ئەسەرلىرىڭىزنى تولۇق ئوقۇپ، بالىلىق چاغلىرىم بىلەن پەرزەنتىمنىڭ بالىلىق چاغلىرىنى، ئۇنۋېرسىتىتتىكى چاغلىرىم بىلەن سىزنىڭ چاغلىرىڭىزنى ۋە پەرزەنتلىرىمنىڭ ھازىرقى چاغلىرىنى سېلىشتۇرۇپ، ئولتۇرۇپ كەتتىم. سىزگە سەھرايىڭىزدىن بالىلىقىڭىزدا يۇققان خىمىر تۇرۇچ قەلبىڭىزنى پاكلاپ كىلىپتۇ، ئەمما ھازىرقى بالىلىرىمىزغا بولۇپمۇ شەھەرلەردە ھەتتا ئاتا-ئانىسىدىن كىچىكلا ئايرىلغان پەرزەنتلىرىمىزگە نە يۇقىدىغان خىمىر تۇرۇچ يوق، نە پۇرىغىدەك بوۋا-مومىلىرىنىڭ ھىدى يوق، ئۇلار ئۆزىنىڭ كىملىكىنىڭ «كىم»لىكىنى بىلمەي تۇرۇپ، كىملىكى تېخىمۇ نامەلۇم پەرزەنتلىرىگە ئاتا-ئانا بولۇپ ئۆتۈپ كېتەرمۇ؟
يازمىڭىزدىكى «ئۈرۈك قېقى» دېگەن سۆزىڭىز «
ھازىرقى مەتبۇئاتلىرىمىزدىن ئانا تىلىمىزدىكى بىرقانچە مەسىلىگە نەزەر » ناملىق ماقالامنىڭ ماۋۇ قۇرلىرىنى ئېسىمگە سالدى:
قۇرۇتۇلغان مېۋە بولسىلا «قاق» دەيدىغان خاتا ئۇقۇم ئومۇملاشماقتا. ئۇيغۇر تىلىدا ئەسلىدە «قاق» سۆزى پەقەت شاپتۇلنىڭ قۇرۇتىلغېنىغىلا قارىتىلاتتى، ئۆرۈكنىڭ قۇرۇتىلغېنىنى «ئۆرۈك قېقى» دەپ ئاتىماستىن «گۈلە»، ئۈژمىنىڭكىنى «ۋاسالغۇ»، ئۈزۈمنىڭكىنى «يىمىش» دەپ ئاتايتتى.
يۇقارقى مەسىلە ھازىر ئاددىيدەك بىر مەسىلىدەك كۆرۈنسىمۇ، بۇنىڭغا سەل قارالغاندا خەنزۇ تىلى ۋە باشقا تىللارنىڭ مىللىتىمىز ئارىسىدا ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ كەلگۈسىدە مەتبەلىرىمىزدە بايتال، بوتىلاق، تەخەي، چۈجە، دەمدا، ئېرىكلارنى ئاتنىڭ چىشىسى، تۆگىنىڭ بالىسى، ئېشەكنىڭ بالىسى، توخۇنىڭ بالىسى، كەپتەرنىڭ چىشىسى، ئەركەك قوينىڭ پېچىۋېتىلگىنى دېگەندەك ئاتالغۇلارنى ئۇچرىتىپ قالارمىزمۇ دېگەندەك ئەندىشىلىك خىياللارغا چۈشمەي تۇرالمايمىز.
ئەسلى يوللىغۇچى: Bidar-Qutlan ، ۋاقتى: 2008-12-13 01:10