روزا ۋە رامىزان
مەنبە :
بىلدۈر تورى
<< روزا >> پارىسچە سۆز بولۇپ ئەرەبچە << سەۋم >> دېيىلىدۇ ۋە يېمەك – ئىچمەك ، ئىشقى – ئالاقە ، نەپسى – خاھىشنى تەرىك ئېتىش دېگەن مەنىنى بېرىدۇ . روزا تۇتۇش مۇسۇلمانلار ئادا قىلىشقا تېگىشلىك دىنىي مەجبۇرىيەت .
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مەككىدە دىنىي دەۋەت ئېلىپ بارغان چاغلاردا روزا تۇتۇش تېخى رەسمىي بېكىتىلمىگەن ئىدى . مىلادىيە 622 – يىلى مەدىنىگە ھىجىرەت قىلىپ بارغاندىن كېيىن ، مەدىنىدە مەلۇم تەسىرگە ئىگە بولغان يەھۇدى دىندىكىلەر بىلەن دوستانە ئۆتۈش ئۈچۈن ، ئۇلارنىڭ دىنىي ئادىتىگە تەقلىد قىلىپ ،. مۇسا ئەلەيھىسسالام قۇتقۇزىۋىلىنغان ئاشۇرا كۈنى ( ھىجىرىيە مۇھەررەم يەنى 1 – ئاينىڭ 10 – كۈنى ) نى روزا تۇتۇش كۈنى قىلىپ بەلگىلىگەن ئىدى . ئاللاھ تائالادىن : << ئىي ، مۆمىنلەر ! ( گۇناھلاردىن ) ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن ، سىلەردىن ئىلگىرىكىلەرگە ( يەنى ئىلگىركى ئۈممەتلەرگە ) روزا پەرىز قىلىنغاندەك ، سىلەرگىمۇ ( رامىزان روزىسى ) پەرىز قىلىندى . >> [ سۈرە << بەقەرە >> ( 2 – سۈرە) ، 183 – ئايەت ] دېگەن ئايەت نازىل بولغاندىن كېيىن ، روزا تۇتۇش مۇسۇلمانلار ئادا قىلىشقا تېگىشلىك بولغان بەش پەرىزنىڭ بىرى بولدى . قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېيىلگەن : << رامىزان ئېيىدا قۇرئان نازىل بولۇشقا باشلىدى ، قۇرئان ئىنسانلارغا يېتەكچىدۇر ، ھىدايەت قىلغۇچى ۋە ھەق بىلەن ناھەقنى ئايرىغۇچى روشەن ئايەتلەردۇر ، سىلەردىن كىمكى رامىزان ئېيىدا ھازىر بولسا رامىزان روزىسىنى تۇتسۇن ؛ كىمكى كېسەل ياكى سەپەر ئۈستىدە ( يەنى مۇساپىر ) بولۇپ ( تۇتمىغان بولسا ، تۇتمىغان كۈنلەر ئۈچۈن ) باشقا كۈنلەردە تۇتسۇن ، ئاللاھ سىلەرگە ئاسانلىقنى خالايدۇ ، تەسلىكنى خالىمايدۇ .>> [ سۈرە << بەقەرە >> ( 2- سۈرە ) ، 185 – ئايەت ] . مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بۇ ۋەھىگە مۇشەررەپ بولغاندىن كېيىن ھىجىرىيەنىڭ ئىككىنجى يىلى يەنى مىلادىيە 623 – يىلى رامىزان ئېيىنى روزا ئاي قىلىپ بېكىتىپ مۇسۇلمانلارنىڭ ھەر يىلى مۇشۇ ئايدا بىر ئاي روزا تۇتۇشىنى بەلگىلىدى .
<< رامىزان >> ئەرەبچە سۆز بولۇپ ھىجىرىيە 9 – ئاينى يەنى رامىزان ئېيىنى كۆرسىتىدۇ . ئادەتتە ئۇيغۇرلار پارىسچىدىن قۇبۇل قىلىنغان << روزا ئاي >> دېگەن سۆزنى قوللىنىدۇ . يۇقىرىدىكى ئايەتتە دېيىلگەندەك بۇ ئاي قۇرئان نازىل بولغان ئاي ، نۇرغۇن خاسىيەتلەرگە ئىگە ئاي بولغانلىقى ئۈچۈن << قەدىرلىك ئاي >> ، << بەرىكەتلىك ئاي >> دەپ چاقىرىلىدۇ ھەم ئىسلام ئەللىرىدە رامىزان ئېيىدا ئارامغا قويۇلۇپ بېرىلىدۇ . رامىزان ئېيىدا روزا تۇتۇشمۇ بۇ ئاينىڭ خاسىيىتىگە ئاساسەن بەلگىلەنگەن .
شەرىئەت بەلگىلىمىسى بويىچە ، مۇسۇلمانلارنىڭ رامىزان ئېيىدا روزا تۇتۇشى – ھەر كۈنى تاڭ يورۇش ئالدىدىن باشلاپ كۈن ئولتۇرغانغا قەدەر يەنى ئەتىگەندىن كەنچىكىچە يېمەك – ئىچمەك ، ئىشقى – ھالاۋەت ، تاماكا ۋە ئىشتىياقنى باسىدىغان ھەرقانداق نەرسە ۋە ئىشلارنى تەرىك ئېتىشى كېرەك . شۇنداقلا زاتىنى ۋە قەلبىنى پاك تۇتۇشى ، روزىغا ئىخلاس بىلەن نىيەت قىلىشى ، تاڭ يورۇش ئالدىدا سوھۇرلۇق ( زولۇق ) يېيىشى ، كۈن ئولتۇرغاندىن كېيىن ئىفتار قىلىشى ، خۇفتەندىن كېيىن 20 رەكەت تەراۋىھ نامىزى ئوقۇشى ، شارائىتى بارلار مەسچىتكە بېرىپ ئېتىكاپتا ئولتۇرىشى كېرەك . روزىدار كىشىلەر روزىلىق ۋاقىتتا تائەت – ئىبادەتتىن باشقا پۈتۈن زېھنى بىلەن ئىستىقامەت قىلىشى ، يېمەك – ئىچمەك كويىدا ، شەھۋانىي خىياللاردا بولماسلىقى ، بىھۇدە گەپ – سۆز ۋە ئىش – ھەركەتلەرگە قۇلاق سالماسلىقى ، كۆز يۈگۈرىتمەسلىكى ، بىمەنە خىيال ۋە گەپ – سۆزلەرنى قىلماسلىقى ، سۆز – ھەركىتى ئىززەت – ئىكراملىق بولۇشى ، گۇناھ – سەۋەنلىكلىرىنى يۇيۇش ئۈچۈن كۆپىرەك ئويلىنىشى كېرەك . ئەگەر مەنئىي قىلىنغان بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلسا روزىسى بۇزىلىدۇ . روزىسى بۇزۇلسا قازاسىنى قىلىشى كېرەك .
ئەگەر مەقسەتسىز يەپ – ئىچىپ قويۇلسا ، سەزگەندىن كېيىن دەرھەل توختاتسا روزىنى بۇزغان بولمايدۇ . ئەگەر قەستەن بۇزغان بولسا ، قەستەنلىكى ئۈچۈن 60 كۈن روزا تۇتىشى كېرەك . قۇرئان – كەرىم ۋە ھەدىس شەرىفكە ئاساسەن ، شەرىئەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن كېسەل سەۋەبىدىن روزا تۇتۇش ئىمكانىيىتى بولمىغانلار ، ئۇزاق يوللۇق سەپەر ئۈستىدىكىلەر ، ياشانغان ۋە تېنى ئاجىزلار ، ئېغىر – ئاياغ ئاياللار ، ئادەت كۆرىۋاتقان ئاياللار ۋە ئارام ۋاقتىدىكى تۇغۇتلۇق ئاياللار ، بالا ئېمىتىۋاتقان ئاياللار ، نېرۋىسى نورمال بولمىغان كىشىلەر ، روزا تۇتمىسىمۇ بولىدۇ ، ئەمما ئۆز ئەھۋالىغا قاراپ روزىنى تولۇقلاپ تۇتۇشى ياكى سەدىقە ئاتىشى كېرەك ، يەنى تۇتالمىغان بىر كۈنلۈك روزىسى ئۈچۈن بىر نامراتقا بىر ۋاخلىق تاماق سەدىقە قىلىشى كېرەك . بۇلاردىن ياشىنىپ ، ئاجىزلاپ قالغانلار ئېغىر كېسەللەر تۇتالمغان روزىسىنى تولۇقلىماي ئىقتىسادىي جەھەتتىن فىدىيە بەرسە بولىدۇ . ھەدىس شەرىفتىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە رامىزاندا روازا تۇتىلىدىغان ۋاقىت 29 كۈن بولۇپ ، رامىزان ئېيىدىكى ھىلال ئاينىڭ كۆرۈنىشى بىلەن باشلىنىپ كېلەر ئايلىق ( ھىجىرىيە 10 – ئايلىق ) ھىلال ئاينىڭ كۆرۈنىشى بىلەن ئاياغلىشىدۇ . يەنى 29 كۈن روزا تۇتۇپ بولغان كۈنى كەچتە ئايغا قاراش كېرەك . ئەگەر ھىلال ئاي كۆرۈنسە شۇ كۈنى ( مىلادىيە بويىچە ئەتىسى ) روزا ھېيىت بولىدۇ ، ئەگەر كۆرۈنمىسە يەنە بىر كۈن روزا تۇتىلىدۇ . مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام : << ھىلال ئاينى كۆرۈپ روزا تۇتۇڭلار ، ھىلال ئاينى كۆرۈپ روزىدىن چىقىڭلار >> دەپ كۆرسەتمە بېرىپ مۇسۇلمانلارنى رامىزاندا بىر ئاي روزىنى تولۇق تۇتۇشقا بۇيرىغان . ھىلال ئاينىڭ كۆرۈنىشىنى كۆزۈتىشتە ئابرويلۇق ئىككى گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھىنى ئاساس قىلغاندىلا ئىناۋەتلىك بولىدۇ . مۇسۇلمانلار مەلۇم بىر جايدا ھىلال ئاينى كۆرگەندىن كېيىن ، ھەممە كىشىنىڭ ئۆز ۋاقتىدا روزا تۇتۇشى ئۈچۈن ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن تېزلىكتە باشقا جايلارغا ھىلال خەۋىرىنى بېرىشى كېرەك . ھاۋا تۇتۇق بولۇپ ھىلال ئاي كۆرۈنمىسە ، داۋاملىق روزا تۇتۇپ ئىككىنجى كۈنى ئايغا قاراش كېرەك ، ھىلال ئاي يەنە كۆرۈنمىسە يەنە داۋاملىق روزا تۇتۇشى كېرەك . ئەمما ئادەتتە ھىلال ئاينى پەقەت كۆرەلمىگەن ئەھۋالدا روزا ھېىتىنى كەينىگە سۈرۈش ۋاقتى ئۈچ كۈندىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك . ھازىر ئىلىم – پەننىڭ تەرەققى قىلىشى بىلەن روزا تۇتۇش ۋاقتىنىڭ باشلىنىشى ۋە ئاخىرلىشىشىنى رەسەتخانا ۋە باشقا ئوستىرونومىيە ئورۇنلىرى ئېنىقلاپ چىقالايدىغان بولدى . ئىلگىرى بۇ ۋاقىت قازى ياكى مۇناسىۋەتلىك نوپۇزلۇق ئەربابلارنىڭ پەتىۋاسىغا ئاساسەن توپ ئېتىش ، ناغرا – سۇناي چېلىش ياكى ئەزان مۇنارىغا بايراق قاداش ، مۇناردا تۇرۇپ توۋلاش قاتارلىق ئۇسۇللاردا مەلۇم قىلىناتتى . يېقىنى يىللاردىن بېرى ھۆكۈمەت ۋە شەرىئەت ئورگانلىرى بېكىتكەن ۋەقىت بويىچە رادىئو ، تېلىۋىزىيە – ئىستانسىلىرى ئارقىلىق جاكارلىنىدىغان ۋە دۇنيا ئىسلام دىنى تەشكىلاتلىرىمۇ بۇنىڭ توغرا ۋاقتىنى ھېسابلاب چىقىپ دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇنىدىغان بولدى . ئىسلام دۇنياسىدىكى ھەر قايسى ئەللەرنىڭ خەۋەر بېرىشىچە ئۆتكەن يىلى ( 2007- يىلى ) پۈتۈن يەرشارىدىكى مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئەللەر سەيشەنبە كۈنى ( مىلادىيە 9 – ئاينىڭ 11 – كۈنى ) ھىلال ئاي كۆرۈنمىگەنلىكىنى تەھقىقلەپ ، چارشەنبە كۈنى ( 9 – ئاينىڭ 12 –كۈنى ) شەئىبان ( ھىجىرىيە 8 – ئاي ) نىڭ كۈنى ئىكەنلىكىنى ، شۇڭا پەيشەنبە كۈنى يەنى مىلادىيە 9 – ئاينىڭ 13 – كۈنى ، ھىجىرىيە 1428 – يىلىدىكى رامىزان ئېيىنىڭ 1 – كۈنى ھېسابلىنىپ شۇ كۈندىن باشلاپ روزا تۇتۇلىدىغانلىقى جاكارلىغان .
بىز ئۇچۇر ئالالىغان ئەللەرنىڭ خەۋەرلىرىدىن ، ھەر قايسى ئەللەرنىڭ ئىسلام جەمىئىيىتى ، پەتىۋا ھەيئىتى ، ئىسلام كېڭىشى ، دۆلەت مۇفتىسى ، ئۆلىمالار ئۇيۇشمىسى ، ئىسلام ساندۇقى ( فوندى ) قاتارلىق تەشكىلاتلىرى ۋە ئۆلىمالىرى جاكارلىغان مۇبارەك رامىزاننىڭ 1 – كۈنى توغرىسىدىكى جاكارنامىلىرىدىن قارىغاندا ، لىۋىيە ، قىرغىزىستان ، ماراكەش ، فىلىپىنلار بۇ كۈننى چارشەنبە كۈنى ( 9 – ئاينىڭ 12 – كۈنى ) دەپ ، ھىندىستان ، پاكىستانلاردا بۇ كۈنى جۈمە كۈنى ( 9 – ئاينىڭ 14 – كۈنى ) دەپ جاكارلىغاندىن باشقا ، يەرشارىدىكى مۇتلەق كۆپ ئەللەردە ، جۈملىدىن سەئۇدى ئەرەبىستانى ، بەھرەيىن ، قاتار ، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ، كۇۋەيىت ، مىسىر ، لىۋان ، ئىراق ، تۇنىس ، ئالجىرىيە ، ئىئوردانىيە ، سۈرىيە ، پەلەستىن قارارلىق ئەرەب ئەللىرىدە ، تۈركىيە ، جۇڭگو ، مالايسىيا ، سىنگاپور ، تاجىكىستان ، قازىقىستان ، ھېندونوزىيە قاتارلىق ئاسىيا ئەللرىدە ، گېرمانىيە ، فىرانسىيە ، ئەنگىلىيە ، ئاۋىستىرىيە ، چېخ ، سىلوۋوكىيە ، گوللاندىيە ، ئوكرائىنا ، ئالبانىيە ، كېسۇۋو ، بىلگىيە ، دانىيە ، شىۋىتسارىيە قاتارلىق ياۋروپا ئەللىرىدە مۇبارەك رامىزاننىڭ 1 – كۈنى پەيشەنبە كۈنى ( 9 – ئاينىڭ 13 –كۈنى ) بولىدۇ دەپ جاكارلانغان . شىمالى ئامېرىكا ئىسلام جەمىئىيىتى بۇنىڭدىن بىر ئاي بۇرۇنلا بۇ يىلقى رامىزان ئېيىنىڭ 1 – كۈنى 9 – ئاينىڭ 13 – كۈنى ( پەيشەنبە ) بولىدىغانلىقىنى ، ئاۋىستىرالىيە ، جەنۇبى ئافىرىقا ، جەنۇبى ئامېرىكىلاردىمۇ شۇنداق ئىكەنلىكى جاكارلىغان . چۈنكى ئۇلار ئاستىرونومىيىلىك ھېسابلاش ئارقىلىق ئاينى كۆزىتىش ئۇسۇلىنى قوللىنىشنى قارار قىلغان ، ۋە مۇشۇ ئۇسۇل بويىچە ھېسابلاپ كەلگۈسى بەش يىللىق ھىجىرىيە تەقۋىمىنى تۈزۈپ چىققان ئىدى .ياۋروپا ئەللىرىدىكى مۇسۇلمانلارمۇ 2007 – يىلدىن باشلاپ ، ياۋروپا ئىسلام شەرئىتى ۋە تەتقىقاتى ھەيئىتىنىڭ قارارىغا ئاساسەن ئاستىرونومىيلىك ھېسابلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق رامىزان ۋە ئىككى ھېيىتنى ئالدىن ھېسابلاپ بېكىتكەن ۋاقىتقا ئەمەل قىلىدىغان بولدى . بولۇپمۇ ئامېركا ھۆكۈمىتى ئىسلام دۇنياسىدىكى سەلبىي ئوبرازىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ئامېركا زۇڭتۇڭى بۇش ۋە ئامېركا ھۆكىمىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى 2007 يىلى 10 – ئاينىڭ 3 – كۈنى زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى جايلاشقان ئاق سارايدا ئىپتارلىق ئورىنىدا داغدۇغىلىق كەچلىك زىياپەت بېرىپ پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ قەدىرلىك رامىزان ئېيىغا كىرگەنلىكىنى تەبرىكلىگەن . يەتتە مىلىيوندىن ئارتۇق ئامېركا مۇسۇلمانلىرىنىڭ داھىيلىرى ۋە چەتئەل ئەلچىللىرى ، بۇشنىڭ خانىمى ئامېركىنىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى چېنى ، دۆلەت ئىشلىرى كاتىبى رايس ، بىر بۆلۈك مىنىستىرلار زىياپەتكە ئىشتىراك قىلغان . زىياپەت زالىدا مەخسۇس ئاياللار ئۈستەللىرى بولۇپ ، ئۇنىڭدا ئامېركىدا زور تۆھپە ياراتقان ئايال مۇسۇلمان ئالىملار ، مائارىپچىلار ، سەنئەتچىلەر ئولتۇرغان . ئامېركىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىلىكىمۇ بەش بۇرجەكلىك بىنادا ئامېركىدىكى دېڭىز ، قۇرۇقلۇق ، ھاۋا ئارمىيىسىدىكى مۇسۇلمان ھەربىي ئەمەلدارلىرىغا ئىپتارلىق ئورىنىدا كەچلىك زىياپەت بەرگەن ، زىياپەت باشلىنىش ئالدىدا دېڭىز ئارمىيىسى ئىمامى ئابدۇ ھەينا سەيفۇل ئىسلام شام نامىزىغا ئەزان ئېيىتقان ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى مېھمان كۈتۈشخانىىدا 100 يىلدىن ئارتۇق مۇسۇلمان ھەربىي ئەمەلدارغا ئىمام بولۇپ شام نامىزى ئوقۇغان . شۇنداقلا ئامېركا پارلامېنتى بۇ يىل << رامىزان قانۇنى >> دېگەن 635 – نومۇرلۇق قارارنى ماقۇللاپ ، رامىزان روزىسىنىڭ قانۇنىي ئورۇنىنى ئېتىراپ قىلغان ۋە قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن . بۇ قانۇننىڭ چۈشەندۈرىشىدىمۇ بۇ يىلقى ( 2008 – يىل ) رامىزان روزىسىنىڭ 9 – ئاينىڭ 13 – كۈنى باشلىنىدىغانلىقى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان .
بۇلاردىنمۇ ئىسلام دۆلىتى بولمىغان ئەللەردىمۇ ئىسلام دىنىنىڭ مۇبارەك رامىزان ئېيىغا ئۇنىڭ ئالاھىدە مۇھىملىقى نۇقتىسىدىن كۆڭۈل بۆلىۋاتقانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ .
ئىسلام دىنىدا روزا تۇتۇش تۆۋەندىكىدەك تۈرلەرگە بۆلىنىدۇ : 1. پەرىز روزا ، رامىزان روزىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ . بۇ رامىزان ئېيىدا تۇتىلىدىغان بىر ئايلىق روزىنى كۆرسىتىدۇ . 2. سۈننەت روزا ، يەنى مۇھەممەە ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننەتلىرىگە ئاساسەن تۇتىلىدىغان روزا ، مەسىلەن ، ھىجىرىيە تەقۋىمى بويىچە رەتكە قويغاندا : مۇھەررەم ( 1 – ئاي ) نىڭ 10 – كۈنى تۇتىلىدىغان ئاشۇرا روزىسى ؛ رەجەپ ( 7 – ئاي ) نىڭ 27 – كۈنى يەنى پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئەرىشكە چىققان كۈنى تۇتىلىدىغان مىئراج روزىسى ؛ شەئىبان ( 8 – ئاي ) نىڭ 15 كۈنى تۇتىلىدىغان بارات روزىسى ؛ شەۋۋال ( 10 – ئاي ) نىڭ ئالدىنقى ئالتە كۈنى تۇتۇلىدىغان روزا ؛ زۇلھەججە ( 12 – ئاي ) نىڭ ئالدىنقى 10 كۈنىدە قۇربان ھېيىتقىچە بولغان ئارلىقتا تۇتىلىدىغان روزا ؛ شۇنداقلا ، دۈشەنبە ، پەيشەنبە كۈنلىرى تۇتىلىدىغان روزا قاتارلىقلار . 3 . نەفلى روزا ، يەنى مۇسۇلمانلار ئۆزىنىڭ ئىخلاسى ۋە ئۈمۈد – ئارزۇسىنى چىقىش قىلىپ تۇتىدىغان ئىختىيارەن روزا مەسلەن ، قۇرغاقچىلىق بولغاندا يامغۇر تىلەپ تۇتىلىدىغان روزا قاتارلىقلار . سۈننەت روزا بىلەن نەفلى روزا مۇستەھەب بولۇپ ، بۇنى ئادا قىلسا ساۋاب تاپىدۇ ، ئەمما ئۇنى ئادا قىلالماسلىق گۇناھ بولمايدۇ .4. مەكرۇھ تەھرىم روزا ( يەنى ھارامغا يېقىنلاشقان مەكرۇھ روزا ) ، بۇ روزا ئادەتتە يەنە مەنئىي قىلىنغان روزا ، ھارام روزا دەپمۇ ئاتىلىدۇ . روزا ھېيىت كۈنى بىلەن قۇربان ھېيىت كۈنى ۋە قۇربان ھېيىتتىن كېيىنكى ئۈچ كۈن ( يەنى زۇلھەجقە ئېيىنىڭ 11 ، 12 ،13 كۈنلىرى ، بۇ كۈنلەر ''تەشرىق كۈنلىرى '' دەپمۇ ئاتىلىدۇ ) . ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتىغا شۈكرى قىلىپ ( يەنى رەھمەت بىلدۈرۈپ ) خۇشاللىق ئىچىدە ئۆتكىزىدىغان كۈنلەر بولغاچقا بۇ كۈنلەر روزا تۇتۇش قەتئىي مەنئىي قىلىنغان ؛ شۇنداقلا جۈمە كۈنى ، شەنبە كۈنى ( يەنى يەھۇدىي دىنىنىڭ ئىبادەت كۈنى ) ۋە يەكشەنبە كۈنى ( يەنى خىرىستىئان دىنىنىڭ ئىبادەت كۈنى ) روزا تۇتۇشمۇ لەنەتلىك ھېسابلىنىدۇ .
بەزىلەر ، ئەگەر 30 كۈنلۈك رامىزان روزىسىنى تولۇق تۇتالماي قالسام شۇنىڭ قازاسىغا ھېساب بولسۇن دەپ ، رامىزان كىرىشتىن بۇرۇنقى بىر – ئىككى كۈندە روزا تۇتىدۇ . بۇنداق نىيەت بىلەن تۇتۇلغان بۇ روزا ئىسلام دىنىمىزدا مەكرۇھ ھېسابلىنىدۇ . رامىزان روزىسىنىڭ تۇتالمىغان كۈنلىرىنىڭ قازاسىنى رامىزاندىن كېيىن تۇتۇشقا بولۇدىكى قازا قىلىنىدىغانلىقىنى تېخى بىلمەي تۇرۇپ ئالدىنئالا قازا روزىسىنى تۇتىۋىلىشقا بولمايدۇ . ھەتتا بەزىلەر ئۆزىنىڭ تەقۋادارلىقىنى ئىپادىلەيمەن دەپ ، شۇغۇللۇنىشقا تېگىشلىك بۇ دۇنيالىق ھالال ۋە ساۋابلىق ئىشلار بىلەن شۇغۇللانماي ، بىر يىلنىڭ تۆت پەسلىدە ئۈزۈلدۈرمەي ياكى كۆپ چاغلاردا روزا تۇتىۋالىدۇ ، بۇمۇ ئىسلام دىنىمىزدا مەكرۇھ ھېسابلىنىدۇ .
روزا تۇتۇش ئۆزىنى سەۋىرچانلىق خىسلىتى بىلەن تاۋلاپ ، نەپسى – خاھىشىنى تىزگىنلەپ لەنىتى شەيتاننىڭ ئازدۇرۇشىدىن ساقلىنىشنى ، ئۆتكەن بىر يىلدا سادىر قىلغان سەۋەنلىك – گۇناھلىرىغا تەۋبە قىلىپ تەنبىھ ائېلىشنى ، يوقسۇل – ئاجىزلارنىڭ تۇمۇش ھالىنى جۈملىدىن ئاچارچىلىق تەمىنى تېتىپ كۆرۈش بىلەن ، پېقىر مىسكىنلەرگە رەھىم – شەپقەت قىلىدىغان كۆيۈمچانلىق خىسلەت ۋە ھېسداشلىق روھىنى يېتۈشتۈرۈشنى باي – كەمبەغەللەر ئوخشاش روزا تۇتۇش ئارقىلىق ئىسلام دىنىنىڭ باپ - باراۋەرلىك روھىنى گەۋدۈلەندۈرۈشنى ، بۇلار ئارقىلىق ئاللاھقا بولغان تەقۋادارلىقىنى ئىپادىلەپ ، مۇسۇلمانلارنىڭ ئاللاھ ئالدىدا ئادا قىلىشقا تېگىشلىك مەسئۇلىيىتىنى تونۇشنى مەقسەت قىلىدۇ .