1-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-8 04:24:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماتېماتىكلىرىمىزنى كۆرۈپ ھەم خوشال بولدۇم ھەم مەيۈسلەندىم . خوشال بولۇشۇم:بىزدىمۇ داڭلىك ماتېماتىكلار باركەن؛ مەيۈسلىنىشىم: بىزدىكى ماتېماتىكلار بەكلا ئازكەن .

دۇنيا مېھرى-مۇھە

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5228
يازما سانى: 934
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10008
تۆھپە نۇمۇرى: 364
توردا: 10096 سائەت
تىزىم: 2010-7-31
ئاخىرقى: 2015-3-1
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-8 04:27:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن تېخى ئوقۇپ بولالمىدىم، سىلەر نېمىدىگەن تېز ئوقۇغانسىلەر..

دۇنيا مېھرى-مۇھەببەت بىلەن گۈزەلدۇر!!!!

سەن مەنپەئەت ھەم

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25966
يازما سانى: 1150
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4414
تۆھپە نۇمۇرى: 389
توردا: 5505 سائەت
تىزىم: 2011-1-12
ئاخىرقى: 2014-7-4
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-8 04:30:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت سىزگە، مەن بۇلاردىن پەقەت بىر نەچچىسىنىلا تونۇيدىكەنمەن، خىلى جىق بىلىملەرنى بىلىۋالدىم.

ئەي ئەركەك! قىز ئاياللىرىڭغا ھىزى بول!!! ئۆز تەقدىرىنى ئويلىمىغان مىللەتنىڭ كەلگۈسى بولمايدۇ!

سۇيۇش ئۈچۈن ساق قالسۇن يۈرەك.

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36033
يازما سانى: 650
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6387
تۆھپە نۇمۇرى: 104
توردا: 728 سائەت
تىزىم: 2011-4-2
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-8 04:39:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇنداق ماقالىلەر كۆپرەك يېزىلسا بىزمۇ ئالىملىرىمىزنى تۇنۇۋالاتتۇق. [s:166]  [s:166]

كەچۈرۋىتىش مۇمكىن بولمىسىمۇ ئەمما كەچۈرۈم سورىماي كىتىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس..........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3804
يازما سانى: 143
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9695
تۆھپە نۇمۇرى: 347
توردا: 2094 سائەت
تىزىم: 2010-7-12
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-8 04:41:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇنداق دۇنياۋى ماتىماتىكا ئالىملىرىمىز تۇرۇپ رايۇنىمىزدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ماتىماتىكا سەۋىيەسى يەنى تۆۋەن دېسە .... بىزدەك ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بېشىنى ئالى ماتىماتىكا قاتتۇرىدۇ... [s:130]

تۇيۇقسىز خوشال بۇلۇپ كەتكەندە ئاسمانغا ئاتاي دېسەم دوپپام يوق،  
كۆڭلۈم يېرىم بولغاندا بىر سىلاپ قۇيۇشقىمۇ ساقىلىم يوق!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7745
يازما سانى: 30
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8340
تۆھپە نۇمۇرى: 395
توردا: 1105 سائەت
تىزىم: 2010-8-25
ئاخىرقى: 2012-7-1
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-8 04:49:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ياخشى تىمىكەن!داۋۋاملىق ،،...............

پەخىرلەنگۈدەك ئەۋلاد ، ئۈمىد كۈتكۈدەك ئەجداد بولۇشى كېرەك!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش