مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1154|ئىنكاس: 4

بىر ئاشىقنىڭ ھېكايىسى (تۈزىتىلگەن نۇسخىسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16619
يازما سانى: 36
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7729
تۆھپە نۇمۇرى: 462
توردا: 113 سائەت
تىزىم: 2010-11-7
ئاخىرقى: 2015-1-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-20 11:49:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  بىر كۈنى بىر يىگىت باغچىغا ئوينىغىلى باردى . بۇرۇن ئادەتتىكىچە كۆرۈنىدىغان باغ بۈگۈن يىگىتكە تولىمۇ گۈزەل كۆرۈندى . شۇنچە سالاپەتلىك كىشىلەر  ئۇياققتىن – بۇياققا مېڭىپ يۈرەتتى. تونۇش- بىلىشلەر بولغاچ يىگىت ئېچىلىپ- يېيىلىپ كۈلەلىدى. شۇ كۈنى ئۇ بىر قىز بىلەن تونۇشۇپ قالدى. بىراق ئانچە تەپسىلىي ئەھۋاللىشىپ سىردىشىپمۇ كەتمىدى . بەلكىم ، يىگىت قىزدىن ئازراق ئىزا تارىتقاندۇ؟...بىر ھەپتىدىن كېيىن ، باغ ئىچى يەنە بۇرۇنقىدەكلا گۈزەل ئىدى . يىگىت كىتاپ كۆرگەچ ئولتۇردى . ھېلىقى قىز يىراقتىن كۆرۈندى ، ئۇلار قىزغىن ئەھۋاللاشتى . خۇددى كونا تونۇشلاردەك ئېچىلىپ يېيىلىپ پاراڭ سېلىشىپ كېتىشتى ...بىر ئايدىن كېيىن يىگىت قىزنى ھېلىقى باغدا يەنە ئۇچرىتىپ قالدى . ئۇلار بۇ قېتم قىزغىن ئەھۋاللاشتى، مۇڭداشتى، سىرداشتى. بۇقېتىم يىگىت قىزنىڭ تولىمۇ ئوچۇق- يورۇق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى . ھەمدە باشقا بىر كىشىگە يولۇقۇپ قالغاندەك ھەيران قالدى ،ھەم خۇش بولدى. ئۇلار موشۇ تەرىقىدە  تاسادىپىي ئۇچرىشىپلا تۇردى . يەنە بىر ئايدىن كېيىن يىگىت ھېلىقى قىزنى ئەسلەپ، يەنە ئۇچرىتىشنى خالاپ قالدى.ھەمدە ئۇچرىتىپ قالغىنىدا ، شۇنداق ئېچىلىپ يېيىلىپ پاراڭ سېلىشىپ كېتىشتى . شۇندىن كېيىن يىگىت كۈندە باغقا قىزنى ئۇچرىتىپ قېلىش ئۈچۈن باردى  .بەزىدە ئۇچرىتالىدى ، بەزىدە ئۇچرىتالماي ئەپسۇسلىنىپ قالغان چاغلىرىمۇ بولدى ...
  بايرام كۈنلىرى باغ ئىچى تولىمۇ قىزىپ كېتەتتى . ئەمما ، بۈگۈن يىگتنىڭ كۆڭلى يېرىم . چۈنكى ئىككى كۈن ئاۋال تولىمۇ كىچىك ئىش سەۋەپلىك يىگىتنىڭ كۆڭلى قىزدىن رەنجىگەنىدى . تۆنۆگۈن ئۇ باغقا كەلمەي ھەر يەردە سەرسان بولۇپ يۈردى . بۈگۈن باشقىلار شۇنچە خوشال كۈلسىمۇ يىگىت كۈلەلمىدى . قىزدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپلا يۈردى...بىراق ، نېمە ئۈچۈن بۇنداق بولۇپ قالغانلىقىنى ، نېمە ئۈچۈن قىزدىن رەنجىپ قالغانلىقىنى دەپ بېرىشكە ئامالسىز ئىدى . قانداق قىلىپ بۇ مەسلىنى ھەل قىلىش بىر تاغقا ئوخشاش يىگىتنىڭ ئۈستىدىن باساتتى ...ھېچ قانداق ھېكمىتى بولمىغان تۇرمۇش دەپتەرلىرىنى ئاختۇرۇپمۇ بۇنۇڭغا داۋا بولغۇدەك شىپالىق تاپالماي قاتتىق ئۈمىدسىزلەندى . نېمە ئويلاۋاتقانلىقى نېمە قىلىۋاتقنلىقى ئۆزىگە نامەلۇم ، قانداق قىلىش كېرەكلىكى تېخى نامەلۇم ...
  ۋاقىت ھەممنى ئۇنتۇلدۇرىدۇ، ھەم ھەممىنى بېرىدۇ.بىر مەزگىلدىن كېيىن ئاستا- ئاستا يىگىتنىڭ تۇرمۇش پوزىتسىيەسى ياخشىلاندى . نېمىنىڭ خوشاللىق، نېمىنىڭ نەپرەت ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلىۋالدى.  شۇ چاغدىلا ئۇ «مەن تېخى بەكلا كىچىك ئىكەنمەن » دەپ ئويلىدى . شۇندىن كېيىن ئۇ تۇرمۇشتىكى تۈرلۈك ئوڭۇشسىزلىقلارنى يېڭىش ھەمدە ھايات دەپتىرىگە ھېكمەت پۈتۈشنىڭ ، كېيىنكى ئوڭۇشسىزلىققا يۈزلىنىش شۇنداقلا ئالدىنى ئېلىشنىڭ ئاساسى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ، خۇددى بۇ دۇنياغا ئوقىغىلى كەلگەندەك كۈندە خاتىرىسىگە ھېكمەت پۈتۈپ ماڭدى . شۇڭا  كۈندىن﹣ كۈنگە ئۇنىڭ كۈلكىسىمۇ كۆپىيىپ ماڭدى .
  ئۇ بەزىدە قىزنى بىرلا جايدا بىرلا ئورۇندۇقتا كۆرەتتى . بىراق قىز چاقىرمىسا ، قىزنىڭ يېنىغا بېرىشقا پېتىنالمايىتتى. ئۇ تىرىشاتتى ، ھېچ قانداق ئىشنى ئويلىماسلىققا تىرىشاتتى. ئەتراپىدىكى ئىشلارنىڭ ئىنتايىن تەبئىي ئېلىپ بېرىلىشىنى ئارزۇ قىلاتتى. ئانچە مۇنچە توسالغۇ سەۋەپلىك كۆڭلىنىڭ غەش بولۇپ قېلىشىنى قەتئىي خالىمايىتتى. ئۇ تىرىشاتتى، تەبئىي بولۇشقا، بارچە ئىشنى زىيادە ئويلىماسلىققا ھەممىنى شۇنچىلىك تەبئىي قىلىشقا كۈچىدى. ھەمدە ئاخىرى شۇنداق تەبئىي ، ئادەتتىكىچىلا ئۆتتى .
  بىر كۈنى ئۇلار باغدا ئۇچراشماقچى بولدى يىگىت باغدا قىزنى ئۇزۇنغىچە كۈتتى. چۈنكى ئۇ كۈتۈشنىڭ ھەر ئىككى تەرەپكە ياخشى ھەمدە ئۆزىگە ئەڭ ياخشى تەسەللىي ئىكەنلىكىنى ئوبداق بىلەتتى. ئۇ قولىدىكى گېزىتنى ئوقۇپ ئولتۇردى. بىراق كاللىسىدا نە مەزمۇن ئەكىس ئەتمەيىتتى. شۇنچە تىرىشىپمۇ ئويچان كاللىسىنى بىردەم بولسىمۇ دەرگۇماندىن ساقىت قىلالمىدى... چوڭقۇر ئۇھ تارتىپ كۈلدى .« پەقەت خوشال بولۇش كېرەك» دەپ ئويلىدى. ئۇ كۈتۈشنى ئۆگەنمەكچى، دەرگۇماندىن ساقىت بولۇشنى ئۆگەنمەكچى خالاس...
  ئۇ بىردەم بولسىمۇ خۇشال گېزىت ئوقۇپ ئولتۇردى. قىز يەنە كەلمىدى. ئۇ ئاستا﹣ ئاستا قىزدىن رەنجىشكە باشلىدى. چۈنكى ئۇنىڭ كاللىسىدا قانداقتۇر بىر تۈگۈن ئۇزۇندىن بېرى يېشىلمەي كېلىۋاتاتتى. قانداق قىلىش كېرەك؟ ئۇ ئويلىنىپ قالدى. «تۇنجى قېتىملىق ئوڭۇشسىزلىق بىزگە پەقەت قانداق يۈزلىنىشنىلا ئۆگىتىدۇ. ئەڭ ياخشىسى دەرگۇماندىن ساقىت بولماق زۆرۈر. پەقەت شۇنداق بولغاندىلا بىز ھەر قانداق چاغدا خوشال بولالايمىز». يىگىت دەل موشۇلارنى ئويلاپ يەتكەندە، تۇيۇقسىز كۆز ئالدىدا پەيدا بولدى. ھېچ ئىش بولمىغاندەك يىگىت يەنىلا تەبەسسۇم قىلدى. قىز يەنىلا ھېچ نەرسىنى سەزمىگەندەك، يەنىلا بۇرۇنقىدەك...
  ئىككىنجى كۈنى يىگىت ئانچە ساقلاپمۇ كەتمىدى. ئەمما ئىككىسى شۇنچە كۆڭۈللۈك ئويناۋاتقاندا، قىزنىڭ تۇيۇقسىز ئىشى چىقىپ قېلىپ كېتىپ قالدى. يىگىت يەنە كۇتتى. بۇ قېتىم ئۇ بەكلا تەمكىن ئىدى. بەكلا ئۇزاق ۋقىتتىن كېيىن، ئۇ يەنە ئويغا چۆكتى. قىلىۋاتقان ئىشى توغرىمۇ؟زادى قانداق قىلىش كېرەك؟ بۇ توغرىسىدا خېلى بىر ۋاقىتلارغىچە ئويلىدى. ئۆتمۈشنى ئەسلىدى. يىگىت ئەزەلدىن قىزغا مۇھەببىتىنى ئىزھار قىلىپ باقمىغان، ھەم مۇھەببەت قاينىمىغا كىرىپ باقمىغان. بۇ جەرياندىكى ئوڭۇشسىزلىقلار كۆز ئالدىغا كەلدى. ئۇ ئەزەلدىن ئۆزىنى بۇنداق ئاجىز دەپ ئويلىمىغان. نۇرغۇن قېتىم رەنجىپ نۇرغۇن قېتىم كۆڭۈل بۆلگىنىنى ئويلاپ ھەقىقەتەن ھەيران قالدى. ئەمما ئۇ شۇنىڭغا ئىشەندىكى، پەقەت نۇرغۇن قېتىم مەغلۇپ بولغاندىلا، ئاندىن ھەقىقىي مۇۋاپقىيەتكە ئېرىشكىلى بولاتتى...بۇ قېتىم ئۇ بۇنچە نۇرغۇن سۇئالغا جاۋاپ تاپالماي ھەقىقەتەن ھېرىپ قالدى. ئاندىن ھېچ نەرسىنى ئويلىماي ئۆيىگە قايتىپ ئۇخلىدى. بىر سائەتتىن كېيىن يەنە ھېچ ئىش بولمىغاندەك باغچىغا باردى. بۇ قېتىم ئۇ كۈتۈش ئۈچۈن ئەمەس بەلكى شەخسىي ھالدا ئوينىغىلى بارغانىدى. قىز يەنە يېتىپ كەلدى. يەنە ئادەتتىكىچە سالاملىشىپ ئەھۋاللاشتى. يىگىت ئابىيا كۈتكىنىگە ئەپسۇسلانمىدى. چۈنكى ئۇ ھازىر كۈتمەيۋاتاتتى. ئۇزۇن ئۆتمەي يىگىت بۇرۇنقىنى ئۇنتۇغان ھالدا، يەنە قىزغا چىن تەبەسسۇم قىلدى. كەچ كىردى، يىگىتنىڭ كەتكۈسى يوق. بىراق بۇنى چاندۇرمىدى. خۇددى قىز ئادەتتىكى ئادەتتىكى كىشىلەردەك، پەرۋاسىزلا خوشلىشىپ كېتىپ قالدى.
  مۇرەككەپ ھايات ئالدىدا بۇنچىلىك ساۋاق ھەقىقەتەن ئازلىق قىلىدۇ...
  بۇ ئاراملىق ئۇزۇنغا بارماي بۇزۇلۇپ، يىگىتنى يەنە ئوڭۇشسىزلىققا دۇچار قىلدى. شۇنداقتىمۇ ئۇ ئۆزىنىڭ بىر ئۆگەنگۈچى ئىكەنلىكىنى ئۇنۇتماي، ھاياتتىن ئۇزلۈكسىز ساۋاق ئىزلىدى. يىگىت قاچانلاردىندۇر ئۆزىنىڭ نورمالسىز ئىلكەنلىكىنى ھېس قىلغان. ھەمدە بۇ ئىشلارغا ئالدىراپ بىر نەرسىمۇ دېيەلمىگەنىدى. چۈنكى ئۇ نۇرغۇن نەرسىنى چۈشەنمەيىتتى. باشقىلار ئۇچۈن ئۇ تېخى بىر بوباق ئىدى. قانداق قىلىشقا توغرا كەلگەندە، دائىم باشقىلاردىن مەسلىھەت ئالدى. پەلسەپىۋىي پىكىرلەردىن يورۇق يول ئىزلىدى. شۇڭا ئۇ ۋاقىتلىق بولسىمۇ خاتىرجەملىككە ئېرىشىپ تۇردى. بىر كۈنى ئۇ قىلغان ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ خوشاللىق ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى ئويلاپ قالدى.كېيىن ئىككىلا تەرەپكە خوشاللىق ئېلىپ كېلىدىغان، ھەمدە گۇناھ ھېسابلانمىغان ئىشتىن قېچىشنىڭ ئارتۇقچە ئىش ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى. شۇندىن كېيىن ئۇ مۇستەقىل قارار چىقىرالايدىغان بولدى، ھەمدە خوشاللىقىنى ئۇزۇنغا سوزالايدىغان بولدى. ئۇزۇن ئۆتمەي «پىرىنسىپ» دەپ بېشىنى ئاغرىتمايدىغان ، زىيادە ئويلاپ كەتمەيدىغان بولۇپ ئۆزگەردى. بەلكى كۈنلىرى شۇنچىلىك خوشال مەنىلىك خاتىرجەم ئۆتىدىغان بولدى.
  بىر كۈنى ئۇ قىزنىڭ كۆزلىرىگە تىكىلىپ قاراپ باقماقچى بولدى. قارىدى، بىراق بۇنداق قىلىشنىڭ توغرا ياكى خاتالىقى ئۈستىدە ئويلىنىپ قالدى... ئۇ قىزدىن يەنىلا يىراق يۈرەتتى. بەلكى باشقىلارنىڭ بىلىپ قېلىشىدىن بەكلا قورقاتتى. ئامالبار چاندۇرماسىلىققا تىرىشاتتى. ئەمما ئۇ يەنىلا خاتىرجەم ئىدى. چۈنكى ئۇ قىزدىن بىرەر قېتىممۇ ئازار يەپ باقمىدى، بىرەر قېتىممۇ سۇغاق مۇئامىلىسىگە ئۇچراپ باقمىغانىدى. ئۇ بۇرۇن باشقىلارنىڭ مۇھەببەت ھېكايىلىرىنى ئاڭلىغان ھەمدە مۇنداق خۇلاسە چىقارغان: «ئادەمنىڭ تۇنجى قىلغان ئىشى نۇرغۇن ئوڭۇشسىزلىق ئېلىپ كېلىدۇ. ئۇڭۇشسىزلىق بىزگە قانداق يۈزلىنىشنى ئۆگىتىدۇ. دەل موشۇنداق ئىلمىي يەكۈنلەر بىزنى قەيسەر قىلىپ يېتىشتۈرىدۇ». ئۇ بۇ خۇلاسىسىدىن تولىمۇ رازى بولدى. چۈنكى بۇ خۇلاسىسى ئۇنىڭغا بۇندىن كېيىن يولۇقىدىغان ئۇڭۇشسىزلىققا قانداق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشنى ئەسكەرتىپ تۇراتتى. بۇنداق بولغاندا ئۇ ھەر قاچان ئۈمۈدۋار ياشىيالايىتتى...
  باشقىلارنىڭ تەقدىر﹣قىسمەتلىرىدە ئۇلار مۇھەببەتلىرىنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ. ھەر ئىككى تەرەپكە نۇرغۇن ئازاپ﹣ ئوقۇبەت بىلەن بىرگە نۇرغۇن ھېكمەت، تەجرىبە﹣ ساۋاق قالدۇرىلىدۇ. ئۇ ئويلاپ قالدى. پەقەت موشۇنداق بولغاندىلا، كىشى ئەڭ ياخشى يۈزلىنىشكە ئېرىشەلەمدۇ؟ ئەمما ئۇ ھەرگىزمۇ بۇنداق قىسمەت ئارقىلىق تەجرىبە ساۋاق يەكۈنلىگىسى يوق ئىدى. ئويلاپ باقتى. قانداق قىلىش كېرەك؟ شۇندىلا «ئىشىنىش» مەسلىسىگە دۇچ كەلدى. دەرۋەقە ئۇ ئۆزىنىڭ ئۆزىگە ئىشىنەلمەيدىغانلىقىنى تونىدى. ئەپسۇسلاندى. چۈنكى ئۇ بۇرۇن ئۆزىگە ھەقىقىي باھا بېرەلمەي، قىسقىسى ئۆزىنى توغرا تونىيالماي، ئۆزىگە ساختا ھەم ۋاقىتلىقلا ئىشىنىپ قالغانىدى. يەنە بىر مەزگىللىك ئويلىنىش ئۇنىڭغا پەقەت ئەمەلىيەتلا ئۆزىگە ھەقىقىي باھا بەرگۈزۈپ، ھەقىقىي ئىشەندۈرەلەيدىغانلىقىنى تونۇتتى. شۇڭا ئۇ ئۆزىگە باھا بېرىش ئۈچۈن بىر مەزگىل ئاۋارە بولۇپ يۈردى. قاچاندىندۇر بىر كۈنى ئۈمىد تۇغۇلدى. يىگىت ئازراق بولسىمۇ ئۆزىگە توغرا باھا بېرىپ، ئىشىنەلەيدىغان بولغانىدى. شۇڭا ئۇنىڭ مۇستەقىل پىكىرلىكى، مۇستەقىل قارارلىقى تېخىمۇ ئاشتى...
  بىر كۈنى يىگىت قىزنىڭ يېنىغىلا باردى. ئەسلى ئۇ زور ئۈمىدلەر بىلەن بارغانىدى. ئەمما شۇنداق قىزغىن پاراڭدىن كېيىن قىز يىگىتتىن ئۆزىنى ئېلىپ قاچتى. ھەي بىچارە يىگىت، يەنە ئويدا قالار بولدى. ئەمما ئۇ بۇرۇن ئۆزىنىڭ قىزنى دەل مۇشۇنداق رەنجىتكەن، دىلىغا ئازار بەرگەنلىكىنى ئەسلا ئويلاپ باقمىدى. ئويلاپمۇ ھەقىقەتەن قوبۇل قىلالمىدى. بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن،يىگىت يەنە كۆڭلىنىڭ قاياققىدۇر ئېغىۋاتقانلىقىنى سەزدى. پەقەت كۆڭلىنىڭ خالىغانلىقى ھەم ئىككىلا تەرەپكە خوشاللىنارلىق ئىش بولغانلىقى سەۋەپ، باشقا ئويلارنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، قىزغا يەنىلا بۇرۇنقىدەك مۇئامىلە قىلىيۋەردى.
  بۈگۈن تۆنۆگۈنكى ئىشلارنى پۈتۈنلەي ئۈنتۇغان ھالدا، تونۇش بىلىشلەر بىلەن پاراڭ سېلىشىپ خوشال ئوينىدى. كەچ بولغانىدى، ھەممە تارقالدى. يىگىت يەنە يالغۇز قا لدى.  ئۇ يىراقتىن قىزنى كۆردى. قىز ئايلىنىپ دېگۈدەك يىگىتنىڭ يېنىغا كەلدى. ئۇلار بۇ قېتىم  خېلى ئوچۇق يورۇق سىرداشتى. يىگىت ئەتىسى كەچ كىرگەندە، قىزنى يەنە كۈتتى. بىراق ئۇ يىراقتا ئويۇن تاماشا بىلەن ئىدى. ئەمما يىگىت يەنىلا سەۋرچانلىق بىلەن كۈتتى. ئۇزۇن ۋاقىتتىن كېيىن يىگىت باغنى بىر قۇر ئايلىنىپ بولۇپ كەتمەكچى بولدى. ئەمما دەل ئاشۇ ۋاقىتتا ئاندىن قىزنىڭ ئابىياتىنقى ئورۇندۇقتا قىزنىڭ بىر دوستى بىلەن پاراڭ سېلىشۋاتقانلىقىنى كۆردى. بەكلا كۆڭلى ئازار يېدى. ئورنىدا ئۇزۇنغىچە ئويلىنىپ تۇرۇپ قالدى. ئۆزىنى كونتىرول قىلىشقا تىرىشتى. ئەڭ ئازابلىندىغىنى ئۆزىنىڭ بىر قەلەندەر تىلەمچىگە ئوخشاپ قالغانلىقىدا ئىدى. ئۇ ئەزەلدىن بۇنداق پوزىتسىيەدە ياشاپ باقمىغانىدى...قىز يىگىتنىڭ يېنىغا كەلدى. بىراق يىگىت پەقەتلا كۈلمىدى. ھەم زىيادە گەپ سۆزمۇ قىلالمىدى. چۈنكى ئۇ ئەمدى قانداق قىلىش توغرۇلۇق ئويلىنىپ زادى باشقا ئېلىپ چىقالمايۋاتاتتى. ئۇ ئىككى كۈنگىچە قىزغا ئانچە گەپ سۆز قىلمايلا يۈردى. ئەسلى بۈگۈنكى كۈنلۈكتە ئۇ قىزغا پويىز بېلىتى ئېلىپ بەرمەكچى بولغانىدى. بىراق يىگىت زادى قانداق قىلارىنى بىلەلمىدى. يەنىلا ئۆزىنى «قەلەندەر» دەك ھېس قىلاتتى. بىراق بۇنداق ئويلاش توغرىمۇ؟ بەلكى بۇنىڭ بىر زىيادە ئويلاش ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەچ، بۇ زىدىيەتنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، قىزغا دەل ۋاقتى سائىتى توشقاندا ئاندىن ئۆزىنىڭ بېلەت ئېلىپ بەرمەكچى بولغانلىقىنى دېگەندە، قىز قەۋەتلا خۇش بولۇپ كەتتى. يىگىت شۇ چاغدىلا قىزنىڭ كۆزلىرىدىن ئىشەنچ ئۇچقۇنلىرىنى كۆرگەندەك بولدى. ئەسلى قىز ئۇنڭغا بەكلا ئىشىنەتتىكەن ئەمەسمۇ؟... بىراق يىگىت ئامالسىز قالدى. چۈنكى ئۇ پۇرسەتنى ئاللىبۇرۇن قولدىن بېرىپ قويغانىدى... ئۇ ئەمدى قىزنىڭ يۈزىگە قانداقمۇ قارىيالايدۇ؟ قاراپ باقتى، قىزنىڭمۇ روھى چۈشكۈن... يىگىت تېخىمۇ خىيالچان بولۇپ كەتتى...
  يىگىت ئەتىسى «قانداق قالسام بولۇر؟ خەق قانداق ئويلاپ قالۇر؟ بۇ قىلغىنىم توغرىمىدۇ؟» دەپ ئۆز ئۆزىنى قاماللاپ تۇرىۋاتقان موشۇنداق كىشەنلەردىن قۇتولالمىدى. ئەسلى قىزغا يەنىلا بۇرۇنقىدەك مۇئامىلە قىلغۇسى بار . بىراق،... كېيىن بىلدىكى، بۇنداق ئويلاش قورقۇنچاق توخو يۈرەكلەر ئويلايدىغان ئىش ئىكەن. شۇڭا ئۇ تەمكىنلىك بىلەن بىر توپ قىزلارنىڭ ئىچىدىكى ئۇ قىزنىڭ يېنىغىلا باردى. ھېچ ئىش بولمىغاندەك ئوچۇق يورۇق پاراڭلىشىپ، قىزنىڭ كۆڭلىنى خېلى كۆتۈرۈپ قويدى. يىگىت شۇندىلا ئۆزىدىكى بىر كەمچىلىكنى تونۇپ غەيرەت بىلەن تۈزەتمەكچى بولدى...
  قىز كەتتى. بىراق يىگىت يەنە بۇرۇنقىدەكلا خوشال ئىدى. ئەجىبا يىگىت قىزنى ياخشى كۆرمەمدىغاندۇ؟... قىز كەتتى. يىگىت پويىز بېكىتىگە بېرىپ قىزنى ئۇزىتىپمۇ قويمىدى. قىزمۇ ھەم «خوش» دىمەيلا كېتىپ قالغانىدى. بىراق ئۇلار ھېچ ئايرىلغاندەك ئەمەس. يىگىت دائىملا قىزغا تېلىفون ئۇراتتى. گەرچە سېغىنمىسىمۇ كۆڭلى خېلى كۆتۈرۈلۈپ قالاتتى. ئەمما، قىزنىڭ كۆڭلىنى رەنجىتىپ قويغان ياكى قىزدىن رەنجىپ قالغان كۈنى، كەيپىياتى ناچارلىشىپ كېتەتتى. ئەمما ئۇ قىزدىن رەنجىمەسلىككە ھەم رەنجىتمەسلىككە تىرىشتى. بەزىدە ئۇ «ئۆمۈر بويى موشۇنداق ئۆتدەم رازىمەن» دەيىتتى. چۈنكى بۇ ئۇنىڭ ئەڭ مەنىلىك ھاياتى ئىدى. ئۇ قىز بىلەن يۈرىۋالمىدى ھەمدە تەلەپمۇ قويۇپ باقمىدى. ھەم بىرەر قېتىممۇكۆڭۈل سۆزلىرىنى ئىزھار قىلىپمۇ باقمىدى. چۈنكى ئۇ باشقىلارنى دورىمىدى، بەلكى ئۆزىنىڭ دۇنيا قارىشىدا خوشال ياشىدى خالاس. ئۇ بىرەر قېتىممۇ سېغىنىپ باقمىدى. ئەمما ئۇ شۇنداق ئارزۇ قىلاتتى. ئۇنى بارچە ئىخلاسى بىلەن ياخشى كۆرۈشنى، كۈندە ياد ئېتىپ چۈشلىرىدە كۆرۈشنى تولىمۇ ئارزۇ قىلاتتى. نېمىشقا؟ بۇ بەلكى ئازاپلىق يول بولسىمۇ، ئۇ بۇ ئارقىلىق ھەقىقىي تاۋلىنىپ چىقالايىتتى. «ئازاپ ئىچىدىكى شېرىنلىك، ھەقىقىي بەخىت» دەپ قارايىتتى ئۇ.
  بىر كۈنى ئۇ قىزغا سالام خەت يازدى. يېزىشتىن بۇرۇن كېچىپ ئۆتكەن نۇرغۇن ئىشلارنى يازماقچى بولدى. بىراق ئەڭ ئاۋال باشلاش زۆرۈر. ئۇ تۇرۇپ قالدى، ئويلاندى،بېشى قاتتى. چۈنكى ئۇ قىزنى نېمە دەپ ئاتاشنى بىلەلمەيۋاتاتتى. «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دىگەن بۇ سۆزنى ئىشلەتسەم بولامدۇ يوق؟»دەپ تەپسىلىي ئويلاندى. چۈنكى بۇ ئەزەلدىن ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان ئادەت سۆزى ئىدى. ئۇ بۇ خېتىدىكى ھەر بىر قۇر، ھەر بىر سۆزنىمۇ قىزغا خاس قىلىپ يېزىپ چىقىشنى ئۈمىد قىلدى. ئۇ ئويلاندى، ئويلانغانچە بېشى قاتتى. بىرىنچى بەتنى يېزىپ بولۇپ، بىر ئازدىن كېيىن يىرتىۋەتتى. چۈنكى ئۇنىڭ يېزىۋاتقانلىرى بۇرۇنقىدىنمۇ ناچار چىقىۋاتاتتى. ئۇ بۇنىڭ جاۋابىنى ئىزلىدى. ئاخىرى ئۇ بۇ تىلسىمنى يەشتىكى يىگىت ئەسلىدە زىيادە ئۇلۇغلۇق قوغلىشىپ كېتىپ ئۆز ئەركىنلىكىنى بوغىۋالغانىكەن. بۇنداق بولغاندا ئۇ ئۆز دۇنيا قارىشىدا تۇرۇپ يازغاندەك ئەركىن پىكىر يۈرگۈزەلمەيىتتى. بەلكى ئەقىدىدىن ئىبارەت يۈك ھەرقاچان ئەركىنلىككە چەك قوياتتى. ئۇ شۇندىن كېيىن ھېچ نەرسىنى ئويلىمىدى ھەم ئويلىيالمىدى. ئويلىغۇسىمۇ كەلمىدى. چۈنكى بۇ ئىشلار ئۇنىڭ كەيپىياتىنى ناچارلاشتۇرۋەتكەنىدى. ئۇنىڭ بۇرۇنقىدەك ياشىغۇسى بار. ھەمدە ئەسلىگە قايىتماقچى بولدى. ئۇ قەلىمىنى قايتىدىن قولىغا ئالغىنىدا بولسا، ھەر قانداق ئىشنى پەقەت ئىخلاس بىلان قىلغاندىلا خوشاللىققا ئېرىشكىلى ھەمدە باشقىلارغىمۇ خوشاللىق ئاتا قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ بولغانىدى. گەرچە ئەقىدە پېچىدا تاۋلاندۇرۇپ چىقارغاندەك تەسىرلىك بولسىمۇ...
  مانا ئۇ ئەنە ئاشۇنداق ياشايىتتى. گەرچە تۇرمۇش بەزىدە قايغۇلۇق بولسىمۇ، ئەمما ئۇ قايغۇنى ناھايىتى تېزلا خوشاللىققا ئايلاندۇرالايىتتى. ئۇنىڭ بۇرۇنقى ھالىتىدىن ئەسەرمۇ قالمىدى. گەرچە باشقىلارغا ئۆزگەرمىگەندەك تۇيغۇ بەرسىمۇ، ئەمما ئۇ ئىچىدىن پىشىپ يېتىلۋاتاتتى. ئەمدى ئۇ ھەر قانداق تۇرمۇش ھالاكىتىدىن قورىقمايدۇ. چۈنكى ئۇ بۇلارنى تۇرمۇشنىڭ ماڭا بەرگەن تاۋلىنىش پۇرسىتى،بەلكى رىئال ھەقىقەتلەرنى تونۇشنى ھەمدە رىئاللىققا يۈزلىنىشنى ئۆگىتىدۇ دەپ قارايدۇ. ئۇ ئۆزىگە ئىشىنىدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ ئەمەلىيىتى ئۇنىڭغا ئەنە ئاشۇنداق يەكۈننى چىقىرىپ بەرگەن. ئۇ ئويلاپ ھارمايدۇ .پەقەت ئويلاش ئارقىلىقلا دۇنيا قارىشىنى ئۈزلۈكسىز يېڭىلاپ، كۈلۈش ئارقىلىقلا ئۆزىگە تەسەللىي تاپىدۇ. بەلكىم ئۇنىڭ بۈگۈنى ئۆزىنىڭ ئاشۇ ھارماس كاللىسى ئارقىلىق يارىتىلغان بولىشى مۇمكىن...
  دۇنياغا ئالاھىدە كۆز بىلان قارىغاچقا، ئۇنىڭدىن ئالىدىغانلىرىمۇ باشقىلارنىڭكىدىن ئالاھىدە بولىدۇ. بۈگۈنىنى قەدىرلەيدۇ. ئەتە ئۈچۈن غەم يەپ، تۆنۆگۈن ئۈچۈن ئاھ ئۇرۇپ يۈرمەيدۇ. پەقەت مۇناسىپ ساۋاققا ئېرىشىش بىلەنلا بولدى قىلىدۇ...ئۇ ئەنە ئاشۇنداق ئىنسان...

مەنبە:ئۆزۈم
  

مۇھەببەت ئۇ مەرد كىشىنىڭ ئىشى~

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2134
يازما سانى: 1240
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7166
تۆھپە نۇمۇرى: 933
توردا: 1254 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-21 04:00:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇ ھەممىنى ئۆتكۈزىۋېتەلەيدۇ،كۆتۈرەلەيدۇ،ھاياتقا كۈلۈپ قارىيالايدۇ.بۈگۈنىنى قەدىرلەيدۇ. ئەتە ئۈچۈن غەم يەپ، تۆنۆگۈن ئۈچۈن ئاھ ئۇرۇپ يۈرمەيدۇ.چۈنكى ئۇنى مۇھەببەت ئاشقىلىق ماقامىغا ئېرىشتۈرگەن.

بۇلىقىسەن مېھرىبانلىقنىڭ،سەن بولمىساڭ قۇرۇيدۇ دەريا!!!

ئەدەپ-ئەخلاق،شە

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 28037
يازما سانى: 307
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7924
تۆھپە نۇمۇرى: 493
توردا: 2129 سائەت
تىزىم: 2011-1-27
ئاخىرقى: 2012-8-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-21 06:58:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆەىنىشكە تگىشلىك يەرلىرى باركەن [s:166]  [s:166]  [s:166]  [s:166]

ئالمىنى سۇندى نىگارىم<<ئال>>دېدى، ئالما بىرىپ بۇ كۆڭۈلنى ئالدىدى. سورىسام شۇ چاغ ئالمىسىنىڭ رەڭگىنى، نە سورايسەن ئالما رەڭگى<ھال>دېدى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33150
يازما سانى: 586
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13231
تۆھپە نۇمۇرى: 736
توردا: 585 سائەت
تىزىم: 2011-3-8
ئاخىرقى: 2015-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-21 07:36:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاقىت ھەممىنى ئۇنتۇلدۇرىدۇ ، ئازاپلىق كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ  [s:166]

مېيىپ بوپ يارالغان بولساممۇ بىراق ،
نەپرەتتە ساقلاردىن ئېشىپ ياشايمەن .
ۋىجدانىم ھۆكۈمران بولسىمۇ گەرچە ،
يىغلاپ تۇغۇلدۇم كۈلۈپ ياشايمەن .

قەدىرلە.قەدرىڭن

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2976
يازما سانى: 1687
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11667
تۆھپە نۇمۇرى: 380
توردا: 3385 سائەت
تىزىم: 2010-6-24
ئاخىرقى: 2014-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-22 01:45:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئاشىقنىڭ ھىكايىسى يامان ئاماس يېزىلىپتۇ، بىراق بۇ ئاشىق تەشەببۇسكارراق بولغان بولسا ھە؟

قەدىرلە.قەدرىڭنى قىلغانلارنى.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش