مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 14039|ئىنكاس: 43

بالىلىق بوستانىدىن ئادىمىيلىك قەلئەسىگىچ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29549
يازما سانى: 84
نادىر تېمىسى: 14
مۇنبەر پۇلى : 14
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2011-2-8
ئاخىرقى: 2014-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-19 10:00:51 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

 بۇ ئەسەر ئىجادىي ئەسەر، ئۆزۈمگە تەۋە.

(ئەدەبىي خاتىرە)

 

            20 يىل بۇرۇنقى ئەسلىمىلەر ئىچىگە شۇڭغۇپ قالىمەن، گاھىدا. 8 قويۇمنىڭ كەينىدىن خىيالغا ئەگەشكەندەك ئەگىشىپ، پايانى يوق دەشتۇ- باياۋانغا قەدەم قويغىنىمدا، يامغۇر يالاپ كەتكەن جىرالارنى بويلاپ، يىلان ئىزلىرىغا مەستانە بولۇپ، كەسلەنچۈكلەرگە ھەۋەسلىنىپ، ئىچىمدە كارىز سۈيىدەك مەخپىي ئاققان شېرىن ھېسلارغا بەركەت تىلىگىنىمچە ئۆزۈمنى چەكسىزلىكلەرگە تاشلايمەن. 20 يىل بۇرۇنقى تۇرمۇش رېتىمىنى، ئىنساننى ئىنسان قىلىپ تۇرغان مېھىرلىك ئەنگۈشتەرلىرىمىز تېخى ئىلكىمىزدىن چىقىپ كەتمىگەن قەدىردان كۈنلەرنى سېغىنىمەن. ئەسلىمىلەر ئىچىگە شۇڭغىغانسېرى بۇلاقنىڭ باش ئېقىنىغا قاراپ ماڭغاندەك سۈزۈلگەن بىر روھنىڭ پارچىلىرىنى چېلىقتۇرۇپ ئەردەك تۇغۇلۇپ ئەردەك ئۆلۈپ كەتكەن بوۋىلارغا غايىبانە ئېھتىرام بىلدۈرىمەن. بەلۋىغىغا تۈگۈلگەن زاغرا بىلەن قاپاققا تايىنىپ قىتئە ئاتلىغان، ئۆزگىگە ياخشىلىق قىلىشتىن ئۆزگە نىيىتى بولمىغان، ئەنە شۇ خالىس روھى سەۋەبلىك بېشىدا قارا قىسمەتلەر ئەگىگەن ئەجدادلارنىڭ ۋەتەن سۆيگۈسىگە تەھسىن ئوقۇيمەن.

بالىلىق ھەققىدە خىيال سۈرمىگەن، بالىلىقىغا تارتىشمىغان، بالىلارنى سۆيمىگەن، بالىلاردىن ئۈمىد كۈتمىگەن، بالىلىقتىن بەھىرلەنمىگەن ئىنسان يوق. رىۋايەت قىلىنىشىچە، ئىمسىپىيان ئىسىملىك جىن دائىم بالىلارنى قەستلەش كويىدا يۈرىدىكەن. بولۇپمۇ ئوغۇللار توققۇز ياشقا كىرگىچە يالغۇز جايلاردا تاشلىماسلىق زۆرۈر ئىكەن. جىننىڭ ۋۇجۇدى بۇلغانغان چوڭلارغا ئەمەس، ۋۇجۇد دەرىخىگە ناپاكلىق توزانلىرى قونۇشقا ئۈلگۈرمىگەن نارەسىدىلەرگە زىيانكەشلىق قىلىشنى كۆزلىشى ئۆزىدىن ئىززەتلىك يارىتىلغان ئىنساننىڭ پاكىزە بالىلىقىغا بولغان رەشك سەۋەبىدىندۇر بەلكىم. ئانام « ھازىرقى بالىلارنىڭ روھى چوڭلار بىلەن تەڭ»دەيدۇ. بۇ مۇلاھىزە قىلىشقا تېگىشلىك سۆز. ئانامنىڭ يەنە دېيىشىچە، «ئۆلۈكلەرنىڭ كۆزىگە تىرىكلەر ئۆلۈك كۆرۈنەرمىش». روھ تەتقىقاتى چوڭقۇرلىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ئۆلۈمنىڭ سىرى مۇھىم بىر تەتقىقات تېمىسى بولۇپ قالدى. ئاتا- بوۋىلىرىمىز ئەزەلدىن ئاساسسىز سۆزلىگەن ئەمەس. چۈنكى، بىز يەر شارىنىڭ يۇمۇلاق خەرىتىسىنى كۆك كۆزلەردىن نەچچە ئەسىر ئىلگىرى سىزغان خەلقنىڭ ئەۋلادى.

مەن تىپىك دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلدۇم. دادام تۆمۈرچى ئىدى. تۆمۈرگە تۆمۈردەك قاتتىق بولغىنى بىلەن ئىنسانغا باغرى پاختىدەك يۇمشاق ئىدى. يېتىمچىلىكتە چوڭ بولغانلىقىدىنمۇ ئەيتاۋۇر بىزگە قول تەكگۈزگىنىنى بىلمەيتتۇق. ئاخشاملىرى ئوقۇلىدىغان يەسەۋىي ھۆكمەتلىرى قەلبىمگە شېئىرنىڭ تۇنجى ئۇرۇقلىرىنى چاچقان بولسا كېرەك. ئۇنىڭ كەكە ساقىلى، ئىگىز بويى، يۆتىلى نېرۋامنىڭ قايسىدۇر بۇلۇڭىدىكى ئۇچۇر ئامبىرىدا ساقلىنىپ تۇرماقتا.مەن ھۆكمەتلەرنى ئاڭلاشقا ھەم ئوقۇشقا خۇشتار ئىدىم. كۆزۈمنى يۇمۇۋېلىپ ئوقۇشقا چۈشۈپ كەتكىنىمدە، ئۆيدىكىلەرنىڭ چەكسىز ھەۋەس بىلەن ماڭا قاراپ كېتىشكىنىنى سېزىپ تۇراتتىم. يەسەۋىنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام(س ئە ۋ) ۋاپاتىغا بېغىشلانغان ھۆكمەتلىرىنى ئوقۇغان، ئاڭلىغان كىشىنىڭ باغرى سۇ بولاتتى.


..... رەسۇل ئېيتتى:- ئەزرائىل، مېنىڭ جېنىمنى قاتتىق ئال،

      ئۈممەتلىرىم تارتمىسۇن، جان ئاچچىغىن... دېمەسمۇ...

 

دېگەن جايلىرىغا كەلگەندە ئاياللارنىڭ ھۈ تارتىپ يىغلاپ كېتەتتى. چەكسىز قۇربان بېرىش روھىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن بۇ مەزمۇنلار ھەرقانداق بىر تاش قەلبنى يېنىككىنە بىر تىترىتىپ ئۆتمەي قالمايتتى. سەھەرلەردە بامدات نامىزىغا ماڭغان كەكە ساقال دادام نامازغا چاقىرسا تۇرمىساق ئېيتىدىغان: بىنامازنىڭ ساقىلى، ئىت قۇيرۇقى داقىلى، ئوتنى ئېلىپ ياقىلى، كۆيۈپ ئۆلسۇن بىناماز. دېگەن قوشاقلىرى سوقما تاملىق ئۆيىمىزنىڭ غېرىب بۇلۇڭلىرىدا ئۇيۇپ قالاتتى. دادامنىڭ خېتى بەكمۇ چىرايلىق ئىدى. چاغاتاي يېزىقىدا يېزىلغان دانە- دانە خەتلىرى كىشىلەرنى ھەيران قالدۇراتتى. كىچىكىدىن تەقۋادار ئۆسۈپ يېتىلگەن دادام سۈرە ياسىننى دېمىدە قىلىپ بىزگە ئىچۈرەتتى. دادامنىڭ ياۋاشلىقى ئارقىسىدا تۇرمۇش مۇشەققەتلىرىگە بوي بەرمەيدىغان قەيسەرلىكمۇ يوشۇرۇنغان ئىدى. دادام كوپىراتىپ مەزگىللىرىدە ئەترەتتە بوغالتىر بولغان ئىكەن. شۇ مەزگىللەردە بىر قېتىملىق ھىساباتتىن بىر نەچچە يۈەن كەم چىقىپ نۇرغۇن كۈلپەتلەرنى تارتقان ئىكەن. ئاچارچىلىقتا ئۆلۈپ كەتكەن تالاي كىشىلەرگە سېلىشتۇرغاندا يەنىلا تەلەيلىك ھېسابلىنىدىغان دادام تۆمۈرچىلىك دۇكىنىغا تايىنىپ بىزنى ئاچ قويماي باقتى. سوقۇلغان تاقىلارنى تاغارغا قاچىلاپ تاراتى تاغلىرىغا ئەپچىقىپ ئوغلاقلارغا تېگىشىپ كەلگەندە، ئانام ئىككى كىشىلىك ئىشلەپ تاپقان ئارتۇق گۇڭىغا چوڭ داس ۋە باشقا لازىمەتلىكلەرنى ئۆيگە ئېلىپ كەلگەندە چەكسىز بەخت تۇيغۇسىغا چۆمۈلگەن ئىدۇق.

 

ﭘﺎﻗﺎ ﻣﯩﻨﺪﯨﻢ ﻳﻮﺭﻏﺎ،

ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯩﺮﺩﻯ ﺷﻮﺭﻏﺎ.

ﻛﯩﭽﯩﻜﻜﯩﻨﻪ ﻏﯩﺠﯩﻜﯩﻢ ﺑﺎﺭ ،

ﭼﯧﻠﯩﭗ ﻛﯩﺮﺩﯨﻢ ﺗﻮﻳﻐﺎ...

 

 

 بالىلىقىم قوي ھەم مۈشۈك بىلەن باغلىنىپ ئۆتتى. قوي بېقىپ يۈرۈپ ھەپتىيەك ئوقۇدۇم. قوي بېقىپ يۈرۈپ چۆچەك ئاڭلىدىم. قوي بېقىپ يۈرۈپ تەبىئەتنى قانداق سۆيۈشنى ئۈگەندىم. رىۋايەت قىلىنىشىچە، پەيغەمبەرلەرنىڭ كۆپىنچىسى قوي باققان ئىكەن. چەكسىز دالىلاردا قوي بېقىش تەپەككۈرنى چېنىقتۇرۇشتىكى ئەڭ ئېسىل سورۇن. قوينىڭ رايىشلىقى، زىيانسىزلىقى بىر قىسىم ئەدىبلەر تەرىپىدىن مەسخىرە ئوبيېكتى بولۇپ كەلدى. بىراق، مەن ئۇنىڭ ساددىلىقى، قۇربان بېرىش روھى، ئاقكۆڭۈللۈكتىن ئىبارەت باھاسىز ئەنگۈشتەرنى  ئەسلىتىپ تۇرىدىغانلىقى بىلەن قەدىرلىك سانايمەن. مەن خىلۋەت كەنتنىڭ شالاڭ چاتقاللىقلىرىدا قويلارغا ئەگىشىپ يۈرگەنلىرىمدە بۈگۈنكى ھەق- ناھەققە بولغان ئوچۇق مەيدانىمنىڭ تۇنجى ئۇلى قوپۇرۇلغان ، دەپ قارايمەن. شۇنداقلا ۋەتەن دېسە سەددىچىن سېپىلى ئەمەس بەلكى سوقما تاملىق كۈلبىسى كۆز ئالدىغا كېلىدىغان دېھقان مىللەتنىڭ پەرزەنتى بولۇش شەرىپىگە ئېرىشكەنلىكىمدىن ھاياجانلارغا چۆمىمەن.

مەن زور كۆپچىلىك ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىگە ئوخشاش سۇپىدا ئېغىناپ، قوي، ئېشەك، مۈشۈككە ھەمراھ بولۇپ، ئانا زىمىننىڭ يانتاقلىرىدا ئاياغلىرىم تىلغىنىپ،  مۇھتاجلىق، بالىلارچە ھاياجانلارغا چۆمۈلۈپ چوڭ بولدۇم.

ئۆزۈمنى بىلسەم،خېلىلا چوڭ بىر بېغىمىز بار ئىكەن.بۇ باغدا ئۈرۈك ئاساس قىلىنغان بولۇپ،كۇچا ئاق كىشمىشى قاتارلىق خېلىلا ئەتىۋارلىق ئۈرۈك سورتلىرى بولغاندىن سىرت باغنىڭ شىمالىي تەرىپىدە تەمى ئاجايىپ شېرىن قىزىل سايۋا ئۈزۈمىمىزمۇ بار ئىدى.ئانامنىڭ دېيىشىچە،بۇ باغنى ئاشۇ جاپالىق يىللاردا دادام بىلەن ئىككىسى بىر تۈپ بىر تۈپتىىن تىكىپ بالىسىنى پەرۋىشلىگەندەك پەرۋىش قىلغان ئىكەن.ئاشۇ بالىلىق مەزگىللىرىمدە بۇ باغ كۆز ئالدىدا چاھارباغدەك تۇيۇلغاچقىمۇ دوستلىرىم ئالدىدا بۇ باغ بىلەن ماختىنىپ يۈرەتتىىم.باھاردا ئېچىلىپ كېتىدىغان چىغىرتماق گۈللىرى قەيەرلەردىندۇر كېپىنەكلەرنى چۆرىسىگە يىغىۋالاتتى.
ئۈرۈك پىششىقىدا ئازراقلا شامال چىقسا تۆكۈلۈپ كېتىدىغان مېۋىسىنى ئانام تېرىۋېلىپ قاق سالاتتى.
يېڭىدىن بازار ئىگىلىكىگە ئۆتكەن چاغلاردا تۇرمۇشىمىز بەكلا نامرات بولغاچقا،دادام باغنىڭ ئۈرۈكلىرىنى سېۋەتلەرگە قاچىلاپ بازارغا يۈك پويىز بىلەن ساتقىلى باراتتى ۋە بىزگە بازارلىق نەرسىلەرنى ئالغاچ چىقاتتى.بىر قېتىم دادام چايدانغا مارۇژنا قاچىلاپ ئالغاچ چىقىپتىكەن ئاشۇ ئېرىپ سۇغا ئايلانغان مارۇژنىنى ئۆمرۈمدە تۇنجى قېتىم ئىچكىنىم ۋە ئىنتايىن ھاياجانلانغىنىم ھازىرمۇ ئېسىمدە .دادام تىپىك دېھقان بولۇش سۈپىتى بىلەن نۇرغۇن جاپالارنى چەككەن ئىدى.ئۇنىڭ ئاشۇ يېرىلغان ئالقان- تاپانلىرىدىكى چوڭقۇر ئىزلار،شەكلى ئۆزگىرىپ كەتكەن ،قاداقلاشقان بارماقلار ئۇ باسقان ئۆمۈر مۇساپىسىدىكى تارتقان جاپالارنىڭ ئىزناسى ئىدى.

دادامنىڭ باندىت ئەسكەرلەرىنىڭ يولسىزلىقىغا مەردانە يۈزلەنگەن قەددى پۈكۈلۈپ كېتىۋاتاتتى. دادامنىڭ دېيىشىچە، بېغىمىزنىڭ نەق ئوتتۇرىسىدا بىر بۇلاق بار بولۇپ، بۇلاقتىن سىرغىغان سۇ كۆلگەن قۇيۇلىدىكەن.دادام قەيەردىندۇر ئالتۇن بېلىق ئېلىپ كېلىپ كۆلگە قويۇپ بېرىپتۇ. كۈنلەر ئۆتۈپ بېلىقلار كىشىنىڭ مەستلىكى كەلگۈدەك چوڭىيىپتۇ. بىر كۈنى بىر نەچچە ئەسكەر باغقا كىرىپ، كۆلدىكى بېلىقلارنى كۆرۈپ قاپتۇ ھەم تۇتۇپ يېمەكچى بولۇپ، تۇتالماي، مىلتىق بىلەن بېلىقلارنى ئېتىپ، كۆلچەكنى قىپقىزىل قانغا بويىۋېتىپتۇ. ئەزەلدىن ياۋاش دادام ئوتتۇرىغا چۈشۈپ ھېلىقى ئەسكەر بىلەن قاتتىق زاكۇنلىشىپتۇ. بۇ ئەسكەر مىلتىقنى ئوقلاپ، دادامغا ئوق چىقىرىدىغان چاغدا باشقىلارنىڭ ئارىغا چۈشىشى بىلەن توختاپ قاپتۇ. تەبىئەت بىلەن ئېچەكىشىپ ئۆتكەن ئەجدادلارنىڭ گۈلدەك ئەنئەنىسىنى نۇرلاندۇرغان دادامنىڭ مەردۇ- مەردانىلىقىنى ھازىر تەسەۋۋۇر قىلسام ، ئىختىيارسىز قەلبىمگە ئىسسىق ئېقىم تارايدۇ. مانا بۇ بىز ھازىر بالىلارغا ئۈگىتەلمەيۋاتقان، <ئىناق بىللە ياشاش> چاقىرىقىنىڭ يىلتىزى ئىدى.
مەن دادام بەرپا قىلغان باغنىڭ ئۈرۈكىنى يازدا مېۋىسىنى، قىشتا گۈلىسىنى يەپ چوڭ بولدۇم.قوي بېقىپ جاڭگاللاردا يۈرگەندىمۇ ئاشۇ باغنىڭ ئۈرۈكلىرىنى يانچۇقۇمغا سېلىۋېلىشنى ئۇنتۇمايتتىم.سەھرانىڭ كۆيدۈرگۈچ ئاپتاپلىرى،زىمىستاننىڭ سۇغۇقلىرى مېنىمۇ بارا-بارا تاۋلىدى.7كىلومېتىرلىق يېزا يولىدا كۈنىگە ئىككى قېتىمدىن 6يىل قاتناپ ئوقۇپ ئالىي مەكتەپكىمۇ چىقتىم.ھەر قېتىم تەتىل توشۇپ مەكتەپكە ماڭغىنىمدا ئانام بىر كىچىك خالتىدا ئۈرۈك قېقىنى سومكامغا سېلىپ قويۇشنى ئۇنتۇمايتتى.بىراق، كېيىنكى كۈنلەردە نېمىشقىكىن بېغىمىزنىڭ ئۈرۈكلىرىگە بىر-بىرلەپ كېسەل تېگىپ قۇرۇشقا باشلىدى.بىزنىڭ نەزىرىمىزدە يىقىلماس تاغ بولغان دادامغىمۇ كېسەل چاپلاشتى.ئۇنىڭ
يۆتىلى ئەدەب كېتىۋاتاتتى.ھەر بىر تۈپ ئۈرۈك قۇرۇپ كەتكەندە دادامنىڭ ھەسرەت بىلەن ئېغىر تىنىۋاتقانلىقىنى كۆرەتتىم.كېين بىلسەم، دادام بىزنى ياخشىراق بېقىش ئۈچۈن ئەترەتنىڭ سۇ قۇرۇلۇشىدا سېمونت تاختىلارنى كۆتۈرۈپ ئىشلەپ يۈرەك كېسىلى تېپىۋالغان ئىكەن.  ئەينى چاغدا نەزىرىمدە رىئاللىقتىكى چاھارباغ ھېسابلانغان بېغىمىزدىكى ئۈرۈكلەر قۇرۇپ ئەڭ ئاخىرىدا ئادەمنىڭ قۇچىقى يەتمەيدىغان بىر تۈپ قارا ئۈژمىلا قالغان يىلى دادامنىڭ كېسىلىمۇ ئاخىرقى چەككە يېتىپ تۈگەپ كەتتى.مەن چوڭلاردىن ئاڭلىغان <ئادەم ئۆزى تىككەن دەرەخ بىلەن تەڭ تۈگەيدۇ> دېگەن ھېكمەتنىڭ مەنىسىنى چۈشەندىم.دادام كېسەل مەزگىللەردە ئۇلىغان بىر تۈپ نەشپۈت دەرىخىنىڭ مېۋە بەرمىگەنلىكىنىمۇ مەن دادامنىڭ ياخشى بولالمايدىغانلىقىنىڭ بىشارىتى ئىكەن، دەپ قىياس قىلدىم.

ئۇ 2002  - يىلى 23- ئاۋغۇست ئىدى. بىز ئۈچۈن بىر ئۆمۈر سەكپارە بولغان، مەن 28 يىل يۆلەنگەن تاغ ئاتام كۆز يۇمدى. ئاق رەختنىڭ ئۈستىدە مۇسىبەت لەيلەپ تۇراتتى. يۆتەل ئاۋازى ئەمدى مەڭگۈلۈككە يۈتكەن ئىدى.

 

دادامنىڭ قەبرە تېشىغا

 

بوۋا ،كۆزۈڭنى قاغا چوقۇدى،

مومام تەشۋىشتە دۇرۇت ئوقۇدى.

دادامغا ئەزرائىل قول بەرگەن كۈنى،

تىلى سۆزلىمىدى،تېنى سۆزلىدى.

بىر كېچە تەڭرىنى چۈشەپ چىقتۇق بىز،

بىر كېچە ھىجراننى كۆشەپ چىقتۇق بىز،

ئاپئاق يوپۇقتىن توزۇيتتى غۇسسە.

 

قارايتتى تۈڭلۈكتىن،پەنجىرىلەردىن،

دادامنى چىللىغان ئاقكۆڭۈل روھلار.

 

ياغاچ ئات ئاقاتتى قولدىن -قوللارغا،

كۆز يېشى ئاقاتتى چىغىريوللارغا.

بىر توپ پەرىشتە كولايتتى يەرلىك،

«ئىز» لىرى كۆمۈلگەن رايىش دادامغا.

 

سەن تىككەن سېدىنى بېسىپتۇ تەشۋىش،

دوقمۇشتا قالغىنى يۆتەل ئاۋازى.

بىر ئۆمۈر تۇپراقنى ھاپاشلاپ ئۆتتۈڭ،

ھارۋاڭنىڭ چاقىدا قىسمەتنىڭ سازى.

 

گاھىدا ھاجىغا ئەگىشىپ ماڭساڭ،

گاھ تۆمۈر خەلپىگە بېرەتتىڭ سالام.

«ئويغانغان زىمىن» دا ئويغاندىڭ نەچچە،

ۋارىسلار يول ئالسا مەيخانە تامان.

 

ھۆكمىتىڭ قەبرەڭگە بولغاندۇ يوپۇق،

تەقدىرنىڭ كالتىكى ساۋىماس ئەمدى.

سەن ماڭغان يوللاردا ئولتۇرۇپ مەيۈس،

بىر- بىرلەپ پۇرايمەن يارقىن ئىزىڭنى.

 

بېغىڭمۇ قۇرىدى ئۆزۈڭ بىلەن تەڭ،

كۆتەكتە بىخ سۈرەر يېپيڭى ئارمان.

دىلىمدا ئۈندۈرگەن ئادىمىيلىكىڭ،

ئۇنتۇلغان قېنىمغا بەرمەكتە زۇۋان.

 
ھازىر ئاشۇ قۇرۇپ كۆتىكىلا قالغان باغقا كىرگىنىمدە بىر ئادەمنىڭ ھاياتلىق مۇساپىسى ھەققىدە ئويلارغا چۆكىمەن.دادام بىلەن قىسمەتداش بۇ باغدىن بالىلىق دەۋرلەرنىڭ ئىزنالىرىنى ئاختۇرىمەن.دەرۋەقە چوڭ بولغاندىن كېيىن نۇرغۇن ئۈرۈك قېقى يېگەن بولساممۇ تەمى ئاشۇ بالا چاغلىرىمدا يېگەن ئۈرۈك قېقىدەك تەملىك تېتىمىغان ئىدى.
مەن ھازىرغا قەدەر بىرەر تۈپ دەرەخ تىكىپ باقمىغان ياكى پەرۋىش قىلىپ باقمىغان.لېكىن 38 ياشقا كىرىپ بىر ئوغۇل بىر قىزغا ئاتا بولغىنىمدا ئاتا-ئانامنىڭ 6 بالىنى ۋە بىر باغنى پەرۋىش قىلىش جەريانىدا چەككەن رىيازەتلىرىنى چۈشىنىپ يەتتىم ھەمدە <بىر ئۆينىڭ مورىسىدىن ئىس چىقارماقنىڭ تەس>لىكىنى،ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ ياشاپ ئۆتكەنلىكىگە شاھىد قىلىپ ھېچبولمىغاندا بىرەر تۈپ كۆچەت قالدۇرۇش لازىملىقىنى ھېس قىلدىم.ھەر قېتىم چوڭ ئۆيگە بارغىنىمدا بېغىمىزدىكى ئاشۇ ئاخىرقى بىر تۈپ ئۈجمە ماڭا مۇشۇنداق بىر ھېكمەتنى پىچىرلاۋاتقاندەك تۇيۇلىدۇ.

مۇشەققەتلىك سەھرا تۇرمۇشىدا قەلبىمدە مەڭگۈلۈك ئورناپ كەتكەن قامەتلەر بار. قوشنىمىز تۇرسۇنئاخۇن ئىسىملىك بوۋاي قەھرىتان قىشتا ئېشەك ھارۋىسى بىلەن 40-50 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى كۆمۈرلۈككە كۆمۈر ئالغىلى بېرىپ يولدا سوغۇقتىن مۇزلاپ ئۆلۈپ قالغان ئىدى.كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى، ئېشەك ئۆز يولىنى تېپىپ قايتىپ كەلگەن ئىدى. ئوغلى يۈتۈپ كېتىپ ئورنىغا بىر قوزىنى ئوغلىدەك پەرۋىش قىلىپ باققان، بالا دەردىدە نېرۋىسىدىن كەتكەن سارىخان ئىسىملىك قوشنىمىز، ئائىلە بېسىمىغا بەرداشلىق بېرەلمەي ئېسىلىپ ئۆلىۋالغان پەرىدەم ئىسىملىك قىز، بىز ئۈچۈن قېرىغىچە خىزمەت قىلغان جەدە قېچىرىمىز( جەدە قېچىرىمىز مەلۇم بىر جايغا سېتىۋېتىلگەندە قېچىپ كەلگەن ئىدى. ئۆمرۈمدە ئۇنچىلىك مۇلايىم، ئۇنچىلىك ۋاپادار ھايۋاننى ئۇچراتمىدىم. )

ئۆرۈك ياغىچىدىن ياسالغان، غىچىرلاپ ئېچىلىدىغان ئىشىكىمىز، مۆكۈشمەك ئوينىغان ئېغىللار، چۆمۈلىدىغان كۆللەر، كۇرۇلدىغاق پاقا، ئالۋاستى پاراڭلىرى، مەن قوي باققان جاڭگاللار... ھەممىلا نەرسە ئەسلىمەمدىكى ئۇنتۇلماس روجەكلەر .

 تىنىمسىز قاسراق تاشلاۋاتقان مەن مەكتەپ مۇھىتىدا قىپقىزىل ئارزۇلار بىلەن ئۆسۈپ يېتىلمەكتە ئىدىم. بالىلىق چېغىمغا نىسبەتەن چوڭ، ھازىرغا نىسبەتەنمۇ ئەھمىيىتى چوڭ بىر ئىش بولغان ئىدى. ئاغزىمىزدا نان بېرىپ باققان بىر ئاسلىنىمىز يېتىلىپ مۈشۈك بولغاندا توساتتىن يوقىلىپ كەتتى. بىر يىلدىن كېيىن ئورۇقلاپ، تېرىسى كۆرۈنۈپ قالغان، بىر يەكچەشمە مۈشۈك ئىشىك تۈۋىدە پۇتۇمغا سۇۋۇلۇپ تۇرىدۇ. ئوبدان سىنچىلاپ قارىسام بىزنىڭ بىر يىل بۇرۇن يوقالغان مۈشۈكىمىز. ئۇنىڭغا تاماق بەردۇق. بىراق ، كەچتە مۈشۈك بار ئۆيگە كىرسەك،مۈشۈك ئۆلۈپ قاپتۇ. كېيىن بىلدۇقكى، بۇ مۈشۈك ئوغرىلار تەرىپىدىن پىچان ناھىيسىگە سېتىۋېتىلگەن بولۇپ، بىر يىل ئۆتكەندە مۈشۈك پۇراش سېزىمىغا تايىنىپ 300 كىلومېتىردەك يولنى بېسىپ كەلگەن، ئېچىرقاپ كەتكەن ئەھۋالدا كۆپ تاماق يەۋېلىپ ئۆلۈپ قالغان ئىكەن. بالىلىق خاتىرەمدە بۇ ئىش ھازىرغىچە جۇلالىنىپ تۇرماقتا. باققان ئىگىسىگە بولغان ساداقەتمەنلىك، پەردازسىز مۇھەببەت ئەتراپىمىزدىن تالاي تېپىلىدۇ.

كىچىك ئانامنىڭ ئەسئەت ئىسىملىك بىر ئوغلى شۇ مەزگىللەردە جاڭگالغا ئوتۇنغا چىققان باھانە بىلەن يوقىلىپ كەتتى. ئەسلى قاسىم ئىسىملىك چوڭ ئوغلى ئوتۇنغا چىققاندا ئەسئەتنى ئېلىۋالغان بولۇپ، قايتىپ كەلگەندە ئەسئەتنىڭ يوقلۇقى بايقالغان. قاسىم كۆزىنى پارقىرىتىپ : <ئۇكام يولدا چۈشۈپ قاپتۇ> دەپلا گۆشىيىپ تۇردى. بىر كەتمەن چۈشۈپ قالغان بولسىمۇ- مەيلى ئىدى. پۈتۈنتىرىك بىر بالا چۈشۈپ قالسا- ھە... شۇ كۈنى قاتتىق يامغۇر يېغىپ، بوران چىقتى. بارلىق ئىزلار ئۆچۈرىۋېتىلگەن ئىدى. ئىزدەپ كىرمىگەن جاڭگال، يوقلىمىغان تۆشۈك قالمىدى.بەزىلەر قاسىم ئىنىسىنى ئۆلتۈرۈپ كۆمۈۋەتكەن بولۇشى مۈمكىن، دەپ گۇمان قىلىشتى. 14 ياشقا كىرىپلا خۇددى ئۇچار تەخسىدەك غايىپ بولغان ئەسئەت زىرەك بالا ئىدى.  سىر سىر پېتىچە قالدى. يۈسۈف ئەلەيھىسسالامنى كىچىكىدە قېرىنداشلىرى ئوينىتىپ كېلىمىز، دەپ قۇدۇققا تاشلاپ، قانغا مىلەنگەن كۆڭلەكنى ياقۇپ ئەلەيھىسسالامغا تاشلىغان كۆرۈنۈش ئۇزۇنغىچە كاللامدا يالتىراپ تۇردى. يۈسۈف ئەلەيھىسسالام بالىلىقىدا 11 يۇلتۇز ۋە قۇياش ئۆزىگە سەجدە قىلىپ چۈش كۆرىدۇ. مۇشۇ چۈش ۋە ئاتىسى ياقۇپ ئەلەيھىسسالامنىڭ يۈسۈفكە بولغان زىيادە ئامراقلىقى باشقا ئانىدىن بولغان قېرىنداشلىرىنىڭ رەشكىنى قوزغايدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئاللاھنىڭ سىنىقى باشلىنىدۇ.

 يۈسۈفقۇ مىسىرغا ۋەزىر بولدى. ئەسئەتچۇ؟ لېكىن ئەسئەت بەنى ئىسرائىل قەۋمى ئەمەس  بەلكى ئۇيغۇر قەۋمىدىن ئىدى. ھەر قەۋمنىڭ قىسمىتى ۋە پۈتمىشلىرى پەرقلىق ئىدى. ئەسئەتنىڭ تېنى تۇپراققا ئايلىنىپ بولغاندۇ- بەلكىم!

شۇ چاغدا ئاناملار مېنى كىچىك ئانامغا بېرىۋەتمەكچى بولغاندا، مەن يۈتۈپ كېتىشتىن قورقۇپ، قەتئىي بارغىلى ئۇنۇمىغان ئىكەنمەن. كىچىك ئانامنىڭ چوڭ ئوغلى قاسىم ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي نېرۋىسىدىن ئادىشىپ پويىزغا يەم بولۇپ كەتتى. شۇ مەزگىللەردە ئۇ كېچىلەردە تۇرۇۋېلىپ ئاسمانغا قاراپ بىر نەرسىلەر ئوقۇپتۇ، بۇغداينى سۇغا سېلىپ پىشۇرۇپ ئىچىپتۇ. ئۇندىن ئۆزگە تائام يېمەپتۇ. ئاڭلىشىمچە، كېيىن بىر پېرىخون كىچىك ئاناملارنىڭ ئۆيىنىڭ ئورنى دېۋە- پەرىلەرنىڭ ماكانى ئىكەن... دەپ ھۆكۈم قىلىپتۇ. ئۇيغۇرغا نېمانچە مۇھەببىتى كۈچلۈك دېۋە- پەرىلەر بۇ! كىچىك ئانام بۇ ئەلەملەرگە چىدىدى. سوقما تاملىق ئۆيىنىڭ تۈڭلۈكىگە قاراپ يېتىپ، سوقمىدەك ئىككى ئوغلىنىڭ چوڭ قىلىش ئۈچۈن چەككەن رىيازەتلىرىنى ئەسلىدى. بارلىق ئۇيغۇر ئانىلىرىغا ئوخشاشلا ياراتقۇچىغا شۈكرى ئېيتىپ، تۇرمۇش چار خالتىسىغا ھاياتلىق تەمەچلىرىنى قاچىلىغىنىچە بىر ئۆينىڭ مورىسىدىن ئىس چىقىرىپ ئۆتتى. ئۇ تا ھازىرغىچە يوقىلىپ كەتكەن ئوغلىنى قايتىپ كېلىدۇ، دېگەن ئۈمىد بىلەن ياشىماقتا. شۇ مەزگىللەردە دوقمۇشلاردا  كىچىك ئانامنىڭ يوقىلىپ كەتكەن ئوغلىنىڭ ئېكىسپىدىتسىيىچىلەر تەرىپىدىن قۇتقۇزۇۋېلىنغانلىقى، كېيىن ئامېرىكىغا چىقىپ كەتكەنلىكى، شۇ يەردە تۇرمۇش قۇرغانلىقى، ئانىسىغا خەت يازغانلىقى ھەققىدىكى تىپىك ئۇيغۇرچە پۇراققا ئىگە پاراڭلار ئەدەپ كەتتى. پەرزەنت ئىشقىدا يۈرىكى كۈل بولاي دېگەن كىچىك ئانام پىلدىرلاپ قالغان كۆزلىرىدىكى ئاخىرقى ئۈمىدلىرى بىلەن ئىشىككە قاراپ تالاي كۈنلەرنى ئۆتكۈزدى. ئوغلى ئۈچۈن تاماقتىن بىر كىشىلىك نېسىۋە ئايرىپ قويۇشنى ئۇنتۇمىدى. ئۈمىد يىپى يەنە ئۈزۈلدى. ھىجران ئەقىل كۆزىنى توسۇغان كىچىك ئانام پال ئاچتۇرۇپ، ئوغلىنىڭ مەلۇم جايدا ھايات ياشاۋاتقانلىقى، لېكىن مەلۇم سەۋەب بىلەن ئوغلىنىڭ قايتىپ كەلگۈسى بولسىمۇ ، ئىمكانى يوقلۇقى ھەققىدىكى ھۆكۈمگە ئۆزىنى ئىشەندۈرۈپ كەلمەكتە. بالىلىقىم جىن ھەم جىنغا مۇناسىۋەتلىك پاراڭلار بىلەن باغلاندى. قوغۇنلۇقلاردا جىن پارىڭى سېلىشىپ ئۆزىمىز قورقۇشاتتۇق. بۇ بىر تاتلىق ۋەھىمە ئىدى.

كەچلەردە  ئۆيىمىزنىڭ ئارقىدىكى ئۈجمىنىمۇ جىن بار ... دەپ بەدەن- بەدەنلىرىم تىترەپ ئۆيگە كىرىۋالاتتىم. كەينىمدىن سان- ساناقسىز قوللار سوزۇلۇپ كېلىۋاتقاندەك سېزەتتىم. كېچىسى ئايدىڭدا كۆلەڭگىسى پۇچۇق كۆرۈنگەن ئادەم پات ئارىدا ئۆلۈپ كېتىدۇ... دېگەن سۆز مېڭەمنىڭ چوڭقۇر ئازگاللىرىدا ئەكسىلەنگەندە، ئايدىڭدا سىرتقا چىقىشتىن خەۋپسىرەيمەن. چىققاندىمۇ سايەمنىڭ پۇچۇق ياكى ئەمەسلىكىگە ۋەھىمە ئىچىدە نەزەر سالىمەن.

 شۇ مەزگىللەردە قوي بېقىۋاتقان بىر ئادەمگە تېكە سىياقىغا كىرىۋالغان بىر جىننىڭ گەپ قىلغانلىقى ھەققىدىكى پاراڭلارنى ئاڭلىغىنىمدا، قويلىرىممۇ تۇيۇقسىزلا بىر كۈنى ماڭىمۇ گەپ قىلىپ سالىدىغاندەك تۇيۇلۇپ ئەندىككەندىمەن، مەھەللىمىزنىڭ ئۈستىدە بىر مازار بار. سۈرلۈك توغراقلار، تۈزلىنىپ كەتكەن قەبرىستانلىق، مۈشۈكياپىلاقلارنىڭ سايراشلىرى بۇ يەرگە ئاجايىپ سىرلىق تۈس بەرگەن. بۇ يەردە ياتقان زات بالىلارغا جىگدە بېرىپ ئىمان ئېيتقۇزغان ئىكەن. بۇ زات «ھايات غوجام » دەپ  قارىلىپ،ھېلىمۇ نۇرغۇن تاۋاپچىلارنىڭ ئىخلاسىنى تارتىپ تۇرماقتا. بۇ زات مۇرىتلىرى بىلەن كېتىۋاتقاندا تۇيۇقسىز كىچىكلەپ، كىچىكلەپ غايىپ بولۇپ كەتكەن ئىكەن. كىشىلەر ئۇنىڭ ئورنىنى بېكىتەلمەي بېشى قېتىپ تۇرغاندا ھازىرقى مازار ئورنىدا زىمىستان چىللىدە ياپيېشىل قومۇش ئۆسۈپ چىققان ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن شۇ جايغا مازار بىنا قىلىنغان ئىكەن. چەكسىز قورقۇنچ تۇيغۇسى ئىنساندا شۇ ئوبيېكىتقا نىسبەتەن قورقۇنچ ھەم قىزىقىش تۇيغۇسى قوزغايدۇ.  كىچىك چاغلىرىمدا بىر قاتتىق ئاغرىغانمەن. بىھۇشلۇق بىلەن ئويغاقلىق ئارىسىدا، مېڭەمدە شىڭىلدىغان بىر ئاۋاز، تۈڭلۈكتە بىر غەلىتە مەخلۇق ئۆيگە قاراپ ئولتۇرىدۇ. مەن ئاۋاز چىقىرىشقا ئامالسىز. ئۆيدە يالغۇزمەن. بىراق، شۇ بالىلىقىمدا بىر ئاغرىغاندىن كېيىن قاتتىق ئاغرىپ يېتىپ قالمىدىم. دادامنىڭ تۆمۈرچىلىك دۇكىنىدىن ئاڭلىنىدىغان تاراڭ- تۇرۇڭلار ئىچىدە ئۆز دۇنيايىمنى قۇرۇپ چىقماقتا ئىدىم.

تۇرمۇش قاتتىقچىلىق ئىدى. بۇغداي نېنى يېيەلىگەنلەر ئۆزىنى بەختلىك ھېس قىلاتتى. بىر تۈپ گىياھنىڭ تۈۋىگە سەكسەن قېتىم ئىڭىشىپ يۈرۈپ تالاي بوۋاي- مومايلار باقىغا ئۇزىدى. ئاللاھ زىمىن قوينىدىن يېمىشلىرىنى چىقىرىپ، يەنىلا قىيا- چىياغا ئامراق ئىنسانلارغا تەقدىم ئەتمەكتە ئىدى. ھاياتلارغا تۇرمۇش كېرەك بولسا، ئۆلۈكلەرگە گۆر كېرەك ئىدى. سوقماقلاردا سوقۇلۇپ، توقماقلاردا يوقۇلۇپمۇ يەنە ئىزىنى يىتتۈرۈپ قويماي ياشاپ كەلگەن بۇ مىللەتنىڭ ۋۇجۇدىدىكى قەيسەر روھ ئۆرۈلگەن تاملارنىڭ ئورنىغا يېڭى تاملارنى تىكلەپ، تۈنۈگۈنكى چالنىڭ ئورنىغا بۈگۈنكى نارسىدىنى تۇغۇپ، ئەللەي ناخشلىرىنى بۆشۈكتىن بۆشۈككىچە ئۇلاپ كېلىۋاتاتتى. سۇ قاندىن قەدىرلىك بۇ يۇرتتا كىشىلەر قاتتىق سوقۇشۇپ قالسىمۇ <ئۆزلىرى> نى ئاغزىدىن چۈشۈرمەيتتى. مۈرە- مۈرىلەرگە تېگىشىپ تۇراتتى. تىنىقلار تىنىقلارغا ئۇرۇلۇپ تۇراتتى. تونۇردىن يېڭىلا قومۇرغان ناننى قوشنىسىغا سۇنغان موماينىڭ ئىگىلگەن بەستىدە بىر ئېمپىرىيەنىڭ سەلتەنىتى ھەم بۈيۈكلۈكى پارلاپ تۇراتتى. ئىشىكلەر مېھىرلىك ئىدى. چامغۇر سالغان ئاشلار سىڭىشلىك ئىدى. ئادەملەر ھايالىق ئىدى، كۆتۈرۈشلۈك ئىدى. نېمىشقا كۆتۈرۈشلۈك بولمىسۇن؟! بىر گەز ئىگىزلىكتىكى بۆكلەر كىيگۈزۈلگەندە، كىتابلىرى كۆيدۈرۈلگەندە ، نىيىتى تۈز بولغانلىقى ئۈچۈن يەكلەنگەندە كۆتۈرگەن بۇ ئادەملەر بۇ زىمىننىڭ تۇزى ئىدى. دۇئا- مۇناجات سىڭىپ كەتكەن تاملار، گۇناھ تۇيغۇسىدا تىترەپ تۇرغان دىل شەيتانغا ئورۇن قالدۇرمىغان ئىدى. تائام يېسە مۈشۈك، قۇشقاچلارغىچە رىزقىنى ئايرىپ، ئەڭ ئاخىرقى بىر تال نېنىنىمۇ مېھمانغا تەقدىم قىلالىغان بۇ كىشىلەر يەر شارىنىڭ مەركىزىي قۇرۇقلۇقىدىكى ئەڭ قۇرغاق رايوندا خۇددى بىر تۈپ توغراقتەك قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى.مەن ئەنە شۇ سەھرادا بىخ سۈردۈم. تۇغۇلغان يېرىنى يۈز قېتىم تاللاش پۇرسىتى بېرىلگەن تەقدىردىمۇ مەن مۇشۇ قۇرغاق، سېغىز تۇپراقنى، رىئاللىققا ئوڭ كۆزىدە باقىدىغان بۇ قەۋمنى تاللىغان بولاتتىم.

 بۇ يەردە ئاپتاپ بالكۇنلارغا ئەمەس كىشىلەر قەلبىگە سىڭىدۇ. بۇ يەرنىڭ ئېشەكلىرىمۇ دېھقان ئاتامنى بالدۇرراق ھاللىق سەۋىيىگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن تېپچەكلەيدۇ. بۇ يەردە ئازابمۇ سۇغا ئوخشاش سىڭىپ كېتىدۇ. بۇ يەردە بۇيرۇقلار بىجاندىل ئورۇنلىنىدۇ.

تالاي ئەزىمەتلەرنى قوينىدىن چىقارغان بۇنداق سەھرالار جاھاننىڭ ئۆزگە ئىقلىملىرىدا ئاز كۆرۈلسە كېرەك.

مەن قىسمەن يازغۇچى، شائىرلارنىڭ تەرجىمھالىنى ئوقۇغىنىمدا ئۇلارنىڭ بالىلىقىدا قوغۇن ئوغرىلىغانلىقىدەك ئىشلارنى ھەۋەس بىلەن يازغانلىقىنى پەقەتلا قوبۇل قىلالمايمەن. ئوغرىلىق سىز مىڭ پەردازلىسىڭىزمۇ ئوغرىلىق. بۇ تەرجىمھالدىن بالىلىرىمىز قانچىلىك ئېنىرگىيە قوبۇل قىلار؟ ئۇنىڭدىن ئادىمىيلىك ئۈگىنەرمۇ ياكى ئوغرىلىقمۇ؟

*******

ئائىلەمدىكى مۇھىتنىڭ تەسىرىدىن گۇناھ تۇيغۇسىنى خېلى بالدۇر تاپتىم. باشلانغۇچتا ئوقۇۋاتقان مەزگىللىرىمدە ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىمىز ئاتا- بوۋىلارنىڭ ئەقىدىسىگە زىت كۆز قاراشنى تەرغىب قىلغاندا ئۇدۇل كېلىپ دادامغا ئېيتقان ئىدىم . مەھەللىدە  بۇ ھەقتە غۇلغۇلا بولدى. مۇئەللىم ماڭا ئۆچ بولدى.

ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىمىزنىڭ ماڭا بولغان پەرقلىق مۇئامىلىسى مېنى ماتېماتىكىدىن بەزدۈرۈشتىن ئۆزگە رول ئوينىمىدى. شۇندىن تارتىپ ماتېماتىكىغا خوش، دېدىم. ئالىي مەكتەپكە چىققاندىمۇ تۇنجى بولۇپ ماتېماتىكا ئۆتۈلىدىغان، ئۆتۈلمەيدىغانلىقىنى سورىغىنىم يادىمدا. بالىلىقتىكى ئاسارەت ئەر بولغانغا قەدەر تۇيغۇلىرىمنى ھاشارەتتەك چېقىپ تۇردى. قان- قانلىرىمغا سىڭىپ كەتكەن جۈرئەتسىزلىك ۋىرۇسلىرى ھالقىلىق پەيتلەردىمۇ چىش يېرىپ بىر نەرسە دېمەسلىكىنى ئۈگەتكەن ئىدى. مۇئەللىملەرنىڭ نەزىرىدە مەن دۆت ئىدىم. دۆت بولغانلىقىم ئەقىللىقلەرنىڭ كېرىلىپ ياشىشىغا يېتەرلىك باھانە بولالايتتى. ھازىر ئويلىسام، «ئېينىشتېيىن، ئېدىسونلارمۇ مەكتەپتىكى چېغىدا دۆت، دەپ قارالغان ئىدى» دېگەندەك ئۇيغۇرچە ھاياجانلارغا چۆمۈپ قالىمەن.

بىراق، رەختتىن تىكىلگەن سومكىغا پارچە قەغەزلەرنى يىپ بىلەن تىكىش ئارقىلىق ياسالغان دەپتەرنى، تولا ئۇچلىنىپ قولدا ئاران تۇرغۇدەك دەرىجىدە قىسقىراپ كەتكەن قېرىنداش قەلەمنى ئىشلەتسەكمۇ ئوقۇشقا بولغان قىزغىنلىقىمىز يۇقىرى ئىدى. ئەڭ مۇھىمى قەدىردان ئاتا- ئانام دېھقان بولسىمۇ پەرزەنتلىرىنىڭ تەربىيىلىنىشىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەن ئىدى. ئۇلار بىلىمنىڭ قۇدرىتىنى ئۆزلىرىنىڭ دېھقانچە تەپەككۇرىغا تايىنىپ چوڭقۇر ھېس قىلغان ئىدى.

ئانام تۇخۇم ساتقان پۇللارنى كىتاب پۇلىغا تاپشۇرغاندا، دادام بىر كالاچنى كەم كىيىش بەدىلىگە ماڭا ئاياغ ئېلىپ بەرگەندە مېنىڭ بۈگۈنكىدەك مىسرانىم مۇنبىرىگە ماقالە يازغۇدەك  بىر ئادەم بولۇشۇمنى ئويلاپ ئولتۇرمىغاندۇ!  ئەمما ئۇلار بالىلىرىنى تەربىيەسىز قويۇشنىڭ ئىنتايىن رەزىل ئىش ئىكەنلىكىنى ئاقكۆڭۈل يۈرىكى بىلەن ھېس قىلغان. شۇ نىشان ئۈچۈن تىرىشقان ئىدى. شۇڭا ھەر قېتىم سەھراغا بارغاندا مۇھتاجلىق قەددىنى ئەگكەن بوۋاي- مومايلارنى، كەتمەن دەستىدىن مەزگىلسىز قېرى چىراي بولۇپ قالغان ئاتا- ئانىلارنى ئۇچراتسام ئۇلارنىڭ بالا- چاقىلىرىنىڭ بۇنداق جاپالارغا قالماسلىقىنى تىلەيمەن.

 تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرگىچە ھاياتىمنى ئېقىندا لەيلىگەن پاخالدەك ئۈنسىز ئۆتكۈزدۈم. باشقا قەلەمكەشلەردەك چۆچەك ئاڭلايدىغان تەلەي ماڭا نېسىپ بولمىدى. بىراق كىتابقا ئاچ قۇرۇتتەك ئىنتىلىپ، ياشىدىم.شۇ چاغلاردا ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ «ئىز»ناملىق تارىخىي رومانى يېڭىلا نەشىردىن چىققان چاغلار ئىدى. قوي بېقىپ يۈرۈپ بىر كۈندە تاماملاپ بولغان ئىدىم. بۇ يەردە ھەممىلا نەرسە زىمىننىڭ رەڭگىدە ئىدى. بوزىرىپ ياتقان  مېڭە دالالىرىمدا بىر توپ قوي ئوتلاپ يۈرەتتى. قۇرداشلىرىم بىلەن يىلان ئۇۋىسى كولاپ يۈرگەنلىرىمدىكى ھاياجان ئارزۇلار نىمجان ئىدى. بىراق، تەبىئەتنىڭ گۈزەللىكىگە سېزىملىرىم ئورتاقلاشماقتا ئىدى. دۇنيادىكى ئەڭ قۇرغاق رايونلارنىڭ بىرى بولغان تەكلىماكاننىڭ شەرقىي بۇرجىكىگە تۇتاشقان  ئۈنۈمسىز سايلىقتا ئىنساننىڭ ھاياتقا بولغان مۇھەببىتى ۋە مۇھىتقا ماسلىشىش قۇدرىتى يېشىل رەڭدە ئۆزىنى نامايان قىلماقتا ئىدى.مەۋھۇم خورازلارنىڭ چىللاشلىرى، ئىتلارنىڭ قاۋاشلىرى، گۆرىدىن چىقىپ قالغان جەسەت، سىرلىق غەزىنە ئىزدىگۈچىلەر ۋە يوچۇن كىشىلەر بۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ رىۋايەت ۋە نامراتلىق گىرۋىكىدە ئىڭراۋاتقان تۇيغۇلىرىنى گاھ- گاھىدا چالغىتىۋېتەتتى. سەرگەردان قۇشقاچقىمۇ ئۇۋا ياساپ بېرىدىغان بۇ كىشىلەرنىڭ بىپەرۋا ھەم ھەممىلا نەرسىگە ئاقكۆڭۈل رەڭ بېرىدىغان خاراكتىرى ئىچىدە كارىزدەك پىنھان بىر ئېقىن ئاقاتتى. مەيلى بۇ ئېقىن قانچىلىك دەرىجىدە يۆنىلىش ئۆزگەرتكەن بولسۇن ياكى ئۆزگەرتىۋېتىلگەن بولسۇن، بۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ بېشىدىكى چىمەن دوپپا زادىلا ئۆزگىرىپ باقمىدى. تونۇش ئۈجمىلەر، پىشايۋانلىق ھويلىلار، سەمىمىي قويلار، مېھرى چوغدەك كوچىلار، تونۇر بېشىدا ئېيتىلغان چۆچەكلەر ھەر بىر ئۇيغۇر پەرزەنتىنىڭ بەختى ئىدى. بۇ توپىلىق مەھەللىلەردە يەر شارىغا ئوزۇق بولغۇدەك ئېسىل ئۇدۇم، ئەخلاق ئۆرنەكلىرى، قىممەتلىك قايغۇ ۋە تەشۋىشلەر ھۆكۈم سۈرەتتى. ھېچكىم ھېچكىمنى بوزەك قىلمايتتى. لېكىن ئىززىتىنى بىلمىگەن نائەھلىگە ئوق بولۇپ ئېتىلاتتى. چوغ بولۇپ چېچىلاتتى. بۇ دەل پۇرسەتكە ئېرىشسە ئۆزىنى ئاشكارىلايدىغان، مۆرىتى كەلگەندە ئاجايىپ ھاياتىي كۈچى بىلەن ئەسىرلەرنى ئەسىرلەرگە ئۇلىغۇچى ئۇيغۇر روھى ئىدى. سوغۇق نەپەس مەلئۇنلار بۇ پاكىز ئېقىننى بۇلغىماقچى بولدى. مەقسەتكە يېتەلمىدى. قۇرۇتماقچى بولدى، چۈنكى ئۇلار ئۆزلىرى ئىچەلمىگەننى بۇ بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ ئىچىشىنىمۇ خالىمايتتى. نارەسىدىلەر قىرقىراپ يىغلايتتى. ئانىلارنىڭ ئېتەكلىرى يىرتىق ئىدى. ئاتىلار گەز باغلىغان لەۋلىرىدە ياراتقۇچىنى زىكرى قىلىپ، ئۆز ئەھلى ئۈچۈن بەرىكەت تىلەيتتى.

تارىخىي يازمىلار دۆۋىسىدە تۇرۇپ ئورخۇن دەريا ۋادىلىرىدىن تەكلىماكان قىرغاقلىرىغا، ئابدۇرەشىدخاننىڭ ئوردىسىدىن ھىدايىتۇللا غوجىنىڭ ھەلقە – ساما ئەۋج ئالغان خانىدانلىرىغا نەزەر تاشلىدىم.

ئات ئۈستىدە چېپىپ كېتىۋېتىپ ئوقنى ئالدىغا قانداق ئاتسا كەينىگىمۇ شۇنداق ئاتىدىغان چەۋەنداز قەۋمنىڭ ئەۋلادلىرى ساپايى سوقۇپ، كۆزلىرىگە كەيپنى دۆۋىلەپ قويۇپ، خوتۇن ئېلىش ھەلەكچىلىكىگە چۈشكەن ئىدى. پۇل ساناش ئەڭ ھۇزۇرلۇق ئىشلارنىڭ بىرىگە ، خوتۇن ئالماشتۇرۇش ئەڭ جەلبكار مەشغۇلاتلارنىڭ بىرىگە ئايلانغان ئىدى. تۈرلۈك مەپكۈرىلەرنىڭ قۇم- توزانلىرىدا كېلەچەككە تىكىلگەن كۆزلەر خىرەلىشىشكە باشلىغان. بۇ ھىجرانكار زىمىن ئۇرۇش تەلۋىلىكى ۋە شەھۋەت جاڭگاللىرىغا ئات سالغانلارنىڭ مەشق مەيدانىغا ئايلانغان ئىدى. ئاق ياغلىقنىڭ ئۇچىدا يېشىنى سۈرتىۋاتقان ئۇيغۇر ئانىنىڭ قەلبى چۆلگە ئايلانغان ئىدى. بۇ قەۋمنىڭ تاغدەك يۆلەك بولغان ئاقساقاللىرى ياۋ قاپقىنى ئاستىدا تىپىرلىسا، ئۈمىدا دالاسىنىڭ يىگانە چىنارلىرى بولغان نارەسىدە ئوغۇللار ئەپيۈنكەش يايىلارنىڭ چىلىمىغا ئوت يېقىش بىلەن ئاۋارە ئىدى. تالاي ئەسىرلەر غەپلەت ئۇيقۇسىدا ياتقان بۇ دىياردا بولۇپ ئۆتكەن تۈرلۈك ئالامانلار بىر كۈنلۈك روزىغارىغا شۈكرى- سانا ئېيتىپ، ئېغىلىغا كىرىپ مېلىنى، كاتىكىگە قاراپ چۆجىسىنى ساناپ شۇنىڭدىن شادلىق تېپىپ ئۆتكەن بۇ دىيار كىشىلىرىنىڭ ۋۇجۇدىدا دەھشەتلىك سىلكىنىشلەرنى روياپقا چىقارماقتا ئىدى . خىلۋەت رەستىلەرنىڭ مۇڭ باسقان قازناقلىرىدىن يېڭىچە بىر ئاڭ سۈزۈلۈپ چىقىۋاتاتتى.

ئۆزگىرىش بەكمۇ تېز بولدى. كالا ھارۋىسىنىڭ ماشىنىغا، چورۇقنىڭ بەتىنكىگە، قىرىق تال چاچنىڭ بۈدرە چاچقا ، سامانىڭ دېسكوغا، قەدىم چايخانىنىڭ دىباغا ئۆزگىرىشى ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن پارتلاش خاراكتىرىدە بولدى. قامغاق ئۇرۇقى يەپ جان ساقلىغان ئۇيغۇر ئەمدى رېستۇراننىڭ ئايرىم خانىلىرىدا چوكىلارنى سالاپەت بىلەن ئوينىتىپ، ئاشقان قورۇمىلارنى تۆكۈش ئاۋارىچىلىقىغا چۈشكەن، بىر قىسىم كىشىلەر ئاچلىقتىن ئەمەس، ئەقىدىسىزلىكتىن ئۆلۈشكە باشلىغان ئىدى.ئەدىب- سەنئەتكارلار توقلۇقنى مەدھىيلەپ ئاۋارە ئىدى.

خەيرىيەت، مۇشۇنداق ئازابى بار زىمىندا تۇغۇلۇشۇم بەختىمدۇر. ئازابنى ھېس قىلالمايدىغان سۆلەتۋاز ئەرەب بولۇپ تۇغۇلغاندىن، پىغانى بار ئۇيغۇر بولۇپ تۇغۇلغانلىقىم تەلىيىمدۇر، بەلكىم. مەن ئۆلگەندە يەنىلا تاۋۇتۇمنى كۆتۈرىدىغىنى مۇشۇ ئەل ئىدى. مېنى ئۇيغۇرلۇق مەستخۇشلۇقىغا غەرق قىلىدىغىنى مۇشۇ بىر توپ كىشىلەر ئىدى. ئادەم ئاتىنىڭ تۇنجى ئاياغ ئىزى چۈشكەن ، نوھنىڭ كېمىسى توختىغان، سۇلايماندەك پادىشاھلار سەلتەنەت سۈرگەن يەتتە ئىقلىمنىڭ بىر پارچىسى بولغان بۇ دىيار مەپتۇنكار ئىدى.  روھىمدىكى قەدىم تېرەكنى ياشنىتىپ تۇراتتى. يەر شارىنىڭ ھەممە بۇلۇڭ- پۇچقاقلىرىنى كېزىپ چىقىش پۇرسىتىگە ئېرىشىشىم مۈمكىن ئەمەس. تەكلىماكان، ئانا تارىم قىرغاقلىرىنى زىيارەت قىلىش ئارمانلىرىمنىڭ بىرىدۇر. تىلىڭنى چۈشەنمىگەن يەردە قاقاقلاپ كۈلگىنىڭدىن، ئانا يۇرتۇڭدا ھۆكۈرەپ يىغلىغىنىڭ ئەۋزەلدۇر.

***       ***

ئاكامنىڭ «ئالىي مەكتەپكە ئۆتەلمىسەڭ كالا باقىسەن» دېگەن تەھدىتى ئۈچۈنلا تىرىشقان ئىدىم. ھەقىقىي ئادىمىيلىك يولۇمنى تاپاي، ئەركەك بولاي دېمىگەن ئىدىم.   «كۆك مارجان»،«يول باشلىغۇچى» قاتارلىق كىنولارنىڭ مېھرىدىن كەچتۈرگەن ئالىي مەكتەپكە چىققان چېغىمدا ئىگىز چوققىنى كۆرۈپ ، ئۇنىڭ نېرىسىدىكى دۇنيانى كۆرمىگەن سائىلدەك كۈنگە قالغىنىمنى ھېس قىلغان ئىدىم.

ئوتتۇرا مەكتەپتە  قىزلاردىنمۇ بەكرەك خىجىلچان ئىدىم. باشقىلار يەتتىنچى قانات ئىشكنى يېپىپ بولغاندا، ئەمدىلا بىرىنچى قەۋەت ئىشىكنى يېپىپ، ئۇنىڭ يېپىلغان- يېپىلمىغانلىقىغا دېققەت قىلىدىغان تىپىك كالا يىللىقلارغا خاس ئەستايىدىللىق بىلەن ياشىدىم.  ياۋاشلىق گاھىدا ئەيىبىمگە ئايلانغاندا ، كۆز ئالدىمدا ياۋا مۇشتلار پۇلاڭلىغاندا، روھىمدا بىر زىلزىلە پەيدا بولاتتى. ئۇنىڭ زىلزىلىسىدە گاھىدا ئەسەبلىرىم قايناپ، بىر نەچچە دەقىقىلىق باتۇرغا ئايلىناتتىم. مېڭەمگە ئۆرلىگەن <ئو> تىپلىق قان پەسەيگەندە ماڭا قارا سانىغانلارنىمۇ ناھايىتى تېزلا كەچۈرىۋېتەتتىم. شۇ ئۈن- تىنسىزلىك ئىچىدە يەنە بىر خىل پاكىزە روھمۇ سۈزۈلۈپ بارماقتا ئىدى.

شۇ مەزگىللەردە بوۋام مۇھەممەت سىدىق كېسەل بىلەن قازا قىلدى. شۇ كۈنى كۈن تۇتۇلغان بولۇپ، بۇ 1987- يىلى ئىدى.  ئۇ چاغلاردا مەردانە شىرمەتلەر كۆپ ، قىزىلكۆز ، خۇنسىلار ئاز بولغاچقىمۇ، مەنىۋىي ئېكولوگىيە خېلى ساغلام ئىدى. بوۋام دېمەتلىك كىشىلەرنىڭ ئىچىدە ئاغىنىدارچىلىقنى ھالاللىق ئۈستىگە قۇرۇپ، كەيپ- ساپادىن قېچىپ، ياخشىلىققا ئالدىرايدىغانلار كۆپ ئىدى. خۇددى جالالىدىن رۇمىي ئېيتقاندەك، بۇ كىشىلەر ئېتىنى ئوقۇرغا باغلىيالىغان، روھىنى خېلى يۈكسەك پەللىلەرگە يەتكۈزەلىگەن ئىدى. ئۇلارنىڭ گەپ قىلمىغان تۇرقىمۇ بىر تەربىيە ئىدى. مومام خەلچىخان 96 ياشقىچە ئۆمۈر كۆردى. ئوتتۇرا مەكتەپتىكى چاغلاردا بىر مەزگىل مومامنىڭ ئۆيىدە تۇرۇپ ئوقۇدۇم. 70 تىن ئېشىپمۇ چاچلىرىنىڭ خېلى كۆپ قىسمى قارا كۆرۈنىدىغان مومامنىڭ يەل- يېمىش قاچىلايدىغان ساندۇقىدىن گاھ گۈلە، گاھ جىگدە، گاھ قەنت قاتارلىق يېمەكلىكلەر يانچۇقۇمغا چۈشۈپ تۇراتتى. مومامنىڭ ئاكىسى 106 ياشتا تۈگەپ كەتتى. بۇ كىشى نىكاھىدا ئىككى ئايالنى ساقلىغان بولۇپ، ياش چاغلىرىدا ئېشەكلىك ھەجگە بارغان ئىكەن. ئېشەكلىك ھەجگە بارغان چوڭ بوۋام بىلەن ئېشەكلىك تىئەنئەمىنگە بارماقچى بولغان قۇربان تۇلۇم بوۋاينىڭ تەقدىر، قىسمەتلىرى كىشىنىڭ تەپەككۇرىغا ئېغىردىن ئېغىر سۇئاللارنى تاشلايدۇ.  

مىلادىيە 1990- يىلى  مەن شىنجاڭ ئۇنۋېرستىتىنىڭ تىل- ئەدەبىيات كەسپىگە قوبۇل قىلىنغانلىق ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرىۋالدىم.

شىنجاڭ ئۇنۋېرستېتىنىڭ 4- بىنا 408 - نومۇرلۇق ياتىقىدا يېتىپ، كۆرمىگەن ئالامانلارنى، ئاڭلىمىغان غارايىبلارنى ئاڭلاپ، كۆردۈم. كۈپكۈندۈزدىلا قىزلار ياتىقى تەرەپكە قاراپ سىيىۋاتقان قارا يۈز لۈكچەكلەرنى ئۇچراتتىم. پىروفىسسورلارنىڭ بەزى بالىلىرى ئاقچى، سولامچى ئىكەن. كىتاب ياكى كىنولاردىكىدەك ئىجابىي، سەلبىي دەپ ئېنىق ئايرىلغان قەھرىمانلار قېنى؟! ھايالىق كۆرۈنگەن ئايرىم قىزلارنىڭ ئاكاتسىيە تېگىدىكى تاتلىق ھاسىراشلىرى، يۇرتلۇقلار ئارىسىدىكى جەڭگى- ماجرالار، دۆڭكۆۋرۈك بويىدا خېرىدار ساقلاۋاتقان، ياش- قورامى ھاممامدەك كېلىدىغان قېرى چوكانلار ۋۇجۇدۇمدىكى بىر پارچە بوز يەرنى تىندۇرىۋېتىشكە ئۇرۇناتتى. مەن بوي بەرمەيتتىم. بۇ يەردە بەزى قىزلار ئۇز ئىدى. لېكىن تۈز ئەمەس ئىدى. بەزى ئەركەكلەر ساقال- بۇرۇتلۇق ئىدى. لېكىن، غۇرۇرلۇق ئەمەس ئىدى.ئوقۇش پۈتتۈرۈشكە ئاز قالغاندا مەتتوختى ئىسىملىك خوتەنلىك ساۋاقدىشىمىز پەلسەپە تەتقىق قىلىمەن دەپ ئاخىرى نېرۋىسى كاردىن چىقتى. ئۇ خوتەننىڭ چىرا ناھىيىسىدىكى ئىنتايىن نامرات بىر دېھقاننىڭ ئوغلى ئىدى. مەتتوختى مەكتەپتە تولىمۇ قىيىنچىلىق ئىچىدە ياشىدى. مەن كېيىن ئۇنىڭ بەزى كۈنلىرى پەقەت بىر تال نان بىلەن كۈن ئۆتكۈزگەنلىكىنى ئاڭلىدىم. پۈتۈن تىرىك بىر ئادەم كاردىن چىقتى. ئۇنىڭ ئاتا- ئانىسى قانچىلىك ئارزۇلاردا ئۈرۈمچىگە يولغا سالغان بولغىيتتى؟ بىز بىر قېرىندىشىمىزغا ئىگە بولالمىغان ئىدۇق. پاھىشىۋاز، قويمىچىلار، پايپاق سودىگەرلىرىمۇ توقلۇقتىن كېكىرىپ ياشايدىغان بۇ دۇنيادا مەتتوختىدەك روھنى يۈكسەلدۈرۈش كويىدا يۈرگەنلەر بىر پارچە ناننىمۇ خاتىرجەم غاجىيالماي ساراڭغا ئايلاندى. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، مەن مەتتوختىنىڭ ئۆيىدىن چىقىپ كېتىپ چەكسىز تەكلىماكانغا كىرىپ كەتكەنلىكى ، ئۆلۈكىمۇ ، تىرىكىمۇ مەلۇم ئەمەسلىكى ھەققىدىكى رىۋايەت تۈسى ئالغان بىر گەپنى ئاڭلىدىم. بەلكىم، ئۇنىڭ روھى ئاشۇ چەكسىز قۇم بارخانلىرى ئىچىدە كېزىپ يۈرگەندۇ؟ چىرا ناھىيىسىنىڭ مەخمەل يېزا مەخمەل كەنتىدىكى تامدەك ئاتا بىلەن گۈليۈزلۈك ئانا ئىشىكىدە ئوغلىنى كۈتىۋاتقاندۇ؟

2004- يىلى ئوقۇش پىراكتىكىمىز ئاقسۇ ۋىلايىتى ئونسۇ ناھىيىسىگە ئورۇنلاشتۇرۇلدى. جاپالىق سەپەردىن كېيىن مەنزىلىمىزگە يەتتۇق. پۈتۈنلەي خارابە ۋە قەدىمىي قەبرىستانلىق بىلەن قورشالغان يەنە كېلىپ يارداڭلىق ئارىسىغا جايلاشقان بۇ مۇنبەت زىمىن بەكمۇ مېھىرلىك ئىدى. ناھىيە بازىرى ئويمانلىقتا ، قەبرىستانلىق ئىگىزلىكتە ئىدى. شۇڭىمۇ ئونسۇ ھەققىدە «ئونسۇ ئۆزى بىر رەستە، ئۆلۈكى ئېگىزدە ، تىرىكى پەستە» دېگەن بىيىت تارقالغان ئىكەن. ھەممىمىز ھەر ساھەلەرگە بۆلۈندۇق. مەن ناھىيىنىڭ مائارىپ تەزكىرىسىنى يېزىش خىزمىتىگە تەقسىم قىلىندىم. پىراكتىكا كۆڭۈللۈك بولىۋاتاتتى. نۇرغۇن مازارلارنى زىيارەت قىلدۇق.

بۇ قەدىمىي دىياردا ھاياتىمدىكى ئەڭ ئۇنتۇلماس مەنزىرە بولغان قىرمىش ئاتام مازىرىنى زىيارەت قىلدىم. باياۋاننىڭ ئوتتۇرىسىدا يېشىل ياقۇتتەك يالتىراپ تۇرغان بۇ سىرلىق جاي ھەقىقەتەنمۇ مۆجىزە ئىدى. ئەجدىھا شەكلىدە ئۆسكەن سۆگەتلەر، سىرغىۋاتقان سوغۇق بۇلاق، قەدىمىي مازارلار كىشىگە سۈر ئاتا قىلاتتى. يىراقتىن كۆزگە تاشلىنىپ تۇرغان تۆمۈر چوققىسى ۋە تالاي قىسمەتلەرنى باشتىن ئۆتكۈزگەن توشقان دەريالىرى مۇشۇ زىمىننىڭ يۈرىكىدەك ۋەزمىن قىياپەتتە يەرنى باغاشلاپ تۇراتتى. لېكىن، ئۇلۇغلار قەدىمى تەگكەن بۇ تەۋەررۈك جايدا ئىچىلىۋاتقان ھاراقلار، ئوينىلىۋاتقان تانسا، شەھۋەتلىك كۆز بېقىشىشلار كىشىنى ئىنتايىن بىئارام قىلاتتى. (مەن 15 يىل ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە قىرمىش ئاتام مازىرىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ قايسى ھالەتكە چۈشۈپ قالغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلالايمەن)  كەينىدىنلا مەنزىرىسى سۈرەتتەك گۈزەل تاغلاق چارۋىچىلىق رايونلىرىنى كۆرۈش پۇرسىتىگە ئېرىشتۇق. سىم- سىم يامغۇردا يۇمران چۆپلەرنى دەسسەپ، نەمخۇش تاغ يولىدا ساپ ھاۋانى سۈمۈرۈپ مېڭىش قانداق راھەت- ھە!

كۈنلەر ئۆتمەكتە. 30 كۈنلۈك پىراكتىكىمىزمۇ توشتى. ئۈرۈمچىگە قايتتۇق.

ئاسمانپەلەك بىنالار ئارىسىدا يۈرگىنىمدە بالىلىقىمدىكى ھېلىقى پاكىزە روھ ئىچىمدە چۇقان سالاتتى. چار ساقال دادامنىڭ چىرايى، ئانامنىڭ كېۋەز تۈۋىگە ئىڭىشكەن قامىتى تاماق قاچامنىڭ ئىچىدە ئەكسىلىنىپ قالاتتى. سوقما تاملىق ئۆيىمىزنىڭ ئۈستىگە چۈشكەن ئىللىق قۇياش نۇرى 600 كىلومېتىرلىق مۇساپىنى بېسىپ ئۆتۈپ ۋۇجۇد تەسكەيلىرىمدىكى نىمجان ئارزۇلارغا قۇۋۋەت بېغىشلايتتى. تاماق قاچىسىنى كۆتۈرۈپ، ئاشخانا بىلەن ياتاق بىناسى، سىنىپ ئارىسىدا قاتراپ، يېزىۋالغان تۆت مىسرا شېئىرغا ھەۋەسلىنىپ ئالىي مەكتەپمۇ تاماملانغىلى تۇردى. ئاپئاق ھورناننى يەپ، قاپقارا گۇناھلارغا مىلىنىپ، ئىدارە- ئورۇنلارغا دوقۇرۇپ، كۈرۈك مىكىياندەك قوقوقلاپ ئوقۇشمۇ پۈتتۈردۇق. شائىرانە خام خىيال بىلەن يۈرگەن سېسىق تەن ئۇۋىسى چۇۋۇلغان قۇشتەك تىپىرلاپ بېقىپ يەنە ماكانىغا قايتتى. مېنى ئىللىق ئۇزاتقان سەھرايىم يەنە ئىللىق قارشى ئالدى. مېھرى چوغدەك زىمىننىڭ بۇلۇڭ- پۇچقاقلىرىنى ھەر قېتىم كەزگىنىمدە رەڭگى ئۆڭۈۋاتقان ئەنئەنىنىڭ سۇس نالىسىنى ئاڭلاپ قالاتتىم. دوقمۇش- دوقمۇشلاردا ئاڭلىنىۋاتقان غەيۋەت- سۈخەنلەرنى، ئەخلاق ئوربىتىسىدىن چەتنەپ كېتىۋاتقان ئەتلەسلەرنى، ئۆلۈك توپىغا كۆمۈلۈپ كېتىۋاتقان قەدىردان يادنامىلەرنى كۆرگەن ، ئىشىتكەنلىرىمدە «مەن ياخشى كۆرگەن، مېنى سىغىندۇرغان، ۋەتەننىڭ ئېسىل ئۆرنەكلىرىنى قوينىدا ساقلاپ ياتقان خەلق مۇشۇمىدۇر؟»  دېگەنلەرنى ئويلايتتىم. مۇئەللىملەر ئالىي مەكتەپتە بىزنى «خەلقنى نادانلىقتىن قۇتۇلدۇرۇڭلار» دەپ تەربىيە بېرەتتى. لېكىن مەن يېزىۋالغان نەچچە  كۇبلىت مۇھەببەت لىرىكىسى بىلەن بۇ خەلقنى قانداق قۇتۇلدۇرۇشنى بىلمىدىم. ئالىي مەكتەپتە جاننى خەجلەپ، ئۆمۈرنى خورىتىپ ئۆتكەن بەش يىلدا كۆپىنچىمىز ئەمەلىيەتتە نىشاننى ئاڭقىرىش جەھەتتە دېھقانچىلىكمۇ كونكىرت بولالماپتىمىز. بىزگە يادىكار قالغىنى قۇسۇق پۇراقلىرى بىلەن قىزلار ياتاق بىناسىدىن كەلگەن ئەتىر ھېدى بوپتۇ... دېگەن خۇلاسىگە كەلدىم. ھەممىنى باشتىن باشلىماقچى بولدۇم. بىراق، نېمە بىلەن باشلايمەن؟ ئىچ- ئىچىمدىن قۇرغاقچىلىق، ھالسىزلىق ئۆرلەپ تۇراتتى. ئالىي مەكتەپتە شېئىر دۇنيانى قۇتقۇزىدۇ، دېگەن ئىدىيىدە ياشىغان ئىكەنمەن. ئەمەلىيەتتە، شېئىر ئەمەس، شائىرغا خاس قىزغىنلىق ۋە ياراتقۇچىنىڭ خالىشى بىلەن بىلەن بۇ خەلقنىڭ روھىنى قۇتقۇزۇش مۈمكىن ئىكەن. قىر- ئىدىرلارنى كەزدىم. يېرىلغان ئالقانلارنى تۇتتۇم. زاغرا نانلارنى تەستە يۇتتۇم. مەن ۋەتەن تۇيغۇسىنى قۇمۇش باسقان دالىلاردىن، دېھقاننىڭ تونۇر بېشىدىن، بۆشۈك تەۋرىتىۋاتقان ئانىنىڭ كۆزلىرىدىن ئىزدىدىم. خەلق كۈلۈپ تۇرغان بىلەن بۇ كۈلكىنىڭ ھەقىقىي كۈلكە ئەمەسلىكىنى، ئۇلارنىڭ تېخى نامراتلىقتىن تەلتۆكۈس قۇتۇلالمىغانلىقىنى، بىر قىسىم چىرىك ئەمەلدار، يەرلىك خاقانلارنىڭ بۇ خەلقنىڭ ئۈستىگە مىنىۋالغانلىقىنى كۆرۈپ چۆچۈپ كەتتىم. گۆشسىز تائام يەۋاتقان لېكىن يەنىلا ئۆزىنى بەختىيار سېزىۋاتقان بۇ خەلقتىكى ئاجايىپ كۈچلۈك روھىي ئېنىرگىيىنى ھېس قىلدىم. ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن:

 

ئايرىلدۇق ئاداۋەتتە، دەۋايىم قىيامەتتە...

 

دەپ ناخشا ئېيتىدىغانلىقىنى ئىلغا قىلغاندەك بولدۇم. خەلق ئۆزى ئىشىنىپ سايلىىغان يۇرت كاتتىلىرى باشقا قۇتۇپقا ئېغىپ كېتىۋاتاتتى. چىرىك مەنچىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ قاتمۇ- قات زۇلمى قەددىنى ئېگەلمىگەن خەلقنىڭ قەددىنى نامراتلىق، ئېتىقادسىزلىق، ئەقىدىسىزلىك ئېگىۋەتكەن ئىدى. ئۆزۈم بىلگەن ، ئىگىلىگەن ئەھۋاللارنى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا ئىنكاس قىلدىم. خەيرىيەت، بىر يۇرتنىڭ بېشىدىكى يەرلىك خاقاننىڭ تەختتىن چۈشۈشىگە سەۋەبكار بولدۇم. توپا ئۆرلەپ تۇرغان چىرايلاردا ۋاقىتلىق تەبەسسۇم پارلاتتىم.مېنىڭ قىلىدىغىنىم ھەم قىلالايدىغىنىم، بېرىدىغىنىم ھەم بېرەلەيدىغىنىممۇ پەقەت شۇنچىلىك ئىدى. تارىخىدا تالاي خانلىقلارنى قۇرغان، بىراق كېيىنلىكتە نامراتلىق بىلەن قوشكېزەك ياشىغان، ھەر بىر دەل- دەرەخلىرىگە سالام بېرىشكە ئەرزىيدىغان قەدىردان ماكاننىڭ سۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان بۇلاقلىرىنى بىر قول لايلاندۇرۇپ باراتتى. بۇ قارا ئەرۋاھ گاھىدا مەسچىت پەشتاقلىرىنى ئەگىسە، گاھىدا ئىلىم سەينالىرىدا ئۆزىنى كۆرسىتىپ تۇراتتى. بۇ قەۋم خۇددى پۇتى كېسىۋېتىلگەندە دومىلاپ مەنزىل تامان سىلجىۋاتقان قېرى تۆگىدەك بېشىغا مىنگەن قارا كۈلپەتلەرنى ئارقىغا تاشلاپ كەلمەكتە ئىدى. گاھ كارىز تەشمىلىرىدە، گاھ يىڭنە ئۇچىلىرىدا ئايان بولۇپ قالىدىغان قەيسىرانە روھ يېڭى ئەسىرنىڭ چاقىرىقلىرىنى ئۆزىگە خاس يوسۇندا قوبۇل قىلىپ، خورجۇنلىرىغا قاچىلانغان كومپىيۇتېرلارنى قوزغىتىپ، يېتىپ كەلگۈسى خىرىسلارغا بۈركۈتنىڭكىدەك كۆزلىرىنى تىكمەكتە ئىدى.  ۋەتەن ھەققىدە گۈزەل لىرىكىلار پۈتمىگەن ، لېكىن ۋەتەننىڭ نېمىلىكىنى كۈندۈزدەك روشەن چۈشىنىدىغان بۇ قەۋمنىڭ تەربىيىلىگەن پەرزەنتلىرى دوكتۇر بولالمىسىمۇ كەشپىياتچى بولالايتتى. تۇغما سەزگۈرلۈك ۋە يېپىشقاق پىسخىكا بۇ قەۋمنىڭ ئەزالىرىنى بۇخارىست كوچىلىرىدىن سىنا دەريالىرىغىچە ھىجرەت قىلىشقا، ھىجرەت داۋامىدا ۋەتەن تۇيغۇسىنى تېخىمۇ يۈكسەلدۈرۈشكە، بېسىپ ئۆتكەن ھەر بىر دوقمۇشىغا بادام دوپپا بىلەن 32 ھەرپنىڭ سەلتەنىتىدىن ئىز قالدۇرۇشقا دالالەت قىلماقتا ئىدى. بۇ خەلق ئۆزگە قەۋملەر مەھمۇت قەشقەرى بىلەن يۈسۈپ خاس ھاجىپنى، ناۋائىي بىلەن مەشرەپنى ئۆزىگە تەۋە قىلىۋالغاندىمۇ سۈكۈت قىلدى. قۇرۇق ھاياجاندىن كۆرە ئۆز ئۆيىدىكى لىڭشىپ قالغان شىرەگە بىر تال مىق قېقىش ئەۋزەل ئىدى. تالاي ئالدىنىش ۋە كەچكەن ياش دەريالىرىدىن بۇ قەۋم ئۆز قولىدىكى رىئاللىقنىڭلا بىردىنبىر قىممەتكە ئىگە ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت ھەقىقەتنى سۈزۈپ چىققان ئىدى.  

چەكسىز باياۋان قوينىدا تەبىئەتنىڭ سىرۇ- ھېكمەتلىرىگە مەستخۇش بولۇپ ياتقان تاشلاردەك جاھان مۆجىزاتلىرىغا قوي كۆزلىرىدە باققان بۇ قەۋمنىڭ ساددىلىقى ئىچىدە گاھىدا پارلاپ قالىدىغان ئەقىل- ھېكمەت ئۇچقۇنلىرى بار. يېشىنى تۇڭگان يېغىلىقىغا، تارىخىنى ئەلمىساققا، تەقدىرىنى <ئانىسىنى كىم ئالغان بولسا شۇنىڭ قولىغا> باغلاپ ئۈگەنگەن ئاۋارە تۇرمۇش قوينىدا ھاياتلىقنىڭ قاشاڭ ھارۋىسىنى نىشانسىز ھالدا ھەيدەپ كېتىۋاتقان بۇ قەۋمگە ياراتقۇچى يەنە بەزى ئىلتىپاتلارنى ئاتا قىلغان ئىدى. بۇ قەۋم سېستىمىلىق تەپەككۇرگە ئەمەس، تۇغما زېرەكلىكىگە تايىنىپ، قۇم ئۈستىگە روھىيەت قەلئەسىنى قوپۇرماقتا ئىدى. موڭغۇللارنىڭ ئەگرى قىلىچى ئالدىدىكى ۋەزمىن ئۇيغۇر زىيالىيسى ھېكمەت تامچىپ تۇرغان زۇۋانى ئارقىلىق ياۋنى سۈكۈتكە پاتۇرۇۋەتكەن ئىدى.

ئانا زىمىنغا توختاۋسىز چېپىلغان كەتمەنلەر يەر شارىنىڭ مەركىزىدىكى بۇ خەلقنى چىدامغا، قارا كۈچكە ، ئۆزىنى خورىتىشقا كۆندۈرگەن. توپىدا ئېغىناپ، توپىدىن تۇرالغۇ ياساپ، توپىغا كۆمۈلۈپ، ئەۋلاد- ئەۋلادقا ئۇلاندى.

ئورخۇن دەريا بويلىرىدىن ئېقىپ تارىم ۋادىسىغا قۇيۇلغىچە ياۋاشلاپ كەتكەن بۇ ئېقىننىڭ ئىچىدە بىر زەررە سۈپىتىدە رول ئويناپ قالغىنىمنىڭ ئۆزى يۈكسەك نېمەت ئەمەسمۇ؟ سوقما تامنىڭ توزۇپ تۇرغان توزۇندىلىرى ئارىسىدا يۈرۈپ ئۇيغۇرلۇقىمنى ھېس قىلسام، مەندىن مەسئۇلىيەت تەلەپ قىلىۋاتقان نارەسىدە بالىلىرىمغا قاراپ ئاتىلىقىمنى ھېس قىلىمەن.

مائاشلىق بولغاندىن كېيىنكى ئاتا- ئانامنىڭ توپا باسقان چىرايىدا ئىپادىلەنگەن رازىمەنلىك تۇيغۇسى مېنى ئازابلىدى .مەن مائاشلىق بولدۇم، لېكىن ۋىجدانلىق بولالىدىممۇ؟ ئاتا- ئانام پەلسەپەنى ئەمەس، قولدىكى ئەمەلىي نەرسىنى ھۈرمەت قىلىپ ئادەتلەنگەن بىر مىللەتنىڭ ئەزالىرى ئىدى.

 35 ياشقا قەدەم قويغىنىمدىمۇ بىر پۇتۇم يەنىلا سەھرانى خالاپ تۇردى. تۈزەش، ئىسلاھ قىلىش شامىلى ئەنە ئاشۇ روھنى كۈمپەيكۈم قىلغىلى يېتىپ كەلدى. مۇشۇ زىمىننىڭ بىز ئىسلاھ قىلىشتىن ئىلگىرىكى ھالىتىنى  ئادەملىرى بىلەن قوشۇپ ياۋروپانىڭ بىرەر گۆرۈخانىسىدا قويغىلى بولغان بولسا – ھە! دېگەنلەرنى ئويلاپ كېتىمەن، گاھىدا. لېكىن بۇ مۈمكىن ئەمەس. جەنۇبقا قايتقان قۇش ھامىنى قايتىپ كېلىدۇ. لېكىن، ئۆتكەن ئۆمۈر، ئۆلگەن روھ، توختىغان قان مەڭگۈ قايتىپ كەلمەيدۇ. قوزىنى كىلونلىغىلى بولغان بىلەن زىمىننى، ئۆلۈمگە قاراپ كېتىۋاتقان ئىنساننى ، ئەخلاقنى، ئىمان- ئېتىقادنى، شەرم- ھايانى، غەرەزسىز كۈلكىلەرنى كىلونلىغىلى بولمايدۇ- ئەلۋەتتە. شۇنداق، بۇ قەۋم ئىقتىسادىي سورۇقچىلىقلار ئىچىدىن ئەمدىلا قەددىنى رۇسلاي دېيىشىگە ئېتىقادسىزلىق ۋە ئەخلاق كىرىزىسىنىڭ تۈگمەن تېشى ئۈستىدە چۆرگىلەشكە باشلىدى. قۇلۇپ سېلىنمايدىغان ئىشىكلەر چۈشكە ئايلىنىشقا باشلىدى.

بالىلىق دەۋرىمدىكى مەھەللىمىزنىڭ شۇئار يېزىلغان تېمى ھازىرغىچە قەلبىمدە غۇۋا سايە تاشلاپ تۇرماقتا. ئۇ تام ئۆرۈۋېتىلدى. لېكىن قەلبىمدىكى شۇئار يېزىلغان تام بارغانسېرى ئىگىزلىمەكتە.

 قوللىرىغا موچەنلىك پۇللارنى سىقىمداپ سۇ پۇلى تاپشۇرىۋاتقان ئاتا. كۈنىگە بىردىن قورۇقى كۆپىيىۋاتقان ئانا. يانتاق تىلغىغان پۇت. مەخپىي ھاياجان. خىلۋەتتىكى خورلۇق. چەيلەنگەن مايسا. ئۆڭگەن دوپپا. تىرەك قويۇلغان تام، نۇرى قاچقان جىن چىراغ. ..تۆت تامغا ئېسىلغان نەقىشلىك چالغۇ، قېتىپ كەتكەن نان، يىرتىق كىگىزدە قوزغالغان ھەۋەس، بالىلىق بولۇش ئىستىكى ئۇيغۇر سەھرالىرىنىڭ كونىرىغان يېڭى رىئاللىقى ئىدى.

يامالىق تېغىنىڭ تاقىر تاشلىرىدىن تاكى ھاڭگىرت كۆلىنىڭ مەيۈس قىرغاقلىرىغىچە، ئۇلانبايدىن تاكى ئونسۇ قىرمىش ئاتام مازىرىغىچە،   قىزىلتاغدىن جەنۇبىي تاغقىچە ئاياغ ئىزلىرىم قالدى.

تاھىر- زۆھرە قەبرىسىدىن خوجىنىياز قەبرىسىگىچە زىيارەت قىلدىم. ئىرادە- تەقدىر مەندەك كىچىككىنە مەھەللىسىنى دۇنيانىڭ مەركىزى دەپ بىلىدىغان بىر ئۆسمۈرنى ئۆمرىدە ئاڭلاپ كۆرمىگەن يات ئىقلىملارنى دەسسەش شەرىپىگە مۇيەسسەر قىلغان ئىدى. شاڭخەيدە تېز سۈرئەتلىك لەيلىمە پويىزدا ئولتۇردۇم، خۇاڭپۇ دەرياسىدا ماتورلۇق كېمىگە ئولتۇرۇپ خىياللىرىمنى دولقۇنلاتتىم. جېجىياڭ ئۆلكىسىنىڭ خاڭجۇ شەھىرىدە يىپەك كۆرگەزمىلىرىنى ئارىلىدىم. مەشھۇر لوڭجىڭ چېيى چىقىدىغان خاڭجۇ چايزارلىقلىرىدا كىچىك قەدەھلەرگە قۇيۇلغان قىممەت باھالىق چايلارنى تېتىدىم. مەشھۇر شىخو كۆلىدە قېيىققا ئولتۇرۇپ شائىرانە مەسخۇشلۇققا چۆمدۈم. فۇجىيەن ئۆلكىسىنىڭ شىيامىن دېڭىز ساھىلىدا گومىنداڭنىڭ ئالتە بۇرجەكلىك گىرىبى ۋە «ئۈچ مەسلەك جۇڭگونى بىرلىككە كەلتۈرىدۇ» دېگەن شۇئار چۈشۈرۈلگەن جىنمىن ئارىلىدىكى گومىنداڭ گازارمىسىنى يېقىن ئارىلىقتىن كۆردۈم. خەنزۇ خىزمەتداشلار بىلەن بىللە شاڭخەي ۋوگزالى مېھمانخانىسىدا شىنجاڭنىڭ كىملىكى ئارقىلىق ياتاق ئالالمىغاندا ۋەتەن ھەققىدە مۇرەككەپ ھېسسىياتلارغا چۆمۈلدۈم. مەيلى نەگىلا باراي تىرىكچىلىك غېمىدە چىرايى سارغايغان لېكىن توغراقلاردەك قەيسەرلىك بىلەن ياشاپ كېلىۋاتقان، دېڭىز بويىدىكى ئاياللىشىۋاتقان كىشىلەرگە ئەرلىك ھېدىنى تارىتىۋاتقان ئۇيغۇرۇمنى كۆردۈم. پادا باققان بالا ئىدىم. قويلارنى ساق سالامەت بېقىشتىن ئۆزگە غېمى بولمىغان بىر ئاددىي كاللىغا  يېڭى – يېڭى نەرسىلەرنىڭ سىڭىشى بىلەن ئىنساننىڭ نېمە ئۈچۈن يارىتىلغانلىقىنى خىرە- شىرە ئىلغا قىلغاندەك بولىۋاتاتتىم.

زىمىن مەيلى قانچىلىك بۇلغانسۇن، قەلب قانچىلىك بىزەپلەنسۇن، ئىنسان دۇنياغا يارالغان ئاشۇ دەقىقىدىن باشلاپ ھەقىقەتتىن ئىبارەت كۆرۈنمەس ماشىنا سەپەرگە چىقىپ بولغان. بەزىدە بۇ ماشىنىنىڭ سۈرئىتى ئاستىلاپ قالغان تەقدىردىمۇ ھامان نىشان تەرەپكە قاراپ ئىلگىرىلەيدۇ.

2004- يىلى ئائىلە كىرىزىسى تۈپەيلى بىر مەزگىل قاتتىق چۈشكۈنلۈككە دۇچار بولدۇم. بۇ چۈشكۈنلۈك ئىچىدىن يەنە ئۆزۈمنى قۇتۇلدۇرۇپ چىقتىم. بۇندىن ئىلگىركى ھاياتلىق يولۇم، ئەقىدەم، ھاياتلىقنىڭ مەنىسى ھەققىدىكى ئۇزۇنغا سوزۇلغان خىياللار ۋە قەلبىمنىڭ چوڭقۇرلىرىدا كۆمۈلۈپ ياتقان ساغلام بىر روھ مېنى باشقىچە ياشاشقا ئۈندەيتتى. ئاخىرى يېرىم زاھىدچە تۇرمۇش يولىنى باشلىدىم. ئەزەلدىن ماڭا نېسىپ بولمىغان تەمكىنلىك ۋە سوغۇققانلىق تەبىئىتىمگە ئۆزلىشىشكە باشلىدى. ھاياتىمدا مۇھىم، دەپ بىلگەن نۇرغۇن نەرسىلەرنىڭ سۆيۈشكە ئەرزىمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتىم. خىزمەتنى مەقسەت، يەپ- ئىچىشنى راھەت، دەپ بىلىدىغان كۆپچىلىك كىشىلەرنىڭ نەزەرىدە مەن ھايات لەززىتىدىن مەھرۇم ئىنسان ئىدىم. يالغۇزلۇق ماڭا ئۆزۈمگە يەنىمۇ چوڭقۇرلاش پۇرسىتىنى  ئاتا قىلغان ئىدى. غەرەزسىز ئىككى پەرزەنتىم ۋە بالىلىقىم قالغان سەھرا مېنىڭ مەنۋىي جەھەتتىكى ئەرمەكلىرىم ئىدى.

ھازىر بالىلىق ئەستىلىكلىرىمنى قوزغايدىغان مەھەللىمىزدىكى قەدىمىي كۆل بىلەن قەدىمىي مازار ۋە نەچچە يۈز يىللىق ئۈجمە دەرىخىلا قالدى. كۆل بويىدىكى سۇغا سەكرەش تاختىسى بولغان قەدىمىي سۆگەت نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا خۇددى تارىخىي ۋەزىپىسىنى ئاياغلاشتۇرماقچى بولغاندەك سۇغا يېتىپ قالغان ئىدى. بىر قانچە يىللارنىڭ ئالدىدا ئوغلۇمنى ئېلىپ،مەھەللىمىزنىڭ غەربىي جەنۇبىغا توغرا كېلىدىغان بىپايان سايلىقنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان «لاقسۇم» دەپ ئاتىلىدىغان جايغا باردىم. ئەينى چاغدا بەلگە بېرىش ئۈچۈن ياسالغان تۇرنىڭ يېرىمى قالغان بولۇپ، ئىلگىرى بۇ يەردە قوي باققانلىرىمدا دائىم بىرەر قەدىمىي ئاسارە- ئەتىقە تېپىۋېلىشنى بەكمۇ ئارزۇ قىلغان ئىدىم. يەرنى تەپسە ياكى ۋارقىرىسا بۇلدۇقلاپ قاينايدىغان قاينام بۇلاق قۇرۇپ كېتىش گىردابىدا بولۇپ، ئەينى چاغدىكى سۈر پەيدا قىلىدىغان ھالەتتىن ئاسمان زىمىن پەرقلىنىپ تۇراتتى. ئاڭلىشىمچە، ئەينى چاغدا بۇ بۇلاقتىن شەكىللەنگەن كۆلنىڭ دائىرىسى چوڭ بولۇپ، بىر پىگىلو(ئات ھارۋىسى) چۈشۈپ كەتكەن ئىكەن. شۇ چاغدا ياشانغانلار بۇ ھەقتە سۆزلىگەنلىرىدە «ئات ھارۋىسى ھازىرمۇ يەرنىڭ ئاستىغا چۈشۈۋاتقۇدەك» دەپ، بۇ بۇلاقنىڭ تېگى يوقلۇقىنى ئىسپاتلىماقچى بولۇشاتتى.

 بۇ يەردە تىراكتۇر ، ماشىنىلارنىڭ ئاۋازى، خۇشامەتتىن ئىگىلگەن قامەتلەر، ئىپپەت سودىسى، ئانىلارنىڭ يىغىلىرى ، كىبىردىن خۇدىنى يوقاتقان ئىنساننىڭ ئالا- تاغىل ۋارقىراشلىرى يوق ئىدى. بۇ يەردە دەقىقىلىق خان بولىسەن. ئويلارغا چۆكىسەن. ئۆلۈمگە شۇنچىلىك يېقىن تۇرغانلىقىڭنى ھېس قىلىسەن. شۇ خىل ھېسسىيات ئىچىدە ماي ئايلىرىنىڭ يېقىشلىق ھاۋاسىدا يانباغرىدىكى پاكپاكىز قۇملۇقتا ئوغلۇمنى سۆرەپ بالىلارچە ھاياجانلارغا چۆمۈلدۈردۈم. مەن قوي باققان باياۋاندا ئېچىش رايونلىرى قۇرۇلۇشقا باشلىغان. ماشىنىلارنىڭ گۈكىرىگەن ئاۋازلىرى، ۋارقىراشلار، پۈركۈتۈپ سۇغىرىش ئۈسكۈنىلىرى ۋە ئەخلەت يېمەكلىكلەرنىڭ قاپلىرى تىمتاس سايلىقنىڭ لاتاپىتىنى بۇزۇپ تۇراتتى. ئاندا- ساندا ئۇچراپ قالىدىغان،ئەندىكىپ كەتكەن كەسلەنچۈكلەر يوقىلىش ئالدىدىكى دېنېزاۋۇرلاردەك كىچىككىنە كۆزلىرىنى بۇ ئالامانلارغا تىككىنىچە قاياققىدۇر غايىپ بولاتتى. 

******       ******

ھاياتىمنىڭ 35- يىلىدا ھاياتىمدا يەنە  تارىخىي خاراكتىرلىق ئۆزگىرىشلەر بولدى. خىزمەت ئېھتىياجى بىلەن ئىسمىنىمۇ ئاڭلاپ باقمىغان بىر ئورۇنغا كىرىپ ئىشلەشكە مەجبۇر بولدۇم. مەنپەئەتپەرەسلىك بىلەن چىش تىرنىقىغىچە قوراللانغان جەمئىيەتتە تەلتۆكۈس يىگانە قالدىم. نۇرغۇن كىشىلەر مەندەك ئەمدى لازىمى قالمىغان بايقۇشتىن ئادا- جۇدا بولۇشتى. تۇرمۇشنىڭ تار ھەم كۆرۈنمەس بىر قول سىقىپ تۇرغان يوللىرىدا كېتىۋېتىپ ئاچچىق كۈلۈمسىرەپ قويدۇم. پەرزەنتلىرىمنىڭ غەرەزسىز كۈلكىلىرى ۋە قېرىنداشلىرىملا ماڭا ئاسىيلىق قىلمىغان ئىدى. ياراتقۇچىنىڭ مېنى يەنىلا ئەقىل بىلەن ياراتقىنىغا ھەم ئاز بولسىمۇ ھەقنى تونۇش پۇرسىتىگە نائىل قىلغىنىغا شۈكرىلەر ئېيتتىم. بوشاشتىم لېكىن تۈگەشمىدىم. ئاللاھ رىزقىمنى كەم قىلمىغان ئىكەن، قەددىمنى تىك تۇتۇپ ياشىشىم، ماددىيەتنىڭ قۇلى بولغان ئاشۇ كىشىلەرگە ماڭا بىلدۈرۈلگەننى يەتكۈزۈشۈم كېرەك.  ئىنسانلار ئارىسىدا يىگانە قېلىشتىن قەبرىدە يىگانە يېتىش تېخىمۇ يامانراق. لېكىن يانچۇق قۇرۇق. ياخشى ئەمەلنىڭ تايىنى يوق. شەيتاننىڭ قۇتراتقۇلىقىغا ئەگىشىپ تىرىكچىلىك ھارۋامنى كاتاڭ يوللار تامان ھەيدەپ كېتىۋاتىمەن. تۇيۇقسىز بويتاقلىق ھەم ئالىي مەكتەپتىكى مەززىسىز ھايات ئېسىمدىن كەچتى. سەككىز سائەتلىك روھ ئۆلتۈرۈش مەشىقىدىن ئالدىراش قايتىشقان بىر توپ ئادەمنىڭ كەينىدىن ئۆيۈمگە قايتىمەن. ئاندىن چوقۇم ئۇخلايمەن. مۇشۇ كۈنلەردىكى زىل كەيپىياتىمغا كىچىككىنە بىر ۋەقەمۇ زور تەسىرلەرنى كۆرسىتىشى مۈمكىن. تېلىفونۇممۇ تەلتۆكۈس دېگۈدەك جىمىپ قالدى.

 ئاللاھ بەختسىزلىكنىمۇ بىكار ياراتمىغان. بەزىدە ئاپەتمۇ نېئمەتتۇر. ئەرزىمەس خىزمەتتىن نېمە خۇشاللىققا ئېرىشتىم؟ مېنىڭ خۇشاللىقىم پىت بېقىپ ئولتۇرغان قەلەندەرنىڭكىدىن ئارتۇق ئەمەس. خىزمەتتىن ئايرىلسام ئۆلۈپ كېتىشىم مۈمكىنمۇ؟ ياق. 38 غا كىرگىچە رىزىق بەرگەن ئاللاھ سېنى ئاچ قويمايدۇ. سەن نېمىلەردىن مەھرۇم بولدۇڭ؟ گالىستۇك تاقايدىغان زىيالىي سۆھبەتداشلىرىڭدىنمۇ؟ ئۇلار بەختىسىزلىككە ئۇچرىغىنىڭدا ئادىمىيلىكىنى نامايان قىلالىدىمۇ؟ ياق. ئۇلار بىلەن تىنچلىق ھەم مەئىشەت دەقىقىلىرىدىلا ئېشىمىز قايناپتىكەن. ئۇلار خەلقىمىز ئەڭ زور ئۈمىدلەرنى كۈتكەن لېكىن ھالقىلىق پەيتلەردە خەلقىمىزنى ئەڭ ئۈمىدسىزلەندۈرگەن تائىپە. تارىخنىڭ كۆز يەتكۈسىز پايانىدا شۇڭقاردەك پەرۋاز ئەيلىگەنلەر قارىماققا ئاددىي كۆرۈنگەن لېكىن چىن ئادىمىيلىك مەقامىدا ياشاۋاتقان، ئۈستىبېشى ئاددىي بولسىمۇ بالىلىرى ئالدىدا لاياقەتلىك ئاتا، ئايالى ئالدىدا تاغدەك ئېرى بولۇپ ياشاۋاتقان ئاشۇ پەقىر كىشىلەر. مەمەت ئاۋاق زىيالىيمىدى؟ تۆمۈر خەلىپىچۇ؟ ئۆز خىياللىرىمدىن قانائەت ھاسىل قىلدىم. ئۆز ئەھلىنى ئۆزگەرتەلمىگەن  ئايرىم زىيالىيلارنىڭ ھۈرمەتلەشكە نالايىقلىقى ئايان بولدى. ۋەتىنى ئۈچۈن ئۆزىنى بەخشەندە قىلىش دەقىقىلىرىدە ساسلىق پاقىسىدەك غايىپ بولىدىغان، بىراق، بىر- بىرىنى قەستلەش، پۇتلاپ يىقىتىشتا دەرھال ئۇيۇشالايدىغان بۇ بىر توپ كىشىلەر چىرايلىق نۇتۇقلارنى سۆزلەپ يۈرمەكتە.ئۇلارغا ۋىجدان ئەمەس ئۇنۋان كېرەك. جەننەت ئەمەس مەئىشەت كېرەك.

ئەدەبىيات كوچىسىدا ئۇزۇن مۇددەت يۈردۈم. قىزلارنى مەدھىيلەپ شېئىر يېزىپ جان باقىدىغانلارنى، ئەمەلدارلارنى مەدھىيلەپ ئۇلاردىن سوۋغات ئالىدىغانلارنى، بايراملارنى پايلاپ تۇرۇپ شېئىر يازىدىغان بىچارىلەرنى ئۇچراتتىم. بەزىلىرى بايلارنىڭ كەينىدىن چىقماي نېسىۋە تاما قىلىدىغان چۆپچىلەردىن بولۇپ كەتتى. بەزى شائىرلار ئەۋرىتىگە ئىگە بولالمايدىغان ئىشقىۋازلاردىن ئىدى. ئۇلارنىڭ بارلىقى قىز... قىز ... يەنىلا قىز ئىدى. قىزلارنىڭ تارتقان كۈلپەتلىرى ئۇلارنىڭ ئىلھامىنى قوزغاشقا يېتەرلىك قوزغاتقۇچ ئىدى. ھاراق سورۇنلىرىدا باشلىرىنى گىلدىڭلىتىپ سالاپەتلىك سۆزلەرنى قىلىپ ئولتۇرىدىغان، ئاسيىلىقتىن لەززەت تاپىدىغان بۇ شائىرلار مېنى سەسكەندۈرەتتى. شۇڭا ئۆزۈمنى شائىر دېگۈم كەلمەيتتى. ئۆز قەلبىگە ئىگە بولالمىغان بۇ بىر توپ كىشىلەردىن يىراقلىشىش مەندە خاتىرجەملىك تۇيغۇسى پەيدا قىلدى. ئازغۇن قەۋمنىڭ ئازغۇن كىشىلىرى بۇ دۇنيالىق يالتىراق نېئمەتلەر ئۈچۈن ئۆزىنى پەرۋانىدەك ئۇرماقتا ئىدى. ئۇيغۇرنىڭ كۆپچىلىكى ئۈنۈمسىز تار كوچىغا كىرىۋېلىشقان ئىدى. مىللىتىمنىڭ تارىخىغا ئائىت ئەسەرلەرنى ئوقۇش داۋامىدا ۋىجدانىمنى تەربىيلىدىم. كۈلكەم ئازايدى. تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كەتكەن قوشنىسىنى كۆمۈپ قويۇشقا يارايدىغان، ئۇنىڭ ئۆلۈم سىرىگە قىزىقمايدىغان بۇ بىر توپ كىشىلەر ئادەمنىڭ زەردىسىنى قاينىتاتتى. لېكىن زەردەم قانچىلىك قاينىسۇن مەن يەنىلا مۇشۇ توپقا تەۋە ئىدىم. يىراق ئىقلىمدىكى بىر ئەرەبنىڭ مېنىڭ غېمىمنى يېيىشكە چولىسى يوق ئىدى. مەن بۇ تائىپىنى ياخشى كۆرىمەن، ياخشى كۆرگەنلىكىم ئۈچۈن ئۇنىڭ ئازغۇنلۇققا كېتىۋاتقان ھالىتىگە ئېچىنىمەن. ئېچىنغانلىقىم ئۈچۈن ئازغۇنلار توپىغا قوشۇلمايمەن. مېنىڭ ئۆز ئىشىمغا پۇختا بولغانلىقىم ئۆز قەۋمىمگە مەسئۇل بولغانلىقىمدۇر. مەن ۋاللەي ئويناپ يۈرگەن گۆدەك مەڭگۈتاش ئەمەس، يولۇمنى توسىدىغان قارا قوللارنىڭ كۆپىيىشى مېنى ۋاقىتلىق ئۈمىدسىزلەندۈرسىمۇ نىشانىمدىن ئازدۇرالمايدۇ. بالىلىقىمدىن ماڭا بىردىنبىر قېلىشى زۆرۈر بولغان نەرسە سەمىمىي قەلب، ئۇنىڭدىن باشقىسى مەندىن يىراقلاشسۇن. «ئادەم مايمۇندىن تۆرەلگەن» دېسىمۇ «ھەئە، شۇنداق» دەيدىغان بىچارە پىسخىكا مەندىن يىراقلاشسۇن. مېنىڭ گۇمانلانغۇچى، گۇمان ئارقىلىق تۈگۈنلەرنى يەشكۈچى،مېڭىسى يۇيۇلغانلار توپىدىكى مېڭىسىنىڭ يۇيۇلغانلىقىنى ھېس قىلغۇچى سۈپىتىدە ياشىغۇم بار. ئۆلۈمدىن ئىبارەت باقىغا يەتكۈزگۈچى تونىلدىن ئىمان بىلەن ئۆتسەم، دەيمەن. لېكىن، مەن بالىلىرىمغا توغرا ئەقىدە بېرەلمىدىم. ئۇلارنى ئادەم سۈپىتىدە سۆيەلىدىم – يۇ ، ئاتا سۈپىتىدە تەربىيىلىيەلمىدىم. ئۇلارنى ئادىمىيلىكنىڭ دۈشمىنى، ئەقىدىنىڭ قاتىلى، ھاياسىزلىقنىڭ مەنبەسى بولمىش قاراڭغۇ كەلگۈسىگە قوش قوللاپ تەقدىم قىلىش گىردابىدا تۇرماقتىمەن. نۇرغۇن ئىشلار بېشىمدىن ئۆتتى. ھاياتلىق يولۇمدا نەچچە يىقىلىپ نەچچە قوپتۇم.

مەن ھاياتىمنىڭ بۇرۇلۇش مەزگىلىنى باشتىن كەچۈردۈم. ئاللاھ نېسىپ قىلسا تېخىمۇ سۈزۈك پەللىلەرگە يېقىنلاشسام دەيمەن. ئەقىدىسىز دوستلارنى خۇددى ئەينى چاغدا ھاراق ھارام قىلىنغاندا ساھابىلەر ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان نەرسىسى بولغان شارابلارنى كومزەكلەپ تۆككىنىدەك بىر- بىرلەپ تاشلىدىم. 100 ئازغۇن دوستتىن ئىمانى كامىلراق بىر مۇسۇلمان دوست ئەۋزەل. بۇ دۇنيا تۆمۈرچىلىك دۇكىنىغا ئوخشاش ھەممىمىزنى ھەرخىل سايمانلارغا ئايلاندۇردى.

ھاياتىمدا ماڭا ھەقىقىي ئادىمىيلىك نۇقتىسىدىن تەسىر قىلغان ئادەملەر: مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەن ساھابىلەر، ئاتا- ئانام ...

ھاياتىمدا نۇرغۇن مەشھۇرلارنى ھەم سالاپەتلىك كىشىلەرنى چېلىقتۇردۇم.ئۇلارنى ھۈرمەتلەشكە تىرىشتىم. لېكىن مېنىڭ ھەق- ناھەققە ئوچۇق بولغان قەلبىم دائىم ئۇلارنىڭ سالاپەتلىك تونى ئاستىدىكى تۈلكە قۇيرۇقىنى سېزىپ قالاتتى. ئۆزۈمگە تىكلىگەن ئۈلگە بەربات بولغاندا مەزگىللىك ئېزىقىش ئىچىدە قالاتتىم. نېمىشقا ھەقىقىي ھۈرمەت قوزغىغۇدەك ئادەملەر كەم ئۇچرايدىغاندۇ؟! مەن ئۆزىنى ئىسلاھ قىلغان، ھاياتتىكى ئەھمىيەتنى ھەقىقىي تونۇغان كىشىلەرنى ھۈرمەتلىدىم. ئۆزۈم ياقتۇرمىغان كىشىلەر بىلەنمۇ مەلۇم دەرىجىدە مۇناسىۋەت ساقلىدىم.

ئىقتىدارىمنىڭ قەيەردىن – قەيەرگىچە ئىكەنلىكى ماڭا كۈندۈزدەك ئايان. قەلەمدىن ئۆزگە تىلغا ئالغۇدەك ئىقتىدارىم يوق. ئەڭ زور خۇشاللىقىم جىمجىت باياۋاندا  خىيال سۈرۈش. قەلەمدىن خۇشاللىق تاپتىم ، قەلەمدىن رىيازەت چەكتىم. ئادىمىيلىك بىلەن قەلەمدە تەڭ تەرەققىي قىلدىم. يەنىمۇ يۇقىرى پەللىلەرگە يېتىش بىردىنبىر نىشانىم.

كەينىمگە قاراپ ئۇھ تارتتىم. ئالدىمغا قاراپ يەنە ئۇھ تارتتىم. مەن باسقان مەنزىل ئۇزۇن ئىدى. ئۆمرۈم يار بەرسە باسماقچى بولغان مەنزىلىممۇ ئۇزۇن ئىدى. 38 يىللىق ھاياتنىڭ بىر خۇلاسىسى بولۇشى كېرەك. ئىككى پەرزەنتىمگە «ئاتاڭ ئۆمرىدە مۇنداق خاتالىقلارنى ئۆتكۈزگەن ھەم مۇنداق شەرەپلىك ئىشلارنى قىلالىغان» دېيەلىشىم كېرەك. مەندىن كېيىن قالسا ئۇلارنىڭ خاتىرىسىدە ئاتىسىنىڭ ئوبرازى ئۈنۈمسىز ئەمگەكلەر بىلەن ئۆزىنى خوراتقۇچى بىر ئاۋارىكەش ئەمەس، ئۆزىنى تىنىمسىز يېڭىلاپ تۇرغان، ھالال يەپ، ھالال ياشىغان ئاددى ھەم پاكىزە ھالەتتە بولۇشى كېرەك. 38 يىللىق ھاياتتىن ئېرىشكەن نېسىۋەم سوغۇققان خاراكتىر ۋە ئۆز قەۋمىمگە بولغان سۆيگۈ، ياراتقۇچىغا بولغان تونۇش، چەكلىك ھاياتقا بولغان تەخىرسىزلىك ھېسسىياتى بولدى. مېنىڭ ئۆلۈمۈم ئاللىقاچان لايىھىلىنىپ بولغان. مەن ھاياتىمنى قايسى يول بىلەن داۋاملاشتۇراي، قايسى چىغىر يول بىلەن ماڭاي بەرىبىر ئاخىرقى نۇقتام ئاشۇ.

ئەلۋەتتە يۇقىرىقىلار ھايات يولۇمدا ماڭا تەسىر كۆرسەتتى، دەپ قارىغان تەپسىلاتلار ياكى بۇ تەپسىلاتلارنىڭ تەپەككۇر ئەلگىكىمدىن ئۆتكەنلىرى. ئوقۇغانلارغا مەلۇم دەرىجىدە تۇرمۇش تەجرىبىسى ياكى مەندەك بىر ئاۋارىكەشنىڭ ھاياتلىق مەپكۈرىسىنى چۈشىنىشىگە ئاز تولا ئىزاھات بولۇپ قالسا ئەجەب ئەمەس.

 

2009- يىلى يېزىلدى، 2011 – يىلى 18- ئاپرىل تاماملىنىپ تۈزىتىلدى.

مىسرانىم مۇكاپاتلىق ئەسەرلىرى سەھىپىسىگە ......


ھازىرغىچە 5 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
zulayha + 100 تېمىلىرىڭىز شۇنچە پاساھەتلىك .
asrari + 500
kimina + 99 ھەقىقەتەن ئىسىل.....
pusat2 + 100 مەنزىل ۋە ھارۋىدىكى كىشىلەر
Bidar-Qutlan + 100 ھەقىقەتنىڭ پۇرىقى

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 899   باھا خاتىرىسى

تۇغۇڭنى تۇغۇلغان تۇپراققا قادا.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36104
يازما سانى: 1431
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11893
تۆھپە نۇمۇرى: 254
توردا: 3359 سائەت
تىزىم: 2011-4-2
ئاخىرقى: 2011-12-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-19 12:53:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسىرىڭىزنىڭ مىسرانىمدا مۇكاپاتقا ئىرىششىنى ئۈمۈد قىلىمەن ھارمىغايسىز..........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4553
يازما سانى: 374
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8842
تۆھپە نۇمۇرى: 386
توردا: 5073 سائەت
تىزىم: 2010-7-23
ئاخىرقى: 2014-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-19 01:30:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسەرنى ئاخىرى ئوقۇپ تۈگەتتىم،كەچمىشلىرىڭىز ئادەمنى ھەقىقەتەن ئويغا سالىدىكەن.مانا ئەمدى سىزنى راۋۇرۇس تونىۋالغاندەك بوپ قالدىم.
تارىخ مۇرەككەپ ھەم ئېچىنىشلىق،كىمكى ئاتا-بوۋىللىرىنىڭ تارىخىنى بىلسە،ئۆزىنى تونۇشقا پايدىسى باركەن.ئۆتمۈشنى ئۇنتۇش ئاسىيلىقتىن دىرەك بىرىدۇ.دىگەن گەپ كۆڭلۈمدە ئەكس ئەتكەندەك بولدى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22705
يازما سانى: 2650
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4182
تۆھپە نۇمۇرى: 742
توردا: 8413 سائەت
تىزىم: 2010-12-17
ئاخىرقى: 2014-8-12
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-19 02:03:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىمانلىق ياخشى دوست تۇتۇتىمەن دەيدىكەنمىز خىلى قۇربانلىقلارنى بىرىشكە توغرا كىلىدۇ، كىچىك ۋاقتىدا بىللە ئويناپ چوڭ بولغان، بىراق چوڭ بولغاندا شۇ بىللە ئوينىغان بالىلار ئەقىدىسىز..................... بۇلۇپ قالسا شۇنىڭدىن ۋاز كىچەلىشىمىز كېرەك. ھازىرقى بۇ ياشلىرىمىز بولسا پەقەت مەن شۇنداق بولسام، نۇرغۇن دوستلىرىم بىلەن ئارلىشالمايدىكەنمەن دەپ ۋە ياكى ياخشى ئش قىلىپ، شۇنداقلارغا تەسىر كۆرسىتەلمەي، ئاخىرىدا شۇ ياخشى يولدىن قول ئۈزگەنلەرمۇ يوق ئەمەس.........................
يوللار تۈز بولمايدۇ... قسىمەتلەر ئالدىمىزدا.......... بىزلەرنى يەنە نېمە كۈتۈپ تۇرىدۇ....... ................. شۇ ئىككى مېتىر ئاستىدىكى قارا تۇپراق....  ھايات شۇنداق ئىتىك ئۆتۈپ كىتىۋاتىدۇ، گۇناھلار كۆپۈيىۋاتىدۇ............................. ئىشەنسۇن ياكى ئىشەنمىسۇن ........ قەلەملەر كۆتۈرۈلدى، بەتلەر قۇرىدى...............
........................................................
ئۆتمۈش ئاجايىپ بولىدۇ

ئەمەللەر نىيەتكە باغلىق .

yaxax bizdin kuraxni talap kil

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23351
يازما سانى: 74
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6870
تۆھپە نۇمۇرى: 308
توردا: 1741 سائەت
تىزىم: 2010-12-22
ئاخىرقى: 2012-10-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-19 03:17:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىسىمنى بىلسەم ،ئائىلىمىز زىيالى ئائىلىسى بولغاشقىمۇ،كىتاپ ناھايىتى جىق ئىدى.تۇنجى قولۇمغا ئالغان كىتاۋىم ئەخمەتجان قاسىمى ھەققىدىكى ھېكايىلەردىن باشلاپ،مۇشۇ كەمگىچە كۈنۈم كىتاپسىز ئۆتمەپتۇ.لېكىن تلاي  شېئىرلار ئىچىدە قەلبىمنى لەرزىگە سالغان شېئىرلار ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ قان بىلەن يېزىپ چىققان شۇ ئولمەس شېئىرلىرى بوپتۇ.98-يىلى [ئىشچىلار ھەركىتى ژورنىلىدا] ئۆزبىكىستانلىق ئۇيغۇر يازغۇچى ئىمىن ئوسمان ئەپەندىنىڭ[پادىشانىڭ كىيىمى بارمۇ] دېگەن ماقالىسىنى ئوقوپ،ۋۇجۇدۇم تىتىرەپ كەتتى.چۈنكى شۇ تۈرەپ تۆلە باشلىق قەلەمكەشلەر بىزدە تالاي ئىدى.بۇلار ئەمدىغۇ خەلقىگە.تۇتىۋاتقان قەلىمىگە يۈز كەلگۇدەك ئېسىل ئەسەرلەرنى يازار !؟.دەپ شۇنچە تاما قىلسام،بۇ زىيالىلاردىن چىققان سادا يەنىلا ئاز بولدى .مەن خىلى كۆپ شائىر-يازغۇچىلار بىلەن كۆرۇشۇپ ھەمسۈھبەتتە بوپباقتىم.لېكىن ھامان ئۇلارنىڭ يازغانلىرى بىلەن ئەمىلىيىتىنىڭ ئوخشىماسلىغى يۈرىكىمنى زىدە قىلاتتى.خۇددى دوختۇر ئىشخانىسىغا [تاماكا چېكىش سالامەتلىككە زىيانلىق]دەپ يېزىپ قويۇپ،ئۆزى پۇقىرتىپ چېكىپ ئولتۇغاندەك،بۇلارمۇ خۇددى شۇنداق ئىدى،شۇندىن كېيىن ئۇنداق ئەقىدىسىز،قۇرۇق ھاياجان بىلەن تولغان ماقالىلاردىن ۋە سۆھبەتلەردىن ئۆزەمنى تاتتىم.قولىغا ھاراق رۇمكىسىنى ئېلىۋىلىپ، سەككاكى ،ناۋايى،  فارابىلاردىن ۋە مىللىتىدىن چۈشكەن شۇ زىيالىدىن،كۆچىدا ھەر ۋاقلىق نامىزىنى قازا قىلماي ئۆتەپ،ھارۋىسىدا قېچىپ يۇرۇپ ئالما سېتىۋاتقان باققال كۆزۇمگە ئۇز كۆرۇنىدىغان بولدى.[خورما چاغلىق نەرسە بولىسمۇ ،ياكى شۇنى تاپالمىساڭلار ياخشى سۆز قىلىپ بولسىمۇ دوزاقتىن ساقلىنىڭلار]دېگەن رەسۇلىمىز.ئىلاھىم! تىڭرقاش ئىچىدە كىتىپ بارغان  بۇ مىللەتنى گۈلەن،ئۇيغۇر زادە.مەڭگۇ تاش ۋە شۇلاردەك ئىمان ئىتقادلىق .سۆزى بىلەن ئەمىلىيىتى بىردەك بولىدىغان زىيالىلىرىمىزدىن ئايرىمىسۇن!

قەدەم ئىزى بىراۋنىڭ ماڭغانلېغىنى كورسىتىدۇ.................

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36104
يازما سانى: 1431
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11893
تۆھپە نۇمۇرى: 254
توردا: 3359 سائەت
تىزىم: 2011-4-2
ئاخىرقى: 2011-12-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-19 06:14:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسىرىڭىزنىڭ مىسرانىمدا مۇكاپاتقا ئىرىششىنى ئۈمۈد قىلمەن. قەلەم تۇلپارىڭىز ھارمىغاي.............

ۋەتىنى يوق ئادەم

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1567
يازما سانى: 180
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10890
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 4694 سائەت
تىزىم: 2010-5-30
ئاخىرقى: 2013-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-19 09:07:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
1

ئاتمۇسفىرادىن نەپەس ئىلىپ ياشاۋاتقان ھەر بىر ئىنسان تۈركۈملېرى ھەر خىل مەدەنيەت كاتىگورىيە چەمبىرىكى ئىچىدە ياشاۋاتىدۇ.دۇنيادىكى ھەر خىل مىللەتلەرنىڭ ئوخشاشمىغان ئۆرۇپ-ئادىتى،ئەنئەنىسى،يۇسۇنلېرى،ئەقىدە-ئېتىقادى،فولىكلور مەدەنيەت زاپىسى ئوخشاشمايدۇ،بەلكى ئۆزگىچىدۇر.ئۇچۇر ۋاستىلېرى بولغان تىلۋىزور،كومىيوتېر،تەرجىمە پىروزا ، پوئېزىيە ئەسەرلەرى ۋە ساياھەت خاتىرلېرىدىن دۇنيادىكى باشقا مىللەتلەرنىڭ تۇرمۇش ئادىتى ۋە مىجەز-خاراكتىرىنى ئانچە-مۇنچە چۇشۇنۈپ يەتتۇق.دۇنيا تەرپىدىن تاشلىۋىتىلگەن،تەكلىماكان ۋادىسى ئەتراپىدىكى پارچە-پارچە بوستانلىقلارنى مەنبە قىلىپ ياشاۋاتقان ئۇيغۇر خەلقىمۇ ئۇزۇن يىللىق سۈت ئۇيقۇسىدىن چالا ئۇيغۇنۇپ،تاشقى مۇھىت بىلەن ئانچە-مۇنچە ئالاقىلىشىشكە يۈزلەندى.بۇ بىر خۇشاللىنارلىق ئەھۋال ئەلۋەتتە.بۇ يەردىكى ئادەمنى مەيۇسلەندۇردىغان رىئاللىق شۇكى،ھايات ياشاش-«نان يىيىشتىن»ئىبارەت،دىگەن ئۆلچەمنى ئۆزىگە ئالى نىشان قىلىۋالغان مىللىتىمىزنىڭ بىر تۈركۈم زەرگى،روھى زەئىپ،ئەقلى مىيىپ،ئەقىدە-ئېتىقادىنىڭ تايىنى يوق،لەيلىمە كىشىلەر ئەتكەسچى مەدەنيەتنىڭ ئەخلەتلېرىنى ئۆزىگە شىددەت بىلەن ئۆرنەك قىلىشقا باشلىدى.ئەمىليەتتە ھەر قانداق مىللەتنىڭ مەدەنيىتىدە ئىلغارلىق ۋە رەزىللىك خۇرۇچلېرى بىللە مەۋجۈت.لىكىن بىزدە تەجىرىبە،دەلىللەش،ئەستايىدىللىق،ئەمىليەتتىن ئۆتكۈزۈش روھى بولمىغاچ،غەيرى مەدەنيەتلەرنى قارا-قۇيۇق قۇبۇل قىلىشقا باشلىدۇق.  16-ئەسىرنىڭ باشلېرىدىن تارتىپ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىجدىمائى ھاياتىدا زور ئۆزگۇرۇشلەرگە سەۋەپچى بولغان شەخىس نەمەنگانلىق خۇجا-مەخدوم ئەزەمنىڭ ئۇيغۇر سەئىدىيە ھاكىميىتىنىڭ سەلتەنەت مەركىزىگە تەدىرجى ئۆز تەسىرىنى كۆرسىتىپ،دۆلەتنىڭ سىياسى،ئىجدىمائى ھاياتىغا مىسىلسىز زور زىيانلارنى ئىلىپ كەلدى.ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئىجدىمائى ھاياتىدا شەكىللەنگەن«ئاق تاغلىقلار»بىلەن«قارا تاغلىقلار»ئوتتۇرسىدىكى دەھرى ھاكىميەتنى تالىشىشنى كۆزلەپ پارتىلغان توپلاڭ-غەليانلار ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ماددى،مەنىۋى تۇرمۇشىغا،ھاياتىغا،خەلقىمىزنىڭ روھى ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىمىزغىمۇ پاسسىپ تەسرلەرنى كۆرسىتىپ كەلدى. 2 ئەسىرگە يىقىن داۋام ئەتكەن مەزھەپ تۇقۇنۇشى مەخدوم ئەزەم ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلېرى ۋەكىللىكىدىكى مەلئون كىشىلەر تەرپىدىن ۋايىغا يىتىپ ئورۇندىلىپ،خەلقىمىز مەنىۋىيىتىنى ئېغىر كىرزىس خاراكتىرلىق سەلبى ئاقىۋەتلەرگە ھامىلدار قىلدى.سۇلتان ساتۇق بۇغراخان قۇبۇل قىلغان ئەقەللى،ئەقىلنى تەشەببۇس قىلغۇچى دىن-ئىسلام دىنىمۇ بۇرمىلنىپ،مازارلارغا چۇقىندىغان،پىر-شەيىخلەرنى چوڭ بىلدىغان،قەبرىلەردىن مەدەت-ئاسايىشلىق تىلەيدىغان خۇراپى،بىدئەت ئىدىيىلەر باش كۈتۇرۇپ چىقتى.ھازىرمۇ شۇ خىل بىدئەت،زالالەتنىڭ بىخلېرى بىزنىڭ ئىڭىمىزغا،تۇرمۇش مىزانىمىزغا سىڭىپ كەتتى.ھازىرقى ئۆزىمىزنىڭ خاراكتىرىنى كۆزەتسەك،مۇللا-داخانلارغا چۇقۇندىغان،نەزىر-چىراق،توي-تۈكۈنلەرنى ھەشەم بىلەن ئۆتكۈزدىغان ئادەت قەدەمدە بىر يۇلۇقىدۇ.

                                                        2
ئايالىمنىڭ ئۈيى ناھىيمىزنىڭ چەت سەھراسىدا بولغاچ،چوڭلارنى بەزىدە بىرەر ئايلاپ يۇقلىيالمايتتىم.بۇنڭغا خىزمەت ئالدىراشلىقى،تۇرمۇش ھەلەكچىلىكى،يەنە قانداقتۇر باھانىلېرىم جىق ئىدى.يېقىندا پەرزەنىتلىك بولغاندىن كىيىن،ئاتا-ئانا،ئورۇق-تۇققان،قېرىنداشلىق مېھرى تۇغرىسىدا بىر قەدەر ئەتراپلىق چۇشەنچىلەرگە ئىگە بولدۇم.بۇرۇن نۇرغۇن ئىشلارغا سەل قارايتتىم،ھازىر نەرسە-كېرەك سېتىۋىلىش،ئورۇق-تۇققان يۇقلاش،دوستلار ئارا مۇئامىلە قىلىش.........جەھەتلەردە «قاسراق»تاشلىدىم دىسەممۇ بۇلىدۇ.بىر تال قۇم ھەرگىز تەكلىماكان بۇلالمايدۇ.خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش مىللەتنى ئىجدىمائى كاتىگورىيە قىلىپ ياشاۋاتقان ھەر بىر ئۇيغۇر پەرزەنتىمۇ مىللەت بۇلۇپ شەكىللىنەلمەيدۇ،بەلكى مىللەتنىڭ ئىچىدىكى بىر زەرىچىدىن،دانچىدىنلا ئىبارەت.بەزىدە شۇ بىر زەرىچە مىللەتنىڭ ئومۇمى ساپاسىغا تۆھپە قۇشالىشى ياكى مىللەتكە زور تەسىرلەرنى كۆرسىتەلىشى مومكىن.
قىيىنئاپاملارنىڭ مەھەلىسىدىكىلەرنىڭ ئىچىملىك سۇ مەسلىسى تىخىچە ھەل قىلىنمىغان ئىدى.ھەر قىتىم بارغان ۋاقتىمدا كارىزدىن 3 چاقلىق موتوغا 4-5تۇڭنى بىسىپ سۇ تۇشۇپ ئەكىلىىپ بېرەتتىم.شۇ جەرياندا كارىزغا سۇغا چىققان قېرى-ياش،قىز-چوكان،ئۇششاق-چوڭلارنىڭ كارىزدىن سۇ ئالغۇچە ئىنتايىن تەرتىپلىك ھالدا بىر-بىرىگە ياردەملىشىپ بېرىشى،قەلبىمدە ئېيتىپ-تۇگەتكۈسىز ھاياجان قوزغايتتى.تاش شەھەرلەردە ياشاپ شەخسى مەنپەتىگە بىۋاستە تاقاشمىسىلا،بىر-بىرى بىلەن كارى يوق شەھەرلىكلەرنىڭ دەل ئەكسىچە ئادىمىلىك خۇرۇچلېرى ھەر قەدەمدە ئۇچۇراپ تۇراتتى.بۇ خىل ھەمكەرلىشىش ئىڭى ئىنتايىن غەرەزسىز ئىدى.شۇ خىلۋەت سەھرادا ئازغىنە ئىنسان تۈركۈملېرى ئۆز ئېتىقادى،ھاياتقا بولغان ساددا مېھرى-مۇھەببىتى،تەبىئەتكە بولغان يۈكسەك مەسئوليىتى ئارقىلىق قارىماققا ئاسان ھېس قىلغىلى بولمايدىغان،لىكىن ئىنچىكە كۈزەتكەندە بىز يۇقۇتۇپ قۇيۇۋاتقان،لىكىن ھەممە ئادەم ھامان تەشنا بولدىغان ئادىمى پەزىلەتلەر جىق ئىدى.بۇ خىل ئادىمى پەزىلەتلەر مىنىڭ ئادەملەرگە بولغان چوغدەك مۇھەببىتىم،ئىنسانلارنى سۇيۇشۇم،ئۆز قەۋىمىمگە بولغان سۆيگۈمنى يىلىنجاپ يالقۇنلۇتۇپ،مەندە ئادىمىلىك پەزىلەتلېرى ئۆستىدە ئويلاندۇرۇشقا مەجىبور قىلاتتى......
نەچچە ھەپتە بۇرۇن شۇ خىلۋەت سەھرادا جۈمەگە  بېرىپ، ئۆمرۇمدە ئاڭلاپ باقمىغان ئىسىل بىر دوردانە ساۋاقنى ئاڭلىدىم.بۇ مىنىڭ ھاياتىم ئۈچۈن ئېيتىپ-تۇگەتكۈسىز بىر كۈن بولدى،مەندىكى بەخىت چۇشەنچىسى،ئادىمىلىك پەزىلەت،دۇنيا كۆز قارشىمغا ئەھمىيىتى بەكمۇ زور بولىدى.قىيامەت ھامان كىلىدۇ،لىكىن قىيامەتنىڭ مۇئەييەن  يۈز بېرىش ۋاقتىنى اللەدىن باشقا ھېچكىشى بىلمەيدۇ.لىكېن ئۇنىڭ بەلگە ئالامەتلېرىنى بىلگىلى بۇلىدۇ.تۈۋەندە ئىمامنىڭ ئىسىمدە قالغان  سۆزلېرىنى كۆپچىلىككە سۇناي؛
1،دۇنيادا ھەر خىل گۇناھلارنىڭ كۆپۇيۇپ كېتىشى،
2،ئامانەتكە خىيانەت قىلنىشى،
3،بالىلار ئاتا-ئانىلارغا قۇپال مۇئامىلە قىلىپ،سۆزلېرىنى رەت قىلىشى،
4،سازەندە-غەزەلچى-ئۇسۇلچى ئاياللارنىڭ كۆپۈيۈپ كېتىشى،
5،كېيىنكىلەر ئىلگىرى ئۆتكەن ئۇلۇغلارنى يامان دەپ ئېيتىشى،
6،ئىلىمسىز كىشىلەر پىشىۋا بۇلىۋىلىپ ھوقوقدار بۇلۇپ قىلىشى،
7،ئەھلىيەتسىز(شۇ ئىشنىڭ ئەھلى بولمىغان)نادان كىشىلەرنىڭ ھوقوق تۇتۇشى.
ئىنسانلارنىڭ بىشىدىن 3 خىل قىيامەت بۇلۇپ ئۆتىدۇ.1-قىيامىتى شەخىس،بۇ ھەر بىر ئادەمنىڭ بىشىغا كىلدىغان ئۆلۈم نامىدور،2-قىيامىتى قەرنى،بىر ئەسىر ئىچىدە بىر مىللەتنىڭ ئۈلۈمىدىن ئىبارەت بۇلۇپ،بىر مىللەت ئىچىدە زىنا،پاھىشە،پاسىقلىق،گۇناھكارلىق،شەرئى ئەھكامغا خىلاپ ناشايان ئىشلارنىڭ ئەۋىج ئىلىنسا،اللە بۇندااق مىللەتنىڭ ئورنىغا يېڭى بىر نەسىل ياكى بۆلەك قەۋىمنى تۇرغۇزىدۇ.3-قىيامەت كۈنى،تامام دۇنيا يۇقۇلۇپ،قىيامەت كۈنى بولىدۇ.

                                                      3
ئىنسان بىلەن ئادەم ئوتتۇرسىدا ئوخشاشماسلىق بولسا كېرەك،ئىنسان-سۆزى كۆپلۈككە ۋەكىللىك قىلسا،ئادەم-سۆزى يەككە شەخىسكە بېرىپ تاقىلدۇ. ئوڭ قۇلۇڭ قىلغان ياخشىلىقنى سول قۇلۇڭ بىلمىسۇن(ھەدىس)،ياخشىلىق قىلساڭ ئونتۇپ كەت،ياخشىلىق كۆرسەڭ ئىسىڭدە چىڭ ساقلا،دىگەندەك سۆزلەر كىشىنى ئىختىيارسىز ئادىمىلىك پەزىلەتكە ئۈندەپ تۇراتتى.ھازىرقى تەرەققى قىلغان زاماندا ئادەم بىلەن ئادەم ئوتتۇرسىدا نۇرغۇن باغلىنىشلار مەۋجۈت،بۇرۇنقى زاماندىكىدەك يەيدىغان،ئىچىدىغاننى ئىلىۋىلىپ غارلاردا ئىستىقامەت قىلدىغان،تەنھا ياشايدىغان،ئەتراپىدىكىلەر بىلەن باردى-كەلدى قىلمايدىغانلار يوق بولسا كېرەك.پەن-تېخنىكىنىڭ مەھسولى بولغان ئۇچۇر-ئالاقە ۋاستىلېرىدىن پايدىلنىپ يەر شارنىڭ بىر چىتىدىكى مەلوم بىر شەخىس بىلەن يەنە بىر چېتىدىكى يەنە بىر شەخىس ئالاقىلەشكىلى،بۇ جەرياندا بەزى بىر پىكىر ئورتاقلىقى تىپىشى مومكىن.دېمەك ئادەم بىلەن ئادەم بۇلىدىغان جاھان بۇ. لىكىن بىزنىڭ ھازىرقى رىئاللىقىمىزغا نەزەر كۆزىمىزنى ئاغدۇرغىنىمىزدا بىزدىكى ئادىمىلىك خىسلەتلېرىمىز بارغانچە يۇقۇلۇش گىردابىدا تۇرماقتا.دۇنيا دېڭىزدا ھېچقانداق تايانچى بولمىغان مىللىتىمىزدىن ئىبارەت تەنھا قىيىق تارىختا نۇرغۇن شانلىق مەدەنيەتلەرنى ياراتقان بولسىمۇ،بۇگۇنكى كۈنگە كەلگەندە،ئادىمىلىك خىسلەتلېرىدىن يىراقلاپ كەتمەكتە.ئۆزىگە شەرمى-ھايا،ئېتىقاد،ئىمان،غۇرور،تەۋەككۈلچىلىك،قەيسەرلىكنى مەنىۋى بايلىق قىلىپ كەلگەن ئەجداتلېرىمىزنىڭ بۇگۇنكى ۋارىسلېرى ئۆزلۈك ئەنئەنىسىدىن چەتنەپ ئۆز ئۇقىدىن ئايرىلغان سەييارىلەرگە ئوخشاپ قالدى.ئەتراپىمىزنى ئەستايىدىل كۆزەتسەك نۇرغۇن چۈشكۈن ياشلارنى ئۇچۇرتالايمىز.بۇرۇنقى قوشنىلار ئارا تاماق سۇنۇش،كىشى بشىغا قىيىنچىلىىق كەلسە ھال-ئەھۋال سوراپ كۆڭلىىگە  تەسەللى بېرىدىغان،ياردەم قىلدىغان ئەنئەنىلەر ھازىر ھاراق-شاراپ ئىچىش،رەڭلىك سورۇنلېرىغا ئاپىرىپ كۆڭلىنى ئىچىشلارغا ئالماشتى.كىشىلەر ھاراق-شاراپ ئىچمەيدىغان ئادەملەرگە غەيرى تەرەزدە قارايدىغان،جەمئىيەتتە يىتىم قالدۇردىغان،تاماكا تۇتمىسا ئىش بىجىرگىلى بولمايدىغان ناچار«ئادىمىگەرچىلىك»كە ئۆزگەردى.بىزدىكى قىممەت قاراش شۇنچىلىك چاكىنىلىشىپ كەتتىكى،يەپ-ئىچىش،شەخىسى مەنپەئەت،ھوقوق-پۇل ئىدىيىمىزنى،روھىمىزنى كونتىرول قىلىۋالدى.بۇ دەۋىردە ئەلۋەتتە پۇل(ئېقتىساد)مۇ مۇھىم،لىكىن پۇلنىڭ بىر يۈزى قەغەز ئىكەنلىكىنى،ئادەمنىڭ پۇلدىن نەچچە ھەسسە بىباھا قىممەت ئىكەنلىكىنى ھېچكىم ئىسىگە ئىلىپمۇ قويمايدۇ.10 يىللار مۇقەددەم تۇنۇشقان بىر ئاغىنەم بار ئىدى.ئىككىمىز ئوخشاش گىتار ھەۋەسكارى بولغاچقا،يىقىن دوستلاردىن بۇلۇپ قالغان ئىدۇق.ئۆزى قۇلىدىن ئىش كىلدىغان بالا ئىدى.كىيىن مەلوم سەۋەپلەر تۇپەيلى خۇتۇنىدىن ئاجىرشىپ كىتىپ،بىر كاۋاپداننى كۆتۇرۇپلا ئىچكىرگە پۇل تاپقىلى كىرىپ كەتتى.2-3 يىل ئىچكىردە ئوقەت قىلىش جەريانىدا خېلى نۇرغۇن پۇل تىپىپ قايتىپ چىقتى.كىيىن ئۆزى مۇستەقىل ئىگىلىك تىكلەپ،يۇرتىمىزنىڭ پويىز ئىستانسىدا خوسوسى 2 قەۋەتلىك تىز تاماقخانە ئىچىۋالدى.95%خەنزۇلار ياشايدىغان شۇ جايدا بىر نەچچە يىل سودا قىلىش جەريانىدا خېلى نۇرغۇن پۇل تىپىپ ھاللىنىپ قالدى.بۇ جەرياندا شەنبە-يەكشەنبە كەلسىلا مىنى تەكلىپ قىلىپ تىلفۇن بېرەتتى.مەنمۇ ئۇ ۋاقىتلاردا تەتىللىك بوش ۋاقتىمدىن پايدىلنىپ شوپۇرلۇق پىراۋىسى ئىلىپ قويغانلىقىم ۋە تازا بۇرنۇم كۆپكەن بويتاق ۋاقىتلېرىم بولغاچ تاكسىدىن  بىرنى كۆتۇرۋىلىپلا پويىز ئىستانىسىغا قاراپ يول ئالاتتىم.ئۇ يەردە ساناقلىقلا ئۇيغۇرلار بولغاچ،يىڭى تۇنۇشقان دوستلېرىنى چاقىرىپ مىنى كۆتۇۋالاتتى.كىنولاردىلا كۆرگەن قىشلىق سۇ ئۆزۈش كۆللېرى،بەزمىخانىلاردىن قايتىپ چىقىپ تىز تاماقخانىغا قايتىپ كىلەتتۇق.شۇ ۋاقىتتا ھەيران قالغان ئىدىم.شۇ يەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ(مەن تۇنۇشقان)ھەر بىرسىنىڭ بىردىن خەنزۇ قىزىدىن بولغان ئاشنىسى بار ئىدى.رەڭلىك سورۇندا ئەركەكلەر ئۇيغۇر،خانقىزلار خەنزۇ ئىدى.پۇتۇنلەي خەنزۇچە سۆزلىشەتتۇق.ھاراق-شاراپ ئىچىشەتتۇق،...........
95-يىلى ئالتايغا دالا سەيلىسىگە بېرىپ،بۇرۇلتۇقاي ناھىيسىنڭ يەتتە ئارال يېزىسىغا ئاز قالغان ۋاقتىمىزدا ،ماشنا بۇزۇلۇپ قىلىپ چۆلدە قالغان ئىدۇق.ئەتراپ قاقاس چۆل،يامغۇردىن ئۈنۈپ چىققان ياۋا ئوت-گىيالارلا بار ئىدى.ئۇسسۇزلۇق دەردىدىن چاك-چاك بۇلۇپ كەتتۇق.شۇ ۋاقىتتا نەدىن كەلگەن بەڭۋاشلىقكىن شىخولۇق،ئاتۇشلۇق،قۇمۇللۇق ئاغىنىلېرىمگە ئالتايغا كىرىپ ھاراق ئىلىپ چىقىش تەكلىپىنى بەردىم.ھەممىمىزنىڭ تۇنجى قىتىم ئالتاي دىيارىغا  قەدەم بىسىشىمىز بولغاچ،بىزدە ياشلىق،قىزىقىش،تەنتەكلىكتىن باشقا ھېچنىمە يوق ئىدى.قانچىلىك مۇساپە باسىساق يىتىپ بارىمىز ئويلاشمايلا تەۋەككۈل قىلىپ سالدۇق.بىر نەچچە سائەت ماڭغاندىن كىيىنمۇ چۆلدىن چىقىپ كىتەلمەي،پىژ-پىژ ئىسىقتا تەشنالىقىمىز تىخىمۇ كۈچىيىشكە باشلىدى.بىر-بىرىمىزگە قىيداپ،باتناپ يۇرۇپ بىر خەنزۇ زەرەتگارلىقىغا كىلىپ قالدۇق.قارىسام قەبرە سۇپىسىدا تاۋۇز-قوغۇن،ئالما دىگەندەك مىۋە-چىۋە،ھاراق،كۆيدۇرۇلگەن ساقتا قەغەز پۇل ..........قاتارلىقلار بار ئىدى.كۆزۇمگە ئەڭ دەسلەپتە چىلىققىنى يىيىلمىگەن تاۋۇز-قوغۇن بولدى.ئۇسسۇزلۇق دەستىدىن ئاران بۇلۇپ قالغان ئاغىنىلېرىمگە مىۋە-چىۋىنى يىيىش تەكلىپىنى بەردىم،لىكىن ئۇلار دەسلەپتە قۇشۇلمىغان بولسىمۇ،مىنىڭ ئىككىلەنمەي بېرىپ يىيىشىمنى كۆرۇپ،بىر-بىردىن ئاستا كىلىپ ماڭا جۈر بۇلۇشقا باشلىدى............ھازىر ئويلىسام توۋا دەپ سالمەن،شۇ ۋاقىتلاردا نىمانچە ساددا،نىمانچە بىچارە،ئەخمەقتۇرمەن-ھە؟
ياشلىقىمدىكى شۇ خىل چۈشكۈن،زەئىپ ئىشلار،قىزلار سورۇنى،ئىچىملىك-چىكىملىك سورۇنلېرىغا پەرۋانە كەبى ئۆزەمنى ئۇرۇشۇم،مەندىكى ئەقىلنى بۇغۇپ،ئادىمىلىك پەزىلەتلەردىن مەھرۇم قىلىپ كەپتۇ.شۇ ۋاقىتلاردا ھازىرقىدەك شۇنداق ناچار ئىشلارنى كۆرگەندە،ھەركىتىم ئارقىلىق چەكلەش،سۆز ئارقىلىق چەكلەش،ئۇمۇ مومكىن بولمىغاندا ئىماننىڭ ئاجىزى بولغان دىلىم ئارقىلىق قارشى تۇرۇشنىمۇ بىلمەپتىمەن.ئەتراپىمىزنى قورشاپ تۇرغان مۇھىتنى بىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ماھىيىتىنى بىلىش كېرەك،بىراق ھەممە تەپسىلاتلارنىڭ چىكى يوق،ھەممىنى بىلىش ئۈچۈن ئىنسان ھامان ئاجىزلىق قىلىدۇ.شۇڭا دۇنيادا مۇكەممەل ئىنسان يوق.نەپەس ئىلىپ ياشاۋاتقان ھەر بىر ئىنساندا نوقسان مەۋجۈت،ئۆزىمىزنىڭ تەكەببۇرلىقى سەۋەپلىك ئۆزىمىزنى ئوپىراتىسىيە قىلىپ تۇرۇشنى ئىستىمەيمىز.دوستلار ئارا يىغىلىشىمىزدىكى ئىچىملىك سورۇنلېرى،كەيىپ-ساپا ئولتۇرۇشلېرى،غەيۋەتكە پىلتە بولدىغان سۆز-چۆچەكلەر،ئورۇق-تۇققان،قېرىنداش،خۇلۇم-خۇشنىلار ئارسىدىكى مۇئامىلىدە ھەر بىر ئادەمنىڭ ئادىمىلىك پەزىلىتى چاقناپ تۇرىدۇ.بىزدىكى مەنىۋى قۇرغاقلىق  ئۆزىمىزنىلا ئويلايدىغان شەخسىيەتچىلىككىلا ھامىلدار قىلىپ قويدى.يىراقنى ئويلىمايدىغان،كۆز ئالدىمىزدىكى كۆپۇكچىسىمان مەنپەئەت بىزنىڭ ئەقىل كۆزىمىزنى تۇسۇپ قويدى.ئۆزىمىزنىڭ مەنىۋىيىتىمىزنى بىيىتىپ،ئادىمىلككە قانچە يىقىنلىشالساق مىللەت،ۋەتەن ئۈچۈن شۇنچە تۆھپە قۇشقان ھىساپلىنىمىز.ئەڭ مۇھىمى قىيامەت كۈندە ياراتقۇچى ئالدىدا يۇزىمىز يورۇق،دىلىمىز نۇرغا تۇلىدۇ.ۋاقىت ئۆتىۋاتىدۇ،كۈنلەر يىللارنى قوغلىشىپ كىلىۋاتىدۇ،گۇناھ-ساۋاپ ھەر بىرىمزىنىڭ نام-ئەمەل دەپتىرىگە پۇتۇلۋاتىدۇ،ھازىرقى ئەڭ چوڭ مەسلە؛ھاياتلىق سەپىرىمىزدە قانچىلىك تەييارلىق قىلالدۇق؟بۇگۇنكى گۇناھلېرىمىز ئۈچۈن مەغپىرەت تەلەپ قىلالدۇق؟قەلبىىمزنى ھاكاۋۇرلۇق،ھەسەتخورلۇق،تىلىمزنى غەيۋەت قىلىش،سوخەنچىلىك،يالغان ئېيتىش ئىللەتلېرىدىن پاكلىيالدۇقمۇ؟........ئادىمىلىكىكە يىقىنلىشىش،ئادىمىلىككە قايتىش ئۈچۈن ھەر بىرىمىزدە يۈكسەك ئەقىدە،ئېتىقاد بۇلۇش بىلەن بىرگە يۇرۇكىمىزنى ئالقىنىمىزغا ئىلىپ پاكىزە تازلىيالغۇدەك روھ ۋە جۈرئەت بۇلۇشى كېرەك.

مەنبە؛توتېم

2008-يىلى 17-فېۋرال

ۋەتىنى يوق ئادەم ئۈنى يوق بۇلبۇل!(ماقال-تەمسىل)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2866
يازما سانى: 659
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12178
تۆھپە نۇمۇرى: 373
توردا: 12920 سائەت
تىزىم: 2010-6-23
ئاخىرقى: 2014-7-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-19 10:44:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 4قەۋەت  uzak-yol كە 2011-04-19 03:17 PMئەۋەتىلدى  :
ئىسىمنى بىلسەم ،ئائىلىمىز زىيالى ئائىلىسى بولغاشقىمۇ،كىتاپ ناھايىتى جىق ئىدى.تۇنجى قولۇمغا ئالغان كىتاۋىم ئەخمەتجان قاسىمى ھەققىدىكى ھېكايىلەردىن باشلاپ،مۇشۇ كەمگىچە كۈنۈم كىتاپسىز ئۆتمەپتۇ.لېكىن تلاي  شېئىرلار ئىچىدە قەلبىمنى لەرزىگە سالغان شېئىرلار ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ قان بىلەن يېزىپ چىققان شۇ ئولمەس شېئىرلىرى بوپتۇ.98-يىلى [ئىشچىلار ھەركىتى ژورنىلىدا] ئۆزبىكىستانلىق ئۇيغۇر يازغۇچى ئىمىن ئوسمان ئەپەندىنىڭ[پادىشانىڭ كىيىمى بارمۇ] دېگەن ماقالىسىنى ئوقوپ،ۋۇجۇدۇم تىتىرەپ كەتتى.چۈنكى شۇ تۈرەپ تۆلە باشلىق قەلەمكەشلەر بىزدە تالاي ئىدى.بۇلار ئەمدىغۇ خەلقىگە.تۇتىۋاتقان قەلىمىگە يۈز كەلگۇدەك ئېسىل ئەسەرلەرنى يازار !؟.دەپ شۇنچە تاما قىلسام،بۇ زىيالىلاردىن چىققان سادا يەنىلا ئاز بولدى .مەن خىلى كۆپ شائىر-يازغۇچىلار بىلەن كۆرۇشۇپ ھەمسۈھبەتتە بوپباقتىم.لېكىن ھامان ئۇلارنىڭ يازغانلىرى بىلەن ئەمىلىيىتىنىڭ ئوخشىماسلىغى يۈرىكىمنى زىدە قىلاتتى.خۇددى دوختۇر ئىشخانىسىغا [تاماكا چېكىش سالامەتلىككە زىيانلىق]دەپ يېزىپ قويۇپ،ئۆزى پۇقىرتىپ چېكىپ ئولتۇغاندەك،بۇلارمۇ خۇددى شۇنداق ئىدى،شۇندىن كېيىن ئۇنداق ئەقىدىسىز،قۇرۇق ھاياجان بىلەن تولغان ماقالىلاردىن ۋە سۆھبەتلەردىن ئۆزەمنى تاتتىم.قولىغا ھاراق رۇمكىسىنى ئېلىۋىلىپ، سەككاكى ،ناۋايى،  فارابىلاردىن ۋە مىللىتىدىن چۈشكەن شۇ زىيالىدىن،كۆچىدا ھەر ۋاقلىق نامىزىنى قازا قىلماي ئۆتەپ،ھارۋىسىدا قېچىپ يۇرۇپ ئالما سېتىۋاتقان باققال كۆزۇمگە ئۇز كۆرۇنىدىغان بولدى.[خورما چاغلىق نەرسە بولىسمۇ ،ياكى شۇنى تاپالمىساڭلار ياخشى سۆز قىلىپ بولسىمۇ دوزاقتىن ساقلىنىڭلار]دېگەن رەسۇلىمىز.ئىلاھىم! تىڭرقاش ئىچىدە كىتىپ بارغان  بۇ مىللەتنى گۈلەن،ئۇيغۇر زادە.مەڭگۇ تاش ۋە شۇلاردەك ئىمان ئىتقادلىق .سۆزى بىلەن ئەمىلىيىتى بىردەك بولىدىغان زىيالىلىرىمىزدىن ئايرىمىسۇن!
نادىر تېمىغا بېرىلگەن نادىر ئىنكاس.

بېشىڭنى كۆتەر!يې

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17615
يازما سانى: 76
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7193
تۆھپە نۇمۇرى: 343
توردا: 543 سائەت
تىزىم: 2010-11-15
ئاخىرقى: 2013-6-4
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-19 10:54:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كارىز سۈيى ؟   سىزنى يازغۇچى ئوخشايدۇ دەپ قالىمەن زادى  [s:152]
سالامەت بولۇڭ  [s:174]

ئەركەكلەر ئىزدەيدۇ ئۇيغۇر قىزىنى ، ھەم قىزلار ئىزدەيدۇ ئۇيغۇر ئوغلىنى . تۇرۇپتۇ بايراقسىز قۇم باسقان شەھەر ، كەتمەننى چاپقاننىڭ ۋىسالنىڭ تېڭى.

بىز نېمىلەرنى يوقىتىۋاتىمىز ؟.

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36864
يازما سانى: 878
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 6838
تۆھپە نۇمۇرى: 615
توردا: 4543 سائەت
تىزىم: 2011-4-8
ئاخىرقى: 2014-6-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-19 11:46:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېمىڭىزنى ۋە ئىنكاسلارنى  ئوقۇپ بولۇپ  كومپىيۇتېر ئالدىدا ئۈن _تۈنسىز ،ئېغىر خىياللارغا چۆككەن ھالدا  ئولتۇرۇپ كەتتىم ...

گۈل ئۆستۈر ، لېكىن كىمنىڭ پۇرىشى بىلەن ھېساپلاشما ؛ يول ياسا ، بىراق ئۇنىڭدا كىمنىڭ مېڭىشى بىلەن ھېساپلاشما ؛ ئۆمرۈڭنى مەنىلىك ئۆتكۈز ، بىراق ئۇنىڭ قانچىلىك قالغانلىقى بىلەن ھېساپلاشما ؛ ھەممە چىرايلارغا كۈلكە سېلىپ قوي ، بىراق ئۇلاردىن بەدەل تەلەپ قىلما . ھايات تەبىرىنى
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش