ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 15قەۋەت zapar كە 2011-04-12 08:21 PMئەۋەتىلدى :
ئاۋال بۇ ئەزمىتىمىزگە بارىكاللا.
بارىنىڭ كۆپلەپ كىتاپ ئۇقۇپ بېرىشىنى، ناتىقلىق قابلىيىتىنى يىتلدۇرۇشىنى. داڭلىق شەخسلەرنىڭ تەرجىمھالى بىلەن نۇتۇقلىرىنى داۋاملىق ئۇقۇپ بېرىشنى ئۈمىدى قىلىمەن.
نام چىقىرىش ئالدىدا تۇرىغان ( شۇنداقلا بەلگىلىك نام چىقارغان)ھەربىر شەخىس ئۆزىگىلا ۋەكىللىك قىلىشتىن ھالقىپ كىتىدىغانلىقىنى يەنىمۇ چوڭقۇر ھىس قىلسىكەن دېگەن ئۈمتتىمەن.
بەك توغرا دەپسىز،بۇ ئەزىمىتىمىز نۇتۇق قەبىلىيىتىنى ئۆستۈرۈشكە،ئېغىر بېسىق،ئىلمى پىكىر قىلىش يولىنى ئىگەللەشكە ئېھتىياجلىقكەن،بۇ بالا ھازىر جوڭگوغا،جۈملىدىن ئۇيغۇرغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،دىققەتسىزلىكتىن قىلىپ سالغان ھەربىر ئىش-ھەركەت،گەپ سۆزلىرى بەلكىم ئويلىمىغان ئاقىۋەتلەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۈمكىن!
گەرچە ئۇنىڭدا تولۇپ-تاشقان ئىشەنچ،باتۇرلۇق ئۇرغۇپ تۇرسىمۇ،ئايرىم سۆزلىرىدىن ئازراق بىئاراملىق ھىس قىلدىم!پۇتبول ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ بىر قىسمى،ئەمما ئۈزلۈكسىز بىلىم ئېلىشى كېرەك،ئۈگىنىشى كېرەك.دالى كارنىگنىڭ :يىراقتىكى غۇۋا نەرسىلەرنى كۆرۈشكە ئىنتىلگەندىن،ئەتراپىڭدىكى ئېنىق،روشەن نەرسىلەرنى كۆرۈشنى بىلىۋال.دىگەن سۆزى ماڭا بەك تەسىر قىلغانىدى.
ئىنىمىز باشقىلارنىڭ ئارتۇقچىلىغىنى ئۈگۈنىشتە،ئالدى بىلەن ئەتراپىدىن باشلىشى كېرەك،مەن ئىشىنىمەن ئۇنىڭ ئەتراپىدىمۇ ئۇ ئۆگىنىشكە تېگىشلىك نۇرغۇن ئىشلار بار.ئەڭ مۇھىمى ھازىرقى شارائىتنى قەدىرلەشنى بىلىۋېلىشى كېرەك.