مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: bendora

قىسمەت كوچىسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

alla mining birdinbir yardamch

ئاكتىپ ئەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3770
يازما سانى: 764
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10531
تۆھپە نۇمۇرى: 315
توردا: 5565 سائەت
تىزىم: 2010-7-11
ئاخىرقى: 2012-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-11 02:24:09 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
4سائەتلىك مۇساپە ئەرشىدىننى ئاخىرى مەنزىلىگە يەتكۈزدى، بۇ چىڭقى چۈش مەزگىلى ئىدى.شۇنچە ئۇزۇن يول يۈرگەن ئەرشىدىن قورسىقىنىڭ ئاچقىنىغىمۇ قارىماي مېھرىگۈلگە تېلىفون بەردى:
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.
-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. كەچۈرۈڭ ئەتتىگەندە بەرگەن تېلىفونىڭىزنى ئالالماي قاپتىمەن، شۇ دەمدە دۇكاندا ئالدىراش ئىدىم، تېلفون قايتۇرىمەن دېگەن خىيالىممۇ ئۇنتۇلۇپتۇ...
مېھرىگۈلگگ تاسادىپىي خۇشھاللىق ھېس قىلدۇرىمەن دەپ ئويلىغان ئەرشىدىن مېھرىگۈلنىڭ ئۆزىنى ئۇنتۇلۇپ قالغانلىقىدىن ئىبارەت ئىشنى ھېچ ئىش بولمىغاندەك ھېس قىلىپ دەۋاتقانلىرىغا قاراپ تەرىنى تۈردى:
-ھە، مەنمۇ سىزنىڭ تېلىفونلىرىڭىزنى ئالالماي ئۆزۈم سۆرۈلۈپ ئالدىڭىزغا كەلدىم، ئاغرىپ تېلىفون ئالالمىغۇدەك بولۇپ قالغان بولسىڭىز دوختۇرغا ئاپىراي، ئېيتىڭە دۇكان ئورنىڭىز قەيەردە؟
تېلىفوندىن چىققان ئاچچىق گەپلەردىن ئۆتە ئەرشىدىننىڭ قارامايدا ئىكەنلىكى مېھرىگۈلنى بەكرەك ھەيران قالدۇردى، شۇ تاپتا ئۇنىڭ كاللىسىدىن نۇرغۇن ئىشلار ئۆتۈپ توختىدى:
-ھە بۇ، ھېلىقى، دەپ بەرسەم بىلەرسىزمۇ؟ شۇ ھېلىقى نېمە دېسەم بولار؟
-ھە بولۇڭە تىلىڭىزنى چاينىماي، يا دۇكاننى شېرىك ئاچقانمىدىڭلار؟
راست گەپنى قىلغاندا مېھرىگۈلنىڭ ئەرشىدىنگە دۇكاننى دەپ بەرگۈسى، ئۇنىڭ بىلەن بىللە يۈرگىنىنى باشقىلارغا كۆرسەتكۈسى يوق ئىدى، چۈنكى ئالقانچىلىك بۇ شەھەردە بۇنچىلىك ئىش بىردەمدە تارقاپ، ئېغىزدىن-ئېغىزغا قۇلاقتىن قۇلاققا كۆچۈپ نۇرمەت ئاكىنى كېسل قىلىپ قويۇشى ئېنىق ئىدى. بىراق ئەرشىدىننىڭ زەھەردىن قاتتىق تەگكەن ئاخىرقى سۆزلىرى ئۆزىنى ئاران بېسىپ تۇرغان مېھرىگۈلنىڭ نېرۋىسىغىلا تەگدى.
-نېمانداق گەپ قىلىسىز؟ مەن نېمە ئويدا سىز نېمە ئويدا؟ كەلسىڭىز كەلمەمسىز، دۇكان ئورنۇم خالقئارا سودا شەھەرچىسى x-قەۋەت y-دۇكان!
گېپىنى دەپ بولغان مېھرىگۈل تېلىفوننى زەردە بىلەن بېسىۋەتتى، بىراچ ئارچىدىنلا ئۆزىنىڭ قىلغانلىرىغا پۇشايمان يەپ قالدى،نېمىلا دېمىگەن بىلەن بۇ شەھەرگە مېھمان ئەمەسمۇ؟
ئەرشىدىن مېھرىگۈلنىڭ ئاچچىقلاپ قىلغان سۆزلىرىنى ۋە تېلىفوننى قويىۋېتىشلىرىنى ئويلاپ ئارقىغا يېنىپلا كېتىپ قېلىشنى ئويلىدى-يۇ،بىراچ كۆڭلىگە چۈشكەن گۇماندىن خالىي بولالمىغان ھالدا تاكسى توسۇپ مېھرىگۈل تەرەپكە يول ئالدى،«توۋا، مەن نېمە قىلغانغا ئاتا-ئانىسى شۇنچە ئۆچلۈك قىلىدۇ ماڭا؟ ھىندىستاننىڭ كىنولىرىمۇ بۇنچە ئەمەسقۇ؟ ئەجىبا بۇ مېھرىگۈلنىڭ ئويۇنىمىدۇ؟ توختا بىر كۆرەي، زادى بىر كۆرۈپ ئاندىن يەكۈن چىقارمىسام ھېساپ ئەمەس!»
سودا سارايغا يېتىپ كەلگەن ئەرشىدىن ئانچە قىينالمايلا مېھرىگۈلنىڭ دۇكان ئورنىنى تېپىۋالدى، ئەمما ئىچىگە كىرمەستىن بىر ھازا قاراپ تۇردى.قىز ھەقىقەتەن ئالدىراش ئىدى، دۇكىنىدىكى ئىككى خېرىدار ئايالنىڭ بىرىگە دۇكىنىدىكى ئىككى كۆينەكنى چۈشەندۈرۈۋاتاتتى:
- پۇلىڭىزنى ئېلىپ بۇنى سىزگە ساتسام ئەلۋەتتە ماۋۇنى ساتقاندىنمۇ ياخشى پايدا ئالىمەن، بىراق سىزگە بۇ كۆينەكتىنمۇ بەكرەك ماۋۇ ياراشتى، مەيلى تېرە رەڭگىڭىز بولسۇن يەكى بەدەن قۇرۇلىشىڭىز بولسۇن، ھەقىقەتەن ماۋۇنى كىيسىڭىز تېخىمۇ روھلۇق كۆرىنىدىكەنسىز، شۇڭا سىزگە مۇشۇنى تەۋسىيە قىلىۋاتىمەن، ئەگەر يەنىلا بۇنى ئالىمەن دەپ تۇرىۋالسىڭىزمۇ مەيلى.
-بوپتۇ بالام، بوممىسا سىز دېگەندەك ماۋۇنى ئالاي، قارىساممىغۇ مۇشۇ ياراشقاندەك.
-بايا شۇنچە سۆزلىسەم ئۇنىمايسەن،-يەنە بىر ئايالنىڭ سۆز باشلىشى بىلەن تەڭ ئۇ ئايال تەرەپكە قارىغان مېھرىگۈلنىڭ «ھوۋ» دېگەن ئاۋازى قانغان ئىككەيلەننىمۇ ئىشىك تەرەپكە قاراتتى.
-قانداق ئەھۋالىڭىز؟ ئالدىراشكەنسىز راستلا-دېدى ئەرشىدىن كۈلۈمسىرىگىنىچە، نېمىشقىكىن ئەرشىدىننىڭ ئاچچىقى ھەرقانچە كەلسىمۇ، مېھرىگۈلنى كۆرگەن زامان بارچە ئاچچىقى ئاللاقاياقلارغا ئۇچۇپ كېتەتتى.
-ھە، ياخشى، ھە راست ھە ياق ئەلھەمدۇلىللاھ.
مېھرىگۈلنىڭ ئوڭايسىزلانغانلىقىدىن بىرنەرسىنى چۈشۈنۈپ يېتىشكەن ئىككى ئايال بېرىشكە تېگىشلىك پۇلنى بېرىپ قايتىشقا تەمشەلدى:
-بالام ئەمسە، بىز قايتايلى. ۋاقتىڭىز يەتسە ئاپىڭىز بىلەن ئۆي تەرەپلەرگە بارارسىز ھە بالام.
-ھە ماقۇل، سىلەرمۇ بېرىپ ئولتۇرۇپ كېتىڭلار.
ئاياللار چىقىپ كەتكۈچە ئىشىك يېنىدا تۇرغان ئەرشىدىنگە بىر قاراپ قويۇشقا ئۈلگۈردى.ئاياللارنىڭ مېھرىگۈل بىلەن دېيىشكەن ئاخىرقى سۆزلىرىدىن قىزنىڭ نېمىگە ھودۇققانلىقىنى بىلگەن ئەرشىدىن ئۆزىنىڭ سەل ئالدىراقسانلىق قىلغانلىقىنى ھېس قىلدى.
-تونۇشلىرىڭلارمىتى؟
-ھە، ئاپامنىڭ بىللە چاي ئوينايدىغانلىرى.
-كەچۈرۈڭ بىلمەپتىمەن، بىلسەم كىرمەسكەنمەن.
-كۆرگەنسىز مانا، ئىشنىڭ چوڭىنى تېرىپ بېرىدىغان بولدىڭىز، چاشقاننىڭ ئۆلگۈسى كەلسە مۈشۈكنىڭ قۇيرۇقىنى چىشلەپتۇ دەپ...
-كەچۈرۈڭ مەن راستلا بىلمەپتىمەن.
-ۋاي بولدىلا، كۈننى ئېتەك بىلەن ياپقىلى بولمايدۇ، سىزنى ھازىر كۆرمىسە بەرىبىر ھېلىلا كۆرىدىغان گەپ. تاماق يېمىگەنسىز ھەقىچان؟
-ياق تېخى يېمىدىم.
-ئۇنداقتا بىللە چۈشلۈك يەيلى.
قەدىمىي ئۇسلۇپتا ياسالغان ئاشخانىنىڭ چەتتىكى ئۈستىلىدە ئولتۇرغان مېھرىگۈل ئەنسىزلىك ئىچىدە  ھېلىدىن-ھېلىغا ئەتراپىغا قاراپ ئولتۇراتتى. ئەرشىدىن بولسا مېھرىگۈلنىڭ بۇ قىلىقىدىن ئىچى پۇشۇپ ھېلى تاغدىن ھېلى باغدىن سۆزلەپ ئولتۇرۇپ ئاخىرى مېھرىگۈلنىڭ تۈرۈلۇپ كەتكەن قاپاقلىرىنى ئاچتى:
-ئۇف، ئاخىر ئاچتىڭىز قاپىقىڭىزنى، بولمىسا قانداق قىلاتتىمكىن تاڭ؟
-ئىشلار سىز ئويلىغاندەك ئۇنداق ئاسان ئەمەس ئەرشى، بىزنىڭ ئۆيدىكىلەر سىرتقا قىز بەرمەيمىز دەپ بەك چىڭ تۇرىۋېلىۋاتقاندا، سىزنىڭ ئاپامنىڭ گەپچى دوستلىرىغا ئۇچراپ قېلىشڭىز ئوت ئۈستىگە ياغ چاچقاندەك بولدى، بۇ گەپ ئېنىقلا ئاپامنىڭ ئاندىن دادامنىڭ قۇلىقىغا يېتىدۇ، ئاخىرىنى ئويلاشقا راستلا جۈرئەت قىلالمايمەن. ئەسلىدە بىر نەچچە ۋاقىت ئۆتكۈزۈپ بولۇپ ئاندىن ئۆيدىكىلەر بىلەن ياخشىراق يەنە بىر پاراڭلىشارمەن دېگەن، قارىغاندا بۇ ئىش...
-قانچىلىك ۋاقىت ئۆتكۈزمەكچىتىڭىز؟ ئەجىبا سىزنىڭ ئاتا-ئانىڭىز ماڭا شۇنچە ئۆچما؟ مەنمۇ ئادەم بالىسىغۇ؟ ئەجىبا ئۇلار سىزگە ئەۋلىيا-ئەنبىيالارنى تونۇشتۇرماقچىمىكەن؟ توۋا دەيمەن، نەدە سىزنىڭكىدەك قىز-ئوغۇللىرىنىڭ ئىشلىرىغا بۇنچە ئارلىشىۋالىدىغان ئادەملەر بار ھازىر؟
-بولدى قىلىڭ، يېتەر دېگەنلىرىڭىز، ئۇلارنىڭ ئۆز ئالدىغا كۆز-قاراشلىرى بولىدۇ، ئۇلارمۇ ماڭا يامان بولسۇن دېمەيدۇ. بىراق مېنىڭ بەختىمنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى ھەتتا ئاتا-ئاناممۇ بىلمەيدۇ، شۇڭا بەزى ئىشلاردا چوقۇم ئىككىلا تەرەپنى تەڭ ئويلىشىمىز كېرەك. ئۇلارغا يول قويغان ئاساستا ئۆزىمىزنىڭ پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويساق، ئۇلارغا بىلدۈرسەك بۇنىڭ نەرى خاتا؟بىر ئاز ۋاقىت ساقلاشقا تاقىتىڭىز يوقما؟
-نېمىلا دېسەم مېنىڭ ئاغزىمنى تۇۋاقلاپ قويىدىغان قابىلىيەتنىڭ سىزدە بار ئىكەنلىكىنى بىلىمەن، سىزگە تەڭ كېلەلمەيمەن بىراق ئويلاپ قويۇڭ، مېنىڭمۇ يېشىم چوڭۇپ بېرىۋاتىدۇ.

ئاخىرىنى يەنە يازاي، كەچۈرۈڭلار سوزۇۋەتتىم.

ئاللاھنىڭ مېنى ئۇيغۇر يارىتىشى مېنى ئۇنىڭ ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا چاقىرغىنىدۇر،مۆمىن بەندە بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئاللاھىمغا قانداقمۇ قارشى چىقالايمەن؟!

alla mining birdinbir yardamch

ئاكتىپ ئەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3770
يازما سانى: 764
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10531
تۆھپە نۇمۇرى: 315
توردا: 5565 سائەت
تىزىم: 2010-7-11
ئاخىرقى: 2012-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-11 02:31:07 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 24قەۋەت  kuklam1979315 كە 2011-10-07 04:53 PMئەۋەتىلدى  :
تىلى راۋان، ۋەقلىك جەلىپ قىلارلىق، تەسىرلىك، چۈشىنىشلىك... بۇ ئەسەرنى بىۋاستە يازغىنىڭىزدىن گۇمان قىلسام بۇلامدۇ-يا؟!
    ئەدىبىي قابىلىيتىڭىزگە قول قويدۇم!!!
     گۈلۈستاندا  گۈللەر  كۆپ،بىر-بىرىگە ئوخشىماس،
     گۈلدەستىڭىز بەك خۇشبۇي...باشقا گۈلگەئوخشىماس!!!...
      
.......
مەنەلىكقۇ شېئىرىڭىز؟ ئەجىبا ئىككىمىز؟

ئاللاھنىڭ مېنى ئۇيغۇر يارىتىشى مېنى ئۇنىڭ ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا چاقىرغىنىدۇر،مۆمىن بەندە بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئاللاھىمغا قانداقمۇ قارشى چىقالايمەن؟!

مۆجىزىلەرگە تولغان ھايات...

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 65964
يازما سانى: 124
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 899
تۆھپە نۇمۇرى: 10
توردا: 1748 سائەت
تىزىم: 2011-11-20
ئاخىرقى: 2012-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-11 04:39:58 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەمما لىكىن ما ئەسەر ئاجايىپ ئېسىل چىقىپـۇ جۇما.....     ئاخىرىنى تېزراق يېزىڭە ، بەك تەقەززا بوپ كەتتىم

ناماز ئوقىمىغانلارنىڭ ھەممىسى كاپىر ئەمەس ، لېكىن كاپىرلارمۇ ناماز ئوقىمايدۇ....

我还不想痛苦

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 27292
يازما سانى: 151
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2795
تۆھپە نۇمۇرى: 303
توردا: 1837 سائەت
تىزىم: 2011-1-22
ئاخىرقى: 2012-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-11 11:47:31 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرى قاچان چىقا ۋاي ئادەمنى تەققازار قىلىپ

مىنىڭ يەنە سەنسىز ئازاپلانغىم يوق .ساڭا دەيدىغىم مىنى كەچۇر! مىنى كەچۇر بولامدۇ سەندىن ئۆتىنەي!

我还不想痛苦

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 27292
يازما سانى: 151
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2795
تۆھپە نۇمۇرى: 303
توردا: 1837 سائەت
تىزىم: 2011-1-22
ئاخىرقى: 2012-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-11 12:06:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇ ئەمەسمۇ ئاخىرىنى قاچانمۇ يازار سىز قىرىندىشىم

مىنىڭ يەنە سەنسىز ئازاپلانغىم يوق .ساڭا دەيدىغىم مىنى كەچۇر! مىنى كەچۇر بولامدۇ سەندىن ئۆتىنەي!

alla mining birdinbir yardamch

ئاكتىپ ئەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3770
يازما سانى: 764
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10531
تۆھپە نۇمۇرى: 315
توردا: 5565 سائەت
تىزىم: 2010-7-11
ئاخىرقى: 2012-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-12 02:57:59 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 34قەۋەت  manuxxuk كە 2011-12-11 12:06 PMئەۋەتىلدى  :
شۇ ئەمەسمۇ ئاخىرىنى قاچانمۇ يازار سىز قىرىندىشىم  
ئاللاھ خالىسا ئەمدى يېزىپ پۈتتۈرۈشنى ئويلىشىۋاتىمەن، رەببىم يەتكۈزسىلا.

ئاللاھنىڭ مېنى ئۇيغۇر يارىتىشى مېنى ئۇنىڭ ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا چاقىرغىنىدۇر،مۆمىن بەندە بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئاللاھىمغا قانداقمۇ قارشى چىقالايمەن؟!

alla mining birdinbir yardamch

ئاكتىپ ئەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3770
يازما سانى: 764
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10531
تۆھپە نۇمۇرى: 315
توردا: 5565 سائەت
تىزىم: 2010-7-11
ئاخىرقى: 2012-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-12 04:03:27 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
گەرچە تاماق ناھايىتى كۆڭۈلسىز بىر خىل كەيپىياتتا يېيىلگەن بولسىمۇ، بىراق ئەرشىدىننىڭ مېھمانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ مېھرىگۈل ئارتۇقچە بىرنېمە دېمىدى،ئەرشىدىنمۇ ئوشۇق غەۋغا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ھارغانلىقىنى باھانە قىلىپ قونالغۇ تاپماق بولدى. شۇنداق قىلىپ ئاتايىن كۆزىدىن ئۇچقان مەھبۇبىسىنىڭ يېنىغا كەلگەن ئەرشىدىن شۇنچە بالدۇر يەنە يالغۇزلىقىغا قايتىشقا مەجبۇر بولدى، يەنى كېلىپ شۇ مەھبۇبىسىنىڭ شەھىرىدە-ھە؟
ئەرشىدىننى يالغۇز قويۇپ ئۆيىگە قايتقان مېھرىگۈل ياتاق ئۆيىگە بېكىنىۋېلىپ بولۇۋاتقان ۋە يېقىن كەلگۈسىدە بولماقچى بولغان ئىشلارنى بەزىدە تاتلىق بەزىدە قىرتاق ۋە ئاچچىق قىلىپ تەسەۋۋۇر قىلىپ باقتى.ماھىنۇر ھەدە قىزىنىڭ بالدۇرلا يېنىپ كېلىپ، يالغۇز ئۆيگە بېكىنىۋىلىشىدىن قىزىنى سودىدا چوقۇم بىرەر كۆڭۈلسىزلىككە يولۇقتى-بولغاي، دەپ ئويلىدى، ئادەتتە قىزىنىڭ سودا ھەققىدىكى ھەرقانداق ئىشىغا ئارلاشمايدىغان ماھىنۇر ھەدە بۈگۈنمۇ قىزىغا ئارتۇق گەپ قىلمىدى، قارىغاندا سوراشقا تېگىشلىك بەزى ئىشلەردىن ئۇلار خەۋەرسىز بولسا كېرەك.ئەرشىدىنمۇ شۇ تاپتا بۇرۇنقى مېھرىگۈلنى، ئۇنىڭ نېمىلا بولسا كۈلۈپ تۇرىدىغان چىرايىنى ئەسلەۋاتاتتى، بىراق كۆز ئالدىغا مېھرىگۈلنىڭ جۇدۇنلۇق چىرايى كېلىۋالدى.نېمىلا بولمىسۇن ئەتە چوقۇم ئىشنىڭ تېگى-تەكتىنى بىلىپ ئاندىن قايتىپ كېتىشنى ئويلاپ ياستۇققا بېشىنى قويدى ئەمما ئۇخلىيالماي خېلى قىينالدى.
بامداتقا قوپقان قىز ئەرشىدىننىڭ ناشتىلىقىنى ئويلاپ كۈندىكىدىن بالدۇرلا چىقتى. ناشتىلىقنى بىللە قىلغاندىن كېيىن ئىككىسى بازارلارنى كۆرۈپ باقماق بولۇپ ماڭدى، دېمىسىمۇ دۇكان ئاچقاندىن بۇيان مېھرىگۈل بازارلارنى ئانچە ئارلىماس بولۇپ قالغانىدى.بۈ كۈن يەكشەنبە بولغاچقا ھەممىلا ئادەم بازارغا چىقىۋالغاندەك تۇيۇلاتتى. ئارلاپ-ئارلاپ تونۇشلارمۇ ئۇچراپ تۇردى،مېھرىگۈل گەرچە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ بىلىپ قېلىشىدىن شۇنچە ئەنسىرىسىمۇ، يەنىلا ئەرشىدىننى ئېلىپ شەھەرنى كۆرسەتكىلى، پاراڭلىشىپ ئۆز ئويلىرىنى ئېيتقۇسى، نەچچەۋاقتىن بۇيانقى ئىچ ئازابىنى تۆكۈۋالغۇسى كەلدى.مېھرىگۈلنىڭ يەنىلا بۇرۇنقىدەك كۈلۈپ تۇرغىنىنى كۆرگەن ئەرشىدىنمۇ يېنىك تىن ئالدى، ئەمەلىيەتتە ئەرشىدىننىڭ ئالدىدا تۇرغان بۇ قىزنى خاپا قىلغۇسى، ئازاپلىغۇسى يوق ئىدى، لېكىن ھەقىقەتەن ئۇنىڭغىمۇ ئاسان ئەمەستە؟!
ئەسىر باغچىسىغا يېتىپ كەلگىنىدە، بۇ يەردىكى خۇشھال كەيپىيات ھەر ئىككىسىنىڭ بايىقى كۆڭۈلسىزلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئۇنتۇلدۇرۋەتتى، كىچىك بالىلار تىزىغىچە كەلمەيدىغان سۇغا يالىڭاچ كىرىۋالغىنىچە سۇ «ئۈزۈۋاتاتتى». لەگلەك ئۇچۇرۋاتقان، سۈنئىي قۇملۇقتا چېلەكلىرىنى كۆتۈرۈشۇپ مېھماندارچىلىق ئويناۋاتقان بالىلار. فونتاندىن ئېتىلىپ چىققان سۇدىن ئۈركۈپ قېچىۋاتقان بالىلار... ... دەل شۇ چاغدا لەنىتى تېلفون جىرىڭلىدى، تېلىفوننىڭ جىرىڭلىشى بىلەن تەڭ مېھرىگۈلنىڭ يۈرىكىمۇ تەڭ سېلىپ كەتتى، ئۆيدىكىلەر بولمىسىتى دەپ نەچچىنى تىلىۋەتكەن مېھرىگۈل تېلفون ئېكرانىغا قاراپ يىغلىۋەتكىلى تاسلا قالدى،ئەكس ئەتكەن نومۇر ئۆينىڭ بولمىغىنى بىلەن دادىسىنىڭ نومۇرى ئىدى!
-ھە دادا-دەپ ئالدى مېھرىگۈل قورقۇنچ ئىلكىدە تىترىگەن ئاۋازلىرى بىلەن.
-بايا دۇكانغا تاماق ئېلىپ بارغانتىم قارىسام يوقكەنسەن، شۇڭا تاماق يېدىمۇ يېمىدى سوراپ باقاي دېگەنتىم.-دېدى دادىسى ھېچ ئىشتىن بىخەۋەردەك،-ئاۋازىڭ بىرخىل تۇرىدۇ، مىجەزىڭ يوقمۇ يا بالام؟
-ھە ياق دادا، ياخشى مەن، شۇ دوستۇم بىلەن تاماق يەپ، پاراڭلىشىپ كېلەيلى دەپ.
-ھە ئۇنداق بولسا بولدى، مەن قايتىۋېرەي، يەنە بارىدىغان يېرىم بارتى.
-ماقۇل دادا، ئۆيدە كۆرۈشەيلى، ئاللاھقا ئامانەت.
-بولىدۇ.
دادام بىلمەپتۇ دەپ ئويلىغان مېھرىگۈل خۇددىي دادىسى بۇ ئىشنى مەڭگۈ بىلىپ قالمايدىغاندەك، ئاللاھتىن شۇنداق ۋەھىي كەلگەندەك خاتىرجەم چۆرگىلەشكە باشلىدى.ئۇ تۇرۇپ يېنىدىكى ئەرشىدىننى ئۇرۇپ قاقاقلاپ كۈلۈپ كېتەتتى، تۇرۇپ باغچىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئەرشىدىننى قوغلاپ كېتەتتى، تۇرۇپ ئىككىسى بارچە جامائەتنىڭ مەستلىكىنى كەلتۈرگۈدەك پاراڭلىشىپ مېڭىشىپ كېتەتتى.قىزدىكى شۇنچە چوڭ ئۆزگىرىش گەرچە ئەرشىدىننى بەكلا ھەيران قالدۇرغان ئىدى، دېمىسىمۇ مېھرىگۈل بۇ بىر نەچچە ئايدىن بۇيان دەل ھازىرقىدەك بىردە خۇشال بولسا، بىردەمدە يامغۇرلۇق ئاسماندەك تۇتۇلۇپ گۈلدۈرلەپ كېتەتتى. زادى نېمە نەرسە مېھرىگۈلنىڭ مىجەزىنى مۇشۇنداق قىلىۋەتتى؟ نېمىشقا مېھرىگۈل ەرشىدىنگە بىردە قاتتىق بىردە تاتلىق پوزىتسىيە تۇتىدۇ؟ بۇ ئەرشىدىننىڭ تېگىگە يېتەلمەيۋاتقان يەنە بىر سوئالى ئىدى.
-مېھرىگۈل مەن ئەتە قايتىمەن، بۈگۈن سىزنىڭ يېنىڭىزغا كېلىشىم ئەڭ مۇھىمى سىزنى كۆرۈش، ئاندىن سىزدىن بىر مەسىلىنى ئايدىڭلاشتۇرۋېلىش ئىدى. پەقەت سىز ماڭا مەنسۇپ بولارسىزمۇ مېھرىگۈل؟ ئۆيۈڭلاردىكىلەر بىزگە قوشۇلارمۇ؟ماڭا ئازراقلا ئۈمۈت بولسا شۇ ئۈمۈت ئۈچۈن ياشاپ كېتەتتىم مېھرىگۈل.
-ئاللاھ خالىسا ئەرشىدىن، سىز ئەمەس راستىنى ئېيتسام مېنىڭمۇ مۇشۇ ئىشقا ئىچىم پۇشۇپ تۇرغىلى نەۋاق. بىراق ئۆيۈمدىكىلەر سىز ئويلىغاندىنمۇ ئۆتە بۇ ئىشقا قارشى تۇرىۋاتىدۇ، بەلكى يالغان دەپ ئويلاپ قېلىشىڭىز مۇمكىن، بىراق ھەقىقىي ئەھۋال شۇنداق. مەن يا ئاتا-ئانامدىن ياكى سىزدىن كېچىشىم كېرەككەن، ئەلۋەتتە بۇ مەن ئۈچۈن بەكلا ئېغىر تاللاش بولدى، لېكىن سەۋر قىلساڭ غورىدىن ھالۋا پۈتەر دەپتىكەن، سەۋر ۋە دۇئا مېنىڭ ھازىرقى ئەڭ چوڭ ئۈمۈد چىرىقىم. سىزنىڭمۇ شۇنداق قىلىشىڭىزنى خالايمەن، دادام چوقۇم بىر كۈنى چۈشىنىپ  قالىدۇ، شۇڭا سەۋىر قىلايلى.
-ئىنىڭىزچۇ؟ ئۇمۇ ماڭا ئۆچمۇ؟
-بىلمەيمەن، ئىشقىلىپ ئۇ مەن بىلەن سىز ھەققىڭىزدە بىرەر قېتىم پاراڭلاشمىدى، شۇڭا بىلمەيمەن، بولمىسا ئۇنى چاقىرىپ بىللە تاماق يەپ كېلەيلى قانداق؟ سىز بىلەن چىقىشىپ ئاكا-ئىنى بولۇشۇپ قالامدۇ تېخى.


ئاخىرىنى يەنە يازاي، ھازىر كاللام بەك قۇرۇق!

ئاللاھنىڭ مېنى ئۇيغۇر يارىتىشى مېنى ئۇنىڭ ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا چاقىرغىنىدۇر،مۆمىن بەندە بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئاللاھىمغا قانداقمۇ قارشى چىقالايمەن؟!

我还不想痛苦

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 27292
يازما سانى: 151
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2795
تۆھپە نۇمۇرى: 303
توردا: 1837 سائەت
تىزىم: 2011-1-22
ئاخىرقى: 2012-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-12 11:01:28 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاي قاچان يازاسىز ؟
كۆزۇم تۆت بولدى ئەسىرىڭىز پۇتكۇچە

مىنىڭ يەنە سەنسىز ئازاپلانغىم يوق .ساڭا دەيدىغىم مىنى كەچۇر! مىنى كەچۇر بولامدۇ سەندىن ئۆتىنەي!

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7254
يازما سانى: 5534
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 116071
تۆھپە نۇمۇرى: 2593
توردا: 6785 سائەت
تىزىم: 2010-8-22
ئاخىرقى: 2012-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-12 12:02:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىغا تەشنامىز سىڭلىم . ئەرشىدىن بىلەن مىھرىگۈلنىڭ ئىمانلىق بىر جۈپلەردىن ئىكەنلىكىدىن تولىمۇ سۆيۈندۈم . ھىكايىڭىزدىكى شەھەرلەرنىڭ ئۆزۈمنىڭ يۇرتى ئىكەنلىكى سەۋەبى، تولىمۇ قىززىقىش ئىچىدە ئوقۇشۇمغىمۇ سەۋەپ بولدى . ئىلاھىم ئۇلار مۇرادىغا يەتكەي.

يۈرۈگۈم نىمىنى تەلەپ قىلىسەن؟  ماڭا ئۇختۇرغىن ، اللە نىڭ نامى بىلەن ئۇقتۇرغىن!

اللا بەرگەن رىسى

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 65546
يازما سانى: 30
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 168
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 76 سائەت
تىزىم: 2011-11-17
ئاخىرقى: 2012-2-3
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-12 12:37:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئەسەر نىمجاپانىڭكىدېنمۇ جىق چىققىدەك ئەمسە!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش