.ئىمانلىق كىشىنى تاللاڭ،چۈنكى پەقەت ئاللاھتىن ھەقىقى قورققان كىشىلا ئۆزىنىڭ جۈپتىنى ۋە ئائىلىسىنى قەدىرلەيدۇ.
2.ئىمانلىق كىشىنى تاللاڭ،ئۇ نىمىنى قىلىش كېرەكلىكىنى،نىمىنى قىلماسلىق كېرەكلىكىنى بىلىدۇ،ئۇ سىزگە تۇرمۇشنىڭ خاتىرجەملىكىنى ۋە كاپالىتىنى ئېلىپ كىلىدۇ.
3.ئىمانلىق كىشىنى تاللاڭ، ئۇ ئاسانلىقچە شەيتاننىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشمەيدۇ،چۈنكى ئۇ سىزنىڭ ئۇنىڭ يولدىن چىققىنىنى بايقىشىڭىزدىن ئەمەس،بەلكى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قورقىدۇ.
4.ئىمانلىق كىشىنى تاللاڭ،مەيلى ئەر بولسۇن ياكى ئايال بولسۇن،ئۇ ئىسلامغا قارشى بولغان ئىشلارنى قىلماسلىق كېرەكلىكىنى بىلىدۇ،بولمىسا جازالىنىدۇ.
5.ئىمانلىق كىشىنى تاللاڭ،سىرتتىكى چىرايلىق قىزلار ئۇنى ئۆزىگە تارتقان چاغدا،ئۇ ئاللاھتىن قورقۇپ، شەھۋەتتىن يىراقلىشىدۇ.ئۇ يۇسۇف ئەلەيھىسسالامنى ئەسلەيدۇ. يۇسۇف ئەلەيھىسسالام گۈزەل زۈلەيھا ئۆزىگە چاقىرغان چاغدا،ئۇ ئۇنىڭدىن يىراقلاشتى،ئۇ دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى كىلىشكەن ئەر ئىدى،ئۇ ئەرلەرگە توغرا يولدا بولغۇچىلارنىڭ ياخشى ئۈلگىسىنى تىكلەپ بەردى.
6.ئىمانلىق كىشىنى تاللاڭ،ئۇ نېمىنىڭ ھايا ۋە غۇرۇغ ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ،ئۇ ئۆزىنىڭ ئەۋرىتىنى قوغدايدۇ،يامان نىيەتلىك ئەرلەرنىڭ چاپلىشىۋېلىشىدىن يىراق تۇرىدۇ،ئاسانلىقچە ئەرلەر بىلەن پاراڭلاشمايدۇ ۋە يېقىنلاشمايدۇ.
7.ئىمانلىق كىشىنى تاللاڭ،ئۇ نامەھرەم ئەرلەر بىلەن يالغۇز ئۇچراشمايدۇ،ياكى كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىدا چۆرگىلەپ يۈرمەيدۇ،ئۇ ئۆزىنى سۆيۈشنى بىلىدۇ،سىزنى ۋە ئائىلىسىنى سۆيۈشنى تېخىمۇ ياخشى بىلىدۇ. ئۇ ھازىرقى جەمىيەتتىكى بىر قىسىم ھاياسىز قىزلارغا ئوخشاش ئەۋرەتلىرىنى ئوچۇق قويۇپ،ئەرلەرنىڭ گۇناھ ئۆتكۈزىشىگە سەۋەپ بولمايدۇ. ياسىنىشىدىنلا ئۇنىڭ تەربىيە كۆرگەن بىر قىز ئىكەنلىكىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ،ئۇنىڭ ھەركىتىدىن ئۇنىڭ پەزىلەتلىك ئايال ئىكەنلىكىنى ۋە كەڭ قورساقلىقىنى بىلگىلى بۇلىدۇ.
8.ئىمانلىق كىشىنى تاللاڭ،ئۇ ئىككى تەرەپنىڭ ئاتا ئانىسىغا ھەقىقى ۋاپادارلىقنى كۆرسىتىدۇ،چۈنكى ئۇ بۇنداق قىلىشنىڭ ئادەم بۇلۇشنىڭ ئەڭ ئەقەللى ئاساسى، تېخىمۇ مۇھىمى ئىماننىڭ مۇھىم بىر نۇقتىسى ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. ئاتا ئانىسىغا ۋاپادارلىق قىلمايدىغان كىشى ھەقىقەتەن بەك قورقۇنۇشلۇق كىشى،بۇنداقلاردىن يىراق بۇلۇش كېرەك. چوڭلارنى ھۆرمەتلەپ كىچىكلەرنى ئىززەتلەيدىغان بىر كىشى چوقۇم بى ئاقكۆڭۈل كىشى.ئاتا-ئانىسىغا ياخشىلىق قىلىدىغان ئادەملا مۇھەببەتنى قەدىرلەشنى ۋە سىزنى سۆيۈشنى بىلىدۇ.ئۇ ھەتتا ئۆزىنىڭ ئاتا ئانىسىغىمۇ ياخشىلىق قىلالمىسا،سىزگە ياخشىىلىق قىلارمۇ؟.....
9.ئىمانلىق كىشىنى تاللاڭ، سىز يولدىن چىققان ئىشتىن تاشقىرى، باشقا ئىشلاردا ئەپۇچانلىق ۋە چۈشۈنۈش پوزىتسىيىسىدە ئىشنى بىر تەرەپ قىلىدۇ،ئادەتتە ھەددىدىن ئاشۇرۋەتمەيدۇ.
10.ئىمانلىق كىشىنى تاللاڭ، دۇنيا ۋە ئاخىرەت ئككى دۇنيادا بەخت سائادەت ئىچىدە ياشايسىلەر،جەننەتتە ھەم بىر گە بولىسىلەر.شۇڭا سىز ئىمانلىق كىشىنى تاللاشتىن بۇرۇن ئۆزىڭىزنىڭ ھەم ئىمانىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىگە بىر قاراپ بېقىڭ،سىز قارشى تەرەپتىكىدەك ياخشىمۇ ، چۈنكى ئىمانلىق كىشىلەر ھەرگىز ئىمانسىز كىشىلەر بىلەن بىرگە تۇرمۇش كەچۈرەلمەيدۇ،چۈنكى ماڭغان يول ئوخشىمايدۇ.....
momiyaتەرجىمە قىلىدى.
مەنبە :http://bbs.merifet.net/read.php?tid=3836
ئەسكەرتىش ؛باشقا مەخسەتتە ئەمەس سىلەرنىڭ كۆرۈپ قويىشىڭلار ئۈچۈن يوللىدىم . |