مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: matimatika

ئۇيغۇر ماتېماتىكلىرى (1-توپلام) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ساقىشچى

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5386
يازما سانى: 1199
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 17149
تۆھپە نۇمۇرى: 1105
توردا: 1952 سائەت
تىزىم: 2010-8-1
ئاخىرقى: 2015-1-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-13 06:43:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئابدۇرېشىت ئابدۇۋەلى
ماتېماتىكا پەنلىرى ئالىمى، دوكتۇر ئاشتى ئابدۇرېشىت ئابدۇۋەلى 1963-يىلى 9-ئايدا غۇلجىدا قول ھۈنەرۋەن ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1979-يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە ئەڭ يۇقىرى نەتىجە بىلەنشىنجاڭ ئۇنۋېرستېتىنىڭ ماتېماتىكا فاكولتېتىغا قوبۇل قىلىنغان. 1984-يىلى بۇ مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ شۇ فاكولتېتنىڭ ئۆزىگە ئوقۇتقۇچىلىققا ئېلىپ قېلىنغان. 1985-يىلى 4-ئايدىن 1986-يىلى 2-ئايغىچە چاڭچۈندە ياپون تىلى ئۆگۈنۈپ، 1986-يىلى 10-ئايدا ياپونىيىنىڭ ئوكا ياما تەبىئىي پەنلەر ئۇنىۋېرستېتىغا ئوقۇشقا بارغان. 1989-يىلى 5-ئايدا تەبىئىي پەنلەر ماگىستىرلىق ئۇنۋانى ئالغان. 1992-يىلى 3-ئايدا 29 يېشىدا تەبىئىي پەنلەر بويىچە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن، 1993-يىلى 6-ئايدا دوكتۇر ئاشتىلىق تەتقىقاتىنى نەتىجىلىك تاماملاپ، شىنجاڭ ئۇنۋېرستېتىغا قايتىپ كەلگەن. ئۇ شۇ چاغدا شىنجاڭدىكى بىردىنبىر دوكتۇر ئاشتى ئىدى. 1994-يىلى 6-ئايدىن 1997-يىلى 10-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇنۋېرستېتى ماتېماتىكا فاكولتېتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1997-يىلى 10-ئايدىن 1998-يىلى 10-ئايغىچە ياپونىيە كىيوتو ئۇنۋېرستېتىدا ئالىي تەتقىقاتچى بولۇپ ئىشلىگەن. ئۇ بۇ جەرياندا ھېسابلاش ماتېماتىكىسىدىكى مۇرەككەپ دىففېرېنسال تەڭلىمىلەر سېستىمىسىنى يېشىش توغرىسىدا 16 پارچە پارچە ئىلمىي تەتقىقات ماقالىسى ئېلان قىلىپ، كەسپداشلىرىنىڭ بىردەك ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ ئوتتۇرغا قويغان مۇرەككەپ دىففېرېنسال تەڭلىمىسىنى يېشىشنىڭ يېڭى بىر  خىل ئاددىي، ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى « قىسمىي C-N » ياپونىيىدە ئېلان قىلىنغان ھېسابلاش ماتېماتىكى سى ساھەسىدىكى 1940-يىلدىن بۇيانقى يېڭى نەتىجىلەر كىرگۈزۈلگەن ماتېماتىكا قامۇسىغا كىرگۈزۈلگەن. ئۇ دۆلەتكە قايتقاندىن كېيىن تولوق كۇرس ۋە ئاسپىرانتلارغا دەرس بېرىش بىلەن بىرگە ئاسپىرانت تەربىيلەش ھەمدە تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، 15 نەپەر ئاسپىرانتنى تەربىيلەپ چىققان. دۆلەتلىك تەتقىقات تېمىسىدىن ئۈچنى، دۆلەت مائارىپ مىنىستىرلىكى تەتقىقات تېمىسىدىن بىرنى، ئاپتونوم رايونلۇق تەتقىقات تېمىسىدىن ئىككىنى، مەكتەپ تەتقىقات تېمىسىدىن بىر تۈرنى نەتىجىلىك ئىشلەپ تۈگەتكەن. 45 پارچىدىن ئارتۇق تەتقىقات ماقالىسى يېزىپ، مەملىكەتلىك ژۇرناللاردا ئېلان قىلدۇرغان. بىر پارچە ماقالىسى 1998-يىلى خەلقئارالىق ISTP غا كىرگۈزۈلگەن. يەنە بىر پارچىسى 1995-يىلى ئاپتونوم رايونلۇق تەبىئىي پەنلەر مۇنەۋۋەر ئىلمىي  ماقالە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئابدۇرېشىت ئابدۇۋەلى ئۆزىنىڭ يۇقارقىدەك نەتىجىلىرى ئارقىلىق ئىككى قېتىم شىنجاڭ ئۇنۋېرستېتى گۇاڭ خۇا مۇكاپاتىغا، بىر قېتىم سىن شىنئاڭ ئىختىساس ئىگىلىرى ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ «ئالىي مەكتەپ ئوقۇتۇش تەتقىقاتى» 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. مەملىكەت بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن 5-نۆۋەتلىك «كۆپ ۋاستىلىك ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرى» مۇسابىقىسىدە ئەلا باھالانغان. ئاپتونوم رايون تەرىپىدىن ئىلغار تەتقىقات ماقالىسى مۇكاپاتى، شىنجاڭ ئۇنۋېرستېتى تەتقىقات تەرەققىيات مۇكاپاتى، ئىلغار ئوقۇتۇش تەتقىقات مۇكاپاتى قاتارلىق مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن. ئىككى نۆۋەت دۆلەت دەرىجىلىك ھېسابلاش ماتېماتىكىسى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئاچقان ھەم بۇ نەتىجىسى بىلەن 1997-يىلى 34 يېشىدا پروفېسسور بولغان.1999-يىلى 10-ئايدىن 2006-يىلغىچە شىنجاڭ ئۇنۋېرستېتى ماتېماتىكا فاكولتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ھەم مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان. 2006-يىلدىن باشلاپ ھازىرغىچە شىنجاڭ ئۇنۋېستېتى پەن تەتقىقات باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولۇپ ئىشلەپ كەلمەكتە. ئۇ ھازىر شىنجاڭ ھېسابلاش ماتېماتىكىسى جەمىئىيىتىنىڭ  مۇدىرى، شىنجاڭ ماتېماتىكا جەمىئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى.

http://matimatik.blogbus.com/ ھەر قانداق بىر قەۋم ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمىگىچە ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمەيدۇ.                               ---- سۈرە"رەئىد" (13-سۈرە)، 11-ئايەت

ساقىشچى

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5386
يازما سانى: 1199
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 17149
تۆھپە نۇمۇرى: 1105
توردا: 1952 سائەت
تىزىم: 2010-8-1
ئاخىرقى: 2015-1-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-13 06:45:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەلى ھېسامىدىن
ئاستىرونومىيە مۇتەخەسىسى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسىدۆلەتلىك رەسەتخانىسى ئۈرۈمچى پونكىتىنىڭ مۇئاۋىن تەتقىقاتچىسى، ئاسپىرانت يېتەكچىسى، دوكتۇر ئەلى ھېسامىدىن 1969-يىلى 4-ئايدا ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان. 9187-يىلى بېيجىڭ پېداگوگىكا ئۇنۋېرستېتى ئاستىرونومىيە فاكولتېتىنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئۈرۈمچى رەسەتخانىسىغا تەقسىم قىلىنغان. 1991-يىلدىن 1993-يىلغىچە ئۈرۈمچى رەسەتخانىسىدا قۇياش رادىئاتسىيسىنى كۆزىتىش ۋە قۇياش تاجىسى فىزىكىسى ھەمدە كورۇنۇگراف تەتقىقاتىدا نەتىجىگە ئېرىشكەن. 1993-يىلدىن  1996-يىلغىچە ئاپتونوم رايونىمىزدا رەسەتخانا ئورنىنى تاللاش خىزمىتىگە قاتناشقان. 1996-يىلدىن 1998-يىلغىچە بېيجىڭ رەسەتخانىسى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئادەتتىن تاشقىرى يېڭى يۇلتۇزدىن ئالتىنى، جىددىي ئۆزگىرىشچان يۇلتۇزدىن تۆتنى، يېڭى يۇلتۇزدىن بىرنى تاپقان. 1998-يىلدىن  باشلاپ ئۈرۈمچى رەسەتخانىسىدا WLBI گۇرۇپپىسىغا قاتنىشىپ، ئىمپىلۇس يۇلتۇزلارنى كۆزىتىش ۋە تەتقىق قىلىشقا قاتناشقان.

http://matimatik.blogbus.com/ ھەر قانداق بىر قەۋم ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمىگىچە ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمەيدۇ.                               ---- سۈرە"رەئىد" (13-سۈرە)، 11-ئايەت

ساقىشچى

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5386
يازما سانى: 1199
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 17149
تۆھپە نۇمۇرى: 1105
توردا: 1952 سائەت
تىزىم: 2010-8-1
ئاخىرقى: 2015-1-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-13 06:46:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۇرغۇنجان ئابدۇكېرىم
شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنۋېرستېتې ماتېماتېكا فاكولتېتىنىڭ دوكتۇرى ھەم مۇئاۋىن مۇدىرى، شىنجاڭ ماتېماتىكا جەمىئىيىتىنىڭ دائىمىي مۇدىريەت ئەزاسى، جۇڭگو ماتېماتىكا جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى تۇرغۇنجان ئابدۇكېرىم تۈرك 1961-يىلى 10-ئايدا بۆرتالادا تۇغۇلغان. 1980-يىلدىن 1985-يىلغىچە قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ ماتېماتىكا فاكولتېتىدا ئوقۇپ، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنۋېرستېتىنىڭ ماتېماتىكا فاكولتېتىغا تەقسىم قىلىنغان.  1987-يىلدىن1989-يىلغىچە مەزكۇر فاكولتېتتى ئاسپرانتلىقتا ئوقۇغان. ئۇ مىللىي تىل-يېزىقتىكى ماتېماتىكا ماتېرياللىرىنىڭ ئىنتايىن كەملىكىنى ھېس قىلىپ، «ئۆلچەم نەزىريىسىدىن مۇقەددىمە»، «ھەقىقىي ئۆزگەرگۈچىنىڭ فۇنكىسىيلىك نەزىريىسى ۋە فۇنكسىئونال ئانالىز يېتەكچىسى»، «ئوتتۇرا مەكتەپ ماتېماتىكا تەھلىلى»، «ئالىي ماتېماتىكىدىن مۇلاھىزە سوئاللىرى» قاتارلىق كىتابلارنى تۈزۈپ نەشىر قىلدۇرغان. باشقىلار بىلەن بىرگە «دىسكىرېت ماتېېماتىكا»،  « IBM-PCئاسسېمبل تىلىدا پروگرامما لاھىلەش»، «C تىلىدا پروگرامما لاھىلەش» قاتارلىق كىتابلارنى نەشىر قىلدۇرغان. «باغلىق بولمىغان توپولوگىيىلىك بوشلۇق ھەققىدە مۇلاھىزە»،«ۋېۋېلت ۋە سىگىنال» قاتارلىق 23 پارچە ماقالىسى مەملىكەت ئىچى ۋە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى نوپۇزلۇق ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنغان.
ئۇ يەنە دۆلەت تەبىئىي پەن فۇندى ياردىمىدىكى تەتقىقات تۈرى «ئۇيغۇر تىلىدىكى ئۈزلۈكسىز تاۋۇش پەرق ئېتىش سېستىما تەتقىقاتى» ۋە «شىنجاڭ ئاز سانلىق مىللەت رەسىم ئۆرنەكلىرى كۆپ ۋاستىلىك ئۇچۇر ئامبىرى سېستىما تەتقىقاتى» غا ئاساسلىق تەتقىقاتچى بولۇپ قاتناشقان. ھازىر يەنە ئاپتونوم رايونلۇق تەبىئىي پەن اۇندى ياردىمىدىكى تەتقىقات تۈرى «كۆپ ۋاستىچىدە ئۇچۇر قىسىش ئۇسۇلى ۋە قىسقۇچى تەتقىقاتى» قاتارلىق ئىككى تەتقىقات تۈرىدە ئاساسلىق تەتقىقاتچى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ.
تۇرغۇنجان ئابدۇكېرىم 1999-يىلى 10-ئايدا ياپونىيىنىڭ كيوشۇ ئۇنۋېستېتىغا بىر يىللىق ئوقۇش ۋە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىشقا بېرىپ، 80-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدا دۇنياغا كەلگەن يېڭى پەن «ۋېيۋېلىت ئانالىزى» ھەققىدە بەزىبىر بۆسۈش خارەكتېرلىك يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن ھەم شۇ سەۋەبتىن يېتەكچى پروفېسسورنىڭ تەكلىپى بويىچە ياپونىيىدە داۋاملىق تەتقىقات بىلەن شۇغۇللۇنۇپ، خەلقئاراداە تۇنجى بولۇپ «ئۆرلىتىلمە دىئادىك ۋېيۋېلىت نەزىريە سېستىمىسى» نى ئوتتۇرغا قويغان. ئۇنىڭ بۇ يېڭى نەتىجىسى «شاۋقۇن تازىلش ئۆرلىتىلمە دىئادىك ۋېيۋېلىتلىرى» دېگەن تېمىدا 2003-يىلى 9-ئايدا ئىسپانىيىنىڭ بارسېلونا شەھىرىدە ئېچىلغان «سىگىنال بىر تەرەپ قىلىش يىللىق يىغىنى» دا ئوقۇلۇپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئالىم، مۇتەخەسىسلەرنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشكەن. بۇ نەزىريە ئاساسىدا ئۇ يەنە «ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلىش»، «سىگىنال ۋە سۈرئەت بىر تەرەپ قىلىش» ساھەسىدە 14 پارچە ماقالە ئېلان قىلغان. بۇلاردىن تۆت پارچىسى ئىسپانىيە، ئاۋستىرالىيە، كورىيە، ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ئېچىلغان يىغىنلاردا ئوقۇلغان ھەم يىغىن توپلاملىرىغا كىرگۈزۈلگەن. يەتتە پارچىسى خەلقئارالىق ئىلمىي ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنغان.ئۈچ پارچىسى شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنۋېرستېتى ئىلمىي ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان. بۇ 14 پارچە ماقالە خەلقئارا پەن تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئەمەلىي قوللىنىشتا 19 قېتىم ئىشلىتىلگەن. 2005-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى بەش يىللىق جاپالىق ئىزدىنىش ئارقىلىق يېزىپ چىققان «ئۆرلىتىلمە دىئادىك ۋېيۋېلىت نەزىريىسى ۋە سۈرئەت بىر تەرەپ قىلىش دولقۇن سۈزگۈچلەرنى لاھىلەش تەتقىقاتى» ناملىق دېسىرتاتسىيسىنى ئوقۇپ، سورالغان سوئاللارنىڭ ھەممىسىگە قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بېرىپ، تولوق ئاۋاز بىلەن دوكتۇرلۇق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. ئۇ مەكتىپىدە جاپالىق ئىزدىنىش ئارقىلىق ماگىستىر ئاسپرانتلار ئۈچۈن بىر قىسىم يېڭى دەرسلىكلەرنى تەسىس قىلغان ھەمدە مەكتەپ تەبىئىي پەن فۇندىنىڭ «تېز سۈرئەتلىك پارامېتېرلىق ۋېيۋېلىت ئالگارىزىم بىلەن كومپيۇتېرلىق سۈرئەت بىر تەرەپ قىلىش يېڭى تېخنىكىسى» ناملىق تەتقىقات تۈرىنى ئۈستىگە ئالغان. ئۇ 1997-يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى بولغان، 1996-يىلى رامكا بۇزۇپ ئۆرلەپ دوتسېنت بولغان، 2006-يىلى پروفېسسور بولغان.

http://matimatik.blogbus.com/ ھەر قانداق بىر قەۋم ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمىگىچە ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمەيدۇ.                               ---- سۈرە"رەئىد" (13-سۈرە)، 11-ئايەت

ساقىشچى

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5386
يازما سانى: 1199
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 17149
تۆھپە نۇمۇرى: 1105
توردا: 1952 سائەت
تىزىم: 2010-8-1
ئاخىرقى: 2015-1-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-13 06:49:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇيغۇر كومپيۇتېر ساھەسىدىكى تۆھپىكار--- پەخىردىن شىرىپ(قارلۇق)
   پەخىردىن قارلۇق ئەر، ئۇيغۇر، 1981-يىلى 9-سىنتەبىر ئاقسۇ شەھەر شايار ناھىيسىدە مەدەنىيەتلىك ئائىلىدەتۇغۇلغان. 1994-يىلى Basic ۋە Assemble تىلىدىن باشلاپ كومپيۇتېر  ساھەسىگە كىرگەن. 1996-يىلدىن 7-ئايدىن 1997-يىلى 8-ئايغىچە ئەقلىي ئىقتىدارلىق كومپيۇتېر شىركىتىدە، 1997-يىلى 8-ئايدىن 1998-يىلى 11-ئايغىچە پەن-تېخنىكا ئەجدىھاسى كومپيۇتېر شىركىتىدە يېزىق-جەدىۋەل ۋە ساندان بىر تەرەپ قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن.  
   1998-يىلى11-ئايدا ھازىرقى قارلۇق شىركىتىنىڭ ئاساسى بولغان «قارلۇق كومپيۇتېر مۇلازىمەت مەركىزى» نى قۇرغان. 2000-يىلى 3-ئايغىچە خەنزۇچە UCDOS مەشغۇلات سىستېمىسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇرچە مەشغۇلات سىستېمىسى، DOS موھىتىدىكى كۆپ تىللىق مەتىبەئە، جەدىۋەل ۋە ساندان باشقۇرۇشقا ئىشلىتىدىغان گىرافىك يۈزلۈك قوللىنىش پرگراممىسى Uyghur-word نى، مالىيە-مائارىپ ساھەسىدە قوللىنىلىدىغان ئۇچۇر باشقۇرۇش ۋە ئىستاتىستكا يۇمشاق دېتاللىرىنى ئىشلىگەن.
    2000-يىلى 3-ئايدىن باشلاپ، نىشانىنى كومپيۇتېر گىرافىك ساھەسىگە قارىتىپ، رايونىمىزنىڭ 3Dكومپيۇتېر گىرافىكى ساھەسىدە نۇرغۇنلىغان تۈرلەرنى ئىشلىگەن ۋە سىستېمىلاشتۇرۈغان. بېيجىڭ پايتەخىت پېداگوگىكا ئۇنىۋېرستېتىنىڭ كومپيۇتېر كەسپىي ئېستېتىكا تەتقىقات مەركىزى، CG Power ۋە Days of View قاتارلىق شىركەتلەردە CCTV-4، CCTV-9، CCTV-8 بيېجىڭ ۋە تېيەنجىن تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرىنىڭ كومپيۇتېر گىرافىكىغا مۇناسىۋەتلىك تۈرلەرنىڭ تۈر باشقۇرغۇچىسى، 3D كۆرۈم ئېففىكتى مەسئۇلى ۋە تېخنىكا يېتەكچىلىك خىزمەتلىرىنى ئىشلىگەن.
2008-يىلى 9-ئاينىڭ9-كۈنى پەخىردىن قارلۇق ئەسلىدىكى قارلۇق مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتى تېخنىكا بۆلۈم ئاساسىدا بىر مىلىيۇن خەلق پۇلى مەبلەغ بىلەن قارلۇق مېدىيا تېخنىكا شىركىتىنى تىزىمغا ئالدۇرۇپ، شىركەتتىكى ئاساسلىق 21 تېخنىك خادىمدىن تەركىپ تاپقان پايچىكلار قوشۇنى ئارقىلىق رايونىمىزدىكى تۇنجى كۆلەملەشكەن يۇقىرى تېخنىكا كارخانىسىنى بارلىققا كەلتۈردى.
پەخىردىن قارلۇق-قارلۇق مدېىيا تېخنىكا شىركىتىنىڭ باش ئىجىرائىيە دېرىكتورى. رايونىمىزنىڭ 3D كومپيۇتېر گىرافىكى ساھەسىنىڭ باشلامچىسى. ئامېرىكا ئالما شىركىتىنىڭ جوڭگۇدىكى تۇنجى خۇسۇسىي شىركەتلەر ھەمكارلىقىدىكى يۇمشاق دېتال تەجرىبخانىسىنىڭ قۇرغۇچىسى. ھازىر ئۇنىڭ يېتەكچىلىكىدە 3D تەقىلىدلەش ۋە ئانالىزلاش ئىقىتدارىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىنتېرەكتىۋ يۇمشاق دېتال تۈرلىرى ئىشلەنمەكتە

http://matimatik.blogbus.com/ ھەر قانداق بىر قەۋم ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمىگىچە ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمەيدۇ.                               ---- سۈرە"رەئىد" (13-سۈرە)، 11-ئايەت

ئۇيغۇر يىگىتلىر

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 21563
يازما سانى: 198
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9911
تۆھپە نۇمۇرى: 752
توردا: 3726 سائەت
تىزىم: 2010-12-9
ئاخىرقى: 2015-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-13 06:53:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   بۇنداق تېمىلار  كىشىنى ھەقىقەتەن ئىپىتخارلاندۇرىدۇ ھەم سۆيۈندۈرىدۇ  قارىسام يىقىنىقى زاماندا يېتىشىپ چىققان ئالىمارنىڭ كۆپرەكى ئىلى دىيارىدىن چىقىپتۇ ، بۇنداق دېگىنىم مىنىڭ ھەرگىزمۇ يۇرتۋازلىق قىلغىنىم ئەمەس جۇمۇ ، بىر قىسىم تورداشلار بۇنى تۇتقۇ قىلىپ مىنى تالاپ كەتمەڭلار يەنە ....، مۇشۇنداق تەبئىي پەن ئالىملاردىن كۆپرەك چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش