مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 584|ئىنكاس: 17

قوشۇمچە تەكشۈرۈش دوختۇرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

http://arkan.blogbus.com/

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37656
يازما سانى: 28
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 836
تۆھپە نۇمۇرى: 52
توردا: 1061 سائەت
تىزىم: 2011-4-15
ئاخىرقى: 2012-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-19 08:34:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئاشىن

مىسرانىڭ مۇنبىرىنىڭ مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر پائالىيتىگە ئاتاپ يازدىم

‹دوختۇرلار كەسپىي ئەخلاق قېنىغا مۇھتاج› دىگەن ئەمەلىي ئىشلار بايان قېلىنغان تېمىنى ئوقۇغاندىن كېيىن ئۆز رايۇنۈمدا ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەنلىرىم قوشۇلۇپ بۇ تېمىنى يېزىش ئىستىكىنى قوزغۇدى، بۇ تېمام قانداقتۇر، دوختۇر ۋە دوختۇرخانىلارنى سۆكۈش، كەمسىتىش مەقسىتىدە ئەمەس بەلكى ئەمەلىي بۇلاۋاتقان بىر قىسىم يامان ئىشلارنىڭ دوختۇر ۋە دوختۇرخانىلارنىڭ ياخشى ئوبرازىغا يامان تەسىرلەرنى بىرىپ قويۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن يازماقچىمەن.

تەبىئي پەننىڭ كۈنسايىن تەرەققىي قىلىش ۋە مىدىتسيىنا ئىشلىرىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىش بىلەن نۇرغۇن تىببىي تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىلىرى مەيدانغا چىقتى ۋە ئۇلار يېغىنچاقلىنىپ ‹‹قوشۇمچە تەكشۈرۈش ئۈسكۈنسى››دەپ ئاتېلىدىغان بولدى، بۇلارنىڭ مەيدانغا چىقىشى يىلدىن يىلغان ئىلغارلىشىشى مىدىتسىينا ئىشلىرىگە كۈچ قوشۇپ، بىزلەرنى توغرا دىياگىنوز،  ئەمەلىي ماتىرياللار بىلەن تەمىنلەپ كەلدى.

شۇ ئىلغار ئۇسكىنىلەر بىلەن بىرگە يەنە بىر قانچە مەسىلىلەرمۇ ساقلانماقتا، مەسىلەن: دوختۇرلارنىڭ دىياگىنوزتىكا ئىلمى بويىچە بىمارنى تەپسىلى تەكشۈرۈپ، ئەھۋاللاشماي تۇرۇپ قوشۇمچە تەكشۈرۈشكە بۇيرۇش  قوشۇمچە تەكشۈرۈش ئۈسكىنىسىگە زىيادە ئېسىلىۋىلىش، داۋالاش ئېھتىياجىنى دەپ ئەمەس دوختۇرخانا ئېھتىياجىنى دەپ نۇرغۇنلىغان مۇناسىۋەتسىز قوشۇمچە تەكشۈرۈشلەرگە يوللاش سەۋەپلىك نۇرغۇن بىمارلار دوختۇرخانىلارنىڭ قايتا-قايتا قان ئەۋرىشكىسى ئېلىش  كۆپلىگەن قوشۇمچە تەكشۈرۈشلىرىگە ۋە ئۇلارنىڭ يۇقۇرى باھاسىغا، نەچچە كۈنلەپ ئۆچىرەتتە تۇرۇشلىرىغا چىداپ كىلىۋاتىدۇ، ئەسلى بىمارلار بىرىنجى باسقۇچتىلا دوختۇرنىڭ  ئەتىراپلىق كۈزۈتىش ئەستايىدىل بەدەن تەكشۈرشىگە ئېرىشەلىشى، ئۇنداق مۇناسىۋەتسىز قوشۇمچە تەكشۈرۈشلەر ۋە قايتا-قايتا ئېلىنىدىغان قان ئەۋىرشكىلىنىڭ يىڭنە ئازابىغا ئۇچۇرماسلىقى، ئاغرىق ئازابىدىن ماڭالماي قېلىۋاتقان ئاجىز تەنلىرى ھېلى ئۇ بىنا، ھېلى بۇ بىنالاردا تەكشۇرتىمەن دەپ ئۆچىرەتتە تۇرۇپ كەتمەسلىكى كېرەك ئىدى.

ئەنە شۇنداق ئورۇنسىز، زىيادە تەكشۈرۈشلەرگە يوللاۋاتقان دوختۇرلار، ئاينىڭ ئاخىرىدا ئالىدىغان مۇئاشىڭلارنىڭ نەدىن كىلىدىغانلىقىنى ئويلاپ بېقىشىڭلار كېرەك، سىز ئىشلىگەن دوختۇرخانا خەلىقنىڭ، دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقانلار، دوختۇرخانىنى بېقىۋاتقانلار  سىلەرنى مۇئاش بىلەن تەمىنلەۋاتقانلار ئەنە شۇ خەلىق، سىز شۇ خەلىقنى نەچچە مىڭ يۈەنلىك تەكشۈرۈتۈشلەرگە ئورۇنسىز يوللاپ ئاينىڭ ئاخىرىدا نەچچە يۈز يۈەننى ئارتۇق ئالسىڭىز، بۇ دۆلەت قانۇنىغا، كەسپىي ئەخلاقىغا، ئىسلام دىنىمىزنىڭ ئەككاملىرىغا توغرا كىلەرمۇ؟

بۇ قېتىملىق داۋالاش ئىسلاھاتىنىڭ يادروسى دوختۇرخانىلارنىڭ دورا ئارقىلىق ئۆزىنى بېقىش تۈزۈلمىسىگە چەكلىمە قويۇلۇپ، «دورا ئارقىلىق دوختۇرخانىنى بېقىش» تۈزۈلمىسى بىلەن خوشلىشىش، دوختۇرخانىنى ئاۋام مەنپەئەتىگە قايتۇرۇپ كېلىش بولسىمۇ لېكىن ‹‹قوشۇمچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق دوختۇرخانىنى بېقىش›› ئىشىغا نىسبەتەن باشقۇرۇش تەكىتلەنمىدى  دوختۇرلارنىڭ بىمارنى تەپسىلى تەكشۈرۈپ  ئەھۋاللاشماي تۇرۇپ، داۋالاش ئېھتىياجىنى دەپ ئەمەس دوختۇرخانا ئېھتىياجىنى دەپ نۇرغۇنلىغان مۇناسىۋەتسىز قوشۇمچە تەكشۈرۈشلەرگە يوللايدىغان، بىر رايۇندىكى ۋېلايەت دەرىجىلىك دوختۇرخانىدا دېئىر، سېئىر قاتارلىق سايىلاندۇرۇش ئۈسكۈنلىرىدە تەكشۈرتىپ كەلگىنىگە 10كۈن بولمىغان بىمار ئوخشاشلا شۇ رايۇندىكى ناھىيە دەرىجىلىك دوختۇرخانىغا كىرسە ‹باشقىلارنىڭ تەرىتىدە ناماز ئۆتىگىلى بولمايدۇ › دەپلا رىنتىگىندا سايىلاندۇرۇپ تەكشۈرۈشكە(رېنتېگىن دېئىر، سېئىردىن تۆۋەن ئوروندا تۇرىدىغان تەكشۈرۈش ئۈسكىنىسى) بۇيرۇيدىغان ئىشلار مەيدانغا چىقىۋاتىدۇ (قوشۇمچە تەكشۈرتىشكە قارشى ئەمەسمەن بەلكى زىيادە ئورۇنسىز تەكشۈرتىشنى تىلغا ئالماقچى) بۇ ئىشلارغا چىرايلىق قىلىپ ‹‹دىياگىنوزنى مۇقۇمداش››‹‹داۋالاش ھادىسىلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش›› ‹‹كىلنىكىلىق ئىسپات›› ئۈچۈن دىگەندەك چىرايلىق قالپاقلار كەيدۈرۈلگەن بولسىمۇ كۆپ ئەھۋاللاردا دوختۇرخانىلارنىڭ ۋە دوختۇرلارنىڭ كىرىمىنى كۆپەيتىشنىڭ ياخشى ۋاستى بولۇپ قالدى دوختۇرخانا قايسى ئۈسكىنىنى يېڭىدىن كىرگۈزگەن بولسا  دوختۇرلارنىڭ بارلىق كىسەللەرنى شۇنىڭدا تەكشۈرتىشكە يوللاش مودىغا ئايلاندى، تىببىي مەكتەپلەردە دىياگىنوزتىكا ئېلمىدىكى بەدەن تەكشۈرۈش، سوراپ تەكشۈرۈش، تۇتۇپ تەكشۈرۈش، قاراپ تەكشۈرۈش، تېڭشاپ تەكشۈرۈش، تۇمۇر تۇتۇپ تەكشۈرۈش بىلىملىرى ئۆگىتىلىپ پۈتۈن بەدەننى تەكشۈرۈش ئۇسۇللىرى سېنغا ئېلىنىپ كۆرسىتىلگەن بولسىمۇ كىلنىكىغا چىققاندىن كېيىن ناھايىتى ئاز ئىشلىتىلدى ۋە ياكى ئىشلىتىلمىدى.

بۇنداق بولۇشتا بىمارلاردىمۇ سەۋەنلىكلەر باردەپ ئېيتىشقا بولىدۇ، يەنى بىمارلار ھە دىسىلا دوختۇرلارنىڭ ئۈستىدىن ئەرىز قىلىش كويىدا، كېسىلىنى داۋالاش ئۈچۈن باش قاتتۇرۇپ ئىشلەۋاتقان دوختۇرىغا تۇزاق قويۇش يولىدا ئىزدىنىشلىرى سەۋەپلىك ھەرقانداق دىياگىنوزنى بىكىتىشتە قوشۇمچە تەكشۈرتىش ئۈسكىنىسىنىڭ نەتىيجىسى ئاساسى ئورۇندا تۇرىدىغان بولۇپ قالدى، تىببى مائارىپتىن نەچچە يىل ھەتتا ئون يىل مەھىرمان بولغان دۆلەتتىن ئادەم داۋالىسا بولىدۇ دەپ ۋاراچلىق گۇۋانامىسى بەرگەن دوختۇرنىڭ قويغان دىياگىنوزى، يازغان ئىسپاتى ئەسقاتمىدى.

ئەسلىدىكى گۇمانلىق دىياگىنوزغا ئاساسەن مۇناسىپ قوشۇمچە تەكشۈرۈشكە بۇيرۇش ۋاھالەنكى ھازىرقى داۋالانغىلى كەلسىڭىزلا چاچنىڭ ئۇچچىدىن تىرناقنىڭ ئۇچچىغىچە  قوشۇمچە تەكشۈرۈش ئۈسكىنىسىدە تەكشۈرتىش ‹‹ئاساسلىق تەكشۈرۈش ›› كە ئايلاندى  شۇسەۋەبتىن دىياگىنوزتىكا ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق گۇمانىي دىياگىنوز قويۇپ مۇناسىۋەتلىك قوشۇمچە تەكشۈرۈشكىلا بۇيرۇيدىغان دوختۇرلار كۈندىن كۈنگە ئاز قېلىپ يېڭى بىر ئەۋلات ‹‹ قوشۇمچە تەكشۈرۈش دوختۇرلىرى›› مەيدانغا چىقىپ، قوشۇمچە تەكشۈرۈش ئۈسكۈنلىرى دىياگىنوزنى قويۇپ بەرمىسە ياكى قوشۇمچە تەكشۈرۈش نەتىيجىسى بولمىسا ھېچ ئىش قىلالمايدىغان،كىسەللىك ئىپادىسى ئېنىق بولغان ئادەتتىكى زۇكام بولۇپ قالغان بىمارنى قاننى پۈتۈن بەدەنلىك تەكشۈرتىش، ئۆپكىنى سايىلاندۇرۇپ تەكشۈرۈشكە بۇيرۇيدىغان دوختورلار مەيدانغا چىقتى (قوشۇمچە تەكشۈرتىشكە قارشى ئەمەسمەن، بەلكى زىيادە ئورۇنسىزتەكشۈرتىشنى تىلغا ئالماقچى)

يەنە بىر جەھەتتىن ساغلاملىققا بولغان چۈشەنچىسى كەمچىل بولغان نۇرغۇن كىشىلىرىمىز ئۆز بەدىنىدىكى كىچىك ئۆزگۈرۈش ۋەياكى نورمالنى فىزىئولوگىلىك ئۆزگىرىشلەر ئۈستىدىن دوختۇرنىڭ‹چوڭ مەسىلە يوق، بىر نەچچە كۈن ئارام ئېلىڭ› ياكى ‹ئەنسىرمەڭ› دىگىنىگە ئۇنىماي ‹‹چوڭ-چوڭ تەكشۈرتىش›› ئارقىلىق نەچچە يەرلىرىدىن كىسەل تاپقۇزۇپ دوختۇرنى يالغانچى قىلىش، ئۆزىنى كېسەلجان قېلىش ئارزۇسىغا يەتتى، يەنە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش كىشىلىرىمىز قوشۇمچە تەكشۈرۈش ئۈسكىنىسنىڭ نەتىيجىسىگە زىيادە ئىشىنىپ  كىچىكنى چوڭايتىۋالدى، ئۆزىگە يوق يەردىن كىسەل تېپىۋالغانمۇ بولدى، دوختۇرغا ئىشەنمەي تەكشۈرۈش ئۈسكىنىسىگە ئىشىنىپ داۋالاشنى قوبۇل قىلمايدىغان، ياخشى داۋالاش پۇرسىتى كىتىپ قېلىپ ئېغىرلاشقاندا پەيدا بولىدىغانلارمۇ بولدى(ھازىرغىچە كەشىپ قېلىنغان قوشۇمچە تەكشۈرۈش ئۈسكىنلىرى ئەزالارنىڭ فېزىئولوگىيلىك خىزمەت ئىقتىدارىنى تەكشۈرەلمەيدۇ، مەسىلەن: باشقا قوشۇمچە كېسەللىك ئەھۋالى بولمىغان باھ ئاجىزلىق سەۋەپلىك ئەرلىك ئىقتىدارى تۆۋەن بىر ياشنى بار بولغان بارلىق قوشۇمچە تەكشۈرۈش ئۈسكۇنىلىرىگە سالايلى، قاننى چوڭ كۆلەملىك تەكشۈرتەيلى باھ ئاجىزلىقنىڭ سەۋەبى چىقمايدۇ، بىر ئادەتتىكى روھى كىسەل بىمارنىڭ مىڭىسىنى مۇناسىۋەتلىك قوشۇمچە  تەكشۈرۈشلەردە تەكشۈرتەيلى چوڭ مەسلە چىقمايدۇ،لېكىن ئۇ يەنىلا كېسەل، يەنە  يوشۇرۇن خاراكتىرلىك يۆرەك كېسەللىكلىرى بىمارلىنىڭ كېسەللىك قوزغالمىغان ئەھۋالدا يۆرەك ئېلىكتىر ئېقىمىدا تەكشۈرۈش ئۈسكىنىسىدە تەكشۈرتەيلى مەسىلە بارلىقى بايقالمايدۇ، كىچىك بالىلاردىكى سىيىپ يېتىش كىسەللىكىنىمۇ تەكشۈرتىپ بېقىڭ ھېچ يەردىن تىرناقتا توختۇغۇدەك كېسەللىك ئەھۋالىنى تاپالمايسىز، مانا مۇشۇنىڭدەك نۇرغۇن مىساللار بار) شۇڭا دوختۇرنىڭ تەكشۈرىشى ئاساسلىق تەكشۈرۈش، قوشۇمچە تەكشۈرۈش ھامان قوشۇمچە تەكشۈرۈش ئىككىلىسى ئۆز رولىنى، ئۆز ئورنىنى تاپقاندا ئاندىن كېسەللىكلەرگە توغرا دىياگىنوز قويغىلى بولىدۇ.

سۆزىمنى ئاخىرلاشتۇرمىساممۇ بولمايدىغان يەرگە كېلىپ قالدى، ئاخرىدا دىمەكچى بولغىنى دوختۇر بولغان ئىكەنمىز، تىببىي مەكتەپلەردە ئۆگەنگەنلىرىمىزنى، ئۆز ئېقىتىدارىمىزنى، ئۆز ئەقلىمىزنى ئېشلىتىپ باقايلى!  داڭلىق تېببىي مۇتەخەسسىلەر كىسەلنى قانداق كۆرەتتى  يەنە شۇ بىز تىببىي مەكتەپتە ئۆگەنگەن سوراپ تەكشۇرۇش، تۇتۇپ تەكشۇرۇش، تىڭشاپ تەكشۇرۇش، قاراپ تەكشۇرۇش، چىكىپ تەكشۇرۇش،  تۇمۇرتۇتۇپ تەكشۇرۇش ئۇسۇللىرى بىلەن ئۆزىنىڭ نەچچە يىللىق كىلنىكىلىق تەجىربىلىرىنى بىرلەشتۇرۇپ كۆرۇدۇ (مۇتەخەسسلەرنى چۇشۇرمەكچى ئەمەسمەن، بەلكى ھەرقانداق ئادەم ئۆز كەسپىنى پۇختا ئېگەللىسە مۇتەخەسسى دىگەن شۇ دىمەكچى) سىز ئۇلارنى ئۆگەنمىگەنمۇ؟ ياق، سىزدە پەقەت شۇ نەچچە ئون يىللىق كىلنىكىلىق تەجىربە كەم، ئۇ تەجىربىگە قانداق ئىرىشىمىز؟!؟ ئەنە شۇنداق كىسەللەرنى دىياگىنوزتىكا ئېلمى بويىچە تەكشۇرۇپ، تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ئېرىشىمىز، كونىلارنىڭ پىچاقنى ئىشلەتكەنسىرى ئىتتىكلىشىدۇ دەيدىغان سۆزى بار  ۋاراچلىق گۇۋانامىسىنى توغرا يول بىلەن ئالغان بولسىڭىز، دۆلەتنىڭ دوختۇرلار كەسپىي ئەخلاقىغا ۋە ئۆز ۋىجدانىڭىزغا مۇخالىپ ئېش قىلمىسڭىز قەتتى قورۇقماڭ، كىسەلنى تەپسىلى كۆزۇتۇڭ، تەكشۇرۇڭ دە دىياگنوزنى بىكىتىڭ.

يۇتتاشلىرىم، قېرىنداشلىرىم سىلەرمۇ ئەمدى ئۆزەڭلەرنى ئالداشتىن ۋە ئالدىنىشتىن ساقلىنىڭلار.


مۇكاپاتقا ئېرىشەلمەي قالساممۇ ئۆكۇنمەيمەن، لىكىن ئىنكاس يېزىپ باھا بەرمىسەڭلار چوقۇم ئۆكۇنىمەن.
 

2011-يىلى 4-ئاينىڭ 18-كۇنى


http://arkan.blogbus.com/

ئىبراھىمجان ئىر

ئۈمىدلىك ئەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26436
يازما سانى: 2331
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 26186
تۆھپە نۇمۇرى: 3036
توردا: 6333 سائەت
تىزىم: 2011-1-16
ئاخىرقى: 2012-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-19 09:38:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دوستۇم سىز يازغان بۇ ئىشلار كۆپ قىسىم دوختۇرخانىلاردا مەۋجۇت مەسلە . بولۇپمۇ شەخسى دوختۇرخانىلاردا .

<< بىرمىسقال بىلوگى >> يىڭىدىن قۇرۇلدى .
بۇ بىلوگ خام ئالتۇن باھاسى ۋە دۇكانلاردا سىتىلىۋاتقان99%لىك تەييار زىبۇ -زىننەتلەرنىڭ ئەمەلى باھاسىنى قەرەللىك ھالدا بۇ بىلوگقا يوللىنىپ تۇرىدۇ

     http://1miskal.com/

ئىبراھىمجان ئىر

ئۈمىدلىك ئەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26436
يازما سانى: 2331
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 26186
تۆھپە نۇمۇرى: 3036
توردا: 6333 سائەت
تىزىم: 2011-1-16
ئاخىرقى: 2012-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-19 09:40:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىز ئوتتۇرىغا قويغان بۇ مەسىللەرگە ئۆزىمىزمۇ ئۇچراپ تۇرىمىز

<< بىرمىسقال بىلوگى >> يىڭىدىن قۇرۇلدى .
بۇ بىلوگ خام ئالتۇن باھاسى ۋە دۇكانلاردا سىتىلىۋاتقان99%لىك تەييار زىبۇ -زىننەتلەرنىڭ ئەمەلى باھاسىنى قەرەللىك ھالدا بۇ بىلوگقا يوللىنىپ تۇرىدۇ

     http://1miskal.com/

yaxax bizdin kuraxni talap kil

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23351
يازما سانى: 61
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3682
تۆھپە نۇمۇرى: 218
توردا: 1734 سائەت
تىزىم: 2010-12-22
ئاخىرقى: 2011-12-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-19 09:46:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بۇرادەر! سىز ئىتقان بۇ مەسئىلىلەر  ھازىر خۇددى يول توسار قاراقچىدەك ،پۇخرالارنىڭ شىللىسىگە مىنىۋالدى .ئۆزىنىڭ ساق بولۇشىنى كىم خالىمايدۇ دەيسىز؟ شۇڭا  بايدىن تارتىپ گادايغىچە ئۆزىنى  مەيلى قاقشىسۇن ياكى خۇش بولسۇن ھامان تەكشۇرتۇپ تۇرۇشقا مۇھتاج.سىز ئىيتقان بۇ  ھادىسلەرنىڭ ئوڭشىلىشىغا جوڭگۇچىلىقتا كۆزۈم يەتمەيدۇ.لېكىن بىر نەرسىگە كۆزۈم يېتىدۇ،ئۇ بولسىمۇ ماقالىنى ياخشى يېزىپسىز!!!!!!

قەدەم ئىزى بىراۋنىڭ ماڭغانلېغىنى كورسىتىدۇ.................

دۇنيادىن كىتىدۇ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36097
يازما سانى: 220
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1153
تۆھپە نۇمۇرى: 6
توردا: 648 سائەت
تىزىم: 2011-4-2
ئاخىرقى: 2012-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-19 10:03:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىمار ئەلۋەتتە دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسىگە بويسۇنىدۇدە،ئۇنداق بولمىغاندا ئۇ دوختۇر بەلكىم  بىمارنى داۋالىماسلىغى مۇمكىن،بۇ بىمارغا ئختىسادى زىيان ئېلىپ كەلگىنى بىلەن دوختۇرغا نەپ يەتكۈزىدۇ.شۇڭا قۇشۇمچە تەكشۇرۇش يەنىلا دوختۇرنىڭ ئىنساۋىغا باغلىق.

پاكىزلىق ـ ئىماننىڭ جۈملىىسىدىندۇر.

جاھان ئەركىسى

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3358
يازما سانى: 468
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7472
تۆھپە نۇمۇرى: 275
توردا: 977 سائەت
تىزىم: 2010-7-5
ئاخىرقى: 2012-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-19 10:19:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   تەرەققىيات شۇنداق بولغاندىكىن دوختۇرلاردا نىمە ئامال ،
 دوختۇرلارنىڭلا ئەمەس بىزنڭمۇ ئادەتتە بىرەر نەرسىنى تېخمۇ ئۇچۇق كۆرگىمىز ، ھۆكۇمنى تېخمۇ ئېنىق چىقارغىمىز كىلىدىغۇ . شۇنىڭغا ئوخشاش . دوختۇرلارنىڭ ئۇ ئەسۋاپلارنى ئىشلەتمەي كىسەل كۆرۇشى بولسا تەرەققىيات بىلەن قارشىلاشقانلىقى .
  شۇڭا ، جەميەت ۋە تەرەققىيات ئىھتىياجى دەپ چۇشىنىشىڭىزنى ۋە شۇ ئەسۋاپلار ئارقىلىق كىسەلنى ئېنىق بىلگىنىڭىزدىن خۇشال بولىشىڭىزنى ، شۇنداق بىر تەرەققىي قىلغان زاماندا تۇرۋاتقانلىقىڭزدىن پەخرلىنىشىڭىزنى ئۇمۇت قىلمەن .

زىمىندىكى يىگانە تەڭرى ___ ئانا .

bir lukqakman ,sining koqangda

تىرىشچان ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 848
يازما سانى: 481
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 16551
تۆھپە نۇمۇرى: 498
توردا: 5770 سائەت
تىزىم: 2010-5-26
ئاخىرقى: 2012-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-19 10:32:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دوختۇرنى كىم باشقۇردۇ دىگەن تىمىدا بىر تىما يازاي دەپ ئۆيلىغان.  ھەي...نىمە بوپ كەتتى بۇ جاھان...ئارتۇق سوزلىمەي...ياخشى يېزىپسىز... [s:173]

چ چ :876974497 سىلەرنى بەك سېغىندىم قېرىنداشلىرىم...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15755
يازما سانى: 353
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6614
تۆھپە نۇمۇرى: 632
توردا: 6762 سائەت
تىزىم: 2010-10-30
ئاخىرقى: 2012-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-19 10:39:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جان ئاغرىغاندا ئۇلار نىمە دېسە ياق دېگىلى بولمايدىكەن.كېسەلنىڭ مۇشۇ پىسىخىكىسىنى ئوبدان ئىگەللىگەن دوختۇرلار تەكشۈرتۈشنى كۆپ قىلىپ ئاي ئاخىرىدا مۇكاپاتنى كۆپ ئالىدۇ.

خوشامەتتىن سەسكىنىمەن.

*ئاللاھ گۇناھلىر

ئاكتىپ ئەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33532
يازما سانى: 767
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5237
تۆھپە نۇمۇرى: 501
توردا: 1656 سائەت
تىزىم: 2011-3-12
ئاخىرقى: 2012-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-19 10:39:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي..مەن بىر گەپ قىلاي دىگەن بولدىلا.............

رەنجىمە ئاللاھدىن،ئاللاھ گۇناھسىز. رەنجىمە دۇنيادىن، دۇنيا رە ھىمسىز .

ھاياتنىڭ لەززىت

دائىملىق ئــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16978
يازما سانى: 1430
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7552
تۆھپە نۇمۇرى: 532
توردا: 3213 سائەت
تىزىم: 2010-11-9
ئاخىرقى: 2012-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-19 11:39:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

3-قەۋەت (uzak-yol) نىڭ يازمىسىغا

ماقالىگە ئىنكاسنىمۇ تازا ياخشى يىزىپسىز...
راسىت شۇنداق....
ئەمما ئامال ھازىرچە يوق...
ھىچ بولىسا دوختۇرلار بۇ مۇنبەرگە كىرىپ قالسا چۇقۇم ئىبرەت ئالىدۇ...

دۇنيادا ئاتا -ئانا ئۈچۈن، پەرزەنت ئۈچۈن تۆلىگەن بەدەل زايا كەتمەيدۇ.

بىلىپ يەتكەنسىرى ئىنسان خەزىنەڭ سىرىنى كۆپرەك ,
كۆڭۈل رۇشەنلىشىپ ئاندىن تونۇر ئۆز زاتىنى خوپراق .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش