ئالدامچىلق ،نومۇسسىزلىق جەندىسنى كېيگەن ئادەملا ئۆز ۋىجدانى مۈلكىدىن قورقمايدۇ.
- گوركىي
تۇتىيادۇر ۋىجدان مـەن ئۈچۈن،
ۋىجدانغا يار بولۇپ ئۆتىمەن.
كۆرۈپ قالسام ۋىجدانسىزلارنى،
"توۋا!"دەپلا تۇرۇپ كېتمـەن.
ۋىجدانى يوق، بولسا پۇل-مېلى،
ئىنسانلىققا ئۇلار يارامدۇ؟
ۋىجدان سېتىپ بولسا سودىگەر،
ئاڭا ئاۋام كۈلۈپ قارامـدۇ !؟
بەزىلەردە ۋىجدان كۆپمىدۇ؟
سېتىۋەرسە تۈگىمەيـدىغـان !
بولايلى چىن غۇرۇرلۇق ئىنسان،
چىن ۋىجداننى سۆيەلەيدىغان!
ھۆرمەتلىنەر بارچە دىللاردا،
چىن دىلىدىن"ۋىجدان"دېگەنلەر .
پەخىرلىكتۇر ۋىجدانى بىلەن-
ھالال ئىشلەپ ھالال يېگـەنلـەر.
( مەنبەسى: ئۆز ئىجادىيىتىم )