ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تورداشلار! تېمامنى كۆرگىنىڭلارغا رەھمەت!
ئالدىقى تېما:
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىنىڭ مەنىسى-1
ئىسىم: مەنىسى:
رۇقىيە مېھرىبانىلق قىلغۇچى،ئالغا باسقۇچى
رۇستەم باھادىر،قەھرىمان
ئابدۇنەبى پەيغەمبەرگە قۇللۇق قىلغۇچى
ئابدۇساتتار ئەيىبلەرنى ياپقۇچى ئاللا نىڭ بەندىسى
ئابدۇقاسىم تەقسىم قىلغۇچى
ھاپىز يادقا ئالغۇچى،مۇھابىزەتچى،ساقلىغۇچى
ئەراپات ئاللانى تونۇماق
ئابدۇشاكىر رەھمەت،ئېيتقۇچى،شۈكۈر قىلغۇچى
بەھرەم پايدام، مەنپەئەتىم
ھۆرنىسا ھۆر-پەرىدەك ئايال
ماھىدىل كۆڭلى ئايدەك ئاق،روشەن
مۇختار تاللانغان،خىللانغان
ھەلىم ياۋاش،تاقەتلىك،كەڭ قورساق،مۇلايىم
سادىر ئىش پەيدا قىلغۇچى
نىجات يۇرۇقلۇق،ئازادلىق،تىنىچ-ئامانلىق
مەرغۇب ياخشى كۆرىنىدىغان،ئارزۇ قىلغاندەك،ئۈمىد قىلغاندەك
ئەندەر ئەڭ نادىر،ئەڭ ئەتىۋار
سابىر سەۋىرچان،سەۋىر تاقەتلىك
زۇلخۇمار ئارزۇلۇق
گۈلمېھرە مېھرىبانلىق گۈلى،مېھرلىك قىز
كامىنۇر مەقسەت نۇرى
ئەلقەم 1>لوقمىلار2>ئويۇلغان3>ئاچچىق تاۋۇز4>نېسىۋىسى كۆپ(باشقا مەنىسىنى تاپالمىدىم)
ئىرشات يول كۆرسەتمەك،تەلىم بەرمەك
ماھىنۇر نۇرلۇق ئاي
ۋاھىد،گايىت،گايتەم بىر،يەككە،يالغۇز
مۇتەللىپ ئىلىم تەلەپ قىلغۇچى
قابىزۇللا،قابىدۇللا ئاللاغا بوي سۇنغۇچى
پاتىمە سۈتتىن ئايرىغان(ئانىسىنى ئېمىشتىن توختىغان)
ئايشەھىرە شۆھرەتلىك،مەشھۇر قىز
ھاشىم نان ئوشتىغۇچى(ئۇششاقلىغۇچى )
مەريەم ئىبادەت قىلغۇچى
مەرەمنىساخان خاس ئايال(ئايالغا خاس)
سۇبات شىجائەتلىك،مۇستەھكەم
قەمەر ئاي(ئاسماندىكى ئاي)
مۇخلىسە ئىخلاسمەن،سادىق
پىنار چىراغ،مەشئەل
سايىت بەخىتلىك،بەخىت،خۇشال
ئابدۇرەخىم مېھىر-شەپقەتلىك ئاللانىڭ بەندىسى
ئابدۇرشىت توغرا يول كۆرسەتكۇچى ئاللانىڭ بەندىسى
ئىلزات ئەل ئوغلى
بەكرى تۇنجى بالا،بوتىلاق
مەنبە:بىلوگۇم:
باتۇرلار ئۇنىۋېرسال بىلوگى