مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2447|ئىنكاس: 38

غېنى باتۇرنىڭ ئۈمىد مەكتىپىگە ياردەم قىلى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26729
يازما سانى: 66
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5905
تۆھپە نۇمۇرى: 458
توردا: 166 سائەت
تىزىم: 2011-1-18
ئاخىرقى: 2015-3-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-18 10:12:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
          غۇلجا شەھەر ئۈمىد مەكتىپى (ھازىرقى 2-ئوتتۇرا مەكتەپ) 1903-يىلى ئۈچدەرۋازا مەھەللە جامائىتىنىڭ كۈچ چىقىرىشى بىلەن قۇرۇلغان بولۇپ ،ھازىرغىچە بولغان يۈزنەچچە يىللىق تەرەققىيات جەريانىدا يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىپ ،كىچىكلىكتىن زورىيىپ ،بۈگۈنكىدەك مەشھۇر بىر مەرىپەت گۈلزارىغا ئايلانغىچە ئىلىدىكى كۆپلىگەن ئەلسۆيەر ،مەرىپەتپەرۋەر ،تەرەققىپەرۋەر كىشىلەرنىڭ تەمەسىز، مىننەتسىز ئەجىر-مېھنىتىنى ،ئارزۇ-ئۈمىدلىرىنى ئۆزىگە سىڭدۈرۈپ ،پۈتكۈل ئۇيغۇر دىيارى ئۈچۈن نۇرغۇن شېرىن مىۋىلەرنى يېتىشتۈرۈپ بەردى. خەلق قەھرىمانى غېنى باتۇرمۇ بۇ گۈلزارلىققا تېگىشلىك تۆھپە قوشقانلارنىڭ بىرىدۇر.
            1948-1949-يىللىرى بولسا كېرەك ،شۇ يىللاردا ئۈمىد مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچى سانى مىڭدىن ئاشقان بولسىمۇ ،لېكىن سىنىپ سانى ئاز ،مەيدان تار ،كىچىك بولغانلىقتىن ،ئوقۇتۇش ،تەنتەربىيە خىزمىتىگە بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتكەن ئىدى .شۇ چاغدىكى مەكتەپ مۇدىرى مەشھۇرمائارىپچى ئابدۇسالام ئەسقىرى بۇنى ھەل قىلىشنىڭ چارە-تەدبىرى ھەققىدە چوڭقۇر ئويلىنىپ ،ئاخىرى بۇمەسىلىنى ئاتا-ئانىلارنىڭ كۈچىگە تايىنىپ ھەل قىلماقچى بولۇپ ،بۇھەقتىكى پىلانىنى مەكتەپ ئىشلىرى ھەيئىتىنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتكۈزىدۇ .بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ئالدى بىلەن شۇ چاغلاردا مەكتەپنىڭ كۈنچىقىش تەرىپىدە ئولتۇرۇشلۇق ئادىل ئاخۇننى ئىككى-ئۈچ مو بېغى بىلەن بەش ئېغىزلىق ئۆيىنى مەكتەپكە سېتىپ بېرىشكە ماقۇل كەلتۈردى .ئاندىن بۇ قورۇ-جاينى سېتىۋېلىشقا كېتىدىغان مەبلەغنى ھەل قىلىش ئۈچۈن  شۇ چاغدا مەكتەپ ئالدىدا ئولتۇرۇشلۇق غېنى باتۇرنىڭ ياردىمىنى قولغا كەلتۈرمەكچى بولدى .غېنى باتۇر كاتتا باي بولمىسىمۇ قولى ئوچۇق ،مەرد ئادەم ئىدى ،ئۇنىڭ ئۈستىگە غېنى باتۇرنىڭ پاتىگۈل ،ئايشەم دېگەن ئىككى قىزى ئۈمىد مەكتەپتە ئوقۇيتتى .ئابدۇسالام ئەپەندى قىزلىرى ئارقىلىق غېنى باتۇرنىڭ كۆكسىگە نۇرغۇن مىداللارنى تاقاپ چۈشكەن رەسىمىنى ئۆيدىن ئەچىقتۇرۇپ ،ئۇنى مەكتەپتىكى ئاتاقلىق رەسسام  زەينىدىن يۈسۈپكە چوڭايتىپ سىزىپ چىقىشقا تاپشۇردى .زەينىدىن رەسىمنى ئەينەن ئۆزىدەك سىزىپ چىققاندىن كېيىن ،رەسىمنى ئەينەكلىك رامكىغا ئېلىپ ،قەغەزگە ئوراپ تەييارلايدۇ .ئاندىن ھىلىقى قىزلاردىن غېنى باتۇرنىڭ ئۆيىدە بار ۋاقتىنى ئۇقۇپ ، مەكتەپ ئىشلار ھەيئەتلىرىدىن ئابدۇسالام ئەپەندى ،مەۋلان قاراباش ،سادىق ئارۇپ ،بۇرھانىدىن مەنسۇر ،زەينىدىن يۈسۇپلەر بىرلىكتە غېنى باتۇرنىڭ قورۇسىغا كىرىپ كېلىدۇ ،قىزلار خەۋەر قىلغان بولسا كېرەك ،غېنى باتۇر ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىقىپ سالاملىشىپ كۆرۈشتى ۋە ئۇلارنى ئۆيگە كىرىشكە تەكلىپ قىلدى .ئابدۇسالام ئەپەندى قولىنى كۆكسىگە ئېلىپ:
    _تەقسىر،سىزنى ئاۋارە قىلمايلى ،رەخمەت ،بىز مەشەدىلا قايتايلى ،_دەپ ئۆزرە ئېيتقاندىن كېيىن ،مەۋلاننىڭ قولىدىكى رەسىمنى باتۇرغا سۇنۇپ تۇرۇپ،_بىزنىڭ مۇنۇ ئوقۇتقۇچىمىز سىزنىڭ رەسىمىڭىزنى چوڭايتىپ سىزغان ئىكەن ،شۇنى سىزگە تەقدىم قىلىش ئۈچۈن كىرگەن ئىدۇق ،_دېدى .
     باتۇر <<رەخمەت>>دەپ رەسىمنى قولىغا ئېلىپ:
       _پاھ ،بۇنى قالتىس سىزىپسەنغۇ ،بەك ئۇستا رەسىمچى ئكەنسەن جۇمۇ!_دېدى .ئاندىن رەسىمنى قىزلىرىغا بېرىپ ،_بۇ رەسىمنى ياخشى قىپسىلەر ،بۇنىڭغا كۆپ رەخمەت! مېنىڭچە،سىلەر بۇ يەرگە بۇ رەسىمنى بېرىپ قويۇش ئۈچۈنلا كىرمىگەنسىلەر؟ باشقا دەيدىغان گېپىڭلارمۇ باردۇر_ھە! بولسا دەڭلار قېنى ،_دېدى .
      بۇ چاغدا پۇرسەتنى غەنىمەت بىلگەن ئابدۇسالام ئەپەندى تەمكىنلىك بىلەن :
       _باتۇرۇم ،ئۆزىڭىزمۇ كۆرۈپ تۇرۇۋاتقانسىز ،مەكتىپىمىزنىڭ سىنىپ سانى ئاز ،بالىلار نۆۋەت بىلەن ئوقۇيدۇ.(بۇنى ئابدۇسالام ئاكا بىر سىنىپتا ئىككى سىنىپ بالىلىرى چۈشتىن بۇرۇن ۋە چۈشتىن كېيىن نۆۋەتلىشىپ ئوقۇيدۇ ،دەپ چۈشەندۈردى) ئۇنىڭ ئۈستىگە مەيدان كىچىك ،بالىلار پاتمايۋاتىدۇ._دېدى.
      بۇ گەپنى ئاڭلاپلا غېنى باتۇر:
      _ھە، كېڭەيتىدىغان يەر بارمىكەن؟_دەپ سوراپ قالدى.
      _شۇنداق ،باتۇر .يېنىمىزدىكى ئادىل ئاخۇن جايىنى ساتىدىكەن ،بەش ئېغىز ئۆيى سىنىپقا يارايدىكەن ،قورۇسىمۇ خېلى چوڭ ئىكەن ،بۇنىڭغا ئۆزىڭىز بىر مەسلىھەت بەرگەن بولسىڭىز،_دېدى ئابدۇسالام ئەپەندى .
      _ھە ... رەسىمنىڭ كەينىدە بىر ئويۇن بارمىكىن دەپ ئويلىۋېدىم ،ئويلىغىنىمدەك چىقتى ،_دېدى غېنى باتۇر چاقچاق قىلىپ ،_بولىدۇ ،بولىدۇ .جاينى ئېلىڭلار ،مەن مەكتەپكە ئاتمىش تۇياق غونان (ئۈچ ياشلىق)ئۆكۈز ياكى شۇنىڭ قىممىتىچىلىك پۇل بېرەي .جايدىن ئېشىپ قالسا  ،مەكتەپنىڭ باشقا ئىشلىرىغا ئىشلىتىڭلار .ناۋادا يەتمىسە يەنە دەڭلار ،بىر كېچە ئۇيقۇمنى قويسام  مەنسۇرنىڭ ئۆيىگىچە(مەنسۇر لومىيوف_ئۆز ۋاقتىدا ئۈچ ۋىلايەت تۇڭگان پولكىنىڭ كوماندىرى ،كېيىن بانكا باشلىقى بولغان .مەكتەپنىڭ شەرق تەرىپىدە ئۇنىڭ قورۇ-جايى بار ئىدى) ئېلىپ بېرىمەن ،_دېدى ئۇ يەنە چاقچاق قىلىپ . ھەممەيلەن كۈلۈشتى ۋە باتۇرغا تەشەككۈرىنى ئېيتىپ قايتىپ چىقىشتى .
          ئابدۇسالام ئەپەندى قايتىپ چىقىپلا ،ئاتىلار كومىتىتىنىڭ ئەزالىرى بىلەن بۇ ۋەدىنى قانداق ئەمەلىلەشتۈرۈشنى  مەسلىھەتلەشتى ھەم بۇ ئىشقا باتۇرنىڭ خوشنىسى  ئىمرەمزە ئەپەندى بىلەن زېرىپ ئاخۇننى ،مەكتەپتىن زاپخوز غوپۇر ئاخۇننى مەسئۇل قىلىپ بېكىتتى .ئاخىر ئادىل ئاخۇننىڭ جايى ئېلىنىپ ،مەكتەپنىڭ قىيىنچىلىقى ھەل قىلىنغان بولدى .
غۇلجا شەھەر 2-ئوتتۇرا مەكتەپ تۈزۈپ نەشر قىلدۇرغان <<ئۈمىد يۇلتۇزى>>ناملىق توپلامدىكى بۇرھانىدىن مەنسۇر ئەپەندىنىڭ<<ئاتاقلىق مائارىپچى ئابدۇسالام ئەسقىرىنى ئەسلەيمەن>>ناملىق ماقالىسىدىن ئېلىندى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19868
يازما سانى: 97
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6452
تۆھپە نۇمۇرى: 353
توردا: 1524 سائەت
تىزىم: 2010-12-1
ئاخىرقى: 2011-7-12
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-18 11:12:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن يەنە بىر تارىخنى بىلىۋالدىم رەخمەت سىزگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37970
يازما سانى: 117
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3624
تۆھپە نۇمۇرى: 91
توردا: 2867 سائەت
تىزىم: 2011-4-17
ئاخىرقى: 2014-1-13
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-18 11:16:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
<<ئانايۇرت>>تېرلوگيىسىدە،غېنى باتۇر(1901-1990)<<ئەركەك ئوغىرى>>
دەپ تەسۋىرلەنگەن.
دىمەك،يەنىلا ئەركەكلىگىنى قىلىپتۇدە.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15527
يازما سانى: 1240
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13428
تۆھپە نۇمۇرى: 353
توردا: 5931 سائەت
تىزىم: 2010-10-28
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-18 11:34:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئېھ سۈيۈملۇك قەدىردان ئوغرىمىز ،سىنى مەڭگۈ ئەسلەيمىز!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!

ھەر   كىشىنىڭ  

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33383
يازما سانى: 55
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4251
تۆھپە نۇمۇرى: 193
توردا: 1220 سائەت
تىزىم: 2011-3-10
ئاخىرقى: 2011-5-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-18 11:36:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 2قەۋەت  tarim2179 كە 2011-04-18 11:16 PMئەۋەتىلدى  :
<<ئانايۇرت>>تېرلوگيىسىدە،غېنى باتۇر(1901-1990)<<ئەركەك ئوغىرى>>
دەپ تەسۋىرلەنگەن.
دىمەك،يەنىلا ئەركەكلىگىنى قىلىپتۇدە.
غېنى باتۇرنى ھەققىدە بىلىدىغانلىرىڭىز بولسا يوللاپ قويسىڭىز بوپتىكەن. بولۇپمۇ، 1948-يىلىدىن 1990- يىلىغىچە بولغان پائالىيەتلىرىنى.

ھەر   كىشىنىڭ   ۋەتىنى   بولسا، ئۇنى شۇنداق قۇچاقلاپ سۆيسە!

بىز نېمىلەرنى يوقىتىۋاتىمىز ؟.

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36864
يازما سانى: 1075
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 6649
تۆھپە نۇمۇرى: 615
توردا: 4543 سائەت
تىزىم: 2011-4-8
ئاخىرقى: 2015-1-27
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-19 12:07:14 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سۈيۈملۈك  باتۇرلىرىمىز نى مەڭگۈ ياد  ئېتىمىز !

گۈل ئۆستۈر ، لېكىن كىمنىڭ پۇرىشى بىلەن ھېساپلاشما ؛ يول ياسا ، بىراق ئۇنىڭدا كىمنىڭ مېڭىشى بىلەن ھېساپلاشما ؛ ئۆمرۈڭنى مەنىلىك ئۆتكۈز ، بىراق ئۇنىڭ قانچىلىك قالغانلىقى بىلەن ھېساپلاشما ؛ ھەممە چىرايلارغا كۈلكە سېلىپ قوي ، بىراق ئۇلاردىن بەدەل تەلەپ قىلما . ھايات تەبىرىنى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18902
يازما سانى: 1795
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13211
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 8081 سائەت
تىزىم: 2010-11-24
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-19 01:04:07 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
غېنى باتۇر گەرچە پىكىر قىلىش ئۇسلۇبى دىھقانلاردەك تۈز ،ساددا بولسىمۇ ،ئالدىن كۆرەرلىگى جەھەتتە ئۈچ ۋىلايەت رەھبەرلىرىنىڭكىدىن خېلى ئۈستۈن تۇرۇدىغان پالىۋاننىمىز ئىدى.

ماتېماتىكا ئىنسان تەپەككۈرىنىڭ گېمناستىكىسى

بارمۇمەنمۇ يادى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 754
يازما سانى: 493
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11009
تۆھپە نۇمۇرى: 368
توردا: 2280 سائەت
تىزىم: 2010-5-25
ئاخىرقى: 2011-9-3
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-19 01:06:30 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مېنىڭ ئاڭلىشىمچە راسمۇ يالغانمۇ ئۇقمايمەن،غىنى باتۇر ئالمۇتۇدا جان ئۇزۇش ئالدىدىكى  ۋەسىيتىدە <<مىنى دەپنە قىلغاندا يۇزۇمنى شەرىققە قىلىپ كۆمۈڭلار مەن ھەر ۋاقىت ۋەتىنىم تەرەپكە قاراپ ياتاي>> دەپ ۋەسىيەت قىپتىكەن.

بىر ئالىم جاۋاپ تاپالماسلىقتىن ئەمەس بەلكى سوئال تاپالماسلىقتىن قورقسۇن...

قېرىنداشلىرىم قاراڭغۇلۇقتىن قۇ

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6201
يازما سانى: 50
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8515
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 1899 سائەت
تىزىم: 2010-8-12
ئاخىرقى: 2013-11-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-19 01:10:54 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
غېنى باتۇر 1950-يىلدىن كىيىن نىمە ئىشلانى قىلغان؟قەيەردە ياشىغان؟ .......؟ھەققىدە بىلىدىغانلىرىڭلار بولسا يوللاپ قويساڭلا .

شام
DUTTARIM بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-19 02:08:45 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش